يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 387|ئىنكاس: 3

ئىللىق روھىي ھالەت يارىتايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
               
                             ئىللىق روھىي ھالەت يارىتايلى


ۋۇۋېيكۇ

   بۈگۈن بۇ يەردە ئۇقۇرمەنلىرىم بىلەن بىرلىكتە ‹‹ئىللىق روھىي ھالەت يارىتايلى›› دېگەن تېما ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقچىمەن.بۇ مەزمۇنى چۇڭقۇر،ئەمىليەتچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىر پىسخىكىلىق تەرجىمە ئەسەر.
   ھازىر كۆپچىلىك يۈزلىنىۋاتقان قانداق مۇھت؟ بايلىقىمىز كۈپىيىۋاتىدۇ،لېكىن بۇنىڭدىن رازى بولمايۋاتىمىز.ئېرىشكىنىمىز كۆپىيىۋاتىدۇ،لېكىن خۇشال بولمايۋاتىمىز.ئالاقە ئۈسكىنلىرى بارغانسىرى كۈچىيىۋاتىدۇ،لېكىن ئالاقە قىلىشىدىغانلار بارغانسىرى ئازىيىۋاتىدۇ.تونىشقان ئادەملىرىمىز بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ،لېكىن سىرداش دوسلىرىمىز بارغانسىرى ئازىيىۋاتىدۇ. ھازىرقى كىشىلەر چۇكىنى قولىغا ئېلىپ سەي يەيدۇ،چۇكىنى قويۇپ ئانىسىنى تىللايدۇ. بەزىلەر '' ھەي.....ماۋزىدۇڭنىڭ زامانىسى نېمە دېگەن ياخشى،ئەينى چاغلاردا ئائىللەردە قىيىنچىلىق بولسىمۇ،كىشىلەرنىڭ روھى ھالىتى ياخشى ئىدى.ھازىرقى كىشىلەر نىڭ توققۇزى تەل بولسىمۇ، لېكىن روھى ھالىتى ياخشى ئەمەس.بۇ ھاياتلىقتىكى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئەمەسمۇ'' دىيىشىدۇ.
   مەسىلە زادى نەدە؟ قايتا-قايتا ئويلۇنۇپ بىلدىمكى،مەسىلە بىزنىڭ روھى ھالىتىمىزدىن چىقىپتۇ. ياخشى كەيپىيات،ياخشى روھى ھالەت بولغاندىلا،بىز گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇر ئالالايمىز. بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشتىكى مەقسەتمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ،ساغلام بولغان كىشلىك ھاياتقا ئېرىشىپ كۈچلۈك بولغان،ئېرىشىش تەسىرىدىن قۇتۇلىشىغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت.ئىچكى دۇنيارىڭىزدا بىر پارچە ئوت بولسا،نۇر بىلەن ئىسسىقلىق چىقىرالايسىز.ئەگەر ئىچكى دۇنيارىڭىزدا بىر پارچە مۇز بولسا،ئۇنداقتا بۇ مۇز ئېرىگەن تەقدىردىمۇ،ئىچكى دۇنيارىڭىز نۆل گىرادوس بولىدۇ، خالاس.
   باشقىلارغا بەخت يارىتىشنى ئويلايدىكەنمىز،ئۇنداقتا ئۆزىمىز بەختلىك بولىشىمىز كېرەك.ئۆزىڭىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ئىسسىقلىق بولسا، ئىسسىقلىق چىقىرالايسىز.ئۆزىڭىزدە ئىسسىقلىق بولىشىنى ئۆمىد قىلسىڭىز،ئالدى بىلەن ئائىلىڭىز ئىللىق بولىشى كېرەك.شۇنداق قىلالالىسىڭىز سىز پۈتۈن ھۇجۇدىڭىز بىلەن خىزمەت قىلالايسىز.ياخشى بولغان روھى ھالەت شەخىسكە،ئائىلىگە،كوللېكتىپقا،تەشكىلگە ئاخىردا جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   روھى ھالەتنىڭ زادى قانچىلىك كۈچ- قۇددىرىتى بار؟ بىر پروفېسسور توققۇز ئادەمنى تېپىپ ئۇلارغا تەربىيە ئېلىپ بارغان. پروفېسسور ئۇلارغا « سىلەر مېنىڭ قۇماندانلىق قىلىشىمغا بويسۇنىسىلەر،ئالدى بىلەن بۇ ئەگرى-بۈگرى كۆۋرۈكتىن ئۆتۈڭلار،ھەرگىز چۈشۈپ كەتمەڭلار،چۈشۈپ كەتسەڭلارمۇ ھىچقىسى يوق.ئاستىدا ئازراق سۇ بار خالاس» دەپتۇ. توققۇزەيلەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆۋرۈكتىن بىر- بىرلەپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ،ئۇنىڭدىن كېيىن پروفېسسور بىر سېرىق چىراقنى ياندۇرۇپتۇ،سېرىق چىراق نۇرىدا توققۇزەيلەننىڭ كۆرگىنى تۆۋەندە ئازراق سۇ بولماستىن،يەنە ئۆمىلىشىپ يۈرگەن بىر نەچچە تىمساقنى كۆرۈپتۇ. توققۇزەيلەن چۆچۈپ كېتىپتۇ ۋە بايا كۆۋرۈكتىن يىقىلىپ چۈشمىگىنىگە خۇشال بۇپتۇ. پروفېسسور كۆپچىلىككە قاراپ « ھازىر يەنە كىم بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالايدۇ؟ »دەپ سوراپتۇ.نەتىجىدە ھىچكىم ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالماپتۇ.پروفېسسور كۆپچىلىككە« سىلەر كۆڭلۈڭلەردە مەن مۇستەككەم بىر تۆمۈر كۆۋرۈكتە مېڭىۋاتىمەن دەپ ئۆزەڭلەرگە بىشارەت بېرىپ ئۆتسەڭلەر ئۆتەلەيسىلەر» دەپ،ئۆزاق ۋاقىت چۈشەندۈرگەندىن كېيىن،ئۈچ ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ سىناپ باقماقچى بوپتۇ.بىرىنچى ئادەم ،تەمتىرەپ يۈرۈپ بىر مۇنچە ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ ئاران ئۈتۈپتۇ.ئىككىنچى ئادەم كوتىلداپ يۈرۈپ كۆۋرۈكنىڭ يېرىمىغا كەلمەيلا قورقۇپ كۆۋرۈكتە يېتىۋاپتۇ.ئۈچىنچى ئادەم تېخى ماڭماي تۇرۇپلا كۆۋرۈكتە يېتىۋاپتۇ. بۇ چاغدا پروفېسسور بارلىق چىراقلارنى ياندۇرۇپتۇ،كۆپچىلىكنىڭ كۆرگىنى كۆۋرۈك بىلەن تىمساھ ئارلىقىغا بىر قەۋەت تور  تارتىلغان بولۇپ، تور سېرىق رەڭلىك بولغانلىقتىن سېرىق رەڭ،سېرىق چىراق نۇرىدا ئېنىق كۆرۈلمىگەن ئىكەن.كۆپچىلىك ئەمدى قورقىماپتۇ ۋە « ئارلىقتا تورنىڭ بارلىغىنى بۇرۇن بىلگەن بولساق،قورقمىغان بولاتتۇق» دىيىشىپتۇ- دە كۆۋرۈكتىن تېزلا ئۆتۈپ كېتىپتۇ.پەقەت بىرلا ئادەم كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالالماپتۇ.پروفېسسور ھېلىقى ئادەمدىن نېمىشقا ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقىنى سۇرىغاندا،ھېلىقى كىشى« ئارلىقتىكى تورنىڭ پىششىق ئەمەسىلىكىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى»ئېيتىپتۇ.بۇ سىناق بىزگە روھى ھالەتنىڭ قابىلىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بېرىدۇ.
   يەنە بىر پروفېسسور تېخىمۇ ئېچىنىشلىق تەجرىبىدىن بىرنى ئېلىپ بارغان. ئۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بىر مەھبۇسنى بىر ئۆينىڭ ئىچىگە سولاپ، مەھبۇسنىڭ كۆزىنى تېڭىپ مەھبۇسقا« بىز سېنىڭ جازايىڭنى باشقا ئۇسۇل بىلەن ئىجرا قىلىمىز. سېنىڭ قان تومۇرىڭنى كىسىپ، پۈتۈن تېنىڭدىكى قاننى ئاققۇزۇپ ئۆلتۈرىمىز» دەپ. بىر سۇ توربىسىنى مەھبۇس ئاڭلىغىدەك قىلىپ ئېچىپ قويۇپتۇ ۋە مەھبۇسقا«ئېقىۋاتقىنى سېنىڭ قېنىڭ» دەپتۇ.ئىككىنچى كۈنى كۆپچىلىكنىڭ ئىشىكنى ئېچىپ كۆرگىنى چىرايى ئاقىرىپ،قېنى تېمىپ تۈگىگەندەك ياتقان مەھبۇسنىڭ ئۆلىكى بوپتۇ.ئەمىليەتتە مەھبۇسنىڭ قېنى بىر تامچىمۇ ئاققىنى يوق.ئەسلىدە ئۇ قورقۇپ ئۆلۈپ قالغان ئىكەن.بۇ تەجىرىبە بىزگە روھى ھالەت فىزىلوگىيەگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىپادىلپ بېرىدۇ.شۇڭا روھى ھالەت ياخشى بولسا، جىسمانى جەھەتتىنمۇ ياخشى بولغىلى قابىليەتنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.روھى ھالەت ياخشى بولمىسا جىسمانىيەت ناچار بولۇپ، قابىليەتنىمۇ جارى قىلدۇرالمايمىز، روھى ھالەت مانا مۇشۇنداق كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە، بارلىق ئىشلىرىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   ساغلاملىق دېگەن نېمە؟ 1989-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئۇقۇمغا بەرگەن تەلىماتى بولسا: ساغلاملىق،كېسەللىك يوق بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپلا قالماستىن،يەنە بەدەن ساغلاملىقى، پىسخىكا ساغلاملىقى، ئىجتىمائى مۇھىتقا ماسلىشىش ۋە ئەخلاق ساغلاملىقىدىن ئىبارەت،تۆت تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.داڭلىق پىسخىلوگىيە ئالىمى ماسلوۋ ئىلگىرى ساغلاملىقنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئۆلچىمى بولىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.يەنە يىتەرلىك بىخەتەرلىك ئۆزلىك تۇيغۇسى بولىشى، تۇرمۇش قايئىدىسى  ئەمىليەتكە ئۇيغۇن كىلىش، ياخشى بولغان ئىجتىمائى مۇناسىۋەتنى ساقلاشتىن ئىبارەت.ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن روھى ھالىتىمىزنى تەڭشەيمىز؟چۈنكى،روھى ھالەت ئادەم ساغلاملىقىغا قارتا زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ قورقۇش پىسخىكىسى ئالتە تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار«كەمبەغەللىكتىن، تەنقىدتىن، كېسەل بولۇپ قېلىشتىن، سۆيگۈنىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن، قېرىلىقتىن ۋە ئۆلۈمدىن قورقۇشنى كۆرسىتىدۇ.ئالدىدىكى كەمبەغەللىكتىن، تەنقىدتىن قورقۇشنى تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.ئوتتۇرىدىكى كېسەل بولۇپ قېلىشتىن، سۆيگۈنىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇشنى مەلۇم چەكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.ئاخىردىكى قېرىش ۋە ئۆلۈمدىن قورقۇشنى مەڭگۈ ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىش، ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماسلىق كېرەك،مانا مۇشۇنداق ئويلىساق كەيپىياتمۇ ياخشى، روھى ھالىتىمىز كۈتىرەڭگۈ بولىدۇ.
   ئادەمدە توققۇز تۈرلۈك ئاساسلىق كەيپىيات بولىدۇ. قىزىقىش، خۇشاللىنىش، ئەجەپلىنىش، ئازاپلىنىش، بىزار بولۇش، غەزەپلىنىش، قورقۇش، مەيۈسلىنىش، ئىزاتارتىشتىن ئىبارەت. ئالدىدىكى قىزىقىش بىلەن خۇشاللىنىش بولسا ئاكتىپ كەيپىيات بولۇپ، ئەجەپلىنىش ئوتتۇرھال ئورۇندا تۇرىدۇ،قالغان ئالتە تۈرلۈك كەيپىياتنىڭ ھەممىسى پاسسىپ ئورۇندا تۇرىدۇ.بۇ توققۇز تۈرلۈك ئاساسلىق كەيپىياتنىڭ ئىككىسى ئىجابىي،ئالتىسى سەلبىي بولغانلىقتىن ئادەمنىڭ پاسسىپ كەيپىياتى كۆپ بولۇپ،ئۆزى بىلمىگەن ھالدا كۆپىنچە پاسسىپ روھى ھالەت ئىپادىلەيدۇ. بىزنىڭ مەقسىدىمىز بولسا،ئاكتىپ روھى ھالەتنى ساقلاپ، قىزىقىش ۋە خۇشاللىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل كەيپىياتنى پائال ھەركەتكە كەلتۈرۈپ،ئاكتىپ روھى ھالەت ئىچىدە ئىجابىي ياشاشتىن ئىبارەت.كەيپىيات ئىككى قۇتۇپلۇق بولغانلىقتىن ياخشى كەيپىيات بىزنى يۇقۇرغا قارىتىدۇ، خۇشال قىلىدۇ، ئالغا ئىنتىلدۈرىدۇ، ئىناقلىققا باشلايدۇ.
   باش شۇچى خۇجىنتاۋ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىللىق روھى ھالەت بولسا،ئىللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشىمىزنىڭ ئاساسى، ناچار كەيپىيات بىزنى يەرگە قارىتىدۇ، ئويغا سالىدۇ، ئازاپلايدۇ، ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، بۇنداق كەيپىيات بىلەن كىمگە قارىساڭىز  شۇ كۆزۈڭىزگە ئەسكى ئادەمدەك كۆرىنىدۇ.
   ئويلاپ كۆردۈڭلارمۇ يوق؟ ئادەم دۇنياغا زادى نېمىگە كېلىدۇ؟ بەزەنلەر« مەن بۇ دۇنياغا ئوينىغىلى كەلگەن»دەيدۇ. بەزەنلەر« مەن دۇنياغا يەپ ئىچكىلى، ئويناپ كۈلگىلى كەلگەن » دەيدۇ.كۆپچىلىككە راستتىنى ئېيىتسام، ئۇلارنىڭ بۇ خىل كۆز قاراشلىرى توغرا.بىز بۇ دۇنياغا يەپ-ئىچكىلى، ئويناپ كۈلگىلى كەلدۇق.ئىلگىرى بۇ خىل ئىددىيىنى تەنقىد قىلاتتۇق، ھازىر ئىش قايسى يۆلىنىشكە قاراپ تەرەققى قىلسۇن،ھەممىسى كۆپچىلىكنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىگىنى بايقىدۇق.
   ئارىستوتېل ھاياتلىق يىلتىزى بولسا،خۇشاللىقنى قوغلىشىش دېگەن. ھاياتلىقتا خۇشاللىققا ئېرىشىشنىڭ ئىككى خىل يولى بار. بىرىنچى يولى:- خۇشال ۋاقىتلىرىڭىزنى سەزگەن ھامان ئۇنى ئۆزارتىشقا تىرىشىڭ. ئىككىنچى يولى:- خۇشال ئەمەس چاغلىرىڭىزنى سەزگەن ھامان ئۇنى ئۆزارتىشقا تىرىشىڭ، بۇ سۆز ئاڭلىماققا ناھايىتى چىرايلىق ئىيتىلغان   ، سىلەر بۇ سوزنى ئاڭقىرالماي قالدىڭلار  شۇنداقمۇ؟ كىم خۇشاللىقنى ئىزدىمەيدۇ؟ لېكىن خۇشاللىق زادى نەدە؟ كىم غەم-قايغۇدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئويلىمايدۇ؟ مەسىلە غەم-قايغۇ خۇددى غالجىر ئىتقا ئوخشاش دائىم بىزنى قوغلايدۇ، بىز ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرىمىز دەپمۇ قاچۇرالمايمىز.ئۇلۇغ زاتلار يىراقنى كۆرەر كېلىدۇ.ئۇلار خېيىم-خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى بىلىدۇ.ھازىر جەمئىيەتتە ئېيتىلىۋاتقان ئىجرا قىلىش كۈچى بولسا،ئىش بىجىرىش ئىقتىدارىنى كۆزدە تۇتقان.ئىشنى زادى قانداق بىجىرىمىز؟ ئۆزىمىزدىكى ۋە باشقىلاردىكى مەنبەنى ھەركەتلەندۈرۈپ، پۇرسەت يارىتىمىز. بۇ دېگەنلىك رەھبەرلىك كۈچى دېگەنلىك بولىدۇ. رەھبەرلىك كۈچى ئەمىليەتتە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىدىن ئىبارەت. شۇڭا ئىللىق روھى ھالەت  تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنىڭ مەنبەسى ئىجرا قىلىش كۈچىنىڭ ئاساسى.بىز بۇ ياخشى ئىددىيىنى ھەركىتىمىزگە يېتەكچى قىلىپ، ماڭا ئوخشاش ئادەتتىكى شەخس، ئىسىل زاتلارنىڭ ئىددىيىسىنى ئۆزىمىزنىڭ ھەركىتىگە ئايلاندۇرىشىمىز كېرەك.
   تۆۋەندە بىر نەچچە تۈرلۈك قۇرالنى تونۇشتۇرۇپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى ۋە قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقماقچىمەن.
   1- قۇرال:- پوزىتسىيەرىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ.
   بىز بىرەر ئىشنى ئۆزگەرتەلمىسەك مۇشۇ ئىشقا بولغان كۆزقارىشىمىزنى ،پوزىتسىيەرىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. بىر ئادەم يۈزبەرگەن ئىش سەۋەبىدىن زەخمىلەنگەندىكى زەخمىسىدىن ئىشقا بولغان كۆزقارىشى،ئۇنى تېخىمۇ ئېغىر زەخمىگە مۇپتىلا قىلىدۇ.ئەسلىدە ئىش ئانچە مۇھىم ئەمەس،مۇھىمى پوزىتسىيەدۇر. پوزىتسىيە ئۆزگەرسە ئىشمۇ ئۆزگىرىدۇ. مەدەنيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە،بىر تۈركۈم جىن-شاياتۇنلار بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسكى ھىساپلىناتتى، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن ھەممىسى تۈزەلدى، شۇنىڭ بىلەن بۇلار ياخشى ئادەم ھىسابلاندى. پوزىتسىيەسى ئۆزگىرىپ ئەسكى ئادەم ياخشى ئادەمگە ئايلاندى.ئىش ئەسكى ئىش،ياخشى ئىش دەپ ئايرىلمايدۇ. مەسىلە بىزنىڭ ئىشقا بولغان پوزىتسىيەرىمىزدىدۇر. چۈمۈلە گەرچە كىچىك بولسىمۇ چوڭ كامارنى بۇزىۋېتەلەيدۇ، بىر ئادەم مەسىلىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتسە مەسىلىسىمۇ ئۆزگىرىدۇ.كونىلاردا« سەۋر قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۈتەر»دېگەن ھىكمەتلىك سۆز بار. قەدىمقى شەرقتە بىر دانىشمەن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ئىتى يۈتۈپ كېتىپتۇ. قوشنىللىرى ئۇنىڭغا سېنى نەس باسىتى دىيىشىپتۇ. بىراق دانىشمەن قوشنىلارغا بۇ ياخشى ئىشمۇ؟ يامان ئىشمۇ بىلگىلى بولمايدۇ دەپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي يۈتۈپ كەتكەن ئىتى بىر توپ ياۋا ئاتنى باشلاپ قايتىپ كەپتۇ. قوشنىللىرى دانىشمەنگە، سەن بەك تەلەيلىك ئىكەنسەن، ئىتىڭ يۈتۈپ كېتىپ يەنە بىر توپ ئاتنى باشلاپ كەلدى، سەن يەنە  ئاتلىق بولۇپ قالدىڭ دىيىشىپتۇ. دانىشمەن بۇ ياخشى ئىشمۇ؟ ۋە ياكى يامان ئىشمۇ بىلگىلى بولمايدۇ دەپتۇ. شۇ كۈنلەردە دانىشمەننىڭ ئوغلى ياۋا ئاتنى مىنىپ ئاتتىن يىقىلىپ پۇتى سۇنۇپ كېتىپتۇ. قوشنىللىرى يەنە دانىشمەنگە، سەن راستىنلا تەلەيسىز  ئىكەنسەن مانا ئەمدى، بىردىن-بىر بالاڭنىڭ پۇتى سۇندى دەپتۇ. دانىشمەن بۇ ياخشى ئىشمۇ؟ يامان ئىشمۇ؟ بىلگىلى بولمايدۇ دەپتۇ. ئارىدىن بىرمەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، پادىشاھ ئەسكەر قوبۇل قىلىپتۇ،قول-پۇتى ساق، بەش ئەزاسى بىجىرىم ياشلارنىڭ ھەممىسى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنىپ،ھەممىسى جەڭ مەيدانىدا قازا قىلىپتۇ.دانىشمەننىڭ ئوغلى پۇتى سۇنۇق بولغاچقا ئۇرۇشقا قاتنىشالماپتۇ. ھېكايىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتايلى، بىز داۋاملىق مۇنازىرە قىلىشايلى، قوشنىلار دانىشمەنگە،سەن بەك تەلەيلىك ئىكەنسەن ئوغلۇڭ ھايات قالدى دېيىشىپتۇ. دانىشمەن يەنىلا بۇ ياخشى ئىشمۇ؟يامان ئىشمۇ؟ بىلگىلى بولمايدۇ دەپتۇ. دانىشمەننىڭ ئوغلى توي قىلىپتۇ. قوشنىلار سەن بەك تەلەيلىك ئىكەنسەن ئوغلۇڭنىڭ پۇتى سۇنۇق تۇرۇپمۇ كىلىنلىك بولدۇڭ دىيىشىپتۇ. دانىشمەن بۇ ياخشى ئىشمۇ؟ يامان ئىشمۇ؟ بىلگىلى بولمايدۇ دەپتۇ. شۇڭا ۋاقىت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا قانداق ئىش يۈزبەرمىسۇن، يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ياخشى يامانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىمالال ئاددىيراق ياشىساق تېخىمۇ ياخشى.
   جېجىياڭ ئونۋېرسىتىتىدا ئىككى نەپەر قىز ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇلار ناھايىتى ياخشى دوسلاردىن ئىكەن، ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھەر ئىككىلىسى مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچى بولۇپتۇ ۋە تەلىيى كىلىپ ھەر ئىككىلىسى ئىككىدىن ئوغۇل پەرزەنتلىك بوپتۇ. Aنىڭ ئىككى ئوغلى غەيرەتلىك بولۇپ،ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كېتىپتۇ.B نىڭ ئىككى ئوغلى غەيرەتسىز بولۇپ يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە بار ئىكەن، ئىيتىپ بىقىڭلارچۇ، A بىلەن B قايسى ئۆزىدىن پەخىرلىنىدۇ؟كىشىلەرنىڭ ھەممىسىAغا ھەۋەس قىلىپ،ئىككى ئوغلۇڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتىدۇ دەپتۇ.ئەپسۇسلىنارلىقى Aبۇنىڭدىن قىلچىمۇ خۇشاللىق ھىس قىلماپتۇ.ئەكسىچەBنىڭ ئوغۇللىرى ھېيت-بايرام كۈنلىرى ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىلىپ ئانىسىنى يوقلاپ، سىرىتلارغا ئېلىپ چىقىپ ئوينۇتۇپ،چوڭ-كىچىك ئىشلارغا ياردەملىشىپB نىڭ ھالىدىن ناھايىتى ياخشى خەۋەر ئالىدىكەن،Bنىڭ كۈنلىرى ناھايىتى خوشال ئۆتىدىكەن.A بولسا،Bغا ھەۋەس قىلىدىكەن. شۇڭا بۇ ياخشى ئىشمۇ؟ يامان ئىشمۇ؟ بىلگىلى بولمايدۇ. بەلكىم سىز A كۆچمەن بولۇپ، ئامېرىكىغا كېتىپ جەننەتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرسە بۇلىدىغۇ،دېيىشىڭىز مۇمكىن. سىزگە دېسەم،بۇ ئويىڭىزنىڭ ياخشى ياكى يامان ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. چۈنكى قېرى دەرەخنى ئورنىدىن يۆتكەپ تىكسە ئۇ ئەي بولمايدۇ. Bبولسا،خاڭجۇنىڭ ئىجتىمائىي ئېكىلوگىيەلىك مۇھت سىستىمىسىغا كۆنۈپ قالغان،ئامېرىكىغا بارسا، سۇ-تۇپرىقىغا كۆنەلمەيدۇ،تىل ئۇقۇشمايدۇ، دوسلىرى يوق، غىرىپسىنىدۇ، ئۇ ئەتىدىن كەچكىچە ھاۋا سۈمۈرۈپ كاللىسىنىڭ دەردى بار كىشىدەك ھىچ نېمە دېمەي يۈرمەس؟ ئۇندقتا ئۇ يەر ئاستى چاشقىنىغا ئوخشاپ قالمامدۇ؟ خاڭجۇ بولسا،دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېسىل ،ئادەملەر تاستە ئولتۇراقلىشالايدىغان يۇرت تۇرسا، ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ بېرىپ نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ئامېرىكىدا شەرق گۈلى نېمە ئىش قىلسۇن؟ گۈل بولغان تەغدىردىمۇ كۆرىدىغان ئادەم بولمىسا بىكار-دە، كۆرىدىغان ئادەم يوق يەردە سىز نېمە قىلىسىز؟ ئەتىدىن-كەچكىچە گۈلگە قاراپلا ئولتۇرغۇلى بولماس؟ ھەر قانداق ئىشنىڭ ياخشى يامانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىز بىرەر ئىشنى ئۆزگەرتەلمىسەك مۇشۇ ئىشقا بولغان كۆزقارىشىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.
   بىر خانىم بولۇپ ناھايىتى چىرايلىق ئىكەن، ئازاق ۋاقىتلىق تاللاشتىن كېيىن ئۇ ئاخىرى بىر ئەر بىلەن توي قىلىپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇ ھېلىقى ئەر تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىپتۇ. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى ئوغلىمۇ ئۆلۈپ قاپتۇ. خانىم ئىنتايىن ئۆمىدسىزلىنىپ دېڭىزغا سەكرەپ ئۆلىۋالماقچى بولۇپتۇ ۋە بىر بوۋاينىڭ پاراخوتىغا چىقىپتۇ. پاراخوت دېڭىزنىڭ ئوتتۇرسىغا كەلگەندە خانىم دېڭىزغا سەكرەشكە تەييارلىنىپتۇ، ئېيتىپ بىقىڭلارچۇ بوۋاي قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق خانىمنى دېڭىزغا سەكرەش نىيىتىدىن ياندۇرالايدۇ؟ بەزىلەر بوۋاينى ماڭا قارىڭا مېنىڭمۇ لايىقىم يوق، مېنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ دىدى دەيدۇ. بۇنداق سۆزنى قىلسا خانىم ئەلۋەتتە دېڭىزغا سەكرەش نىيىتىدىن يانمايدۇ. بوۋاي خانىمغا«قىزچاق ئىككى يىل ئىلگىرى قانداق ئىدىڭىز»دەپ سورىسا،قىز پەخىرلەنگەن ھالدا ئىككى يىل ئاۋال مەن ئېسىلزادە بويتاق ئىدىم، مېنى قوغلىشىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ ئىدى، ئۇ چاغدا يولدىشىم ۋە ئوغلۇم يوق ئىدى. ئىچىنىشلىقى ھازىر يولدىشىم، ئوغلۇم يوق دەپتۇ. بوۋاي بۇ ئىككىسى بىر گەپ ئەمەسمۇ؟ ئىككى يىل ئاۋۋال يولدىشىڭىز، ئوغلىڭىز يوق ئىكەن،ھازىرمۇ يولدىشىڭىز، ئوغلىڭىز يوق، سىز ئىككى يىل ئاۋالقىدەل چىرايلىق ئىكەنسىز، كاللىڭىزدىن ئۆتمىگىدەك نېمىسى بار.قايتىدىن باشلىسىڭىز بولمىدىمۇ دەپتۇ. بوۋاينىڭ سۆزى خانىمنى كۈلدۈرىۋېتىپتۇ ۋە قايتىدىن باشلاش ئىرادىسى چىڭىپ دېڭىزغا سەكرەش نىيىتىدىن يېنىپتۇ.
   پوزىتسىيەنى ئۆزگەرتكەندىلا جۇشقۇن كەيپىيات ھازىر بولىدۇ.جۇشقۇن كەيپىيات ھاسىل بولغاندىلا يۇقىرغا ئىنتىلىش ئىرادىسى چىڭىيىدۇ، ئىشنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. بىر تىپىك مىسال بولۇپ ئۇنىڭدا بۇنداق ئېيتىلغان، بىر كىچىك بالا بىلەن بىر غەۋۋاس پاراڭلىشپ قاپتۇ.
    بالا:- غەۋۋاستىن دېڭىز شۇنچە قورقۇنچلىق تۇرسا سىز نېمىشقا دېڭىزدا يۈرىسىز؟ دەپ سوراپتۇ؟
    غەۋۋاس:- دېڭىزنىڭمۇ گۈزەل چاغلىرى بار دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
    بالا:- بوۋىڭىز نەدە قازا قىلغان؟ دەپ سوراپتۇ.-دېڭىزدا،دەپ جاۋاب بېرىپتۇ،غەۋۋاس. دادىڭىزچۇ؟ يەنىلار دېڭىزدا قازا قىلغان، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ، غەۋۋاس. ئۇنداقتا سىز نېمە ئۈچۈن دېڭىزدىن قورقمايسىز؟
    غەۋۋاس:- ئۇ بالىدىن قايتۇرۇپ،  سېنىڭ بوۋاڭ نەدە قازا قىلغان؟ دەپ سوراپتۇ.
    بالا: كارۋاتتا دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. داداڭچۇ؟ يەنىلا كارۋاتتا، ئۇنداقتا سەن نېمىشقا كارۋاتقا چىقىۋالىسەن؟ دەپ سوراپتۇ، غەۋۋاس.
    غەۋۋاس باشقىلار دەرياغا چۈشۈپ كەتسە سېنىڭمۇ دەرياغا چۈشۈپ كېتىشىڭ مۇمكىن ئەمەس، باشقىلاردىن مەسىلە چىقسا، سەندىنمۇ مەسىلە چىقىشى مۇمكىن ئەمەس دەپتۇ.
   بۇرۇنقى زاماندا A B ئىككى ئادەم ئىمىتىھان بەرگىلى مىڭىپتۇ. ئۇلار يولدا كېتىپ بېرىپ، بىر تال گۇەنسەيگە (خەنزۇلارنىڭ مىيىت ساندۇقى )يولۇقۇپتۇ.
   A :-گۇەنسەيگە(خەنزۇلارنىڭ مىيىت ساندۇقى ) يۇلۇقسا ئادەمنى پالاكەت باسىدۇ، بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندىن تۈگەشتىم دەپتۇ.
   B: گۇەنسەي (خەنزۇلارنىڭ مىيىت ساندۇقى )بولسا ھوقۇق، بايلىق قارىغاندا بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندىن تەلىيىم كەپتۇ دەپتۇ.
   ئۇلار ئىمتىھان ۋاقتىدا تىرىشچانلىق خائىشى ئوخشاش بولماي، نەتىجىدەB ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
   ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتقاندىن كېيىن،ئۆزلىرىنىڭ خانىملىرىغا ھېلىقى گۈەنسەينىڭ (خەنزۇلارنىڭ مىيىت ساندۇقى ) ھەقىقەتەنمۇ قالتىس ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىپتۇ.روھى ھالەت ئادەملەرنىڭ تىرىشچانلىقىغا تەسىر يەتكۆزىدۇ،ئىقتىدار ئادەملەرنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھاياتلىقتا ئادەمنىڭ ھەر بىر كۈندىكى روھى ھالەتى ئىنتايىن مۇھىم. ناۋادا سىز كۆز ئالدىڭىزدىكى ياخشى روھى ھالەتكە كاپالەتلىك قىلالالىساڭىز بۇ بىر كۈندىكى كەيپىياتىڭىزغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلالايسىز.ئەگەر سىز بىر كۈندىكى ياخشى روھى ھالىتىڭىزگە تولۇق كاپالەتلىك قىلالىسىڭىز   ئۇنداقتا ھاياتلىقتىكى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ،باشقىلار ھىس قىلالمىغان گۈزەللىكدىن بەھرىلىنىسىز.
   2- ماتېريال: ھۇزۇرلىنىشنى بىلىش جەريانى.
   ئىنسان ھەر بىر كۈنىدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىشى لازىم. ھاياتلىق بولسا بىر جەريان بولۇپ، نەتىجە ئەمەس، ئەگەر سىز بۇ جەرياندىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلمىسىڭىز،بۇ جەرياننىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق.ھاياتلىق بولسا بىر ئىسكوپكىدىن ئىبارەت خالاس، بۇ ئىسكوپكىنىڭ سول تەرىپىگە تۇغۇلۇش، ئوڭ تەرىپىگە ئۆلۈم تولدۇرولغان بولۇپ، ھاياتىڭىزدىكى تۈرلۈك تۈمەن ھادىسىلەر، ئەسلىمىلەرنى بۇ ئىسكوپكىنىڭ ئىچىگە تولدۇرۇپ ئاندىن بۇ ئىسكوپكىنى ياپىسىز.
   يۈننەن ئۆلكىسىدە بىر قەدىمى شەھەر بولۇپ، ھاۋاسى تەنگە ئىنتايىن يېقىشلىق، يېرى مۇنبەت، ھوسۇلى مول،كىشىلەرگە ئىنتايىن ھۇزۇر بېغىشلايدىغان جاي ئىكەن .بىر ئەنگىلىيىلىك مۇتەپەككۇر بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئالدىراش ئەمەس، شۇنداق ئەركىن ئازادە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بىر مومايدىن خانىم سىلەرنىڭ بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش رېتىمى نېمانداق ئاستا دەپ سورراپتۇ . موماي، ئەپەندىم سىزچە ئادەمنىڭ ئەڭ  ئاخىرقى مەقسىدى نېمە دەپ سوراپتۇ. ئەنگىلىيىلىك مۇتەپەككۇر ئويلىنىپ تۇرۇپ راھەت ياشاپ ئالەمدىن ئۆتۈش دەپتۇ. موماي شۇنداق ئىكەن سىز ئالدىراپ نېمە قىلىسىز؟ ھاياتلىق بولسا،بىر جەريان بولۇپ نەتىجە ئەمەس، بەزىلەر كۆرۈپ يىتىدۇ، بەزىلەر بويسۇنىدۇ، بەزىلەر ئەڭ زېرىكىشلىك جايلارغا بېرىپ ھىس قىلىدۇ. بۇ دۇنيانىڭ ھامىنى بىر قاراڭغۇ تەرىپى بار، قۇياش ئاسماندىن نۇر چاچقان بىلەن ھامىنى قۇياشنىڭ نۇرى تەگمەيدىغان تەرىپى بار، ئەگەر سىز ئاشۇ قاراڭغۇلۇقتا تۇرۇپ كۆزىڭىزنى بىر نۇقتىغا تىكسىڭىز دۇنيانىڭ قاراڭغۇلىقىدىن ئاغرىنىسىز ئۇ سىزنىڭ تاللىشىڭىز.
   مەن چىڭخۇا ئونۋىرسىتىتىدا ئىككى دەرىس سۆزلىدىم،ئۇنىڭ بىرى‹‹رەھبەرلىك ئىستىراگىيىسى››يەنە بىرى‹‹رەھبەرلىك ئىلمى››. بۈگۈن سۆزلەيدىغان دەرىسىم مەخسۇس رەھبەرلىك ئىلمىگە دائىر بىلىم. رەھبەرلىك كۈچىنى بەرپا قىلىشتا، ئاۋال  تەسىر كۈچىنى بەرپا قىلىش لازىم. بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قۇيىدىغىنىم قۇياشتەك ئىللىق ھالەتنى يارىتىپ، مۇلايىم بولغان تەسىر كۈچىنى بەرپا قىلىش دېمەكتۇر.ئەگەر مېنىڭ كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەرگەن نەزىريەمنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ھۇزۇرلىنالىساڭلار سىلەرنىڭ ئاز بولغاندا ئىككى يىل ئۆمرۈڭلار ئۆزىرايدۇ.
   ھازىرقى جەمئىيەتتە رىقابەت بىسىمى كۈچلۈك بولغاچقا كىشىلەرنىڭ قەلبى ئۆزگۈرۈپ ‹‹يىرتقۇچ›› قا ئايلىنىپ كەتتى. گۆش يۈرەك ‹‹ تۆمۈر ›› يۈرەككە ئۆزگەردى. مانا بۇ نەزىرىيە ‹‹يىرتقۇچ يۈرەك›› بىلەن ‹‹تۆمۈر يۈرەك›› بىرلىشىپ ‹‹رەھىمدىللىق›› نى شەكىللەندۈردى. بەخىتلىك ئائىلە، ئىناق دىۋېزىيە بەرپا قىلىشتا نېمىنىڭ سەپتىن قالىدىغىنىنى بىلەمسىلەر؟ ئۇ بولسىمۇ ئورمانلىق قائىدىسى بولۇپ، ھايۋاناتلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن جان تىكىپ يۈگۈرەيدۇ، يۈگۈرىيەلمىگەنلەر بۆرىگە يەم بولىدۇ. ئورمان قائىدىسىنى كىشىلەرگە تەقلىد قىلساق،ئىنسانلارنىڭ يۈرىكى ‹‹ يىرتقۇچ يۈرەك ›› بولمىدىمۇ؟ كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ بازار مەنبەسىنى كېڭەيتىش، كۆپلەپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىدۇ.ئۆز نەپسى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ قولىدىكى ئاشنى تارتىپ يەيدۇ. شۇڭا رىقابەت ئاللابۇرۇنلا كىشىلەرنىڭ قان-قېنىغا،ئىدىيىسىگە سىڭىپ كەتكەن بولۇپ،كىشىلەردىكى ساغلام ھالەت ئۆزگۈرۈپ ناچارلىشىپ كەتمەكتە،رىقابەت ئېچىنىشلىق بولۇپ،بىز مانا مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق زىددىيەت ئىچىدە ياشىماقتىمىز.
   3- ماتېريال: نۆۋەتتىكى ياشاش:
   نۆۋەتتىكى ياشاشنىڭ ئىنگىلىزچىسى Live in the present دېگەن مەنىدا بولۇپ، تاماق يىسەڭ تاماق يىدىڭ، ئوخلىساڭ ئۇخلىدىڭ دېگەن مەنىدە.
   مەن يولداشلاردىن سوراپ باقاي:- سىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا قايسى ئىش ئەڭ مۇھىم؟ قايسى ۋاقىت ئەڭ مۇھىم؟ قايسى ئادەم ئەڭ مۇھىم؟ بەلكىم بەزىلەر:- ئەڭ مۇھىم ئىش رەھبەر بولۇش،بېيىش،ئۆي سېتىۋېلىش،ماشىنا ئېلىش دىيىشى،ئەڭ مۇھىم ئادەم ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان،خۇتۇن،بالا دىيىشى،ئەڭ مۇھىم ۋاقىت ئالى مەكتەپ ئىمتىھان ۋاقتى،توي قىلىدىغان ۋاقىت، دىسىرتاتسىيە سۆزلىگەن ۋاقىت دىيىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ھەممىسى خاتا. ئەڭ مۇھىم ۋاقىت بولسا ھازىر، مانا بۇ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ياشاش ئۇسۇلى بولۇپ، بىۋاستە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
   بىر ئادەمنى يولۋاس قوغلاپ يېتىشىۋالغىلى ئاز قاپتۇ، ئۇ بار كۈچى بىلەن قېچىپتۇ، ئۇ قېچىپ كېتىۋېتىپ دىققەتسىزلىكتىن بىر ھاڭغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇ چۈشۈپ كېتىۋېتىپ ھاڭ باغرىدىكى بىر تۈپ دەرەخكە ئېسىلىپ قاپتۇ، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ يۇقىرىغا قارىسا يولۋاسنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ،پەسكە قارىسا تىگى يوق ھاڭ ئۇنىڭ چۈشىشىنى ساقلاپ تۇرغان، ئوتتۇرىغا قارىسا ئۆزى ئېسىلىپ قالغان دەرەخنىڭ قېشىدا،پىشىپ قالغان بۆلجۈرگەننى كۆرۈپتۇ. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا يۇقىرغا يامىشىش، پەسكە چۈشۈش ‹‹بوشلۇقتا››ساڭگىلاپ تۇرۇش ۋە بۆلجۈرگەننى يىيىشتىن ئىبارەت 4 خىل تاللاش تۇرۇپتۇ. سىلەر دەپ بېقىڭلار، ئۇ قانداق قىلسۇن؟ (جاۋابى بۆلجۈرگەننى يىيىشى لازىم) ئۇنىڭ ئۈچۈن بۆلجۈرگەننى يىيىش ئۆلۈم ئالدىدىكى بىر قېتىملىق ئېغىز تىگىشى، چېكىنىش ئالدىكى بىر قېتىملىق قول ئۇزىتىش بولۇپ، 58ياشلىق ھاياتنىڭ ئەسلىمىسى، بۆلجۈزگەننى يىيىشتەك ھالەت ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ياشىشىدۇر. سىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئېرىشكىنىڭىز پەقەتلا ئاشۇ بۆلجۈرگەن، ئۇنى يەۋېتىش. بەزىلەر ئۆلۈش ئالدىدا تۇرۇپمۇ بۆلجۈرگەننى يەپ نېمە قىلىدۇ دىيىشى مۇمكىن، بىراق ئۇ تېخىچە ئۆلمەي كۈتۈلمىگەن يەردىن مۆجىزە يۈز بېرىپ قۇتۇلۇپ قېلىش پۇرسىتى بولۇشى مۇمكىن، يولۋاسنىڭ كېتىپ قالغان-قالمىغانلىقىنى بىر نېمە دېمەك تەس. بەلكىم ئۇ يامىشىپ چىقالايدۇ، سىز بۇ مەسىلىنى باللار باغچىسىدىكى باللاردىن سۇرىسىڭىز بالىلار ھىچقانداق ئويلانماستىن بۆلجۈرگەننى يەيدۇ دەپ جاۋاب بېرىدۇ،چۈنكى بالىلار بىزگە قارىغاندا شاد-خۇرام بولۇپ، ئۇلار رېئاللىقتا ياشايدۇ.
   نېمىلا بولمىسۇن ئۇ ھازىرقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سېتىش تىجارىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، ھەر كۈنى بولۇپ، ئۆتكەن ئىشلارنى تەپسىلى خاتىرلەپ بىر تەرەپتىن تىجارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ، كىتاب كۆرۈپ، كۆپ ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشسىلا ئۇتۇق قازىنىشتا گەپ يوق. سىز مۇشۇنداق قىلالىسىڭىزلا ۋاڭ جۇڭ جەندىن ئېشىپ كېتىشىڭىزدە گەپ يوق، ۋاڭ جۇڭ جەن بىر كىتاب يازغان، ئۇ كىتابنىڭ ئىسمى‹‹ ئىنچىكە ئىشلار غەلبە بىلەن مەغلۇبىيەتنى بەلگىلەيدۇ ›› دېگەن بولۇپ،سىز باشقىلارغا ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار غەلبە قازىنىشنى بەلگىلەيدۇ، ستراتېگىيە بىلەن جەڭ تېخنىكىسى مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنى بەلگىلەيدۇ دەپ ئېيتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
   ئافىنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ۋاڭ خاۋ پۈتۈن مەملىكەتتنىكى بىر مىليارتتىن ئارتۇق كىشىنى  ئۆزىگە جەلىپ قىلدى.ئۇنىڭ تالاشقىنى شۇ قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا جۇڭگونىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئالتۇن مىدالى بولۇپ،ۋاڭ خاۋ ئۈچۈن ئېغىر بېسىم ئىدى.جىددىچىلىكتىن ئۇنىڭ ھەركىتىمۇ ئۆزگۈرۈپ كەتكەن بولۇپ، لىيۇ گو لىياڭ تېرنىر ئۇنى يىغىنغا چاقىرىپ بىر نەچچە ئېغىز تەسەللى بەرگەندىن كېيىن، ئۇ مەيدانغا چۈشۈپ ئاخىردا ئۇتتۇرۇپ قويدى، مۇخبىرلار سولاشقان ھالدا گەپ قىلىشقىمۇ خوش ياقماي قالدى، بىر مۇخبىر لىيۇ گو لىياڭدىن باياتىن ئۇنىڭغا نېمە دېگەن ئىدىڭىز؟نېمانچە يارماس ئۇ، سىز ئۇنىڭ روھى ھالىتىنى تەڭشەپ باقسىڭىز بولمامدۇ؟ دەپ سۇرىغاندا لىيۇ گو لىياڭ مەن ئۇنىڭغا روھى ھالىتىڭنى توغرىلا دەپ، روھى ھالەتنى  توغرىلاش توغرىسىدا تەپسىلى نەسھەت قىلغان، ئۇ ۋاڭ خاۋغا سەن ھازىر جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تال ئالتۇن مىدالىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىشىڭ، ۋەتەن، خەلقنى ئويلىشىڭ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۆمىدىنى ئاقلىشىڭ لازىم،ئەگەر سەن مۇشۇ مۇسابىقىدە ئۇتالىساڭ پۇل، ماشىنا، ئالى دەرىجىلىك ئۆي، ئىسل ھاراق، گۈل ساڭا مەنسۇپ دېگەن بولسا،ۋاڭ خاۋ چوقۇم ئۇتتۇرۇپ قويغان بۇلاتتى.ئەكسىچە لىيۇ گو لىياڭ  سەن ئۆزەڭنى توختۇتۇپ توپنى ئۇ تەرەپكە ئۇرۇپ ئۆتكۆزسەڭلا بولدى،باشقىسى بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، باشقىسىنى ئويلىما، ھەرگىز قورقما، ئۇ سەندىن قورقىدۇ، ئۇ سەندىن بەكرەك جىددىيلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، سېنىڭ تېخنىكاڭ ئۇنىڭكىدىن ياخشى سەن ئۇنى چوقۇم يېڭىسەن دېگەن بولسا  ۋاڭ خاۋ ئاخىرى يېڭىپ چىقاتتى.
   بەزىلەر  نۆۋەتتىكى ياشاش ھالىتىمىزدە بۈگۈن كەچتە بانكا بۇلىساق، ئاۋارىچىلىققا قالدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە  خاتىرجەم كۆڭۈللۈك ياشاپ كىلىۋاتىقانلار،ئەگەر ئويلىغاندەك بانكا بۇلىسا بىر ئۆمۈر خاتىرجەم ياشىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەنسىزلىك ئىچىدە كۈنى ئۆتىدۇغانلىقىنى چۈشەندى. جۇڭگو بانكىسى خاربىن شۆبە بانكىسىنىڭ باشلىغى بىر مىليارتتىن ئارتۇق پۇلنى خىيانەت قىلغان بولۇپ، مەملىكەت ئىچىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى، ھازىر ئۇ ئەنسىزلىك ئىچىدە ياشىماقتا. سىز جېپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ دالىدا ئۇچقاندەك چاپقان،تەبىيەتنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن  ھۇزۇرلانغان ۋاقتىڭىزدائالدىڭىزدىكى چۇڭقۇر چەكسىز كەتكەن ھاڭنىڭ بولىشىنى بىلىشىڭىز لازىم.دوختۇر سىزگە سىزنىڭ دىئابىت كىسىلىڭىزباركەن،سىز قەنت يىمەسىلىكىڭىز لازىم دېسە، سىز« ۋۇ ئۇستاز سىز دەپ بىقىڭە مۇشۇنداق ھاياتىمدا قەنت يىمىسەم قانداق بولىدۇ ؟يىسەم كۆڭۈللۈك بولىدۇ» دىسىڭىز. بۇ سىزنىڭ ھازىرقى ھاياتلىقىڭىز بولمايدۇ، بىز كەلگۈسىگە يۈز بەرگەن ھالەت بىلەن ياشىشىمىز لازىم،مانا بۇ سىزنىڭ ھازىرقى ھاياتلىقىڭىز ،نۆۋەتتىكى ياشاش ھالىتىڭىز .
   ھاياتلىقتا ئۆزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن رازى بولۇش ھەر ۋاقىت يۈزبېرىپ تۇرغان ئىشلارغا ئىشىنىشى، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئۆز ھاياتىنى توغرا ئۇسۇل بىلەن ئۆتكۆزىشى لازىم. بەزىلەر ۋۇ مۇئەللىم:- مەن ئەھۋالىمدىن رازى ئەمەس، قانداق قىلسام بولىدۇ دەپ ئىيتىدۇ.سىز باشقا بىر خىل قاراشتا ھازىرقى ئەھۋالىڭىزنى چۈشەنسىڭىزلا بولىدىغۇ، سىز ھازىرقى ئەھۋالىڭىزدىن ئاغرىنىشىڭىزدىكى سەۋەب،سىز بۇنىڭدىن ئۇسال ئەھۋالنى كۆرمىگەنلىكىڭىزدە خالاس.
   قۇياش نۇرىدەك روھى ھالەتتىكى ئادەملەر باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە قاراڭغۇلۇق ۋە ئازاپ ئېلىپ كەلمەيدۇ.
   خۇابېي دورىگەرلىك گوروھىنىڭ بىر ئىنژېنېرى داۋاملىق ئاغرىنىپ يۈرىدىكەن ،چۈنكى ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ئىچىدە باشلىق بولغىنى باشلىق بولۇپتۇ، باي بولغانلىرى باي بولۇپتۇ، ئۆزىنىڭ داۋاملىق ئاغرىنىشىدىن خىزمەتداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىمۇ جىددىيچىلىك كۆرۈلگەچكە ئائىلىسىنىڭمۇ چۈشىنىشكە ئېرىشەلمەي، ئاخىرى روھى ئاجىزلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا يېتىپ قاپتۇ. باشقىلارغا ياخشى تىلەك، ئۆمىدلەرنى تىلەشنى بىلگەن ئادەم توغرا يولدا ماڭالايدۇ، بولمىسا ئاسانلا ئۆزىنى ئالدۇرۇپ قويىدۇ.
   مەن سىلەرگە بىر مىسال سۆزلەپ بېرەي، بۇ مىسالنىڭ ئالدىنقى يېرىمى راست بولغان ئىش،كېيىنكى يېرىمىنى ئۆزۈم توقۇپ چىققان، بىرتاكسى شوپۇرى ماشىنا ھەيدەپ كېتىپ بارسا قوشنىسىدىن تېلېفون كەپتۇ. قوشنىسى ئاپىسىنىڭ يۈرەك كىسىلى قوزغىلىپ قالغانلىقىنى دەپتىكەن ئۇ ئۆلۈش-تىرىلىشىگە قارىماي ماشىنىنى ئۆيگە قارتىپ ھەيدەپتۇ، نەتىجىدە ئۇ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچىراپ، دوختۇرخانىغا ئاپارسا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كېتىپتۇ. تۆۋەندىكىسى مەن تۇقىغان مىسال: تاكسى شوپۇرى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن دوختۇر ئۇنىڭ خانىمغا تېلېفون قىلىپ يولدىشىنىڭ ماشىنا ھادىسىدە قازا قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ كىلىپ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۇقتۇرۇپتۇ. بۇ ئايال ئىش ئورنىدىن قالغان ئايال ئىشچى بولۇپ، ئوغلى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان،ئۆزى تاماق ئېتىۋاتقان ئىكەن،پۈتۈن ئائىلىنىڭ تۇرمۇش راسخودى شۇ ئەرنىڭ تاپقان ئازغىنە ئىش ھەققى بىلەن قامدىلاتتىكەن. ئايال بۇ خەۋەرنى ئۇققاندا ئاسمان گۆمۈرىلىپ چۈشكەندەك بولۇپ،ھىچ نېمىگە قارىماستىن دوختۇرخانىغا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ گاز ئۇچاقنى ئېتىشنى ئۇنتۇپ قاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە ئوت كېتىپ ئۆيدىكى بارلىق نەرسە كۈلگە ئايلىنىپ كېتىپدۇ. مانا بۇ ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپكەن دېگەن سۆزدۇر. ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ،سوغۇق قان بولغان بولسا،ئاپەت يۈز بەرگەندىمۇ باشقا زىيان كىلىپ چىقماسلىقىدا گەپ يوق ئىدى. بەزىلەر ۋۇ پروفېسسور سىز ئۆرە تۇرۇپ سۆزلىسىڭىز بىلىڭىز ئاغرىمامدۇ، دەپ سۇرايدۇ.كىمنىڭمۇ شۇنداق قىلغۇسى بار، سېزنىڭ  دېگىنىڭىز توغرا ،بىراق بىز ئىمكانىيىتىمىزنىڭ بارىچە ئىشلىشىمىز شۇنداق ياخشى ئادەتلەرنى يىتىلدۈرىشىمىز لازىم.
   4-ماتېريال: بىز ئۆزىمىزنىڭ بەختىنىڭ كىلىشىنى باشقىلارنىڭ ھەركىتىگە باغلىماسلىقىمىز، ئۆزىمىزنى قولدىن بەرمەسىلىكىمىز لازىم.
   ئەگەر سىز ئۆز بەختىڭىزنى باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈستىگە قويسىڭىز سىزدە ئالاقزادىلىك پەيدا بولىدۇ.مۇنداق بىر ناخشا بار بولۇپ، ناخشا ئىسمى ‹‹ سەن ماڭا بىر تال ئەتىرگۈل سوۋغا قىل››. بۇ ناخشىنىڭ بىرىنچى كوپلىتىىدا،
   سەن ماڭا بىرتال ئەتىرگۈل سوۋغا قىلساڭ،
   مەن ساڭا رەخمەت دەيمەن.
   سەن ئۆزەڭنى ساراڭ دىسەڭمۇ،
   سېنى ياخشى كۆرىمەن.
   ئېككىنچى كۇپلىتىدا،
   سەن مېنى كۆزگە ئىلمىساڭ،
   مەن سەندىن ياخشى ئادەمگە تىگىپ سېنىڭ يۈرەك پارەڭنى ئېزىمەن.
   دېيىلگەن. بىرىنچى ئابزاستىكى سەن ساراڭ بولساڭمۇ مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن دېگىنى بىلەن ئىككىنچى كوپلىتتىكى يۈرىگىڭنى سىقىمەن دېگەن سۆز بۇ ناخشىدىكى قارىمۇ - قارىشىلىق بولۇپ،ئەگەر سىز ئۆز بەختىڭىزنى باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ئۈستىگە قۇرسىڭىز سىزدە چوقۇم خاتىرجەمسىزلىك پەيدا بولىدۇ،كۈلپەتتىن ئەنسىرىشىدۇ. سەن كىلەچەكدىن ئەندىشە قىلماسلىقىڭ كېرەك.سەن ئەنسىرگەن ئىشلار ئەتراپىڭدا يۈزبەرمىسە ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن.چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ ماگىستىرلىقىغا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ50 ئادەمدىن بىرنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ،ئېنتايىن ئېچىنىشلىق رىقابەت ئىچىدە قوبۇل قىلىدىكەن، بەزىلەر ئۆتەلمەي قالسا،يۈزىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بەزىلەر بولسا كەلگۈسىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر48 نەپەر ئادەم ساڭا ئوخشاشلا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ ئۆگىنۈپ،ئىمتىھانغا  قاتىنىشىپ بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ بىلگەن ئىشلىرىنى قىلىپ يۈرمەكتە.مېنىڭ ئىسىم كارتۇچكام ئۈستىدىكى ئۇنۋانىم مۇئاۋىن پروفېسسور،چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇرغۇنلىغان مۇئاۋىن پروفېسسورلار پروفېسسورلىققا كۆتۈرۈلگىنى يوق. ئۇنۋان باھالاش ناھايىتى مۈرەككەپ ئىش.مېنىڭچە نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار مۇئاۋىن پروفېسسور بولۇش ئەمەس، دوسسىنت بولۇشقىمۇ مۇناسىپ كەلمەيدۇ، مېنىڭ مۇئاۋىن پروفېسسور بولغىنىم مېنىڭ ئامىتىم. بەزى ئادەملەر يۇقىرى پەللىگە چىقىپ بۇلغاندىن كېيىن ئۆزنىڭ تىرىشىدىغان كۆرسەتكۈچى بولمىغاچقا ئاستا-ئاستا تۆۋەنگە سىيرىلىشقا باشلايدۇ، مانا بۇنى مەغرۇرلىنىش چېكىنىشنىڭ ئىپادىسى دەيمىز. بىز گۈزەل تۇرمۇشىمىزدىكى بىر قېتىملىق ھۇزۇرلىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويساق ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالىمىزدە خەپ دېگەن ئارمان بىلەن يەنە تىرىشمىساق بولمايدۇ. سىلەر مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەقىقى سۆزلەش پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى سۈي يۇڭ يۈەننى تونىشىڭلار مۇمكىن، ئۇ ھازىر روھى چۈشكۈنلىك كىسىلگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان مەزگىلدە ئىنتايىن ئۇتۇق قازانغان، كەسىپتە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن، ئۇنىڭ قىلغان ھەربىر جۈملە سۆزلىرى كۆپچىلىك ئېسىل مەرۋايىتتەك قەدىرلەيتى،ئۇنىڭ بۇنداق گۈزەل، پارلاق ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنغا بارماسلىقىنى ھىچكىم خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان. ھازىر ئۇنىڭ بۇ پروگراممىسىنىڭ ھىچ قانداق جەلىپ قىلىش كۈچى يوق بولغانلىقتىن ئۇ ئىنتايىن ئازاپلانغان. ئۇ داۋاملىق مەن نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولۇپ قالدىم، مېنىڭ شۆھرەت قازانغان ۋاقىتلىرىم نەگە كەتتى دەيتتى. ھازىر ئۇ كىنو ساھەسىگە كىرىپ كەتكەن بولسىمۇ ھىچ قانداق نەتىجە يارتالماي ئارلىقتا قالدى، ئۇ بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئازاپلىنىپ  كەيپىياتى بىسىمغا ئۇچىراپ ئۆزىنى ناھايىتى ئازاپلىق ھىس قىلىدۇ، بىر قېتىم  جۇ جۈنگە سەن تاماشىبىنلارغا سىلەرگە بايلىق يار بولسۇن، باي بولىشىڭلارنى تىلەيمەن دەپ ئىيتىپ قويساڭ دەپ ھاۋالە قىلغان،ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن ئۇنىڭ روھى ھالىتىنىڭ ياخشى ئەمەسىلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.
   5-ماتېريال: مىننەتدارلىقنى بىلىش، مىننەتدارلىققا ئېرىشكەندىلا ئادەمنىڭ روھى كەيپىياتى ياخشى بولىدۇ.
   غەرىپتە بىر مىننەتدارلىق بايرىمى بولۇپ، كۆپچىلىك ئۇ كۈنى باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم قىلغان ئىشلىرىغا رەھمەت ئىيتىشىدۇ. غەرىبنىڭ بۇ بايرىمى ھەر يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى بۇ كۈندە ساڭا ياردەم قىلغان، قوللىغان، ئاسرىغان كىشىلەرگە قىسقا ئۇچۇر يوللاپ سېنىڭ قانداق ياردەم قىلغانلىقىڭنى ئىيتىپ ساڭا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، سەنمۇ قىسقا ئۇچۇر يوللۇغۇچىلارغا ئۇچۇر قايتۇرۇپ بايرامنىڭ خۇشال ئۆتىشىنى تەبرىكلەيسەن، شۇ ئارقىلىق كىشلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ ئېناق، دوستانە بولغان ياخشى كەيپىياتنى يارىتىسەن.
   6-ماتېريال: ئەگەر پالاكەتكە يولۇققان ئىشلار يۈز بەرسە باشقىلار سىزدىنمۇ بەكرەك پالاكەتكە يولۇققانلىقىنى ئويلىشىڭىز كېرەك.
   ئەگەر پالاكەتكە يۇلۇقسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ سىز باشقىلارنىڭمۇ سىزدىنمۇ بەكرەك پالاكەتكە يولۇقىشىنى ئويلىشىڭىز لازىم.پەقەت بولمىسا تۆۋەندىكى ھېكايىدىكى بىر ھىندىستانلىق قۇرلۇش ئىشچىسىنىڭ دۇچ كەلگەن ئىشىنى ئويلاپ بېقىڭ. ھىندىستاندا بىر قىسىم قۇرلۇشلارنى قۇرلۇش ئشچىلىرى،ئۆي سالغاندا،ئۆينى ئىككى قەۋەت ئېگىزلىكىدە سالىدۇ، ئۆينىڭ تورىسىغا نۇرغۇنلىغان قىشلارنى چاپلايدۇ، ئىش باشلىقى بىر ئىشچىغا سەن چىقىپ ئۆگزىدىكى قىشلارنى ئېلىپ چۈش دەپتۇ.ئىشچى بەك ئەقىللىق بولۇپ ئۆگزىدىكى تېيىلغاق يەرلەرنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پۇختا بولغاندىن كېيىن، پىششىق ئارغامچا بىلەن غالتەكنى چىڭ باغلاپ بىر ئۇچىنى چوڭ سىۋەتكە يەنە بىر ئۇچىنى يەرگە چۈشۈرۈپتۇ، ئاندىن كېيىن سىۋەتكە قىشنى لىق قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن،يەرگە باغلانغان ئارغامچىنىڭ ئۇچىنى ئاستا يېشىپتۇ، شۇ ۋاقىتتا ئويلىمىغان يەردىن خەتەر يۈز بېرىپتۇ،چۈنكى بۇ سىۋەتنىڭ ئىچىگە قاچىلانغان قىش ئېغىرلىقى ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىدىن كۆپ ئېغىر بولغاچقا ئارغامچىنى يېشىشى بىلەن تەڭ ئۇ ئادەمنى سۆرەپ ئېگىزگە ئېلىپ چىقىپتۇ،شۇ ئارلىقتا ئادەمنى سۆرەپ ئېگىزگە ئېلىپ چىققان سىۋەتتىكى خىش ئۇ ئادەمنىڭ بېشىغا تېگىپ،ئۇنى يارلاندۇرۇپتۇ ۋە سىۋەت ئۇنىڭ سول مۈرىسىنى سۇندۇرۇپ تاشلاپتۇ.بۇ ئىشچى داۋاملىق ئېگىزگە قاراپ سۈرۈلۈپتۇ، ئېگىزلەپ تۇرۇسقا تېگىپ ئىككى تال بارمىقىنى سۇندۇرۇپ تاشلاپتۇ.سىۋەت يەرگە تەككەندە بىراق تۆكۈلۈپتۇ، شۇ ۋاقىتتا سىۋەت قۇرۇقدالغاچقا سىۋەت يۇقىرغا كۆتۈرلۈپ، ئادەم پەسكە قاراپ سېيرىلىپتۇ، ئارلىقتا ئۇ يەنە سىۋەتكە سۇقۇلۇپ كېتىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن قالايمىقان تۆكۈلگەن خىش دۈۋىسىگە ئولتۇرۇپ قېلىپ، كاسىسىنى يارلاندۇرىۋاپتۇ، بۇ ۋاقىتتا بۇ ئىشچى قۇلىدىكى ئارغامچىنى قۇيىۋىتىپتىكەن سىۋەت ئۇنىڭ بېشىغا چۈشۈپ، ئۆلۈپ قاپتۇ. ئەگەر سىز پالاكەتكە ئۇچىرسىڭىز ھىندىستانلىق بۇ قۇرلۇش ئىشچىسىنىڭ ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ، سىز ئۇنىڭدىن تەلەيلىك. سىز مۇۋاپىق ئاياغ سېتىۋالالمىدىم دەپ ئاغرىنسىڭىز بەزىلەرنىڭ ئاياغ كەيگۈدەك پۇتىمۇ يوق. بەزىلەر سىز تىت-تىت بولۇشنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز دېيىشىدۇ؟ ئۇنداقتا سىز بىر قېتىم  زۇڭلى ۋىن جىيا باۋ بولۇپ بېقىڭ، باھار بايرىمىنىڭ ھارپا ئاخشىمى مەن ئۆيدىكىلىرىم بىلەن ئۆيدە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇردۇم، بىراق زۇڭلى نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟ زۇڭلى لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ تەنشىن كۆمۈر كېنىنىڭ ئاستىدا ئىشچىلار بىلەن بىللە بولدى.  SARS(سارىس) مەزگىلىدە بىز ئۆيدىن چىقالماي يۈرگەن ۋاقىتتا زۇڭلى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاشخانىدا، سەي-كۆكتات بازىرىدا يۈردى، پۈتۈن مەملىكىتىمىز مىقياسىدا ھەرخىل ئەھۋاللار ھەر ۋاقىت يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، زۇڭلى ۋىن جىيا باۋ ھەقىقەتەن قالتىس مۆجىزىلەرنى ياراتتى.
   بىر ئادەم بىر قېتىم دىلا122 نەپەر يۈرەك كىسىلى بولغان بىمارلارنى تەكشۈرگەن، 8 يىلدىن كېيىن ئۆمىدسىزلەنگەن 25 ئادەم ئىچىدىن 21 ئادەم ئۆلگەن، ئۆمىد بىلەن ياشىغان 25 ئادەمدىن 6 ئادەم ئۆلگەن، بۇنىڭدىن كۈرىۋېلىشقا بولىدۇكى ئۆمىدۋارلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن.بىر ئادەم مۇشۇنداق ئۆمىدۋار روھى كەيپىياتىنى ساقلىسا باشقىلارغا يۈز كىلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلسا،ئۇ ئادەم باشقىلاردىن ئاغرىنماستىن ئۆزىدىن ئاغرىنىشى كېرەك، چۈنكى سەن ئۆز-ئۆزەڭنى تەنقىد قىلساڭلا ئۆزەڭنى ئۆزەڭ كەچۈرەلەيسەن.
   ئىنسانلارنى ئانا قورساق كۆتۈرۈپ تۇغقان، ئانىلار ئىنسانىيەتنى ياراتقۇچى، ئانىنىڭ خارەكتېرى سۇغۇق بولسا،بالىنىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئانىنىڭ خارەكتېرى ھىچ كىمنىڭ رايىغا باقمايدىغان بولسا،بالىسى باشقىلارغا يۆلىنىۋالسىمۇ جاھىل مۇتەھەم بولىدۇ.ئانىنىڭ خارەكتېرى باراۋەر مۇلايىم بولسا،بالىسىمۇ يېقىملىق، تۈز، دوستانە، چىقىشقاق بولىدۇ.شۇڭا تۈرلۈك ئىشلاردىكى قىممەتلىك تەجرىبە بايلىقلارنى توپلاپ، مەسىلىگە يولۇقساق ئۇنىڭدىن تەجىرىبە ئېلىپ،ئۆسۈپ يېتىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەسىلىلەرنى يىششتىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۈگىنىۋېلىشىمىز لازىم.
   7- ماتېريال:قەلىب جەننەت، دوزاخنى ياراتىدۇ
   بىر ئادەمنىڭ بەختلىك ياكى بەختسىز بولىشى ئۇنىڭ ماھىيىتى، بايلىقى، ئورنى، ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.بەختنى ئىدىيە، ساغلام روھى ھالەت بەلگىلەيدۇ. كۆڭۈل ياكى قەلىب جەننەتنى شۇنداقلا دوزاقنى يارىتالايدۇ.
   بىر ياپونىيەلىك چامباشچى بىر قېرى راھىبتىن، ئۇستاز جەننەت دېگەن نېمە؟ دوزاق دېگەن نېمە؟ دەپ سوراپتۇ. قېرى راھىپ ئۇنىڭغا ئاستىغىنە باشتىن ئاياغ كۆز يۈگۈرتۈپ ساڭا ئوخشاش قارا قورساق كىشىلەرنىڭ مەن بىلەن جەننەت توغرىسىدا سۆزلىشىشكە سالاھىيىتى توشمايدۇ دەپتۇ. چامباشچى ئاچچىقلىنىپ ھەيۋە بىلەن قېلىچىنى سۇغۇرۇپ قېرى راھىبنىڭ بوينىغا تەڭلەپ، ئەبگا قېرى سېنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن دەپ ھەيۋە قىلىپتۇ. قېرى راھىب كەسكىنلىك بىلەن مانا بۇ دوزاق دەپتۇ. چامباشچى رەزىللەشكەن كەيپىياتىنىڭ دوزاق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ دە،قېلىچىنى غىلىپىغا ساپتۇ، بۇنى كۆرگەن قېرى راھىب تەمكىنلىك بىلەن مانا بۇ جەننەت دەپتۇ. چامباشچى ياخشى كەيپىياتنىڭ جەننەت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ دەرھال يۈكۈنۈپ رەھمەت ئۇستاز دەپتۇ.
   كىچىك ئىشتىن خۇشال بولۇشنى بىلسىڭىز چوڭ خۇشاللىق كىلىپ چىقىدۇ. باشقىلار سىزگە ئازغىنە ئىش قىلىپ بەرسە سىز ئۇنىڭغا كۆپ رەھمەت ئېيتسىڭىز ئۇنى رازى قىلسىڭىز سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىدۇ.
   قېشىڭىزدىكى ئادەملەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى بىلىۋېلىڭ.بىر ئادەم مېنىڭ نۇرغۇنلىغان جان-جىگەر دوستلىرىم بار دەپتۇ.بىراق ئۇ دوستلىرىنى شىنجاڭدا دەپتۇ، يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ياخشى دېگەن گەپ بار.بەزىلەر بىر ئىشخانىدىكى خىزمەتداشلىرىنى رىقابەتچىسى قاتارىدا كۆرىدۇ. بۇنداق قىلىش خاتا، سەن قانداق قىلغاندا باشقىلارنى پەرىشتىگە ئايلاندۇرالايسەن؟پەقەت  مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى،ماختاشنى،كەچۈرۈم قىلىشنى بىلگىنىڭدىلا مۇددىئايىڭنى ئىشقا ئاشرولايسەن.
   بىر قېتىم  مەن بىر ئوقۇتقۇچىم بىلەن تېلېفوندا كۆرىشىپ قالدىم، مەن ئۇنىڭدىن يېقىندىن بۇيان نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن دەپ سۇرىسام ئۇ ماڭا جەننەت ياساۋاتىمەن دەپ جاۋاب بەردى.
   8- ماتېريال: بېسىم بەك چوڭ بولۇپ كەتكەندە ئۆزنى بەزلەشنى ئۆگىنىۋېلىش لازىم.
   مۇنداق بىر مىسال بار. كانادادا بىر جۈپ ياش ئەر-خوتۇن بولۇپ،ئۇلار داۋاملىق ئۇرۇشۇپ، ئاجرىشىشنى ئويلايدىكەن. بىراق بىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە بولغان مۇھەببىتى چۇڭقۇر تۇرۇپ داۋاملىق ئۇرۇشۇپ قالىمىز ئاجرىشىپ باشقا بىرسى بىلەن توي قىلساق تېخىمۇ ئۇرۇشۇپ قالمامدۇق دىيىشىپ.ئاخىرىدا ساياھەتكە چىقىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نىكاھ ساقلىنىپ قاپتۇ، ئۇلار شۇ ساياھەت قىلغان پېتى بىر چوڭ تاغلىققا كەپتۇ، تاغنىڭ شەرق تەرىپىدە قارىغايلىق، ئارچىزارلىق بار ئىكەن، غەرب تەرىپىدە پەقەت قار قارىغىيى بولۇپ شرق بىلەن غەرىپنىڭ پەرقى نېمانداق چوڭ دەپ ئويلاپتۇ، ئۇلار قارلىق قارغايلارنىڭ شاخلىرى ئاجىز بولغاچقا قار بەك كۆپ يېغىپ قارىغاي شاخلىرىنى بېسىۋالغاچقا شاخلار سۇنۇپ دەرەخ ئۆلگەن. قار ئېرىگەندە ئۆز ئەسلىگە كەلگەن. بۇ ئىككىسى بېسىم بەك چوڭ بولۇپ كەتكەندە ئىمكان بار يول ئىزلەپ، ئۆزىنى قاچۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئىكەنلكىنى بىلىپ يېتىپتۇ. يولدىشى ئايالىدىن مەن ياخشى ئەمەس، ساڭا يۈزكىلەلمەيمەن دەپتۇ،ئايالى يولدىشىنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ مەنمۇ ياخشى قىلمىدىم دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئىككىسى قايتىدىن ياخشى ئىناق ئەر-خوتۇنلاردىن بولۇپ قاپتۇ.
   ئەگەر شۇ يىللىق ئات مۇسابىقىسىدە مۇشۇنداق ئامال قىلغان بولساق بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ كەيپىياتى ھازىرقىدىنمۇ ياخشى بولغان بۇلاتتى.پىچاق بولسا تەككەن نەرسىنى كىسىپ تاشلايدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ ئورنى يوق، بىز جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى بولغان تەيجى گۇمپىسىنى ئۆگىنۈپ ئۆز تەڭپۇڭلىقىىزنى ساقلاپ، تەڭگە پۇلنىڭ روھىدىن ئۆگىنىپ تىرىشساقلا كۆزلىگەن نىشانغا يىتەلەيمىز.
   بۈگۈنكى سۆزلىگەن دەرىسنىڭ مەزمۇنىدىن خۇلاسە.
   بىرىنچى: شارائىتنى ئۆزگەرتەلمىسىڭىز، شارائىتقا ماشلىشىشىڭىز لازىم. بىر ھىندىستانلىق ئادەم تاغنى يۆتكەش گۇمپاسنى ئۇزۇن يىل مەشىق قىلىپتۇ. ئۇ تاغنى يۆتكەش تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ، يېرىم كۈن گۇمپا كۆرسەتسىمۇ تاغ ھىچقانداق مىدراپ  قويماپتۇ. ئۇ ئۇستازىدىن نارازى بولغان ھالدا تاغنى يۆتكىيەلمىدىم دەپتۇ، ئۇستازى ئۇنىڭغا سەن تاغنى بۇ تەرەپكە يۆتكىيەلمىسەڭ سەن تاغنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتسەڭلا بولمىدىمۇ، دەپتۇ.
   ئىككىنچى: سىز باشقىلارنى ئۆزگەرتەلمىسىڭىز، ئۆزۈڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىز لازىم.
   بىر ئادەم 80ياشقا كىرگەن بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلاپتۇ. بوۋاي ئۆز ئادىتىنى ئۇزۇن يىل يىتىلدۈرگەن بولۇپ، ئۆزگەتىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئەگەر ئۆيىڭىزدە ياشانغان ئادەم بولسا سىز ئۇنىڭغا ماسلىشىڭىز لازىم.خاربىننىڭ بىر زاۋۇتىدا سېتىش بۆلىمىنىڭ بىر دېرىكتورى بولۇپ، ئۇنى مومىسىنىڭ مومىسى بېقىپ چوڭ قىلىپتۇ. ئۇ مومىسىنىڭ مومىسىنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كەپتۇ. كىلىنى ئۇنىڭدىن خەۋەر ئېلىشنى نىيەت قىلىپ موماينىڭ ئىش قىلىشىنى تۇسۇپ، ئۇنى ئىش قىلغىلى قويماپتۇ. سەي ئەكەلسە سەي ياخشى ئەمەسكەن دەپ چۆرۈپ تاشلاپتۇ. يەر سۈپۈرسە پاكىز بولمىدى دەپ ئۆزى باشتىن سۈپۈرۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئوتتۇرىسىدا زىدىيەت كىلىپ كەسكىنلىشىپ، ھەر كۈنى ئۇرۇشۇپتۇ.
   باش دېرىكتور مېنىڭ دەرسىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن خوشال بولۇپ، بۇ دەرسنى مەن ئۈچۈنلا لاھىيلەپ چىققاندەك قىلىسز، دەپ دەرھال خانىمىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلاپتۇ. بىر ئادەم بۇنداق ھۆكۈم چىقىرىپتۇ، قورامىغا يەتكەن بىر ئادەم %60 لىك دىققىنى (زىھنىنى) بالىسىغا، %30 لىك دىققىتىنى (زىھنىنى) ئائىلە ئىشلىرىغا، %10 لىك دىققىتىنى (زىھنىنى) خىزمەتكە ئىشلەتكەن.
   ئۈچىنچى:يۈزبەرگەن ئىشلارنى ئۆزگەرتەلمىسەڭ يۈزبەرگەن ئىشلارغا قارىتا پوزىتسىيەڭنى ئۆزگەرتسەڭ بولىدۇ.
   بىز باشقىلارنىڭ سۆز-چۆچەكلىرىدىن ئازاپلانساق بولمايدۇ. ئەگەر بىز باشقىلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىگە قارىتا ئازاپلانساق، ئۆزىمىز ئەڭ چوڭ ئەخمەق. ئەگەر بىرسى سىزنى ‹‹سەن راستلا بىجىرىم بىرنەرسە ئەمەسكەن سەن›› دەپ تىللىسا، سىز ئۇنىڭدىن خاپا بولۇپ يۈرمەڭ، ئەكسىچە سەن راست ئېيتىسەن ماڭا ئەسكەرتىپ ياخشى قىلدىڭ، ئىنسانلارنىڭ ماھىيىتى بويىچە ئىيتقاندا، ئىنسانلار راستىنلا ‹‹نەرسە›› ئەمەس، ئىككىمىز ئوخشاش.
   تۆتىنچى: يۇقىرى بىلەن سېلىشتۈرماي تۆۋەن بىلەن سېلىشتۇرۇڭ.
   بىر ئادەم، ۋۇ پروفېسسور سىز بىزگە ئاكىيۇ (AQ)نى ئۈگەتتىڭىز. بىراق، نەتىجە ئىلمى بىلەن ئاكىيۇ (AQ) بىر لىشىپ كەتتى. شۇڭا سىزنىڭ ياخشى كەيپىياتقا ئېرىششىڭىزدە گەپ يوق دىيىشتى. نەتىجە ئىلمى كۆپچىلىككە گېنرال بولۇشنى ئويلىمىغان ئەسكەر،ياخشى ئەسكەر بۇلالمايدۇ. ماتروس بولۇشنى ئويلىمىغان سۇ ئۆزگۈچى بۇلالمايدۇ، دېگەننى ئۇقتۇرىدۇ. سىلەرنىڭ كۆرۈپ چۈشىنشىڭلار ئۈچۈن تۆۋەندە يەنە بىر مىسال سۆزلەپ بېرىمەن، بۇددىزم ئىلمىدە سۆزلەنگەن، ئاڭنى بىزچە بىلىش، چۈشىنىش دەيمىز. بىلىش بولسا، ھاياتلىقنى كۆرۈپ يىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنى بۇزۇشقا بولمايدۇ.
   بىلىشنىڭ 4باسقۇچى بار:
   1)باسقۇچى: بىر خىل ئادەتنى يېتىلدۈرۈش، تۇرمۇشنىڭ ئەڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى بايقاش.
   ھەر بىرقېتىم  كۆزنى ئېچىپ يۇمغىچە بولغان ئارلىقتا ھۇزۇرلىنىشنى بىلىش ھاياتنى سۆيۈش،كەلگۈسىدىكى گۈزەل كىلەچەككە ئىشىنىش لازىم، بەزىلەر كىچىككىنە بېسىمغا ئۇچىرىشى بىلەنلا ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ، ئەقىللىق ئادەملەر ئۇنداق قىلمايدۇ.سىز گۈزەل كىلەچەكنىڭ بارلىقىنى بىلىشىڭىز ئۇنى توغرا ھىسابىلشىڭىز لازىم. ئەگەر خاتا ھىساپلاب قالسىڭىز تۈگەشكىنىڭىز شۇ. شۇڭا توغرا مۆلچەرلەشنى، بېسىمغا بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىشىڭىز لازىم.
   2)باسقۇچى: ئۆتۈپ كەتكەن ئىشقا كەڭ قورساقلىق بىلەن قاراش، ئۇنتۇپ قېلىشنى، چۈشىنىشنى،كەڭ قورساقلىق قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش لازىم. باشقىلارنى كەچۈرمەسىلىك ئۆزىنى ئازاپلىغانلىق. بىر ئادەم بىر ئىت بېقىپتۇ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ‹‹قويغىن›› قويۇپتۇ، يەنە بىر ئادەممۇ بىر ئىت بېقىپ، ئىسمىنى ‹‹ھۇزۇرلانماق›› قويۇپتۇ. ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۆزلىرىگە قۇياشتەك روھى ھالەتنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىكەن.
   قۇلىدا بار بايلىقتىن پايدىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىش كېرەك. قۇلۇڭدىكى ئىقتىسادىڭ بىلەن ئۆزەڭ قىلىشنى ئويلىغان ئىشلارنى قىلغىنىڭ ياخشى. سەن بارلىق خۇشاللىقىڭ بىلەن بۇ دۇنياغا قۇچاق ئاچساڭ قىلغان ئىشىڭدىن پۇشايمان قىلمايسەن.
   3)باسقۇچى: باشقىلارغا خىزمەت (مۇلازىمەت) قىلىش.
   پۇلنىڭ قىممىتى ئىشلىتىشتە، ئىنسانلارنىڭ قىممىتى ئىنتىلىشدە. مۇۋەپپىقىيەت  قازانغان كارخانىچىلار ئاخىرى ساخاۋەتچىلەرگە ئايلىنىدۇ. بىز گاھىدا ئەقلىيە سۆزلەر ئارقىلىق ئۆزىمىزنى رىخبەتلەندۈرۈپ تۇرشىمىز كېرەك.كىشىنى سۆيگۈچىلەر مەڭگۈلۈك سۆيگۈگە ئېرشىدۇ. باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەنلەر مەڭگۈلۈك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ.كۆينىشنى بىلگەن ئادەم،ھەقىقى دوستلۇققا ئېرشىدۇ.خاتىرجەم بولۇشنى بىلگەن ئادەم،يىنىكلىككە ئىرشىدۇ. ئۇنتۇشنى بىلگەن ئادەم،ئازادىلىككە ئېرشىدۇ. سىز قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بولالماسلىغىڭىز مۇمكىن،بىراق قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزنىڭ بىر قىسمىنى قىلىپ تۈگىتەلەيسىز.
   ھاياتلىقتا يىراققا نەزەر سېلىپ،ئەتراپنى ياخشى كۆزەتسىڭىزلا،قۇياشدەك روھى ھالەت يارتالايسىز.



       (  <<قەشقەر>>  2011-يىلى 1-ساندا ئېلان قىلىنغان، گۈزەلنۇر ھېيت تەرجىمىسى )

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-14 15:26  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-5-14 16:57:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۇھ،تاس قالدى ئوقۇپ بولغۇچە ‹ئىللىق روھى ھالەت › يوقاپ كەتكىنى...ھارماڭ خانىم.

ۋاقتى: 2013-5-14 22:37:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى  تاپتىم بۇ  ماقالىنى ، ماۋزۇسىنى ئوزگەرتىۋىتېپسىز -ھە ؟ باشقا مەنبەدە ئىشلەتسەم قوشىلامسىز  ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەدىيە ھەبىبۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-14 22:38  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-17 21:45:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ياقتۇرغىنىڭىزدىن خوش بولدۇم .  <<قەشقەر>>  2011-يىلى 1-ساندا ئېلان قىلىنغان، مىنىڭچە  ئىشلەتمەڭ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈزەلنۇر ھېيت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-17 21:46  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش