كۆرۈش: 982|ئىنكاس: 0

بارىجان زەپەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بارىجان زەپەر 1965– يىلى 5 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تۇرپان شەھىرىنىڭ چاتقال يېزىسىنىڭ قاراغوجا كارىز مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. 1983 – يىلى 9 – ئايدىن 1987 – يىلى 7 – ئايغىچە بىيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى(ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى) ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقىغان. 1987 – يىلى 8 – ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە  تەھرىرلىك بىلەن  شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە . ئۇ،2002 – يىلى 10 – ئايدىن 2005 – يىلى 4 – ئايغىچە ياپونىيە دۆلەتلىك يىۋاتې ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مائارىپشۇناسلىق تەتقىقات بۆلۈمىدە ياپون تىل - ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ئوقۇپ ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2005 – يىلى 4 – ئايدىن 2006 – يىلى 7 – ئايغىچە ياپونىيە مەركىزىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكلىپلىك تەتقىقاتچى سالاھىيىتىدە يىپەك يولى مەدەنىيەت - سەنئىتى تەتقىقاتى   بىلەن شۇغۇللانغان .
بارىجان زەپەر 1987  – يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ھازىرغىچە «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «تەڭرىتاغ»، «دۇنيا ئەدەبىياتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق گېزىت - ژورناللاردا «سەنمۇ بەرگىن كۆڭلۈڭنى»، «سۆيگۈ دالاسى»، «‹دەرۋازىۋەن›نىڭ خاسىيىتى»، «چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ ياپونىيەدە تەتقىق قىلىنىشى ھەققىدە»، «مانو ئېيجى ۋە ‹بابۇرنامە› تەتقىقاتى»، «گېنجى قىسسىسى توغرىسىدا»، «مىشىما يۇكىئونىڭ ھېكايە ئىجادىيىتى» قاتارلىق 50 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ھېكايە ۋە ماقالىسى، خوشى شىنيىچى، مۇراكامى خارۇكىنىڭ ھېكايىلىرى قاتارلىق قىرىق پارچىغا يېقىن تەرجىمە ھېكايىسى ئېلان قىلىندى.
ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە «ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى»، «جانان كېلىدۇ»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۇنيا قارىشى»، «تاڭلار بىلەن سۆزلىشىش»، «غەپلەت باسقان گۇگۇم»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇھاكىمە»، «ئاچىل»، «جان تەسەددۇق»، «سەھرا نەزملىرى»، «مۇھەببەت ۋە تەبەسسۇم»، «يېگانە ئارال»، «قۇملۇق تىترەۋاتىدۇ»، «چۈمبەللىك ساھىبجامال»، «دېلىغۇللۇقتىكى سۆيگۈ»، «رىياسەتچىلىك سەنئىتى»، «مۇقام ۋارىسلىرى» قاتارلىق جەمئىي 20 مىليۇن خەت كېلىدىغان 100 پارچىدىن ئارتۇق كىتابنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتاب 1999 – يىلى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ئاخبارات - نەشرىيات باش مەھكىمىسى ئۆتكۈزگەن تۆتىنچى قېتىملىق جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى كىتابلارنى باھالاش پائالىيىتىدە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. «غەپلەت باسقان گۇگۇم» ناملىق كىتاب مەملىكەتلىك يەتتىنچى نۆۋەتلىك «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە  «ئاچىل»، «جان تەسەددۇق»، «ئىبرەتلىك ھېكايىلەر»، «يېگانە ئارال»، «چۈمبەللىك ساھىبجامال»، «دېلىغۇللۇقتىكى سۆيگۈ» قاتارلىق 10 خىلدىن ئارتۇق كىتاب كۆپ قېتىم قايتا بېسىلىپ، بىر قەدەر ياخشى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ بىرقىسىم شېئىر، ھېكايە، ماقالىلىرى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىش بىلەن بىللە، ھەر قايسى نەشرىياتلاردا «مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى»(ھەمكارلىشىپ تۈزگەن)، «ياپون تىلى»، «لياۋجەي رىۋايەتلىرى»(بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان)، «ساداقەت زېمىندا ساقلىنىدۇ»(بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان)، «دۇنيا مەسەللەر جەۋھەرلىرى»(بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان)، «ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە مۇلاھىزە»(بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان)، «ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى»، «ئۇلۇغ ئىلمىي ئابىدە قۇتادغۇ بىلىگ»(بىرلىشىپ تۈزگەن)، «رەڭگارەڭ مەدەنىيەت»، «ئۇرۇش يىللىرىدىكى ئۈچ  ئۆسمۈر» قاتارلىق 10 پارچە تۈزگەن ۋە تەرجىمە قىلغان كىتابى نەشر قىلىندى.
ئۇ ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، ئەدەبىيات ماگىستىرى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ياپونىيە خەلقئارا يىشىكاۋا تاكۇبوكۇ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش