كۆرۈش: 2240|ئىنكاس: 3

باتۇر روزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1364345122468.jpg
باتۇر روزى1966-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى يەكەن ناھىيە كاچۇڭ يېزا چىمدۇ كەنتىدە مائارىپچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1987-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال شىركىتى كۆكتوقاي كان رايونى مىللىي ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. 89-يىلىدىن باشلاپ خىزمەتتىن چېكىنىپ، تا 2007-يلىغىچە مەخسۇس ئەدەبىي ئىجادىيەت ، تەرجىمانلىق ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزاسى، شۇنداقلا جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
  باتۇر روزى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ھازىرغا قەدەر مەملىكىتىمىزدە چىقىدىغان ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ يېزىقىدىكى ھەرخىل گېزىت-ژۇرناللاردا 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، يىگىرمە نەچچە پارچە ماقالە ۋە بىر پارچە ئەدەبىي ئاخبارات، يۈز پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە شېئىر ۋە تەرجىمە ھېكايە ئېلان قىلدۇرغان.
  ئۇ 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن يېڭى شېئىرىيەت ھادىسىسىنىڭ بىر ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن شېئىرلىرىدا ياراتقان ئۆزگىچە ئۇسلۇب ۋە ماقالىلىرىدە ئىلگىرى سۈرگەن يېڭىچە قاراشلىرى ئارقىلىق ياشلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان بىر دەۋر كىتابخانلىرىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىدىكى زور بۇرۇلۇشلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.
  «پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر» ناملىق رومانى مەرھۇم باتۇر روزىنىڭ نەشىر قىلىنغان تۇنجى كىتابى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «باش زىندانلىرىغا ھۇجۇم»، «شۇڭقار بولغان خانىكە»، «تەجەللى »، «فارابى»(قاتارلىق توققۇز يۈرۈش بالىلار كىتابى) نەشىردىن چىقتى. يەنە بىر تۈركۈم ئەسەرلىرى نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.
ئۇ 2007-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇيۇقسىز يۈرەك تىقىلمىسى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-5-10 17:48:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم باتۇر روزىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرىدىن:
GWCR1ACAMFMSB3CA96E6DBCAOVDWYZCAB8BUDVCA6LI7G8CAXO1VJACA2Q5RCPCANY5WCGCAN0I0DVCA.jpg

image_tif006.jpg

ۋاقتى: 2013-5-10 18:01:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم باتۇر روزىنىڭ قەبرىسى ۋە بىر پارچە شىئېرى

7KILU4CA2ACHX7CA9392SECA6NZBH2CA5LXUNHCAO789RBCALED70UCA4YQMPGCAAUN4HKCAYTDMH9CA.jpg

0XPY71CAR68YRXCA6JV8LSCAMRAZDHCADW9QFXCADRS7A0CAMBKSC3CAQSAONFCA9PQ6QRCAGAVFE6CA.jpg

ۋاقتى: 2014-11-17 00:01:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eybuyaqup يوللىغان ۋاقتى  2013-05-10 18:01:46
مەرھۇم باتۇر روزىنىڭ قەبرىسى ۋە بىر پارچە شىئېرى

[attach]5

بۈيۈك كارۋان-ياخشى شېئىر ئىكەن...«ئىز»نىڭ داۋامىدەكلا...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش