يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1547|ئىنكاس: 10

تاغ بىلەن دەريانىڭ ھېكايىسى ـ مېھرىبان نىياز چۇغلۇق(17)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
56384329201102021833594309856779541_000_640.gif
[مېھرىباننىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتقانلىرى] مەن 1981-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى كۇچا ناھىيىسىنىڭ دۆڭقوتان  يېزىسىدا تۇغۇلدۇم ( ئاپامنى بايرام ئوينىغىلىمۇ قويماپتىكەنمەن).بالىلىق دەۋرىم باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاشلا ئۇنتۇلغۇسىز ئۆتتى،بىراق ئائىلىدىكى كۆڭۈلسىزلىك سەۋەبىدىن مىجەزىم جىمغۇر چوڭ بولدۇم .باشلانغۇچنىڭ 3-يىللىقىدا ئاچام ئۆيگە ئېلىپ كەلگەن كىتابلاردىن «ئىز»،«10 كۈنلۈك سۆھبەت» قاتارلىق كىتابلارنى ئوقۇپ چقىتىم .كىچىكىمدىن ئۆزۈمنىڭ خىيال دۇنياسىدا ياشاشقا ئادەتلەنگەن ئىدىم .
ئاپام ئېتىزدا ئىش قىلغاچ ياكى كەچلەردە بىزگە نۇرغۇن چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.«ئالتۇن كەش»،«ئۇستاز بىلەن شاگىرت» قاتارلىق چۆچەكلەرنى كىچىك چېغىمدا ئاپامدىن ئاڭلىغان ئىدىم.شۇ ۋاقىتلاردا ئاپام رادىئودىن«مەمەت ئاۋاق» رومانىنى ئاڭلايتى.بۇ خىل مۇھىتقا ئەگىشىپ مەندىمۇ ئەدەبىياتقا مۇھەببەت شەكىللىنىشكە باشلىدى. تولۇقسىز 1-يىللىققا چىققان چېغىمدا مەخسۇس بىر خاتىرە تۇتۇپ «ھېكمەتلىك سۆزلەر» نى خاتىرلەشكە ،«كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى» يېزىشقا باشلىدىم. لېكىن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يىزىپ باقماپتىكەنمەن.
تولۇق 1-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چېغىم ئىدى .بىزگە خوتەن ئالىي پىداگوگىكا تېخنىكومىنى يېڭىلا پۈتتۈرگەن ئابدۇراخمان ئىسىملىك بىر مۇئەللىم دەرس بىرىشكە باشلىدى،ئۇ مۇئەللىم بىزگە دەرىس ئارلىقىدا مەكتەپتىكى ئىش –پائالىيەتلىرىنى سۆزلەپ بىرەتتى.«دەرسخانىدا ئولتۇرۇپ ،ئۈستىنى ئاپئاق قارلار قاپلىغان كوئىنلۇن تېغىنى كۆرەلەيمىز .شائىرىمىز روزى سايىت،يازغۇچىمىز زۇردۇن سابىر ئاكىمىز بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىرلەشتۇق...»دەپ سۆزلەپ بەرسە ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ ئاڭلايتىم .شۇنىڭ بىلەن ئەدەبىياتقا بولغان بۇ مۇھەببەت كۈچلۈك بىر ئوتنىڭ ئىچىدە قولۇمغا قەلەم ئالغۇزۇشقا باشلىدى.مەشىق تەرىقىسىدە شېئرلارنى يېزىشقا باشلىدىم . بۇ جەرياندا كۆپلىگەن كىتابلارنى بىرىلىپ ئوقۇپ تۈگەتتىم .تولۇق2-يىللىقنى پۈتتۈرگەندە «ئۆسمۈرلەر گېزىتى»دە «يامغۇر» ماۋزوسىدىكى تۇنجى شېئرىم ئېلان قىلىندى.ناھىيەلىك رادىئو ئۇزىللىرىدا شېئرلىرىم ئاڭلىتىلىشقا باشلىدى .ئۆزۈمچە خۇش بۇلاتتىم ،بۇ جەرياندا بىر نەچچە خاتىرىنى مەشىق تەرىقىسىدە يازغان شېئرلىرىم بىلەن توشقازدىم .ئالىي مەكتەپكە مېڭىشتىن بۇرۇن ھەممىسىنى دوسلۇرۇمغا سوۋغا قىلىۋەتتىم .شۇ ئەزىز كۈنلەرنى بىر-بىرىدىن ياخشى دوسلۇرۇم بىلەن ئۆتكۈزدۈم ،شۇلارغا خاتىرە بولسۇن دېدىم .يەنە ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن  كېيىن ئىجادىيىتىمنى يېڭىباشتىن باشلايمەن ھەم چوغلۇق دېگەن تەخەللۇسنى قوللىنىمەن دەپ ئويلىدىم .شۇڭا مۇئەللىمىمگە سۆيۈنۈپ تۇرۇپ رەھمىتىمنى ئېيتىمەن .
    1999-يىلى شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىردىم .ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك مۇھەببەت مېنى كەسىپ ئالمىشىشىقا ئۈندەيتى .بىر كۈنى ئىلتىماس يېزىپ ئەدەبىيات فاكولتىتىغا كىردىم .ئۆز فاكولتىتىمدىن قۇشۇلىشى كېرەكلىگىنى ئېيىتتى .شۇنداق قىلىپ بىر ئاي مېڭىپ ھېچنىمگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن تارىختا ئوقۇۋەردىم ،گەرچە بۇ كەسىپتە ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچىچق قىلىدىغان تۇيغۇلار كۆپ بولسىمۇ ،ئوقۇش جەريانىدا كەسپىمنى سۆيۈپ قالدىم .ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ،ماتېرىيالىمنى رەتلەۋېتىپ ئىلتىماسىمغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى . لىۋ تولىستويمۇ «ئۇرۇش ۋە تىنىچلىق»نى 20 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يىزىپتىكەن ، «تىرىلىش» نى 10 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يېزىپتىكەن .مەندىمۇ شۇنداق ئىرادە ،قىزغىنلىق بار .ئەدەبىياتىنى بەك ياخشى كۆرىمەن...» كۈلۈپ كەتتىم ،ئىككى بەت ئىلتىماس ئالدىمدا تۇراتتى ...ئوقۇش جەريانىدا مەن ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىيلىق ،رېئاللىق بىلەن ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان دۇنيا ئوتتۇرىسىدا تېڭىرقاپ قالدىم .ئىزچىل كتاب كۆردۈم ،ئابدۇمىجىت قاتارلىق پىكرى ئۆتكۈر دوسلار بىلەن پىكىرلەشتىم ،ھەر خىل لىكسىيىلەرگە قانتاشتىم. روھىمغا نۇرغۇن نەرسىلەر تىنىپ كەتكەندەك ھېس قىلاتتىم .تەكلىماكاندىن سۇزۇلغان بىر روھ مېنىڭ پارتىلىشىمنى كۈتەتتى .بۇ جەريانىدا زېھنىمنى تارىخ كەسپىمگە ھەم تىل ئۆگىنىشكە بەرگەن بولغاچقا ، جېق يازالمىدىم .ئانچە-مۇنچە ئېلان قىلدۇردۇم ،لېكىن  بۇلار مەن يازماقچى بولغان شېئرلىرىم ئەمەس ئىدى.بۇ جەريان مەن ئۈچۈن ئۆزۈمنى تىڭشايدىغان باسقۇچ بولۇپتۇ.
   2004-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شايار ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلىدىم .مەن كۆرۈشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلغان تارىم دەرياسى بويىغا نەچچە باردىم .يالاڭ ئاياغ، قۇملارغا دەسسەپ ئۇنىڭ قىزىق تەپتىدىن ھوزۇرلاندىم .كۆز يەتكۈسىز توغراقلىق،ئۈستىدە قۇشلار ئۇچۇپ يۈرۈۋاتقان ئانا دەريا،ئۆز قۇۋمىڭىز ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاندۇرىدىغان جىمجىتلىق ،كۈز پەسلىدىكى تەمكىن ،ئالتۇنرەڭ توغراق يۇپۇرماقلىرى...بۇرۇن بىر يەرلىرىدن جايىغا چۈشمەيۋاتقان مىسرالىرىم ئەمدى ئىچىدىن تىزىلىپ چىقىۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرەتتى.مەن 2006-يىلدىن باشلاپ ئىزچىل يېزىشقا باشلىدىم . 2010-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا ئاسپىرانىتلىق ئوقۇشىقا كىردىم .فولكلور كەسپىنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى يۆنىلىشى بويىچە ئوقۇۋاتىمەن .
«تەڭرىتاغ»،«تارىم»،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»،«كۈسەن مەدەنيىتى»،«جۇڭگو مىللەتلىرى »،«مىراس»،«خوتەن پىداگوكىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژورنىلى»،«شايار ئەدەبىياتى»،«كىرورەن»،«ئاقسۇ گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا  40 پارچىغا يېقىن شېئر ،ماقالە ،نەسىرلىرىم ئېلان قىلىندى.مول-ھۇسۇللىق بولالمىساممۇ توختاپ قالمىدىم ،ئاز-ئازدىن بولسىمۇ ئىلگىرلەپ ماڭدىم دەپ ئويلايمەن .
ۋاقىت شۇنداق تېز ئۆتۈپتۇ،گاھىدا ئازاب ،گاھىدا خۇشاللىق بىلەن ئۈنسىز تىپىرلاۋاتقان قەلبىمنىڭ بۈگۈنكى تىۋىشلىرى مېنى گۈزەل ئەتىگە ئىنتىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ .ھاياتلىق بەتلىرىگە يازالىغىنىم قەلبىم پىچىرلىغاننىڭ يېرىمى ،باغلىرىمغا ئۆستۈرەلىگىنىم چوغلۇقتىن ئىبارەت بىر تاللا گۈل ،باشقىلارغا سۇنالىغىنىم سەمىمىيەت،ئۆزۈمگە قالغىنى مەندىن ئۇزاۋتقان يول ۋە قەلبىمگە چوڭقۇرلاۋاتقان مۇھەببەت بولۇپتۇ.مەن يازغان شېئرلار قەلبىمدە تېخى  مەن يازالمىغان نۇرغۇن شېئرلارنىڭ بارلىقىنى سۆزلەپ تۇرۇپتۇ .شېئرىيەتنىڭ ئىشىكىدىن ئەمدىلا كىرىشىمگە ،ئۇنىڭدىكى پايانسىز  چەكسىزلىك،ئىچىگە سىغماي ئۆزلۈكسىز ئۆركەشلەۋاتقان دېڭىز،رەڭگىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەشكە ئاجىز كىلىۋاتقان گۈللەر...قولۇمدىن يىتىلەپ ماڭدى،ئۇلارغا ئەگىشىپ كىتىۋاتىمەن . ئۇزاپ كەتكەن يوللىرىم بىلەن  ئۆزۈمگە چوڭقۇرلاش ئارىسىدا ،يازالمىغان شېئرلىرىم بىلەن سىلەرگە مۇھەببەتلىك سالامىمنى يوللايمەن ...
ئاتا-ئانامنىڭ قەلبىمگە سالغان چوڭقۇر مۇھاببىتنى ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن،ئۇلارنىڭ تىۋىشلىرىنى ھەر قاچان پەرزەنتلىك بۇرچۇم بىلەن سىزىپ تۇرىمەن ،ياراتقۇچىمىز ئۇلارنى سالامەت قىلسۇن!  ھاياتىمدا ئاللاھ ماڭا ياخشى ئادەملەرنى ئۇچراشتۇرۇپ تۇردى ،بونىڭدىن سۆيۈنىمەن،ئۇلارغا رەھمەتلىرىم بولسۇن! مەيلى خۇشال بولغان ،مەيلى بەك ئازابلانغان كۈنلىرىم بولسۇن ھەر زامان ياراتقۇچىمىزغا  رەھمەت دىيىشنى ئۇنتۇپ قالمىدىم ،ئۈن-تىنسىز ھالدا قۇبۇل قىلدىم .ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشى كۈنلەردە بىرگە بولۇشقا نىسىپ قىلسۇن!



[مەسئۇل مۇھەررىردىن] ئارىمىزدا تالانتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىر تۈ*ركۈم قىزلىرىمىز بار. مېھرىبان نىياز چوغلۇق دەل شۇلارنىڭ بىرى. بىز مېھرىبان نىياز چوغلۇق ئارقىلىق مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق خانىم-قىزلارنىڭ "8-مارت" بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!




ئۇزاپ كېتىمەن



يېنىمدىن بىر خازان ئۇچۇپ كەتتى،
بىر ئادەم ياندىشىپ ئۆتۈپ كەتتى،
تورنىلار تاڭ ساباسى بىلەن
كۆكنى بويلاپ ئۇزاپ كەتتى.

مەنمۇ ئۇزاپ كىتىۋاتىمەن
يوللىرىمدا ،
نۇر بولۇپ يېزىلىۋاتقان مىسرالىرىمدا .
ئۇزاپ كىتىمەن
ئۆزۈمگە قاراپ چۆكۈپ كىتىمەن .

بىز ئۇزىتىلدۇق
سۆيگۈنى دېڭىزغا كۆمۈپ قويدۇق،
دېڭىز ئىزلەپ ياشىدۇق يەنە
كۆزىمىزگە بىر-بىرىمىزنى سىزىپ قويدۇق.
سەن ئۇزاتقۇچى
مەن ئۇزىتىلغۇچى
ئوتتۇرىمىزدا داۋاملىشار،
سىم-سىم يامغۇرنىڭ
قورام تاش ئۈستىدىكى ھېكايىسى.



يادا تېشىم بولسا



يادا تېشىم بولسا
تىلىمەيتىم يامغۇرنى،
تىلىمەيتىم شامالنى،
تىلەيتىم پەقەت سېنىلا.
سەن بولساڭ يامغۇر ئەمەسمۇ
ئۆمرۈم باھارىنى ياشارتىدىغان،
تۇيغۇلىرىمغا شامال ئەمەسمۇ
قەلبىمنى يىنىك تىترىتىدىغان،
شاھزادەمنىڭ ئاق ئېتىغا مىندۈرۈپ
مۇھەببەت ئارىلىغا ئاپىرىدىغان ...

جاينامازدا قالدى ياشلىرىم
ئەڭ چىرايلىق ئېچىلغان گۈل بولۇپ.
ئاللاھلا بىلىدىغان تىۋىشلىرىمدا
بەختىمىزنى تىلىدىم سۇ بولۇپ.

كاككۇك بىلەن زەينەپ ئەمەس بىز
لېكىن رېئاللىق يازار قىسمىتىمىزگە شۇ رىۋايەتنى.
بىر تۈپ چوغلۇق بولدۇم جاڭگالدا ئۆسكەن،
بىر-بىرىمىزدە ياشاۋىتىپ
ھېس قىلماي يۈرگەن مۇھەببەتنى.
يۈرەكلەر بولدىغۇ پارە
ياشىماق بولغاندا ھاياتنىڭ داۋامىنى ...

يادا تېشىم بولسا
تىلىمەك زۆرۈر بولسا بىر ئۆمۈر يامغۇر،
تىلەپ چىقاتتىم ئۆمرۈمدە سېنى.
روھلار كۆچۈپ قايتا تۇغۇلسام،
شۇ ھاياتىمدا يەنە سۆيەتتىم سېنى...


قۇياشنىڭ كەينىدە ئەسلى يوق ئۆلۈم

ئۆركەشلەر روھلارنىڭ دېڭىزى چەكسىز ،
قۇياشنىڭ كەينىدە ئەسلى يوق ئۆلۈم .
ئېچىلار بىر ئىشىك ،يېپىلار بىرسى ،
ئۆزۈلمەس ئېقىننى سۆزلەيدۇ ئۇدۇم .

تاشلارنىڭ كۆزىدىن ياغمايدۇ يامغۇر ،
يامغۇرنىڭ دىلىدىن تۆكۈلمەيدۇ تاش .
لېكىن ئىستەيدۇ بۇلار بىر-بىرىنى،
ياشاش ئۈچۈن قەلب تېگىدە ياپياش.


دەريانىڭ قىرغىقى سۆزلەر رىۋايەت،
كاككۇك ۋە زەينەپنىڭ نالىسى يەتمەي.
مۇڭلىنىپ تۇرىدۇ قارشى قىرغاقمۇ،
بىر بوشلۇق ئىچىدىن ۋىسال ئىچەلمەي.

دەرەخلەر ياپرىقى تاشلايدۇ سايە،
ئاجىز بىر ئۆلۈمنىڭ نىدالىرىغا .
بورانلار ئالدىدا باش ئەگسىمۇ گەر-
ياپراقلار يىلتىزدا ياشنىغان يانا .

ئۆركەشلەر روھلارنىڭ دېڭىزى چەكسىز ،
ئازاب شۇ دېڭىزدا يېشىل بىر كۇمپاس .
يېراقتا بىر ئارال كۆيمەكتە تەنھا ،
ئاخىرقى سەيياھنى كۈتكەنگە ئوخشاش .


ئۇچراشساق قەلبىڭدە ئاخىرقى كېچە


سۆيۈملۈك تىللىدىم ئىچىمدە سېنى،
قويساڭمۇ ئازابنى تۇتقۇزۇپ ماڭا .
بۇ يولدا پەقەتلا يىگانە ئۆزۈم ،
تىۋىشىم چوڭقۇرلاپ بارىدۇ ساڭا .

ھېچكىمنى سۆيمىسەڭ ،ھېچكىم سۆيمىسە،
سۆيگۈڭدە شۇ بوشلۇق بولسا مېنىڭكى.
ئۇچراشساق قەلبىڭدە ئاخىرقى كېچە،
روھىمىز بىر-بىرىگە قايىتسا شۇ كۈنى.

گاھىدا ئۆلتۈرگۈم كېلىدۇ سېنى،
قىزغىنىپ بارچە گۈل ،دەرەخ،قۇشلاردىن.
يۈزۈڭگە يۈزۈمنى ياققانچە يىغلاپ،
خەنجەرنى ئۆزۈمگە سالاتتىم ئاندىن.

ئەۋەتتىم قۇشلاردىن پىغانلىرىمنى،
دېرىزەڭ تۈۋىدە يەتكۈزسۇن نالەم.
بەك يېراق چۈشلەردىن قۇتۇلسۇن قەلبىم،
ھەر سەھەر ئويغانغىن ھەسرىتىم بىلەن.



يۈرەكتە بىر خەنجەر تۇرىدۇ مەغرۇر



يۈرەكنى تاتىلايدۇ ئازابنىڭ قولى،
ھېچكىم كۆرمىگەن ئۇنىڭ ئاھىنى.
چىدىماي ئەينەكلەر چېقىلدى پارە،
تاملارنىڭ تىترەشكە باشلىدى ئۈنى .


ئاققاندا ئازابنىڭ يارىسى ھۆڭرەپ،
يۈرەكتە بىر خەنجەر تۇرىدۇ مەغرۇر.
نالىلەر بۇ تەنھا خانىگە سىغماي،
پەنجىرە تېگىدىن ئۇچماقتا غۇر-غۇر.



ئازابىمدا كۆكلەۋاتىمەن

              

ئازابىمدا كۆكلەۋاتىمەن
بىر دەريانىڭ لېۋىدە تۇرۇپ،
قۇشلار يۈرىكىنى قان قىلىدۇ
مۇڭلىرىمنى تىڭشاپ ئولتۇرۇپ.

بىر ناخشا ئېيتىۋاتىمەن
يارالمىشتىن ماڭا قېپقالغان .
قۇياش ،ئايمۇ بولىدۇ ھەمرا،
ناخشام تېگىدىن توزۇيدۇ پىغان .


چۈش پايراقلىرىنىڭ قېتىدا

چۈش دۇنيارىمدا بىر تال قىزىل گۈلنى خىيال قىلىپ
ئوتتۇز باھارىمنى ئۆتكۈزدۈم .
دېرىزىلەر خىيالچان
چۈشلىرىمدە ئۆڭمەس ھاياجان،
بىر تال قىزىل گۈلنى خىيال قىلىمەن ،
بوزلاپ يىغلىسىمۇ قەلبىمدە ھېجران.

چۈش ياپراقلىرى
چوڭقۇرلۇقتىن سۆزلەيدۇ پىنھان.
ئۇنىڭغا سىڭىپ كەتمەكچى بولىمەن
شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان نۇرنىڭ ئىچىدە ،
چېچەكلەپ
يامغۇر ۋۇجۇدىدا ئۇچراشماقنى ئىستەيمەن.

باغرىم يىغلايدۇ
بىر تال گۈلنىڭ ئىشقىدا .
مۇھەببەت، ئۇچرىشىش نىسىپ بولمىغان
چۈش ياپراقلىرىنىڭ قېتىدا .



كۆزۈمدىكى بىر تال سۈرەتسەن



كۆزۈمدىكى بىر تال سۈرەتسەن !
باھار قارلىغىچىدەك
ماڭا قاراپ
ئاستا -ئاستا ئۇچۇپ كېلىسەن .
يۈرەك يۈرەكنى تىڭشىيالماي
روھىمنى يانداپ ئۈتۈپ كىتىسەن .
يېراقلارغا ئۇزاپ كەتكەندە ،
قەلبىڭنىڭ بوشلۇقى
ساڭا قاراپ يىغلاپ كەتكەندە ،
كەينىڭگە ئۆرۈلۈپ قاراپ قويىسەن .
ئۇپۇققا قاراپ كىتىۋاتقان
سىماھىمغا
نىگاھىڭدا سۆزلەپ قويىسەن .

كۆزۈمدىكى بىر تال سۈرەتسەن !
يۈرىكىمدە كۆكلىيەلمىگەن،
ياكى
ھىس قىلدۇرۇپ تىۋىشلىرىڭنى ،
ھىس قىلىپ ھەم تىۋىشلىرىمنى ،
ئوخشاش ئوتتا كۆيدۈرەلمىگەن.



تاغ بىلەن دەريانىڭ ھېكايىسى



تاغنىڭ باغرىدا ئاقار بىر دەريا
تاغ دەرياغا باغلىنىپ،
دەريا تاغلارغا شادلىنىپ،
بىر-بىرسىدە ياشار.
بىر-بىرسىدە ياشاۋاتقانلار،
ھېس قىلالماس قەلبىنىڭ يېرىمنى،
ئايرىلمىغۇچە.
دەريا قۇرۇپ كەتسە
تاغمۇ ئۇسساپ قالىدۇ بىر كۈن،
تاغ شاماللاردا ئۇپراپ كەتسە،
دەريانىڭ يېشى ئۇلغىيار شۇ كۈن.

دەريا ئىدىم
ساڭا يۆلىنىپ ئاققان،
سەنمۇ ماڭا باغرىڭنى ياققان.

قۇرۇپ كەتكەن بىر دەريا ،
قاغجىرىغان بىر تاغ ،
قۇشلار بۇلارنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەۋاتاتتى...




قەلبىمنىڭ سىرتىدا

يامغۇر يېغىۋاتىدۇ
قەلبىمنىڭ سىرتىدا.
روھىمنىڭ چوڭقۇرلىقى
قەلىب رۆجىكىنى ئاچقىنىدا
يامغۇر
كۆرۈندى قارشى قىرغاقتا.

يامغۇر يېغىۋاتىدۇ
قەلبىمنىڭ سىرتىدا.
گۈللەر مۇڭسىرايدۇ
يۈرەك قېتىمدا.
تونۇشمايدۇ
يامغۇر ۋە يۈرەك
ئۇلار تېخى ئىككى ساھىلدا.



بۇلاق ئەپسانىسى



قۇياش ئەپسانىگە باش قويدى
ئاي ئۇنىڭغا يانداشتى.
قۇياشنىڭ ئوغلى يوق
ئاينىڭ قىزى،
قەلىبلەردە سىرداشتى.

بىز مەڭگۈلۈك ئەپسانىگە تۇتاشقان
بىر دۆۋە ئوت بولۇپ،
ياكى
سۈپسۈزۈك ئاسمان بولۇپ
بىر ئىشىككە قىيا ئېچىلغان.

سايىسى
ئاشۇ ئۆيگە تاشلايدۇ نۇرلار
بىر بۇلاقتا بىرلا ناخشا ئېيتىلغان.

جەننەت ئىشىكىنىڭ ئالدى ۋە بىر يىلان.
بىر دۆۋە ئوت
سۈپسۈزۈك ئاسمان
ئەپسانىلەردىن باشلانغان ھامان.

سۈزۈلۈپ تۇرغان ئاي
ئۇنى بويلاپ ئۇچىۋاتقان قۇشلار
يېقىنلا مەنزىلگە كېتىۋاتقان ئايروپىلان،
ۋاقتى ئۇنتۇلغان بىر نۇر
بىر بوشلۇقتىن ئاقىدۇ پىنھان.



مەن يامغۇردىن قۇتۇلالمىدىم



مەن يامغۇردىن قۇتۇلالمىدىم
شاخلىرىمنى سۆيىدۇ تىمتاس.
قۇرۇتمايدۇ ياكى بەرگىمنى،
ھېجران بىلەن ياشىسام ياپياش.

چىغىر يولمۇ قالدى مۇڭسىراپ،
گېپى تۈگەپ قالغاندەك گويا.
داۋاملىشار سىم-سىم يامغۇرنىڭ-
ھېكايىسى بىر قورام تاشتا.



ئۆيگە قايىتىپ كەتكۈم كەلدى



ئۆيگە قايىتىپ كەتكۈم كەلدى
سەن مېنى بوسۇغىدا ساقلاپ تۇرغاندەكلا
تۇغۇلمىغان بالىمىزنى يىتىلەپ.

بىر مېھىر يۈرىكىمدە ياسايدۇ قىيان،
سېنىڭ تاغدەك يەلكەڭگە يۆلىنىپ،
يالغۇزلۇقتىن چىقارمەن قاچان؟

ئۆيگە قايتىپ كەتكۈم كەلدى
تېخى تۇتمىغان ئۆينىڭ خىيالى بىلەن
تەنھا خانەمگە كېلىپ قالدىم.
قۇياش ئۇپۇققا باش قويدى،
پەنجىرىدە بىر قۇش
مۇڭلۇق سايراپ تۇراتتى...



بىر تامنىڭ تىۋىشى توسىدۇ بىزنى



سەن ماڭغان ئۇ يەردە كۈلەر ھىلال ئاي،
مەن تۇرغان بۇ يەردە چىققاندا قۇياش.
بېرىلىپ پۇرىساڭ بىراۋ چېچىنى،
يۈرىكىم بولالماس يەنە قورام تاش.


باغرىمنى شۇ ئوتقا ئېچىۋەتتىم كەڭ،
كۆيدۈرسەڭ كۆيدۈرگىن ،كۈل بولۇپ كېتەي.
كۆيەلمەي،سۆيەلمەي ئۆتكەن ئۆمۈردىن،
كۆيگەن شۇ كۈنلەرنى ئەزىز دەپ بىلەي.

چېچىڭنىڭ ھىدىغا قېنىپ باقمىدىم ،
شامىلىڭ ئوتلارنى ئۇلغايتقاندىمۇ.
ئارىمىز يېراققۇ ئەمەستى ئەسلى،
بىر تامنىڭ تىۋىشى توسىدۇ بىزنى،
كۆزلەر بەك ئىللىق ئۇچراشقاندىمۇ.



مەن يارىلانغان ئاجىز بىر كىيىك


ئاچچىق-ئاچچىق تولغىنار دەريا ،
قىسمەتلەردىن يېرىلسا يۈرەك.
ئەسلى رەڭدە ئەمەس ھېچنىمە ،
ئىنسانلىقمۇ ئۆڭدىغۇ پورەك .


چاقماق بولۇپ چېقىلسا ئازاب،
چۈشسەم دەيمەن دەشتى چۆللەرگە .
قۇرۇپ كەتسە شۇ يەردە جىسمىم ،
كۆرۈنمىسەم ھېچبىر كۆزلەرگە.

بولدى ئاق ئات تەلمۈرمە ماڭا،
مەن يارىلانغان ئاجىز بىر كىيىك.
يارامنى ساقايتاي قايتىپ ئۆزۈمگە،
ساھىلدا بولساممۇ تەنھا بىر قىيىق .




كۆڭلۈمنىڭ يېرىمنى تولدۇرىدۇ كىم؟


كۆز ياشلىرىم ئېقىپ تۈگىمىدى
قۇملۇقلىرىم قېنىپ باقمىدى.
مۇھەببەت دەرياسىنى قۇرۇقداۋتىمەن ،
شاۋقۇنلىرى تېخى توزۇمىدى .
كۆڭلۈمنىڭ يېرىمنى تولدۇرىدۇ كىم؟
بۇ سۇئال جاۋابسىز قالىدۇ ئەمدى  .
مۇھەببەت قەلىبتە كۆكلەپ تۇرسىمۇ
كۆزلەر ھەممىنى سۆزلەپ تۇرسىمۇ
يۈرەكلەر قىيالماي سۆيۈپ تۇرسىمۇ
ئايرىلىمىز
تاكى قولىمىزنىڭ ئۇچى ئاجرىغانغا قەدەر،
يۈرىكىمىزگە رەھىمسىزلىك دېگەن خەتنى ئۇيۇپ قويۇپ
كۆز ياشلار كەلكۈندەك ئېقىپ تۇرسىمۇ.

كۆڭلۈمنىڭ يېرىمنى تولدۇرىدۇ كىم؟
كۆڭلۈڭنىڭ يېرىمنى تولدۇرىدۇ كىم؟
بىز پەرىشتە ئەمەسقۇ ئاخىر
كەل!
بىر قېتىم سۆيگۈ ئۈچۈن ياشاپ باقايلى.



سېغىندىم چېچىمنىڭ ئۇچىغا قەدەر


سېغىنىشنىڭ نۇرلىرى ئاقار كۆزۈمدىن ،
يېنىمدىكى بوشلۇقتىن ئىزلەيدۇ سېنى .
تىپىرلاپ قالىمەن قاناتسىز قۇشتەك ،
ئىستەيمەن يېنىڭغا ئۇچۇپ بارماقنى.


سەن ماڭغان يوللارغا باقتىم نەچچە رەت،
خۇشپۇراق گۈللەرنى كۆردۈم خىيالەن.
سەن شۇنداق كېلىسەن قەلبىمگە قاراپ ،
مېھرىڭدە سۆيگۈمنى ئېلىپ قاچىسەن .


چارەم يوق مەن سېنى سېغىنماسلىققا ،
سېغىندىم چېچىمنىڭ ئۇچىغا قەدەر .
يامغۇردا قالايلى كەلگىن ئامرىقىم ،
قانغۇچە سۆيۈشسۇن چوغدەك يۈرەكلەر .


چوغ سوراپ بارسام بەرمە چوغىڭنى



چوغ سوراپ بارسام بەرمە چوغىڭنى
چارشەنبە كەل! دەپ.
چۈشلىرىڭگە كىرىپ قالغاندا
قوغلىۋەتكىن
بۇ يەردە يۇلتۇزۇڭ يوق دەپ.
تەلمۈرۈپ بارسام ئىشىكىڭ ئالدىغا
يېپىۋەتكىن
باغلىرىمدا گۈللەر تولۇق دەپ .
يىغلاپ سالسام ئىچىمگە سىغماي
كۆللىرىڭگە قوشىۋەتكىن
بېلىقلىرىم ئۇندا ئۈزسۇن دەپ .

خەنجىرىمنى ئۆزۈمگە سالماقچى بولسام
تۇتۇپ بەرگىن دەستىسىنى،
نەپرىتىڭ بىلەن ئونۇت مېنى دەپ.




مەغرۇر يېڭىلىش



سەرسانە بۇ ھايات ،سەرسانە كۆڭلۈم ،
قەلبىڭدە بىرەر رەت ياشاپ باقمىدىم .
ئاققۇلار پەرۋازى قاتتى كۆزۈمدە،
سۆيگۈمنىڭ مېھرىگە قېنىپ باقمىدىم .

روھىمدا باغلىرىم كۈتكەنتى سېنى،
ئۆستۈرگەن سەن ئۈچۈن چوغلۇق گۈلۈمنى.
سەن كەلمەي،بەرىبىر قۇرۇپ كېتىدۇ،
سۆيگۈمدىن ياسالغان دەريا ئېقىنى .

پايانسىز بىر بوشلۇق تۇرار روھىمدا ،
قالمىدى ئۇنىڭدا ھېچنىمە شۇ تاپ.
مەن ئۇندا بىر سەيياھ ئۆزىنى ئالدىغان،
مەغرۇر بىر يېڭىلىش تۇرار قاقاھلاپ.




دەريادا ئۇسسىز ئىدىم

سېنى ئاۋۇ چىراق تۈۋىدە كۆردۈم
يوللار يەنىلا گىرىمسەن.

سەن بوش ئىدىڭ
مېڭىۋاتقان يوللىرىڭدا
سۆزلەۋاتقان دىللىرىڭدا،
چۈنكى
سەن مەن يوق يەردە ئىدىڭ.

مەن ئۆزۈمدىن ۋاز كېچەلمىدىم،
گۈلدۈرلەپ يامغۇر ياغدۇرىدىغان
بىرلا شېئرغا ئىرىشەلمىدىم .

سەن ئاۋۇ ئاسمىنىڭدا بوش ئىدىڭ،
مەن ماۋۇ دەريادا ئۇسسىز ئىدىم،
كۈز كېلىۋاتاتتى...


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-11 14:44:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنى تاتلىق يازىدىغان چوغلۇق، كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان چوغلۇق، كۆرۈشكەنلىرىمىزدەبىزنى  تاتلىق يازىدىغانلاربىلەن تونۇشىۋېلىشقا مۇيەسسەر قىلىدىغان چوغلۇق، يامغۇرغا ئامراق، ئاساسەن ئالدىراش چوغلۇق....   
قەلىمىڭىز  بەرىكەتلىك بولغاي.

ۋاقتى: 2012-4-12 11:56:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە مۇۋەپپەقىيەت ۋە بەخت تىلەيمەن سۆيۈملۈك قىز! قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي!

ۋاقتى: 2012-4-12 15:11:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەر يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2012-4-16 08:42:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغلۇقنىڭ ئىجادىيىتگە قۇت تىلەيمەن



ۋاقتى: 2012-5-15 12:05:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[مېھرىبان نىياز سىڭلىمىزنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2012-5-15 12:45:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغلۇق،سىزگە سالام يوللاش بىلەن بىرگە پەرۋازىڭىزغا نۇرانە پەللە تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2012-5-15 13:30:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-8-13 10:33:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرىباننىڭ شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بۇلۇشىغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2014-2-23 15:42:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

ۋاقتى: 2014-3-18 12:15:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇر ئالىمىدە چاقنىغان زىيالار ئىچىگە چۆكۈپ كەتتىم.......
                                                          قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش