تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
كۆرۈش: 186|ئىنكاس: 15

تەقدىر ( ھېكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەقدىر


ھېكايە

takdir0.gif



زۇمرەتخان ئانا ئوغلىنىڭ ‹‹ كەچتە ئۆيگە ئەزىز مىھماندىن بىرنى باشلاپ كىلىمەن. ئىدىيىڭىزدە ۋە داستىخنىڭىزدا ئانچە-مۇنچە تەييارلىق قىلىپ قويارسىز جۇمۇ ئاپا؟››،دەپ ھەييارلىق بىلەن ئەركىلىشىدىن ھەممىنى چۈشەنگەن بولسىمۇ بازارغا بېرىپ لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن پايپېتەك بولۇپ يۈرگىنىدە بېشىدا پەقەت بىرلا خىيال ئەگىيتتى.‹‹قانداراق قىزدۇ ھە؟ توۋا بۇرۇنقى زامانلاردا قېينى ئانىمىزنى ئەمەس تويىمىز بولماقچى بولغان يىگىتنىمۇ نىكاھتىلا كۆرەتتۇق. بۇ جاھان نىمە بولۇپ كەتتى؟ تېخى ئۆتكەندىلا پاتەمخاننىڭ ئۆيىگە بىر قىزنىڭ ھېچقانداق رەسمىيەت ۋە نىكاھسىزلا كىرىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ياقامنى چىشلىگەن ئىدىم. بۇ قىزغۇ ماڭا سالام بەرگىلىلا كىلىدىكەن شۇنداقتىمۇ نىمىدىگەن ئەپسىزلىك بۇ؟ كىم بىلىدۇ، شەرمىي-ھايا دىگەننى بىلمەيدىغان داپشاقتىن بىرسىمۇ تېخى؟...ياق! خۇدايىم بۇيرىسا ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ؟. ئىلاھىم شۇ يالغۇز ئوغلۇمنىڭ بەختىنى بېرەر! تويىنى، پەرزەنتىنى كۆرگىلى نىسىپ قىلار......)دەپ ئىچىدە نىمىلەرنىدۇر ئويلىغاچ چوڭ-كىچىك خالتا، بولاقلارنى كۆتۈرۈپ ئابتوبۇس بېكىتىگە كىلىپ تۇرغان زۈمرەتخان ئانا تۇيۇقسىزلا يېنىدا بېلەت ساندۇقىغا تاشلىغۇچەك پارچە پۇل يوقلىقىنى ئويلىدى ۋە جىددىيلىشىپ ئەتراپقا قارىدى. قېرىشقاندەك يېقىن ئەتراپتا نە مىلىچ ماللار دۇكىنى نە تاللا بازارلىرى كۆرۈنمەيتتى. ئۇ يانچۇقلىرىنى يەنە بىر رەت ئاقتۇرغان بولسىمۇ ئەڭ تۆۋەن پۇلى ئون يۈەنلىك بولۇپ چىقتى. ئۇ ئون يۈەن پۇلنى تۇتۇپ تۇرۇپ بېكەتتىكىلەرگە سەپسېلىپ چىقتى ۋە نېرىراقتا تۇرغان زىلۋا بىر قىزنىڭ يېنىغا باردى.

-قىزىم، قارىسام ئۇيغۇركەنسىز مۇمكىن بولسا مۇشۇ پۇلۇمنى بىر پارچىلاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن. بىرەر نەرسە ئېلىپ پارچىلاي دىسەم بۇ ئەتراپتا ساپلا كىيىم-كېچەك ساتىدىغان چوڭ سارايلار باركەن.....

قىزچاق موماينىڭ جىددىيلىشىپ سۆزلەۋاتقان ھالىتىگە مىھرىبانلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ.

-بولدى چوڭ ئانا مەندە ئىككى يۈەن پارچە پۇل بار ئاپتۇبۇسقا چىقىۋەرسىلە بېلەت ھەققىلىرىنى مەن ئۆزۈمنىڭكى بىلەن قوشۇپ سېلىۋىتەي. دىدى ۋە موماينىڭ ئۇنداق قىلسا قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئوڭايسىز ئېيتىلغان سۆزلىرىگە چۈشەنچە بەرگەچ ئۇنىڭ قولىدىكى سومكىلاردىن ئىككىنى ئېلىپ موماينى يۆلەشتۈرگەچ ئاپتوبۇسقا چىقىپ بېلەت ساندۇقىغا ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئىككى يۈەن پارچە پۇلنى سېلىۋەتتى.

باشقىلار بوشىتىپ بەرگەن ئورۇنغا جايلىشىپ ئولتۇرىۋالغان زۈمرەتخان ئانا، ئابتۇبۇس تۇتقۇچىنى چىڭ تۇتۇپ دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۇرغان قىزغا قايتىدىن زەن سېلىپ ئانىلىق مىھرى بىلەن سۆيۈنۈپ قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتى ۋە ئىچىدە‹‹نىمىدىگەن مىھرى ئىسسىق،مۇلايىم،چىرايلىق قىز بۇ؟ خۇدايىم مىنى مۇشۇنداراق قىزلارغا ئانا بولغىلى نىسىپ قىلغىيدى....››دەپ تىلىدى.

زۈمرەتخان ئانا ئابتوبۇستىن چۈشۈۋېتىپ بايىقى قىزنىڭمۇ مۇشۇ بېكەتتە چۈشكىنىنى ۋە ئۇدۇلدىكى تاللا بازىرىغا كىرىپ كىتىۋاتقىنىنى كۆردى ۋە،-ئۆيى مۇشۇ ئەتراپتا ئوخشايدۇ. كىمنىڭ قىزىكىن بىر سۈرۈشتۈرۈپ باقايچۇ؟ ھازىرقى قىزلارنىڭ ئىچىدىمۇ مۇشۇنداق قېرىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان سەمىمى،مۇلايىم قىزلار باركەن دىسە؟...دىگەنلەرنى ئويلاپ قايسى كۈنى ئابتوبۇستا بىر قىزنىڭ باشقىلار ياشانغانلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىشىنى ئەسكەرتسە ‹‹ئوھۇش، قېرى بولسا ئۆزىگە مىنىڭ ئاناممىتى ئۇ؟››دەپ چىچاڭشىپ دېرىزە تەرەپكە گۆلىيىپ قاراپ ئولتۇرىۋالغانلىرىنى ئېسىگە ئالدى ۋە ئېغىر خۇرسىنىپ قويدى.

ئانا لازىمەتلىكلەرنى شىرەگە تىزغاچ ئوغلىغا بۈگۈن بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىۋاتقىنىدا ئوغلىنىڭ يانفۇنى سايرىدى.

-ئاپا ئۇ كەپتۇ، مەن چىقىپ باشلاپ كىرەي –دەپ ئالدىراپ چىقىپ كەتكەن ئوغلىنىڭ كەينىدىن سۆيۈنۈش ۋە ئەندىشە ئارىلاش قاراپ قويۇپ بېشىنى چايقىغان موماي،چاي تەييارلىغىلى كىرىپ كەتتى.

-ئاپا بۇ سەلىمە بولىدۇ.

چەينەكنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەلگەن موماي قىزغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى.

‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم›› دىگەن سۆزنى دۇدۇقلاپ ئاران دىيەلىگەن قىز بېشىنى كۆتۈرۈپ قىزىرىپ كەتكەن مەڭزىلىرى قايتىن ئوت ئالغان ھالدا ھايا بىلەن يەرگە قارىۋالدى.

موماينىڭ ئالدىدا قورونۇپقىنە تۇرغان بۇ ئوماق قىز دەل ئابتوبۇس ساندۇقىغا موماي ئۈچۈن بىر يۈەن تاشلىغان،مومايغا تاتلىق سۆيۈنۈش بېغىشلىغان بايىقى قىز ئىدى.


تۇرپان گېزىتى2011-يىلى3-ئاينىڭ30-كۈنىدىكى سانىدىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-10 23:35  

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى كىلىنگە ئۇچرىغان موماي ئۈچۈن خۇشال  بۇلۋاتىمەن.

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھېكايە، ئىخچام، مەزمۇنلۇق، تىلىمۇ خۇددى شېئىردەك ياخشى چىقىپتۇ. تەپسىلاتلار ئىنچىكە،زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بولۇپمۇ ئاپتۇرنىڭ ئاددىي ۋەقەلىكنى، ئىخچام قۇرۇلمىغا ئىگە قىلىپ، تەربىيۋىي ئەھمىيىتى روشەن تىمىنى تاللىغانلىقى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ.
    ئاپتۇرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىتىگە ئۇتۇق تېلەيمەن.   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-11 17:10  

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سائادەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن. ھارماڭ!  

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاز ئەمما ساز چىقىپتۇ ، ئانىلار ۋە جەمىيەت دەل شۇنداق كېلىنلەرگە ئىنتىزار بولىۋاتىدۇ ....
بەرىكەتلىك بولۇڭ .

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا ئامىتى بار مۇمايكەن. ھىكايە كىشىنى خۇشال قىلىدىكەن.

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسىرىڭىزنى بۇرۇن بىر ئۇقۇپ بولغان ئىدىم . ھازىر قايتا ئۇقۇۋەتتىم . ئىجادىيتىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن ھەدە .
قەلب ئېتىزىم  سۆيگۈ يامغۇرغا زار بولۇپ چاك –چاك يېرىلغان چاغدا، سەن بىرەر پارچە بۇلۇت بولۇپ،ماڭا سايە بىرەلمىدىڭ، ھېچبولمىغاندا سەھەرنىڭ تامچە شەبنىمى بولۇپ يۇمران گىياھلىرىمنى سۇغرالمىدىڭ ، ئېيتقىنا شۇ چاغدا سەن نەدە ئىدىڭ؟

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە بۇ خىلدىكى يېزىلىۋاتقان ھېكايە خېلى جىق  بولسىمۇ ،، سائادەتنىڭ بۇ ھېكايىسى ئۆز خاسلىقى بىلەن ئايرىم تۈسكە كىرىپ، ئوقۇرمەن كۆڭلىدىن ئۆز ئالاھىدىلىكى بىلەن ئورۇن ئالغان.ئاشكارە تەسۋىرلەنمىگەن بولسىمۇ ، ئىككى قىز، ئىككى يىگىت،ئىككى موماي شۇنداقلا ئىككى ئائىلە مۇنداقلا سېلىشتۇرۇلۇپ ، باش قەھرىماننىڭ ئوبرازى ئوبدان يورۇتۇلغان.شۇنىڭ بىلەن ھېكايە مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان.ئىجادىيىتىڭىزقۇت تىلەيمەن  . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىدىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-11 00:54  

مۇساپە مىڭنى شاللايدۇ،مەنزىل مەردنى تاللايدۇ.

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سائادەتنىڭ يازمىلىرى ئاددىي ئەمما ئوقۇغان ھامان يۈرەكلەرگە ئورناپ كېتىدۇ.

ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن گۈلۈم.

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ. ياقتۇردۇم، تەپسىلاتلىرى بەكلا چىن چىقىپتۇ.
ماقالە يېزىش تەييارلىقى بىلەن،   ھەممەيلەن سالامەت بولغاي!

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن تەلەيلىك موماي،ئوغلىنىڭمۇ دىتى باركەن.
تەربىيەۋى ئەھمىتيىتى ياخشى ھىكايە بوپتۇ جۇمۇ سادەتگۈل،مەن تىخى ئوغلىنى...ھىلىقى ئورۇن بوشاتمىغان ئاتىكاچا قىزنى باشلاپ كىرەمدىكى دەپ ئەندىشىگە چۈشكەن ئىدىم.ھەجەپ ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپسىز.

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سائادەتنىڭ بۇ ئەسىرى ھەجىم جەھەتتىن كىچىك،قورۇلما جەھەتتىن مۇكەممەل،تەربىيەۋى ئەھمىيىتى زور ئەسەر بولۇپتۇ.ھېكايىنى ئوقۇپ بولۇپ،ئوغول چوڭ قىلغان «ئانا» ئورنىدا مېنىڭمۇ ھاردىغۇم چىقىپ قالدى دېسە. ئىجادىيىتىڭىز بەركەتلىك بولغاي گۈلۈم.

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سائادەت ساتتارنىڭ قەلىمىگە بەركەت تىلەيمەن

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەقەلىك بەكمۇ يىقىشلىق تەسۋېرلىنىپتۇ، قەلىمىڭىز بەركەتلىك بولغاي!!!
ئاللاھ خالىسا شۇنداق بىر كۈنلۈرىم كىلىدۇ،دوسلۇرۇم پەخىرلىنىپ كۈلگۈدەك،دۈشمەنلىرىم ھەسەت قىلىپ ئۆلگىدەك...

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمامغا قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ، قەدەم تەشرىپ قىلغان بارلىق ئۇستازلارغا، دوستلارغا سەمىمى تەشەككۈرلىرىمنى بىلدۈرىمەن. تېمىغا كىرگەن ئوننەچچەيلەن بىرگە ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىۋاتقاندەك ئىللىقلىق ھىس قىلدىم. ئەلۋەتتە، ئىنكاس قالدۇرۇشقا ئۈلگۈرمىگەن، ماڭا ئۇتۇق تىلەپ چىقىپ كەتكەن دوستلارنىڭمۇ پىچىرلاشلىرىنى ئاڭلاۋاتىمەن.
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:

ستاتىستىكا|Archiver|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网 ( ICP经营许可证编号:新ICP备10200746号 )

GMT+8, 2012-4-16 03:59 , Processed in 0.104190 second(s), 14 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش