كۆرۈش: 1810|ئىنكاس: 15

تارىمدىكى جىمجىتلىق ـ ئاينۇر مۇھەممەت كۆكتولۇن(16)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
56384329201102021833594309856779541_000_640.gif

[ئاپتورنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى بايانى] مەن 1988-يىل 3-ئاينىڭ 3- كۈنى شايار ناھىيە مازارغوجام يېزىسىدا دىخان ئائىلىسىدە توغۇلدۇم. كىچىكىمدە بەكمۇ كەپسىز، ياغاچ قۇلاق بىر بالا ئىدىم. باشلانغۇچنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا < قىسەسۇل ئەنبىيا> نى ئوقۇغىنىم ئىسىمدە.
    2006- يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتى فىلولوگىيە ئىنىستوتىنىڭ ئۇيغۇرتىل ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. قۇيۇق ئەدەبي مۇھىت مېنى ئۆزىگە مەھكەم يېپىشتۇرغاندى.
    ئاللاھغا شۇكرىكى كۆپ بەخىتلىكمەن. ئائىلەمدىكىلەرنىڭ غەمخورلىقى يۈرىكىمدە. بىلىملىك كۈيۈمچان ئوقۇتقۇچىللىرىم، شوخ، ئاقكۆڭۈل ساۋاقداشلىرىم بىلەن مىھىرلىك كۈنلەرگە شىرىك بولدۇم. ياتاقداشلىرىمدىن ئاجايىپ مەمنۇنمەن. مۇھەببەتلىك ئاخشاملار، چىرايلىق كېچىلەر ئۇلارسىز ئۆتمەس ئىدى. يىزىقچىلىقىمغا كۆڭۈل بۆلۈشلىرى ۋەجىدىن بالدۇر، تىۋىشسىز ئۇخلاشقا رازى بولاتتى. بۇ ئەزىزلىرىمگە تۈمەن تەشەككۈر بولسۇن.
  پىنھان ياشاۋاتقىنىمنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئۈمۈدۋار بىلەن تونۇشتۇم. ئۇ مېنى ئەدەبىياتچىلار ئارىسىغا باشلاپ كىردى. نۇرغۇن دوستلارغا ئىرىشتىم. سۆھبەتلەرگە قاتناشتىم. ئۇنىڭغىمۇ كۆپ رەھمەت. مەن بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقان قىممەتلىك سىرداشلىرىمغىمۇ مۇھەببەتلىك سالىمىم بولسۇن.
ئىجادىيىتىمدە ئۆزۈم كىتابىنى ئوقۇغان ھەربىر مۆھتىرەم يازغۇچى-شائىرلارنىڭ،تەڭتۇش قېرىنداشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقىنىمنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىتراپ قىلىمەن.
  2011 - يىل 7- ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇرىتقا قايتىم. شۇندىن بىرى ئادەتلىنىپ قالغان يالغۇزلۇقۇمدا، بىپايان تارىم ۋادىسىدا جىمجىت ياشىماقتىمەن. جېق ئىشلاردىن تامايىم يوق. رىئاللىقتىكى مۇناسىۋەت چەمبىرىكىدە ئايلىنىشنىمۇ خالىمايمەن. جەزبىدار، گۈزەل دۇنيادا پاكىز ئىتىقادلىق بىر ئايال بولۇپ ياشىسامكەن دەيمەن.
   ھازىرغىچە «ئاقسۇ ئەدىبىياتى»، «شىنجاڭ سەنئىتى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «تارىم»، «تەڭرىتاغ» قاتارلىق گېزىت ژورناللاردا تەرمەچلىرىم ئېلان قىلىندى.
دىلنىڭ ساپلىقى، كۆڭۈلنىڭ پاكىزلىقى، چىرايلىق سۆزلەر ھەممىمىزگە تەۋە بولسۇن.
مەن ئاينۇرنىڭ شېئىر ۋە نەسىرلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئوقۇش جەريانىدا ھېس قىلدىمكى، ئاينۇرنىڭ قەلىمىدە بىر سېھرىي كۈچ بار ئىكەن. بۇ سېھرىي كۈچ مەيلى شېئىرلىرىدا بولمىسۇن ۋە مەيلى نەسىرلىرىدە بولمىسۇن ئادەمنى ئۆزىگە تارتىپلا تۇرىدىكەن. شېئىرلىرى نەسىركەن، نەسىرلىرى شېئىركەن... نەسىرلىدىكى شېئىرىي تۇيغۇ سىزنى مەسىت قىلسا، دىئالۇگ-مونولوگلىرى شېئىر بىلەن نەسرنىڭ ئەسلى بىر تۇغقان قوشماقلار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدىكەن...
مەن ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىي ھاياتىغا تېخىمۇ يارقىن شولىلارنى تىلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ قەلەمنى تاشلىماسلىقىنى، ئىزچىللىقنى ئاداققىچە ساقلىشىنى سەمىگە سالىمەن. ئىزچىللىق بولمىسا تەڭداشسىز قەلەملەر توپا ئاستىدا قالىدۇ!

___ مەسئۇل مۇھەررىدىن



كۆزلەر تىلى





بەيئەت



مەيۈس دەقىقىلەر


ئويلار توزىغان، كۆزلەردە گۇمان


ئۆزۈمنىڭ چېچىغا باغلاقلىقمەن، سېنىڭ ئوتۇڭغا،


مەن خىيالى تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان ئەل.


تورغاينىڭ يېرىم كېچىدە سايرىشى نىمە دىگەن رەزىل!


گۈزەللىك بۇلىقىنىڭ كۆزى ئېچىلماغان. ئۇ پىنھان دەملەرنى تەنھا ئۆتكۈزۈشكە ئاللىقاچان كۆنگەن.


  يەتتە ئىقلىم بىر بولدى،


زىمىستاندا ياز بولدى.


سۇ كۆيىۋاتىدۇ، يىلىنجىغان چوغ ھەممىنى يالماشقا باشلايدۇ.


  گۈلنىڭ ھىدى تارقىلىشقا باشلىدى،


ئەي باتۇرۇم! ئىشقىڭغا داۋراڭسىز ھالدا تۇتقۇن بولغىلى كەلدىم. قورغاننى داغدام ئېچىۋەت.



ۋەدە


(ھەزىرتى نەۋايى ئىزىدىن)


لۇغەت تەركىبىمگە كىرمىگەن بەزى سۆزلەر ئۈچۈن ئازابلىنىشىمنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى بىلسەمچۇ كاشكى؟


< كۆزلىرىم باشقا كۆزلەرگە قارىسا كور بولغاي، باشقا كۆزلەرمۇ ساڭا قارىسا كور بولغاي>① گەر باشقىغا قارىساڭ، سېنىڭ كۆزۈڭمۇ كور بولغاي.


  قاشلىرىڭ يا، كىرپىكىڭ ئوقيا، قەددىڭ شەمشاد، قارىچۇقۇڭ قۇياش، ئۇنىڭ تەپتىدىن قېچىپ قۇتۇلغانلار بىچارە بولغاي ۋە ئۆرتىنىشنىڭ نېمىلىكىنى ئۇقماي ئۆمرى خازان بولغاي.


ئېھ قىزىل رەڭ،


بىلىسەن يۈرىكىمنىڭ ئاجىزلىقىنى،


ئاسماننىڭ خجىلچانلىقى نەقەدەر سۈيۈملۈك. چوغلىنىشلار ئەبەدىيلىككا داۋاملاشقان.


  باتۇرۇم! سەندىن باشقىنى خىيال قىلىدىغان يۈرىكىم تۈندەك قارىداپ كەتكەي، ئاندىن كۈلگە ئايلانغاي.


①          ھەزىرتى نەۋايىنىڭ مىسراسىنىڭ نەسرىلەشكەن شەكلى


گۇناھ


كۈتۈش-ئاجىزانە قارشىلىقتۇر.


قارىغۇلارچە باش ئېگىش-قۇللۇقتۇر. قۇلنىڭ قۇلغا بولغان سۆيگۈسى بىر ئىلىك ھېسىيات ئۇپرىتىشتىن بېلەك نەرسە ئەمەس.


  كۆڭۈل بۆلۈش- سوئال سوراقتىن دىرەك بەرمەيدۇ.


سوئال-سوراق تەھتىقكى گۇمانلىنىشنىڭ باشلانمىسى.


گۇمان بار يەردىكى سۆيىگۈ دەز كەتكەن سۆيگۈدۇر.


بارلىقىنى بېغىشلاش ھەممىنى بىرىۋېتىش دىگەنلىك ئەمەس.


مۇھەببەت-ھەدىيە ۋە ئۈزلۈكسىز ئىنتىلىشتۇر.مۇھەببەتكە ئىرىشكەن ئادەم قايتا ئېلىش ئىستىكىدە بولمىسۇن. ئۇ نەپسانىيەتچىلىكنىڭ قىسقارتىلغان شەكلى خالاس.


شەك- ئىشەنچ ۋە سادىقلىققا بولغان گۇمران ئۈمۈدنىڭ پارتىلىشى.


ئەرزىيدىغان بىراۋنى قېنىپ-قېنىپ سۆي، بۇ گۇناھ ئەمەس ئەزىزەم. پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن سۆيگۈگە تول، بۇ گۇناھ ئەمەس. مەۋجۇتلىقىڭ بىلان مۇھەببەتكە ئىرىش، بۇ گۇناھ ئەمەس. سۆيمەسلىك ۋە سۈيۈلمەسلىك ھەقىقەتەن گۇناھتۇر.



ئىدىيە تەكرارلىقى


چېچەكلەرنىڭ تەقەززالىقىدىكى يۇمران تىلەكلەر


تېرەك بۇيى ئۆرلىگەن كۈلگىنچەك شامال تەپتىدىكى ئىزغىرنى پىچىرلاش ساماۋى تىۋىش.


تەئەججۈپ ھېسلىرى نېمىشقا زاھىر بۇلىدىكىن؟


خۇدۈكسىرەش ھېسىياتىنىڭ دولقۇنلىشى نەۋەجكىن؟


جاسارەت كەملەپ كەتكەن يۈرەكتىن چىقىدىغىنى زەئىپانە ئىڭراش،ئەبگالارچە قاقشاش خالاس.


ئېتىقادنىڭ سۇسلاپ بېرىشى ئادىمىيلىك قانلىرىنىڭ كەملەپ كېتىپ بارغانلىقىنى ئاشكارلايدۇ.


ئېھ -! بېلىقنىڭ ئۆپكىسىدىكى پىنىھان ئۈمۈدلەر!


يېرىم كېچە


قۇلۇمغا قەلەم ئالمىغىلى ئۇزۇن بولدى


ئۇخلاش ھەممىدىن ۋاز كېچىشتىن دىرەك بەرمەيدۇ.ئۇمۇ بىر مۇرەككەپ ئويلىنىش جەريانى.


تەكرارلانغان ئىدىيە،قايتىلانغان تەپەككۇر،زۇمرەتلەرنىڭ سۈزۈكلىكىدىكى نۇرانە تەبەسسۇم.


2009.8.9


يېشىل شىۋىرلاش


كۆزلىرىمنىڭ تېگىدىكى چۇڭقۇرئاڭ چېغىر يول بويلاپ كەلگەن شاماللارغا نازاكەتلىك،ئاسايىشلىق كۈيلىرىنى تۆكمەكتە.


شەكلى سۇنغان تەبىئەت ھايات چەشمىلىرىنى ئاۋالقىدەكلا نوقسانسىز ۋە ئەسەبىيلىك بىلەن چاچالايدۇ. ئويغاق ھېسلارنىڭ ئەسلىمىلەرنىڭ ئوتتۇرىنى ۋاراقلاپ چىققۇدەك جۈرئىتى بارمىكىن؟


كۆزلىرىمنى كۆزلىرىڭگە يېپىنچا قىلاي،يۈرىكىمنى يۈرىكىڭگەتېڭىنچا قىلاي.قەلبىمنىڭ ئارسىز دوقمۇشلىرىغا يۇشۇرنۇپ،ئوتلىرى تىرىك جىسمىمنى كۆيدۈرەلمەيدىغان باتۇريار.ئېسىۋېلىپ بوينۇڭغا تۇمار،سېھىر-غەلەتلىرىڭنى قىلىۋال ئىزھار.


خىيال پىكىرىدىن گۇمان تۇغۇلىدۇ.


سەھەرنىڭ گۈل چىراي ئېقىنلىرى غەمسىز كۈلكىلەرگە زىنھار يۇلۇقمىغاي،مىسكىن قۇشلارنىڭ يەڭگىل سايراشلىرى پىنھان سۆيۈشلەرگە ئاپئاق يول بەرگەي. خۇشبۇي ياشلارنىڭ مۇرۋەتلىك تامچىللىرى تۇمۇرلاردىن تۇمۇرلارغا شۇڭقىغاي.ئالىيجاناپ قاراقلار سەمىمىي تەبەسسۇم ئۈچۈن ئەڭ ئەزىز جانلىرىنى ئايىمايدىغان بولغاي.


ناخشىلار جاراڭلاپ ئاتەش سۈكۈناتقا ئايلاندى.باياۋاندىن بۆلەك خازان بولمىغان يەر ئاز قالدى. مەڭگۈلۈك سەپەر ئۆمۈچۈك تورىدەك باراقسانلايدۇ.


مۇقەددەس تۇپراقنىڭ پاكلىقىنى دەپ ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز.ياپيېشىل دەرەخلەردىكى ئېزگۈلۈك پىچىرلاشلارتوققۇز كوچا دوقمۇشىدا ئەبەدىلئەبەد شىۋىرلاپ تۇرغاي.



ئىشەنچنىڭ كۈچى


كۆڭۈل گۈلشىنىدە قىيامغا يەتكەن ئاتەش نەپەسلەر قار توزانلىرى ئىچرە ئاپپاق يالىلدايدۇ.


  كۆزلەرنىڭ چاقناشلىرىدىن نامايان بولىۋاتقان پەرياد ساداسى قاراڭغۇ كېچىلەرنى زىلزىلىگە سالالايدۇ.


  كامالەت ئىستەيدىغان قىزغىن سۆيگۈ غۇنچىسى كۆپكۆك يورۇقلۇق ئىچرە يېڭىدىن ئېچىلىدۇ ۋە باتۇرنى ئەس-ھوشىدىن ئايرىيدۇ.


  سۆز تەبەسسۇمىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ھەم لاتاپەت بىرلە لىلغان ھەربىر دۇردانىسىنىڭ گۈللىشى ئۈچۈن مىھىرلىك قاراقلار نۇر چېچىپ تۇرىدىغان بولىدۇ.


  تورغاينىڭ سايرىشى نېمە دېگەن مۇڭلۇق!


  بۈركۈتنىڭ پەرۋازى نېمە دېگەن  سەلتەنەتلىك!


  قىزىل گۈلنىڭ ھىدى نېمە دېگەن پۇراقلىق.


  قەلئەگە تاڭ قىيا باقتى.تىنلىغلاردا مىدراش ئەۋىج ئالدى.قۇۋۇق قېقىلدى.


ـ پەرىشتىلەر بىزگە يول بېرىڭلار!


- نېمە ئۈچۈن؟


-بىز ئەر بولايلى، ئەردەك ياشايلى دەپ كەلدۇق...


  كۆزلەردە ھاياجان، كۆڭۈل دولقۇنلىغان


-بىز ئۈچۈنمۇ؟


- بارلىقىمىز ئۈچۈن


قۇۋۇق ئېچىلدى.


...  ...  ...


- بۇلبۇلنىڭ سايرىشى نېمە دىگەن يېقىملىق!


- سۇنىڭ سايرىشى نېمە دېگەن چىرايلىق!


- ھىلال ئاينىڭ سايىسى نېمە دېگەن ئۇزۇن!


قورغان خۇشپۇراققا تولدى. سۈزۈك چاچلىق قىزنىڭ تاللىشى بۈيۈك ئىدى.


  بىر قانچەيلەن بىر يىگىتكە پوپوزا قىلماقتا، ئىتتەرمەكتە. يىگىت ھاڭ-تاڭ.


  قولۇڭنى تارىت-قىز ھۆركىرىدى، ئۇنىڭ ئاۋازى ئانا بۆرىلەردەك، يۇلتۇزلارنىڭ  يالىت-يۇلىت يورۇشلىرىدەك ئىدى.كۆزلىرى غەزەپتىن چاقنايىتتى،ئۇنىڭ مەغرۇر تۇرقى باشقىلارنى ئەيمەندۈرەتتى.


  ئۇلاردىن بىرەيلەن قىزدىن سورىدى:


- ئۇنى ياخشى كۆرەمسىز؟


- جېنىم بىلەن


  سورىغۇچى جىمجىت تورۇپ كەتتى. بۇ جىملىقتىن ئادەمنى ۋەھىمە باساتتى.ئات تۇياقلىرىنىڭ ئاۋازىدەك دۈپۈر-دۈپۈر سوققان يۈرەك رېتىمىنى ياندىكى ئادەم بىمالال ئاڭلىيالايتى


  بىز كېتەيلى-دېدى سوراقچى ئەلەم بىلەن.


  ئەگەشكۈچىللىرى كېتىپ قالدى.


  بىزمۇ ماڭامدۇق؟-دېدى قىز يىگىتكە كۈلۈمسىرەپ. ئەمما بۇ قېتىمقى ئاۋاز يۇمشاقلىقتا پاختىدىن، سۈزۈكلىكتە سۇدىن، ئاقلىقتا قەلىبدىن يۇكسەكرەك ئىدى.ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئىزغىرىن شامالدىن ،\ئىللىق، ئاسماندىن كۆك، يوپۇرماقتىن سۈيۈملۈك، ئوتتىن ھارارەتلىك،لەۋدىن گۈزەل نۇر چوغلىناتتى.


2009.12.27


جاكار


ئەسلىمەسلىك،ئەسكە ئېلىشقا تىرىشماسلىق بىلەن ئىلگىركى خىياللىرىمنىڭ لەرزان پەر سىلكىشلىرىنى يىراقلارغا تاشلىۋېتىمەن.


  ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن قاقشال سىماغا بولغان خوراشلىرىم.


  ئاخىرىدا ئىرىشكىنىم رەڭسىز تۈتۈن، قېنىق تۇمان.


  بارلىق ئۈمۈد ئىستەكلىرىم ۋۇجۇدۇم گۈلخانىدا تاۋلىنىدۇ ۋە گۈزەللىك بۇلىقىنى دەپ قىلدەك تولغىنىدۇ.


  مەيۇس كۆزلەرگە بىر تىكىلىشلىك مىھىر بەر، ئۇلار قەھرىتاندىمۇ قۇياشنىڭ ئىللىقلىقىنى بلگۇدەك بولغاي.پەرىشان دەقىقىلەر قارچۇقلاردىكى ئورنىدىن ئەبەدىلئەبەد مەھرۇم قالغاي.


  ھەممىدىن ۋاز كەچكەندە باشقىغا ئېرىشىش ناتايىن.


ئارزۇغا تولغان سايىلەر كېچە كەڭلىكىگە چۈشكەن.يېتەرلىك خىيال بىلەن نەملەنگەن كىرپىكتىن چاچرايدىغىنى نەپرەت ئۇچقۇنى.


  چۈشلىرىمدىن سېنى ئىزدەي، شۇنداقلا چېچەكلەرگە قۇشىلاي.تىۋىنىشىڭ بولۇپ، تىلىكىڭنى ۋەيران جىسمىمگە جاكارلاي.


يۈرىكىمگە ئەسەبىيلىك ئۇۋا سالغان، بۇزىۋېتىشكە ناتىۋانمەن.


ئۈچۈن


كۆزلىرىڭنىڭ تەبەسسۇمى ئۈچۈن جېنىمنى تەقدىم قىلاي،گۈل رەڭلىك تىكىىلىشلىرىڭنى ماڭا تۆك،ئۇنى ئىپار بىلىپ ھوزۇرلىناي ۋە يۇيىناي.


  سائادەتلىك يەنە بىر كۈننىڭ ئۆمرۈم گۈلشىنىگە سەدەپتەك يورۇق تۆكىشى ئۈچۈن، پەرىشان بولماسلىققا ۋە ئەبەدىي ئۈمۈدۋار بولۇشقا ۋەدە بېرەي.


پاكىز كۈلكەمنىڭ بىناۋا كۆڭۈللەرگە رىغبەت بېرىشى ئۈچۈن،تەبەسسۇمسىز دەملەردىن يىراق بولوشقا ۋە ئىللىق باھار تەپتىدەك ئېچىلىپ تورۇشقا ئىنتىلىدىغان بولاي.


  چېچىمغا باغلانغان ئەقىدەڭنىڭ ئاجرىماسلىقى ئۈچۈن،زەڭگەر قاراقلىرىمنى يوللىرىڭغا پايانداز قىلاي ۋە ئۈنۈپ چىققان چېچەكلەر بىلەن سېنى مەسىت قىلاي.


پىراقىڭ ئوتلىرى ئۇستىخانلىرىمنى كۈل قىلغانلىقى ئۈچۈن،ياشلىرىمدا ئۇنى ئۈچىرەي ۋە قايتىدىن گۈلخانغا ئايلاندۇراي، ئاتەش چوغلىنىش ۋۇجۇدۇم بەرگىنى يۇمران تىلەكلەرگە تولدۇرغاي.


  ساخاۋەتلىك چاناقلارنىڭ تۈن قوينىغا ئەسىر بولىشى ئۈچۈن باتۇرۇم، يۇلتۇزلارنى كىرپىكىمنىڭ تىرەنلىكىگە يوشىرىۋالاي ۋە ئۇنىڭدىن چاقنىغان ئۇچقۇنلاردىن كېچە قاراڭغۇلىقىنى نۇرغا چۆمكەي.


سەن


كۆزلىرىڭنىڭ قىيا بېقىشلىرىدا مەن ھېس قىلغان، مەن زارىققان، مەن كۈتكەن ئېسيان پەسلى بار.


  سېنىڭ جىمجىت سۈيىلىۋاتقان، ئۇپۇققا تۇتاشقان لەۋلىرىڭ!


  سۈتلۈك ياپراقلاردا مەن پۇرايدىغان، مېنى مەست قىلىدىغان،مېنى ئۆرتەيدىغان غۇر-غۇرشامال بار.


  ئېھ سېنىڭ لەرزان كۈيىۋاتقان، ئاپپاق قاشتېشىدەك چېھرىڭ!


  قارىچۇقلىرىڭدا مېنى سۈزۈلدۈرگەن، مېنى غۇنچىلاتقان، مېنى ئۇچۇرما قىلغان زەڭگەر چېقىلىش بار.


  ئېھ، سېنىڭ ئىزغىرىن مىھىردەك پاكىز، ئېقىم سۇ كەبى چاچلىرىڭ!


  كىرپىكىڭدە ماڭا تەبەسسۇم قىلغان، مېنى باراقسانلاتقان، مېنى ئوۋلايدىغان  سەمىمى تىكىلىش بار.


  ئېھ،سېنىڭ يۇلتۇزنىڭ چۈشىدەك لاتاپەتلىك، ئەبەدىيلىككە يەتكەن يۈرىكىڭ!


  قەلىبلەرنى قۇترىتىسەن، كۆڭۈللەرگە ناشۇدلۇق ئىلكىدە ئەرك بېرىسەن.روھلارغا ئاداققى ئويغىنىش چاچىسەن.


  سەن-تىلسىم، سەن-ياراتقۇچىنىڭ بۈيۈك ئىلتىپاتى.سەن-چىنلىق، سەن-سىھىرلىك، سەن-مۇھەببەت،سەن-گۈزەللىك مۆھتىرەم شېئىر.


ئالما


ئىزغىرىن شامالدا يىنىككىنە تەۋرىنىۋاتقان قاتار-قاتار ئالما دەرىخى ۋە ھۈپپىدە ئېچىلغان ئاپپاق چېچەكلەر.لەرزان چېچەكلەردىن شىرىن چۈرۈك ئالمىلارنىڭ بولىدىغىنىغا ئىشەنمەيدىغان كىم بار؟


  بىر تال ئالمىنىڭ سەۋەبى بىلەن شاھزادە پارىس گۈزەل خانىش ھېلىننى ئېلىپ قېچىپ،ئون يىللىق ترويا ئۇرىشىغا پىلتە ياقتى. ئۆلمەس قەھرىمانلارنىڭ تىنىدىن بېشى جۇدا بولدى. قىرغىنلىق ئەۋجىگە يەتتى.


  بىر تال ئالما چىن تۆمۈرنىڭ كۆزىنى ئاچتى ۋە ئاسىي مەختۇمسىلانىڭ گۇناھىغا كاپالەت بولدى.


  چېچەك ھىدى ئەتراپقا تارايدۇ.


  سىھىرگەر پىرىخونلارنىڭ قولىدا ئېيىققا، كىيىككە ئايلىنىپ قېىۋاتقان سۇمباتلىق خانزادىلەر، چىرايلىق مەلىكىلەر.


  ئالمىنىڭ يۈرەككە ئوخشايدىغىنىغا گۇماندا مەن.


  ئالما چېچەكلىرىنى بارماقلىرىغا كەشتىلەۋاتقان نازۇك قىزلار، ئالمىدەك يارلىرى ئۈچۈن سىناق مەيدانىدا جېنى بىلەن ئېلىشىۋاتقان مەردانە يىگىتلەر.


  سۇغا ئاتسا لەيلىيەلمەيۋاتقان ھەم چۆكەلمەيۋاتقان شىرىنجاننىڭ ئالمىسى.


  چېچەكلەر تەقەززالىقىدىكى ئالما.


  ئانىلارنىڭ نەزىرىدىكى بوۋاقلارنىڭ ئالمىدەك مەڭزى...


  قىزلارنىڭ ئوغۇللارنىڭ قەلبىنى ئالما بىلەن قوبۇل قىلىشى ۋە ئالمىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى.


  ئېيىق شاھزادىنىڭ ئالمىغا بولغان چۇڭقۇر نەپرىتى،كىيىك مەلىكىنىڭ ئالمىغا بولغان كۈچلۈك يىرگىنىشى،ئۇلار ئۆمۇر بويى ئالما يىمەسلىككە قەسەم قىلىشقان.


  قاسراقنى ھېچكىم ئالمىغا ئوخشاتمايدۇ.


  يانتاقنى ھېچكىم ئالمىغا ئوخشاتمايدۇ.  


  ياپراقنى ھېچكىم ئالمىغا ئوخشاتمايدۇ.


  ئالما چېچەكلەردىن بولىدۇ، لېكىن بارلىق چېچەكلەردىن ئالما پىشمايدۇ.


  ئېھتىمال ھېلىقى چۈمۈلە تۇزلۇق ئالمىغا ماڭدى.


  سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ كومزىكى ئىككى تال ئالما...


  مەن ئالما ئەمەس، گۈل ئەمەس، كەپتەر ئەمەس، تىكەنمۇ ئەمەس، زىنھار ئەمەس.


  قىزلارنىڭ ئوخشىشى يوق، ئەمما ئۇ ھەممىگە ئوخشىتىلىشى مۇمكىن،مەسىلەن پەرىشتىگە، يەنە جادۇگەرگە.


  ئالمىدا سىھىر، ئالمىدا مىھىر، كۈيۈم مۇھەببەت،


  ئالمىدا سىھىر، ئامىدا مىكىر،ئۈلۈم ھەم نەپرەت.


مۇھەببەتلىشىش


مەن يەنە مۇھەببەتلىشىش ھەققىدە سۆزلىدىم. مۇھەببەتلىشىش سۆزلەيدىغان نەرسە ئەمەس، خالىسا ئۆزى سۆزلەيدۇ.


  سۆيگۈ گۈلىنىڭ ئېچىلىشى ئىككى سىرداشنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.


  دەرد ئېيتىش، ئەخمىقانە پاراڭلار بىلەن ۋاقىتقا خىيانەت قىلىش مۇھەببەتلىشىش ئەمەس.


  كېچە-كېچىلەپ باشقىلاردىن زارلاش، يالۋۇرۇش، ئەركىلەش مۇھەببەتلىشىش ئەمەس.


   ۋارقىراپ-جارقىراپ ئۇرىشىش،باشقىلارغا دەخلى قىلىش مۇھەببەتلىشىش ئەمەس. چۈنكى مۇھەببەتلىك قەلىپ ھېچكىمنى ئاۋارە قىلمايدۇ.


  مۇھەببەتلىشىش ئادەت ئەمەس، خۇدا ھەققى ئۇ ئادەت ئەمەس.يېپىنچىسىز ۋە تونسىز گەپلەرنىڭ جۇغلانما ساندۇقىمۇ ئەمەس.ئۇ شىرىن كۆيۈش، بارلىقى بىلەن سۆيۈش، ئىزغىرىن پىچىرلاش، ئىزگۈ تىلەك، بىر تاللا يۈرەك خالاس.





ئەتىۋارلىقىمغا





ساڭا كۆيىمەن


سىھىرلىك يامغۇرنىڭ تىۋىشلىرىدەك، چۈشىۋاتقان لەرزان يۇپۇرماقلاردەك، يامغۇر يېغىۋاتقاندىكى شىرىن خىياللاردەك ۋە ئۈزۈلمەس سۆيگۈ ئېقىنى بولۇپ، دەقىقىدە بىر گۈلزارلىقىڭغا قۇيىلىمەن.


سېنى سۆيىمەن


ئەتىۋارلىق كەچكۈزدىكى مول ھوسۇل- شادلىقى چاقناپ تۇرغان جۇشقۇن قارىچۇقلىرىم بىلەن، تولۇنئاي سۈزۈك يورۇقلىرىنى بەرگەن ئاپپاق، تىۋىشسىز كېچىلەر بىلەن، شۇ كېچىلەردىكى مەزمۇد دەرەخلەردىكى يوللۇق ئارمانلار بىلەن ۋە تۈگىمەس نۇر ئېقىمى بولۇپ، تىنىقتا بىر يۈرىكىڭگە تامىمەن.


ساڭا ئاشىقمەن


يېڭى ئۈنگەن، پۇراقلىرى دىماقنى يارغان يۇمران كوكاتلار ئارا، باش باھاردىكى بەكمۇ كۆركەم، تولىمۇ چەكسىز سەھەر پەسلى ئارا، گۈللەرنىڭ پورەكلەشلىرى ئىچىدىكى بىغۇبار شەبنەمنىڭ كۈيىۋاتقان دولقۇنلىرى ئارا ۋە شۇ سەھەردىكى مۇزدەك جۇلالىق، قۇياشتەك چىرايلىق گۈزەللىك بولۇپ، ھەر تىكىلىشلىرىڭگە گۈررىدە ئاقىمەن.  


كۆزلەرنىڭ تىلى


  شەپەق ئىچرە يالقۇنجىغان ساداسىز ئوتتىن نازۇك ھەم ھارارەتلىك تەبەسسۇم بالقىب، نۇمۇسچان قىزنىڭ لىۋىدىكى ئىللىق جىلۋىنى نامايان قىلاتتى.


  ئاسمان دەرياسىدىكى قورام تاش كۆيگەن ھالەتتە يۇلتۇزغا ئوخشاش چىرايلىق ھىدقا چۆمىلەتتى.


  غايىبانە بىر جۈپ كۆز ساما بوشلۇقىغا ئېسىلىپ، تىنىق، سۈزۈك قارىچۇقلىرىمغا شىددەتلىك سانجىلاتتى. ئۇ كۆزلەر ھەيۋەتلىك، قىزغىن، يالقۇنلۇق، يۈرەكلىك، سوئاللىق ئىدى.


-كۆزنىڭ قايسىسى ئەڭ چىرايلىق؟


-ھەقنى كۆرىدىغىنى


-تەسەۋۋۇرغا شۇنچە كۈچلۈكمۇسەن؟


- ياراتقۇچى ئالدىدا يوق ھېسابىدا مەن


-پەرۋا قىلماسلىق دېگەن نېمە؟


-غورۇرلۇقلۇق، كەڭ قورساقلىق


-كۆڭۈلگە قانداق قارايسەن؟


-ئۇ ئەڭ ئەسەبىي، ئەڭ گۈزەل تۇيغۇلۇق ھەرىكەت


-نىشانىڭدىن تايمامسەن؟


-ياق


-ھېسىياتىڭ ئالدىسىچۇ؟


-مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقا مۇمكىنچىلىك قالدۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئەقلى بىلىشتۇر.


-نېمە دېمەكچى؟


-ھېچنىمە


  ئوت لاۋۇلدىماقتا، چوغنىڭ شولىسى بىپايانىلىققا سوزۇلغان. بۈككىدە تارالغان سۈزۈكلۈك يېشىندەك روشەن، پەرىدەك باھاسىز.


-كۆڭۈلنى بىراۋغا ھەدىيە قىلمامسەن؟


-كەلگۈسىگىمۇ؟


-ئالدىنقىسىغىچۇ؟


-قاندۇرغۇچىنىڭ ئولۇغلىقى ھەممىنى ئوڭشايدۇ.


-قەلبىڭدىكى غايىبانە باتۇرغا قانداق قارايسەن؟


-سىھىرلىك


-گۇڭگىلىقتىن زېرىكمىدىڭمۇ؟


-پىنھانلىقتىن سائادەت تارايدۇ


-مۇشۇ پېتى ماڭماقچىمۇ؟


-ئەلۋەتتە


-پەرۋا قىلمايسەن؟


-شۇنداق


-پىداكارلارغىچۇ؟


بەرىبىر


-قاپ يۈرەككەنسەن؟


-ئېنىق


ـ ئۆتۈپ كەتكەن ئەسەبىي!


-دۇرۇس


- ساراڭ!


-راست


-باغرى تاش!


-بەرھەق


-تىرىكمەمسەن؟


-ھەئە


-خۇپسەن!


-شۈبھىسىز


-ساڭا ئۆچ بولۇپ قالدىم!


-ئىختىيارىڭ


-سەندىن نەپرەتلەندىم!


-مەيلىڭ


-سېنى بىر ئۆمۈر قارغاپ چىقىمەن!


-كۆڭلۈڭ


  سۆزلەردىكى تۈس، قارىچۇقتىكى نۇر، قەلىبتىكى تىرەنلىك قاراڭغۇلىققا چۈمۈلدى. قۇتۇلۇش ئىستىكى جاننى ئۆرتەيتى. تۈن چېچەكلەردەك ياغاتتى. كۆز غەزەبلىنەتى، كىرپىكلەردىكى ئەركىلىتىش ئاللىقاچان نامسىز ئىشارەتكە ئايلىنىپ بولغان.


-ئۇنتۇش دېگەن نېمە؟


-ئۇ ئەسلىمىنىڭ ئازاب ئاتلىق نۇقسانسىز بىتى. ھەممىنى ئۇنتۇدۇم دېگەن قىپقىزىل ئالدامچىلىق. ئەمەلىيەتتە بارلىق نەرسىلەر قەلىب قەسىرىگە لىپمۇ-لىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغان بولىدۇ. ئەسلىدىم دېگەنمۇ يالغان، چۈنكى ئۇنىڭ ئۇنتۇشتىن بېلەك ئەسلىگۈدەك ھېچنىمىسى قالمىغان.


-ئۇنداقتا بىراۋنىڭ ھاقارىتىنى ئەسلەمسەن؟


-ئاۋۋال ئۆلەي، ئاندىن ئۇنتۇي. ئۇنتۇش مەۋجۈت جايدا ئەسلىمىگە ئورۇن يوق .


-مۇھەببەتنىڭ چېكى نەگە تۇتىشىدۇ؟


-مېنىڭچە ئاللاغا تۇتىشىدۇ، ئۇ كائىناتنى ، ئىنسانلارنى ياخشى كۆرۈشتە ئىپادىلىنىدۇ.مۇتەپەككۇر ئىبنى مۇقەفففە 《مەن بىر كۈنمۇ دىنسىز ئۆتۈشنى خالىمايمەن》دەپتىكەن. بىز بىر مىنۇتمۇ مۇھەببەتسىز ئۆتۈشنى ئۆزىمىزگە راۋا كۆرمەسلىكىمىز لازىم.  ئىتىقاد-ياشاشتىن دېرەك بېرىدۇ.


-دېگەنلىرىڭنى ئىنكار قىلىدىڭغۇ؟


-شەيئى زىددىيەتكە تولغان.


  قاراڭغۇلۇق ئاستا-ئاستا تارقاشقا باشلىدى. قارىچۇقلار شىرىن ۋە تەخىرسىز سۆزلەيتى. سۆزلەر نەپەسلىنەتتى.نەپەس گۈلدەك لاتاپەتلىك، تاشتەك ۋەزمىنلىك، باھاردەك ئىزغىرىن، ئەنبەردەك خۇشبۇي، تالدەك ئەۋرىشىم ئىدى. گۈل ئېچىلاتتى. تاش ئىللىق نۇر چاچاتتى. باھار يېشىللىق تۇغاتى. ئەنبەر جىلۋىلىنەتتى. تال سالقىن تەۋرىنەتتى. پەقەت شاماللا كۆرۈكمەس پاكلىقنى يوشىرۇپ، قۇتلۇق لەۋلەرگە يەڭگىل سۆيەتتى. ھېلىقى گۈلدۈرمامىدىك مۇنازىرلىشىشلار ئاستا-ئاستا تىنجىپ، ئاپپاق ھېسلار ئەۋجىدە نۇر بولۇپ قۇيىلاتتى.


ھىلال قىزنىڭ ۋۇجۇدى


گۇگۇمغا پاتقان خىيالىمدا رەڭسىز دوقمۇشتىن سۈزىۋالغان سەدەپتەك نۇرلارنى سۈمۈرىۋالىمەن.
توساتتىنلا ئۇچرىشىپ قالدۇق
تارتىنچاق چۈشتىن كېيىن.
شەپەق ئاللىقاچان يوقالغان. قىزىرىشقا ھەققىمىز يوق، گاڭگىراش گۇمراھلىقىغا يۈزلەنگەن
دېڭىزغا تەقلىد قىپ تەبەسسۇمىڭنى
قۇم قىرغاق ياسايمەن شەبنەملىرىڭدىن.
ئەڭ غالىب تۇرقۇمدا مېھرىم بىلەن ساڭا قىيا باقتىم. شېرىن بىر ئازاپ يۈزۈڭدە جىلۋە قىپ تۇراتتى.
پىچىرلاپ سايەڭنىڭ كۆلەڭگىسىگە،
ئۆرتىنىپ ھەر تۈندە ئېرىپ كېتىمەن.
پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى قاماللىۋالغان تىمتاس يۈرىكىڭنى ئىرغىتىپ تاشلاپ، مەۋجۇداتقا تەلمۈرسەم.
تۇپراققا سىڭمەكتە زەڭگەر يوپۇرماق،
ئاپئاق بىر ھالەتتە ئۆكسۈپ بۇقۇلداپ.
قوقاسلانغان تاقىتىمدە كۈلگە ئايلانغان قاقشال بىر ئارمان ئۆچتى. سېھىرلىك قەلئە بۇ رەت چاقنايدۇ.
قان پۈركۈپ يۈرگەندە سۈزۈك يېشىللىق،
چوغسىمان لەيلەيدۇ قىران ۋاز كېچىش.
قورغاندىن چىققۇدەك مادارىم بار. تېڭىرقايمەن، بوشلۇقتا روھىيىتىمنىڭ ئۇپىقى لاۋىلداپ پۇلاڭلايدۇ.
ئەسلەيمەن شۇ قەدەر تاتلىق پىچىرلاپ،
ئۈنلىگەچ قەلبىڭدە قىزىل گۈل بولۇپ؛
ۋۇجۇدۇمغا سۆيگۈ مۇجەسسەم. ھىلال ئاي چاقنىغان تىلسىم كېچىدە پايانلىقنى شەرەتلەپ ساڭا يوللايمەن.


تەۋەلىك


يامغۇر بىلەن ياغقان يۇلتۇزلار گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان يۈرەككە يۇمران تۇيغۇلىرىنى ئەسلىتىپ قويدى. ئوڭۇمدا بىرلا قىز ئىدىم.
خىيالىمدا گۈلگە ئايلانسام،
بۇلبۇل بىلەن ئۇچۇپ كېلىدۇ
سېغىنىشتىن ئاقارغان دەملەر.
خىيالىمدا گۈلگە ئايلانماي قۇش بولدۇم
قىز-گۈل
تۈن -ئېكىنزارلىقىمغا قولىنى ئۇزاتتى. چۆچۈپ كەتتىم. بۇ ئاخشام ئۇخلىماسلىق ئۈچۈن ئۇخلىشىم كېرەك ئىدى. ئويلىرىمنى سەن ياپراق بولۇپ، يۈرىكىمگە تامچىغاندا،ناگان-ناگان سۈرۈپ قويسام بولاتتى.
بۇ ئاخشامدا خىياللار بەك كۆپ،
تەنھا ھالدا چېقىپ تاشلايمەن.
سېنى راستىن سۆيۈپ قالغاندا.
سۆيۈش-شېرىن، سۆيۈلۈش-تاتلىق. سېنى سۆيمەسلىكتىنمۇ، سۆيۈپ قېلىشتىنمۇ قورقىمەن. سۆيسەممۇ ئازابلىنىمەن، سۆيمىسەممۇ ھەم. شۈبھىسىزكى، بۇ گاڭگىراش پاجىئەدىن دېرەك بېرىدۇ.
دېرىزەڭگە قونۇۋالغان كۆزلىرىمگە قاراپ نېمىلەرنى دېگەن بولغىيتتىڭ؟ مەستخۇش ھالەتتە چۈش قاينىمىغا كىرىپ قاپتىمەن، ئاشۇ تىۋىشلارنى ئاڭلاش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقلىرىم كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى.
جۆيلىمەيمەن ئىسىڭنى توۋلاپ،
پەقەت ساڭا قىلاي سەدىقە
باھاردىكى تىكىلىشلىرىمنى.
ھەر ھالدا مەكتۇپ يوللاپ ئەۋەتىدىغان غالىب ھېسىياتقا ئىگە بولدۇم. خەتداننىڭ ماركا ئورنىغا، يېڭىدىن بىخلىنىۋاتقان كۆپكۆك چاناقنىڭ قۇملۇقنىڭ تېگىدىن كۆتۈرۈلۈپ، چوقچىيىپ چىقىشقا باشلىغان قەلئەگە تىكىلگەندىكى قىياپىتىنى چاپلايمەن. دېمەك مەغلۇبىيەت ئۇزاپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭغا سېنىڭ يۈزۈڭنى قىلىپ، مۇشۇ بىر قېتىم ئاق يول تىلەپ قوياي، سىماسى يۈتكۈچە قول پۇلاڭلىتاي.
توساتتىن بۈككىدە ئورمان، دەريا، ئاپئاق قەلبلىك تاغلار بىلەن قورشالغان ئورمان پەيدا بولدى. سېنى چاقىرىۋاتىمەن، يۈرەكلىك ھالدا ئىسمىڭنى توۋلاۋاتىمەن باتۇرۇم. تومۇرۇمغا قۇلاق سال، ئەڭ گۈزەل پەسىلنىڭ قېنى دىماغنى يارغۇدەك مەززىلىك پۇراق تارقىتىۋاتىدۇ.
تىمتاسقىنا كۈلىشىپ تۇرۇپ،
يۇلتۇزلاردىن قەسىر قوپۇرساق
تولۇنئايدەك سىرلىق كېچىدە.
قرغاندىن چىقىدىغان چاغ بولدى باتۇرۇم. سۈبھى كۆتۈرۈلۈشكە ئاز قالدى.



دوقمۇش



  قەترە-قەترە يىلىنجاش

  نۇر بولۇپ تۆكىلىۋاتقان زارىقىش

  تىتما-تىتما بولغان سېغىنىش

شۇ قەدەر غالىب، مەغرۇر يۈرىكىڭ بار، ھەريان تىپىرلاپ تۇرىدىغان كۆزلىرىم بار مېنىڭمۇ

  ئىلتىپات كۆرسىتىشىڭگە مۇھتاج ئەمەسمەن.

قانسىرىغان ۋۇجۇدۇم بىلەن يالقۇنجاۋاتقان يۈرىكىمنى بىر ئىلىك خورىتىشقا تىرىشىمەن.

  كىرپىككە قونغان شەبنەم، سەلتەنىتىدىن مەھرۇم بولغان كۆز يېشى. چاچلىرىمنى چىرمىۋالغان رەڭدار ئۈمۈدسىزلىك، ئۇنىڭ كۆلەڭگىسى ۋاقىت كەڭلىكىدە ئۇزارغان.

  ئىشقىمغا ئىشقىڭلا تەئەللۇق.

  كۆزۈمنى ئەپقاچمىسام، تىككىدە قاراپ مىھىر شۈمۈرسەم بولاتتى. ئىرىشكىنىم مۇزدەك تىكىلىش، تۇزدەك سېغىنىش بولدى ئاقىبەت.

  ئاشۇ دوقمۇشنى ئىككىمىزنىڭ بوسوغىسى دەپ ئاتايمەن. سەن كىرىسەن، مەن چىقىمەن، سەن چىقىسەن، مەن كىرىمەن. ئىشىك ئېتىلمىگۈچە ھەي،،، بىز ئۇچرىشالمايمىز.


2008-12



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-11 10:44:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكتۇلۇننىڭ نەسىرىلىرى ھەقىقەتەن مېنى قايىل قىلدى. قۇرلار ئارىسىغا سىغدالغان پىكىر سالمىقى خىيال كەپتەرلىرىنى قاناتلاندۇرىدىكەن.....شېئىرلىرىمۇ ئۆزگىچە تېخى. يېقىندا تارىم ژورنىلىدىن ئوقۇغان ‹قىزغىن يىغلاش› ناملىق شېئىرلىرى مېنى سىلكەندۈرگەن ئىدى....
خاسلىق سىزگە مەڭگۈلۈك تاج بولسۇن! ئالغا.....

ۋاقتى: 2012-4-11 11:04:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاينۇر مەھەممەتنىڭ ئىجادىيەتكە باسقان ئىزىدىن خۇش پۇراق گۈللەر ئۈنسۇن.

ۋاقتى: 2012-4-11 14:37:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تازا ئۇسسىتىپ ئاندىن يوللايدىغان شېئىرلىرىڭىزنى  ھەر دائىم كۆرسەم دەيمەن كۆكتولۇن.

ۋاقتى: 2012-4-12 11:45:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات بېغىمىزنىڭ مېھىرلىك پەرۋىشكارى، سەمىمىي قەلب ئىگىسى ئاينۇر مۇھەممەد كۆكتولۇن بىلەن تونۇشقانلىقىم مېنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زور خۇشاللىقىم. ئۇ نەدىلا يۈرسە ئەدەبىيات ئۈچۈن، مەنىۋىيەت ئۈچۈن كۆيىدۇ. شۇنداق ئەقىدىلىك، ئىرادىلىك قىزلىرىمىزنى ئاللاھ سالامەت قىلسۇن.

ۋاقتى: 2012-4-12 12:57:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باسقان ئىزلىرىڭىز گۈل-چېچەكلەرگە پۈركەنگەي!
نەسىرلىرىڭىزمۇ شىئىرلىرىڭىزدەك كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايدىكەن.

ۋاقتى: 2012-5-12 14:35:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكتولۇنغا  قۇت تىلەيمەن

ۋاقتى: 2012-5-12 15:42:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىڭلىم ئاينۇر مۇھەممەد كۆكتۇلۇننىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن

ۋاقتى: 2012-5-21 04:32:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتدېشىم(بىر يېزىلىق ئىكەنمىز)ئاينۇر مۇھەممەد كۆكتولۇننىڭ مول ئىجدىيەت مىۋىللىرى ئارقىلىق،ئەدەبىيات- سەنئەت بېغىمىزنىڭ رەڭدار ،مول ھوسۇللۇق بولىشىغا  تۆھپە قوشۇشىغا تىلەكداشمەن ھەم شۇنداق قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن.سىزگە ئۇتۇق،نەتىجە ،خاتىرجەملىك مەڭگۈ يار بولغاي!

ۋاقتى: 2012-5-21 08:56:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن ئاينۇر قىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا بارىكاللا!

ئەسەر ئالدى بىلەن ئاپتورنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى بايان بىلەن باشلىنىپتۇ....
ئوقۇدۇم، بۇ جۈملە دىققىتىمنى تارتتى:

‹‹ پىنھان ياشاۋاتقىنىمنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئۈمۈدۋار بىلەن تونۇشتۇم.))
بۇ جۈملىدىكى پىنھان- يوشۇرۇن دىمەكقۇ؟

‹‹پىنھان سۆيگۈ›› بار،
ئەمما ‹‹ پىنھان ياشاش›› مۇمكىن ئەمەسقۇ دەيمەن....
(مۇمكىن بولۇش ئېھتىمالى بار بولسا:

ئىنسان پىنھان ياشىغاندا، ھىچكىم بىلەن ئالاقە قۇرماي، يالغۇز، يەككە-يىگانە،
يوشۇرۇنۇپ ياشاش- دىمەك بولۇپ قالىدۇ.)

يۇقۇرىقى جۈملىدە سۆزنىڭ خاتا ئىشلىتىلىپ قالغىنى مۇقەررەر- دەپ ئويلىدىم.

بەلكى بۇ جۈملىدە ئىپادىلىمەكچى بولغىنى:
‹‹ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ياشاۋاتقانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئۈمۈدۋار بىلەن تونۇشتۇم››-

دىمەكچى دەپ ئويلايمەن.

ئەدەبىياتچىلاردىلا ئەمەس، ئادەتتە بارلىق ئىنسانلار- ئىشلەتكەن سۆزلىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك-

دەپ قارايمەن.


ئاينۇر قىزنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق، تۇرمۇشىغا بەخىت تىلەيمەن!





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   =intizar= تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-21 09:26  


ۋاقتى: 2014-4-30 22:20:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىياتتا بىر پەرىشتىنى كۆرگەندەك بولدۇم، ناھايىتى ئىدىتلىق ئىش قىلىدىغان بالىكەنسىز، ئەدەبىيات مانا مۇشۇنداق بالىلارنى ئۆز قوينىدا تەربىيەلىشى كېرەك. ئاپىرىن! زىرىكمەي ئوقۇپ چىقتىم، ئاسمان كۆمتۈرۈلۈپ كەتسىمۇ قەلەمنى تاشلىماڭ سىڭلىم!

ۋاقتى: 2014-5-1 17:13:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاينۇر مۇھەممەد كۆكتولۇننىڭ نەسىرلىرىنى ياختۇرىمەن، ئەسەرلىرى بىلەن كۆپ ئۇچراشمىغان بولساممۇ، لېكىن بۇ قىزغا چوڭقۇر ھۆرمىتىم بار. ئۇنىڭ يازمىلىرىنىڭ تەكتىگە چۆكۈپ كىتەممىسەممۇ، لېكىن ئۇ يازمىلاردىن بىر خىل پاكىزلىق ھەم سۈزۈكلۈكنى ھېس قىلىمەن.

ۋاقتى: 2014-5-1 17:32:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاينۇر مۇھەممەت كۆكتولۇننىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس شەرمىي-ھاياسى ۋە گۈزەل ئەخلاقى، تىرىشچان،جاسارەتلىك روھى مېنى تەسىرلەندۈرۈپ كېلىۋاتقىلى خېلى مەزگىللەر بولدى.
ئۇ ئادىمىيلىكتە ھەقىقەتەن بىر غورۇر ئېگىسى،ئىجادىيەتتە بىر سۈزۈكلۈكتىن بىشارەت بېرىۋاتقان
يېڭى مەنزىل.

                                                                                         -يارغول

ۋاقتى: 2014-5-1 19:43:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكتولۇننىڭ ئەدەبىيات كۆكىدە تولۇنئايدەك پارلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-10-3 01:53:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكتولۇن


يارغول


ئۇ
تۈركىيە مۇزىكىلىرىدەك سوغۇق
ھىلال ئايدەك پۇچۇق
قەسەملەردەك قۇپقۇرۇق بۇ ھاياتقا.
ئاسمانرەڭ قارچۇغىدىكى تەنھالىقى بىلەن
ھارارەت بېغىشلىماقتا..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يارغول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-3 01:54  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش