نۇرگۈل ئەبەي
1970 – يىلى 2 –ئاينىڭ 12 – كۈنى خېجىڭ ناھىيەنەمۇدۇن يېزىسىسدا تۇغۇلغان. 1992 – يىلى تارىم يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دېھقانچىلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن. 1992 – يىلدىن 2000 – يىلىغىچە نەمۇدۇن يېزىلىق تېخنىك پونكىتىدە ئىشلىگەن. 2000 – يىلدىن باشلاپ خېجىڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىدا ئىشلەپ كەلمەكتە.
ئۇ«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2008 - يىللىق 4–سانىدا ئېلان قىلغان «ئالتۇن»،«ئەمدى مېنى ئىزدىمەڭ» ناملىق تۇنجى ھېكايىلىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ «جۇدالىق سىرى»ناملىق رومانى، 20 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، 7 پارچە پوۋېستى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى.
2011-يىلى10-ئايدا «ئانا»ناملىق ھېكايىسى 18-نۆۋەتلىك«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. «ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن» ناملىق پوۋېستى«كروران» ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان «بۈركۈت پەرۋازى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى.