- UID
- 75
- يازما
- 9
- ھوقۇقى
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 66
- تىزىملاتقان
- 2012-3-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-15
|
توخسۇن ھۈسىيىن ئەلقۇت1974-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى گۇما ناھيەسىنىڭ كىلياڭ يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1995-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئېنىستىتۇتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتىتىنى 2001-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ ئونۋېرىستېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات كەسپىدە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش بويىچە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن، 2000-يىلى 3-ئايغىچەگۇما ناھىيە كىلياڭ يېزىلىق ئوتتۇرامەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان ، 2000-يىلى 3-ئايدىن 2011-يىلى 3-ئايغىچەگۇما ناھىيە كىلياڭ يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىدە ئىشلىگەن ھازىر باشلەنگەر يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىدە ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ .
ئەدەبىي ئېجادىيىتى <<شىنجاڭ ياشلىرى >>ژورنىلىنىڭ 1992-يىل 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان <<كىتاپخانلار قەلبىگە ياققان ھېكايە>> ناملىق ئەدەبىي ئوبزور بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە <<تارىم>>، <<جۇڭگو مىللەتلىرى>> ، <<يېڭى قاشتېشى>> ، << تىل ۋە تەرجىمە >> قاتارلىق گېزىت – ژورناللاردا << كىلياڭ مەشرىپى>> ، << كىلياڭلىقلارنىڭ چۈش ئۆرۈش ئادىتى>> ، << كىلياڭ شېۋىسى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش >> ، << ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ پۇت تېپىشىشى >>... قاتارلىق 20پارچىغا يېقىن ئىلمىي ، نەزەرىيىۋىي ماقالە ؛ << جاۋاپ >> ، << ئاھ ، يامغۇر >> ...قاتارلىق ھېكايە ؛ << نۇزۇگۇمغا خەت >> ، << روھ غەليانلىرى >> ، <<سېغىنىشنىڭ ئاۋازى>>، <<گۈللەردە بۇلبۇلنىڭ ئامانىتى بار>>، <<شىلدىرلايدۇ ئوت كەتكەن دەريا>> ، << يالقۇنتاغ باغرىدا بىر كېچە – كۈندۈز >> ، << ئۆزۈمدىن ئۆزۈمگە ئاقىمەن تىمتاس >> ...قاتارلىق 300پارچىغا يېقىن نەسىر ، ئەدەبىي خاتىرە ، شېئىرى جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتى . << يۈرۈڭقاش ئۈنچىلىرى >> ، << شانلىق يىللار >>، <<يۈرۈڭقاش شادلىقى>> قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلدى . ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە گۇما ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-11 16:23
|
|