يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 742|ئىنكاس: 7

شېئىردا نۇرلاندۇرۇلغان قەشقەر ئۇلۇغلۇقى ۋە شائىر سۆيگۈسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شېئىردا نۇرلاندۇرۇلغان قەشقەر ئۇلۇغلۇقى ۋە شائىر سۆيگۈسى1 [% X' `  j$ V9 l$ V) \8 U
راھمان  ئىمىر. q6 g& U  }" o* ^' e1 U
شائىر ئابدۇلئەھەت ئىسمائىل ئوغلاننىڭ ‹‹كاشىغەردەرگاھىدىن ئۇنچە –مارجانلار››ناملىق تەلقىنلىق غەزەللىرى تۇغرىسىدا( H" H: q. v3 V6 a; `% l1 u
ئەل سۆيگەن شائىر ئۇچۇن ئۆز ۋەتىنىنى-يۇرتىنى كۈيلەشتىنمۇ ئارتۇق بەخت بولمىسا كېرەك. ئەلمىساقتىن تارتىپ تا بۆگۈنگىچە ئۆز يۇرتىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ، مىھىر-مۇھەببىتىنى،سېھىرلىك سۇمباتىنى چۇڭقۇر تونىغان ،ئۇنىڭ ئوتىدا كاۋاپتەك كۈيۈپ ،يۇرۇكىنىڭ ھارارەتلىك تەپتىدىن ئېرىپ چىققان يالقۇنلۇق مىسرالار ئارقىلىق ئۆزىگە تۈز،نان ؛ئۇچۇشىغا مەدەت ،قان؛بەختىيار ياشىشىغا جان  بەرگەن بۇزرۇكۋارئانىدەك ئولۇغ بولغان   ۋەتەن-يۇرۇتنى كۈيلىگەن شائىرلىرىمىز نۇرغۇن. ئۇلار مىننەتسىز، تەمەسىز ھالدا قان -تەر ئاققۇزۇپ سەمەرىلىك ئەمگەكلىرى ئارقىلىق يۇرۇتىنىڭ گۈزەللىكىنى،بەختىيارلىقىنى بۇلبۇلدەك كۈيلەپ ئاۋام قەلبىدىن چۇڭقۇر ئورۇن ئېلىپ كەلدى ۋە  كەلمەكتە.                                             
$ z, B# _, Z# H% G- l- _بۆگۈنكى شېئىرىيەت گۈلزارىمىزدائۆزگۈچە خۈشپۇراققا ئىگە شېئىرىي گۈلدەستىلىرى بىلەن ئالقىشلىنىۋاتقان،ئۆتكۈر پىكىر،ئاممىباپ تىل، چۇڭقۇر مەزمۇن يوشۇرۇنغان لېرىك نەزمىلىرى بىلەن قەلىپ تارىمىزنى ھەدەپ  چېكىۋاتقان پىشقەدەم شائىر ئابدۇلئەھەت ئىسمائىل ئوغلان ھارارەتلىك قەلبىدە يانغان ئوتلۇق لاۋا-- ئانا يۇرت-قەشقەرگە بولغان چۇڭقۇر مىھىر -مۇھەببىتى ،سېغىنىش - ئىپتىخارى ئىپادىلەنگەن لېرىك شېئىرى ‹‹  كاشىغەر  دەرگاھىدىن ئۇنچە – مارجانلار  ››  نى ‹‹ قەشقەر ››ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىپ ،ئۆزىنىڭ ئانا يۇرت- قەشقەرگە بولغان ھۆرمەت-ئىھتىرامىنى،ئوتلۇق سېغىنىش-مۇھەببىتىنى ،چوغدەك يالقۇنلۇق ھېسىياتىنى رۇشەن ئىپادىلەپ كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۇچلۇك بەس مۇنازىرىنى ئوتتۇرغا چىقاردى.
0 ^! V, c8 Z$ a; `3 M7 u; w$ Wھەممىمىزگە مەلۇم قەشقەر خەلقىمىزنىڭ سوقۇپ تۇرغان ھارارەتلىك يۇرۇكى.ئۇنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىداتالايلىغان قىسمەتلەر، خۇشاللىق ،كۇلكە-چاخچاقلار كۆمۈلۈپ ياتىدۇ. ئۇنىڭ نۇرانە سىماسى خەلقىمىزنىڭ ئۆتمۇشى ۋە كەلگۈسى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن.شۇڭا قەشقەر ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىكى،رۇشەن خاسلىقى،تاڭدەك ئىستىقباللىقى بىلەن ھەر ۋاقىت ئۆز ئولۇغلۇقىنى ئۆزى سۆزلەپ تۇرىدۇ.خەلقىمىز ئېزىزانە قەشقەر بۇستانلىقىدا ياشاش ۋە تېرىكچىلىك قىلىش داۋامىدا دۇنيا جامائىتى ھەيرانۇ ھەس قالغۇدەك ئاجايىپ تۆھپە، ئىختىرا-كەشپىياتلارنى، قۇل ھۇنەرۋەنچىلىكنىڭ يارقىن شەجەرىلىرىنى ياراتقىنى ئۇچۇن چەكسىز ئىپتىخارلىنىدۇ،خۇشال بولىدۇ.قەشقەر ئۆزتارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقىدىنلام ئەمەس خەلقىنىڭ ياراتقان مول نەتىجىلىرى ،تۇغۇپ چوڭ قىلغان چېۋەر، ئەقىللىق ، ۋاپادار ،پەزىلەتلىك ئوغۇل قىزلىرى بىلەن مەڭگۈ پەخرلىنىشكە ھەقلىق. شائىر ئابدۇلئەھەت ئىسمائىل ئوغلان ئۆز تەپەككۇر قۇشلىرىنى قەشقەرنىڭ ئۆتمۇشى ۋە بۇگۈنىگە،ھەممىنىڭ ھەۋىسى ۋە زوقىنى قوزغايدىغان سېھىرلىك كوچا-رەستىلىرىگە قارتىپ ئاجايىپ پاساھەتلىك لىرىك تۇيغۇلىرى ئارقىلىق بىزنى قەشقەر ھەققىدە چۇڭقۇر ئۇيلاندۇرىدۇ. قەشقەرنىڭ ئەجدادلېىرىمىزنىڭ ئالتۇن بۆشۇكى بولۇشتەك يۇكسەك ئورنىنى قەلبىمىزگە سېزىپ چىقىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ قەشقەرگە بولغان چۇڭقۇر ھۆرمەت، مۇھەببىتىنى مەركەزلىك ئىپادىلەيدۇ.
2 _# T# x0 q5 |6 y  ‹‹كاشىغەردەرگاھىدىن ئۇنچە –مارجانلار›› ھەجىم جەھەتتىن ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ شەكىل ،مەزمۇن جەھەتتىن 5چوڭ بۆلەككە ئىگە بولغان لىرىكىچانلىقى كۇچلۇك،پەلسەپىۋىيلىككە ،شېئىرىي گۈزەللىككە تويۇنغان  تەلقىنلىق نەزمە- غەزەلدۇر.شائىر بىرىنچى بۆلىكى-‹‹كاشغەردىكى كوچىلار››دا 5 پارچە شېئرىي مۇھىتنى بەرپا قىلىپ، قەشقەرنىڭ بىر -بىرىدىن ئسىل ،داڭلىق كۇچىلرىنى ئاجايىپ گۈزەل، جۇشقۇن سادالاربىلەن مەدىھىيلەيدۇ.بۇ كۇچىلارنىڭ ئۆز تارىخىدا تالايلىغان قەھرىمانلارنى؛گۈزەل -ئايجاماللارنى؛ئاقىللىق،پەزىلەتلىك بۇزرۇكۋارلارنى؛ تېرىشچان ،قولى گۈل كاسىپ-ھۈنەرۋەنلەرنى؛ مىھرى ئاتەش كۇيۇملۇك قىز –جۇۋانلارنى؛ئەلگە ئاشىق پەھلىۋان يىگىتلەرنى،ئاقىل،ئۆلىما،دانالارنى تۇغۇپ چوڭ قىلغانلىقىدەك ئولۇغلىقىنى، تۆھپىسىنى ناھايىتى قايناق ھىسيات بىلەن دادىل ئىپادىلەيدۇ. شائىربۇ بۇلەكنىڭ ئاخىرىدا :
3 |- l- E3 i9 w! w2 aشاننى تۇغقان كوچىلار،شۆھرەتنى تۇغقان كوچىلار،7 G; y. ?) ]/ P6 U4 y- D, ?; i
گاھى رىغبەت،گاھى قۇت –نۇسرەتنى تۇغقان كوچىلار.
! ^- u6 W  c* e0 k( rئۇنچە- مارجان،لەئلى ياقۇت،دۇر-جاۋاھىر خەزنىسى،/ f% B' o5 o! d& p3 Q/ S
گۈل ھۈنەر-سەنئەت،زىبۇ –زىننەتنى تۇغقان كوچىلار.
9 w3 V/ a6 J& J* {8 s" \# D7 qھەر نەزەردە مۆتىۋەرھەم مۆھتىرەم بۇزرۇك ئانا،4 m8 X! n& e" ^" H
ئادىمىيگە ئادىمىي ئىززەتنى تۇغقان كوچىلار.
1 N( X0 Q1 q/ M% _' F1 o3 @قانچەپەرزەنت ئۆستۈرۈپ ئالتۇن بۆشۈكنى تەۋرىتىپ،
) U* r0 R" K. _( I9 k, t# u9 |كەلدى ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى تۇغقان كوچىلار.
# B( |, `8 S( C8 b. E- m: W$ Jھەرقاچان تەييار،دىلىڭ گەر خۇشلىسا ھەر نەرسىنى،
% [+ J) z' x% [8 N8 {نېمىتىدىنمۇ تولا ھىممەتنى تۇغقان كوچىلار.
- m9 j# H: ]% Jباغ كوچا،باغچە كوچا،جانان كوچا،جىنان كوچا،
1 ^4 t! q/ V- M  Tمىڭ ئېسىل –ئادەت –يوسۇن،خىسلەتنى تۇغقان كوچىلار.
( x4 u& F6 a8 j% b2 {: P5 w2 {ئۆرگىلەي ئوغلان بويىدىن ،سۇ سىپەي ياشىم بىلەن،! [! a' a6 n$ @( _( P5 j% \: e
بولمىسۇن تۇزان ،كۆيۈم –شەپقەتنى تۇغقان كوچىلار.
' Q. [! s* Q% ?2 \$ L; nدەپ يېزىش ئارقىلىق قەشقەرنىڭ جېنى،تومۇرى بولغان بىربىرىدىن ئېسىللىك، سېھىر- سالاپەت تالىشىپ تۇرىدىغان ئويغاق كوچىلارنىڭ بۇ ئېزىزانە يۇرۇتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى،خۇشاللىق شادلىقىنى،نۇردەك ئۇز –گۈزەللىكىنى قىسقىسى ھەممە نېمىسىنى تۇغۇپ ئاپىرىدە قىلغانلىقىدەك ئولۇغلۇقىنى ،خاسىيتىنى ،ئۆزىنىڭ ئەشۇ كوچىلارنى سۆيۈپ قانمايدىغان قايناق ھىسياتىنى  نامايان قىلغان.شېئىرنىڭ ئىككىنچى بۆلىكى-‹‹كاشىغەرنىڭ دىلبىرى›› تېخىمۇ قايناق،تېتىمىلىق ھىسىيات-پىكىرگە تويۇنغان بولۇپ شائىردەسلەپكى مىسرالىرىنى مۇنداق باشلىغان:
4 S2 ^# z: G) N' ^, Q2 gكوچىدا غىل - پال كۆرۈندى كاشىغەرنىڭ دىلبىرى،
4 ?9 i7 {- s1 p' ^" j+ l' K خۇددى چۇشكەندەك ئۇچۇپ توققۇز پەلەكتىن ھۆرپەرى.
. F' _8 e) ~  w7 kنە پەرۋىش ،نۇر چىراي،گۈلگۈن چىراي،قاشتاش بەدەن،
$ h- j9 R/ A- d4 _4 Fئوز يارالمىش بارچە ئۇزدىن زاتى ئىنسان جەۋھىرى.
! J( C/ Z8 _; l1 Vيەنە بىر چىققايمۇ ئول سۇبھى سەھەرنىڭ چولپىنى،
; f$ Z, x( t7 `# p; K9 Lياكى كۆكلەمنىڭ قۇياشى ئايدىڭ ئاخشام قەمىرى.
: t% R" _. T6 _. X- B9 G7 M- Cكۈنۈ-تۈن ئاۋارىمەن،شۇنداقمۇ ئاشىقلىق دېگەن،- K3 k; \5 c/ U* |
يوللىرىغا تەلمۈرۈپ ئاقتى كۆزۇمنىڭ گۆھىرى.
3 V$ W/ \( }$ P# u& z7 e....           .....            ........
5 z) B- ^& ^' d- M+ A" }' Z& @شائىر بۇ بۆلەكتە قەشقەرئاياللىرىنىڭ ئوبرازىنى ناھايىتى يۇكسەكلىككە كۆتۈرۈپ ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىگە ئالەمچە تەھسىن –ئاپىرىن ئوقۇيدۇ.شائىرنىڭ سۆزمەن قەلىمى ئاستىدا قەشقەر ئاياللىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولغان ‹‹كاشغەرنىڭ دىلبىرى›› بىزگە ھۆر-پەرىلەردەك گۈزەل،ئەۋرىشىم،سەھەر چولپىنىدەك پاكىز ھەم سۈزۈك، قاشتېشىدەك نۇرلۇق،جەلىپكارھالەتتە زاھىر بولىدۇ.شائىر مۇشۇنداق ئوتلۇق مىسرالار ئارقىلىق قەشقەر ئاياللىرىنىڭ ئوبرازىنى،نۇرلۇق سىماھسىنى، ئىشچان ،ۋاپادار شەرمى –ھايالىق خۇلۇق مىجەزىنى زۇق-شۇخ بىلەن كۈيلىگەن.بۇخىل كۈيلەشنى شائىرنىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتىنىڭ يارقىن جۇلاسى دېسەك خاتالاشمايمىز.
  F) F( T  q$ @' ?ئۇچىنچى بۆلەك-‹‹كاشىغەردە بۇ كىچە››دە شائىر ئۆزىنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنىڭ يۇرۇقلۇققا چىققانلىقىدەك رىئاللىقنى مەركەز قىلىپ شېئىرىي پىكىرلەرنى ئاشىق بىلەن مەشۇقنىڭ شېرىن ئاخشاملىرىغا تەققاسلايدۇ.شېئىرخۇددى پاساھەتلىك ۋىسال نۇتۇقىدەك دىلىمىزغا ئەركىن سېڭىپ يار دىدارىغا قانغان بىر ئاشىقنىڭ شادلىق –خۇشاللىقىنى ئىپادىلىگەن.بۇ بۆلەكتىكى مىسرالارغا مەپتۇنلۇق نەزىرىمىزنى تېخىمۇ كەڭرى ئاغدۇرساق قەشقەرنىڭ بۆگۈنكىدەك گۈللەپ ياشنىغان بەختىيارلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇلغانلىقىنى بايقىيالايمىز.
, u2 n) C# U' L       شائىر بولماق ئاسان ئەمەس.ھەقىقىي شائىر ھەرۋاقىت ھەر زامان ئۆز خەلقى ،يۇرتى بىلەن بىللە بولغان، قەلبىدە ۋەتەن -يۇرت مىھرى قۇياشتەك نۇر چاچقان بولىدۇ.شۇڭا قەلبى ئويغاق، ۋىجدانى تېرەن  شائىرلىرىمىز ئۆز يۇرتىنى كۈيلەشنى، قەدىرلەشنى،ئۇنىڭ ئىشقىدا گۈلخاندەك كۈيۈشنى شەرەپ ھىس قىلىپ كەلگەن.‹‹كاشىغەردەرگاھىدىن ئۇنچە –مارجانلار››نى ئوقۇغىنىمىزداشائىر قەلىمىدىن قەشقەرنىڭ ھەربىر كوچا،رەستىلىرىنىڭ پاساھىتىنى، ئولۇغلۇقىنى، ئادەملىرىنىڭ ئايدەك گۈزەل، گۇلدەك يېقىشلىق مۇلايىم، پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تونۇپ يىتىمىز.شۇنداقلا شائىرنىڭ  قەشقەردىن ئىبارەت بۇ سېھىرلىك ھەم مىھىرلىك ماكاننىڭ بىر كۈيچىسى بولغىنىنى،ئاپتۇر قەلبىدە قەشقەر مۇھەببىتىنىڭ نەقەدەر چۇڭقۇر نەقەدەر ئولۇغ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ بۇ سۆيۈملۈك يۇرتنىڭ ئېزىز قۇرغۇچىلىرى بولغىنىمىزدىن ئىپتىخارلانماي،ئاپتۇرغا ئاپىرىن-تەھسىن ئېيىتماي تۇرالمايمىز.بۇ يەردە شۇنى قەيىت قىلىش كېرەككى ،شائىر تۇلۇپ تاشقان قىزغىن ھىسياتى بىلەن يېزىپ چىققان ‹‹ كائىناتتا كاشغەرىدىن بىرسى بار››دېگەن  بۆلەك ئالاھىدە دىقەتلىكتۇر. بۇ بۆلەكتە شائىر ھىسياتىنى كەڭ قۇيۋېتىپ خەلقىمىزگە، پۇتۇن جاھانغا شۇنداق خىتاپ قىلىدۇكى يۇرەكلەر خۇشاللىقتىن قىن قىنىغا پاتماي قالىدۇ.
& W3 L; W: o* Y* S. T.........................................
* c3 N4 j" q$ N- O$ O. fئەي جاھان كەزدى ،جاھاندا بار ئىكەن كۇرمىڭ شەھەر،' U& j8 T# q* Q" D8 `6 p9 Y
بىزدىمۇ ئەڭ شانۇ شەۋكەتلىك شەھەردىن بىرسى بار.1 E- l/ }1 c. `. r; i+ g# M' u5 b! {
ھەر كوچا،ھەربىر ئۆيى بىردىن تەۋەررۈك موزېيى،% t3 |; ~1 {! W# R) [; x: L
ھەر موزېينىڭ ئىچىدە قۇددۇس شەجەردىن بىرسى بار.+ h8 r& G6 U. E
بۇ شەجەرنىڭ شاخلىرى كۆپ ،ياپرىقى ئاندىن تولا،% R! E  z0 @: B% o0 N
ھەرنە ياپراق بىر ۋاراق،پارلاق سەمەردىن بىرسى بار.
1 ~5 B, p1 ?8 S% u) c/ E& ^$ _/ Mبۇ شەھەرنىڭ قوينىدا بار بىھېساپ رەستە-كوچا،' _1 o2 w: @" x
ھەركوچا دۇقمۇشىدا ئاۋات گۈزەردىن بىرسى بار.' B: f9 Y6 x- _
ئويلا ئوغلان،قايدا بارمۇنداق سۆيۈملۈك جان ۋەتەن،/ s' v( w, m* v6 [9 ?
قەدرىگە يەت ،كائىناتتا كەشغەرىدىن بىرسى بار.
9 W3 x2 S- G: E& I. U' Y' Yبۇ بۆلەك پۇتۇن شېئىرنىڭ گۈل تاجىسى بولۇپ قەشقەردىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ شۆھرىتىگە ئوقۇلغان قەسىدىدۇر.شائىر قەشقەرنىڭ جاھاندىكى  تەڭداشسىز،ئۆزگىچە مەدەنىيەت،تۇرمۇش،پىسىىكا تىندۇرمىسىغا تۇيۇنغان،ھەربىر كوچا رەستىسىدىن ئۆزگۇچىلىك پۇراپ تۇرىدىغان ئالاھىدە ئورنىنى ئاجايىپ پاساھەت ،ئۆتكۇر تىل يارقىن مىسرالار ئارقىلىق نۇرلاندۇرغان.شۇنداقلا ‹‹بۇ جاھاندا كاشغەرىدىن بىرسى بار›› دەپ ئوتلۇق خىتاپ ،چاقىرىق ئارقىلىق قەشقەرنى سۆيۈش،ئولۇغلاشنىڭ رىئالنى ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن.
2 J9 s7 o  D" N3 N( z6 g شائىر بەشىنچى بۆلەك‹‹كاشىغەر كوچىسىدىن››نى قەلەمگە ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قەشقەردىن چەكسىز پەخىرلىنىدىغانلىقىنى،ئۇنى مەڭگۈ ئوتلۇق مىھرى بىلەن سۆيىدىغانلىقىدەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئىپادىلىگەن.8 t5 N4 e9 [" `/ Y, _7 @
مەسلەن ،بۇ بۆلەكتە مۇنداق قۇرلار پىكىرىمىزنىڭ دەلىلى بولالايدۇ:
& M# Q. y  ?. @* Xئۇنچە مارجانلار تىرىپ مەن كاشىغەر كوچاسىدىن،
/ m! O4 `. c6 H- S, n$ z6 Gدۇر-گۆھەر چاچقۇم كېلۇر خەلقىم بېشى-ئۇچاسىدىن.
4 B; v. [/ k6 D2 kمەن ياشاپ چارەك ئەسىرجەننەت مەسسەللىك قوينىدا،
, P' T0 q( B8 u1 I: d3 rبەھرىمەن بولدۇم ھالال تۇز،ئاش،نېنى،ھاۋاسىدىن.
5 c5 o; x  N; m* A2 R........            ......            .....$ M0 D$ o# [% b) r4 b
شۇ سەۋەپ بۇ قىبلىگاھقا باش قويۇپ سەجدە قىلاي،
' g  J5 E0 v5 Aيۈزلىرىمگە سۈرتىبان زەر تۇپرىقى توپاسىدىن./ E, p8 G, O; P0 T- F* K& x6 a
بىز بۇ قۇرلارنى ئوقۇغىنىمىزدا شائىرنىڭ شېئىرىي تالانتىغا، قەشقەردىن ئىبارەت ئانا يۇرتنى، ئېزىزانە شەھەرنى قانچىلىك سۆيۈدىغانلىقىغا قول قۇيماي تۇرالمايمىز." u+ y5 ?- n- O" `6 g
بىز شېئىرنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىغا غەرىق بولغىنىمىزدا ،ئۇنىڭ ھەربىر مىسراسى تاتلىق ،يېقىملىق،ئۆزگۈچە پۇراقلىرى بىلەن روھىمىزنى ،تەپەككۇر-سەزگۈلىرىمىزنى غىدىقلاپ ،شېئىرىي گۈزەللىكتىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندۇرىدۇ.مەسلەن:‹‹ئاينى تۇغقان كوچىلار،يۇلتۈزنى توغقان كوچىلار››،‹‹باغرى ئىللىق ،قوينى كەڭ دۇنيانى تۇغقان كوچىلار››،‹‹لەۋلىرىڭ ئالتۇن پىيالە،تەڭلىگىل سىنچاي ئىچەي،››،‹‹ئاللا ،ئاللا تەرىپىڭگە كىرپىكىم بولسۇن قەلەم››‹‹بۇ شەھەرنىڭ قوينىدا بار بىھېساپ رەستە كوچا،ھەر كوچا دۇقمۇشىدا ئاۋات گۈزەردىن بىرسى بار.››‹‹گاھىدا ئۈلپەت بولۇپ تاپتىم شېئىر ئىلھامىنى،بۇ دىيارنىڭ كۆركى ئاي يۈزلۈك سەنەم زىباسىدىن.››.....قاتارلىق  مىسرالاردىكى سۆزلەردىن قويۇق شېئىرىي پۇراق،ئىستىتىك تۇيغۇ-ھىسيات قايناپ تۇرىدۇ.بۇ سۆزلەرنىڭ ۋەزنىنى باشقا ھېچقانداق سۆز باسالمايدۇ.بۇنىڭدىن شائىرنىڭ تىل سەنئىتىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ،شېئىردا تىلنىڭ مەزمۇن ئىپادىلەش كۈچى ۋە پاساھىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەنلىكىنى،تىل گۈزەللىكى ئارقىلىق،شېرئىرىي گۈزەللىكنى يارتىپ ،شېئىرنىڭ جەلىپ قىلارلىقى ۋە بەدىئىي ئۈنۈمىنى ھەسسىلەپ يۇقۇرى كۆتۈرگەنلىكىنى ھىس قىلىمىز.شېئىردا يەنە ‹‹بۇتا كۆز››،‹‹سەرۋى قامەت››،‹‹قولى گۈل››،‹‹قاشتاش بەدەن››،‹‹مىڭ تۈمەن گۈل››دېگەنگە ئوخشاش ئوخشىتىش،سۈپەتلەش،مۇبالىغە قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلارجايىدا قوللىنىلىپ شېئىرنىڭ ھاياتى كۈچى ئاشۇرۇلغان.
2 c, V/ Z" L) \5 Sقىسقىسى  ‹‹كاشىغەردەرگاھىدىن ئۇنچە –مارجانلار›› ناملىق شېئىردىكى شېئىرىي مۇھىت، ساپ شېئىرىي سادالار چىنلىق،سەمىمىيلىك،جۇشقۇنلۇق ئىچىدە سەزگۈلىرىمىزنى غىدىقلاپ يۇركىمىزنى ئىختىيارسىز تىترىتىدۇ.بۇ شېئىردا قەشقەرنىڭ ئولۇغلۇقى،مۇقەددەسلىكلىكى،شائىرنىڭ قەلبىدىكى قەشقەرگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت –سۆيگۈ يالقۇنلىرى مەركەزلىك ئىپادە قىلىنغان،شېئىرىي گۈزەللىككە تويۇنغان،بەدىيلىكى بىلەن ئىدىيىۋېلىكى زىچ بىرلەشتۇرۇلگەن‹‹قەشقەر قەسىدىلىرى››نىڭ گۈل تاجىسىدۇر.
& v& k# x5 }# x3 l) }9 N/ ]# [مەن ئاخىرىدا مۇشۇنداق ئوتلۇق لىرىكىلىرى ئارقىلىق يۇرت ۋەتەننى قىزغىن كۈيلىگەن،ئۇنىڭغا بولغان چوغدەك مۇھەببىتىنى ئىزھار ئېتەلىگەن ئابدۇلئەھەت ئىسمائىل ئەپەندىگە ئۇزۇن ئۆمۈر،ئائىلىسىگە بەخت ،ئىجادىيىتىگە بەرىكەت تىلەيمەن.شۇنداقلا ئۆز يۇرت كۈيلەنگەن نادىر ئەسەرلەر ئارقىلىق خەلقىمىزگە مەنىۋىي ئوزۇق بېرىپ كىلىۋاتقان ‹‹ قەشقەر ›› ژۇرنىلىنىڭ تېخىمۇ رۇناق تېپىشىغا تېلەكداشمەن.
& L. x0 |( Y  ~9 n

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-5-21 22:35:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلكەشنىڭ مۇشۇنىڭدەك قەلىمى پىشقان ئەسەرلىرىنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

ۋاقتى: 2013-5-22 11:44:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلكەش ئەپەندىنىڭ ماقالىسى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ، ھارمىغايسىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-22 16:30:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغۇزەك،خەنجەر ئاكا-ئېنە دوستلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىنى مەندىن ئايىمىغىنىغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2013-5-29 18:09:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2013-5-22 11:44 6 L2 x7 r' |7 [
دىلكەش ئەپەندىنىڭ ماقالىسى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ، ھ ...

' q, M0 c! P# u4 rشائىر ئابدۇلئەھەت ئىسمائىل ئوغلاننىڭ ‹‹كاشىغەردەرگاھىدىن ئۇنچە –مارجانلار››ناملىق تەلقىنلىق غەزەللىرىلا ئەمەس، بارلىق شېئىرلىرى ئادەمنى قايىل قىلىدۇ. تېما ئاپتۇرىغا رەھمەت!; G# o" b8 v5 E$ C* P

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-18 12:56:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارازا ئەپەندىم، پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق.ئابدۇلئەھەت ئىسمائىل ئاز ھەم ساز يازىدىغان، پاخال نەرسىلەر بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى ئالدايدىغان ئىشلارنى قىلمايدىغان ئەركەك شائىرلىرىزنىڭ بىرىدۇر.

ۋاقتى: 2013-6-18 17:03:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلكەشنىڭ  مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلىرىنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،تەشەككۈر!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-19 11:02:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتۇكچى ئەپەندىم .قىممەتلىك پىكىرىڭىزگە رەھمەت.سىزنىڭمۇ قەلىمىڭىز ھارمىغاي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش