تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 225 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 23|ئىنكاس: 0

ئابدۇناسىر سەئىدى:چوغلانغان باھار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  517
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 14
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇناسىر ئابدۇرېھىم سەئىدى
چوغلانغان باھار





چېچەك پەسلى

يېشىل ئاپرىل
چېچەكلىدى بېغىمدا ئۈرۈك
قەلبىمدە ئىستەك.

لىق تولدى بېغىمغا مۇھەببەت ھىدى
يېڭى بىر سۆيگۈدىن بەرگەندەك دېرەك.
ئاپرىلدا چېچەكلەر كۆڭۈل
ئىيۇلدا قۇم چېچەكلىگەندەك!...

چېچەك پەسلى
قىز پۇرايدۇ باغلار گۈپۈلدەپ...

گۈل بازىرى

ياش تۆكىدۇ گۈللەرمۇ بەزەن
پۇرالغۇسى كېلەر ئۇنىڭمۇ...
گۈل بازىرى رەسىدە بولدى
چارشەنبە بازار.
«-گۈل ئېلىڭلار!»...
گۈللەر ئارىسىدا خېرىدار كۈتەر
گۈلچى ئەر.

تەشتەكتە گۈللەر
گۈلگە تەشنا نىگاھلاردىن ئۇيۇلۇپ،
قىزىرارئۇشتۇمتۇت گۇيا ئوتقاشتەك.
ئاشىقىنىڭ يۈرەك سۆزىنى
تۇنجى رەت ئاڭلاپ
جۈپ مەڭزى ئانارغا ئايلانغان قىزدەك.

شەبنەم كۆزلۈك، تىلى يۇمشاق سۇ
سۆيمەكتە ئەنە گۈلنىڭ لېۋىگە
پىچىرلاپ ئاستا سۆيگۈ تىلىدا.

ئاستاغىنە سىيلىدىم گۈلنى
ئۇنىڭ نەمخۇش ياپراقلىرىنى
چوغلانغان ھەربىر بەرگىلىرىدە
چاقنىماقتا مۇھەببەت نۇرى...
        2011-يىل   19-ئاپرىل          ئۇچتۇرپان

باھاردىكى سېغىنىش

ئاقلىققا، پاكلىققا سىمۋول چېچەك
تولدۇردى قەلبىمنى ساددا سۆيگۈگە.
شارابسىز مەست قىلىپ كەلگەندە باھار،
بىر مىسرا شېئىرغا ئايلاندىم يەنە.

ئالەمچە لەززەتتە يايرىدى تېنىم،
ھىدلىغان چېغىمدا باھار ھىدىنى.
ئەسلىدىم، گۈلخاندەك چوغلىنىپ جىسمىم،
باھاردا باغاشلاپ سۆيگەن شۇ يارنى.

كەل جېنىم، باھاردەك سۆيۈۋال مېنى،
باھارداتۇيۇقسىز سېغىندىم سېنى...
      
    باھار تىنىقلىرى

تىنىقلاردا چېچەكنىڭ ھىدى،
ئەسلىتىدۇ تۇنجى سۆيگۈنى.
سەن يېنىمدا، چاپچىيدۇ يۈرەك،
ياڭرىتىشىپ سۆيگۈ كۈيىنى.

*           *         *         *

ئوتتۇز تۆت يېشمدا ئوتتۇز تۆت پىغان،
سارغايدى ئىستەكلەر، كۈلمىدى ئارمان.
تومۇزدا تۇتسىمۇ دېرىزەمدە مۇز،
ياشىدىم ئۈمىدۋار، ئۈمىدۋار ھامان.

ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ

ئوغلۇم بوينۇمغا گىرە سالىدۇ،
تاتلىق گۇڭراپ ئۇخلاپ قالىدۇ.
بىر چاغلاردىكى غەمسىز كۈنلىرىم
چۈشلىرىمگە كىرىپ قالىدۇ.

مەنمۇ ئوغلۇمدەك غەمسىز چاغلاردا،
دادام مېنى قۇينىغا سۇلاپ ئۇخلايدىغان چاغلاردا.
ھېچنىمىدىن غەم قىلماستىن
تاتلىق تامشىپ،
         تاتلىق گوڭراپ ئۇخلىغان بولغىيىتتىم.
چوڭ بولغاندا،
تۇرمۇشنىڭ دادامدەك باغرى يۇمشاق ئەمەس؛
بونداق قاتتىق قول ئىكەنلىكىنى ئۇقمىغان بولغىيىتتىم!...

ھېچقىسى يوق،
بودۇنيادا نۇرغۇن ئادەملەر
گاھىدا ئاچ، گاھىدا توق.

ئىنسان بۇ ئالەمگە بىر كېلىدۇ،
ياشاپ تويماي يەنە كېتىدۇ.
مەن تۇرمۇشقا يۈزلىنىشىم كېرەك
ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ.
(گاھىدا ھاياتلىق يولۇڭدىكى قىرتماق تاشلار
تاپىنىڭغا پېتىپ كېتىدۇ...)

قىش كەتكەندە كېلىدۇ باھار،
ھەر بىر كۈندە ياشاي ئۈمىدۋار!..

2012-يىل 13-مارت.        ئۇچتۇرپان


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|Archiver|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش