يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 781|ئىنكاس: 5

«نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ۋە ئۇنىڭ بىر ئەسىرلىك مۇساپىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                              «نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ۋە ئۇنىڭ بىر ئەسىرلىك مۇساپىسى
                                                                 
                                                             ئابلىكىم كىرىم                                                

   نوبىل مۇكاپاتى دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ زور بولغان مۇكاپات. ئۇنىڭ تارقىلىۋاتقىنىغا  بىر ئەسىر بولدى.نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نوبىل مۇكاپاتى ئىچىدىكى ئالتە تۇرلۇك مۇكاپاتنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيا ئەدەبىيات مونبىرىدە ئىنتايىن موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىمۇ ھازىرغىچە باشقا نوبىل مۇكاپاتلىرىغا ئوخشاش بىر ئەسىرلىك مۇساپنى بېسىپ ئۆتتى.

                                                   1.نوبىل ۋە نوبىل مۇكاپاتى

   ئالفىرىد نوبىل ــ شىۋىتسىيە خىمىيە ئالمى بولۇپ،1833-يىلى تۇغۇلغان.ھايات ۋاقتىدا 85تۇردە پاتىنىت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.1895-يلى ،يەنى ۋاپات بولۇشتىن بىر يىل ئىلگىرى بۇرۇن ئىنسانىيەت مەدەنيىتىنى گۇللەندۇرۇش،تىنىچلىق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۇرۇش ئۇچۈن،ئۆزىنىڭ 32مىلىيۇن شىۋىتسىيە كىروناسى(تەخمىنەن 9مىلىيۇن 200مىڭ ئامىرىكا دوللىرى) قىممتىدىكى مىراسىنى فوند قىلىپ، ئۇنىڭ ھەر يىللىق ئۆسۇمنى خىمىيە،بىئولوگىيە،فىزىكا،(ياكى مىدىتسىنا پەنلرى) بويچە زور كەشپىياتلارنى ياراتقان،ئەڭ نادىر ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان،دۇنيا تىنچلىق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۇرۇشتە زور تۆھپە قوشقانلارغا مۇكاپات قىلىپ بىرىش توغرىسىدا ۋەسىيەتنامە قالدۇرغان.نوبىلنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى  ياردەمچىسى لاگۇناسۇلماننىڭ زور كۇچ بىلەن تىرشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە،شىۋىتسىيە ھۆكۇمىتى 1900-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۇنى نوبىل فوند جەمىيتىنىڭ قۇرۇلغانىلىقىنى رەسمى جاكارلىغان،تۇنجى نۆۋەتلىك نوبىل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى 1901-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۇنى ،يەنى 20-ئەسىرنىڭ تۇنجى يىلىدىكى نوبىل ۋاپاتىنىڭ ئالتە يىللىق خاتىرە كۇنىدە شىۋىتسىيە پايتەختى سىتوكخولىمدا ئۆتكۇزۇلگەن.شۇنڭدىن كىيىن بۇ مۇراسىم ھەريىلى بىر قېتىم  ئۆتكۇزۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ.فىزىكا،خىمىيە(مىدتسىنا)مۇكاپاتىنى شىۋىتسىيە پادىشاھلىق پەنلەت ئاكادىميسى،بىئولوگىيە(مىدىتسىنا)مۇكاپاتىنى سىتوكخولم كارولىن مىدېتسىنا تەتقىقات ئاكادىمىيسى،ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى شىۋىتسىيە ئەدەبىيات ئىنستىتوتى، تىنچلىق مۇكاپاتىنى نورۋىگىيە پارلامنتى سايلاپ چىققان بەش كىشلىك باھالاش كومتىتى باھالايدۇ.(ئەسىلىدە بەش تۇرلۇك مۇكاپات بۇلوپ،1968-يىلى شىۋىتسىيە بانكىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 300يىللىقى مەزگىلىدە شىۋىتسىيە ھۆكۇمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن فوند جەمىيەتكە ئىئانە بەرگەندىن كىيىن 1969-يىلىدىن باشلاپ ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتى قوشۇلغان).نوبىل فوند جەمىيتىنىڭ مەبلىغىنى باشقۇرۇش ياخش بولغانلىقتىن فوند مەبلەغ سىجىل كۆپيىپ،1999-يىلى 282مىلىيۇن ئامىرىكا دوللىرىغا يەتتى.ھەربىر تۇردىكى مۇكاپاتنىڭ سوممىسى 1901-يىلى 35مىڭ ئامىرىكا دوللىرى،1972-يلى 100مىڭ ئامىرىكا دوللىرى،1989-يىل 500مىڭ ئامىرىكا دوللىرى،1998-يىلى بىر مىلىيۇن ئامىرىكا دوللىرى بولدى.

                       2.نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتنىڭ بىر ئەسىردىن بۇيانقى تارقىتىلىش ئەھۋالى

    نوبىلنىڭ ۋەسىيتىدە:«ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى غايىۋىزىم خاھىشىغا ئىگە كاتتا ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپىگە بېرش»تەۋسىيە قىلنىغان بولۇپ،ھەريىلى 1-ئاينىڭ 1-كۇنىدن ئىلگىر نامزات ئىسىملىكى قوبۇل قىلىندۇ.نامزاتلارنى قايتا-قايتا مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق،ئەڭ ئاخىرىدا يەتتە نامزات بىكتىلىدۇ ھەمدە مۇكاپاتلىندىغانلار سايلام ئارقىلىق تاللىنىدۇ.100يىل ئىچىدە 1914-،1935-،1941-،1942-،1943-يىللىرى مۇكاپات تارقىتىلمىدى.1904-،1917-،1966-،1974-يللىرى ئىككىدىن كىشىگە بېرىلدى.ھازىرغىچە جەمىئىي 97 نەپەر كىشى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

                      3.نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرشكەن ئەسەرلەردىكى ئاساسى ئىدىيە ۋە مىللى روھ

        بىر ئەسىردىن بۇيان مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنىڭ ژانىرى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى كۆپ خىل،مەزمۇن دائىرىسى ناھايتى كەڭ بولۇپ،يېقىنقى يىللاردا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەردە مىللى روھ ناھايتى قويۇق بولۇپ كەلدى.مەلۇم بىر دۆلەت ياكى رايۇن دائىرسىدىن ئالغاندا،بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئامىرىكلىق ئەدىبلەر بىر قەدەر كۆپ.ئىجادىيەت ئۇسلۇبىلرى كۆپ خىىل بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئىجادىيەت ئۇسلۇبىدىن تۆۋەندىكى ئالاھىدىلكىنى كۆرۇۋالغىلى بولىدۇ1) رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى بىلەن مودىرنىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى يۇكسەك دەرىجىدە بىرىككەن.(2) ئەنئەنۋى ئىدىيگە ئىگە بولغان ئىسيانكارلىق،ھازىرقى زامان كىشلىرىنىڭ تەقدىرى  ۋە ئىنسانىلارنىڭ كەلگۇسى ئۇستىدە ئىزدەنگەن.(3) ئالاھىدە مەدەنىيەت ئارقا كۆرنۇشى ئارقىسىدا بارلىققا كەلگەن ئەسەرلەر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى،مىللەتنىڭ يۇرەك ساداسىنى ئەكىس ئەتتۇرىگەن.
    بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەربىر ئەدىبنىڭ موۋاپىقيىتىدىن قارىغاندا،20-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكۇچىلەر ئىچىدا گارسىيە ماركوزنىڭ تەسىرى ئەڭ زور بولدى.ئۇ ئەسەرلىرىدە خىيال بىلەن رىئاللىقنى يۇغۇرۇپ،ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ياراتتى.ئۇنىڭ ۋەكللىك ئەسىرى«يۇز يىللىق غېرىبلىق» رومانىدا  بىر ئەسىردىن كۆپرەك تەنھالىق ،قاششاقلىق ھالىتىدا تۇرغان ماكوندو كەنتى ۋە يەتتە ئەۋلاد بۇئىندىيە جەمەتىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق،لاتىن ئامرىكىسى خەلقىلىرىنىڭ ئىستىبىدات ھۆكۇمرانىلققا ۋە مۇستەبىتچىلككە قارىش كۇرەشلىرىنى مۇۋاپىقيەتلىك يۇرۇتۇپ بەردى.
    20-ئەسىرنىڭ كىيىنىكى يېرىمىدا نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنىڭ ئىپادىلىگەن ئىجتىمائى خاھىشى بىر قەدەر كۇچلۇك بولدى.4-دۇنيانىڭ كاتتا يازغۇچىسى دەپ ئاتالغان ساينىت لوتسيىلىك دېرىك ۋالكون 12مىڭ ئاھالىسى بار كىچىككىنە ئارالدا تۇغۇلغان بولۇپ،ئۇ ئەسەرلىرىدە كارىب دېڭىزى رايۇننىڭ ئۆزگىچە تۇرمۇشىنى،ئافىرىقىنىڭ مىللى پىسخىكىسىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن تىپكلەشتۇرۇپ ئىپادىلەپ بەرگەنىلكى ئۇچۈن،بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.جەنۇبى ئافىرىقلىق ئاق تەنلىك ئايال يازغۇچى نادىمىن گودىمىر ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىرىقى كەمسىتش ۋە ئىرىقى ئايرىمچىلىق سىياسىتى كەلتۇرۇپ چىقارغان يامان ئاقىۋەتلەرنى ئاساس تىما قىلغان بولۇپ،ئەينى ۋاقىتتا خەلىق زور زىيانكەشلىككە ئۇچىراۋاتقان بىر ئەلدە ئۇ باشتىن ئاخىرى ئىرىقى ئايرىمچىلققا قارشى كۇرەش قىلغاچقا ھەم ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق تارىخنىڭ تەرەققىيات قانۇنيىتنى ئالدىن كۆرسىتىپ بەرگەچكە،ئىرىقى كەمسىتىشكە قارشى باھادىر ئەدىب دەپ ئاتالدى ھەمدە نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
      يېقىنقى يىللاردا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شەرىقلىق ئەدىبلەردىن نەجىپ مەھپۇز،چۇەندۇەن كاڭچىڭ،داجىياڭ جىيەنسەنلاڭ قاتارلىقلارنىڭ مەۋقەنى ئۆز مىللىتنىڭ ئەنئەنسىدىن ئىبارەت مۇنبەت تۇپراققا قۇيۇپ،مىللەتنىڭ بۇ چوڭ قان تومۇرىنى ئىگىلەپ،ھازىرقى زامان ئىجادىيەت قارشى ۋە ماھارىتىنى يىتلدۇرۇش ئاساسىدا مۇۋاپىقىيەت قازانغانلىقىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس.نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپات كومتىتى نەجىپ مەھپۇزغا:«ئەرەپ كىلاسسىك ئەدەبىيات ئەنئەنىسىنى ياۋروپا ئەدەبىياتنىڭ ئىلھامى ئاستىدا مۇكەممەللەشتۇرۇش ئاساسىدا پۇتكۇل ئىنسانىيەت ھوزۇرلىنالايدىغان ئەرەبچە بايان سەنئىتى ياراتقان»دەپ؛چۇەندۇەن كاڭچىڭغا:«ياپۇنلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى جەۋھەرلەرنى يۇقىر ماھارەت بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن»دەپ باھا بەرگەن.

                                    4.نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا دائىر باشقا ئەھۋاللار

        نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئادەتتە ھايات يازغۇچىنىڭ پۇتكۇل ئىجادىيەت نەتىجسى ئۇچۈنمۇ ياكى مەلەم بىر ئەسىرى ئۇچۈنمۇ بىرىلدۇ.
   بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كۆپ ساندىكى يازغۇچىلار زور شۆھرەتكە ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئىگە بۇلوپ كىلىۋاتقان بولىسىمۇ،لىكىن ،بىر قىسىم يازغۇچى شائىرلار نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا،كۇتۇلمىگن ئاۋارىچىلىقلارغا يۇلۇقتى.بىر قىسىم يازغۇچىلار باشقىلارنىڭ ئاۋارىچىلكىدىن  قۇتۇلالماي،يېزىقچىلقىنى بىر مەزگىل ئۇزۇپ قويدى.مۇكاپات پۇلى بەزىدە يامان غەرەزلىك كىشلەرنىڭ ھەسەت قىلشىغا سەۋەب بولۇپ، بەزى پاجىئەلەر كۆرۇلدى.بىر قىسىم يازغۇچىلارغا يامان تەسىرلەرنى كۆرسەتتى.1994-يىلى نەجىپ مەھپۇز ئىدىيە ئەركىنلىكى ۋە ئىجادىيەت ئەركىنلكىگە قارشى بىر ئۇچۇم تىرورچىلار تەرىپدىن ئېغىر زەخمىلەندۇرۇلدى.ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئىككى خىل ئىدىئولوگىيە تۇپەيلىدىن بىر قىسىم يازغۇچىلار كۇلپەتلىك تەقدىرگە دۇچ كەلدى. بورىس پاستىرناك «دوختۇر رىۋاگو»ناملىق رومانى ئۇچۈن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرشىكەندىن كىيىن پۇتكۇل سوۋىت ئىييىپاقى تەۋەسىدە ئۇنى تەنقىدلەش دولقۇنى كۆتۇرۇلدى.ئۇ مۇكاپاتنى ئېلىشتىن ۋاز كەچتى.چېسلاۋ مىلوش 1980-يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندە،ئۇنىڭ كىتابلىرى ئۆز ۋەتىنى پولشادا تەقىپ ئاستىغا ئېلىندى.سوۋىت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى ئالېكساندىر سولژېنتسىن غەرىبىنىڭ دېموكراتيسىگە ئىتىلىش سەۋەبىدىن ئۆز ۋەتىننىڭ «خائىنى»بولۇپ ئۇزۇن مەزگىل باشقا ئەللەردە سەرسان بۇلوپ يۇردى.
    نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتنىڭ بىر ئەسىرلىك مۇساپىسىدىن قارىغاندا،بۇ مۇكاپات ئۇمۇمەن ئۆز نىشاندىن چەتنىمگەن بولسىمۇ،ئەمما تۇرلۇك سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن بەزى يىلىلرى ھەققىي تالانتىلىق ئەدىبلەرگە ۋە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرگە بېرىلمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ بولدى.مەسىلەن:روسىيە يازغۇچىللىرىدىن ل، تولسىتوي.ئا،پ چىخوف.فىرانسىيە يازغۇچىسى ئىمىل زولا.ئاۋستىريە يازغۇچىسى فرانز كافكا.ئامىرىكا يازغۇچىللىرىدىن  ئالېكىس خاررى،مارىك تىۋىن،جىك لوندون.مىسىر يازغۇچىسى ئىھسان ئابدۇقۇددۇس.لىۋان يازغۇچىسى جىبىران خېلىل جىبىران.تۇركىيە يازغۇچىسى ياشار كامال.ئەنگىلىيە يازغۇچىس كونان دويىل قاتارلىقلارغا بۇ مۇكاپاتىڭ بىرىلمەسلىكى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھەسىدىكى قارا كۆلەڭگە ھېسابلىنىدۇ.
     جوڭگۇلۇق ئەدىبلەرنىڭ مۇكاپاتقا ئېررىشمەسىلىكى نوبىل ئەدەبىيات تارىخدىكى يەنە بىر مۇھىم مەسىلە.لوشۇن ھايات ۋاقتىدا نامزاتلىققا كۆرستىلگەن بولسىمۇ،لىكىن ئۇ :«مۇكاپات بىر ئادەمگە بىرىلسىمۇ،ماھىيەتتەئۇ بىر دۆلەتكە ۋەكللىك قىلدۇ.جوڭگۇلۇقلار تېخى بۇ مۇكاپاتنى ئېلىش دەرىجىسگە بېرىپ يەتمىدى»دەپ قاراپ،مۇكاپات ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن.1966-يىلى لاۋشىغا بىرىلمەكچى بولغاندا،ئۇنىڭ ئۆلىۋالغانلىقى ئىسپاتلانغان،ئادەتتە ئۆلۇپ كەتكەنلەرگە مۇكاپات بىرىلمەيدىغان بولغاچقا،ئۇ مۇكاپاتلىنىشتىن قۇرۇق قالغان.ئۇنىڭدىن باشقا،ھازىرغىچە ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ماۋدۇن،لىن يۇيتاڭ،ۋېن يىدۇ،شىن سۇڭۋىن،دېڭ لىڭ،باجىن،بېي داۋ،ياۋ شۆيىن،ۋاڭ مىڭ،ئەي چىڭ قاتارلىق ئەدىب شائىرلار نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ،تۇرلۇك سەۋەبلەر تۇپەيلدىن مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىدى.ئوبزورچىلار ۋە مۇتەخسىسلەر جوڭگۇلۇق ئەدىبلەرنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەسلىكىنڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئەسەرلەرنىڭ ئىنگىلىزچە،فىرانسۇزچە،نېمىسچە قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنشى ياكى مۇكەممەل تەرجىمە قىلىنىشى يىتەرسىز،يەنە بىرى،جوڭگۇدا ئۇزۇلمەي ئېلىپ بېرىلۋاتقان سىياسى دولقۇن ئەدىبلەرنى گاڭگىرتىپ قويدى.شۇڭا ئەسەرلەرنىڭ سەۋىيسىنى ئۆستۇرۇش بىلەن بىرگە،مول بولغان ئەدەبىي تەرجىمە قوشۇننىڭ بولىشى ئىتايىن زۆرۇر دەپ قارىماقتا.
    ئالاقىدار خەۋەرلەردە؛«2000-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى فىرانسىيە تەۋەلىكدىكى جوڭگۇلۇق يازغۇچى گاۋشىڭجىيەنگە بېرىلدى.بۇ مۇكاپات ماھىيەتتە سىياسى مۇددىئانى چىقىش قىلىپ،ئۆز نۇپۇزىنى يوقاتتى»دەپ كۆرسىتىلدى.
   ئومۇمەن،نوبىل ئەدەبىيار مۇكاپاتى بىر ئەسىرلىك ئەگىر-توقاي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۇپ،دۇنيانىڭ ئەدەبىيات -سەنئەت ئىشلىرىنى گۇللەندۇرۇشتە تۇرتكىلىك رول ئوينىدى.ئەدىبلەرگە زور ئىلھام بەردى.لىكىن بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىش ھوقۇقى غەربلىكلەرنىڭ قولىدا بولۇپ،ئۇنىڭ ئومۇمى يۇزلىنىشىدىن قارىغاندا،غەربكە مايىل بولۇش ئەھۋالى ئۇمۇمىيۇزلۇك مەۋجۇت.ئۇ بەزىدە سىياسى مۇددىئانى چىقىش قىلىدى.2000-يىلىقى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ فىرانسىيە تەۋەلىكىدىكى جوڭگۇلۇق يازغۇچى گاۋشىڭجىيەنگە بېرىلگەنلىكىمۇ بۇنىڭ بىر روشەن دەللدۇر.




ئىلاۋە:بۇ ماقالە2001-يىللىق 4-سان «دۇنيا ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىدا ئابلىكىم كىرىم نامىدا ئېلان قىلنغان.تورداشلارنىڭ پايدىلىنشى ئۇچۈن بۇگۇنكى نۆۋەتچىلىك ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ يوللاپ قويدۇم.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.ق.غەرىبى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-15 19:19  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-5-14 18:33:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە «دۇنيا ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ 2001-يىلى 4-ساندىغۇ دەيمەن.

ۋاقتى: 2013-5-15 15:31:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  توغرا بۇ ماقالە «دۇنيا ئەدەبىياتى» نىڭ 2001- يىلى 4- سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىنىڭ ژورنالدا ئېلان قىلىنىپ 12 يىل ئۆتكەندە توردا ئېلان قىلىنىشى. بۇ ماقالىنىڭ ھەقىقەتەن قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
   مەن ئابلىكىم كېرەمنىڭ ئۈچ -تۆت يىلدا بىرپارچە ئەمەس بەلكى يىلدا بىر- ئىككى پارچە بولسىمۇ «ئانا، ئانا تىل. ئانا ۋەتەن» گە ئوخشاش  ياخشى ھېكايىلەرنى يېزىپ تۇرىشىغا تىلەكداشمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-15 19:18:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mungdax يوللىغان ۋاقتى  2013-5-15 15:31
توغرا بۇ ماقالە «دۇنيا ئەدەبىياتى» نىڭ 2001- يىلى 4- سانى ...

مەن دىققەت قىلماي 1-سان دەپ يوللاپ ساپتىمەن.رەھمەت سىزگە بۇنڭدىن كىيىن دىققەت قىلاي.

ۋاقتى: 2013-5-15 23:18:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك بىر تېمىنى يوللىغانلىقىڭىز ئۈچۈن رەھمەت!

ۋاقتى: 2013-11-27 20:06:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى قىزقىش بىلەن ئوقۇپ چىقتىم، تىېنىڭىزىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.ئىشلىرىڭىز ئوتۇقلۇق بولغاي.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش