توختى مامۇت ئىزچى 1980-يىلى 12-ئايدا يەكەن ناھىيە كاچۇڭ يىزىسدا تۇغۇلغان. 1999- يىلى 9- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. ئوتتۇرا مەكتەپ 1- دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى. ھازىر يەكەن ناھىيە دامسى يىزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. 2011- يىلى 6- ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.
ئۇنىڭ تۇنجى شىئىرى 1998- يىلى يەكەن گىزىتىدە ئىلان قىلىنغان بولۇپ، <<تارىم>>،<<تەڭرىتاغ>>...قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 300 پارچىدىن ئارتۇق شىئىر، ھىكايىلىرى ئىلان قىلىنغان.