كۆرۈش: 862|ئىنكاس: 0

ئەمەتجان قۇربان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
43_avatar_big.jpg
ئەمەتجان قۇربان (ئۇرغۇ) 1969-يىلى 12-ئايدا مارالبېشى 44-تۇەن شورلۇقئوتار مىللىي يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1988-يىلى 51-تۇەن تومشۇق مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن. 1989-يىلى 10-ئايدا 44-تۇەن شورلۇقئوتار مىللىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1994-يىلى 7-ئايدا قەشقەر مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۇرگەن. 2006-يىلى 7-ئايدا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىپ شىنجاڭ ئۈنۋېرستېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات كەسپى بويىچە تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىنى ھازىرلىغان. ھازىر 3-دېۋزىيە تومشۇق شەھرى 44-تۇەن 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە مەكتەپ مودىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
   ئونۇڭ تۇنجى ئىجادىيتى 1987-يىلى ( تولوق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە) ‹‹قەشقەر گېزىتى ›› دە ئېلان قىلىنغان ‹‹ كۈلكە ›› ناملىق تۇنجى شېئىرى بىلەن باشلانغان. شۇندىن بېرى ‹‹ تارىم ››، ‹‹ تەڭرىتاغ ›› ، ‹‹ قەشقەر ئەدەبىياتى ››، ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ››، ‹‹ يېڭى قاشتېشى ››، ‹‹ تۇرپان ›› ، ‹‹ كروران ›› ، ‹‹ ئىشچىلار ۋاقت گېزىتى ›› قاتارلىق گېزىت – ژۇرناللاردا 150پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ۋە نەسىرلىرى، ‹‹ شائىر ۋە ئۇنىڭ شېئىرىيەت دۇنياسى ››، ‹‹ شېئىرىي تىلنىڭ مەنا قاتلىمى ››، ‹‹ شائىر شېئىر يازغاندا ›› ، ‹‹شېئىرىي يۈك ›› ، قاتارلىق 10پارچىغا يېقىن ئەدەبىي ئوبزور ۋە مىكرو ماقاللىرى  ئېلان قىلىنغان. 1992-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى نەشر قىلغان ‹‹ جانان بىلەن ئېيتقان ناخشىلار ››ناملىق  كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمىغا ‹‹ ياشلىق تىلەكلىرى ›› سەرلەۋھە ئاستىدا بىر تۈ*ركۈم شېئىرلىرى كىرگۇزۇلگەن. 2000-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى نەشىرقىلغان ‹‹ قەشقەردىكى يەر شارى ››، (خەنزۇچە سالغا تېشى ) ناملىق كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمىغا شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. 2009-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرپىدىن ‹‹ يۇلغۇندىكى يۈرەك ›› ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىرقىلىنغان.
   ئو يەنە ناخشا تېكىستى ئىجادىيتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ ‹‹ بۇ دۇنيا››، ‹‹ ئۇچراشقاندا ››، ‹‹ نىگارىم سەن ›› ، ‹‹ يار ئۈچۈن ›› ، ‹‹ ئانا ›› ، ‹‹ كۈتىمەن سېنى ››، ‹‹ قىز توشقانغا ئوخشايدۇ ›› ، ‹‹ نورۇز نامە ››،  ‹‹ ئايەم ››، قاتارلىق بىر يۈرۈش ناخشا تېكىستلىرى ياش، تالانتىلىق كومپوزىتور، ناخشىچى ئابلەت ئابلىكىم تەرىپىدىن ئاھاڭغا سېلىنىپ ناخشا قىلىپ ئوقولغان.
    ئو ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-17 23:22  


SAM_0333_JPG.jpg
43_avatar_big.jpg
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش