يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 709|ئىنكاس: 6

يەھۇدا ئامىخاي: مېنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھاياتىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مېنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھاياتىم

يەھۇدا ئامىخاي

مەن ياش ۋاقتىمدا بۇ دۆلەتمۇ ياش ئىدى، ھەمدە مېنىڭ ئاتام
بارلىق كىشىلەرنىڭ ئاتىسى ئىدى. مەن خۇشال بولغىنىمدا بۇ دۆلەتمۇ
خۇشال بولاتتى، ھەم مەن ئۇنىڭ ئۈستىدە سەكرىگىنىمدە ئۇمۇ
مېنىڭ ئۈستۈمدە سەكرەيتتى. باھاردا ئۇنى قاپلىغان مايسىلار
مېنىمۇ ئوخشاشلا يۇمرانلاشتۇراتتى، ھەم يازدىكى قۇرغاق زېمىنلار
خۇددى مېنىڭ يېرىلغان ئالقانلىرىمدەك مېنى زەخمىلەندۈرەتتى.
تۇنجى قېتىم مۇھەببەت قاينىمىغا چۆككىنىمدە،
كىشىلەر ئۇنىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلاشقانىدى.
چاچلىرىم مەيىن شامالدا يەلپۈنسە، ئۇنىڭ بايرىقىمۇ ھەم يەلپۈنەتتى.
مەن جان تىكىپ ئېلىشىۋاتقىنىمدا، ئۇ جەڭگە چۈشكەن بولاتتى،
مەن دەس تۇرغىنىمدا ئۇمۇ قەددىنى كۆتۈرەتتى، ھەمدە يېقىلغىنىمدا
ئۇمۇ يېنىمغا ئاستا يېقىلاتتى.


ئەمدىلىكتە، خۇددى بەزى نەرسىلەر يېلىمى قاتقاندىن كېيىن مۇستەھكەملەشكىنىدەك،
بۇ ھەممىدىن ئاستا-ئاستا يىراقلاشماقتىمەن:
ئۆزۈمگە ئېچىلماقتىمەن، ئىچىمگە قايتماقتىمەن.


بىر كۈنى ساقچى ئەترىتىدە بىر كارنايچىنى كۆردۈم،
ئۇ داۋۇتنىڭ «قەلئە»سىنى چېلىۋاتاتتى.
چاچلىرى قاردەك ئاق ھەمدە چىرايى ئىپادىسىز ئىدى؛
بۇ چىراي 1946-يىلغا، بىر قاتار مەشھۇر ۋە قاباھەتلىك يىللار ئارىسىدىكى
ئاشۇ بىردىنبىر يىلغا ئوخشايتتى. ئۇ يىلى بىر ئۇلۇغ ئارمان ۋە ئۇنىڭ مۇزىكىسىدىن باشقا،
يەنە مېنىڭ سۆيگۈنۈم، ئېروسالىمدىكى ئۆيىدە جىمجىت ئولتۇرغان بىر قىزدىن باشقا

ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەنىدى،
كېيىن ئۇ بوۋاينى قايتا كۆرمىدىم، لېكىن ئىشىنىمەنكى
دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىشىنى خالايدىغان بىر ئارزۇ
ئۇنىڭ چىرايىدىن مەڭگۈ ئايرىلمايدۇ.





خەنزۇچە «يەھۇدا ئامىخاي شېئىرلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-3 12:09  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-5-3 16:03:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە ئىشلىرىڭنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2013-5-3 16:11:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەھۇدا ئامىخاينىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنىمۇ قوشۇپ قويماپسىز-كاشكى؟! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-3 16:12  


ۋاقتى: 2013-5-3 17:30:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەھۇدىيلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىگە كۈچلۈك ئېتىقاد چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ.

ۋاقتى: 2013-5-3 22:45:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەنچاڭدا  خېلى  ئەھمىيەتلىك ئىشلاربولىۋېتىپتۇ  -دە!
تەرجىمىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، ئىزچىللىق يار بولسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-5 10:22:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل

لىياۋ ۋېي تاڭ

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى ۋە يەھۇدى قىساسچىلىق ھەركىتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان20 -ئەسىردىكى بىر يەھۇدى شائىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللەتچىلىككە بولغان ئويلىنىش ئامىخاينىڭ شېئىرلىرىغا باشتىن-ئاخىرى سىڭىپ كەتكەن. ئۇزۇن مەزگىل ئېزىلىشكە، قوغلاشقا ئۇچرىغان بىر مىللەتكە نىسبەتەن، مىللەتچىلىك ھېسسىياتىنىڭ دەسلەپكى چىقىش نۇقتىسى ئىنتايىن ئىجابىي بولىدۇ، ھەمدە مىللەتنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرىشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئېرلاندىيىنىڭ مەشھۇر شائىرى يېتزغا ئوخشاشلا، ئامىخاي ئۆزىنىڭ يەھۇدى جازا لاگىرى، ناتسىستلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك دەسلەپكى مەزگىلدىكى شېئىرلىرىدا مىللەتكە قارشىلىق كۈچى ئاتا قىلىشقا، ۋە تېخىمۇ بەكرەك داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە جىمجىت مىسرالىرى ئارقىلىق مىللەتنىڭ يارىسىغا تەسەللىي بېرىشكە ئۇرۇنغان. لېكىن ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يۈكسەك مىللىي ھېسىيات ئاستا-ئاستا سەلبىي تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلغان: ئەرەب رايونىغا بولغان كەڭەيمىچىلىك ۋە ئەرەبلەرگە بولغان دۈشمەنلىك يەھۇدى رادىكاللىرىنىڭ باشچىلىقىدا، يەھۇدىلارنى بىر ئېزىلىشكە ئۇچرىغان مىللەتتىن باشقىلارنى ئېزىدىغان مىللەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغان. دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا، ئاۋام تارىخىي ئېقىمنىڭ قولتۇقىغا قىستۇرۇلۇپ قارىغۇلارچە ئىلگىرىلەۋاتقىنىدا، پەقەت مىللەتنىڭ ۋىجدانىغا ئايلانغان شائىرلا ئۇنىڭ خەتىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىللەتچىلىككە قايتا ئويلىنىشقا باشلىغان. تېمىسىلا مەسخىرە تۈسىنى ئالغان بۇ شېئىر ئۇنىڭ يېڭى دەۋىردىكى مەيدانىنى ئىپادىلەيدۇ.

خۇددى شېئىرنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە ئېيتىلغاندەك، ئەڭ دەسلەپتە شائىر ۋە ئۇنىڭ دۆلىتى تەڭ قەدەمدە ئىدى، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا دۆلەت گۈزەل بىر مەقسەت ئۈچۈن ئىلگىرىلەيتتى. ھالا بۈگۈن، شائىر ئاشۇ قۇربانلىقلارنى ۋە جەڭلەرنى يەنىلا قەدىرلىسىمۇ، بىراق «خۇددى بەزى نەرسىلەر يېلىمى قاتقاندىن كېيىن مۇستەھكەملەشكىنىدەك»، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنىسىگە سوغۇققانلىق بىلەن قايتىدىن قاراپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئۈچىنچى بۆلەكتە ئۇ بىر ھېكايە(ياكى بىر مەسەل) بىلەن يېڭى دەۋىردە ئۆزىنىڭ پەقەتلا كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى، دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئىستەيدىغان ھالىتىنى-- گويا بىر قېرى مۇزىكانتنىڭ مۇزىكىغا بولغان ساداقىتىگە، گويا بىر يىگىتنىڭ سۆيگىنىگە بولغان سېغىنىشىغا ئوخشايدىغان ئاشۇ ساپ تىلەكنى ئەسلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ پۈتكۈل دۇنياغا ۋە ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان كۆڭۈل بۆلۈش بولۇپ، پايدا-مەنپەئەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر شائىرنىڭ ئابىستىراكىت ۋەتەن، مىللەت ئۇقۇملىرىدىن ھالقىشى، ھەم ئاستا-ئاستا «بىركىملىك تارىخى»دىن يىراقلىشىشقا-- ئۇنىڭ جاھىللىقىدىن، شەخسىيەتچىلىكىدىن، ۋە ھەقىقەتكە پۇتلىكاشاڭلىقىدىن يىراقلىشىشقا باشلىغانلىقى ئىدى.

شائىر ئۆزىگە ئېچىلىۋاتقىنىدا، ئىچىگە قايتىۋاتقىنىدا، يەنى دېققىتىنى ئۆلۈمگە ۋە ھاياتقا، ئىنسانىيەت مەۋجۇدىيىتىگە يۆتكىگىنىدە، مىللەت، دۆلەت دېگەنلەر ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، خالاس.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-6 09:36:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.خ.ئەرتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2013-5-3 16:11
يەھۇدا ئامىخاينىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنىمۇ قوشۇپ قويما ...

يەھۇدا كونا مۇنبەردە تولا تونۇشتۇرۇلۇپ كەتكەن شائىر ئىدى، شۇڭا بۇنداق قىلىشنى ئارتۇق كۆردۈم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش