يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 873|ئىنكاس: 7

«مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين»دىن نەۋائىنىڭ تىل تەتقىقاتىغا نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                  «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين»دىن نەۋائىنىڭ تىل تەتقىقاتىغا نەزەر
                                                  مۇھەممەتجان قۇربان (ئىزىقۇت)


    Ⅺئەسردىكى بۈيۈك تىلشۇناسىمىز مەھمۇت قەشقەرىنىڭ  شاھانە ئەسىرى «دىۋانۇلوغەتت تۈرك»دىن كېيىن XV ئەسرگە كەلگەندە تىلشۇناسلىققا ئائىت يەنە بىر شاھانە ئەسەر ھەزرىتى ئەلشىر نەۋائىينىڭ «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين» نامىلىق مەشھۇر رىسالىسى مەيدانغا كەلدى .
    «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين» نامىلىق بۇ ئەسەر گەرچە ئەينى دەۋىردىكى ئالاھىدە تارىخى-ئىجتىمائىي موھىتنىڭ مەھسۇلى بولسىمۇ  لېكىن ئۇ، تۈرك تىلى تارىخى ۋە تەتقىقاتى ھەمدە تۈرك تىلى تىلشۇناسلىقى ۋە ئەدەبىيات-سەنئىتى جەھەتتە  بىزنى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئىتىدىغان  موھىم ماتېريال مەنبەسى بولغاچقا ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىشى تىل تەتقىقات تارىخىمىزدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ، ئەينى دەۋرنىڭ تارىخى- ئىجتىمائىي موھىتى ۋە ئەدەبىيات-سەنئىتى ئۈستىدەئېلىپ بېرىلىدىغان تەتقىقاتتا ھەمدە«بۈيۈك شائېر ئەلشىر ئەۋائىنىڭ ئىجادىي دۇنياسى ، ئىلىم-پەن كۆز قارىشى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىلىق قۇرۇلمىسى، ئىستلىستلىكىلىق ئۆزگىچىلىكى ۋە گرامماتىكىلىق ئالاھىدلىكلىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن موھىم رول ئوينايدىغان ئۆلمەس ئەسەر »①ھېسابلىنىدۇ.
     «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» نامىلىق بۇ ئەسەر 1499-يىلى يېزىلغان  بولۇپ ، ئۇنىڭدا ھەزىرتى ئەلشىر نەۋائىنىڭ تۈرك ۋە پارس تىلى ئۈستىدىكى چوڭقۇر تەتقىقاتى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت مۇساپىسىدە توپلىغان تۈرك ۋە پارس تىل-ئەدەبىياتى ھەققىدىكى قاراشلىرى يېتەرلىك پاكىت ئاساسىدا ناھايىتى تەپسىلىي ۋە ئىلمىي بايان قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە  بۇ ئەسەر يۇقۇردا تىلغا ئالغىنىمىزدەك  ئالاھىدە تارىخى-ئىجتىمائىي موھىتنىڭ  مەھسۇلى بولۇش سۈپتى بىلەن يەنە ئۇنىڭدا ،نەۋائىينىڭ «ئەرەبى ھەسەلىسىت، پارىسى شەكەرىسىت» دېگەن خاتا قاراش بىلەن ئىدىيسى يۇقۇملىنىپ ئانا تىلىدىن يۈز ئۆرۇپ نۇقۇل پارس تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، تۈرك تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ باردىغانلارنى مەڭسىتمەيدىغان ھەتتا مازاق قىلىدىغان بىر قىسىم پارىسگويلارغا  كەسكىن رەددىيە بىرىش، تۈرك تىلىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى نامايەن قىلىپ ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى ۋە شۆھرىتىنى قوغداش يولىدىكى كەسكىن مەيدانى ۋە مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان كۆرەش ئىديسى ئىپادىلەنگەن. دېمەك بۇ ئەسەر  نەۋائىينىڭ تىل تەتقىقات پائالىيتى ۋە ئۇنىڭ خاراكتىرىنى  تەتقىق قىلىشتا ئەڭ موھىم ماتىريال مەنبەسى بولۇپ،ئۇنى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.
ئەلۋەتتە، «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين» دىن نەۋائىنىڭ تىل تەتقىقاتىغا نەزەر سالساق«نەۋائى تىل تەتقىقاتى»نىڭ ئومۇمى گەۋدىسىنى مۇنداق بىر قانچە نوقتىغا  يىغىنچاقلاپ پىكىر يۈرگۈزشىمىز مومكىن.
1.نەۋائىنىڭ ئانا تىل ئىديسى
ئەينى دەۋىردىكى ئالاھىدە تارىخى-ئىجتىمائىي موھىتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ كۆزەتسەك «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين»دىن ئىبارەت بۇ ئەسەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى نەۋائى ھەزرەتنىڭ ئانا تىلىنى قانچىلىك دەرىجىدە سۆيىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلۇغلايدىغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپتۇ. دېمەكچىمىزكى نەۋائى ياشىغان دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربى ۋە جەنۇبى قىسىملىرىدا ئىلىم-پەن ۋە ئەدەبىيات تىلىدا پارس تىلى ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقىشقا باشلىغان بولۇپ بۇ ھال تۈرك تىلىغا ئېغىر خىرىس ئېلىپ كەلگەن ئىدى.ئونىڭ ئۈستىگە ئىراندا قۇرۇلغان تۈركى خانلىق-سالجۇقىلار دۆلىتىنىڭ پارس تىلىنى رەسمى تۈردە دۆلەت تىلى قىلىپ قوللىنىشى پارىس تىلىغا نىسپەتەن ناھايتى زور ئىمكانىيەت يارتىپلا قالماي يەنە ئۇنىڭ شىددەت بىلەن كېڭىيىشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئىدى. شۇ سەۋەپلىك تۈركى تىللىق نۇرغۇنلىغان  شائېرلار ئۆز ئانا تىلىغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان   ھەتتا ئۇنى ياراتمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى.مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ھەزىرتى ئەلشىر نەۋائى كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ ئانا تىلىنى قوغداش يولىدىكى كۆرىشىنىڭ مەھسۇلى سۈپتىدە «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين» دىن ئىبارەت تىلشۇناسلىققا ئائىت مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ چىقىپ  ئۇنى پارىسگۇيلارغا زەربە بىرىشتىكى ئۆتكۈر قۇرالغا ئايلاندۇردى.
     ئەلۋەتتە، بۇ نەۋائىنىڭ ئانا تىلىنى سۆيۈش ۋە ئۇنى جان تىكىپ  قوغداش ئىدىيسىنىڭ ئومۇمى گەۋدىسى  بولماستىن بەلكى موھىم بىر تەرىپى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى نەۋائى ئانا تىلىنى  قوغداش يولىدا بىر ئۆمۈر كۆرەش قىلغان ئۇلۇغ زات . ئۇ ئانا تىلىنىڭ ھۆرمىتىنى قوغداش ۋە شۆھرىتىنى نامايەن قىلىش يولىدا «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين» دەك ئىلمى ئەسەرنى يېزىپ تۈركى تىلىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى ئىلمى ۋە نەزىريىۋى ئاساستا شەرھىلىگەن بولسا ،يەنە ئۇ «ئۆز ئانا تىلىدا گۈزەل ۋە يىرىك ئەسەرلەرنى يېزىپ ،تۈركى تىلىنىڭ كەڭ ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ، بۇ تىلىدا ئاجايىپ نادىر ئەسەرلەرنى يارتىش مومكىنىلىكىنى ئەمەلىي دەلىللىگەن.»② ۋە ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە پارىس تىلىدىن خېلىلا يۇقرى تۇردىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. بۇ ھەقتە نەۋائى «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين»دە ئۆزىنىڭ«خەمىسە»،«چاھاردىۋان» ،«زۇبدەتۇت تەۋارىخ»،«نەسائىمۇل مۇھەببەت»،«لىسانۇت تەير»،«مىزانۇل ئەۋزان» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى  ۋە بۇنىڭدىن باشقا يەنە  تۈركى تىلىدا يازغان بىر مۇنچە نادىر ئەسەرلىرىنىڭ بارلىقىنى پاكىت سۈپتىدە تىلغا ئالغان. ئۇ بۇ دەلىل-ئىسپاتلىرىنىڭ  قايىل قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ۋە مۇستەھكەم پۇت دەسسەپ تۇرالىشى ئۈچۈن «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين» دە :«بۇلاردىن باشقا بىر مۇنچە رىسالە ۋە مەكتۇپلارنى يازدىم . مۇنداق يازمىلارنى كونا ۋە يېڭى پارىس تىلىنىڭ ماھىرلىرىمۇ يازغان. ئەگەر دانا سودىيە ئادالەت كۆزى بىلەن نەزىر سېلىپ ،بۇرۇنقى پارىسىي ۋە كېيىنكى تۈركىي يازمىلاردىكى گۈزەل سۆز-ئىبارە ۋە نازۇك مەنىلەردىن بەھرىمەن بولسا، ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ ،ھەر قايسىسىنىڭ مەرتىۋىسىنى بەلگىلىگەن چاغدا ،شۇنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە ئويلايمەنكى ،سۆزلىرىمنىڭ مەرتىۋىسى ئەۋجىدىن تۆۋەن چۈشمەيدۇ، ئەسەرلىرىمنىڭ يۇلتۇزى ئەلا دەرىجىدىن ئۆزگە يەرنى خالىمايدۇ.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ،مۇخالىپ ۋە دەۋاگەرلىرىم ”نەۋائىنىڭ تەبىئىتى تۈركى تىلىغا باپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى كۆپتۈرۈۋاتىدۇ. پارسچە بىلەن ئالاقىسى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى چەتكە قېقىپ ئىنكار قىلىۋاتىدۇ.“ دەپ قالمىسۇنكى ،پارىسچىنى ئەتراپلىق ئىگىلەش ۋە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش يولىدا ھېچكىم مەندىن ئارتۇق ئىش قىلغان ئەمەس،ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىق-كەمچىللىك تەرەپلىرىنى ھېچكىم مېنىڭدىن ياخشىراق بىلگەن ئەمەس،»③دەپ  كۆرسىتىپ ئۆتكەن ھەمدە ئۆزىنىڭ پارس تىلىنى پىششىق بىلىپلا قالماي يەنە پارىس تىلىدىكى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئوقۇغانلىقىنى ۋە پارس تىلىدىمۇ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
      دېمەك ،نەۋائى پارسگويلارنىڭ قارشىدىكىدەك پارس تىلىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىلاجىنىڭ يوقلىقىدىن تۈرك تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ باردىغان شائېر بولماستىن بەلكى پارىس تىلىنى بىلىدىغان ،بىلگەندىمۇ ناھايىتى پىششىق بىلىدىغان ،ئانا تىلىغا بولغان مۇھەببىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا ، ئۆزئانا تىلى-تۈرك تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغا، ئانا تىلىدىن پەخىرلىنىدىغان ۋە ئۇنىڭ شۆھرىتى بىلەن ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۈمۈلىدىغان ھەمدە ئۇنىڭدىن غورۇرلىنىدىغان ئاجايىپ بىر بۈيۈك زاتتۇر.
2  .فونېتىكا جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرى
      فونېتىكا تىل ئىلىمىنىڭ موھىم تەركىبى قىسىمى بولۇش سۈپتى بىلەن ئۇ ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تىل تەتقىقاتىدا يانداپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان موھىم تەرەپ ھېساپلىنىدۇ. تىل بەلگىسى تاۋۇش بىلەن مەنىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغانىكەن، تاۋۇش تىلدىكى مەنىنى توشۇغۇچى، تىلنىڭ ماددىي پوستى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بىر مىللەتنىڭ تىلىدا قانداق تاۋۇشلارنىڭ بولۇشى ، قانداق تاۋۇشلارنىڭ بولماسلىقى، قانداق تاۋۇشلار بىلەن قانداق تاۋۇشلارنىڭ بىرىكىشى ياكى بىرىكمەسلىكى،تاۋۇشلارنىڭ قانداق ئۆزگىرشى شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدە فىزئىولوگىيلىك تۈزۈلۈشكە ئىگە بولغانلىقىدىن ئەمەس ،بەلكى شۇ تىلدا سۆزلەشكۈچى ئىجتىمائىي كوللىكتىپنىڭ ئادىتىگە باغلىق بولىدۇ.
تىلنىڭ بۇ خىل ئىجتىمائىي خۇسۇسىيتى بەزى مىللەتلەرنىڭ باشقا تىللارنى ئۆگىنىشىگە ياكى يەنە باشقا تەرەپلەرگە  قۇلايلىق ئېلىپ كەلسە ، يەنە بەزى مىللەتلەرگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە   ئوخشاش بولمىغان قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرشى مومكىن.
نەۋائى تۈركى تىلى بىلەن پارس تىلىنى سېلىشتۇرغاندا يۇقىردا ئېيىتقىنىمىزدەك تۈركى تىلىدىكى ،پارس تىلىدا بولمىغان ياكى بولسىمۇ بىرىكىش ئىمكانىيتى ناھايىتى تۆۋەن بولغان بىر قىسىم تاۋۇشلارنى مىسال ئېلىپ كۆرسىتىپ ،پارس تىلىنىڭ مانا مۇشۇ تەرەپتىنمۇ تۈركى تىلىدىن تەلەپپۇز، ئىپادىلەش، شئېرىيەتتىكى قاپىيە ئىمكانىيتى قاتارلىق جەھەتلەردە تۆۋەن تۇردىغانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئىسپاتلاپ چىققان. يەنى نەۋائى «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين» دە «ۋاۋ»گورۇپپىسىدىكى تاۋۇشلار بىلەن «يا» گورۇپپىسىدىكى تاۋۇشلارنىڭ تۈرك تىلى بىلەن پارس تىلىدىكى تۈرىنى مىسال ئېلىپ ، «ۋاۋ» گورۇپپىسىدىكى تاۋۇشلارنىڭ تۈرك تىلىدا مۇنداق تۆت خىل شەكلى بارلىقىنى كۆرسەتكەن:
1) ۆ   ─«ئۆت» ،ئۆتمەكنىڭ بۇيرۇق شەكلى .
2) و  ─«ئوت» ،ئىسىم (كۆيىدىغان ئوت) .
3) ۇ  ─«ئۇت» ،ئۇتماقنىڭ بۇيرۇق شەكلى .
4) ۈ ─«ئۈت» ،پىئېل (ئۈتلىمەك ،قۇيقىلىماق دېگەن مەنىن بىلدۈرىدۇ).
«ۋاۋ» گورۇپپىسىدىكى تاۋۇشلار «و» ھەرپى بىلەن ئىپادىلەنگەن تاۋۇشلار بولۇپ ، ئۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئو» ،«ئۆ» ،«ئۇ» ،«ئۈ» دىن ئىبارەت تۆت سوزۇق تاۋۇشنى كۆرسىتىدۇ.
پارس تىلىدا بولسا ئۇنىڭ مۇنداق ئىككى خىللا شەكلىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتكەن :
1) و  ─«خود» ،«زور».
2) ۇ  ─«دۇد» ،«نۇر».
نەۋائىنىڭ يۇقىرقى مىسالىدىن پارس تىلىدا «ۋاۋ» گورۇپپىسىدىكى تاۋۇشلارنىڭ پەقەت ۋە پەقەت «ئو» ،«ئۇ»دىن ئىبارەت ئىككى خىللا شەكلىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
«يا» گورۇپپىسىدىكى تاۋۇشلارنىڭ قاپىيلىشىش شەكلى بولسا ئۈچ خىلدىن ئاشمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە :
1)        ې ─«بەز» ،ئىسىم (بۇنى پارىسلار «قۇدۇد» دەيدۇ.) .
2) ى  ─«بىز» ،بىرىنچى شەخىس كۆپلۈك ئالماش.
3) ى  ─«بىز» ،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «بىگىز» دىگەن مەنىدە. پارىسچە بۇ «دەرەفىش » دەپ ئاتىلىدۇ. (ئۇنىڭ خەلقئارالىق تىراسىكپىرسيە شەكلى  : « ؟» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.)
«يا» گورۇپپىسىدىكى تاۋۇشلار « ى» ھەرپى بىلەن ئىپادىلەنگەن تاۋۇشلار بولۇپ ،ئۇ «ئى» ،« ئې»دىن ئىبارەت ئىككى سوزۇق تاۋۇشنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نەۋائى « ا» (ئەلىپ) بىلەن « ە» (ھا) تاۋۇشلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ  بۇ ئىككى تاۋۇشنىڭمۇ تۈرك ۋە پارس تىلىدىكى قاپىيلىنىش ئىمكانىيتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن .
3.لېكسىكا جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرى
لېكسىكا بايلىقى بىرمىللەتنىڭ تىل تەرەققىياتىنى بەلگىلەشتىكى ناھايىتى موھىم ئامىل.چۈنكى تىلنى تەشكىل قىلغۇچى فونېتىكا ،لېكسىكا ،گرامماتېكىدىن ئىبارەت ئۈچ تەركىبى قىسىم ئىچىدە لېكسىكىنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز ۋە ئەڭ گەۋدىلىك بولىدۇ،ھەمدە بىر مىللەت تىلىدا لېكسىكا بايلىقىنىڭ ئاز -كۆپ بولىشى شۇ تىلنىڭ ئپادىلەش قۇۋۋىتىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
   نەۋائى «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين»دە تۈركى تىلىنىڭ پارس تىلىدىن ئۈستۈن تۇردىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تۈركى تىلىدا بار ئەمما پارس تىلىدا تەڭدىشى بولمىغان تۈركى سۆزلەردىن يۈزنى مىسال كەلتۈگەن بولۇپ ،بۇ سۆزلەر ئاساسەن دېگۈدەك ئىش –ھەركەتنىڭ ھالىتىنى بىلدۈردىغان، بولۇپمۇ ئىش-ھەركەتنىڭ ،شەيئىلەرنىڭ ناھايىتى نازۇك ھالەتلىرىنى ئوبرازلىق ۋە جانلىق  ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان سۆزلەردىن تەشكىل تاپقان.مەسىلەن: «قورۇقشاق»(قورشىماق) ،«ئۆڭدەيمەك»(ئوڭلانماق) ،«چېرىكمەك»(ئۇيقىسىزلانماق) ،«سۇقلاتماق»(شەيدا قىلماق) ،«سىڭرەمەك »(يۇمۇلداپ يىغلىماق)  ...قاتارلىقلار . ( «مۇھاكاماتۇل لوغەتەيىن» ،8-9-بەتلەر)
   نەۋائى بۇ ھەقتە «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين» دە ئېنىق قىلىپ «بۇ يۈز سۆزنىڭ ھېچقايسىسغا پارس تىلىدىن لايىق سۆز تېپىلمايدۇ . سارتلار (پارسلارنى دېمەكچى) ھەتتا بۇ سۆزلەرنىڭ چۆپچىلىكىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدۇ . ئۇلار بۇ ئۇقۇملارنىڭ بەزىلىرىنى ئىپادىلىمەكچى بولسا بىر نەچچە سۆزدىن تەركىپ تاپقان ئىبارىلەرنى تۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭدىمۇ ئەرەپچە سۆزلەرنىڭ ياردىمىگە تاينىدۇ .»④ دەپ يازغان . دېمەككى يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك بىر مىللەت تىلىدىكى لېكسىكا بايلىقى شۇ مىللەت تىلىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يەنە بىر ئەۋزەللىك بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .
   نەۋائى يەنە «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين» دە پارىس تىلىدا تەڭدىشى بولمىغان ،تۇركى سۆزلەردىن 108 نى مىسال كەلتۈرگەن بولۇپ ، ئۇلار ئاساسەن يېمەك-ئىچمەك ،ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق ،تۇرالغۇ ،بىرقىسىم ھايۋانلار ،ئات ۋە ئۇنىڭ جابدۇق سايمانلىرى ،ئۇرۇش قۇراللىرى ،ھايۋانلارنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلارنىڭ نامىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىملاردىن ئىبارەت .
   يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە نەۋائى «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين» دە ئاھاڭداش سۆزلەر ۋە كۆپ مەنىلىك سۆزلەرنىڭ رولى ئۈستىدىمۇ توختالغان بولۇپ ،ئۇ تۈركى تىلىدىكى «ئات» ،ۋە «ئىت» سۆزلىرىنىڭ ئاھاڭداش شەكىللىرىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ كۆتكەن ۋە ئۇلارنىڭ كونتېكىسىتتىكى مەنىسنى  يىشىپ شەرھىلىگەن .مەسلەن :
               « ئەي رەقىب ،ئۆزىنى ئاڭا تۇتساڭ ھەم ئىت،
               بىزگە رەھىم ئەيلەپ ئانىڭ كويىدىن ئىت.
               گەرچە بار دەۋزەخچە ئىشىقنىڭ شولىسى،
               بىزنى ئۆز ئىلكىڭ بىلە ئول سارى ئىت .»⑤
مەنىسى : ئەي رەقىب ،سەن ئۆزەڭنى ئۇنىڭ ئىتى ھېسابلىساڭمۇ ،ماڭا رەھىم قىلىپ ئۇنىڭ كوچىسىدىن ئىت(يوقال ،يۈت ) ،ئىشىق ئوتى دوزاخ ئوتىدەك بولسىمۇ مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن ئىت(ئىتتەر─بۇيرۇق پىئېل).
   يۇقىرقى تۇيۇقتا ئۆز-ئارا قاپىيداش بولۇپ كەلگەن سۆز «ئىت» نىڭ مۇنداق ئۈچ خىل مەنىسى بار : بىرىنچى ،ئىت (ھايۋاننىڭ نامى ) .  ئىككىنچى،يۈت ،يوقال .  ئۈچىنچى ،ئىتتەر(پئېلنىڭ بۇيرۇق شەكلى) دىن ئىبارەت .
   يەنە نەۋائى «تۈش» ،«يان» ،«ياق» سۆزلىرىنىمۇ شۇنداق ئۈچ خىل مەنىدە قوللانغىلى بولدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
    كۆپ مەنىلىك سۆزلەر ئۈستىدە توختالغاندا تۈركى تىلىدىكى بەزى سۆزلەرنى ئۈچ خىل مەنىدە قوللانغىلى بولدىغانلىقىنى ،بەزىلىرىنى بولسا تۆت خىل مەنىدە قوللانغىلى بولدىغانلىقىنى،يەنە بەزىلىرىنى بولسا بەش خىل مەنىدىمۇ قوللانغىلى بولدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ۋە ئۇنىڭ ئىسپاتى سۈپتىدە تۆۋەندىكى مىسالنى بەرگەن .
  «بىر مۇنچە سۆزلەرنى تۆت خىل مەنىدە قوللانغىلى بولىدۇ ،مەسلەن، «بار» سۆزىنى بىرىنچدىن مەۋجۇتلۇق مەنىسىدە ،ئىككىنچىدىن بارماققا قىلىنغان بۇيرۇق مەنىسىدە ، ئۈچىنچىدىن يۈك مەنىسىدە ،تۆتىنچىدىن «مېۋە»مەنىسىدە قوللانغىلى بولىدۇ .بەزى سۆزلەر ھەتتا بەش خىل مەنىدە قوللىنىلىشىمۇ مومكىن .مەسىلەن،«ساغىن» سۆزى بىر يەردە ياد قىلماققا قىلىنغان بۇيرۇق مەنىسىنى بىلدۈرسە ،بىر يەردە «سۈتلۈك قوي» مەنىسىنى بىلدۇرىدۇ .شۇنىڭدەك بۇ سۆزنى ئىشىق يولىدىكى مەس ،مەجنۇن ۋە بىمار سۆزلىرىنىڭ ھەر بىرى ئورنىدا قوللىنىشقا بولىدۇ .بەزى سۆزلەرگە ئۇنىڭدىن كۆپ مەنىلەرنى يۈكلەشكىمۇ بولىدۇ .مەسلەن ،«تۈز» سۆزى بىلەن ئوق ياكى نەيزىگە ئوخشاش تۈز نەرسىنى ئىپادىلەشكىمۇ ،«تۈز كىشى» دىكى «تۈز»مەنىسىنى ئىپادىلىشكىمۇ ،ساز تۈزمەككە قىلىنغان بۇيرۇقنى ئىپادىلەشكىمۇ ،ئىككى كىشىنى ياراشتۇرۇش مەنىسىنى ئىپادىلەشكىمۇ ،بىر ئولتۇرۇشنىڭ لازىمەتلىكرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەنىسىنى ئىپادىلەشكىمۇ بولىدۇ. «كۆك» سۆزىمۇ   شۇنداق كۆپ مەنىدە ئىستىمال قىلىندىغان سۆزلەردىن بولۇپ «ئاسمان » مەنىسىدە ،«ئاھاڭ» مەنىسدە ،تىككەن نەرسىنىڭ كۆكلىشى مەنىسىدە ،«قاداق» مەنىسىدە ،«كۆك ئوت» مەنىسىدە قوللىنىلشى مومكىن .مۇنداق ئۈچ خىل ،تۆت خىل ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق مەنىلەردە قوللىنىشقا بولىدىغان سۆزلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ،مۇنداق ئەھۋالنى پارس تىلىدا ئۇچراتقىلى بولمايدۇ .»⑥
   يۇقىرقى پاكىتلار ئاساسىدا يىغىنچاقلىغاندا ،ھەزىرتى ئەلشىر نەۋائىنىڭ تۇركى ۋە پارس تىلىنىڭ لېكسىكىسى جەھەتتىكى ئىزدىنىشىمۇ خېلى چوڭقۇر ۋە مۇپەسسەل بولغان دەپ قاراشقا تامامەن بولىدۇ .
4. گرمماتېكا جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرى
   «مۇھاكەمەتۇل لوغاتەين » دىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئەڭ موھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى شۇكى ،نەۋائى بۇ ئەسىرىدە تۇرك تىلى ۋە پارس تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ياسىلىشى ۋە تۈرلىنىشى ھەققىدە ناھايىتى ئىنچىكە ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان  ھەمدە سۆزلەرنىڭ ياسىلىشى ۋە تۈرلىنىشىنى «سۆزلەردىكى قانۇنىيەتلەر» دەپ ئاتىغان .
   نەۋائى سۆزلەرنىڭ ياسىلىشى ئۈستىدە توختالغاندا بەزى پئېل تومۇرلىرىغا بىر «ش»تاۋۇشىنى قوشۇپ ،«چاپشىماق» ،«تاپشىماق» ،«قۇچۇشماق»،«ئۆپۈشمەك» ... دېگەنگە ئوخشاش ئىككى كىشى ئوتتۇرسىدىكى ھەركەتنى بىلدۈردىغان يەنە بىر يېڭى پئېلنىڭ ياسىلدىغانلىقىنى ،پارس تىلىدا بۇنداق ئىمكانىيەتنىڭ يوقلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن .
    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىمۇ پئېل ئۆزىكىگە «ش» ،«ئىش» ،«ئۇش» ،«ئۈش» قاتارلىق قوشۇمچىلارنى قوشۇش ئارقىلىق ئىسىمداش (ھەركەتنام ) ياسىلىدۇ . مەسىلەن : سورا +ش =سوراش، مارا +ش =ماراش ،ئىشلە +ش =ئىشلەش  ۋە باشقىلار . نەۋائى تىلغا ئالغان پئېل تومۇرىغا  «ش»قوشۇمچىسىنى قوشۇپ سۆز ياساش ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى شەخىسسىز پئېل ئىسىمداشلارنىڭ ياسىلىشى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە بولۇپ بۇ جەھەتتە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ .
  «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين» دە يەنە »يۈگۈرت» ،«قىلدۇرت» ،«ياشۇرت» ،«چىقارت» دېگەندەك بىر قىسم بۇيرۇق پئېللارنىڭ  ،پئېل ئۆزەكلىرىگە «ت»تاۋۇشىنى قوشۇش ئارقىلىق ياسىلدىغانلىقىمۇ ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن .
   ئۇنىڭدىن باشقا تۈركى تىلىدا بىر قىسىم سۆزلەرگە «چى» قوشۇمچىسىنى قوشۇش ئارقىلىق «قۇرچى» ،«سۇچى» ،«خەزىنەچى» ... قاتارلىق ھۆنەر-كەسىپ ناملىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىملارنىڭ ياسىلىدىغانلىقى ،لېكىن پارس تىلىدا بۇ خىل ئىپادىلەش ئىمكانىيتىنىڭ يوقلىقى بايان قىلىنغان . ھەمدە يەنە بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا «ۋۇل» قوشۇمچىسىنى قوشۇش ئارقىلىقمۇ «ھىراۋۇل» ،«سوزاۋۇل» ،«پاتاۋۇل» ،«كىتپاۋۇل» ،«ياساۋۇل» ... قاتارلىق سۈپەتلەرنىڭ ياسىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان .
   يەنە تۇرك تىلىدا بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا بىر «چ» تاۋۇشى قوشۇلۇپ «يەتكەچ» ،«ئېتكەچ» ،«بارغاچ» ،«تاپقاچ» ،«ساتقاچ» ... قاتارلىق شەكىللەرنىڭ ھاسىل قىلىنىپ سۈرئەت تىپىدىكى بىر خىل مەنىلەرنىڭ ئىپادىلىندىغانلىقىمۇ بايان قىلىنغان . ئاخىرىغا بىر «چ» تاۋۇشى قوشۇلۇپ سۈرئەت تىپىدىكى مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان ئۇ خىلدىكى سۆزلەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدە -قانۇنىيەتلىرى بويىچە ئايرىساق ئۇ سۆزلەر ھالەت رەۋىشلىرى بولۇپ چىقىدۇ .
يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە نەۋائى سۈپەتلەرنىڭ ياسىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى ئۈستىدىمۇ كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىنچىكە ۋە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان .بۇنىڭ ئىسپاتى سۈپتىدە «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين» دە مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ :«يەنە رەڭ ۋە سۈپەتنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىنقى تاۋۇشىغا بىر «پ» ياكى «م» تاۋۇشى قوشۇلۇپ ،«ئاپئاق» ،«قاپ-قارا» ،«قىپ-قىزىل» ،«ساپ-سارىغ» ،«يۇپ-يۇمۇلاق» ،«يەپ-يەسى» ،«ئاپ-ئاچۇغ» ،«چوپ-چوقۇر» ،«كۆم-كۆك» ،«يام-يېشىل» ،«بومبۇر»  قاتارلىق شەكىللەر ھاسىل قىلنىدۇ .»⑦
يۇقىردا نەۋائى مىسال ئۈچۈن كۆرسەتكەن سۈپەتنىڭ ئاشۇرما دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىمۇ مىسالدىكىگە نىسپەتەن ،قىسمەن ئۆزگىرىشنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ئەينەن ھالىتىنى ساقلاپ قالغان دېيىشكە بولىدۇ .لېكىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە قارىغاندا يۇقىرقى سۆزلەرنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدىكى قاراشتا يەنىلا پەرق مەۋجۇت .يەنى نەۋائى «مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين » دە سۈپەتنىڭ ئاشۇرما دەرىجىسى ئۇنىڭ ئالدىنقى تاۋۇشىغا بىر «پ» ياكى «م» تاۋۇشىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسىلىدۇ ،دەپ كۆرسەتكەن ، لېكىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بولسا سۈپەتنىڭ ئاشۇرما دەرىجىسى ئەسلىدىكى سۈپەتنىڭ ئالدىغا ھېچقانداق مەنە ئىپادىلىمەيدىغان بىر سۆزنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ . شۇنداق بولغان ئىكەن ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ كاللىسىدا «ئۇنداقتا بۇ پەرق نەدىن پەيدا بولدى ؟» دىگەن سۇئالنىڭ پەيدا بولشى تەبئىى .چۈنكى نەۋائىنىڭ  كۆرسەتكىنى بويىچە بولغاندا ئالدىنقى تاۋۇشىغا بىر «پ» ياكى «م» تاۋۇشىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسالغان ، سۈپەتنىڭ ئاشۇرما دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنىڭ ئەڭ ئالدىدىكى بىر بوغۇم ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىرلىك ئىزدىنىشكە توغرا كىلىدۇ . مەسلەن : «ساپ-سارىغ» دىگەن سۆزنىڭ ئالدىدىكى ،ئەسلىدىكى سۈپەتنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئويناۋاتقان «ساپ» سۆزىدىكى «سا» ،تاۋۇشلارنىڭ قېتىلىپ قېلىش ھادىسسى تۈپەيلىدىن قېتىلىپ قالدىمۇ ياكى ئۇنىڭدىن باشقا قانۇنىيەتلەرمۇ بارمۇ ؟ ئەلۋەتتە بۇ يۇقىردا ئېيىتقىنىمىزدەك تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق ئىزدىنىشىمىزگە توغرا كىلىدىغان يەنەبىر چوڭ تەتقىقات تىمىسى بولغاچقا كىيىنگە قالدۇرۇلدى .
دېمەك ، نەۋائىنىڭ تىل تەتقىقاتىنى يۇقىرقى پاكىت ۋە دەلىللەر ئاساسىدا يىغىنچاقلىغاندا ، نەۋائىنىڭ ،ئانا تىلىنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان ئۇلۇغ زات بولۇپلا قالماي يەنە ئانا تىلى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر قان-تەر ئاققۇزغان ، ئىزدەنگەن ،تەھلىل-تەتقىق قىلغان يىتۈك بىر تىلشۇناس ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرىۋالماق تەس ئەمەس .

ئىزاھات :

①        ئابدۇغەنى ياسىن :〈 «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» نىڭ رېئال ئەھمىيتى〉، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى » ،〔J〕2007-يىللىق 3-سان.
②        ۋاھىتجان غوپۇر ،ئەسقەر ھۆسىيىن : «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى» 〔M〕،مىللەتلەر نەشىرياتى 1988-يىل 11-ئاي 1-نەشىرى.
③        ④⑤⑥⑦ ئەلشىر نەۋائى :«مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين» 〔M〕،مىللەتلەر نەشىرياتى ،1988-يىل 11-ئاي 1-نەشىرى.

پايدىلانغان ماتىرياللار  :
1.ئەلشىر نەۋائى :«مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين»〔M〕،مىللەتلەر نەشىرياتى ،1988-يىل 11-ئاي 1-نەشىرى .  
2.ۋاھىتجان غوپۇر ،ئەسقەر ھۆسىيىن :«ئۇيغۇركىلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى»〔M〕 ،مىللەتلەر نەشىرياتى ،1988-يىل 11-ئاي 1-نەشىرى .
3.كوللىكتىپ ؛«بۈيۈك شائېر ئەلشىر نەۋائى »〔M〕 ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ،2001-يىل 11-ئاي 1-نەشىرى.
4.ئىمىن تۇرسۇن :«نەۋائى ھەققىدە»〔M〕،مىللەتلەر نەشىرياتى ،2000-يىلى 1-ئاي 1-نەشىرى ،
5.ئەزىز قەيىمۇۋ ؛«ئەلشىر نەۋائى»〔M〕 ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ،1998-يىلى 6-ئاي 2-بېسىلىشى .
6.ئابدۇغەنى ياسىن :〈«مۇھاكەمەتۇل لوغەتەين» نىڭ رېئال ئەھمىيتى〉〔J〕 ،«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژورنىلى 2007-يىللىق 3-سان
7.ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان :«ئەلشىر نەۋائى»〔J〕 ،«بۇلاق » ژورنىلى 2001-يىللىق 5-سان .

                                                         (دىيارى بەشكېرەم بايلا)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىزىقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-5 11:55  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-5-5 20:16:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەزكۇر ماقالىنىڭ ئىلمىي قىممىتى بىزنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ. ئەلىشىر نەۋايى (نەۋائى دەپ ئېلىش نېمە ئۈچۈندۇر ئاساسسىز ھالدا ئۆزبېك مەتبەئەلىرىدە ئومۇملاشقان، بىز ئەسلى يېزىلىشى بويىچە نەۋايى دەپ ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆرىمىز) نىڭ «مۇھاكىمەتۇللۇغەتەين» ئەسىرى ھەقىقەتەنمۇ تۈركىي تىلنىڭ پاساھەت ھەم بالاغىتىنى نامايان قىلىپ بەرگەن مۇھىم ئەسەر. لېكىن ئىتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، نەۋايىنىڭ تۈركىي تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا پارىسىي ۋە ئەرەبىي ئىبارىلەر بار، نەۋايى ھېچقاچان ساپ تۈركىي تىلىدا ئەسەر يازغان ئەمەس. ھەتتا مەجالىسۇننەفايىس» تا سەككاكى ھەققىقدە توختالغاندا «تۈركانە يازار ئەردى» (ئاددىي، سەۋىيەسى يۇقۇرى ئەمەس دېگەن مەنىدە) دەپ سۈپەتلىگەن.
         

ۋاقتى: 2013-5-5 20:46:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى ئەتىراپلىق ئىزدىنىپسىز، ئەجىرىڭىزگە رەخمەت

ۋاقتى: 2013-5-5 23:30:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ئەقلى ئەمگەك بوپتۇ!ئىزدىنىشلەر توختاپ قالمىغاي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-6 19:42:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزىرتى ئەلشر ئەۋائىينىڭ « مىزانۇل ئەۋان ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەرنى كۆرگەنلەر بولسا ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈپ بەرسەڭلار!

ۋاقتى: 2013-5-7 10:02:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزىقۇت يوللىغان ۋاقتى  2013-5-6 19:42
ھەزىرتى ئەلشر ئەۋائىينىڭ « مىزانۇل ئەۋان ھەققىدە يېزى ...


«بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 2011 - يىللىق 4 - سانىغا قاراڭ. يەنە زەمىر مۇئەللىمنىڭ «ئارۇز ئىلمى» مۇ سىزنى كېرەكلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-7 10:03  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-18 12:34:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزىرىتى فارابىينىڭ شىئېرىيەت ئىلىمى ھەققىدىكى ئەسەرلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەرسەڭلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-18 12:34:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزىرىتى فارابىينىڭ شىئېرىيەت ئىلىمى ھەققىدىكى ئەسەرلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەرسەڭلار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش