كۆرۈش: 1829|ئىنكاس: 0

زۆھرەگۈل ھامۇت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

QQ截图20120608222706.jpg


زۆھرەگۈل ھامۇت(ئۇيغۇر،ئايال) 1975-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيە بازىرىدا مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.1984-يىلدىن1988-يىلغىچە ناھىيىلىك1-باشلانغۇچ مەكتەپتە،1989-يىلدىن 1994-يىلغىچە ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان،1994-يىل تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ،ئۈرۈمچى كەسپى ئونۋىرسىتىتىنىڭ مالىيە بوغالتىرلىق كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان.1997-يىل ئالىي تېخنىكۇمنى پۈتتۈرگەندىن كېين،يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنغان، مالىيە كەسپى بۇيىچە  ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە ، پارتىيە ئەزاسى .  ھازىرغىچە شۇ ئورۇندا مالىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.ئۇ ئەدەبى ئىجادىيەتنى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5-يىللىقىدىلا باشلىغان بولۇپ،«شايار ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ 1990-يىللىق2-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇلارنىڭ ئائىلىسى»ناملىق ھىكايىسى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە قەدەم قويغان.كىچىكىدىنلا ئەدەبىياتقا زور ئىشتىياق باغلىغان زۆھرەگۈل ھامۇت ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىلا«دادامنىڭ تۇغقانلىرى»،«ئانا مېنى كەچۈرەمسىز؟»،«يوقالغان نەرسە»،«پەرزەنت قەلبى»،«ئۇستازغا مەدھىيە»،«ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ سۆھبىتى»،«سالام نورۇز»قاتارلىق 100پارچىدىن ئارتۇق ھىكايە،شېئىر،دىراممىلارنى يېزىپ،ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا بالا يازغۇچىغا ئايلانغان.«ئانا مېنى كەچۈرەمسىز»ناملىق ھىكايىسى ناھىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاش مۇسابىقىسىدە «ھىكايە پادىشاھى»بولۇپ باھالانغان.ئۇ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ«توزاق»(رومان)،«سۈكۈتلۈك نەپەس»(پوۋېست)(«خانتەڭرى تور ژۇرنىلى»2012-يىللىق1-2-سان)،«ۋاقىتلىق باشلىق»(ھىكايە)(«شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى»2002-يىللىق5-سان)،«بەربات بولغان چۈش»(ھىكايە)(«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلى2004-يىللىق4-سان)،«يەڭگىلتەك»(ھىكايە)،«قوشكېزەك»(ھىكايە)،«بۆشۈكتىكى ئانا»(ھىكايە)،«ھېلىقى ئايال»(ھىكايە)،«دادامغا يېزىلغان خەت»(ھىكايە)،«بانكىدىكى پاراڭلار»(ھىكايە)(«شايار ئەدەبىياتى»ژۇرنىلى 2008-يىللىق3-سان)،«ئانا مېنى كەچۈرەمسىز؟»(ھىكايە)،«قانۇن ئالدىدا»(ھىكايە)(«شىنجاڭ يېزىلىرىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ژۇرنىلى»2002-يىللىق6-سان)،«ھەسەتخور»(ھىكايە)(«شايار ئەدەبىياتى»ژۇرنىلى2009-يىللىق 1-سان)،«قىيامەت»(ھىكايە)(«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلى2011-يىللىق4-سان)،«ئانامېھرى»(نەسىر)(«شىنجاڭ سەنئىتى ژۇرنىلى2002-يىللىق6-سان) ،«تۇنجى مۇھەببەت»(نەسىر)(«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلى2002-يىللىق4-سان)،«ۋىسالسىز سۆيگۈ»(نەسىر)(«شايار ئەدەبىيات ژۇرنىلى»2010-يىللق1-سان)،«ھىجران سىناقلىرى»(نەسىر) («شايار ئەدەبىيات ژۇرنىلى»2010-يىللىق1-سان)،«ئۇيقۇ»(نەسىر)(«ئاقسۇ گېزىتى»2006-يىل1-ئايلىق سان)،«كېلىن-قېيىنئانىلارغا تەۋسىيە»(ماقالە) («ئاقسۇ گېزىتى»2005-يىل11-ئايلىق سان) ،«يازغۇچى شۇنداق بىر ئىنسان»(ماقالە)(«تەڭرىتاغ»ژۇرنىلى2008-يىللىق4-سان)،«ئۆزۈمدىن باشلانغان ئويلار»(ئەدەبىي خاتىرە)(«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلى2010-يىللىق1-سان)،«ئانا ۋەتەندە ياڭرىغان كۈي»(نەسىر)(«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلى2011-يىللىق2-سان)،«ئوتلۇق نەپەس،ئىزگۈ تىلەك»(نەسىر)(«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلى2005-يىللىق1-سان)،(كۈتۈبخانا،مەن ۋە تۇغۇت جېڭى ھىكايىسى»(ئوبزور)،«كۆسەن دىيارىدا تۆت سائەت»(ئەدەبىي خاتىرە)... قاتارلىق 500پارچىدىن ئارتۇق ھىكايە،پوۋېست،شېئىر،ماقالە،ئوبزورۋە ئوچىرېكلارنى يازغان.ئىجتىمائىي تېمىدا يېزىلغان،دېھقانلارنىڭ بېيىش يولىدىكى پارتىيىنىڭ توغرا قانۇن-سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئاساسىدا يېزىلغان«تۇلۇقلىما بېرىلگەچ ئالامەت،دېھقان كۈلدى كارامەت»تېمىسىدىكى بىر پارچە ئەسىرى بېيجىڭدا نەشىر قىلىنىدىغان«جۇڭگۇ بىخەتەرلىك گېزىتى»نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىدا ئېلان قىلىنغان.«بەربات بولغان چۈش»ناملىق ھىكايىسى2005-يىلى«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»ژۇنىلى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان مەرىپەتپەرۋەر ساخاۋەتچى ئەخمەتجان ئابلا نامىدىكى «تارىم باھارى »ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.«بەرباد بولغان چۈش»،«ۋاقىتلىق باشلىق»ناملىق ئىككى پارچە ھىكايىسى«تارىم ساداسى»ناملىق بىرلەشمە توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ يەنە«ئاسىي روھ»ناملىق ئىككى قىسىملىق كىنو سىنارىيىسى يازغان بولۇپ، VCD  پىلاستىنكىسى قىلىپ ئىشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ،ئۇ ئىلگىرىكى يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ئاساسىدا ئىجادىيەت يۆنىلىشىنى پىروزا ئىجادىيىتىگە قارىتىپ،بوش ۋاقتى ۋە پۈتۈن زېھنىنى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا سەرپ قىلىشنى ئۆزىگە پارلاق نىشان قىلىپ بەلگىلەپ،يېڭى تېمىلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش يولىدا جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىغا چوڭقۇر چۆككەن. 2003-يىل ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئيىتىگە ،2012-يىل شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.ئۆزلۈكسىز تىرىشىش ۋە بوشاشماي ئىزدىنىش ئارقىلىق نەشىرىياتقا بىرپارچە ھىكايە-پوۋېستلار توپلىمىنى تاپشۇرغان،ئۇ يەنە بىر پارچە روماننى نەشىرىياتقا سۇنۇش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش