«دولقۇن-زەررىچە»ئەپسانىسىگە تەنقىدىي نەزەر
(1)
قاسىم سىدىق
(غۇلجاشەھەر دادامتۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدىن)
ئاپتۇرنىڭ ئىزاھى:
بۇ تېما ئەسلى 2009-يىلى يېزىلغان بولۇپ،بۇ يىل تېمىدىكى نۇقتىئىنەزەر ۋە تەشەببۇسلارغا پايدىلىق بولغان «研究称光由波动粒子共同组成 违反波粒二象性»دىن ئىبارەت بۇ خەۋەرۋە«科学家同时观察到光的波粒二象性»،«日发现违反量子力学基本原理的现象»بۇ خەۋەرلەر مەيدانغا كەلدى.بۇ خەۋەرلەر«دولقۇن-زەررىچە ئىككى ياقىلىمىلىق خارەكتىر»نى قوللىمايدىغان تەجىرىبە پاكىتلىرىنى تونۇشتۇرۇدۇ.دولقۇننى زەررىچىنىڭ ھەركەت شەكلى دەپ قارىغان ئەھۋالدا،يۇقۇرقى خەۋەرلەردەدە ئوتتۇرغا قويۇلغان رىياللىقلارنى ياخشى چۈشەندۆرگىلى بولىدۇ.ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.تېمىنىڭ 7-بۇلىكىنىڭ يېڭىدىن قىستۇرۇلغانلىغىنى ئەسكەرتىمەن.
ــــــــــ 2012.11.29-كۇنى
ئاساسىي مەزمونى:
زەررىچىلىك خۇسۇسىيەت يورۇقلۇقلا ئەمەس،بەلكى بارلىق ھەرىكەت سوبىكىتلىرىنىڭ (زەررىچە،جىسىم) ماھىيىتى بولۇپ،دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت پەقەت تۈرلۈك- تۈمەن ھەرىكەت شەكىللىرى ئىچىدىكى بىرشەكىلدىن ئىبارەت.دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتنى ھەرىكەت شەكلى دەپ تونۇپ،ماكرو جىسىملارھەرىكىتىگىمۇ تەدبىقلىغىلى بولىدۇ.ھالبۇكى،دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت شەرتلىك،ۋاستىلىق،پەيتلىك،ھادىسە ۋە نەتىجە خاراكتىرلىك رېئاللىق.زەررىچە(ماددى نۇقتا)لىك بولسامۇتلەق،بىۋاستە،ئىزچىل، ماھىيەت ۋە سەۋەپ خاراكتىرلىك رېئاللىق.شۇڭائىنتىرفىرىنسىيە،دىفراكسىيە ھادىسىلىرىنى زەررىچە نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈش ،بىرلىككەكەلگەن نەزىرىيۋى فىزىكا بىناسىنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ زۆرۈر شەرتى.
يەككە زەرىچىنىڭ ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلغاندا،دولقۇن تەلىماتىدىن ۋاز كېچىپ،ھەرىكەت شەكلى ۋە ھەرىكەت يۆنىلىشى قاتارلىقلارغامۇراجەت قىلىش كېرەك.‹‹ماسسا-ئېنىرگىينىڭ مۇتلەق ھەجىمى››،‹‹ھەرىكەت بىلەن ئارقاكۆرۈنۈش مۇناسىۋىتى››،‹‹كېكىم ئۆلچىمى ›› قاتارلىق يېڭى ئىدىيە ۋە ئۆلچەملەردىن پايدىلىنىپ،ئىنتىرفىرىتسىيە،دىفراكسىيە ھادىسىلىرىنى زەررىچە نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.
ئاچقۇچلىق سۆزلەر: دولقۇن ئۇزۇنلىقى ،دولقۇن چوققىسى،چاستوتا،مۇتلەق ھەجىم، مۇساپە،ھەرىكەت شەكلى،يۆنىلىش،ك ك م ئۆلچىمى.
مەسىلىنىڭ قويۇلىشى ۋە زۆرۈرىيەت
يونان ئەپسانلىرىدا «ئادەم باشلىق، ئات تەنلىك غەلىتە مەخلۇق» ھەققىدە رىۋايەت بولۇپ، بەزىلەر ‹‹ھەم زەررىچە ھەم دولقۇندىن ئىبارەت ئىككى ياقلىملىقق رىئاللىق›› نى دەل شۇ مەخلۇققا ئوخشاتقان(1)
‹‹ھەم زەررىچە ھەم دولقۇن››دىن ئىبارەت زىددىيەت نۇرغۇن فىزىكا ئالىملىرىنى بۇ خىل ئىدىيىنىڭ ئاقىۋەت خاتا بولۇپ چىقىش مۇمكىن دىگەن ئەندىشىگە سالغان(2) ئۇ، ئەزەلدىن بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ قارىلىپ كەلگەن نەزەرىيۋى فىزىكا دۇنياسىنى ئەمدى كىلاسسىك فىزىكا ۋە كۋانت فىزىكىسىدىن ئىبارەت ئوخشاشمىغان‹‹قانۇنىيەت››لەرگە بويسۇنىدىغان ئىككى لاگىرغا ئايرىۋەتكەن .بۇ ھال ‹‹فىزىكا قانۇنلىرى بارلىق ئىنرىتسىيلىك سېستىمىلار ئۈچۈن ئۈنۈملۈك››دىگەن پرىنسىپنى مەسخىرە قىلدى.كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى زەررىچەنۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئىنترفىرىنسە، دىفراكسىيە ھادىسىلىرىنى چۈشەندۈرۈش،زىدىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى .تۆۋەندە، يوقىرىقى تەشەببۇسلارغا ئالاقىدارمۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.
1
‹‹دولقۇن››-‹‹ دولقۇن ئۇزۇنلىقى››،‹‹دولقۇن چوققىسى››،‹‹چاستوتا(تەۋرىنىش)››،‹‹سىنۇس ئەگرى سىزىقى›› قاتارلىق ئۇقۇملارئۈستىگە قۇرۇلغان .ھالبۇكى يوقۇرىقى ئۇقۇملار ماكان(مۇساپە)نىڭ مۇئەييەن مىقدارلىرى ۋە ھەرىكەتنىڭ گىئومېتىرىيلىك شەكىللىرىدىن ئىبارەت.يەنى ئۇلارنى پەقەت زەررىچىنىڭ مۇساپىسى ۋە ھەرىكەت شەكلى(سىنۇس ئەگرى سىزىقى ،دەۋر،چاستوتا)دەپ چۈشۈنىشكەبولىدۇ،ماددا دەپ چۈشۈنىشكە بولمايدۇ.يەنى دې بىروگلى ‹‹ماددى دولقۇنى ››نىڭ ھەرگىز‹‹ماددى ››ئەمەسلىكىنى دې بىروگلى ئۆزى ئوتتۇرغا قويغان.(3)مۇبادا يۇقۇرقىلارنىمۇماددى رىئاللىق دەپ قارىساق،ئۇلارمۇ ماسسىغا،زەرەتكە ئىگە ئىگە بولىشى كىرەك.
2
‹‹فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيسى››دە ئالەمدىكى ماسسا ئېنىرگىيە مۇتلەق ھەجىمگە ئىگە ،،بۇ ئىدىيەمۇئەييەنلەشتۈرۈلسە، ھەر قانداق شەكىلدىكى زەررىچىنىڭ مۇتلەق ھەجىمىنى بېكىتكىلى بولىدۇ. فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيسىنىڭ 7-ئاكسىئومىسىدا:‹‹ھەر قانداق ھەرىكەت ئارقا كۆرۈنۈشتىن ئايرىلالمايدۇ››دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ(بۇ يەردىكى ئارقا كۆرۈنۈش نىيوتون ماكانىدىن ئىبارەت).ئىنتىرفىرىنسىيە،دىفراكسىيە ھادىسىلىرىنى پەقەت زەررىچىنىڭ ھەرىكەت شەكلى دەپلا چۈشۈنىشكە بولىدۇ.
‹‹ماسسا –ئېنىرگىيە ھەجىمگە ئىگە بولمايدۇ›› دىگەن ئىدىيە ئۆزىگە ئىسپات تاپالغان شارائىتتلايوقارقى نۇقتىنەرەر مەغلۇپ بولۇشى مۇمكىن.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،‹‹مۇتلەق ھەجىم ئۇقۇمى››ۋە ھەرىكەت بىلەن ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى7-ئاكسئوما ئېتراپ قىلىنغان ئەھۋالدا،يەنە‹‹دولقۇن تەلىماتى››نى سۆرەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.
3
بارلىق‹‹دولقۇن تەلىماتى›› تەرەپدارلىرى يورۇقلۇقنىڭ مەنبەدىن چىققاندا ۋە ئېكراندا زەررىچىلىك خۇسۇسىيەتنى
ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ. ئۇنداقتامەنبە بىلەن ئېكران ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقتا ‹‹دولقۇن››ئىدىيسىنى قوللايدىغان قانداق رېئاللىق بار؟بىز ئېكراننى مەنبەگە قارىتىپ قانچە سۈرسەك(مەنبەنى سۈرسەكمۇئوخشاش)يەنىلا ئارىلىقنىڭ ھەر بىر نۇقتىسىدا زەررىچىلىكىنى بايقايمىز،تاكى مەنبەبىلەن ئېكراننى چەكسىز يېقىنلاشتۇرغىچە ئەھۋال شۇنداق ئۇنداقتا ‹‹دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت ››قەيەرگە كەتتى؟سەۋەپ شۇكى،زەررىچىنىڭ ھەرىكەت شەكلى ماكان ۋە زامانداھېچقاچان روشەن ئىز قالدۇرمايدۇ.ھالبۇكى،زەررىچىلىك مۇتلەق ۋە ئىزچىل بولىدۇ.
4
ئىنتىىفرىتسىيە،دىفراكسىيە ھادىسىلىرى زەررىچىلەر(كوللىكتىپ)ئېقىمىنىڭ يىغىندى نەتىجىسى بولۇپ،يەككە زەررىچىدە بۇھادىسەشەكىللەنمەيدۇ.‹‹دولقۇن››تەلىماتى تەرەپدارلىرى بۇ نۇقتىنى ئېتراپ قىلىدۇ.(باشقىچەئېيىتقاندا بۇ ھادىسىلەر گويا ‹‹بىر توپ كىشى››نىڭ ئورتاق نەتىجىسى.ھالبۇكى،بىرتوپ كىشى بولسا ئايرىم-ئايرىم كىشىلەرنىڭ يىغىندىسى)ئورتاق نەتىجىنى نوقۇل يەككىلىك بىلەن ئورۇنلىغىلى ۋە چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ.يەككە زەررىچىدىن ئىنتىرفىرىنسىيە ھادىسىلىرىنى تەلەپ قىلىش بىمەنىلىكتۇر.ئېھتىماللىق نەزىرىيسى ۋە سىتاستىكا مېتود سۈپىتىدە ئەۋزەللىككە ئىگە.لېكىن ئۇلار ئېلىمىنتار فىزىكىنىڭ ھوقوقىنى تارتىۋالسا بولمايدۇ.
5
ھەر قانداق مەنبە مۇئەييەن ماسسا مەركىزىگەئىگە.بۇمەنبەدىكى زەررىچىلەرنى مەركەزگە نىسبەتەن قانۇنىيەتلىك ۋە كۋانىتلىق ھالدائورۇنلاشقان دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئورۇنلىشىش تەرتىۋى ئۈزۈل-كېسىل مەنىدە:ماكان-ماددا-ماكان-ماددا-ماكان....شەكلىدە بولىدۇ.
ئەسلى مەنبە ۋە ياكى تار يوچۇقتىنقوزغالغان زەررىچىلەر ماسسا مەركىزى بىلەن تىك بولغان بىر تۈز سىزىق شەكىللەندۈرگەن ئاساستا ئېكرانغاسوقۇلىدۇ ۋە ئېكراندىكى ئىنتىرفىرىنسىيە،دىفراكسىيە ھادىسىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.ئېكراندىكى تىلىمچە ۋە بەلۋاغلارنىڭ رېئال خاسلىقى مەنبەدىكى كىۋانىتلىق ھالەتنىڭ كېڭەيگەن شەكلى.باشقىچە ئېيىتقاندا،فوتۇنلارنىڭ يۆنىلىشى بىلەن دەسلەپكى ئورۇن فازىسى ئوخشاش بولىدۇ.(4)دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى،بۇ يەردە بىر بۇلۇڭلۇق مۇناسىۋەت مەۋجۇت!قۇياش رادىئاتسىيسى چوڭ پارتىلاش؛ۋە ياكى ھەر قانداق مىكرومەنبەگە نىسبەتەن بۇنداق قاراش ئورۇنلۇق.(ئەنئەنىۋى تىل بىلەن ئېيىتقاندا‹‹سىفرىك يۈز››).
6
فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيسىنىڭ 29-تىئورمىسىدا،‹‹زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەرىكەت جەريانىدا،ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ››.دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ،.بۇ خىل ئېغىش ‹‹دولقۇن››نى شەكىللەندۈرۈشنىڭ شەرتلىرىنىڭ بىرى.يەنەبىر شەرت شۇكى ،سىزىقلىق ھەرىكەت قىلىۋاتقان زەررىچنىڭ ئۆز ئوقىمۇ ئايلىنىشى ياكى تەۋرىنىشى كېرەك.فوتون دەل يوقارقىدەك ئىككى شەرتنى قانائەتلەندۈرىدۇ،يەنى فوتوننىڭ ئوقى ئايلانغاندىن باشقا بۇ ئوققا تىك ھالدا،29-تىئورمىدا كۆرسىتىلگەندەك،زەررىچە ياكى جىسىمنىڭ پۈتۈن گەۋدىسى ئايلىنىدۇ ۋە ئاغىدۇ.ئوقنىڭ يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشى بۇئوققا تىك بولغان بىر پۈتۈن گەۋدىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ماس قەدەملىك بولىدۇدەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
ئوقنىڭ تولۇق بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشىدىن تەكشىلىكتە سىنۇس ئەگرى سىزىقى، بوشلۇقتا سېفىرال سىزىق ياكى كونۇس شەكىللىنىدۇدەپ پەرەز قىلشقا بولىدۇ.ئوقنىڭ ئايلىنىش تېزلىكى بىلەن دولقۇن ئۇزۇنلىقى تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ.(47-تىئورما)
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،يۇقارقى شەرتلەرنى قانائەتلەندۈرگەن ھەر قانداق زەررىچە ۋەياكى جىسىمنى(ئاسمان جىسىملىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)دولقۇن شەكلىدە ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.
ھالبۇكى،‹‹دولقۇن››تۈرلۈك–تۈمەن ھەرىكەت شەكىللىرى ئىچىدىكى شەرتلىك ھادىسە خاراكتىرلىك بىرلا شەكىلدىن ئىبارەت.
7
«دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت»ئاتالمىش« ۋاقىت»بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.«ۋاقىت(زامان)»قانچە مىكرۇ قىممەت ئالسا ئۇ شۇنچە ئىپادىلەنمەيدۇياكى يارقىن ئىپادىلەنمەيدۇ.ھالبۇكى«زەررىچىلىك»ئاتالمىش«ۋاقىت»چەكلىمىسىگە ئوچرىمايدۇ.
ھازىرقى فىزىكا چۈشەنچىلىرى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ۋاقىت 0 دەپ ئويلىساق زەررىچەنىڭ مەۋجۆتلىگىنى تەساۋۋۇر قىلالايمىز لىكىن«دولقۇن»نىڭ مەۋجۈتلىگىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز.زامان(ۋاقىت)ئامىلىدىن ئايرىلغان«دولقۇن» مەۋجۈت ئەمەس.بىر دولقۇن ئۇزۇنلىغىنى شەكىللەندۈرۈشكە يەتمەيدىغان ۋاقىت بىرلىگى ئىچىدە زەرىچىلا ئىپادىلىنىدۇكى،«دولقۇنلۇق خۇسۇسيەت ئىپادىلەنمەيدۇ.بۇنىڭدىن بىز«دولقۇن»نىڭ ماھىيەتلىك مەسىلە بولماي پەقەت بىر تەسۋىرلەش ،چۈشەندۈرۈش ئوسۇلى ئىكەنلىگىنى بىلەلەيمىز.باشقىچە ئىتقاندا «ئېن»نىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن«زامان»نىڭ ھاجىتى يوق،«دولقۇن»نىڭ تەسۋىرلىنىشى ئۈچۈن«زامان»لازىم.
شەكىل نەزەريىسى «زامان سوبىكتىپ كاتىگۇرىيە،ئاڭدىن تاشقىرى ئوبىكتىپ تەبىئەت دۇنياسىدا زامان مەۋجۈت ئەمەس»دەپ قارايدۇ.كىراك كالىندىر «
زامان پەقەتلا تۇيغۇمۇ؟»سەرلەۋھەلىلىك ماقالىسىدا «
گەرچە ھازىرقى فىزىكا ئالىملىرى بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيەدە زاماندىن ۋاز كېچىش كېرەك، دەپ قارىغان بولسىمۇ، بىز ئاساسىمىز بار بولغان ھالدا شۇنداق دېيەلەيمىزكى، زامان 1915-يىلىلا غايىپ بولغان، بىز پەقەت بۇ ئىشنى پۈتۈنلەي تونۇپ يېتەلمىدۇق.»دەپ يازىدۇ.مانا بۇ «دولقۇن ئەپسانىسى»ئۈچۈن تولىمۇ پايدىسىز ئۆچۆر.
«دولقۇننىڭ ئاساسلىق خاراكتىرىستىكىسى چاستۇتا(ياكى دەۋىر) ۋە دولقۇن ئۇزۇنلىغى(ياكى دولقۇن سانى)ئارقىلىق تەسۋىرلىنىدۇ. چاستوتا دولقۇننىڭ ۋاقىت دەۋرىلىگىنى ئەكىس ئەتتۈرسە،دولقۇن ئۇزۇنلىغى بوشلۇق دەۋرىلىگىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ،»(«قىسقىچە فىزىكا لوغىتى» - شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1993-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى363-364-بەتلەر).
كۆرۆنۈپ تۇرۇپتىكى ،«دەۋرىلىك» ــــــــ «دولقۇن»نىڭ تۈپ شەرتى.
بىز ئاتالمىش«ۋاقىت»ياكى ئۇنىڭ« دەۋرىلىگى» ھەققىدە قايتا تۇختالمايمىز،ئەمدى مۇھاكىمە قىلىدىغىنىمىز«بوشلۇق دەۋرىلىگى».
بۇ يەردىكى «بوشلۇق دەۋرىلىگى»ماھىيەتتە مۇئەييەن بىر خىل ھەركەتنىڭ قانۇنىيەتلىك تەكرارىلىغىدىن ئىبارەت.بۇنداق دەۋرى ھەركەتنى تۈز سىزىقلىق ھەركەت دەپ قاراشنىڭ ئاساسى يوق،پەقەت ئەگىرى سىزىقلىق ھەركەت ئارقىلىقلا دەۋرىلىك مەيدانغا كىلىدۇ. «دولقۇن چوققىسى»،«دولقۇن ئويمىنى» قاتارلىقلار نى تۈز سىزىق ئۈستىگە ئۇرۇنلاشتۇرغىلى بولمايدۇ.مىنىڭچە بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپ بولمىسا كىرەك.
يۇقۇرقىچە مەنزىرىدە «دولقۇن»نىڭ ماھىيەتتە زەررىچىنىڭ ھەركەت شەكلى ئىكەنلىگى تىخمۇ رۇشەن ئەكىس ئىتىدۇ.نېلىس.بورنىڭ«دولقۇن-زەررىچە ئىككى ياقلىمىلىق خاراكتىر»ھەقىدىكى كۆز قارىشىغا زىت تەجىرىبە نەتىجىسىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىگى ھەققىدە«研究称光由波动粒子共同组成 违反波粒二象性»دىگەن بۇ يازمىنى ئەستايىدىل كۆرۆپ چىقساق،يىڭى ئىلھام لارغا ئىرىشىپ قىلىشىمىز تەبى.
نىمە بولىشىدىن قەتئى نەزەر يۇقۇرقى بايانلاردىن بىز«دولقۇن»نىڭ شەرىتلىك ئىكەنلىگى،زەررىچىنىڭ شەرىتسىز ئىكەنلىگىنى،زەررىچىلىك خارەكتىر پۈتكۈل تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ماھىيىتى ئىكەنلىگىنى كۈرۈپ يىتەلەيمىز.چۈنكى يىتەرلىك مىكرۇ «ۋاقىت»بىرلىگى ئىچىدە«دولقۇنلۇق خارەكتىر»نىڭ ئىپادىلەنمەيدىغانلىغى،ھەرقانداق ۋاقىت بىرلىگى ئىچىدە زەررىچىلىك خارەكتىرنىڭ ئىزچىل ساقلىنىدىغانلىغى ۋە ئىپادىلىنىدىغانلىغى ئەمدى ئارتۇقچە مۇنازىرە تەلەپ قىلمىسا كىرەك.
خۇلاسە
‹‹دولقۇن-زەررىچەئىككى ياقلىمىلىق خاراكتىر››سېپى ئۆزىدىن زىدىيەتلىك مەسىلە بولۇپ،ئۇ ھەرىكەت سوبىكتىنىڭ شەكلى بىلەن ئۇنىڭ ھەرىكەت شەكلىنى ئارىلاشتۇرىۋېلىشنىڭ نەتىجىسى.يوقارقى زىدىيەتلىك ئىدىيە نۇقتىسىدا تۇرۇپ،بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيۋى فىزىكا بىناسىنى قۇرۇپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس.شۇڭا،نۇرغۇنلىغان فىزىكا ئالىملىرى ۋەمۇتەپپەككۈرلەر بىمەنە نەزىرىيە دەپ قاراپ كەلگەن(4) ‹‹دولقۇن تەلىماتى››دىن ۋازكېچىش كېرەك.‹‹دولقۇن››نى ھەرىكەت شەكىللىرى ئاتلىسى ئىچىدىكى بىر شەكىل سۈپىتىدەقىستۇرۇپ قويۇش كۇپايە.ئېشىپ كەتكەندىمۇ ‹‹ھەرىكەت شەكىلشۇناسلىقى›› ئىچىدە‹‹دولقۇنشۇناسلىق››تىن ئىبارەت بىر تەتقىقات تېمىسى تۇرغۇزۇشقىلا بولىدۇ.ئېھتىماللىق نەزىرىيسى ۋە سىتاتىستىكا ئەلۋەتتە ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك قورالى.
يۇقۇرقلار مىنىڭ دەسلەپكى پەرەزلىرىم،داۋاملىق ئىزدىنىش ئارقىلىق مەزمۇنلار بىيىشى ۋە ئۆزگىرىشى مۆمكىن.سەھۋە-خاتالىقلار كۆرسۆتۆپ بېرىلسە قىزغىن قارشى ئالىمەن.
پايدىلانغان ماتىرىياللار:
(1).رىدنىك‹‹مەيدان›› پەننى ئوموملاشتۇرۇش نەشىرىياتى ئۇيغۇر-قازاق شۆبىسى1986-يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى 242-بەت.
(2) jبروۋن، w.c.p. داۋس «ئاتوم ئىچىدىكى ئەرۋاھ» شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى2005- يىل 8- ئاي. ئۇيغۇرچە نەشرى
7- بەت
(3)لىيۇيوۋچاڭ‹‹ھازىرقى زامان فىزىكا ئىدىيلىرىنىڭ مەنبەلىرى›› ؛بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە-ئالەم قاتنىشى نەشىرىياتى ؛1995-يىل نەشىرى105-بەت؛
(4)‹‹فىزىكىدىكى مۇھىم تەجرىبىلەر››شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى1989-يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى117-بەت؛
(5)قولۇڭلاردىكى بۇ ماقالە ‹‹زەررىچە-دولقۇن ئىككى ياقلىمىلىق خاراكتىر››ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان دەسلەپكى لوگىكىلىق تەھلىل بولۇپ،فىزىماتلىق ئىسپاتلارئۆستىدە ئايرىم ئىزدىنىشكە توغراكىلىدۇ.
2009 -يىل12-ئاينىڭ10-كۈنى
ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-8 23:05