ئايدىڭ
موھەممەدروزى ئابدۇقادىر
ئايدىڭ يىراق يېزىدا
ئەسلىمە چىڭ قېتىدا،
ئاي ياغلىقى ئاقارغان
يىتىمنڭ كۆز يېشىدا.
دەرەخ يېنىك تىنىدۇ
بۇغداي سۆيۈپ ئۆتىدۇ،
خامان ئالغان ئادەملەر
يۈرەكلىرى كۆيىدۇ.
كىرپىكى بار دالىنىڭ
شامال سىزىپ تۇرىدۇ،
بالىلىق بار سايىنى
ۋاقىت ئاستا يۇيىدۇ.
سۆيۈش
تاغ سۆيەرمىش ئۆزىنى، ھايات سۆيەرمىش
شۇڭا سۆيۈملۈك تۇپراق ئەزەلدىن،
جان ياشىرار، سۆيسە شاماللار
دەككە يەرمىش ئېتىز –قىرلاردىن
سۆيمەي ئۆزىنى يۈرگەچكە لەيلەپ
بولسىمۇ خازان ئەسلى بىگۇناھ.
ئۆزىنى سۆيگەن ئۇلۇغ ئەزەلدىن
سۆيەرمىش ئۇنى ھەممە قىزغىنىپ،
سۆيەلمىگەن سۆيۈلمەيدۇ ھېچ
ئالەم سۆيۈشتىن كەلگەن بېزىلىپ.
سۆيۈلگەن ئەرلەر ئاتىلار قىران
ئوتى يۇق جۇۋان بۇلار بىۋاپا،
سوغۇق نىگاھلار كۈنلەرگە ئازاب
سۆيگۇ نۇرىدىن كۆكلەيدۇ گىياھ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا روزى قادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-2 12:25
|