كۆرۈش: 1347|ئىنكاس: 0

تاھىر تالىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    شائىر تاھىر تالىپ 1945 - يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىنىڭ يامانيار دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆز يېزىسى ۋە ناھىيە مەركىزىدە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇپ تاماملىغان، 1963 - يىلدىن تارتىپ ئىلگىرى - كېيىن يېزىلىق ھۆكۈمتتە ۋە ناھىيلىك پارتكومدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن، 1978 - يىلدىن تارتىپ <قەشقەر گېزىتى> ئىدارىسىدا مۇھەررىر، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.
    تاھىر تالىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1960 - يىلى <قەشقەر گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <يېزىغا چۈشكەن كادىرغا> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە <چۈنكى، مەن ئادەم>، <ئادەمنىڭ <سۈنئىي ھەمراھى> قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلارنى يازغان. تاھىر تالىپ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزى يالغۇز ياكى باشقىلار بىلەن بىللە <لارسىننىڭ ئۆلۈمى> قاتارلىق ھېكايىلارنى، <پەرھاد - شېرىن> قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى، <دىيانەت>، <دەھشەتلىك تېھران> قاتارلىق رومانلارنى، <قاچقۇن ماجۇڭيىڭ> قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. تاھىر تالىپنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <خەير، ياشلىقىم> (1989 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.  تاھىر تالىپ ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى."

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش