مۇدىرمىش
ساتىرا
ئەلنى ئۇنتۇپ ئۆزىنى ئويلغانلار مۇدىرمىش ،
نەپسى ئۈچۈن پەسكەشلەر سايلىغانلار مۇدىر مىش ،
ساپاسىزنى كۆتۈرۈپ داڭلىغانلامۇدىرمىش .
(بۇزۇق ھارۋا چاقىدەك سايرىغانلار مۇدىر مىش) .
ئەلنىڭ گۆش –قان يېغىدا يايرىغانلار مۇدىر مىش
باشلىق كۆرسەم ئېتىپ ئاش، پۇقرالارغا ئېتىپ تاش
ئاقىللارغا ھېجىيىپ، يالغاندىن ھەم ئۇرۇپ باش ،
ھۇقۇق-مەنسەپ،پۇل ئۈچۈن سېتىپ ۋىجدان بولۇپ شاش
بولسازۆھرۈر تەييارلاپ غۇنچە بويلۇق قەلەمقاش)
كۈندە مىڭ خىل ئۆزگىرىپ دوملىغا نلار مۇدىر مىش .
ئېغىلدىكى پاقلاننى ئاتىسىغا سويالماي ،
تەخسىكەشلىك بابىغا ئىشلىتىدۇ ئۇيالماي ،
بەزى چاغدا قالىدۇ ئانىسىنى تونالماي ،
قىزىغا چاڭ سالىدۇ مەسىلىكىدەئۇقالماي ،
ۋىجداننى ئار نۇمۇسنى ئۇنتىغانلار مۇدىرمىش
رستۇرانغا قاترايدۇ قانماي ئەسلا ھاراققا
پاكىز ئۆيى تۇرۇقلۇق ئامراق بەكلا قاۋاققا ،
ئايالى بار تۇرسىمۇ كۆنۈپ قاپتۇ ‹‹راۋاق››قا ،
بۇنداق بۇزۇق ناكەسلەر تارتىلمامدۇ سوراققا ،
پۈركەنچكە قاتمۇ –قات ئورالغانلار مۇدىرمىش .
مۇئەللىمنى كۆرۈپ ئۇ شاھماتتىكى ئۇرۇقتەك،
مەرىپەتنى ئېچىتتى سېسىق گەندە -قۇرۇتتەك،
تونۇيدۇ ئۇ ئۆزىنى تەڭىردىنمۇ ئۇلۇقتەك ، ،
ئىقتىدارسىز بولسىمۇ بىلىپ ئۇ بەك تولۇقتەك ،
غالىپلارنى بەيگىدىن ئايرىغانلار مۇدىر مىش.
دەيدۇ مۇنداق خالايىق : <<تېگى پەسلەر يوقالسۇن !
سەسكەندۈرگەن ئاۋامنى زېدە پەسلەر ، يوقالسۇن!
ھوقۇقىدىن ئايرىلسا كۈنى تەسلەر يوقالسۇن!
مەرىپەتكە داغ سالغان پاسىق نەسلەر ، يوقالسۇن!>>
خەلقى ئالەم قەلبىدىن شاللانغانلار مۇدىر مىش .
|