ھەرقايسى ژۇرناللار تەھرىر بۆلۈملىرىگە ئۇقتۇرۇش
«شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نىڭ يېڭى نەشرى (مۇنبەر ۋە باش بەت) ھازىر تولۇق ئېچىۋېتىلىپ رەسمى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. ئەسلىدىكى «مەتبۇئاتلار كاتالۇگى» سەھىپىمىز، «ژۇرناللىرىمىزغا نەزەر»گە ئۆزگەرتىلىپ، ئوخشاشلا بۇرۇنقىدەك ژۇرناللىرىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىرىنىڭ مۇندەرىجىلىرىنى ئالدىن ئوقۇرمەنلەرگە بىلدۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىدۇ.
باش بەتكە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان «ژۇرناللار»بولسا، پۈتۈنلەي يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان سەھىپە بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى ھەرقايسى ژۇرناللارنىڭ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش، ئۆز ئۇچۇرلىرىنى سىرتقا چىقىرىدىغان كۆزنەكلىك رولىنى ئوينايدۇ.توردىن ئىبارەت زامانىۋى ۋاستىدىن پايدىلىنىپ، ئاپتورلار بىلەن راۋان ئالاقە قىلىش،مۇشتىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ژۇرنال، ئاپتور ۋە ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزئارا ھەمكارلاشتۇرۇش جەھەتتىكى بەلباغ ھەم كۆۋرۈك بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ سەھىپىمىزدىن ھەرقايسى ژۇرناللارنىڭ ياخشى پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ھەرقايسى ژۇرناللار تەھرىر بۆلۈملىرىدىن بىزنى تۆۋەندىكىدەك ماتىرياللار بىلەن تەمىنلىشىنى سورايمىز.
1.ژۇرنىلىڭىزنى ئەڭ مۇۋاپىق سۈپەتلەر بىلەن تونۇشتۇرىدىغان قىسقا يازما ماتىريالنى بىزگە يوللاپ بېرىڭ! بۇ ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 خەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
2.ژۇرنىلىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە يېزىقتىكى ئادرىسى ۋە پوچتا نومۇرى
3.ژۇرنىلىڭىزنىڭ دائىم ئىشلىتىدىغان ئېلخەت ئادرىسى، تېلىفۇن نومۇرى
4.ژۇرنىلىڭىزنىڭ مۇشتىرى قوبۇل قىلىش ۋاكالەت نومۇرى
5.ژۇرنىلىڭىزنىڭ ئۆلچەملىك مۇقاۋا سۈرىتى
6.ھازىر خىزمەت قىلىۋاتقان باش مۇھەررىر، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرلەرنىڭ ئۆچەملىك سۈرىتى (تۇرمۇش سۈرەتلىرى قوبۇل قىلىنمايدۇ)
ھەرقايسى ژۇرنال تەھرىر بۆلۈملىرىنىڭ يۇقۇرقى ماتىرياللارنى تېزدىن تورىمىزنىڭ تېخنىكا نازارەتچىسى ئەزىز ئىمىر يانغىن ئەپەندىگە يوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! تەھرىر بۆلۈملەر ئۆزىلىرى ئەۋەتمىگەن ماتىرياللارنى تورىمىز قوبۇل قىلمايدۇ.
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
Email:278407448@qq.com
QQ: 278407448
ھۆرمەت بىلەن
شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
2012-يىل 4-ئاينىڭ 11-كۈنى