يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 341|ئىنكاس: 5

قومۇشلۇق) موھەممەدروزى ئابدۇقادىر(

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قومۇشلۇق
موھەممەدروزى ئابدۇقادىر

كېرىيە(1) بىلەن دامىكۇ(1) ئارىسى
چەكسىز كەتكەن قومۇشلۇق-
يېشىل ساۋۇت،دوبۇلغا كىيىپ
تۇغ تۇتۇشقان ھون لەشكەرلىرى
پەسلىمەكتە قۇياش چوغلىنىپ،
پىتىراپ كەتتى قومۇش قۇلاقلار
خاقان ئېتى ئايلاندى دۆڭگە،
يېرىلدى يەر،سانسىز كۆپ لەشكەر
چۈشۈپ كەتتى چوڭ بىر يېرىققا،
ئۈندى روھى قومۇش بوپ كۆكلەپ
يىلتىز تارتتى زېمىن باغرىغا.

ئاپتوبۇس ھىسياتسىز قېرى بىر مەخلۇق
پەسلىمەكتە غالجىر شىر-قوياش،
ئاخىر
توسۇۋالدى يوللار قولىنى
بىنالارنىڭ سىرلىق ئورمىنى
قالدى ئارتتا چەكسىز قومۇشلۇق.
2004-يىل 8-فېۋرال 1-2-يۇرت ناملىرى




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   روزى قادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-2 12:02  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-5-2 19:56:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتمۈشتىكى قومۇشلۇق تۇيغۇلىرى ئەمدى بولغاندا قايتا يېلىنجاۋاتامدۇ دوستۇم؟ بەكرەك ئىزدەپ بېقىڭە قېنى، شۇ قومۇشلۇقلاردا سىزنىڭ ياشلىق ھىسسىياتىڭىزنىڭ تۇنجى قەدەم ئىزلىرىمۇ ھۇن لەشكەرلىرىنىڭ ئىزلىرى بىلەن ئارىلاشقان ھالەتتە ساقلىنىۋاتامدىكىن؟

ۋاقتى: 2013-5-2 23:02:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇشېئىر ئىپادىلەش جەھەتتە باغلىما تەسەۋۋۇر ئارقىلىق ئىجتىمائىيەتكە ئچكىرلەپ كىرىلگەن.ياخشى يېزىلىپتۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-3 09:30:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە ھېلىھەم شۇ خىل تۇيغۇلار قەدىرلىك،  ئامان بولغايسىز دىلشادجان.

ۋاقتى: 2013-5-3 12:05:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېرىكىڭىزدىن زوق ئالدىم. قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-6 18:53:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېرىقچىلىق مۇراسىمى


ئاۋاتلىقى :150       يوللانغان ۋاقتى:2010-8-10 9:46:52

  


ئەتىياز   

تەرلىمەكتە ئېغىر پۇشۇلداپ -

بۇسۇغامدا ،قولدا بۇقۇسا ،

تەختىرۋانى قۇياشنىڭ پەسلەپ

جىملىمەكتە قەلبىمنى ئاستا .



تەييار ھەممە ئېتىز قىرىدا   

تېرىقچىلىق ئىلاھى خۇشۋاق ،

دۇرۇت ئۇقار ياشانغان ئانا

ئىسىرىق ئۇتى چاچار خۇشپۇراق .



ئۇيغاندى يەر ، نازۇرك تۇيغۇدا -

ئۈندى ئاستا باغرىغا ئۇرۇق .

قىزىرىشى كۈندۇزنىڭ تاتلىق

قەدىمىدىن تۈكۈلەر يۇرۇق .




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش