«شىنجاڭ يازغۇچىلار لۇغىتى»سەھىپىسى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش
جەمئىىيىتىمىزنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا، تورىمىزدىكى بارلىق تورداشلارغا:
«شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»مىزنىڭ يېڭى مۇنبىرى،«شىنجاڭ يازغۇچىلار لۇغىتى» سەھىپىسىنى تەسىس قىلىپ،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزالىرىنىڭ ئېلىكتىرونلۇق ماتىريال ئامبىرى سۈپىتىدە يولغا قويۇشنى باشلىدى. لېكىن بىرقانچە كۈنلەردىن بۇيان ئەزالىرىمىز ۋە تورداشلار يوللاۋاتقان تەرجىمھاللاردا بەزى ئۆلچەمسىزلىك ئەھۋاللىرى قايتا – قايتا كۆرۈلدى. ھەتتا تۇنۇشتۇرۇش تىپىدىكى ماقالىلەرمۇ تەرجىمھال، ئارخىپ شەكلىدە يوللاندى. بۇنداق قىلىش تەلەپكە ئۇيغۇن ئەمەس. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزالىرىنىڭ ئېلىكتىرونلۇق ئارخىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش،ئۆچەملەشتۇرۇش، ئەزالىرىمىز ۋە تورداشلارنىڭ تەرجىمھالنى يوللاپ بېرىشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن،مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرىمىز:
1.«شىنجاڭ يازغۇچىلار لۇغىتى»گە 1957-يىلىدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن بارلىق ئەزالارنىڭ تەرجىمھالى يوللىنىدۇ.
2.ھەر بىر ئەزانىڭ تەرجىمھالى مەزمۇن جەھەتتىن تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1) ئىسىم ـ فامىلىسى
(2) تۇغۇلغان ۋاقتى
(3) تەخەللۇسى
(4) جىنىسى
(5) مىللىتى
(6) سىياسى قىياپىتى
(7) ئوقۇش تارىخى
(8) قىسقىچە تەرجىمھالى
(9) ۋەزىپىسى
(10) ئۇنۋانى
(11) ئىجدىمائى ۋەزىپىسى
(12) تۇنجى ئەسىرىنى ئېلان قىلغان ۋاقتى
(13)شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە كىرگەن ۋاقتى
(14) جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىىيىتىگە كىرگەن ۋاقتى
(15) نەشر ـ ئېلان قىلىنغان ئاساسلىق ئەسەرلىرىنىڭ نامى ۋە ژانىرى
(16) ئەسەرلىرىنىڭ مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى ئەھۋالى
(17) ئۆلچەملىك سۈرىتى
3.ئەزالىرىمىز ۋە تورداشلارنىڭ تەرجىمھاللارنى يوللىغاندا بۇ نۇقتىلارنى تولۇق گەۋدىلەندۈرىشىنى، قانداقتۇ ئەسەر ۋە ئادەم ھەققىدە تەھلىل،باھا،تەرىپ قاتارلىق ئىبارىلەرنى كىرگۈزمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز! بۇندىن كېيىن ئۆلچەمسىز يوللانغان تەرجىمھال ۋە سۈرەتلەر بىردەك تەستىقلانمايدۇ ھەمدە تۈزىتىپ قايتا يوللاشقا قايتۇرىلىدۇ.
4. بۇ سەھىپىگە جايلاردىكى يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى، ژۇرناللار ۋە ئەزالىرىمىز، ئاپتورلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرى بىلىدىغان ئەزالىرىمىزنىڭ ئارخىپىنى خالىس، ياردەمدە بولۇپ يوللاپ بېرىشى قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ.
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
2012-يىل 4-ئاينىڭ 10-كۈنى