كۆرۈش: 4571|ئىنكاس: 0

سائادەت ساتتار ئايتۇغ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
111.jpg



سائادەت ساتتار ئايتۇغ  1975-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە سەنئەت سۆيەر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ساتتار مىجىت ئاكا ۋە ئانىسى دىلەيسەم روزى ئانا ئەدەبىيات-سەنئەتكە ھېرىسمەن كىشىلەردىن ئىدى. دادىسى ئۆزى يازغان شېئىرلارنى ئاھاڭغا سېلىپ، دۇتتار تەمبۈر مۇزىكىلىرىغا سىڭدۈرۈپ چالاتتى. ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات –سەنئەتكە بولغان ھېرىسمەنلىكى سائادەتنىڭ كىچىكىدىنلا يۈرىكىگە ئەدەبىيات ئىشتىياقى سالغان. ئۇنىڭ  تۇنجى شېئىرى‹‹كىتاب›› 1987-يىلى  ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر 230پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى،ئون نەچچە پارچە ھېكايە،5پارچە ماقالە،3پارچە پوۋېستى،،‹‹كروران››ژورنىلى،‹‹جوڭگومىللەتلىرى››ژورنىلى،‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى››ژورنىلى،‹‹كۈسەن مەدەنىيىتى›› ژورنىلى،‹‹‹شىنجاڭ سەنئىتى›› ژورنىلى،‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››ژورنىلى،‹‹يەكەن ئەدەبىياتى››ژورنىلى‹‹تۇرپان گېزىتى››،‹‹تۇرپان ژورنىلى››،‹‹شىنجاڭ گېزىتى››،‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››،‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى››،‹‹ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى››...قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.قەشقەر ئۇيغۇر  نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹‹تىۋىشىسز كېچە››ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىغا 3پارچە ھېكايىسى تاللانغان.‹‹سېنىڭ يازغان ھېلىقى خېتىڭ››ناملىق شېئىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ‹‹مۇزات دولقۇنلىرى››نىڭ خەنزۇچە2013-يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان.
‹‹ گۇناھ قورغىنى›› ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى مەركىزى مىللەتلەر نەشرىياتىغا،‹‹قىسمەت›› ناملىق ھېكايە-پوۋىستلار توپلىمىنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتىغا تاپشۇردى.
ئۇ ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدىمۇ بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ ‹‹شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى›› دا ئېلان قىلىنىۋاتقان بىر تۈركۈم شېئىر-قوشاقلىرى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن‹‹بىلقۇت لوڭقىسى ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتى››،‹‹ باس-باس تورى ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتى››،‹‹مىسرانىم-مەشرەپ ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتى››،‹‹يانغىن ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتى››....قاتارلىق ئىجادىيەت مۇسابىقىلىرىدە 1-ۋە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
2011- يىل 6- ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئايال ئەدىبەلەر كىتاب ئوقۇش سىمنارىيەسىدە تەربىيەلەنگەن.
ئۇ شىنجاڭ ‹‹ھۆرىيەت كىنو-تىلىۋېزىيە شىركىتى››گە خىزمەتكە چۈشكەندىن بېرى قەلبىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقىنىڭ تۈرتكىسىدە ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە سەھنە-ئېكران سەنئىتى  ئىجادىيىتىگە ئاز بولمىغان يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ كەلمەكتە.
ئۇ ھازىر ‹‹ ھۆرىيەت كىنو-تېلېۋىزىيە شىركىتى›› ئەدەبىي ئىجادىيەت بۆلۈمىنىڭ ئىشخانا  مەسئۇلى بولۇپ، شىركەت ئىشلىگەن كۆپلىگەن ئېكران ئېلانلىرىنىڭ سىنارىيەسى،ئېلان سۆزى، ئېلان لايىھەلىرىنى يازغان. ئۇ يەنە ‹‹شىنجاڭ ھۆرىيەت كىنو-تېلېۋىزىيە چەكلىك شىركىتى››دە يېقىندا ئىشلىنىۋاتقان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنىڭ مەيدان خاتىرىلىگۈچىسى ۋە مەزكۈر تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ  ئاساسلىق سىنارىستلىرىنىڭ بىرى .
ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
شىنجاڭ خەلق ئەدىبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تىللاسى +20 يىغىش سەۋەبى
بۇلاقى + 10
(ئۈمىد) + 10

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش