كۆرۈش: 1205|ئىنكاس: 0

پەرھات جىلان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    يازغۇچى پەرھات جىلان 1945 - يىل 8 - ئايدا غۇلجا شەھىرىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان، 1954 - يىلدىن 1196 - يىلغىچە غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدىكى رۇس مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان، 1961 - يىلدىن 1966 - يىلغىچە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى تولۇقسىز - تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. ئۇ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئۇقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي، كېيىنچە باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا ۋاقىتلىق تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن. پەرھات جىلان 1979 - يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا ئىشلەپ دەم ئېلىشقا چىققان.
 پەرھات جىلان ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1960 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا يازغان <پۇل> ناملىق ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ، بولۇپمۇ 80 - يىللاردىن تارتىپ <ئالتۇن قاندىكى توي> قاتارلىق ھېكايىلارنى، <مەھمۇد قەشقەرى> ناملىق رومانىنى يېزىپ، دىققەت - ئېتىبارغا سازاۋەر بولغان. پەرھات جىلان تىل تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر تىلىغا ۋە تىلشۇناسلىققا ئائىت بىر قىسىم ماقالىلەرنى يازغان. ئۇ يەنە باسكاكوۋنىڭ <تۈركىي تىللار>، ئالىكساندىر دىيومنىڭ <گراف مونتې - كرىستو> قاتارلىق ئەسەرلىرىنى رۇسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. پەرھات جىلاننىڭ <مەھمۇد قەشقەرى> (1994 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانى نەشر قىلىنغان. پەرھات جىلان ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش