كۆرۈش: 1061|ئىنكاس: 0

تۇرغۇن جالالىددىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
吐尔洪.加拉力丁2寸相片.jpg
   تۇرغۇن جالالىددىن ، ئةر، ئۇيغۇر، ئالىي مةكتةپ تولۇق كۇرس سةۋىيةسىگة ئىگة. 1975 – يىلى 4 – ئاينىڭ 14 – كۈنى تۇرپان شةھىرى يار يېزىسىنىڭ يار بېشى كةنتىدة دېھقان ئائىلىسىدة تۇغۇلغان.1981 – يىلى 9 – ئايدىن 1987 – يىلى 7 – ئايغىچة تۇرپان شةھىرى يار يېزا ياربېشى باشلانغۇچ مةكتةپتة ئوقۇغان؛ 1987 – يىلى 9 – ئايدىن 1990 – يىلى 7 – ئايغىچة تۇرپان شةھىرى يار يېزا جاي ئوتتۇرا مةكتةپتة ئوقۇغان؛ 1990 – يىلى 9 – ئايدىن 1993 – يىلى 7 – ئايغىچة تۇرپان شةھةرلىك 1 – ئوتتۇرا مةكتةپتة ئوقۇغان؛ 1993 – يىلى 10 – ئايدىن 1995 – يىلى 7 – ئايغىچة شىنجاڭ قاتناش مةكتةپتة (ھازىرقى شىنجاڭ قاتناش ئىنىستىتۇتى) تةييارلىق سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 1995 – يىلى 9 – ئايدىن 1999 – يىلى 7 – ئايغىچة شىئةن تاشيول – قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ(ھازىرقى چاڭئةن ئۇنىۋېرسىتېتى) كومپيۇتېر ۋة ئىشلىتىش كةسپىدة ئوقۇغان؛ 1999 – يىلى 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنىگىچة «تۇرپان» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تةھرىر بۆلۈمىدة پىراكتىكا خىزمىتى قىلغان؛ 1999 – يىلى 12 – ئايدىن 2000 – يىلى 7 – ئايغىچة «تۇرپان گېزىتى» ئىدارىسىدا پراكتىكانت مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگةن؛ 2000 – يىلى 8 – ئايدا تۇرپان شةھةرلىك 1 – ئوتتۇرا مةكتةپكة خىزمةتكة تةقسىم قىلىنىپ، ئۇچۇر تېخنىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگةن؛ 2005 – يىلى 5 – ئايدا «تۇرپان» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تةھرىر بۆلۈمىگة يۆتكةلگةندىن باشلاپ تةھرىر بۆلۈم مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىرى بولۇپ ئىشلةپ كةلمةكتة.
     ئۇ 1999 – يىلىدىن ھازىرغىچة « تۇرپان گېزىتى»، «تۇرپان» ژۇرنىلى، «كىروران» ژۇرنىلى، «ئىلى دةرياسى» ژۇرنىلى، «قومۇل ئةدةبىياتى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئةدةبىي تةرجىمىلةر» ژۇرنىلى قاتارلىق گېزىت – ژۇرناللاردا 300 پارچىدىن ئارتۇق ئاخبارات ماقالىسى، 10 پارچىدىن ئارتۇق نةسر، 150 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، بىر پارچة ھېكاية، 3 پارچة تةھرىرلىك خىزمىتىگة دائىر مۇھاكىمة ماقالىسى ئېلان قىلدۇرغان. 2005 – يىلى 9 – ئايدا شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلةر نةشرىياتىدا « كومپيۇتېر مةشغۇلاتىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان 500 مةشغۇلات» ناملىق كىتابى نةشر قىلىنغان؛ 2006 – يىلى 6 – ئايدا ئۇ تۈزگةن «ئةلۋىدا، ئايجامال» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى،«ئاپرېلدىكى گۇگۇم پةسلى» ناملىق ھېكاية – شېئىرلار توپلىمى مىللةتلةر نةشرىياتىدا نةشر قىلىنغان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-28 14:16  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش