يېۋگىنى يېۋ توشىنكو : ياق، ماڭا كېرەك ئەمەس ...
ئابدۇرسۇل ئۆمەر تەرجىمىسى
يېۋگىنى يېۋ توشىنكو 1933-يىلى ئېركوتىسكى ئوبلاستىدا تۇغۇلغان. «كەلگۈسىنىڭ رازۋېدچىكلىرى»، «ۋەدە»، «ئالما»، «پىياز ۋە لىدا»، «قول سىلكىش»، «نازاكەت»، «ئاق قارلار» ناملىق شېئىر ۋە داستانلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.
ياق، ماڭا كېرەك ئەمەس ...
ياق، ماڭا كېرەك ئەمەس، يېرىمتە نەرسەڭ!
ئاسمان پۈتۈن بولسۇن، پۈتۈن بولسۇن يەر.
دېڭىزمۇ، دەريامۇ، نېمىكى بەرسەڭ،
تاغلار تىزمىسىنىمۇ ماڭا بۆلمەي بەر.
ياق، ھايات ئاتىما ماڭا بىر ئۈلۈش،
بەرگىنىڭ پۈتۈن بولسۇن، ئالىمەن دەرھال.
يېرىم بەختنىمۇ خالىمايمەن مەن،
يېرىم غېمىڭنىمۇ ئۆزۈڭ ئېلىپ قال.
قولۇڭدا ئۈزۈك دەپ ئاتالغان نەرسە
ئۇچار يۇلتۇزدەك ئاجىز ۋە ھارغىن.
يۈزۈڭگە يېپىشىپ ياستۇقتا تۇرسا ...
پەقەت شۇ ياستۇقنىڭ يېرىمىنى بەرگىن.
«ئەدەبىي تەرجىمىلەر»ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.