يارى : جىملىقىڭنى بۇزۇپ تاشلىدىم
ناۋالار مەۋجىدە ئۈزگەن بىر يۈرەك ،
ئازاپلاپ ئۆزىنى ئۇردى تىكەنگە .
كۆيگەنمۇ ، كۆنگەنمۇ سەگىسە كېرەك
مەن بىلدىم ، بەخىتلىك ، بەختىيار ئەمەس ،
خاتىرجەم يۈرگەنگە ياكى كۈلگەنگە ...
يۈرەكنى تاملارغا مىڭ رەت چاپلىدىم ،
تۇتمىدى دومىلاپ چۈشتى تۇپراققا .
دۈم ياتتىم ، سۇ بۇلۇپ خۇن بۇلۇپ ئاقتىم ،
قۇتۇلماق تەس ئىكەن بۇ ئازاپلاردىن
كۆزلەرنى چىڭ يۇمۇپ يا كېتىپ يىراققا .
تىنىمەن ئىچىمگە بېقىپ گۈلۈمگە ،
بىر شېئىر يازىمەن تەسىرلەنگۈدەك .
ئوقۇدۇم باشتىن ھەم ئاخىرىغىچە تا
ۋە ئاخىر ھەممىنى يىرتىپ تاشلىدىم ،
نېمەم بار مېنىڭكى پەخىرلەنگۈدەك .
كورلا
2013 – يىل 5 – ئاينىڭ 28 - كۈنى
|