باھار پەسلى يۇمشاق ۋەتىنىم
بولكا بولۇپ يۇمشىدى تاغلار ،
قۇرۇت -قوڭغۇز قىلماقتا توينى .
زەرەتلىنەر ھەسەل ھەرىلەر ،
قىچىشماقتا مامىكاپ بوينى .
ئەركە سەلكىن تاتلىق ۋېلىقلار ،
چىغىر يوللار تۇغماقتا شەبنەم .
شېئر پۈركۈپ تۇرغان بۇلاقتىن ،
سوغىسىغا سۇ ئالار سەنەم .
ئاسمان كىيەر چىمەن دوپپىنى ،
قۇياش كىيەر ئوتتىن پېرىجە .
نۇرلار بىلەن جۈپلىشىپ قويۇپ ،
قورسىقىنى سىيلار دېرىزە .
كۆكلىمەكتە ۋاقىت ھاسسىسى ،
باشلاپ كېلەر چېچەك پەسلىنى .
دالىلارغا قىلماقتا گىرىم ،
سازاڭلارنىڭ يۇمشاق ۋەتىنى.
غەيۋەت قىلار كوت - كوت چىۋىنلەر ،
خالا جايغا ئاسار ۋېۋىسكا .
تىرنىقىنى تاتلىدى گۇگۇم ،
باغلار كۈلۈپ تۇرار نىمىشقا ؟
چۆمىلە قىز قىلماقتا گىرىم ،
رەڭ ياسايدۇ سېمىز كېچىلەر .
قايماق تۆكۈپ لېۋىدىن باھار،
شىۋاقلارنىڭ قېشىدىن ئۈنەر.
يورۇقلىققا ماسلىشىش ئۈچۈن ،
بىخلىنىدۇ توختىماي تېنىم .
قوۋۇرغامنى پەپىلەپ قويار ،
باھار پەسلى _ يۇمشاق ۋەتىنىم .
ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن
|