ئابلا ئىسھاق پەروزان 1965-يىلى 7-ئىيولدا قومۇل شەھرىگە قاراشلىق راھەتباغ يېزىسىنىڭ شامالچاھارباغ كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1984-يىلى راھەتباغ تولۇق ئوتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن،شىئەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىنىستىتوتىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبىسى تەرجىمانلىق كەسپىدە ئوقۇغان.مەكتەپ پۈتتۈرۈپ 1987-يىلى ئىيۇلدا قىزىلسۇ شۆبە ھەربى رايونىغا قاراشلىق چېگىرا مۇداپىئە 11-تۇەنى 2-روتىسىغا تەقسىم قىلىنىپ،تەرجىمانلىق بىلەن شۇغۇللانغان.شۇندىن ئېتىبارەن 1995-يىلى 9-ئايغىچە ئاتۇش،گۇچۇڭ،مورىلاردا ھەربى قىسىمدا خىزمەت قىلغان.1995-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ خەلق قوراللىق كادىرلار مەكتىپىگە يۆتكىلىپ كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.2002-يىلى 1-ئايدا ھەربى قىسىمدىن كەسىپ ئالمىشىپ،ئاپتونۇم رايونلۇق ئورگانلار خوجۇلۇق ئىشلىرى ئىدارىسى ئىشخانىسىدا كاتىپلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2006-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ،ئاپتۇنۇم رايونلۇق دۆلەت مېھمانلىرى ماشىنا باش ئەترتىنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى ھەم مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادى ھاياتى 1985-يىلى «جەڭ غەلبىسى» گېزىتىگە بېسىلغان «سالام گۈزەل ئۈرۈمچى» دېگەن شېئىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ،شۇندىن ئېتىۋارەن «خەلق ئارمىيىسى»،«شىنجاڭ گېزىتى»،«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»،«تۇرپان گېزىتى»،«تارىم»،«قومۇل ئەدەبىياتى»،«شىنجاڭ ئاياللىرى»،«تۇرپان»،«يېڭى قاشتېشى» ، «مۆلچەرتاغ» قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا 100 پارچىغا يېقىن شېئىر،ماقالە ۋە بىر قىسىم تەرجىمە ئەسەرلىرى ھەم « زىلالە »،«ئاق ئاتنىڭ ھېكايىسى ».« باھاردا توزىغان چېچەكلەر»،«ئاياللىق قەلبنىڭ ئىزھارى»،«ئانىسىنى تالاق قىلغان ئوغۇللار»،«مېنى ئەسلەر كىشىم بارمۇ» ، «تۇغقان يوقلاش»،«كۈلۈمسىرەش»،«ئىشەنگەن تاغدا كىيىك يوق»،«ئۆسمە»،«ھەي كۆڭۈل دېگەن»،«ئەقىدە»...قاتارلىق يىگىرمە پارچىغا يېقىن ھېكايە،پوۋستى ئېلان قىلىنغان.يېقىندا ئۇ « باھاردا توزىغان چېچەكلەر » ناملىق پوۋېست – ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشىرگە تاپشۇردى .
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.