ئابدۇۋاسىت ئابدۇراخماننىڭ «زىيالىيچە تەپەككۇر ۋە دېھقانچە مەتانەت»، ئابلەت مۇھەممەدنىڭ «غۇرۇرنىڭ بايانى»، ئالتۇنگۈل رەجەپنىڭ «قىرىق ياشلىق ئايال»، ئابدۇرەھمان ئەزىز ئوغلىنىڭ «دېھقان ئاتا» قاتارلىق بىر يۈرۈش كىتابلار «كارۋان» مەجمۇئەسى قاتارىدا شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. بۇ كىتابلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا چىققان، بىر قەدەر ياخشى تەسىر قوزغىغان پوبلىستىك ماقالە ۋە ھېكايە- شېئىرلارنى توپلاش ئاساسىدا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوسمان قاۋۇلنىڭ «ئايسىمەنىڭ گۈللىرى» ناملىق ھېكايە- پوۋېست توپلىمى نەشىر قىلىندى. بۇ كىتابلار پات ئارىدا كىتابخانلارغا سېلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
|