يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 8652|ئىنكاس: 2

ئېشەك مىنەلمەيدىغان بالا (ئۇيغۇران)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئېشەك مىنەلمەيدىغان بالا



ئۇيغۇران


بۈگۈن مەن ئالەمچە خۇشال. نېمە ئۈچۈن؟ بۇنى بىلەمسىلەر دوستلار؟ چۈنكى بۈگۈن ماڭا چاقىرىق كەلدى. قەيەردىن دېمەمسىلەر تېخى. پاھ، پاھ، ئالىي مەكتەپتىن. بۈگۈن خۇشاللىقىمدا قىلغىلى قىلىق تاپالماي قالدىم. ئەگەر تاپتىم دېيىلسە، ئۆيدىن چىقىپ كوچىغا چىقىش، كوچىدىن يېنىپ ئۆيگە كىرىش، يەنە ئۆيدىن چىقىپ كوچىغا چىقىش، كوچىدىن يېنىپ ئۆيگە كىرىش... بوپتۇ. خۇددى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك بر يەردە تۇرالمايلا قالدىم. كوچىغا چىقىپ ئۇچرىغانلا ئادەمگە «مەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپتىمەن، مانا چاقىرىق» دەپ چاقىرىق قەغىزىنى كۆرسىتىپ ئۆزۈم بەھرىمەن بولۇۋاتقان بۇ خۇشاللىقتىن ئۇلارنىمۇ تەڭ بەھرىمەن قىلىشنى ئويلايتتىم. (ئەگەر ئۇلارمۇ بۇنىڭدىن خۇشاللىق ھىس قىلسا) ئەمما ئۇلارنىڭ مېنى «ماختانچاقەي، يوغان يەرگە ئۆتىۋاپسەن.» دېيىشىدىن ئەنسىرەپ، يەنە ئۆيگە كىرىپ كېتەتتىم. شۇنداق بولسىمۇ تېلېفون، ۋېلىسپىت، ئۇكام قاتارلىق قاتناش، ئالاقە ۋاستىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدىكى تۇغقانلارغا ئۇقتۇرۇپمۇ ئۈلگۈردۈم. شۇ خۇشاللىقتا كېچىچە ئۇيقۇممۇ كەلمىدى. شۇڭا ئالبۇمىمنى ئېلىپ ۋاراقلاشقا باشلىدىم. مانا بۇ بىزنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن چاغدا چۈشكەن سۈرىتىمىز. ئوتتۇرىدىكى رەت ئوڭ تەرەپتە ئەڭ چەتتىكى ئۇچىغا دىچۆلياڭ كۆينەك كىيگەن، خۇشاللىقتىن ھىجىيىپ كۈلۈپ، ئوتتۇز ئىككى چىشىنىڭ ھەممىسى كۆرۈنۈپ تۇرغان، تاقىر باش بالا دەل مەن ـــ باھادىر ئەلى ئىدىم. ئىسمىمنىڭ چىرايلىقلىقىغا قارىماڭ، راستىمنى ئېيتسام، مەن ئەنە شۇ ۋاقتلاردا ھەقىقەتەنمۇ بىر دۆت، نانقېپى، ئويۇنقېپى، بورا قېپى (ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ۋە ساۋاقداشلىرىمنىڭ گېپى بويىچە يەنە ئاللىنېمىلەرنىڭ قېپى ئىدىم.) ئىدىم. خىيالىمغا ئويۇندىن باشقىسى كىرىپ چىقمايتتى. سىنىپ كۆچەلمىگلى ئارانلا تۇراتتىم. ھېلىمۇ ياخشى توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى يولغا قويۇلۇپتىكەن. ھەرنېمە قىلغان بىلەن ساۋاقداشلىرىم بىلەن تەڭ سۆرىلىپ ماڭاتتىم. ئوقۇتقۇچۇم دائىم ماڭا: «باھادىر، سېنىڭ زېھنىڭ ئۆتكۈر، ئەگەر سەن ئويۇنغا بەرگەن زېھنىڭنىڭ %20 نى ئۆگىنىشكە بېرىدىغان بولساڭ، شۇنداق كاپالەت بېرىمەنكى چوقۇم يۈسۈپجانغا يېتىشىۋالالايسەن.» دەيتتى. بۇ چاغدا مەن ناھايىتى روھلىنىپ كېتەتتىم. خۇددى ئەتىسىلا ئويۇن – پويۇننى تاشلاپ ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كېتىدىغاندەك. ھەتتا يۈسۈپجانغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلغاندەك مەيدەمگە مۇشتلاپ قوياتتىم. لېكىن ئەتىسىلا ئاتام ئېيتقان بايىقى. ھە راست، يۈسۈپجاننى تونۇشتۇرۇپ قوياي. ئۇ باھادىر ئەلىنىڭ يېنىدىكى بويى پاكار بالا شۇ. ئۇ بىزنىڭ سىنىپ باشلىقىمىز ئىدى. ئۆگىنىشتە ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق. بىزنىڭ پەرقىمىز شۇكى، مەن ھېچ ئىشنى قاملاشتۇرالمايمەن، لېكىن ئېشەكنى راۋرۇس مىنەلەيمەن. يۈسۈپجان بولسا ھەممە ئىشنى قىلالايدۇ، بىراق ئېشەك مىنەلمەيتتى. شۇڭىمۇ ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشۇپ قالغان ۋاقتىمدا ئۇنى: «ھۇ، ئېشەك مىنەلمەيدىغان لاتا!» دەپ تىللايتتىم. بۇنداق چاغدا ئۇ خۇددى ئۆگەي ئانىسىدىن رەنجىگەن بالىدەك دومسىيىپ كېتىپ قالاتتى.
بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن يەنە سوقۇشۇپ قالدىم. نېمە؟ سەۋەبى؟ ياق، ياق، سەۋەبىنى سورىماڭ، بۇ مۇھىم ئەمەس، ئىشقىلىپ بىز سوقۇشۇپ قالدۇق. مەن يەنە ھېلىقى پولاتتەك مۇستەھكەم ھەم كالاڭپاڭ پاكىتلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۇنىڭ يۈزىنى موللەك ئالمىچىنىڭ ئالمىسىدەك، بوينىنى قاھار توخۇۋازنىڭ بوينىدا تۈكى قالمىغان خورىزىنىڭ بوينىدەك قىزارتىۋېتىپ كەتكۈزىۋەتتىم.
چۈشتىن كېيىن سۈر مادىنىڭ قوڭىغا ئارانلا ئىلىشقۇدەك مىنىپ (بۇ مېنىڭ ئېشەك مىنىشتىكى يۇقىرى يېڭى تېخنىكام ئىدى) جاڭگالغا قويلارنىڭ قېشىغا باردىم. بارسام قويلار بىر دۆڭنىڭ كەينىدە ئوتلاۋېتىپتۇ. بۇ دۆڭ بىز بالىلار دائىم ئوينايدىغان جاي ئىدى. دۆڭنىڭ شەرق تەرىپى يۇمشاق قۇملۇق بولۇپ، بۇ يەر چېلىشىشقا ماس كېلەتتى. گاھىدا بىز بۇ يەردە ئاچىماق ياغاچلارنى كۆتۈرىۋېلىپ «تاتاتاڭ» ئوينايتتۇق. گاھىدا كۆينەك – پۆينەكنى سېلىۋېتىپ، پۇشقاقنى تۈرۈپ، مەيدىمىزگە قۇم سۈركەپ «چېلىشماق»قا چۈشەتتۇق. بۈگۈن ئۆزۈم يالغۇز بولغاچقا، يەنە كېلىپ پىژغىرىم ئىسسىق تېخى يانمىغاچقا، ئۇ يەردە ئوينىغۇم كەلمەي، دۆڭنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئويمانغا ـــ قويلىرىمنىڭ يېنىغا چۈشۈپ، بىر چەتتىكى قېرى توغراق تۈۋىدە «تراكتۇرۇم»غا غىڭشىپ ياتتىم. قانچىلىك ۋاقت ئۆتتىكىن بىلمەيمەن، بىر چاغدا دۆڭ تەرەپتىن «ھۇ، چۇھ دەيمەن» ،«ۋوي، ۋو دەيمەن» دېگەندەك ئاۋازلار كەلگىلى تۇردى. زەن سالسام بۇ يۈسۈپجاننىڭ ئاۋازى ئىدى. «ۋاي، ئېشەك مىنەلمەيدىغان تازەي، نېمە قىلىپ يۈرىدىغاندۇ بۇ» دېدىم ئىچىمدە ۋە ئۇنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بېقىش مەقسىتىدە دۆڭگە ياماشتىم.
يۈسۈپجان بىز ئويناۋاتقان ھېلىقى قۇملۇقتا ئېشەك مىنىشنى مەشىق قىلىۋاتقان ئىكەن. مەن بىر چىمنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈشكە باشلىدىم.
بۇ قارا ئېشەك يۈسۈپجاننىڭ بويى بىلەن تەڭ دېگۈدەكلا زور ھەم قاۋۇل ئېشەك بولۇپ، يۈرۈش – تۇرۇشىدىنلا ياۋاش ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. يۈسۈپجان ھەدەپ سەكرەپ ئېشەككە چىقىشقا ئۇرىناتتى. ئەمما چىقالمايتتى. سول قولى بىلەن ئېشەكنىڭ چۇلۋۇرىنى چىڭ تۇتۇۋالغان بولۇپ، ئوڭ قولى بىلەن ئېشەكنىڭ بوينىنى، دۈمبىسىنى توختىماي سىلاپ، ئېشەككە مىنىشكە ئۇرىناتتى. تۇرقىدىن ۋە كۆزلىرىدىن قورقۇنچاقلىق ئىچىدىكى جاھىللىق ۋە تەرسالىق چىقىپ تۇراتتى. ئۇ سەكرەپ ئېشەكنى مىنەلىگەنمۇ بولاتتى. ئەمما ھەر قېتىم ئېشەكنىڭ ئۈستىگە بىر پۇتىنى ئالغان ۋاقتتا، ئۇنىڭدىكى بىر خىل قورقۇنچ ئۇنى ئىتتىرىپ چۈشۈرىۋېتەتتى. ئاخىرى ئۇ بىر كىچىك دۆڭنىڭ يېنىغا ئېشەكنى باشلاپ كەلدى ۋە ئۆزى دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، سول قولىدا چۇلۋۇرنى سىقىمداپ تۇتۇپ، ئوڭ قولىدا ئېشەكنىڭ بوينىنى ۋە دۈمبىسىنى سىلاپ، خۇددى ئېشەك گەپ ئاڭلايدىغاندەك: «جىم تۇر، ئېشەكباي ھە» دېگىنىچە لىككىدە سەكرەپ ئېشەكنىڭ ئۈستىگە قونۇۋالدى. «كۆرە بۇنى، مىنىۋالدى يا ئېشەكنى» دېدىم ئىچىمدە ئۇنىڭغا زوقلىنىپ ھەم تېرىكىپ. ئەلۋەتتە، ئەگەر ئۇ ئېشەك مىنىشنى ئۆگىنىۋالسا، مېنىڭ ئۇنى تىللايدىغان ھېچقانداق ئاساسىم قالمايدۇ ــ دە.
ئېشەك ئۆز يورغىسىدا مېڭىشقا باشلىدى. يۈسۈپجان ئىككى قولى بىلەن ئېشەكنىڭ ئۆسمىگەن يايلىسىنى چىڭ سىقىمدىۋالغان ئىدى. ئىككى كۆزى تەشۋىش ئىچىدە ئەتراپقا ئالاق – جالاق قارايتتى. گويا ھازىرلا يەرگە سەكرەپ چۈشىدىغاندەك ئىدى. ئېشەك قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ يورغىسىنى تېزلىتىشكە باشلىدى. يۈسۈپجان دەرھال ئۆزىنى يەرگە ئاتتى. «ھەي ئەخمەق، يىقىلساڭ يۇمشاق قۇم ئۈستىگە يىقىلىدىغىنىڭغا، نېمىشقا چۈشۈپ كېتىسەن؟» دېدىم ئىچىمدە ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ.
ئۇ يەنە نەچچە ئون رەت ئەشۇنداق مەشىق قىلدى. قۇمغا نەچچە قېتىم يىقىلىپمۇ چۈشتى. ئىسسىقتا تەرلەپ دىچۆلياڭ كۆينىكى ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى. چاچلىرىدىن ۋە يۈزلىرىدىن تەرلەر سۇ بولۇپ ئېقىپ يىقىلغان چاغدا قۇملار بىلەن ئارىلىشىپ، يۈزلىرىگە ۋە كۆينىكىگە قۇملار چاپلىشىپ تەر بىلەن قوشۇلۇپ لاي بولۇپ كەتكەن ئىدى. مۇشۇنچىلىك جاپاسىغا چۇشلۇق ئېشەكنى ئوبدانلا مىنەلەيدىغان بولۇپ قالدى. ھەتتا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مىنىپ مەھەللىنىڭ چېتىدىكى ئېتىزلىقلارغىمۇ بېرىپ كەلدى. توۋا، ئۇ ئاخىرى ئېشەك مىنەلەيدىغان بولدى. مۇئەللىم ئېيتقان «زېھىن قويۇش» دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك. ئەگەر مەن يۈسۈپجاننىڭ ئورنىدا بولغان بولسام، ئىككىلا قېتىم يىقىلسام «كۆتۈر قاسقىنىڭنى» دەيتتىم. ئەمەلىيەتتىمۇ تاپشۇرۇق ئىشلىگەن ۋاقتىمدا ئازراقلا ئىشلىيەلمەيدىغاندەك قىلسام، بايا دېگەندەك قاسقىنىنى كۆتۈرتۈپ، كەشىنى توغرىلايتتىم. توغرا، زېھىن قويۇش، زېھىن قويۇش كېرەك.
كۈن ئولتۇراي دەپ قالغان ئىدى. مەن يەنە ئېشەكنىڭ قوڭىغا مىنىپ قويلىرىمنى ھەيدەپ ماڭدىم ۋە ئېشەك مىنىپ كېتىۋاتقان يۈسۈپجانغا يېتىشىۋالدىم.
ــ يۈسۈپجان، مەن ساڭا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم. سەن بۈگۈن ماڭا بىر نەرسىنى، ئەڭ مۇھىم بىر نەرسىنى، يەنى «زېھىن قويۇش»نى ئۆگىتىپ قويدۇڭ.
ــ نېمە؟ سەن مېنى ماراپ تۇرغانمېدىڭ؟ــ ئۇ ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن ماڭا قارىدى،ــ ئەمەلىيەتتە ئادەمدە قۇرۇق ئارزۇلا بولۇپ، جۈرئەت ۋە ئىرادە بولمىسا، ئۇ ئارزۇنى خام خىيال دېگەن تۈزۈكرەك. مۇئەللىمنىڭ ساڭا دېمەكچى بولغىنىمۇ شۇ. ھە راست، سەن ماڭا مۇنداق مىنىشنى ئۆگىتىپ قويە.
يۈسۈپجان مېنىڭ ئېشەكنىڭ قوڭىدىن سىرىلىپ چۈشۈپ كەتمەي غادىيىپ ئولتۇرغىنىمغا ھەۋەس قىلىپ قارىدى.
ــ بۇنىڭ تەس يېرى يوق. سەن چوقۇم تېزلا ئۆگىنىپ كېتىسەن. ئاۋال ھازىرقىدەك مىنىپ تۇرىسەن. ئاندىن بارا – بارا كەينىگە سۈرۈلىسەن. ئاخىرىدا كۆتۈڭنى ئېشەكنىڭ قوڭىغا ئىلىسەن ئىش تۈگىدى ۋەسسالام.
بۇ ئىش ناھايىتى كىچىك ئىش بولسىمۇ، ماڭا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتتى. تۇرۇمۇشۇمدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ، ھاياتىمنى ئۆزگەرتىۋەتتى دېسەممۇ بولىدۇ. ناۋادا مەن «زېھىن قويۇش»نى ئۆگىنىۋالمىغان بولسام، ئېھتىمال ھازىرمۇ بۇرۇنقىدەك سۈر مادىنىڭ قوڭىغا مىنىپ قويلىرىمنى بېقىپ يۈرگەنمۇ بولاتتىم. مانا ھازىر مەن كىم؟ ئىسمى – جىسمىغا لايىق باھادىرمەن. سىلەر ماختىمىساڭلار، ئۆزۈمنى ئۆزۈم بولسىمۇ ماختىۋالاي.
ئالبۇمنى يېپىپ دېرىزىدىن سىرتقا قارىدىم. پاھ، سۈتتەك ئايدىڭ كېچە. خۇددى كۈندۈزدەكلا ھەممە نەرسە ئوچۇق ھەم چىرايلىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ھەتتا قوشنىلارنىڭ يول بويىغا تۆكۈپ قويغان، نەچچە كۈندىن بېرى كۆزۈمگە بۆلەكچىلا سەت كۆرۈنۈپ تۇرغان ئەخلەتلىرىمۇ كۆزۈمگە خېلى ئوبدانلا سىغىپ قالدى. كىمنى ئويلىساڭ شۇ كېلەر دېگەندەك، تۇيۇقسىز گۈرۈلدىگەن ئاۋاز بىلەن يۈسۈپجان قىپقىزىل موتوسىكىلىت مىنگەن ھالدا دېرىزەم ئالدىدىكى يولدىن ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا دىققەت بىلەن قاراشقا باشلىدىم. ئۇ قانچە يىراقلىغانسېرى كۆزۈمگە خۇددى موتوسىكىلىت ئەمەس، بەلكى قىپقىزىل ئېشەك مىنىۋالغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. مەن پىشانەمگە پاققىدە بىرنى ئۇردۇم ۋە ئالبۇمنى ئېچىپ باھادىر ئەلىنىڭ قېشىدىكى بويى پاكار يۈسۈپجانغا قاراپ مەمنۇنىيەت بىلەن كۈلۈمسىرەپ قويدۇم.

مەنبە: تارىم ژۇرنىلىنىڭ 2001 – يىللىق مەلۇم سانى (ساقلىۋالمىغاچقا يادىمدا قالماپتۇ)
2000 – يىل 5- ئىيۇل توقسۇن.ئىلانلىق

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +99 يىغىش سەۋەبى
ئاماشى + 99

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-5-13 22:56:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايە ئاشۇ ۋاراڭ -چۇرۇڭغا تولغان، قوي بىقىپ يۈرگەن بالىلىقنى ئەسلىتىدىكەن، ھاياتتا بەزىدە كىچىك ئىشلارنىڭ تەسىرى بىلەن بۇرۇلۇش بۇلىدىغان ئىشلارمۇ جىق.ئۇرخان پامۇكنىڭ «يىڭى ھايات» رومانىمۇ بىر كىتاپ سەۋەبلىك ھاياتتا ئۆزگىرىش بولغانلىقى بىلەن باشلىنىدۇ.

ۋاقتى: 2015-9-23 00:26:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش