تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
كۆرۈش: 217|ئىنكاس: 6

«ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ»دﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻢ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ»دﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ

                   ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻢ

                                             ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪر ﮬﺎﺟﻰ

       2012 – يىلى قومۇل خەلقى ئۈچۈن ئۇنتۇلماس، داغدۇغىلىق بىر يىل بولدى، يېڭى بىر يىل باشقىچە باشلاندى. «قومۇل نورۇز مەشرىپى» قومۇلدا بولىدىغان بۇ داغدۇغىلىق پائالىيەتلەرنىڭ باشلانمىسى سۈپىتىدە قومۇلدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ھاياجانغا سالدى. قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ مەدەنىيەت خىزمىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەردى.قىسقىغىنە  بىرنەچچە ئايدا بىرنەچچە قېتىم «مەدەنىيەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى«ئاچتى، بۇنىڭدىن باشقا، بىرنەچچە يىللىق مەدەنىيەت خىزمىتىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ قومۇلدىكى ھەر مىللەت مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە روھلاندۇردى.جۈملىدىن، بۇ يىل قومۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتىنىمۇ تەشكىلىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچەپ قوللىدى.نورۇز پائالىيىتى شۇ قەدەر داغدۇغا پەيدا قىلدىكى، بۇ ئىشقا ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە ھەر ساھە ئامما يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلدى. نورۇز پائالىيەتلىرى سىنغا ئېلىنغاندا قومۇلدا گويا مىسلى كۆرۈلمىگەن مەدەنىيەت بايرىمى بولغاندەك تەنتەنىلىك ۋەزىيەت شەكىللەندى، تاماشىبىنلارنىڭ كۆپلۈكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەپسۇس، «قومۇلدا نورۇز مەشرىپى» تېلېۋىزوردا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن جەمئىيەتتە ھەر خىل ئىنكاسلار بولدى. بۇ ئىنكاسلارنىڭ ئاساسلىقى شۇ بولدىكى، نەق مەيدان شۇ قەدەر ھەيۋەتلىك بولغانىدى، ئەمما بەزى مۇھىم كۆرۈنۈشلەر تېلېۋىزوردا گەۋدىلەنمىدى، نەق مايدان كۆرۈنۈشى بىلەن تېلېۋىزوردىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىدە ئاسمان – زېمىن پەرق كۆرۈلدى. بەزى تېلېۋىزىيە تاماشىبىنلىرى نەق مەيداننى كۆرمىگەچكە، تېلېۋىزوردىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئاساس قىلىپ قومۇلدىكى نورۇزغا باھا بېرىدۇ.بۇ نورمال ئەھۋال.ئەمما نەق مەيداننى كۆرگەن تاماشىبىنلارغا شۇ نۇقتا ئېنىقكى، تېلېۋىزوردا نەق مەيداننىڭ سىنى چىقمىدى.بۇ، مۇشۇ قېتىم قومۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇزنىڭ ئەڭ زور كەمچىلىكى ۋە مەغلۇبىيىتى.مۇۋەپپىققىيەت ئەلۋەتتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىشكە بولىدۇ. ئەمما بەزى ئىشلار مېنى ھەم نۇرغۇن قومۇللۇقنى ئەپسۇسلاندۇرۇپ قويدى. تارىختا قومۇلدا بۇنچىلىك داغدۇغىلىق نورۇز ئۆتكۈزۈلۈپ باققىنى يوق. مەن نورۇز مەشرىپى تېلېۋىزوردا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ھەر خىل ئىنكاسلارنى ئاڭلىدىم، ئۆزۈم بىۋاسىتە ھېس قىلغانلىرىممۇ بار. بۇلارنى يېزىش – يازماسلىق توغرىلىق كۆپ ئويلاندىم، ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ قىسمەن روھىي كەچمىشلىرىمنى، ھېس قىلغانلىرىمنى يېزىش قارارىغا كەلدىم. يازغانلىرىمدا


                                     «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي»ﻧﯩﯔ «ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﻰ»

2012  - ﻳﯩﻞ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 - ﻛﯜﻧﻰ، «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» دﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎز ﻛﻪﺳﯩﭙﺪﯨﺸﯩﻢ، ﻗﻮﻣﯘل ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮداش دوﺳﺘﻰ، ﻗﻮﻣﯘﻟﻨﯩﯔ ﻧﯘرﻏﯘن ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻛﯜم ﻧﺎدﯨﺮ ﺋﺎﺧﺒﺎرات ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎزﻏﺎن، ﺋﺎﺧﺒﺎراﺗﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﻳﻮل ﺗﯘﺗﯘپ ﺋﯘﺳﻠﯘپ ﻳﺎراﺗﻘﺎن ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎن ﻣﯘدﯨﺮ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪۇﺷﯜﻛﯜر ﺋﺎﺑﺪۇﻛﯧﺮەم ﻧﻮرۇز ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪپ ﺋﯘﭼﯘر ﻳﻮﻟلاﭘﺘﯘ:
»باغلاردا ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎس ﺋﻪﺟﯩﺮﺳﯩﺰ رەﻧﺎ،
دوﺳﺘﺴﯩﺰ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﺎ ﻧﻪ ﺑﻮﻟﯘر ﻣﻪﻧﺎ.
ﺋﻪﺳﻠﻪپ ﺗﯘر ﮬﻪر ۋاﻗﯩﺖ دوﺳﺖ - ﻳﺎرەﻧﻠﻪرﻧﻰ،
ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﭘﯩﺴﻪن ﺋﺎﻟﻪﻣﭽﻪ ﻣﻪﻧﺎ!».
       ﺋﯘﭼﯘرﻧﻰ ﻛﯚرۈپ ﺋﺎﻟﻪﻣﭽﻪ ﺧﯘش ﺑﻮﻟﺪۇم، ﺋﺎﺑﺪۇﺷﯜﻛﯜر ﮬﻪر ﻗﯧﺘﯩﻢ روزا ﮬﯧﻴﺖ، ﻗﯘرﺑﺎن ﮬﯧﻴﺘلاردﯨﻤﯘ ﺗﻪﺑﺮﯨﻚ ﺋﯘﭼﯘرﻟﯩﺮى ﻳﻮﻟلاپ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ  ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ 2 - ﻗﺎﻧﯩﻠﯩﺪا ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق رادﯨﻴﻮ - ﻛﯩﻨﻮ - ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﻣﯘل ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻣﯘرﯨﻲ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﻪ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪن «ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ» ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﺪى، ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﭘﯘرﺳﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﻗﻪززاﻟﯩﻖ ﻛﯜﺗﯜپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻳﯧﻘﯩﻦ - ﻳﻮرۇﻗلاردﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﯩﻤﯩﺰ ﻗﻮﻣﯘل ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت - ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪر ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ رەﺋﯩﺴﻰ ﺋﻪﮬﻪت ﺋﯩﺒﺮاﮬﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺟﻪم ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10 -، 11 - ﻛﯜﻧﻠﯩﺮى ﻗﻮﻣﯘل ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﺳﺎرﯨﻴﻰ، ﭼﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻳﺪاﻧﻰ، ﻣﯘﻗﺎم ﻣﻪرﻛﯩﺰى ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻮرۇﻧلاردا داﻏﺪۇﻏﯩﻠﯩﻖ ﺳﯜرەﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﯘ «ﻣﻪﺷﺮەپ»ﻧﻰ زارﯨﻘﯩﭗ ﻛﯚردۇق. ﻛﻪﻣﯩﻨﻪ ﭘﯧﻘﯩﺮﻧﯩﯔ «ﻣﻪرﮬﺎﺑﺎ ﻧﻮرۇز»، « ﻧﻮرۇز ﮔﯜﻟﻰ»، «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪن ﻧﺎﺧﺸﯩلارﻣﯘ «ﻣﻪﺷﺮەپ»ﺗﯩﻦ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺋﻮرۇن ﺋﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜن، «ﻣﻪﺷﺮەپ»ﻧﻰ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﻛﯚردۈم. ﺋﻪﭘﺴﯘس، ﻣﻪﺷﺮەﭘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷلاﻧﻤﺎ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﯘق ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪا ﻣﯧﻨﯩﯔ (ئﺎﭘﺘﻮرﻧﯩﯔ) ﺋﯩﺴﯩﻢ - ﺷﻪرﯨﭙﯩﻢ ﻛﯚزﮔﻪ ﭼﯧﻠﯩﻘﻤﯩﺪى، ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪن ﭘﺎﺗﭙﺎراق ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻰ، ﺋﺎرﯨﺪا ﺑﻪزﯨﻠﻪر رﯨﮋﯨﺴﺴﻮر ﻧﯩﺠﺎت ﻧﯩﻴﺎزﻏﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﺑﯧﺮﯨﭙﻤﯘ ﺋﯜﻟﮕﯜردى. ﻧﯚۋەت «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي» ﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﭘﺎﺗﭙﺎراﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪۋﺟﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﺘﻰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﻧﻮﻣﯘرﻏﯩﻤﯘ ﭘﯧﻘﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺋﯩﻜﻜﻰ - ﺋﯜچ ﻛﯜن ﺋﯩﭽﯩﺪە «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي» ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳلار ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﻛﯩﺮدى. ﺑﯘ ﺗﯧﻜﯩﺴﺖ «ﻗﻮﻣﯘل ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» دە ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻧﯘرﻏﯘن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي»ﻧﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﺎزﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘلار ‹ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي› ﺑﻪﻟﻪن ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ، روﻟﻨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘ» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﺪى، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪزﯨﻠﻪر «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎﻳﻐﺎ ﺋﯩﺴﻤﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﺎﭘﺘﯘ» دﯦﺪى. 2004 - ﻳﯩﻠﻰ«ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي»رادﯨﻔﻠﯩﻖ ﻣﯘﺧﻪﻣﻤﻪس ﻳﯧﺰﯨﭗ «ﻗﻮﻣﯘل ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»دە ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ، ﻛﯧﻴﯩﻦ (2006 – يىلى) ﺑﯘ ﻣﯘﺧﻪﻣﻤﻪس «ﺋﯜرۈﻣﭽﻰ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» دە ﻗﯩﺴﻘﺎرﺗﯩﻠﻐﺎن ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﯩﺪى. 2011 ﻳﯩﻞ 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪا ﻗﻮﻣﯘل ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘرﺗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﻛﯧﺮەم ﭘﯧﺸﻘﻪدەم ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎر ﺳﻪدۇل ﻧﯘرﺷﺎﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻟﻪﭘﻪر ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪى. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﻛﯧﺮەم ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﮬﺎﯕﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻟﻪﭘﻪر ﻣﯘزﯨﻜﯩﺴﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺳﻪدۇل ﻧﯘرﺷﺎﻧﯩﯔ «ﻗﺎﻧﺪاﻗﻘﯘ» دﯦﮕﻪن ﻟﻪﭘﻪر ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﻣﯘزﯨﻜﯩﻐﺎ ﺳﻪﭘﻠﻪش ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﯩﻠﻰ، ﭘﯩﻜﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﻜﻪن. ﺋﯘ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺳﯘﻧﯘۋﯦﺘﯩﭗ:
- ﺳﻪدۇل ﺋﺎﻛﺎم ﺑﯘ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯩﻜﻪن، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ «ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮرۇق ﺳﺎﻳﯩﻢ» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘزﯨﻜﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺳﻪﮬﻨﯩﻠﻪﺷﺘﯜرﮔﻪن ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﺪۇق، ﺗﻪﺳﯩﺮى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯘﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻛﻪﭘﺘﯩﻜﻪن ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﻣﺎۋزۇدﯨلا ﭼﺎﺗﺎق ﺑﺎردەك ﺑﯩﻠﯩﻨﺪى. ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﯩﺪا «ﻗﺎﻧﺪاﻗﻘﯘ» دﯦﮕﻪن ﮔﻪپ ﺑﺎرﻣﯘ؟ ﺑﯘ ﮔﻪپ ﺗﺎزا ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻤﻪي ﻳﯧﻨﯩﯖﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ، ﺑﯘ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻨﻰ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﻪپ ﺑﻪرﮔﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎڭ، - دﯦﺪى. ﻣﻪن ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯘر ﺋﻮﻗﯘپ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ ۋە:
       - دەرۋەﻗﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻠﯩﺪا «ﻗﺎﻧﺪاﻗﻘﯘ» دﯦﮕﻪن ﮔﻪپ ﻳﻮق. ﺷﯘﻧﺪاﻗﻘﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯘ دﯦﻴﯩﻠﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻪﻟﯘم ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻧﮕﻪن ﺑﻮلار ﺋﯩﺪى. ﺋﻪﻣﻤﺎ «ﻗﺎﻧﺪاﻗﻘﯘ»ﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺳﻪدۇل ﺋﺎﻛﺎم ﺑﯘ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻨﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﺎﻗﺴﺎ ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪن، - دﯦﺪﯨﻢ.
       - ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﺴﺎﻗﻤﯘ ﺑﻮلار ﺋﯩﺪى، ﺋﻪڭ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻪرﮔﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎڭ، ﺋﺎﮬﺎڭ ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎن، ﺋﺎﻣﺎل ﺑﺎر ﻣﯘﺷﯘ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، - دﯦﺪى ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﻣﺎﯕﺎ «ﻗﺎﻧﺪاﻗﻘﯘ»ﻧﻰ ﺋﯩﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ. ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ - دە:
       - ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﺑﯘﻧﻰ «ﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯘ» ﻳﺎﻛﻰ «ﺷﯘﻧﺪاﻗﻘﯘ» دەپ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﺎﻗﺎي، ﺑﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﺴﺎق ﺳﻪدۇل ﺋﺎﻛﺎم ﺧﺎﺗﺎ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎس - ﮬﻪ؟ - دﯦﺪﯨﻢ.
       - ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﺋﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﺳﻪدۇل ﺋﺎﻛﺎﻣﻤﯘ ﺳﯧﻨﻰ «ﻗﺎﻧﺪاﻗﻘﯘ» نى ﺑﯩﺮ ﻛﯚرۈۋەﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ دﯦﮕﻪﻧﯩﺪى، ﺷﯘﯕﺎ ﺳﺎﯕﺎ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ.
       ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ «ﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯘ» ﻣﺎۋزۇﺳﯩﺪا ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻴﯩﺘﯩﺸﯩﺶ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﻛﯧﺮەﻣﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺪۇم. ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ئېيتىشىشنى «ﻗﻮﻣﯘل ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»ﻧﯩﯔ 2011 - ﻳﯩﻞ 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 141 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺋﯩﯟﯨﺮﻏﻮل ﮔﯜﻟﺰارى» ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺴﯩﺪە ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺋﺎرﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜن ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي» رادﯨﻔﻠﯩﻖ ﻣﯘﺧﻪﻣﻤﻪس ﻳﺎزﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ ﻳﺎدﯨﻤﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﻛﯧﺮەم دﯦﮕﻪن ﺋﺎﮬﺎﯕﻐﺎ «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي» دەپ ﺗﯧﻜﯩﺴﺖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﺎﻗﻤﺎﻳﻤﯘ دﯦﮕﻪن ﺧﯩﻴﺎل ﺑﯩﻠﻪن «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي» ﻣﺎۋزۇﺳﯩﺪا ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﺶ ﻳﺎزدﯨﻢ. ﺑﯘ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﺶ«ﻗﻮﻣﯘل ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﻧﯩﯔ 2011 - ﻳﯩﻞ 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ«ﺋﯩﯟﯨﺮﻏﻮل ﮔﯜﻟﺰارى» ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺴﯩﺪە ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﺪى. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﻛﯧﺮەم ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﺑﻪزى ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﺘﯘق. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯘق، ﺑﻪزى ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘلار ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﭘﺎراﯕلاﺷﺘﯘق. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﺎﻟلاﻣﺪا ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻮي ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﺪى. ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي»ﻧﻰ «ﻗﺎﺗﺎرﭼﻰ ﺋﺎي»ﻏﺎ ﺋﯚﮔﻪرﺗﯩﭗ ﺑﻪزى ﮬﻪﺟﯟﯨﻲ ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻠﻪرﻧﻰ ﻳﺎزدﯨﻢ ۋە ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎن «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي» دﯦﮕﻪن ﻣﯘﺧﻪﻣﻤﻪﺳﻨﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜزدۈم ۋە ﺋﻪرﻛﯩﻨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺪۇم. «ﻗﺎﺗﺎرﭼﻰ ﺋﺎي» دﯦﮕﻪن ﺑﯘ ﺋﯩﺘﻮﺗﻠﯘق ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﺶ «ﻗﻮﻣﯘل ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»ﻧﯩﯔ 2011 - ﻳﯩﻞ 11 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 11 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺋﯩﯟﯨﺮﻏﻮل ﮔﯜﻟﺰارى» ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺴﯩﺪە ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﺪى. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯘ ﺳﺎن ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﻰ ﺋﻪرﻛﯩﻨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ:
       - ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي» دﯦﮕﻪن ﺑﯘ ﻟﻪﭘﻪر «ﻗﺎﺗﺎرﭼﻰ ﺋﺎي» دﯦﮕﻪن ﻧﺎﻣﺪا ﮬﻪﺟﯟﯨﻲ ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻠﻪر ۋە ﻳﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﺎن، ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﭘﯧﺮﺳﯘﻧﺎژلار ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯧﻴﯩﺘﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪر ﺋﯧﻴﯩﺘﯩﺸﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻟﻪﭘﻪرﭼﯩﻠﯩﻜﺘﻪ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎن، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻗﯩﺴﻘﺎ دراما ﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺳﻪﮬﻨﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮلاﺗﺘﻰ، ﻣﯘﺧﻪﻣﻤﻪس ﺑﯘ ﺳﻪﮬﻨﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎراﺗﻤﯩﻠﯩﻘﻰ ۋە ﺗﻪﺳﯩﺮﭼﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﯘرۇش روﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎر ﺋﯩﺪى، - دﯦﺪﯨﻢ. ﺑﯩﺮاق ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﻛﯧﺮەم:
       - ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﺴﺎﻗﻘﯘ ﺗﺎزا ﺑﻪﻟﻪن ﺑﻮلاﺗﺘﻰ، ﻳﻮﻏﺎن دۇﺗﺎر ﺑﯘﻳﺮۇﺗﯘپ ﻳﺎﺳﺎﺗﺴﺎق، دۇﺗﺎرﻧﯩﯔ ﻗﻮرﺳﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﺎﻳﺎق ۋە ﭼﺎق ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ ﺳﻪﮬﻨﯩﮕﻪ دۇﺗﺎرﻧﻰ ﮬﺎﺳﯩﺮاپ - ﮬﯚﻣﯩﺪەپ ﺳﯚرﯨﮕﯩﻨﯩﻤﭽﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎم، ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨلار ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎرﺳﯩﺰ ﻛﯜﻟﯜپ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻏﯩﻨﯩﺴﻰ ﺑﯘ ﻧﻮﻣﯘرﻧﻰ ﻛﯧﻠﻪر ﻳﯩﻠﻘﻰ ﻧﻮرۇز ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺪا ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ، ۋاﻗﺘﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﮬﺎزﯨﺮﭼﻪ ﻟﻪﭘﻪر ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯨلا ﺋﻮرۇﻧﺪاپ ﺗﯘرﻏﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق، - دﯦﺪى. ﻣﻪن ﺋﻪرﻛﯩﻨﮕﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﺎل ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەك، ﺑﯩﺮ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ دېگەن ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜرى، ﭘﯩﻜﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ، ﺑﻮﻟﺪﯨلا ﺋﻪرﻛﯩﻨﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﮕﻪ ﻣﺎﻗﯘل ﺑﻮلاي، دەپ ﺟﯩﻢ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪرﻛﯩﻦ «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي»ﻧﻰ ﺋﺎزراق ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﺸﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ، ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاش ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﺷﯘﻧﺪاﻗﺘﯩﻤﯘ «ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻳﺎﭘﺮاق» ﺋﯜن - ﺳﯩﻦ ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻨﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﺘﯩﻢ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﻛﯧﺮەﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﺘﯩﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﻪزى ﻣﯩﺴﺮالار ﺋﺎﮬﺎﯕﻐﺎ ﺗﺎزا ﭼﯜﺷﻤﯩﮕﻪﻧﯩﻜﻪن. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا«ﻗﺎﺗﺎرﭼﻰ ﺋﺎي» ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎن ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﻰ ﺋﯚﻣﻪﻛﻨﯩﯔ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ ﺟﯧﻠﯩﻞ ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻤﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺪۇم، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪە ۋاﻗﺘﻰ ﺋﯘزۇﻧﺮاق ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ۋەﻗﻪﻟﯩﻚ، ﻳﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﺎﻧلار ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي» ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺑﻮلار ﺋﯩﺪى دەپ ﺋﻮﻳلاپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺟﯧﻠﯩﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى:
       -ﭘﺎت ﻳﯧﻘﯩﻨﺪا ﻧﯩﺠﺎت ﻧﯩﻴﺎز ﻛﯧﻠﯩﺪۇ، ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﺎﻣﺪۇق، - دﯦﺪى.
ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﯩﺠﺎت ﻧﯩﻴﺎزﻧﯩﯔ «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي»ﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﻪرﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ، ﺋﯘ ﺑﻪزى ﺟﺎﻳلار ﻗﻮﭘﺎل ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﭘﺘﯘ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن:
«ﮬﻪي ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي، ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي،
ۋﯨﺠﺪاﻧﻨﯩﻤﯘ ﺳﺎﺗﺎر ﭼﺎي.
ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺗﻪزدۈرۈپ،
ﺷﻪﻳﺘﺎﻧلارﻏﺎ ﭼﺎﺗﺎر ﭼﺎي».
ﺑﯘ ﻛﯘﭘﻠﯩﺖ ﻧﻪﻗﺮات ﺋﻮرﻧﯩﺪا ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﺮارﻟﯩﻨﺎﺗﺘﻰ، ﺑﯩﺮاق ﻧﯩﺠﺎت ﻧﯩﻴﺎزﻧﯩﯔ ﻧﻪزﯨﺮﯨﺪە ﺑﯘ ﻛﯘﭘﻠﯩﺖ ﺑﻪك ﻗﻮﭘﺎل ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﭘﺘﯘدەك. ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘﻧﻰ:
ﮬﻪي ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي، ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي،
ۋاﻗﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﭼﺎي.
ﺋﺎدەﻣﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺗﻪزدۈرۈپ،
ﮬﻪر ﻛﻮﻳلارﻏﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎن ﭼﺎي دەپ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘر ﺑﻮﻟﺪۇم. دﯦﻤﻪك، «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي» دا ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻢ ﻳﻮﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺳﻪﮬﻨﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﻐﺎن «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي» ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻧﻪزﯨﺮﯨﻤﺪە ﭘﯘﭼﻪك ﺳﻪﮬﻨﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى. ﺋﺎرﺗﯩﺲ، رﯨﮋﯨﺴﺴﻮرلار ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﻤﮕﻪ ﮬﯜرﻣﻪت ﻗﯩﻠﻤﯩﺪى. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ ﻣﻪﻳﻠﻰ دەپ ﻳﯜردۈم. ﺋﺎﺧﯩﺮى 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 11 - ﻛﯜﻧﻰ، ﻗﻮﻣﯘل ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﺳﺎرﯨﻴﯩﺪا «ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ»ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﻧﻮﻣﯘرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﻨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻧﻪق ﻣﻪﻳﺪاﻧﯩﺪا «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي»ﻧﻰ ﻛﯚردۈم. ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﻪﻛﺒﻪر ﻏﻮلاﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮي ﻣﻪرىكىسىگە قاﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن «ﺋﯩﯟﯨﺮﻏﻮل» رﯦﺴﺘﯘراﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮدۇق، رﯦﺴﺘﯘراﻧﺪا رﯨﮋﯨﺴﺴﻮر ﻧﯩﺠﺎت ﻧﯩﻴﺎز ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻪﻣﺪاﺳﺘﯩﺨﺎن ﺑﻮﻟﺪۇق. ﺟﯧﻠﯩﻞ ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻢ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻧﯩﺠﺎﺗﻘﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘردى، ﻣﯧﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﯩﺠﺎت ﻧﯩﻴﺎز ﻣﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﻮل ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚرۈﺷﺘﻰ ۋە:
- «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي»ﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯧﺰﯨﭙﺴﯩﺰ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﻪﮬﻨﻪ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪۋﺗﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯔ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯩﺰدە ﺋﯩﺘﻮت ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﯩﺪۇ، - دﯦﺪى. ﻣﻪن ﻧﯩﺠﺎت ﻧﯩﻴﺎز ﺑﯩﻠﻪن «ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎغ» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮى ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺧﺎﻟﯩﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻧﻮﻣﯘرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ۋە ﺗﻮر ﺧﻪت ﺳﺎﻧﺪۇﻗﯩﻨﻰ ﻳﺎزدۇرﯨﯟاﻟﺪﯨﻢ. ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﺪا ﻧﯩﺠﺎت ﻧﯩﻴﺎز ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﯘﭼﻪ ﺑﯘﻟﺘﯘر ﻧﻮرۇزﻏﺎ ﺋﺎﺗﺎپ ﻳﺎزﻏﺎن ﺋﯜچ ﭘﺎرﭼﻪ ﺋﯩﺘﯘﺗﯩﻤﻨﻰ ۋە «ﻧﻪﻏﻪم ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻪﺧﺘﻨﯩﺴﺎ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﻮﻟﯘﻗلاﻧﻤﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﻣﻪرﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻏﺎﻟﯩﭗ ﺋﻪرﺷﯩﺪﯨﻦ، ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﻛﯧﺮەم، ﺟﯧﻠﯩﻞ ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻢ، ﻳﺎﺳﯩﻦ ﺗﯘرﺳﯘن ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪﻳﻠﻪن ﻧﯩﺠﺎت ﻧﯩﻴﺎزﻧﻰ ﺋﯘزﯨﺘﯩﺶ ﻳﯜزﯨﺴﯩﺪﯨﻦ «ۋﯨﺴﺎل» رﯦﺴﺘﯘراﻧﯩﺪا ﻛﻪﭼﻜﯩﭽﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘردۇق. ﺳﻮرۇﻧﺪا ﺟﯧﻠﯩﻞ ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻢ ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﮕﻪ «ﻣﻪﺷﺮەپ»ﻧﻰ رەﺗﻠﻪﺷﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﻪﺗﯩﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﯜﻛﺘﻪ ﺗﯧﻜﯩﺴﺖ ﺋﺎﭘﺘﻮرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﺑﯩﺮاق ﺑﯘ ﮔﻪپ ﺷﯘ ﺳﻮرۇﻧﺪﯨلا ﻗﺎﻟﺪى. ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ«ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي» ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ 2 - ﻗﺎﻧﯩﻠﯩﺪا ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪە ﺋﺎﭘﺘﻮرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﭼﯩﻘﻤﯩﺪى. ﺋﺎرﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜن ﺋﯚﺗﺘﻰ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﺑﯧﺮﯨﭗ:
- ﺋﺎﻛﺎ، «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي» ﻧﻰ ﻣﻪن ﻳﺎزﻏﺎن دەۋاﺗﺎﺗﺘﯩﯔ، ﺋﯩﺴﻤﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﺎﭘﺘﯩﻐﯘ، ﺑﯩﺰ ﻧﻮرۇزﻧﻰ ﺗﻮردﯨﻦ ﻛﯚرۈۋاﺗﯩﻤﯩﺰ دﯦﺪى. ﺑﯩﺮدەﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﻛﯧﺮەﻣﺪﯨﻨﻤﯘ تېلېفون ﻛﻪﻟﺪى، ﺋﯘﻣﯘ «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي»ﻏﺎ ﺋﯩﺴﻤﯩﻢ ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ، ﻣﻪن ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻧﯩﺠﺎت ﻧﯩﻴﺎزﻏﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، ﺋﯘ:
- ﺋﯩﺴﻤﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﺎي ﻗﺎﭘﺘﯘﻣﺎ؟ ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘ! ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﺎي ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤلاردا ﺗﻮﻟﯘﻗلاپ ﻗﻮﻳﺴﺎق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟، - دﯦﺪى. ﻣﻪن:
- ﺑﯘ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪە «ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ» ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰوردا ﺋﯜچ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘپ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﯘرﺳﺎ، ﺋﻪﻣﺪى ﺋﯩﺴﻤﯩﻤﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ زۆرۈرﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘن؟ - دﯦﺪﯨﻢ.
- ﻳﺎزﻣﯩﺴﺎق ﺑﻮلاﻣﺘﻰ - ﻳﺎ ؟ - دﯦﺪى ﻧﯩﺠﺎت ﻧﯩﻴﺎز...
ﻛﻪﭼﻘﯘرۇن ﻳﺎﺗﺎي دەپ ﺗﯘرﺳﺎم ﻏﺎﻟﯩﭗ ﺋﻪرﺷﯩﺪﯨﻨﺪﯨﻦ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻛﻪﻟﺪى، ﺋﯘ ﺷﺎﯕﺨﻪﻳﺪە ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻧﻮﻣﯘرﯨﺪﯨﻦ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﻜﻪن. ﻣﻪن ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﻏﺎﻟﯩﭙﻨﻰ «ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ»ﻧﻰ دەپ ﻛﯧﭽﻪ - ﻛﯜﻧﺪۈز ﺋﯩﺸﻠﯩﺪى، ﺗﯜزۈك ﺗﻪﺗﯩﻠﻤﯘ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪى، ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﺗﯜﮔﯩﺴﻪ ﺑﯩﺮەر ﻛﯜن ﮬﺎل - ﻣﯘڭ ﻗﯩﻠﯩﺸﺎرﻣﯩﺰ دەپ ﻳﯜرەﺗﺘﯩﻢ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘ ﺷﺎﯕﺨﻪﻳﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﯟاﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻧﺪۇق.
- ﻗﺎﭼﺎن ﺑﯧﺮﯨﯟاﻟﺪﯨﯖﯩﺰ؟
- ﺑﯜﮔﯜن ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪە ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ، - ﺋﯘ ﺷﯘﻧﺪاق دەﭘلا ﻗﺎﻳﻨﺎپ - ﻗﺎﻳﻨﺎپ ﺳﯚزﻟﻪپ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺷﯘ ﺳﯚزﻟﯩﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪت ﺳﯚزﻟﯩﺪى. «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي»ﻏﺎ ﺋﯩﺴﻤﯩﻢ ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﯩﻐﺎن ﺋﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻗﺎﻳﻨﯩﺪى. ﺋﯘ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎش ﻣﯘزﯨﻜﺎ ﻧﺎزارەﺗﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻣﻪﺷﺮەﭘﻜﻪ ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﻪﺟﺮى ﺳﯩﯖﮕﻪﻧﯩﺪى. ﺑﯩﺮاق، ﺑﻪزى ﺋﯩﺸلار ﺋﯩﭽﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜك، ﺋﻮﭼﯘق ﺳﯚزﻟﯜك ﺑﯘ ﺋﺎداﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯚرﺗﯩﯟەﺗﻜﻪﻧﯩﻜﻪن. ﻣﻪن ﻧﯩﺠﺎت ﻧﯩﻴﺎز ۋە ﻏﺎﻟﯩﭙلارﻧﯩﯔ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯜﻧﺌﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗمۇ ﻗﻮﻳﺪۇم ۋە ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ رەت ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﯕﻠﯜم ﻏﻪش ﺑﻮﻟﺪى. ﻛﯚﯕﻠﯜم ﺋﯩﺴﻤﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﯩلا ﻏﻪش ﺑﻮﻟﻤﯩﺪى، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﺋﯧﻘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺎن ﺑﯧﺸﯩﺪا ﺗﯘرۇپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻗﯩﺴﻤﻪن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ، ﺑﯩﻠﻪرﻣﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻤلاردﯨﻦ، دوﻛﺘﻮرلاردﯨﻦ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩلارﻧﻰ ﭼﻮڭ ﻛﯚرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪم ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﻧﺪاش ﺳﺎراﺳﯩﻤﯩﻠﯩﻚ ﺧﯩﻴﺎﻟلار ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﻨﻰ ﺑﻪﻛﺮەك ﻏﻪش ﻗﯩﻠﯩﯟەﺗﺘﻰ. ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻛﻪﭼﻘﯘرۇن ﻗﻮﻣﯘل ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت - ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪر ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘئاۋىن رەﺋﯩﺴﻰ ﺋﻪﮬﻪت ﺋﯩﺒﺮاﮬﯩﻢ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﻟﺪى، ﻛﻪﭼﻜﯩﭽﻪ ﻧﻮرۇز ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﭘﺎراﯕلاﺷﺘﯘق، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪزى ﺋﻪﮬﯟاللارﻧﻰ ﺋﯘﻗﯘپ ﻛﯚﯕﻠﯜم ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻏﻪﺷﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻮﻟﺪى، ﻛﯧﭽﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻘﯘﻣﻤﯘ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪى. ﺋﻪﮬﻪت ﻣﺎﯕﺎ ﻧﻮرۇز ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﯧﺰدﯨﻦ ﻣﺎﻗﺎلا ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﻠﯩﺪى. ﺋﺎرﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮن ﻛﯜﻧﺪەك ﺋﯚﺗﺘﻰ، ﺑﯘ ﺋﺎرﯨﺪا ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻧﻮرۇز ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠلاردﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪن «ﻣﻪﺷﺮەپ» ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮى ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻗﺎراش، ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪرﻧﻰ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺰارﻟﯩﻖ - ﻧﺎرازﯨﻠﯩﻘلارﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯩﺮﻧﯧﻤﻪ ﻳﺎزﻣﯩﺴﺎﻣلا ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ راﺳﺖ ﺋﯩﺸلاردﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﻗﻪﻟﻪم ﺗﻪۋرەﺗﺘﯩﻢ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩلا ﻛﯩﺸﻰ راﺳﺖ ﮔﻪﭘﻜﻪ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﻪﭘﺴﯩلاﺗﻘﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪۇ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪزﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﭘﻪردە ﺋﺎرﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﺳﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﻧﻮرۇز ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺪى، ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪت ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ «ﻣﻪﺷﺮەپ»ﻛﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ۋﯨلاﻳﻪت - ﺋﻮﺑلاﺳﺘلاردا ﻧﯚۋەت ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜزﻟﯩﺪﯨﻜﻪن دﯦﮕﻪن ﮔﻪپ ﺗﺎرﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا، ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﯘرادەرﻟﯩﺮﯨﻤﮕﻪ: «ﺑﯘ ﻗﻮﻣﯘل ﺋﯜﭼﯜن ﻳﺎخشى ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎت ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ، ﻣﯘﺷﯘ ﭘﯘرﺳﻪﺗﺘﻪ ﻗﻮﻣﯘﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺋﺎﻟﯩﻢ، دوﻛﺘﻮرلار، ﭘﯩﻮﻓﯧﺴﺴﻮرلار، ﻗﻮﻣﯘﻟﻨﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت - ﺳﻪﻧﺌﻪت، ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧلار، ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﭽﯩلار ﺋﻪزﯨﺰ ﻣﯧﮭﻤﺎن ﻗﺎﺗﺎرﯨﺪا ﻣﻪﺷﺮەﭘﻜﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺳﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻪك ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮلار ﺋﯩﺪى، ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮزﻏﺎﻳﺘﺘﻰ، ﻣﯘﺷﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎﯕلار»دﯦﺪﯨﻢ، ﺋﯘلار «ﺷﯘﻧﺪاق قىلماي ﺑﻮلاﻣﺪۇ، ﭼﻮﻗﯘم ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯘﻧﻰ رەﮬﺒﻪرﻟﯩﻜﻜﻪ دەﻳﻤﯩﺰ» دﯦﺪى. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ زﯨﻴﺎﻟﯩﻴلار ﻧﻮرۇزﻏﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺪى، ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﯩﺸلار ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘرﺗﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪﻳﻠﻪﻧلا ﻧﻮرۇزﻏﺎ ﻣﯧﮭﻤﺎن ﺑﻮلاﻟﯩﺪى. ﻧﻮرۇزﻏﺎ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜن ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺷﯩﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت - ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪر ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﻗﻮﻣﯘﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن داﯕﻠﯩﻖ زﯨﻴﺎﻟﯩﻲ ﻳﯜﺳﯜپ ﺋﯩﺴﮭﺎق ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﻚ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻗﯩﭙﺘﯩﻜﻪن، «ﻗﻮﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮرۇزﻏﺎ ﻛﯧﻠﻪرلا» دﯦﺴﻪم، «ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺧﻪۋەر ﻳﻮﻗﻘﯘ» دﯦﺪى، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﯜﻧﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘم. »ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ» ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰوردا ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﻮﻣﯘﻟﻠﯘق زﯨﻴﺎﻟﯩﻴلار ﻧﻮرۇزﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺳﯩﺮﺗلاردا ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن، ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻣﯘﻟﻠﯘق زﯨﻴﺎﻟﯩﻴلار، ﺋﺎﻟﯩﻢ - دوﻛﺘﻮرلار ﺳﻮرۇﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮلارﻛﻪﻧﺪۇق دﯦﻴﯩﺸﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯘ ﻗﯘلاﻗﺘﯩﻦ ﻗﯘلاﻗﻘﺎ ﻳﻪﺗﺘﻰ. ﻳﯘرت ﻛﺎﺗﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪۋەﺑﻨﯩﯔ ﺋﯘلارﻧﻰ لاﻳﯩﻘﯩﺪا ﻛﯜﺗﻤﯩﺴﻪ، ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرﻣﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﺪۇق. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺋﯘلار ﻛﻪﻟﺴﯘن - ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﯘن ﻳﯘرت ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰزەﺗﻠﻪپ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك ﺋﯩﺪى، ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﻪ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ. ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺗﻪﻗﺪﯨﺮدﯨﻤﯘ ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮﭼﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪرﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﯩﻤﯘ ﺑﻮلاﺗﺘﻰ، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯘلار ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﺧﺎﺗﺎ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜرﻣﻪس ﺋﯩﺪﯨﻐﯘ.

                               «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي»دﯨﻦ ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ ﺋﯩﺸلار

ﻗﻮﻣﯘل ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺟﯧﻠﯩﻞ ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇﻗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 2011 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﻮرۇز ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﺎرﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎزدﯨﻢ. ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜن ﻛﺎﻟلاﻣﺪا ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرۇپ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﭘﯩﺸﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﻪﻟﻪم ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ، ﺋﯚﻣﻪﻛﺘﯩﻜﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮى ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯜزﯨﺘﯩﭙﻤﯘ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ. ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪە ۋاي دﯦﮕﯜدەك ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯚزۈﻣﭽﻪ ﺑﻪزى ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘلارﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘپ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ رﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﺴﯩﺰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎزﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﺋﺎرﯨلاﺷﻤﯩﺪﯨﻢ، ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﻣﯧﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﻣﯩﺪى. ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ 2011 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﻮرۇزﻟﯘق ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻤﯘ «ﺋﺎﺗﺎم ﺋﯧﻴﺘﻘﺎن ﺑﺎﻳﯩﻘﻰ» دﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪك ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﯩﺪى. ﺋﯚﻣﻪﻛﺘﯩﻜﯩﻠﻪر ﻧﻮرۇزدﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ 2011 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯘرﺑﺎن ﮬﯧﻴﺘﻠﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪى، ﺋﯚﻣﻪﻛﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ زاﻛﯩﺮ روزى ﻣﺎﯕﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﺶ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى دەپ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ، ﻣﻪن ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﺎردﯨﻢ. ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪاق دﯦﺪى:
- ﻗﯘرﺑﺎن ﮬﯧﻴﺘﻠﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺟﯩﺪدى ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﯩﻤﯩﺰ، ﻧﻮﻣﯘرلار ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى، ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﻪﻟﯩﻤﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ دﯦﻴﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﺎرﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﯧﺮەﻣﺪﯨﻜﯩﻦ دەپ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﺘﯘق، ۋاﻗﯩﺖ ﻗﯩﺲ، ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯧﺰراق ﭘﯜﺗﻜﯜزۈپ ﺑﻪرﮔﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩلا ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪۋﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪردﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮاق ﭼﯩﻘﺎرﻣﯩﺴﺎق ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﺋﺎﻣﺎل ﺑﺎر ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﻮﻟﺴﯘن، رﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﻪر ﺳﻪﮬﻨﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭙلا ﻧﻮﻣﯘرلارﻧﻰ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯘزۇۋﯦﺘﻪﻳﻠﻰ، ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻚ رﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﺴﯩﺰ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮلاﺗﺘﻰ. ﻣﯘﺷﯘ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ.
ﻧﯧﻤﻪ دەﻳﻤﻪن، ﻗﻮﻣﯘل ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﻗﻮﻣﯘﻟﻨﯩﯔ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻪﮬﻨﻪ ۋاﺳﯩﺘﯩﺴﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﻐﺎ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮرۇن ﺗﯘرﺳﺎ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎش ﺗﺎرﺗﺴﺎق ﻳﯘرت ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻳﯜز ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪۇ، ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻪرﺳﻪم ﺑﯧﺮەي، ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ، ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺑﯩﺮەر ﻛﯜن ۋاﻗﺘﯩﻢ ﻛﯧﺘﻪر، زﯦﮭﻨﯩﻢ ﺑﯩﺮﺋﺎز ﺧﻮراپ ﻗﺎلار، ﺷﯘ. ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ زاﻛﯩﺮ ﺋﺎﻛﺎم دﯦﮕﻪن ﻗﻪرەﻟﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇن ﺳﯩﻨﺎرﯨﻴﻪﻧﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜزۈپ ﺑﻪردﯨﻢ. ﺋﺎرﯨﺪا ﺑﯩﺮ - ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪى، ﻳﯩﻐﯩﻨﺪا ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎرﺗﻜﻮم ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎت ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻏﯘﻧﭽﻪم ﺳﻪدۇﻟلا، ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت - ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ زۇﻧﯘن ﺳﺎﻳﯩﺖ ۋە ﺋﯚﻣﻪك ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺟﯧﻠﯩﻞ ﺋﻮﺳﻤﺎن ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﻧﺎﮬﻴﯩﺘﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪرﻧﻰ ﺑﻪردى. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﭘﺘﻮر ﺑﻮﻟﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن «ﻗﯘرﺑﺎن ﮬﯧﻴﺖ ﻗﯘرﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﯧﻴﺖ، ﺳﺎﯕﺰا روزا ﮬﯧﻴﺘﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟوﻟﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮔﯚش ﻗﯘرﺑﺎن ﮬﯧﻴﺘﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﻮۋوﻟﻰ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﭽﯩلار ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺳﺎﯕﺰا ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎن ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﺘﻪ ﺳﺎﯕﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻠﯩﻚ «ﮔﯚش» ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮔﯚﺷﻨﯩﻤﯘ ﺳﺎﯕﺰﯨﻨﻰ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻧﺪەك ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﻳﺎﺳﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﯘ، ﺑﯩﺰدە ﺑﻪزﯨﺒﯩﺮ ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﺑﯩﺮﺗﻪرەﭘﻠﯩﻤﻪ، ﻳﯜزە ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺧﺎﮬﯩﺶ ﺑﺎر، ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﮬﺎﻟلاردا ﻛﯚﭼﯩﻨﻰ ﻧﻮرۇز ﺋﯧﺸﻰ دەۋاﻟﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﻪﮬﯟاﻟلار ﺋﻪﻣﺪى ﺗﻪﻛﺮارلاﻧﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮلاﺗﺘﻰ، ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯘرﺑﺎن ﮬﯧﻴﺘﻠﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﻪت  ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ، ﺳﺎﯕﺰﯨﻨﻰ ﮔﯚﺷﻜﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرﻏﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق» دﯦﮕﻪن ﭘﯩﻜﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ، ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﻪك ﭘﯩﻜﺮﯨﻢ ئېتىبارغا ئېلىنمىدى. ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺑﯘ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻤﯘ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷلا ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﻪﮬﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻤﯩﮕﻪن ﺋﯩﺘﻮﺗﻤﯘ ﺳﻪﮬﻨﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﺪى،  ﺑﯘ ﺋﯩﺘﻮت ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﻳﺎرﯨﻤﯩﺪى، ﺑﯘ ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﻧﯧﻤﻪ دﯦﮕﯜﻟﯜك؟
2010 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﻮرۇز ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪا ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﯜپ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮزﻏﯩﺪى. ﺑﯘ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰوردا ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﺎﯕﺨﻪي ﻣﯘزﯨﻜﺎ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن ﺑﯘرادﯨﺮﯨﻢ ﻏﺎﻟﯩﭗ ﺋﻪرﺷﯩﺪﯨﻨﺪﯨﻦ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻛﻪﻟﺪى.
«ﻳﯧﻘﯩﻨﺪا، ﺋﻪﻛﺒﻪر ﻏﻮلام ﺷﺎﯕﺨﻪﻳﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪى، ﻛﯧﻠﻪر ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﻮرۇزﻧﻰ ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﺷﻨﻰ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﻠﻪﺷﺘﯘق، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻧﻮرۇز ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ۋﯨلاﻳﻪت - ﺋﻮﺑلاﺳﺘلار ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺴﺎ، ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪا ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪا ﭼﻮڭ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻧﻮرۇز ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﺴﻪ دﯦﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﻠﻪﺷﺘﯘق، ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪت ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﻪﻛﺒﻪر ﻏﻮلام ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪت - ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩلاردﯨﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮرۇﻧلاردﯨﻦ ﮬﻪل ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺪى. ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪا ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﮕﻪن ﻧﻮرۇز ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﻪﻛﺒﻪر ﻏﻮلام ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ - ﺋﺎﺧﯩﺮ ﭘﯩلاﻧلاپ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪن. ﺋﯘ ﻗﻮﻣﯘﻟﻠﯘق ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪا ﻧﯚۋەت ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ئۆتكۈزۈﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻧﻮرۇز ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻣﯘﻟﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪى. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن ﺳﯩﺰ ﮬﺎزﯨﺮدﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﻧﻮرۇز ﺳﯩﻨﺎرﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎزﻏﺎچ ﺗﯘرۇڭ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﯩﻤﯘ ﻳﯧﺰﯨﯔ، ﻣﯘزﯨﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﻟﺪۇرراق ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪچ ﺗﯘراي. ﮬﺎزﯨﺮﭼﻪ ‹ﻧﻮرۇز ﮔﯜﻟﻰ › دەپ ﺗﯧﻜﯩﺴﺖ ﻳﯧﺰﯨﯔ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﺎﺋﺎدەت ﮬﺎدﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎۋازﯨﻐﺎ ﻣﺎس ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﮬﺎڭ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﻤﻪن، ﻳﻪﻧﻪ ﺧﻪدﯨﺴﮕﯜلگە ﺋﺎﺗﺎﭘﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻳﯧﺰﯨﯔ، ﺧﻪدﯨﺴﮕﯜﻟﻤﯘ ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﺠﺎدﯨﻲ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﺎﻗﺴﯘن...» دﯦﺪى. ﻏﺎﻟﯩﭙﻨﯩﯔ ﺗﻪۋﺳﯩﻴﻪﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ «ﻧﻮرۇز ﮔﯜﻟﻰ»، «ﺑﺎﻏﺪاش ﻗﯩﺰﯨﻤﻪن»، «ﭼﯧﻐﯩﺮﺗﻤﺎق ﮔﯜل» دﯦﮕﻪن ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﯧﻜﯩﺴﺖ ﻳﺎزدﯨﻢ ۋە ﻏﺎﻟﯩﭙﻘﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﺪا ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﻪردﯨﻢ، ﺋﯘ ﺗﯧﻜﯩﺴﻠﻪرﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﯟاﻟﺪى. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪردە تېلېفون ﺑﯧﺮﯨﭗ«ﻧﻮرۇز ﮔﯜﻟﻰ» ﮔﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪن ﺋﺎﮬﺎﯕﻨﻰ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﯘپ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪردى. ﺑﯘ ﻧﺎﺧﺸﺎ 2011 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﻮرۇز ﺳﻪﻧﺌﻪت كېچىلىكىگە ﺋﯜﻟﮕﯜرﮔﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻧﻮﻣﯘرلار ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺳﻪﮬﻨﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺪى، ﻏﺎﻟﯩﭙﻤﯘ ﻗﻮﻣﯘﻟﻨﯩﯔ 2011 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﻮرۇز ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﻪك ﺋﺎرﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﺪى. ﺑﯘ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ «ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ»دە ﺳﻪﮬﻨﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﺪى.
ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە 2012 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﻮرۇز ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﺑﺎﺷلاﻧﻤﺎﻗﭽﻰ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﻛﺒﻪر ﻏﻮلام ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ - ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﺎرﯨلاﺷﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺑﯩﺮاق ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜرﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﭼﺎﺗﺎق ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪا ﺋﻮﭘﯧﺮاﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪى ۋە ﺋﯘزاﻗﻘﯩﭽﻪ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﺴﺘﺘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى. ﺷﯘ ﺳﻪۋەﺑﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻘﻰ ﻧﻮرۇز ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﮕﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻪزى ﺋﯩﺸلار ﺗﺎزا ﺧﻪﻳﺮﯨﻠﯩﻚ، ﺧﺎﻟﯩﺲ ﺑﻮﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﺪى. ﺋﻪﻛﺒﻪر ﻏﻮلام ﺳﺎﻗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻘﻰ ﻧﻮرۇز ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮاق ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻤﯩﺪﯨﻜﯩﻦ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ۋﯨلاﻳﻪﺗﻜﻪ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﭼﯜﺷﻤﯩﮕﻪن ﺑﻮلاﺗﺘﯩﻤﯩﻜﯩﻦ دەﻳﻤﻪن. ﻗﻮﻣﯘل ۋﯨلاﻳﯩﺘﻰ ۋە ﻗﻮﻣﯘل ﺷﻪﮬﯩﺮى ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻧﻮرۇز ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻲ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯜﻛﺴﻪك ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﺪى، 1 ﻣﯩﻠﻴﻮن 200 ﻣﯩﯔ ﻳﯜەﻧﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺧﯩﺮاﺟﻪت ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻨلا ۋﯨلاﻳﻪت رەﮬﺒﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈۋاﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.

                                     ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻢ


1) ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﻤﯘ «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي»ﻧﯩﯔ ﻣﻪن ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎن ﭘﯧﺘﻰ ﺳﻪﮬﻨﯩﻠﻪﺷﺘﯜرۈﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﭘﯘﭼﻪﻛﻠﻪﺷﺘﯜرۈﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇپ ﺳﻪﮬﻨﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯚﻛﺘﻪ ﻗﻮﭘﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﻪن؟ ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯚزۈﻣﭽﻪ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺋﯘﺳﻠﯘﭘﺘﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎن ﮬﻪم ﻣﻪﻟﯘم ﻣﻪﻗﺴﻪت ﻧﯩﺸﺎﻧلاﻧﻐﺎن ﺧﯧﻠﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪل ﺳﻪﮬﻨﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮى ﺋﯩﺪﯨﻐﯘ! ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻛﯚﯕﯜﻟﭽﻪﻛﻠﯩﻚ، راﻳﯩﺸﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻤﻪن، ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﻰ دﯦﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺑﻪك ﻳﯘﻗﯩﺮى، ﺑﯩﻠﻪرﻣﻪن ﭼﺎﻏلاﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇپ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘلارﻧﯩﯔ راﻳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮن ﻗﯧﺘﯩﻤلاپ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻤﻪن؟ ﻣﯩﺴﺮالارﻧﯩﯔ ﺋﯘزۇن - ﻗﯩﺴﻘﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﺴﻪﻣﻐﯘ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯩﺪى، ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ دﯦﮕﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪزﻣﯘﻧﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻤﻪن؟ «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي» ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﮬﻪﺟﯟﯨﻲ، ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺪا ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﺋﯩﺒﺮەت، ﻧﻪﺳﯩﮭﻪت ﺗﯜﺳﯩﺪە ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻨﻪﺗﺘﻰ، ﺷﯘﻧﺪاق ﺗﯘرۇﻗﻠﯘق ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﻪ دەپ ﺋﯚزۈﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻣﻐﺎن ﺑﯘ «ﭘﯘﺷﺘﯘم»ﻏﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ راﻳﻰ، ﺑﯘﻳﺮۇﻗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ «ﺗﯩﻎ» ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﻪن؟
2) 2005- ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻳﺪا، ﻗﻮﻣﯘل ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻚ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت - ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﻰ، راﮬﻪﺗﺒﺎغ ﻳﯧﺰﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻪﻣﻜﺎرﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎراﺗﺎل ﻛﻪﻧﺘﯩﺪە ﻧﻮرۇز ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزدى، ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﭘﯧﻘﯩﺮﻧﯩﯔ 20 ﻛﯜﻧﻠﯜك ﺋﻪﺟﯩﺮ - ﻣﯧﮭﻨﯩﺘﻰ، زﯦﮭﻨﯩﻲ ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ ﺳﯩﯖﮕﻪﻧﯩﺪى. «ﺋﺎرﻣﺎن» ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ۋاﻛﺎﻟﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﮬﯩﻤﯩﺖ ﺗﺎﮬﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎلاي ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯚرۈﺷﯜپ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎدەم ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎن، ﺋﯘلار ﺗﻪﻳﻴﺎرلاپ ﺑﻪرﮔﻪن ﺳﻮۋﻏﺎﺗلارﻧﻰ ۋﯨلاﻳﯩﺘﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪۋلاد ﺋﺎرﺧﯩﺌﻮﻟﻮگ، ﺗﺎرﯨﺦ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎن ﺗﯚﻣﯜر ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى(ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﻳﺪا ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺘﻰ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﯘﻗﯘﺷﯘپ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ)، ﭘﯧﺸﻘﻪدەم ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﭽﻰ ﺋﺎﺑلا ﺳﯧﻴﯩﺖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻮﻧﺪەك ﭘﯧﺸﻘﻪدەﻣﮕﻪ ﮬﯜرﻣﻪت - ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎر ﻳﯜزﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪرﮔﻪﻧﯩﺪۇق، ﺑﯘ ﻳﯜﮔﯜر - ﻳﯩﺘﯩﻢ ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﺗﻮلا ﭼﺎﭘﻘﺎن، ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎلاﻗﯩلاﺷﻘﺎن ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ «ﻛﯚﻛﻠﻪم ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ» دﯦﮕﻪن ﻣﺎۋزۇدا ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺳﯩﻨﺎرﯨﻴﻪ ﻳﺎزﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ، ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎراﺗﺎل ﻛﻪﻧﺖ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎلاﻗﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪا ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ رول ﺋﻮﻳﻨﺎپ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ، ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﺨﻰ ۋﯦﻠﯩﺴﯩﭙﯩﺖ ﻣﺎﮬﺎرەﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎراﺗﺎﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. 20 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﻠﯜك ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻖ ﻣﻪزﮔﯩﻠﯩﺪە ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﻮم ﺑﯩﺮدەﻣﻤﯘ ﺋﺎرام ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪى، ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯩﺰﮔﻪ «ﺟﺎﭘﺎ ﮬﻪﻗﻘﻰ» ﺑﻪرﻣﯩﺪى، ﺋﯚزۈم ﻗﺎراﺗﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﯩﻤﯩﻜﯩﻦ، ﻗﺎراتاﻟﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮرۇز ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮاق ﺑﻮﻟﺴﯘن دەپ ﻛﯧﭽﻪ - ﻛﯜﻧﺪۈزﻟﻪپ ﮬﻪرەج ﺗﺎرﺗﻘﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻪﭘﺴﯘس، ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت - ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﻰ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرۇپ ﻗﻮﻳﻐﺎن «ﺧﯩﻨﺎ ﻳﯩﻐﻘﯘﭼﻰ» ﻳﯩﻐﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪت ﺋﺎﺧﯩﺮلاﺷﻤﺎﻳلا ﻗﯘﻳﺮۇﻗﯩﻨﻰ ﺧﺎدا ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﯩﯟەﺗﺘﻰ، ﻗﺎراﺗﺎل ﻛﻪﻧﺘﻰ ﻳﯧﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرۇﺷﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ «ﺧﯩﻨﺎ ﻳﯩﻐﻘﯘﭼﻰ» ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرﻏﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘلار ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﻏﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﯩﭗ «ﺗﺎلا ﻣﯜﺷﯜﻛﻰ ﺋﯚي ﻣﯜﺷﯜﻛﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏلاﭘﺘﯘ» دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺋﯩﻨﺴﺎﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻖ، ﮬﻪددﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎن ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ ﻛﯚرۈﻟﺪى، ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯘ ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﺋﯘﻗﻤﺎي ﻗﺎﻟﻐﺎن، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘلار ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﯩلا ﺋﻮﻳلاپ ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﯜﺷﻨﻰ ﻧﻪزەردﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪى دﯦﻤﻪﻣﺴﯩﺰ؟ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﺎن - ﺷﻪرﯨﭙﻰ ۋە ﮬﺎلاۋﯨﺘﯩﮕﻪ دۈم ﭼﯜﺷﻜﻪن ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪﻳﻠﻪن «ﺧﯩﻨﺎ»ﻧﻰ ﭘﻮﻛﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﻮﺳﯘرۇپ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪت ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن بىر سەنئەتچىنى ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﺋﻮرۇﻧلاشتۇرۇﺷﻨﻰ ﺑﺎﮬﺎﺑﻪ ﻗﯩﻠﯩﭙلا ﺋﻮﻏﺮى ﻣﯜﺷﯜﻛﺘﻪك ﻧﻪق ﻣﻪﻳﺪاﻧﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن. ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﺎ نېمىگە ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﯩﺴﻪن دەۋاﺗﻘﺎﻧﺴﯩﺰ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﯩﻤﻪن، ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﯩﻤﻪن، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪن ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺑﯩﺮەر روﻣﺎن ﻳﺎزﻏﯘدەك زﯦﮭﻨﯩﻤﻨﻰ ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ، ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاﺷﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﭼﺎلا ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻢ ﺗﻮلا ﺑﻮﻟﺪى، ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاﺷﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﺎﺟﯩﺘﯩﻨﻰ راۋا ﻗﯩلاﻟﻤﯩﺪﯨﻢ، ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﯘﻣﻨﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﻨﻰ 20 ﻛﯜﻧﺪە ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ «ﺧﯩﺮاﺟﻪت» ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪۇم، ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﮬﻪﻗﻘﻰ، ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﺎﻣﺎق ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﻣﻪﻟﯘم ﺳﻮﻣﻤﯩﺪا ﭘﯘل ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺷﺎﻣﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯘارپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﭘﯘل ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﺘﻪ ﺑﯧﺨﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻣﻪن ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻢ دﯦﻴﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﭘﯧﺸﻘﻪدەم ﺗﯚﮬﭙﯩﻜﺎرلارﻏﺎ ﮬﯜرﻣﻪت ﺑﯩﻠﺪۈرۈش ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻤﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪا ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﯟاﻟﺪﯨﻢ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯘﯕﺮە ﺗﺎﻛﻰ 2011 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﻮرۇزﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﻪ ﺑﯘﻧﺪاق ﺗﯘﺗﺮۇﻗﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﺎرﯨلاﺷﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻪﭘﺴﯘس، ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ يەنى، 2005- ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘرﻧﯘﻣﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن «ﺳﯘ» ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﭼﯧﻐﻰ، ﻧﻮرۇزﻟﯘق ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﺎرﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻣﺎﻗﯘل ﺑﻮﭘﺘﯩﻤﻪن ﮬﻪم ﻗﺎﻧﺪاق ﻳﺎز دﯦﺴﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯩﻤﻪن، ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯚزﮔﻪرت دﯦﺴﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﭙﺘﯩﻤﻪن. ﺋﯚزۈﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻗﺎرﯨﺸﯩﻤﻨﻰ، ﻧﯧﻤﻪ ﺋﻮﻳلاپ ﮬﻪم ﻗﺎﻧﺪاق ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﻨﻰ ﺑﻮﻳلاپ ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ دﯦﻤﻪﭘﺘﯩﻤﻪن. ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟال ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯘرﺑﺎن ﮬﯧﻴﺘﻠﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻛﯧﭽﻠﯩﻜﯩﺪە ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﻛﺮارلاﻧﺪى. ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﺎرﯨﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﻗﻪﻟﻪم ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ﺗﺎﻛﻰ ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﻮرۇزﻏﯩﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇپ ﻳﻪﻧﻪ، ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﻮرۇزدﯨﻜﻰ ﭘﯘﭼﻪﻛﻠﻪﺷﺘﯜرۈﻟﮕﻪن ﮬﻪم ﺋﯩﺴﻤﯩﻢ ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﯩﻐﺎن «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي» ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺑﺎش ﻗﺎﺗﯘرۇﭘﺘﯩﻤﻪن.
3) ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮن ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﮕﻪن ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﯩﺪە 50 دەك ﻏﯩﺮﺟﻪﻛﭽﻰ ﺳﻪﮬﻨﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻧﻮﻣﯘر ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﻛﯚرۈﻧﯜش ﺑﺎر. ﻛﯘﭼﺎردا ﺋﯚﺗﻜﯜزۈلگەن ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﺎﻳﺎل دۇﺗﺎر ﺗﯘﺗﯘپ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪۇ، ﺑﯘ ﻛﯚرۈﻧﯜش ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ، ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﻮﻣﯘﻟﻨﯩﯔ ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﯘﻧﺪاق ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ، ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻛﯚرۈﻧﯜش ﻗﺎﻳﺘﯩلاﻧﺪى. ﺷﯘﻏﯩﻨﯩﺴﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚپ ﻏﯩﺮﺟﻪﻛﭽﯩﻠﻪر ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺧﯘﻧﺒﻪﮔﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻏﯩﺮﺟﻪك ﭼﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﻳﯜﻛﺴﻪك ﻣﺎﮬﺎرەت ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺋﻪﻣﺎ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﻰ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮن دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ داﺳﺘﺎن ۋارﯨﺴﻰ، ﻗﻮﻣﯘل ﻏﯩﺮﺟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪڭ ۋاﻳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜزۈپ ﭼﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻐﺎ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻗﺎدﯨﺮ، ﻛﯚﭘﻜﻪ ﻣﺎﮬﯩﺮ، ﻛﯚﭘﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻳﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ، «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»(ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ)، «ﻣﯩﺮاس» ژۇرﻧﯩﻠﻰ، «ﻗﻮﻣﯘل ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ» ژۇرﻧﯩﻠﻰ، «ﻗﻮﻣﯘل ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻮرۇﻧلاردا ﮬﻪر ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﮬﻪم ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮرﺗﺎق ﺋﯧﺘﯩﺮاﭘﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن ﺋﯩﺒﺮاﮬﯩﻢ ﻳﺎﻗﯘپ (ﮔﺎڭ) نى ﻛﯚرەﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺰزەت - ﺋﯧﻜﺮاﻣﯩﻐﺎ ۋە ﮬﯧﺴﺪاﺷﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن، دۆﻟﻪت دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ داﺳﺘﺎن ۋارﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘش ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺗﯘرﻏﺎن ﺋﯩﺒﺮاﮬﯩﻢ ﮔﺎڭ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻗﻮﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﻏﯩﺮﺟﻪﻛﭽﯩﻠﻪر ﻗﺎﺗﺎرﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﯩﺪى؟ ﺋﻮن ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﭘﯧﺸﻘﻪدەم ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﻰ ﺋﯚﻣﻪر ﻗﺎرى ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﯘﻗﺎم ﺋﻮرۇﻧﺪاپ ﻗﻮﻣﯘل ﻣﯘﻗﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﻜﻪﻧﯩﻜﻪن. ﻗﻮﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪزى ﺳﻪﻧﺌﻪت ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﺮى ﺋﯩﺒﺮاﮬﯩﻢ ﮔﺎﯕﺪەك ﻣﯧﻴﯩﭗ - ﻣﻪﺟﺮۇﮬلارﻧﻰ ﺳﻪﮬﻨﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﯟەرﺳﻪك، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯘرﺗلاردﯨﻜﯩﻠﻪر ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﻢ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﻰ ﻳﻮﻗﻤﯩﺪۇ دەپ ﻗﺎﻟﻤﺎﻣﺪۇ دﯦﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەﭘﻠﯩﻤﻪ ﻗﺎراش ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺮاﮬﯩﻢ ﮔﺎڭ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﺳﻪﮬﻨﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﮬﻪدەپ ﭼﻪﻛﻠﻪپ ﻛﻪﻟﺪى. ﺋﻪﭘﺴﯘس، ﺋﯩﺒﺮاﮬﯩﻢ ﮔﺎڭ 50 ﻏﯩﺮﺟﻪﻛﭽﻰ ﻗﺎﺗﺎرﯨﺪا ﺳﻪﮬﻨﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺎﻟﯩﻘﻰ ﭼﯧﻨﯩﭗ ﻗﺎلارﻣﯩﺪى؟ چېنىپ ﻗﺎﻟﺴﯩﻤﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﭘﺘﯘ؟ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﭘﺴﯘس، ﻗﻮﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎن ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﻰ، ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺋﺎدﯨﻠﺠﺎن ﺑﻪﻛﺮﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻧﻮرۇزﻧﯩﯔ «ﻣﯘرﺟﯘﻗﻰ»ﻏﯩﻤﯘ ﻳﺎﻧﺪاﺷﺘﯘرۇﻟﻤﯩﺪى، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﻪﻧلا ﺋﻪﻣﻪس ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎدﯨﻠﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﺎرﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻧﯘرﻏﯘن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻣﯘ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳلاﻧﺪى.
4) ﺳﯘدﯨﻴﻪﺋﺎي ﻣﺎﺧﻤﯘﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﯘل ﻣﯘﻗﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﻪرﻛﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯚۋەن ﺋﺎۋازدا ۋاﻳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜزۈپ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﯩﺪە ﻛﯚرۈﻧﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﻨﻰ ﻏﻪش ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﭘﺴﯘس ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى. ﺋﯘ ﺋﯚزى ﻗﻮﻣﯘﻟﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻧﻤﯩﺪۇ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻧﻤﯩﺪۇ؟ ﻧﯘرﻏﯘن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳلاﻧﺪى - ﻳﯘ، ﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪي ﮔﺎﯕﮕﯩﺮاپ ﻗﺎﻟﺪى.
5) ﺋﯩﺰزەت ﺋﯩﻠﻴﺎﺳﻨﯩﯔ ﺑﻮۋﯨﺴﻰ ﻗﻮﻣﯘﻟﻠﯘﻗﻜﻪن، ﺋﯩﺰزەﺗﺨﯧﻨﯩﻤﻤﯘ ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﯩﮕﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪن دەپ ﺋﺎﯕﻠﯩﯟﯨﺪۇق، ﺋﻪﭘﺴﯘس ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﻛﯚرەﻟﻤﯩﺪۇق.
6) ﻧﻮرۇزدا دارۋازلار ﻗﻮﻣﯘﻟﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ دار ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﯩﺪەك دﯦﮕﻪن ﮔﻪپ ﺗﺎرﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪى. دارۋازلارﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ ﭼﯩﻘﺴﺎ، ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﺎدەم ﺋﺎدﯨﻞ ﮬﻮﺷﯘرﻧﯩلا ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرﯨﺪۇ. ﻧﯘرﻏﯘن ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎدﯨﻞ ﮬﻮﺷﯘرﻧﻰ ﻛﯚرﯨﻤﯩﺰﻏﯘ دەپ ﻣﯘﻗﺎم ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪى - ﻳﯘ، ﺋﺎدﯨﻞ ﮬﻮﺷﯘرﻧﻰ ﻛﯚرەﻟﻤﯩﺪى، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎن ﻗﯩﻠﻤﯩﺪى، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘلار ﺋﺎدﯨﻞ ﮬﻮﺷﯘرﻧﻰ ﻛﯚرەﻟﻤﯩﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻛﯚردى. ﺋﺎدﯨﻞ ﮬﻮﺷﯘر ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯘرۇﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ۋەﻛﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪردە ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪا ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﻪﭘﺴﯘس، ﺑﻪزﯨﻠﻪر ﺋﺎدﯨﻞ ﮬﻮﺷﯘر ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﻳﯜرەﻛﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﯟەردى. ﺋﻪﭘﺴﯘس، ﻗﻮﻣﯘﻟﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎت ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪا ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺧﻪۋەر ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﺪى ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮەر ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﺧﺒﺎرات ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﯩﺪى. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﮬﯧﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪا ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﺧﺒﺎرات ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻤﻪن ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺷﻜﺎرﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك ﺋﯩﺪى.
7) ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪق ﻣﻪﻳﺪاﻧﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺗﻪرﺗﯩﭙﻠﯩﻚ، ﮬﻪﻳﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪى، ﺳﯜرەﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯜﻟﮕﯜرگىلىمۇ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎخشى ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻠﻪر ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻧﯩﺪى، ﻣﯘﻗﺎم ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ نۇرغۇن ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻦ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺋﻪﭘﺴﯘس، ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰور ﺋﯧﻜﺮاﻧﯩﺪا ﺑﯘ ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻠﻪر ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯚرۈنمىدى، ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨلارﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯜﮔﻰ ﮔﻪۋدﯨﻠﻪﻧﻤﯩﺪى. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﯘزۇن ﺋﺎﭘﺎراﺗﺘﯩﻦ ﻛﺎﺷﯩلا ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﺋﻮﭘﯧﺮاﺗﻮرﻧﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪاﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪا ﻗﯘرۇق ﻗﻮل لاﻏﺎﻳلاپ ﻳﯜرﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، رﯨﮋﯨﺴﺴﻮرﻧﯩﯔ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ۋارﻗﯩﺮﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳلاﻧﺪۇرﯨﺪۇ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮى، ﻗﻮﻣﯘل ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﺳﺎرﯨﻴﯩﺪا ﻛﯚرۈﻧﯜش ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨلارﻣﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚپ ﺋﯩﺪى، ﺷﯘﻏﯩﻨﯩﺴﻰ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰور ﺋﯧﻜﺮاﻧﯩﺪا ﻳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨلار ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻛﯚرۈﻧﻤﯩﺪى.
8) ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻣﻪﺷﺮەﭘﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﺎرﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺳﻪﻣﻪت ﺋﺎﺑﺪۇراﺧﻤﺎن ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﺸﻪپ - ﺋﯩﺪﯨﺘلاپ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﯩﺪى، ﺳﯩﻨﺎرﯨﻴﻪﻧﻰ ﻛﯧﺮەم ﺋﯩﺴﮭﺎق ﺧﻪﻧﺰۇﭼﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘق ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺋﻪﭘﺴﯘس، ﻳﻪﺗﺘﻪ رﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﻰ ﺳﯩﻨﺎرﯨﻴﻪدﯨﻜﻰ ﺑﻪزى ﺟﯜﻣﻠﯩﻠﻪرﻧﻰ ﭼﺎلا - ﻳﺎﻣﭽﯘق دەپ ﺳﺎﻟﺪى، «ﻣﻪﺷﺮەپ» ﺳﯩﻨﺎرﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﺴﻰ، ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪن ﻟﯩﻨﯩﻴﻪدە ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ، ﺗﻪرﺗﯩﭙﻠﯩﻚ داۋاﻣلاﺷﻤﯩﺪى، رﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﻪر رﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﺎزا ﻗﺎﻣلاﺷﺘﯘراﻟﻤﯩﺪى. ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﭼﻪ، ﺧﯧﻠﻰ داﯕﻠﯩﻖ رﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﻪر، ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎرلار ﻗﻮﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮرۇزﻏﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻧﺪۇق، ﺧﯩﺮاﺟﻪﺗﻤﯘ ﺷﯘ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﻮﻟلاﻧﻐﺎﻧﯩﻜﻪن. ﺋﻪﭘﺴﯘس، «ﺋﯘﻟﯘغ»لاردﯨﻦ ﺋﺎدﯨﻞ ﻣﯩﺠﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪي ﻗﺎﭘﺘﯘ.
9) ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ «ﻣﻪﺷﺮەپ» ﻗﻮﻣﯘل ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻣﯘرﯨﻲ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق رادﯨﻴﻮ - ﻛﯩﻨﻮ - ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻜﺎرﻟﯩﻘﯩﺪا ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﺪى. ﻗﻮﻣﯘل ﺗﻪرەپ ﻣﻪﺷﺮەﭘﻜﻪ 1 ﻣﯩﻠﻴﻮن 200 ﻣﯩﯔ ﻳﯜەﻧﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺧﯩﺮاﺟﻪت ﺋﺎﺟﺮاﺗﺘﻰ. ۋﯨلاﻳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ رەﮬﺒﻪرﻟﻪر ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎرﯨﺪا ﻣﻪﺷﺮەﭘﻨﻰ ﻛﯚردى. ﺋﻪﭘﺴﯘس، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق رادﯨﻴﻮ - ﻛﯩﻨﻮ - ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮەر ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺗﯘرﻣﺎق، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯦﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮەر ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﻧﻪق ﻣﻪﻳﺪاﻧﺪا ﻛﯚرۈﻧﻤﯩﺪى. رﯨﮋﯨﺴﺴﻮر ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق رادﯨﻴﻮ - ﻛﯩﻨﻮ - ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﮕﻪ ۋاﻛﺎﻟﯩﺘﻪن ۋﯨلاﻳﻪت رەﮬﺒﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻣﻪﺷﺮەﭘﻨﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ رەﮬﻤﻪت - ﺋﻪﺷﻘﺎﻟلا ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﺋﻮﻳلاپ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ، ﺑﯩﺮ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺧﺎدﯨﻢ، ﻳﻪﻧﻰ رﯨﮋﯨﺴﺴﻮر ﻧﺎزارەت دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩلالاﻣﺪۇ؟
10 ) ﻗﻮﻣﯘل ۋﯨلاﻳﯩﺘﻰ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻣﻪﺷﺮەﭘﻜﻪ ﻣﻪرداﻧﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن 1 ﻣﯩﻠﻴﻮن 200 ﻣﯩﯔ ﻳﯜەﻧﺪەك ﺧﯩﺮاﺟﻪت ﺋﺎﺟﺮاﺗﺘﻰ، ﺑﯘﻧﻰ ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﺎدەم ﺑﯩﻠﺪى. ﺋﻪﭘﺴﯘس، ﺑﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﭼﯩﻘﯩﻢ ﺗﯜرﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧلار ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎز. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ؟ ﺋﺎﻣﻤﯩﻐﺎ ﻛﯩﻢ ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﺪۇ؟ ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ، ﭼﯩﻘﯩﻢ ﺟﻪدۋﯨﻠﯩﮕﻪ ﻗﻪﻟﻪم ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺗﯜرى ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﻤﻪﭘﺘﯘ، ﺑﯘ ﺋﯩﺶ راﺳﺘﻤﯩﺪۇ؟ ﻗﻪﻟﻪﻣﻜﻪﺷﻠﻪر ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻪرﻣﯩﺴﻪ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ - ﺋﺎرﺗﯩﺴلار ﺳﻪﮬﻨﯩﮕﻪ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ؟
) «ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ» داﻏﺪۇﻏﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯜﻧﮕﻪ ۋە ﺳﯩﻨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪى، ﺋﯜﻧﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎي ۋاﻗﯩﺖ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﯩﻨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜن ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪى - ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ۋﯨلاﻳﻪت ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮى ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯚپ ﺑﺎش ﻗﺎﺗﯘردى، ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺋﻮرۇﻧلاشتۇردى. دﯦﻤﻪك، ﮬﻪر دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ رەﮬﺒﻪرﻟﻪرﻣﯘ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻧﯘرﻏﯘن زﯦﮭﻨﯩﻨﻰ ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﺪى. ﺋﻪﭘﺴﯘس، ﻣﻪﺷﺮەپ ﺳﯩﻨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘش ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪر ﺋﯜرۈﻣﭽﻰ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪەك ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﺪى. ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ دوﻛلاد ﺑﻪردﯨﻤﯘ - ﻳﻮق، ﺑﯘﻧﯩﺴﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘم. رﯨﮋﯨﺴﺴﻮر ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﯩﻨﯩﯔ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21 - ﻛﯜﻧﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﯩﺴﯩﺴﺪا ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎرﻟﯩﺪى، ﺋﻪﻣﻤﺎ ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎت ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮەر ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻨﯩﯔ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺗﺎرﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮەرﺳﯩﻨﯩﯔ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ رەﺗﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺶ، ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯜرۈﻟﯜش ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﺪۇق. ﭘﻪﻗﻪت ﻗﻮﻣﯘل - ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ ﺟﯧﻠﯩﻞ ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻤﻨﯩﯖلا ﻓﯩﻠﯩﻢ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯜرۈش ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪە ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜن ﺗﯘرۇپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪۇق. ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺧﺎدﯨﻤﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻧﺴﯜرۈك ﺑﯩﺮ ۋﯨلاﻳﻪت ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﮕﻪن ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﭼﻮڭ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﻪﻟﯩﺸﻰ، ﻧﺎزارەﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﯩﺸﻰ ﺋﻪﺳلا ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺳﻘﯘ دەﻳﻤﻪن. ﺋﻪﭘﺴﯘس، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪت ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﺪى. ﻛﯧﻴﯩﻦ «ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ»ﻧﯩﯔ ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﺪا ﺑﻪزى ﻳﯧﺘﻪرﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪر ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻨﺎرﻣﯩﺶ. ﺑﯩﺮ «ﻣﻪﺷﺮەپ» ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮەر ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ «ۋارﯨﻴﺎﻧﺘﻰ» ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯘ ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﻦ دﯦﺮەك ﺑﯧﺮﯨﺪۇ؟ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﺪا ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪن «ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ»ﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜن ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪلقى، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮى ﻛﯚردى. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪردە «ﻣﻪﺷﺮەپ»ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ «ۋارﯨﻴﺎﻧﺘﻰ» ﻣﻪﻳﺪاﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨلار ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﻮﻳلاپ ﻗﺎلار؟
12) 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻗﻮﻣﯘل ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ زاﻟﯩﺪا «ﺋﻪﻟﯩﺠﺎن ﺋﺎﻗﺴﻮﭘﺎ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ» ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﺪى، ﺋﻪﻟﯩﺠﺎن ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻧﻮﻣﯘر ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯚزﮔﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎر، ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺠﺎدﯨﻲ ﻧﺎﺧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﻜﯩﺴﺖ ﺋﺎﭘﺘﻮرى، ﻣﯘزﯨﻜﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻧﻮﻣﯘر ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮرۇن ﺋﺎﭘﺘﯘ. ﺋﻪﭘﺴﯘس، «ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ»ﻧﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘر ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘر ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪى، ﻧﻮﻣﯘر ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘرۇپ - ﺳﻮﻗﯘپ ﺧﺎلا - ﺧﯘﺗﯘ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﺪى، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪزى ﻧﻮﻣﯘرلارﻧﯩﯔ ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﺴﻰ (ﻣﻪﻟﯘم ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎج ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ ﻧﻮﻣﯘرلار ﺧﻪﻧﺰۇﭼﯩﻐﺎ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن) ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻤﯘ ﻛﻪﻟﻤﻪي ﻗﺎﻟﻐﺎن. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن «ﺋﻪر ﺑﺎرﻣﯘ» دﯦﮕﻪن ﻧﺎﺧﺸﺎ «ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻣﻪدﮬﯩﻴﻪ» دېگەن ﻣﻪﻧﯩﺪە، «ﻗﺎﺗﺎر ﭼﺎي» دﯦﮕﻪن ﺳﻪﮬﻨﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮى «ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ» دﯦﮕﻪن ﻣﻪﻧﯩﺪە ﻗﺎرﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن. ﺑﯩﺮ ۋﯨلاﻳﻪت ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﮕﻪن ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﭼﻮڭ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘر ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﺲ ﺋﯚﺗﻜﯜزﮔﻪن ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘر ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯚرﻛﻪم، ﺳﯩﭙﺘﺎ، ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪت ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﻤﯩﺴﻪ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﻏﻪرەز ﺋﺎرﯨلاﺷﻘﺎن ﺑﯘﻧﺪاق ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ۋﯨلاﻳﻪت رەﮬﺒﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ دەرﯨﺠﯩﺪە ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ﻧﻪ ﮬﺎﺟﻪت؟
13) «ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ» ﻗﻮﻣﯘل ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﺳﺎرﯨﻴﯩﺪا ﺳﯩﻨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪا، ﺋﺎدﯨﻞ ﻣﯩﺠﯩﺖ ﺑﺎش روﻟﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪا «ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ»ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺘﻮت ﺋﻮﻳﻨﺎﻟﺪى، ﺋﯩﺘﻮت 20 ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﻪك ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺪى. ﺑﯘ ﺋﯩﺘﻮﺗﻨﯩﯔ داﯕﻠﯩﻖ ﺧﻪﻧﺰۇ ﺋﯩﺘﻮﺗﭽﻰ ﺟﺎۋﺑﯧﻨﺸﻪن ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎن ﺋﻮرۇﻧﺪاپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﯘرﻏﯘن ﻗﻮﻣﯘﻟﻠﯘﻗلار ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن. ﺋﻪﭘﺴﯘس، ﺑﯘ ﻛﯚﭼﯜرۈﻟﻤﻪ ﺋﯩﺘﻮت «ﻣﻪﺷﺮەپ» ﺗﻪ 20 ﻣﯩﻨﯘت ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪى، ﺑﯘ ﻗﻮﻣﯘﻟﻠﯘق ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨلارﻧﻰ ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﻗﺎﻧﺎﻟلارﻧﻰ ﻛﯚرﻣﻪﻣﺪﯨﻜﯩﻦ دەپ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪۇ؟ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻛﯚپ ﻏﯘﻟﯩﻐﯘلا ﺑﻮﻟﺪى، ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر «ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ» ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰوردا ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪە ﺑﯘ ﺋﯩﺘﻮﺗﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ رﯨﮋﯨﺴﺴﻮرﻏﺎ ۋە ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﯩﺘﻮت راﺳﺘﯩﻨلا ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﻠﺪى. ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﻪﻗﺪﯨﺮدﯨﻤﯘ ﺋﺎدﯨﻞ ﻣﯩﺠﯩﺖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ «ﭼﻮﻟﭙﺎن»لار ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ «ﺳﻪﮬﻨﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﻰ» ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪۇ؟! ﻗﻮﻣﯘل ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎن «ﭼﻮﻟﭙﺎن» ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚز ﺑﻮﻳﺎﻣﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻧﻮﻣﯘس ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯩﺪۇ ﻳﺎﻛﻰ «ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﺮﻧﯧﻤﻪ دﯦﻴﻪﻟﻪﻳﺪۇ» دەپ ﻣﻪﻳﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﺮﯨﭗ ﻳﯜرﯨﯟﯦﺮەﻣﺪﯨﻐﺎﻧﺪۇ؟
ﻗﻮﻣﯘل ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻣﯘرﯨﻲ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق رادﯨﻴﻮ - ﻛﯩﻨﻮ - ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺳﯜﻳﺌﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪن «ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ» ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ داﻏﺪۇﻏﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰوردا ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪە ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻳﯧﺘﻪرﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪر، ﻛﻪﻣﺘﯜﻛﻠﯜﻛﻠﻪر ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺪى. ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﻮﭘﯧﺮاﺗﻮرلاردﯨﻜﻰ ﺑﯩﺨﻪﺳﺘﯩﻠﯩﻜﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯜرﮔﯜﭼﯩﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺑﯩﭙﻪرۋاﻟﯩﻘﻤﯘ؟ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪك ﺗﻪس. ﺋﯘﻗﯘﺷﯩﻤﯩﺰﭼﻪ، ﺳﯩﻨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﭙﺎراﺗﻠﯩﺮى ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﭙﺎراﺗﻠﯩﺮى ﺋﯩﺠﺎرﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﭙﺘﯘ. ﻧﺎۋادا، ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟال راﺳﺖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎز ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻨﻰ دەپ ﻗﻮﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ رەﮬﺒﻪرﻟﻪرﻧﻰ، ﻗﻮﻣﯘل ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ئالدىغان، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق رادﯨﻴﻮ - ﻛﯩﻨﻮ - ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﻰ رەﮬﺒﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜن ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚزﯨﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرۈﻟﻪرﻣﯘ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﺑﯧﺴﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎلارﻣﯘ؟ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ۋﯨلاﻳﻪت - ﺋﻮﺑلاﺳﺘلاردا ﻧﯚۋەت ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﯩﺪﯨﻐﺎن «ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ» دە ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻧﺪاق «ﺋﻮﻳﯘن»لار ﺋﻮﻳﻨﯩلار؟ ﺑﯘلارﻏﺎ ﮬﺎزﯨﺮﭼﻪ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯩﺮﻧﯧﻤﻪ دﯦﻴﻪﻟﻤﯩﺴﻪ ﻛﯧﺮەك.
«ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ»دﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻣﯘﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ، ﺑﻪزى ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﮬﺎﻟﻘﯩلار ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﺪا ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ. ﮬﯜرﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪن، ﺳﯩﺰﻣﯘ «ﻗﻮﻣﯘﻟﺪا ﻧﻮرۇز ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ»ﻧﻰ ﻧﻪق ﻣﻪﻳﺪاﻧﺪا ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰوردﯨﻦ ﻛﯚرﮔﻪﻧﺴﯩﺰ، ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﺳﯩﺰ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﯖﯩﺰﻛﯩﻦ؟!


تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى پولات نىياز تەمىنلىگەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئى.پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-11 21:12  

27.jpg
26.jpg
25.jpg
24.jpg
23.jpg
22.jpg
21.jpg
20.jpg
19.jpg
18.jpg
17.jpg
16.jpg
15.jpg
14.jpg
13.jpg
12.jpg
11.jpg
10.jpg
9.jpg
8.jpg
7.jpg
6.jpg
5.jpg
4.jpg
3.jpg
2.jpg
1.jpg

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماقالە بوپتۇ! قاراشلىرىڭىزنىڭ ئاساسى بار؟
كىملىك سالاھىيتىمىز ئۈستىدە ئىزدىنەيلى

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نورۇز خېلى يامان ئەمەس ئۆتكۈزۈلۈپتىكەن. چەرچەندىمۇ جىق ماختاشلار بولدى. لېكىن مۇقام سارىيىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەندىكى كۆرۈنۈشلەر بىر ئىككى يەردە چىققاندىن باشقا ھېچيەردە چىقماپتۇ.
بىر مىليۇن ئىككى يۈزمىڭ دىگەن ئاز پۇل ئەمەس جۇمۇ. ياخشى چىقتى دىگەندىمۇ، شۇ پۇلغا چۇشلۇق ئىشلەنمەپتۇ.
ئاپتۇرلۇق ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش دىگەنمۇ كىچىك ئىش ئەمەس. شۇڭا بۇ جەھەتتە شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسىدىكىلەر چۈشەنچە بەرسە بولغۇدەك.
ماقالە يېزىش تەييارلىقى بىلەن،   ھەممەيلەن سالامەت بولغاي!

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىت، بىر مىليون 200 مىڭ كوي...
شۇ پۇلغا قۇمۇلدا چىملىق قىلىپ پۇتبول مەيدانىدىن بىرنى ياساپ قويسا قۇمۇللۇق ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ تويى بولۇپ كېتەتتى.

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي تاڭەي، قومۇلدا ئەزەلدىنلا ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدىغانلار توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاپلا كەلگەن، سەنئەتچىلىرىنىڭغۇ غىچلا تايىنى يوق. بۇ قېتىمقى نورۇزغا چىققان رىياسەتچىلەرگىلا قاراپ بىلگىلى بولىدۇ؛
  ئەپسۇس! ئۆزلەنىڭ بۇ گەپلىرى مۇشۇ مۇنبەردىلا قالامدىكىن؟!

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە ئاپتۇرى ھەم يوللىغۇچىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بىر قىسىم سۈرەتلەرنى تولۇقلاپ تەھرىرلەپ قويدۇم .

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ «ﻣﻪﺷﺮەپ» ﻗﻮﻣﯘل ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻣﯘرﯨﻲ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق رادﯨﻴﻮ - ﻛﯩﻨﻮ - ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻜﺎرﻟﯩﻘﯩﺪا ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﺪى. ﻗﻮﻣﯘل ﺗﻪرەپ ﻣﻪﺷﺮەﭘﻜﻪ 1 ﻣﯩﻠﻴﻮن 200 ﻣﯩﯔ ﻳﯜەﻧﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺧﯩﺮاﺟﻪت ﺋﺎﺟﺮاﺗﺘﻰ. ۋﯨلاﻳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ رەﮬﺒﻪرﻟﻪر ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎرﯨﺪا ﻣﻪﺷﺮەﭘﻨﻰ ﻛﯚردى. ﺋﻪﭘﺴﯘس، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق رادﯨﻴﻮ - ﻛﯩﻨﻮ - ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮەر ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺗﯘرﻣﺎق، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯦﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮەر ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﻧﻪق ﻣﻪﻳﺪاﻧﺪا ﻛﯚرۈﻧﻤﯩﺪى.
- ھەممە ئىشنىڭ تەرتىپى ،قائىدىسى بار . ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯦﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴى ئاخپارات ئونۋېرسال قانىلىنىڭ باش نازارەتچىسى ئەنۋەر قۇربان كېچىلىك نەق مەيدانىغا باردى .   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-11 22:26  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:

ستاتىستىكا|Archiver|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网 ( ICP经营许可证编号:新ICP备10200746号 )

GMT+8, 2012-4-16 03:45 , Processed in 0.103590 second(s), 14 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش