ئاشىق ئوت
ئةي گۈلۈم، قايسى چاغ، قايسى مېنۇتلاردا، قانداق نةزىرىم بىلةن چةكسىز مۇھةببةت ئۇچقۇنلىرى كىشى ۋۇجۇدىنى كۈل قىلىپ تاشلايدىغان، سۆيگۈ ئوتلىرى يالقۇنلاپ تۇرغان بۇلاقتةك كۆزلىرىڭگة؛ كىرپىك نةيزىلىرىڭ مۇھاپىزىتىگة مۈكۈنۈپ، يىگانة جىسمىمىنى، مۇھةببةتلىك يۈرىكىمنى ئۆزىگة مةھلىيا قىلىۋالغان جۈپ قارچۇقۇڭغا قاراپ سالغان بولغىيىتتىم؟!...ئاھ،ئاشىق كۈيلةرگة جۆر بولغان سۆيگۈ قۇشۇم سۆيگۈ بوستانىڭنىڭ خۇش ھىدلارغا تويۇنغان چىمةنزارلىقىدا ناۋا قىلىشنى ئىستةيدۇ.مةندةك ئاشىقىڭغا قةلب خانةڭدىن قاچانمۇ بىر كىشلىك ئورۇن بېرةرسةن؟! چةكسىز ھةسرةت، ئالةمچة ئىنتىزارلىق ۋة ئىشق ئوتىدا پۇچۇلانغان يۈرىكىم مۇھةببةتلىك يةنة بىر يۈرةككة تةلمۈرۈپ ئارمان بىلەن سوقماقتا...
بىلەمسەن گۈلۈم، شۇ تاپتا پەقەت سۆيگۈ تەشنالىقىدا قاغجىرىغان، ئويماقتەك لەۋلىرىڭدىن ۋېسال شەربەتلىرى ئىچىشنى ئىنتىزارلىق بىلةن كۈتكةن، سۆيۈلۈشكة تةشنا بولۇپ گةز باغلىغان لةۋلىرىم بىلةنلا ئةمةس؛ بةلكى ئاتةش مىسالى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان مۇھةببةتلىك يۈرىكىم بىلةن يىگانة ئىسمىڭنى شىۋىرلايمةن. سانسىز كېچىلةر كىرپىك قاقمىغان مۇڭلۇق كۆزلىرىمدىن چةكسىز تةشنالىق، بىر دۇنيا ھةسرةت تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. نېمة ئۈچۈندۇر، كۈلةي دةپمۇ كۈلةلمةيمةن. كۆڭلۈم سۇنۇق، باشقىلاردةك خۇشھال-خۇرام يۈرةلمةيمةن.سېنى چةكسىز سېغىنغان دةقىقىلةردة ئادةملةردىن قېچىپ، يالغۇزلۇقنى خالاپ قالىمةن.خۇددى ئوزۇن كېچىلةردىكى تاتلىق چۈشلىرىمدة كۆرگةندىكىدةك زىلۋا قامىتىڭ، ئۇماققىنة سىمايىڭ، يۈرىكىمنى تىترةتكةن كۈلۈمسىرةشلىرىڭ كۆز ئالدىمدا پةيدا بولىدۇ. مةن كۆزلىرىمگة ئىشةنمةيلا قالىمةن. مۇھةببةت ئوتىدا پۇچۇلانغان يۈرىكىم شاش ئاتتةك ئةنسىز تىپىرلاپ، دۈپۈلدةپ سوقۇپ كېتىدۇ.ئاشىق جىسمىمنى خۇددى تۇنجى قېتىم مةشۇقىنىڭ لةۋلىرىگة سۆيگةن يىگىتتةك تاتلىق ۋة لةززةتلىك، سېھىرلىك ۋة چةكسىز ھاياجانلىق تۇيغۇلار ئةسىر قىلىۋالىدۇ.مةن مۇھةببةتلىك يۈرىكىمنىڭ لاۋۇلداپ كۆيۈشىگة بةرداشلىق بېرةلمةي، سېنى باغرىمغا بېسىش ئۈچۈن زور جاسارةت بىلةن غۇلىچىمنى كةڭ ئاچىمةن. ئةپسۇس، باغرىم يةنىلا بۇرۇنقىدةك قۇپقۇرۇق، سېنى بىرةر قېتىممۇ قانغۇچة باغرىمغا باسالمايمةن. سةن گويا تاتلىق چۈشلىرىمدىكى گۈزةل پةرىشتىلةردةك كۆز ئالدىمدىن تويۇقسىزلا غايىپ بولىسةن...ئۇزۇن تۈنلةردة تىغدةك يالغۇزلۇق جېنىمغا پاتىدۇ.جىسمىم مۇزلايدۇ.يېنىم شامالدايدۇ. پةقةت سېنىڭ بوۋاقتةك سةبىي ۋة غۇبارسىز، ئاق سۈتتةك پاك مۇھةببىتىڭ بىلةن مۇڭدىشىمةن.تۈندىكى چولپان يۇلتۇزدةك نۇرانة، گۈزةل ۋة كىشىنى مةھلىيا قىلىدىغان؛ ئةمما، ماڭا بةخىش ئېتىلمىگةن؛ پةرىشتىدةك پاك، كۆكتىكى تۇلۇن ئايدةك قول يةتكۈسىز يىراقتا بولۇپ تۇيۇلىدىغان، تىلسىمات كةبىي سىرلىق ۋة پىنھان مۇھةببىتىڭ بىلةن غايىۋى سىردىشىمةن... پةقةت ساڭا بولغان چىدىغۇسىز سېغىنىشلىرىم، ئىچىمنى تىڭشاپ، ھةسرةت بىلةن ئۇلۇغ كىچىك تىنىشلىرىم ؛ گۈزةل ۋة شېرىن ئارزۇ-ئارمانلارنى، غاية-ئىستةكلةرنى ئۆزىگة مۇجةسسةملىگةن، ۋاپا-ساداقةت كةۋسةرلىرىگة تۇيۇنغان، ئوتلۇق ۋة تىكةندةك يالغۇز يۈرىكىم؛ تۆت تېمىدىن مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان غېرىبانة كۈلبةم ماڭا ھةمراھ بولىدۇ. سېنى كۈتىمةن، ئۇزۇن تۈنلةردة نېمىشقىدۇر ھةريان تولغىنىمةن!...ئويغىنىمةن!!...ئويلىنىمةن!!!...
تاتلىق شېئىرىي تۇيغۇلارغا تۇيۇنغان، ھاۋاسى ساپ، سېھىرلىك ۋة گۈزةل، ئىللىق سةھرانىڭ جۈپ-جۈپ ئاشىق-مةشۇقلارنىڭ تاتلىق پىچىرلاشلىرىغا گۇۋاھ بولغان ئۆستةڭ بويلىرىدا؛ تېنچ ۋة خىلۋةت، ئةتراپى رةڭگارةڭ گۈل-چىمةنلةر بىلةن ئورالغان يالغۇز ئاياغ يوللاردا بةزىدة سېنى ئۇچرىتىپ قالىمةن. ساڭا، سېنىڭ زىلۋا قامىتىڭگة، پةرىزاتتةك جامالىڭغا، بۇلاقتةك كۆزلىرىڭگة نىگاھ تاشلىغان ئاشۇ دةقىقىلةردة جىددىيلةشكىنىمدىن جىسمىم ياپراقتةك تىترةيدۇ.يۈرىكىم سېلىپ، ئۆپكةم ئېغىزىمغا كةپلىشىپ قالىدۇ.مةن يۈرةك سۆزۈمنى بىرجۈملة سۆزگة يىغىنچاقلاپ سةندىن ئةھۋال سوراش ئۈچۈن زور جۈرئةت بىلةن ئېغىزىمنى ئۆمةللةپ بولغىچة، سةن قاپقارا قوي كۆزلىرىڭ بىلةن مۇھةببةتكة تةشنا كۆزلىرىمگة چۈشىنىكسىز بىر يوسۇندا نىگاھ تاشلاپ، كۆز ئالدىمدىن غةمسىز كىيىكتةك ئويناقلىغىنىڭچة ئۆتۈپ كېتىسةن.تاتلىق تةبةسسۇمىڭ، گۈلگۈن سىماھىڭ قارىچۇقۇمغا مةھكةم ئورناپ قالىدۇ.ھةيرانمةن گۈلۈم، ھةر بىر نىگاھ تاشلىشىڭدا، ئوت چاقناپ تۇرغان قوي كۆزلىرىڭ بىلةن ھةر بىر بېقىشىڭدا كۆيۈپ كۈل بۇلاي دةپ قالغان؛ سۆيگۈ ۋېسالىغا تةشنا بۇلۇپ، ياپراقتةك تىتىرةپ تۇرغان ئاتةشيۈرىكىمگة يةنة ئالةمچة بىر كۆيۈك ئوتىنى تاشلاپ كةتكىنىڭنى سةزمىگةنسةنمۇ؟!...
بىلةمسةن گۈلۈم، يىگانة يۈرىكىم چةكسىز تةنھالىق چۆلىدة ئېزگۈ ۋة لىرىك سۆيگۈ كۈيىگة جۆر بولغىنىچة، ئۆزىگة ياندىشىپ سوقىدىغان يةنة بىر مۇھةببةتلىك يۈرةكنى ئىنتىزارلىق بىلةن كۈتمةكتة. چوغلانغان ۋۇجۇدۇم تىترىمةكتة. يۈرةك-باغرىم ئۈنسىز ئېسةدىمةكتة...سېنىڭ كويۇڭدا يۈرگةن، ھةر مېنۇت، ھةر سېكۇنت گۈزةل چېھرىڭگة مۇنتةزىر بولغان ۋىسالغا تةشنايۈرىكىم ، ئوت چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىم مۇھةببةت كوچىسىدا ئىسيانكار!!!... ماڭا سالغان سۆيگۈ ئوتۇڭنى،خۇشھاللىق ئةمةس، بةخىش ئةتكةن ئازاب-ھةسرةتلىرىڭنى يۈرىكىم قېتىدىن كۆچۈرۈۋېتىشكة؛ قةلبىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى يىگانة ئىسمىڭنى، چولپان يۇلتۇزدةك نۇرلۇق ۋة پىنھان سىماھىڭنى كۆڭۈل ئېكرانىمدىن ئۆچۈرۈۋېتىشكة ئامالسىزمةن. ئةمما، ھامان بىر كۈنى سۆيگۈ ھۇماسىنىڭ مةن تامان كۈلۈپ باقىدىغانلىقىغا ئاشىق قةلبىم يةنىلا چةكسىز ئۈمىدۋار!...
2002-يىل ماي ، ئۈرۈمچى
2009-يىل ئۆكتةبىر ، ئۇچتۇرپان (قايتا تۈزىتىلدى)
( مةزكۈر ئةسةر «مايبۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.ئا.سەئىدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-11 01:00