تۇرسۇن مۇسا،ئەر ،ئۇيغۇر،1968-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى شىخو ناھىيىسىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1985 –يىلغىچە شىخو شەھىرىدە باشلانغۇچ ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن. 1986-يىلى قاراماي ئىشچىلار تېخنىكومىغا ئوقۇشقا كىرگەن،1988-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققان.2006-يىلى ئىشتىن سىرت ئوقۇپ ،شىنجاڭ داشۆنىڭ ئۇيغۇر تىلى كەسپى بويىچە تولۇق كۇرىس دىپلومىنى ئالغان.ھازىر قاراماي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مەخسۇس پىروگرامما بۆلۈمىدە رېژىسسورلۇق كەسپى بىلەن شۇغۇللاماقتا.
2003 – يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «كېچە قىيانى»ناملىق پوۋسېت-ھىكايىلەر توپلامى نەشىر قىلىنغان.2009-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان «جوڭگو ئۇيغۇر مەشرەپلىرى»ناملىق قامۇسقا «چۆچەك – ئېمىل ۋادىسى مەشرىپى»كىرگۈزۈلگەن.بىر قىسىم ئەسەرلىرى كوللىكتىپ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.جۇڭگۇ نېفىتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتى،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتى ئەزاسى، قاراماي يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئىتى.