يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1362|ئىنكاس: 11

ئەدىبە:خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى«قاغا» ئوبرازى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


                               خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى«قاغا» ئوبرازى توغرىسىدا

                                                 ئاينۇر ئەخمەت(ئەدىبە)

     قىسقىچە مەزمۇنى: ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە «قاغا» ئوبرازى كۆپرەك ئۇچرايدىغان بولۇپ، بىزنىڭ دىققىتىمىزنى غىدىقلايدۇ، مەزكۇر ماقالىدە قاغا ئوبرازىنى تۇتقۇ قىلىپ، قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيتى تارىخى ئۈستىدە يىزىقچىلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش مەقسەت قىلىنىدۇ.

   ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇرخەلق چۆچەكلىرى، سېھىرلىك چۆچەكلەر، قاغا، ئوبراز، مۇقەددەس سانلار، ئۆرۈپ ئادەت.

ئۇيغۇر خەلقى ئۈزۇن تارىخى مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان خەلق بولۇپ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلىرى ئىچىدە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىر قەدەر مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ، ئېغىز ئەدەبىياتى خەلق ئاممىسى كوللىكتىپ ئىجاد قىلغان، ئاغزاكى ۋارسىلىق قىلىنىدىغان تىل سەنئىتىنى كۆرسىتدۇ، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى خەزىنىسىدە ئەپسانە-رىۋايەت، چۆچەك، ھېكايە، لەتىپە، ماقال-تەمسىل، تېپىشماق قاتارلىق ھەرخىل شەكىلدىكى ئەسەرلەر بار بولۇپ، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى مەزمۇننىڭ موللىقى، تېمىسىنىڭ كەڭلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكى بىلەن ئېغىز ئەدەبىياتىدا مۇھىم سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
خەلق چۆچەكلىرى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان كەڭ ئەمگەكچى خەلققە ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەبىئەتنى بىلىش، ئۆزگەرتىش ئارزۇلىرىنى، جەبىر- جاپالىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلق بىلەن بىللە ياشىدى، قەدىرلىشىگە ئېرىشتىى، شۇنداقلا خەلقنىڭ سىرداش دوستى ۋە مۇڭدىشى بولدى. «خەلق بىلەن ھۆكۈمرانلار، ياۋۇز كۈچلەر بىلەن ئادالەت كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئېچىپ بېرىپلا قالماستىن، ئادىل ھۆكۈمدار رولىنى ئويناپ، ئادالەتنى تەرغىپ قىلىپ، ياۋۇز كۈچلەرنى جازالىدى، ئاقكۆڭۈل سەمىمىي كىشىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرۈپ، قارا نىيەت ئەزگۈچىلەرنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچىراتتى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ۋە غايىۋى ئارزۇلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئاساسىدا خەلقنىڭ دۇنيا قارشى ۋە كىشىلىك ھاياتى ھەققىدىكى پەلسەپىۋى ئىدىيلىرىنى روشەن ئىپادىلەيدۇ.»①
«ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى مول ئىددىيۋى مەزمۇنغا، يۈكسەك بەدىئىيلىككە ئىگە بولۇپ، بۇ بەدىيئىلىكنى ئەڭ ئېنىق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان نەرسىلەر ئۇنىڭدىكى ئوبرازلاردۇر، شۇنداق دېيىشىكە بولۇدۇكى، چۆچەكلەردىكى ئوبرازلار  چۆچەكلەرنىڭ يادروسى، چۈنكى مەزمۇن ئوبراز ئارقىلىق ئېچىپ بېرىلىدۇ، چۆچەك ئوبرازلىرىغا خەلقنىڭ ئىددىيۋى ھېسسىياتى، ئۆمىد ۋە غايىلىرى سىڭدۈرۈلگەن، ئىپتىدائى ئادەملەرنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئالاھىدە روھى-ھالىتى ئەكس ئەتكەن، چۆچەك ئوبرازىدىن خەلقنىڭ ئىجادچانلىق جەھەتتىكى قابلىيتىنى كۆرۋالالايمىز.»②
خەلق چۆچەكلىرى بىلەن ئەفسانىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق بولغاچقا، ئۇيغۇر خەلق ئەفسانە-رىۋايەتلىرىدىكى نۇرغۇن ئوبرازلار خەلق چۆچەكلىرىدىمۇ ساقلانغان، چۆچەكلەردە بۇ ئوبرازلاردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، مىللىي ئالاھىدىلىك، مەدەنىيەت پىسخىكىىسى، ئۆرپ-ئادەت، ئىتىقادى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن، ئۇلاردىن مىللەتنىڭ، خەلقنىڭ بەزى خاسلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ، چۆچەكلەردە ئەخلاقى ئاڭ ئالاھىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرلىدۇ، ئىجابى ئوبرازلاردا خەلقنىڭ بارلىق گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەتلىرى مەركەزلەشتۈرىلىدۇ، سەلبىي ئوبرازلار يارىتىلىش ئارقىلىق كىشىلەرگە ئىبرەت، تەربىيە بېرىلىدۇ،چۆچەك ئوبرازلىرى رېئال تۇرمۇش ئوبرازى ۋە رېئاللىقتىن تاشقىرى ئوبرازلار دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ، مەيلى رېئال تۇرمۇش ئوبرازى يارىتىشتا بولسۇن ياكى رېئاللىقتىن تاشقىرى ئوبراز يارتىشتا بولسۇن، چۆچەكلەر ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ ئوبرازلىرى كۆپخىل بولۇپ ئاساسلىقى: خىزىر بوۋاي، جادۇگەر مۇماي، دىۋە، قازى، ئىشان، ئاخۇن، ئىمام، مەزىن، موللام، دېھقان، خانىش، ئاغچا خېنىم، باتۇر شاھزادە، گۈزەل مەلىكە، تاز يىگىت،  يېتىم قىز، ئەقىللىق يىگىت، ئىشچان قىز، ئادىل شاھ، زالىم شاھ، خىيانەتچى ۋەزىر، پىخىسىق باي، ھورۇن بەگزادە، دانا بوۋاي، دانىشمەن قاغا، خاسىيەتلىك بېلىق، قانخور ئەجدىھا، زەھەرلىك يىلان...قاتارلىق ئوبرازلار بار. مەن تۆۋەندە ئاساسلىقى ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى ئوبراز، يەنى «قاغا» ئوبرازى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەپەككۈر ئالاھىدىلىكىنى مەلۇم جەھەتتىن چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن.
    «قاغا پۈتۈن بەدىنى قارا رەڭلىك، ئۆلگەن ھايۋانلارنىڭ تاپىنى يەپ ياشايدىغان بىر خىل قۇش بولۇپ، كۆپىنچە ئورمانلىق ۋە دالىلاردا ياشايدۇ، پارقىراق نۇر چاچىدىغان نەرسىلەرگە ئامراق بولۇپ، فارفور بويۇم ۋە ئەينەك پارچىلىرىنى ئۇۋىسىغا ئېلىپ كېتىدۇ. دۇنيادا ئاساسلىقى 36 خىل قاغا بار بولۇپ، ئۇلار يەر شارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان، جۇڭگودا يەتتە خىلى بار (قاپقارا، قىزىل تۇمشۇقلۇق، سېرىق تۇمشۇقلۇق، ئاق بويۇنلۇق قاغا...قاتارلىقلار)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنمىزدا بىر خىلى بار بولۇپ، ئۇ دەل بىز كۆرۈپ تۇرىۋاتقان قارا قاغىدۇر. 2012-يىلى شىنجاڭ مارالبېشىنىڭ تۇمشۇق شەھرى چىگرا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى تۇمشۇق بازىرى، تۇمشۇق يېزىسىدا بىر ئاق قاغىنى بايقىغان، شۇ ۋاقىتتا ئۇ يەردە 100چە قاغا بار بولۇپ، پەقەت بىر تاللا ئاق قاغا قاغىلار توپى بىلەن شۇ يەردە مېڭىپ يۇرگەن.»③ (بۇئاق قاغا توغرىسىدا تېخىمۇ ئېنىق مەلۇمات يوق).
قاغا ئوبرازى ئەڭ ئاۋال ئەفسانە-رىۋاياتلەردە پەيدا بولغان، كىشىلەر ئۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن ھادىسىلەرنى ئۆز خىيالى ۋە تەپەككۈرىغا باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلغان، خەلق چۆچەكلىرىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ئەفسانە بىلەن دىن بولغاچقا، كېيىن قاغا ئوبرازى خەلق چۆچەكلىرىدە كۆپلەپ يارىتىلغان، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىمۇ كۆپلەپ يارىتىلغان، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى قاغا ئوبرازىنىڭ ياخشى يامان بولۇشى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ بەخت كۆز-قاراشلىرى، رەڭ چۈشەنچىسى، ئىتقادلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قاغا يورۇقلۇققىمۇ ۋەكىللىك قىلالايدىغان، زۇلمەتكىمۇ سىموۋۇل قىلغىلى بولىدىغان، بەزىدە پەرىشتىلەرنىڭ ئەلچىسى بولسا، بەزىدە يالماۋۇز دەپ سۈرەتلىنىدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق سالاھىيەتكە ئىگە پىرسوناژ، كىشىلەر ئۇنى بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ دەپمۇ قارايدۇ، بالايى-ئاپەتتىن دېرەك بېرىدۇ دەپمۇ قارايدۇ. بەزىدە ئەقىللىق دانىشمەن دەپ قارايدۇ، ئەمما يەنە بەزىدە بىۋاپالىق، تەكەببۇرلۇق، ھاماقەتلىك، ئەخمەقلىقنىڭ ۋەكىلى دەپ قاراپ ئۇنى ئۆچ كۆرىدۇ. ئۇنداقتا قاغا ئوبرازى زادى ئىجابىي ئوبرازمۇ ياكى سەلبى ئوبرازمۇ؟ ئوخشاش بىر پىرسوناژ قانداق بولۇپ ئىككى قۇتۇبلۇق خاراكتىرگە ئىگە بولۇپ قالدى؟
تۆۋەندە يۇقارقى سۇئاللار ئاساسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزىمىز:
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە بەزى ئوبرازلار مۇقىم خاراكتىرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ياكى مەلۇم بىر خىل خاراكتىر خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ، مەىسلەن:
ئاچكۆز تۈلكە، ھېلىگەرلىك ۋە ئالدامچىلىقنىڭ تىپى، سېغىزخان ئالا كۆڭۈللۈكنىڭ، قوزا-قوي مۇلايىملىقنىڭ، ئات ۋاپادارلىقنىڭ؛ ئەجدىھا ياۋۇز، كىشىلەرگە زۇلۇم ۋە بالايى-ئاپەت ئېلىپ كېلدىغان مەخلۇقلارنىڭ تىپى قىلىپ يارىتىلغان. يەنە بەزى ئوبرازلار يۇمىلاق پىرسوناژلار بولۇپ، ئۇلار بەزىدە ئاقكۆڭۈل، ئەقىللىق، باتۇرلۇقنىڭ تىپى بولسا، بەزىدە قارا نىيەت، كالۋا، قورقۇنچاق، ئاچكۆزلۈكنىڭ تىپى قىلىپ يارىتىلىدۇ. قاغا ئوبرازى دەل مۇشۇنداق ئىككى قۇتۇپلۇق خاراكتىرگە ئىگە، ئۇ بەزى ياخشلىق ئېلىپ كەلگۈچى قىلىپ يارىتلسا، بەزى ئوغرى، يامانلىقتىن بىشارەت بەرگۈچى قىلىپ يارىتىلغان. بۇنداق يۇمىلاق پىرسوناژلاردىن يەنە چاشقان، يىلان، بۆرە، مۈشۈك قاتارلىق پىرسوناژلار ئوبرازىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ پىرسوناژلارنىڭ بۇنداق خاراكتىرگە ئىگە قىلىنىپ يارىتلىشى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت، مىللىي پىسخىكىسىدىن ھاسىل بولغان تەپەككۈر ئادەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قاغا تارىختىن بۇيان مۇشۇنداق ئىككى قۇتۇپلۇققا ئىگە خاراكتىر بويىچە يارىتىلىپ كەلگەن، ئەمما ئومومى جەھەتتىن ئالغاندا قاغا ئوبرازى ئىجابى ئوبراز، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى  ئىسلام دىنىنىڭ تەسرىگە كۆپرەك ئۇچرىغان، بارلىق مۇسۇلمانلار قاغىنى ياخشى كۆرىدۇ ھەم ئۇنى سېھىرلىك قۇش دەپ بىلىدۇ، ئەمما قاغىغا چوقۇنمايدۇ، قاغىنى سېھىرلىك قۇش دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن قورقۇش، چوڭ بىلىش، سۈر بېسىش پىخىكىسى پەيدا بولغان.
    1988-يىلى ئالىملار قاغىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى پەقەت ئىنسانلارغا خاس قابىلىيەت، بۇ قاغىنىڭ ئەقىللىق قۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەفسانە رىۋايەتلەر، چۆچەكلەر ھەمدە بارلىق سىموۋۇللۇق ئەنئەنىلەر ئىچىدە كىشلەرنىڭ قۇشلارغا بولغان تونۇشى ئاساسەن ياخشى، چۈنكى قانىتى بىلەن ساماغا پەرۋاز قىلىدىغان بۇ جانىۋارلار كىشىلەرنىڭ پەرىشتىلەردەك كۆك قەرىدە ئۇچۇپ يۈرۈش ئارزۇسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن، شۇڭا قاغىمۇ سېھىرلىك قۇش دەپ قارىلىپ، ئەفسانە-رىۋايەت، چۆچەك، مەسەللەردە كۆپ ئۇچرايدىغان ئوبرازلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ھەم كىشىلەر بىلەن سۆزلىشەلەيدىغان، ئەقىللىق، پەم-پاراسەتلىك، ناھايىتى گۈزەل ئوبراز قىلىپ تەسۋىرلەنگەن.
«قاغا ئوبرازى ھايۋانات چۆچەكلىرى ۋە سېھىرلىك چۆچەكلەردە ئۇچرايدىغان بولۇپ، سېھىرلىك چۆچەكلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. سېھىرلىك چۆچەكلەر ئاساسلىقى خەلقىنڭ باياشات ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، شۇڭا ئەمگەكچى خەلق قانداقتۇر بىر سېھىرلىك كۈچ پەيدا بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئارزۇ قىلغان، نەتىجىدە خىلمۇ-خىل خاسىيەتلىك نەرسىلەر تەسەۋۋۇر قىلىنغان ۋە ئەسەر قەھرىمانىنىڭ مۈشكۈلى ئاسانلاشتۇرۇلغان.»④ بەزى خەلق چۆچەكلىرىدە قاغا «سېھىلىك ياردەمچى» سۈپىتدە مەيدانغا چىقىپ «خاسىيەتلىك نەرسە»لەرنى بېرىدۇ، باش قەھرىماننىڭ غەمخورچىسى ۋە سادىق ياردەمچىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، قاغا ئوبرازى ھەمكارلاشقۇچى ھايۋانلار ئوبرازى قاتارىغا كىرىدۇ، قاغىنىڭ پائالىيەتلىرى چۆچەكتىكى مەركىزىي سىيۇژىتنى ھاسىل قىلالمايدۇ، بەلكى باشقا سىيۇژىتنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى ۋاستە سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ، ئەمما بەزى ۋاقىتتا قاغىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى بىلەن باش قەھرىماننىڭ ئىش پائالىيەتلىرى زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۇ چۆچەكتە باشتىن ئاخىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ چۆچەكلەردە قاغىنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى مەركىزى ئورۇنغا قويۇلۇپ بايان قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
خەلقىمىز ئارىسىغا كەڭ تارقالغان، داڭلىق چۆچەكلەرنىڭ بىرى «ئۇر توقماق» چۆچىكىنى مىسالغا ئالساق:
«چۆچەك قاغىنىڭ بوۋاينىڭ قاغا جىگدىسىگە ئارام بەرمەسلىكىدىن باشلىنىدۇ، قاغا بوۋاينىڭ ياخشىلىقىغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا خاسىيەتلىك نەرسىلەرنى بېرىدۇ (خاسىيەتلىك داستىخان، خاسىيەتلىك ئېشەك، خاسىيەتلىك توقماق)، يامان نىيەتلىك كىشىلەر بۇ نەرسىلەرنى ئېلىۋىلىش غەرىزىدە بولىدۇ، خاسىيەتلىك توقماق يامان غەرەزلىك كشىلەرنى جازالايدۇ»⑤ تۈگمەنچى ۋە ئاچكۆز پادىشاھ دەككىسىنى يەيدۇ، ئاچكۆز پادىشاھ يوقۇلۇپ، خەلق ئۆز ئىچىدىن ئادىل بىر كىشىنى تېپىپ پادىشاھ سايلاپ خۇشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان رايۇنلارنىڭ تۇپرىقىدا پەيدا بولغانلىقى ئۈچۈن، تەبىئي ھالدا مىللى تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىنى ئىپادە قىلغان.
بۇ چۆچەكتىكى قاغا ئوبرازى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەخلاق كۆز-قاراشلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان، قارايدىغان بولساق مەزكۇر چۆچەكتە ئالدى بىلەن ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ ياخشلىققا جاۋاپ قايتۇرۇشتىن ئىبارەت بىر خىل كۆز-قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، «ياخشىلىققا ياخشلىق» بويىچە چۆچەك ۋەقەلىكى راۋاجلاندۇرۇلغان. يەنە بىر تەرىپى چۆچەكتىكى قاغا:«مەن قاغىلارنىڭ ئەڭ قىرىسى، يېشىم مىڭدىن ئاشتى، ئاخىرقى ئۆمرۈمدە ۋەدەمگە شۈنداق بىر ۋاپا قىلىپ ئۆتەيكى، ئادەم بالىسى مېنى بىلىپ قالسۇن...» دەيدۇ، بۇنىڭدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «لەۋزى ھالال» يەنى ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، گېپىدە تۇرۇشتەك گۈزەل ئەخلاقى پەزىلىتىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بوۋاي، مويسىپىت، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى خۇلقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ، قاغا بوۋايغا باش كۆزلىرىنىڭ سەدىقىسى بولاي، مېنى قويۇپ بەرسىلە دەپ يالۋۇرىدۇ، ئۇيغۇر خەلقى بۇرۇندىن سەدىقە بالانى يەيدۇ دەپ قارايدۇ ھەمدە باشقىلارغا خەيرخاھلىق قىلىش، غېرىپ-غۇرۋالارغا سەدىقە بېرىشنى ياخشى ئىش دەپ بىلىدۇ، بۇ كۆز قاراش قاغا ئوبرازىدا يەنە بىر قېتىم ئۆز ئىپادىسىنىە تاپقان. يەنە قارايدىغان بولساق، قاغا بوۋاينى بىر يوغان قېرى توغراقنىڭ يېنىغا باشلاپ بارىدۇ ۋە دەرەخنىڭ كامىرىغا بوۋاينى تەكلىپ قىلىدۇ، دەرەخنىڭ ئەتراپى سۇلۇق، ئوتلۇق، ناھايتى گۈزەل بىر ماكان دەپ خاتىرلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمدىن سۇ، دەرەخ، ھايۋاناتلارنى ئاسراپ كەلگەنلىكىنى، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى، ئىكىئولوگىيلىك مۇھىتىنى ئاسرايدىغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ، بوۋاي توغراقنىڭ كامىرىغا كىرگەندىن كېيىن، قاغا بوۋاينى سۇپىغا تەكلىپ قىلىدۇ، بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-ئىمارەت ئالاھىدىلىكلىرىنىمۇ كۆرۋىلىش مومكىن، قاغا بىرىنچى قېتىم بوۋايغا بىر قارا ئېشەك بېرىدۇ، بۇنىڭدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رەڭ چۈشەنچىسىنى بىلىش مومكىن، خەلق چۆچەكلىرىدە قارا قاغا، قارا توخۇ، قارا ئېشەك قاتارلىق ئوبرازلار بار. «قارا رەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئۇلۇغلايدىغان رەڭلىرىنىڭ بىرى، ‹قارا› سۆزىنىڭ ‹ئۇلۇغ، بۈيۈك، چوڭ، ئالىي، سەلتەنەتلىك› دېگەندەك مەنىلىرى بار بولۇپ، قارا رەڭنى ياقتۇرغانلىقى ئۈچۈن يەر-جاي ناملىرىغا ئىشلەتكەن (قارا قۇرۇم، قارا شەھەر،قارا قاش...دېگەندەك،  ئۇنىڭدىن باشقا قارا مال، قارا ئاشلىق...دېگەن ئاتالغۇلار بار).»⑥  ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىدىمۇ قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ قارا رەڭنى ئۇلۇغلاش ۋە ياخشى كۆرۈش ئەنئەنىسىنى ئىزچىل داۋاملاشقان ھەم يېڭى مەزمۇنغا ئىگە بولغان. چۆچەكتە بوۋاي قاغىغا يەنە سۇپرا (ئېچىل داستىخان)نى بېرىدۇ، داستىخان ئۇيغۇرلاردا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلار داستىخان سالماي تۇرۇپ تاماق يېمەيدۇ، داستىخانغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. «ئۆيگە مېھمان كەلسە بەخت ئېلىپ كېلىدۇ،ئۆيگە بەرىكەت ياغىدۇ دەپ قارايدۇ»⑦، مېھمان كەلگەندە مېھماننىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئالاھىدە داستىخان سېلىنىدۇ.
بوۋاي تۈگمەنچىنىڭ دامىغا چۈشۈپ داستىخاندىنمۇ ئايرىلىدۇ ھەم مەرتەم- مەرتەم ئۈچ مەرتەم دەپ يەنە قاغىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ، ئۇيغۇرلار ئۇزاقتىن بۇيان يەككىلىك، تاقىلىق ئۇقۇمى بىلەن ياشاپ كەلگەن بولۇپ، تاق سانلارنى بەكرەك ياقتۇرىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ سان قارشىدا بىر، ئۈچ، بەش، يەتتە، توققۇز، قىرىق، قىرىق بىر، يەتمىش، يەتمىش ئىككى، توقساق توققۇز، يۈز، مىڭ، مىڭ بىر قاتارلىق سانلار مۇقەددەس سانلار دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، بۇ سانلار ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ، «ئۈچ»نى ناھايتى كۆپ ۋە كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىدۇ.
«مەرتەم-مەرتەم ئۈچ مەرتەم» بويىچە نېمە ئىش قىلسا ئۈچ قېتىم سىناپ باقىدۇ، ھەمدە 3-قىتىم مۇۋاپىقىيەت قازىنىدىغانلىقىغا مۇتلەق ئىشىنىدۇ، بۇ چۆچەكتنىمۇ «ئۈچ»نى ئۇلۇغلاش قارىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش تىل ئادەتلىرىدە مۇئەييەن دەرىجىدە ئىددىيىۋى تەسىرىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇ، ئاخىرقى قېتىم قاغا «ئۇر توقماق»نى بەرگەن بولۇپ، جەمئىي ئۈچ سېھىرلىك نەرسىنى بەرگەن.
ئوموملاشتۇرۇپ ئىيتقاندا، قاغا ئوبرازى ئىجابى ئوبراز، ئوخشاش بىر پىرسوناژنىڭ ئىككى قۇتۇپلۇق خۇسۇسىيەتكە (خاراكتىرگە) ئىگە بولۇپ قىلىشىنى بىر قانچە سەۋەبلەر بويىچە چۈشىنىش مومكىن. قاغا توغرىسىدا بۇرۇندىن زىددىيەتلىك قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر تۆۋەندىكىدەك:

1.قاغىنىڭ رەڭگىنىڭ قارا بولىشى سەۋەپلىك
قارا رەڭ بۇرۇندىن ئىجابىي مەنىلەرنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە سەلبىي مەنىلەرنىمۇ بىلدۈرۈپ كەلگەن، مەسىلەن:
     قارا يۈز، قارا قىش، قارا نىيەت قاتارلىق سۆزلەر بار بولۇپ، بۇلار «قارا» سۆزىنىڭ شۇملۇق، ياۋۇزلۇق، يامانلىق ۋە گۇناھ مەنىلىرىدۇر. «قارا رەڭنى ئۇيغۇرلار يەنە قاراڭغۇلۇق، رەزىللىك، يامانلىققا سىموۋۇل قىلىپمۇ قوللىنىدۇ، كېيىن قارا رەڭ ئەجدادلارنىڭ قايغۇ ئازاپ ھېسسىياتىنىڭ سىموۋۇلىغا ئايلانغان، ئۇيغۇرلار ئادەتتە ئۇرۇق-تۇققان، قان-قىرىنداشلىرى ئۆلۈپ كەتسە قارا كىيىم كىيىپ ھازا تۇتىدۇ، ‹ھازا تۇتۇش›نى ‹قارىلىق تۇتۇش›دەپمۇ ئاتايدۇ.»⑧ قاغىنىڭ رەڭگىنىڭ قارا بولۇشى كىشىلەرگە بىرخىل سۈرلۈك قورقۇنچلۇق تەسىر بەرگەن.

2.ئىتقاد، ئۆرپ-ئادەت سەۋەبلىك
«ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا شامان دىنى، مانى دىنى، بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئىتقاد قىلغان، ھەرخىل دىنلارغا ئىتقاد قىلغان مەزگىللەردە كۆز قاراش ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرمۇ ھەرخىل بولغان، تۇرمۇش ئۇسۇلىمۇ ئۆزگىرىپ بارغان.»⑨ شامان دىنىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلاھ كۆك تەڭرى بولۇپ، «شامان دىنى چۈشەنچىسىدە بۆرە ۋە قاغا كۆك تەڭرىنىڭ ئەلچىسى سۈپىتدە تەسۋىرلىنىپ كەلگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنىدىكى ئىلاھلىرى كۆپخىل بولۇپ، قۇشلار تۈرىدىكى ئىلاھلار (بۈركۈت، قارچىغا، قاغا، توخۇ، كۆك كەپتەر، سىغىزخان، ھۇقۇش، قارلىغاچ) قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئانىمىزىم شارائىتىدا ‹ئادەم ئۆلگەندىن كيىن ئۇنىڭ روھىي ئىلاھى قۇشلارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ› دەپ قارالغان.»⑩ چۆچەكلەردە قاغا ئوبرازىنىڭ يارىتىلىشى شامان دىنىدىكى «قاغا ئىلاھ»قا چوقۇنۇشىنىڭ ئىددىيۋى مەنبەسى دەپ نوقۇل ھالدا قاراشقا بولمسىمۇ، لېكىن قويۇق مۇناسىۋەتكە ئىگە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى بۇ خىل ئىددىيۋى چۈشەنچىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى بۇددىزىم شارائىتىدا بۇددا نوملىرىدىكى قاغا ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەجدادلار ئارىسىغا تارقىلىپ، بەلگىلىك ئىددىيۋى تەسىر قوزغىغانلىقىدىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. قاغا يەنە مانجۇلارنىڭ تۇتىم قۇشى بولۇپ، مانجۇ خەلقى قاغىنى ئۇلۇغلايدۇ، مانجۇلاردا شامان دىنى چۈشەنچىسى بويىچە قاغىغا تىۋىنىش پىسخىكىسى بولغان.
خەلق چۆچەكلىرى ئەفسانە-رىۋايەتلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولغاچقا، ئەفسانە رىۋايەتلەرنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر. «رابغۇزىنىڭ ‹قىسسەسۇل ئەنبىيا› ناملىق ئەسىرىدىمۇ قاغا ئوبرازى يارتىلغان بولۇپ، ئىسلام دىنى ئەپسانە- رىۋايەتلىرىدىمۇ قاغا تىلغا ئىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ‹قىسسەسۇل ئەنبىيا› ناملىق ئەسەردە پەرىشتە قاغا سۈرىتىدە كېلىپ بىر ئايالغا يول باشلىغانلىقى، قاغا كىشىلەرنىڭ ئوزۇقى ئۈچۈن بۇغداي ئەكىلىپ  بېرىشكە بۇيرۇلغانلىقى، قابىل بىلەن ھابىلنىڭ ۋەقەرلىرى (قابىلنڭ قاغىدىن ئەقىل تاپقانلىقى،ئىسىت مەن مۇشۇ قاغاچىلىك بۇلالماپتىمەن...دىگەن )»⑪ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈكىنى يەرگە كۆمۈشنى قاغىدىن ئۆگەنگەنلىكى، قاتارلىق مەزمۇنلار تىلغا ئىلىنغان، ئىتقاد ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ قاغىغا بولغان كۆز-قاراشلارمۇ ئۆزگىرىپ بارغان.

3.تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشى
تونۇش ئوبىكتىنىڭ مۇرەككەپلىكى كىشىلەرنىڭ ئوبېكىتقا بولغان تونۇشنىڭ كۆپخىللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئوۋچىلىق دەۋرىدە، قۇشلار پەرۋاز قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئوۋلاش بىرقەدەر قىيىنغا توختىغان، شۇ سەۋەبلىك قۇشلارغا بولغان چوقۇنۇش پىسخىكىسى بارلىققا كەلگەن، ئۇيغۇرلاردا بۇرۇندىنلا قۇشلارنى ئۆلتۈرۈشتىن، بولۇپمۇ قۇش بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشتىن قاتتىق پەرھىز قىلىدىغان ئادەت بار، شۇڭا قاغىمۇ ئۇلۇغلانغان، كېيىن، تىرىقچىلىق دەۋرىگە كەلگەندە كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق مەنبەسى زىرائەت بولغان، قاغا زىرائەتلەرنىڭ يېلتىزى ۋە ئۇرۇقلىرىنى يەيدىغان بولغاچقا بارا-بارا كىشىلەرنىڭ ئۆچ كۆرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
گەرچە قاغا بەزىدە زىرائەت يىلتىزى ۋە ئۇرۇقىنى يىسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ ئۇزۇقنى بىكار يىمەيدۇ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ياردەمچىسى، ئىنسانلارغا ھەمكارلىشىپ  قۇرۇت- قوڭغۇزلارنى، ھاشارەتلەرنى،زەھەرلىك ئۇششاق ھاشارەتلەرنى يەيدۇ.

4.قاغىنىڭ سەزگۈ ئەزاسىنىڭ ئۆتكۈر بولۇشى سەۋەبلىك
قاغا ھاۋارايى ئۆزگىرىشىگە ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ، ئاساسلىقى ھاۋا ئوچۇق كۈنلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، ھاۋا ئوچۇق ۋاقىتلاردا پەس ئۇچۇپ، توختىماي قاقىلدايدۇ. قاغا 100 مېتىر يىراقلىقتىن قان ھېدىنى پۇراپ، شۇ جايغا يېتىپ كېلەلەيدۇ، قاغىنىڭ سەزگۈ ئەزاسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، ئاغرىق كىشى بەدىنىدىن چىقارغان بىرخىل سېسىق پۇراقنى ناھايتى ئاسانلا سېزەلەيدۇ، جەسەتلەرنىڭ سېسىغاندا چىقارغان پۇرىقىنى تېزلا سېزىپ شۇ ئەتراپتا پەيدا بولىدۇ، ئۆلۈم باشقىلارغا ۋەھىمە ۋە ئازاب ئېلىپ كېلىدىغان ئىش، قاغىنىڭ شۇ ئەتراپتا پەيدا بولۇشى باشقىلاردا يامان تەسىر قالدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ يامان نەزىرى بىلەن قارىشى ۋە ئۆچمەنلىكىنى قوزغىشىغا سەۋەبچى بولغان. شۇڭا قاغا بەزى پىرىخونلارغا ئەگىشىپ بىللە يۈرىيىدىغان، گەپ توشۇغۇچى قۇش قىلىپ يارتىلغان، قاغا قۇشلار ئىچىدىكى ئەقىللىق قۇش، ئەمما ئۇ ھەرقانچە ئەقىللىق بولسىمۇ ھەرگىز كىمنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلەلمەيدۇ، ھەرقانداق جانلىق كېيىنكى دەقىقىدە كىمنىڭ ئۆلۈپ، كىمنىڭ تۇغۇلىدىغانلىقىنى، ئەتە نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىشكە قادىر ئەمەس، قاغا ئۆلۈمدىن بىشارەت بېرىدۇ، يامانلىق ئەكلىدۇ دېگەن قاراشنى كىشىلەر ئۆزلىرى ئويلاپ چىقىۋالغان، قاغا شۇملۇق ئېلىپ كەلگۈچى قۇش ئەمەس، بۇ پەقەت كىشىلەرنىڭ خاتا چۈشەنچىسىدىنلا ئىبارەت.

5.قاغىنىڭ ياشاش ئۇسۇلى سەۋەبلىك
قاغا ئاساسلىقى زىرائەت، مېۋە-چىۋە، قۇرت-قوڭغۇزلارنى، ئۆلگەن ھايۋانلارنىڭ تاپىنى يەيدۇ، مەينەت نىجساسەتلەرنى يەيدۇ، ئۇيغۇرلاردا ھالال-ھارام چۈشەنچىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، قاغىدىن يىرگىنىش پىسخىكىسى بولغان، قاغىنىڭ قاقىلدىغان ئاۋازى كىشىلەرنى بىزار قىلغان، توپلىشىپ ئۇچۇپ يۈرسە يامانلىقنىڭ بىشارىتى دەپ قارىلىپ ئۆچ كۆرۈلگەن.
يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلى قاغا ئۆچ كۆرۈلگەن، ئەمما قاغا ئۆبرازى ئاساسەن ئىجابىي ئوبراز، گەرچە بەزى خەلق ماقال-تەمسىللىرى ۋە قوشاقلىرىدا قاغىغا بولغان يىرگىنىش پىسخىكىىسى ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەفسانە-رىۋايەتلەردىكى قاغا كىشىلەرگە ياردەم بەرگەن، قوغدىغۇچى، ئىلاھى قۇش دەپ تەرىپلەنگەن، مۇشۇ ئاساستا قاغا ئوبرازى ئىلاھىي خاراكتىرگە ئىگە قىلىنىپ، ئالدىن كۆرەر، قوغدىغۇچى، قابىل، ئىلاھ ۋە ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىچى، ئاقكۆڭۈل، كىشىلەرگە ياردەم بېرىپ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتقازغۇچى، ئىجابى خاراكتېرگە ئىگە ئىلاھى ئوبراز سۈپىتىدە  ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى ئوبراز قىلىپ يارىتىلغان، ئۇيغۇر خەلقى بۇرۇندىن قاغىنى ياقتۇرغان، بۇنى يەنە بەزى ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىنمۇ كۆرۋىلىش مومكىن:
«ئىىشك ئالدى ئاق تىرەك،
ئەجەپ قونمايدىكەن قاغا.
بىزگە سالغان بۇ ئوتنى،
خۇدا سالمايدىكەن يارغا.

كىتىپ بارغان قاغىلار،
كۆرۈپ كەلگىن يارىمنى.
ئۈزۈك ھەرجايدا بولساڭ،
قويۇپ كىلەي جانىمنى.»⑫
بۇ قوشاقلاردىن قاغىنى خەۋەرچى، بىشارەت بەرگۈچى قۇش دەپ قارىغانلىقىنى، ياقتۇرغانلىقى ئۈچۈن قوشاقلارغا قاتقانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا «تۈركى تىللار دىۋانى»دىمۇ «‹ئادەمنىڭ ياخشىسىنى كىم بىلەر، قاغىنىڭ قىرسىنى كىم›، ‹قاغا (ئاچارچىلىق-تەشنالىق) دەردىنى بىلسە، مۇز چۇقۇيدۇ›»⑬ دېگەندەك مەزمۇنلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئويغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىن  «قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇماس»⑭ دېگەن ماقال-تەمسىل بار بولۇپ، بۇ ئادەم ئۆز قاياشىنى، دوست-يېقىنلىرىنى ئاسرايدۇ، دۈشمەنلىك غەرىزىدە بولمايدۇ، ھەرگىز زىيانكەشلىك قىلمايدۇ دېگەن مەنىدە، شۇنى كۆرۋىلىش مومكىنكى قاغا شۇم قۇش ئەمەس.
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە قاغا ئوبرازى ئىنسانلارنىڭ سادىق ياردەمچىسى بولغان ھايۋانلار ئوبرازى سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان بولۇپ، كۈچلۈك مۇبالىغە ۋە فانتازىيە ياردىمى بىلەن غايىۋىلىككە ئىگە قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان، ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى «مەلىكە نۇرجامال»دا قاغا شاھ بېشىدىكى شاخقا قونۇپ سايرىغاندا، شاھ بۇنىڭ نېمىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى بىلمەك بولۇپ كىشىلەردىن سورىغان، بۇ خەلقنىڭ بۇرۇندىن قاغىنى خەۋەرچى قۇش دەپ قارىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئوخشاش بىر نەرسىنى بەزىلەر ئەخلەت ئورنىدا كۆرسە، بەزىلەر گۆھەر بىلىپ ئەتىۋارلايدۇ، بەزىلەر ئامراقلىق قىلسا، بەزىلەر ئۆچ كۆرىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى كىشىلەرنىڭ كۆز-قاراش، ئۆرپ-ئادەت، ئىتقاد، مەدەنىيتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدا.
قاغا ئوبرازى ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس باشقا مىللەت ئەفسانە-رىۋايەت، چۆچەك مەسەللىرىدىمۇ دائىم ئۇچرايدۇ ( مانجۇ ئپسانە رىۋايەتلىرى ۋە خەنزۇ ئپسانە رىۋايەت چۆچەكلىرىدە) مەسىلەن:
خەنزۇلارنىڭ «يىنىڭ قۇياشنى ئېتىشى» ناملىق رىۋايىتىدە ئاسماندا 10 دانە ئالتۇن قاغا (ئون دانە قۇياش) بولۇپ، زىمىننى ئىسسىقلىق، قۇرغاقچىلىق باسقانلىقى، خۇۋيىنىڭ ئوقيا بىلەن توققۇز ئالتۇن قاغىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ بىرىنى قويۇپ قويغانلىقى،  بىز ھازىر كۆرىۋاتقان قۇياشنىڭ دەل شۇ قىپالغان بىرتال ئالتۇن قاغا ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان، بۇ رىۋايەتتە قاغا ئوبرازى مۇقەددەس قىلىپ يارىتىلغان بولۇپ، كېيىنچە قاغا ئوبرازى قارغىشقا ئۇچرىغان ئوبرازلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
«تۈلكە بىلەن قاغا»، «قاغىنىڭ سۇ ئىچىشى» قاتارلىق مەسەللەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ، خەنزۇلار ئارىسىدىمۇ بار بولۇپ، «تۈلكە بىلەن قاغا» ناملىق مەسەلدە قاغا ماختانچاق، ئەخمەق ئوبراز قىلىپ يارىتىلغان بولسا، «قاغىنىڭ سۇ ئىچىشى» ناملىق مەسەلدە قاغىنىڭ لوگىكىلىق يەكۈن چىقرالايدىغانلىقى، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشىنى بىلىدىغانلىقى، ئەقىللىق بىر قۇش ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. بىراق خەنزۇلار ئاساسەن قاغىنى شۇملۇقنىڭ بىشارىتى دەپ قاراپ ئۆچ كۆرىدۇ، ئۇنىڭدىن يىرگىنىدۇ، قاغىدىن بىزار بولۇش پىسخىكىسى كۈچلۈك، خەنزۇلاردا شۇم ئېغىز (乌鸦嘴)، دۆت،كالۋا (笨乌鸦) دېگەندەك سۆزلەر كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى قاغا ئوبرازى ئاساسەن ئىجابىي ئوبراز، خەلق چۆچەكلىرىنىڭ، بولۇپمۇ سېھىرلىك چۆچەكلەرنىڭ رولى ناھايتى زور، خىيالى چۆچەكلىرى بالىلارنى تەرىبىيىلەشتىكى  مەنىۋى ئوزۇق، بالىلارغا قانداق ياشاش ۋە قانداق ئادەم بولۇش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ، قاغا خىيالى چۆچەكلەرنىڭ ئوبرازلىرىنىڭ بىرى بولۇپلار قالماي، ئەتراپىمىزدىكى ئۇچار قۇشلارنىڭ بىرى، بالىلار ئۇنىڭغا دىققەت قىلىدۇ، بۇ ئوبراز بالىلارغا قەدىمكى مەدەنىيەتنى بىلدۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، يىقىندا نەشىر قىلىنغان بالىلار رومانى «‹كىرورانلىق بارلىلار› مانا مۇشۇ نۇقتىنى ئالاھىدە يورىتىپ بەرگەن، روماندىكى تۈرگۈن، ئايچەش، تۇيغۇن، زۇمرەت قاتارلىق بالىلار ئۇۋىسىدىن تاساسىپىي يەرگە چۈشۈپ كېتىپ يىلانغا يەم بولۇش خەۋپىگە دۈچ كەلگەن قاغا بالىسىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئالتۇن تاجىلىق دانىشمەن قاغىنىڭ رەھمەت تەشەككۈر بەدىلىگە قالغان سوۋغىلىرىغا ئىگە بولىدۇ.»⑮ بۇ روماندىمۇ دانىشمەن قاغا ئوبرازى يارىتىلغان، بۇنىڭدىن باشقا قاغا ئوبرازى ياخشى دەپ قارالغاچقا، قاغا نامى يەر جاي ناملىرى، ئۆسۈملۈك ناملىرىغا ئىشلىتىلگەن (قاغىلىق، ئالاقاغا، قاغا تىرنىقى...دېگەندەك). قاغا ئوبرازى ئۇزاق قەدىمقى دەۋرلەردىن باشلاپ خەلق چۆچەكلىرىمىزدىكى ئوبرازلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. بەزى چۆچەكلەردە دىۋىلەر قاغىغا ئۆزگەرگەن ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ، ئەمما بۇ قاغىنىڭ شۇم قۇش ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، قاغا يامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قاراش بىر خاتا قاراش، بەلكىم ۋەقىت ئۆتكەنسىرى كىشىلەرنىڭ قاغىغا بولغان تونۇشى چوڭقۇرلاشسا بۇ قاراشمۇ ئۆزگىرىپ قالار.

ئىزاھاتلار:
①ئابلىمىت مۇھەممەت: «خەلق ئەدەبىياتى نەزىرىيەسى»،قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى  1990-يىلى 8-ئاي نەشىرى، 169-بەت.
②④ئوسمان ئىسمايىل تارىم:«ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئۇمۇمى بايان»، شىنجاڭ ئونىۋىرسىتى نەشرىياتى، 2009-يىل 9-ئاي 1-نەشىرى، 247- بەت،287-بەت.
③ئىنتىرنىت تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار.
⑤خۇرشىدە غۇپۇر:«ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى‹ئۇر توقماق› بىلەن گىرىم چۆچەكلىرىدىكى «ئۇر توقمىقىم» نىڭ ئورتاقلىقى ۋە ئۇنىڭ مەنبەسى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش»، «شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژورنىلى»، 23-يىللىق 4-سان، 96-بەت.
⑥ئۆمەر داۋۇت: «ئۇيغۇر تىل مەدەنىيەت تەتقىقاتى»، شىنجاڭ ئونىۋىرسىتىتى نەشرىياتى،2011-يىل 8-ئاي 1-نەشرى، 177-بەت.
⑦ئابدۇكېرىم راخمان:«20-ئەسىر ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيتى»، شىنجاڭ ئونىۋىرسىتىتى نەشرىياتى، 2006-يىل 5-ئاي 1-نەشرى، 203-بەت.
⑧⑩راخمان ئابدۇرېھىم: «ئۇيغۇرلاردا شامانىزىم»، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى،2006 –يىل 6-ئاي 2-نەشىرى، 85-،276- بەتلەر.
⑨ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا:«ئۇيغۇر ئىتنوگرافىيسى»، شىىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993-يىل 4-ئاي 1-نەشرى.
⑪رەبغۇزى: «قىسسەسۇل ئەنبىيا»، 1999-يىل 10-ئاي 2-نەشرى، 50-،54-بەتلەر.
⑫«ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىل 2-ئاي 1-نەشرى، 4-توم 73-بەت.
⑬مەھمۇد كاشىغىرى:«تۈركى تىللار دىۋانى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2012-يىلى 1–ئاي 1-نەشىرى، 324-بەت.
⑭«ئۇيغۇر خەلق ماقال–تەمسىللىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى  2006-يىل 2-ئاي 1-نەشىرى،7-توم،167-بەت.
⑮«ئۇيغۇرخەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 5200-يىل 9-ئاي 1-نەشىرى 2-توم، 406-، 402-،455-،476-بەتلەر.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1.پەرھات ئىلياس: «كرورانلىق بالىلار»[M]، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2009-يىل 9-ئاي 2-نەشرى.
2.ئەنۋەر سەمەت قۇرغانى:«ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقى»[M]، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،  2006-يىلى 3-ئاي 1-بېسىلىشى.
     3.ئەسەت سۇلايمان: «ئۇيغۇر تۇتىم مەدەنىيتى»[M]،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001-يىل 2-ئاي 1-نەشىرى.
4.ئىمىن تۇرسۇن: «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيتى»[M]، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2000-يىل 3-ئاي 1-نەشىرى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-28 00:15  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-5-30 01:24:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئالدى بىلەن "قاغا" توغرىسىدىكى ئىزدىنىشىڭىزنى مۇئەييەنلەشتۈرىمەن. ئەمدى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى مىساللار بىلەن سەل كېڭەيتىپ سۆزلەپ باقامسىز؟

بۇددىزىم شارائىتىدا بۇددا نوملىرىدىكى قاغا ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەجدادلار ئارىسىغا تارقىلىپ، بەلگىلىك ئىددىيۋى تەسىر قوزغىغانلىقىدىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-30 02:12:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

رەھمەت،ئىلھام بەرگىنىڭىزگە، بۇ توغرىسىدا بەك كۆپ ماتىر يال ئۇچراتمىدىم،ئەمما بۇددا دىنى ئەپسانە رىۋا يەتلىرى شۇ رايۇنلارغا تارقالغان.............................
دەپ ماتىرياللار بارئىكەن، شۇ ماتىر ياللارغا ئاساسلىنىپ يازغان،مەدەنىيەتلەر ئالمىشىشى ،تۇقۇنۇشى،ئۆزئارا تەسىرى  بۇلىدۇ ئەمەسمۇ؟


ۋاقتى: 2013-5-30 11:52:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇددا دىنىدا، قاغا بۇددا نوملىرىنى قوغدىغۇچى ئىلاھ ماخاكالانىڭ پانىيەتتىكى شەكىللىرىنىڭ بىرى.

تىبەت بۇددىزىمىدا، قاغا دالاي لاما تەۋەللۇتىنىڭ بىشارەتچىسى ۋە قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە خاسىيەتلىك قۇش دەپ ئۇلۇغلىنىدۇ.

ھىندى دىنىدا، قاغا ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە تائام يەتكۈزۈپ بەرگۈچى قۇش دەپ قارىلىدۇ، ھەريىلى شرادخا كۈنىدە، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۇنىڭغا يىمەك-ئىچمەك ۋە سۈت بېرىدۇ.

قاغا ياپونىيەنىڭ دۆلەت قۇشى. ياپون رىۋايەتلىرىدە قاغا «ساداقەت، سەمىمىيەت، شىجائەت» ئىلاھلىرىنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقىدۇ. شۇڭا ئۇ ياپونىيەدە بەكلا ئەتىۋارلىنىدۇ، ئەڭ ئاۋات شەھەرلىرىدىن يېزا قىشلاقلىرىغىچە يوللاردا توپ-توپ قاغىنى ئۇچرىتالايسىز. ياپونىيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ گىربىغىمۇ  ئۈچ پۇتلۇق قاغىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن.

نېپالدىمۇ قاغا خىسلەتلىك قۇش سانىلىدۇ.

جوڭگونىڭ تويىن دىنىدا قاغا ياخشىلىق ئەلچىسى، بەخت قۇشى ھېسابلىنىدۇ. تويىن رىۋايەتلىرىدە جېنۋۇ  (真武) ۋۇداڭشەنگە  ئىستىقامەتكە چىققىنىدا، ئۇنىڭغا بىر قارا قاغىنىڭ يول باشلىغانلىقى ۋە ھەر سەھەردە تاڭدىن خەۋەر بېرىپ كەلگەنلىكى، جېنۋۇ داۋغا ئېرىشىپ ئىلاھلىق دەرىجىسىگە يەتكىنىدە، قاغىغا  (神兵)لىق مەرتىۋىسىنى بەرگەنلىكى سۆزلىنىدۇ. ئۇنىڭدى باشقا چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ ئوردا ئىچىدە بىر توپ قاغا بېقىلاتتى، ئىلاھىي قۇش قارىلىپ، ئۆلتۈرۈشتىن، ھەيدەشتىن چەكلەيتتى.

ۋاقتى: 2013-5-30 13:06:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەردان يوللىغان ۋاقتى  2013-5-30 11:52
بۇددا دىنىدا، قاغا بۇددا نوملىرىنى قوغدىغۇچى ئىلاھ ما ...


مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويساڭ تېخىمۇ ئىشەنچلىك بولاتتى، ئەمەسمۇ؟

ۋاقتى: 2013-5-30 14:43:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەردان يوللىغان ۋاقتى  2013-5-30 11:52
بۇددا دىنىدا، قاغا بۇددا نوملىرىنى قوغدىغۇچى ئىلاھ ما ...

ماۋۇ بايانلار يېڭىلىق ئىكەن ، ماتىريال ئاساسىنى بېلىشكە بولارمۇ ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-30 23:14:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىۋىڭىزگەرەھمەت.......
1.خەنزۇچە بۇنىڭغا ئائىت نۇرغۇن ماتىر يالار بار،سىزگە لازىم بولسا ئەۋەتىپ بەرسەم بۇلىدۇ......
2.راخمان ئابدۇرېھىم: «ئۇيغۇرلاردا شامانىزىم»، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى،2006 –يىل 6-ئاي 2-نەشىرى، 149-بەت تە مۇشۇنڭغا دائىر مەزمۇنلار بار.........
3.بۇمەزمۇنلارغا قىززىقسىڭىز تارىخى كىتاپ،كىلاسسىك ئەدەبىياتقا ئائىت مەزمۇنلارنى كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن!......
بىلىمىم چەكلىك ،ياخشى يازالمىغان بۇلىشىم مۇمكىن...  ،باشقا مۇنبەرداشلارنىڭمۇ تەكلىپ- پىكىر بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن........رەھمەت!

ۋاقتى: 2013-5-31 09:06:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوزلان يوللىغان ۋاقتى  2013-5-30 13:06
مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويساڭ تېخىمۇ ئىشەنچلىك بولاتتى ...


ماتېرىيال مەنبەسى:

http://www.avesnoir.com/crows-in-buddhist-culture/

http://mg-singh.hubpages.com/hub/mgsinghhubpagesthecrowanditsconnectionwitheasternreligiousthought

http://zhidao.baidu.com/question/385767592.html

http://www.zhihu.com/question/20441005




ۋاقتى: 2013-5-31 09:21:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشۋاي ئوغلى يوللىغان ۋاقتى  2013-5-30 14:43
ماۋۇ بايانلار يېڭىلىق ئىكەن ، ماتىريال ئاساسىنى بېلى ...

ياپونىيە دۆلەت كوماندىسى


u=3082531881,2635523232&fm=21&gp=0.jpg


e77af93e7194cca6784a1da2fd6397fb.jpg



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-31 22:01:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇتىمىنىڭ  دۆلەت  ئىچىدىكى تەتقىق قىلنىش ئەھۋالىنى يازغان،شۇڭا پەقەت دۆلەت ئىچىدىكىنى يازدىم.........،ياپۇنيە لا ئەمەس، يەنە چەت ئەلدىكى نۇر غۇن دۆلەتلەر دە قاغىنى چوڭ بىلىدۇ،

ۋاقتى: 2014-4-27 17:21:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ «قاغا» ڭىز ئاخىرى بۇ يەرگە كېلىپ قونۇپتۇدە! ئېزدىنىشلىرىڭىزگە قايىلمەن! بولسا تورداشلارنىڭ پىكرىگە ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىپ، ماقالىڭىزنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈڭ. كىيىنچە بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق ماقالە بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس! ئارمىغايسىز ئاينۇر!

ۋاقتى: 2014-4-27 22:13:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقتە غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر ئەپەندىنىڭ ‹ئۇيغۇر فولكلورىدىكى قارغا،سىغىزخان ئوبرازى ھەققىدە> ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ماقالىسى بار. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بولسا شۇنى كۆرۈپ باقارسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TANGRIKUT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-27 22:13  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش