كۆرۈش: 453|ئىنكاس: 9

كۆڭۈلگە نەسىھەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆڭۈلگە نەسىھەت


ئادىلجان ئىمىن سەبۇرى


بىراۋغا ئەيلىمەك بولساڭ ۋاپايۇ مىھرى- شەپقەتنى ،
ھەزەر قىل ئايرىما چەتكە ئاراڭدىن ئۇل پەردىشەپنى.

پەردىشەپ بولمىغان يەردە نە بولغاي ھۆرمىتى زاتنىڭ ،
كىلەمدۇ يۈتكىنى قايتىپ يوقاتقان چاغدا ھۆرمەتنى .

چېقىلغان كۆرگۈيىڭ ئەسكە كىلىپمۇ قالىدۇ بەلكىم،
لىكىن ھەر قانچە قىلساڭمۇ تاپالماس ئەسلى قىممەتنى.

بىلىپ تۇت دوستنى ئەي كۆڭۈل مالامەت تاتمايىن دىسەڭ،
پۇشايمان دۇرىسى يوقتۇر ئۆزۈڭلا تارتىسەن دەرتنى.

ۋاپادىن تاپقىنىڭ بولسا نادامەت ، دىل پەرىشانلىق،
بۆلەكتىن ئىزدىگىن تاشلاپ ، ئىسىل سىرداشى-ئۈلپەتنى.

زىيادە ئاقكۈڭۈل بولما بۇلۇركەن بولمىسا دىل غەش،
بېشىڭغا سالمايىن دىسەڭ ، بېسىقماس دەردۇ-كۈلپەتنى.

بىھۇدە ئۆتمىسۇن ۋاقتىڭ نىشانسىز ئاتما ئوق بىر پاي،
ئۆمۈرلۈك ئاشىنا تۇتقىن قەدىرلەپ ئۇل مەرىپەتنى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-5-1 15:22:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقكۆڭۈل بۇلۇش گۇناھ ئەمەس. ئاق كۆڭۈل بولماسلىققا دەۋەت قىلغاندىن، سەزگۈر بۇلۇشقا ئىلھام بىرىش ياخشىمىكىن دەيمەن...

ۋاقتى: 2013-5-3 19:08:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ مېسىرادىكى  ناسىھ ئەپەندى كۆرسىتىپ ئۆتكەن سۆزنى «زىيادە كۆڭۈلچەك بولما» دېسىڭىز جايىغا چۈشىدۇ بەلكىم.
تەكلىپىم: يەنە بىر پىششىقلاپ باقسىڭىز ئېسىل غەزەل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-4 16:07:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناسىھ يوللىغان ۋاقتى  2013-5-1 15:22
ئاقكۆڭۈل بۇلۇش گۇناھ ئەمەس. ئاق كۆڭۈل بولماسلىققا دەۋە ...

دىگىنىڭىزنىڭ خاتاسى  يوق  .  لىكىن  ، چىكىدىن  ئاشقان  ھەر بىر   ئىش  كىشى ئۈچۈن ياخشى  ئەمەسكەن دىگەن يەكۈننى   خېلى  تەجىربىدىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن  يەكۈنلەپ چىققان ئىدىم ،  مەن مەيدانىمنى  ئۆزگەرتمەيمەن .   بىر  نەرسىنى  قانچە  ئىگىز   كۆتۈرسىڭىز  شۇنچە  پەستە  قالىدىكەنسىز..... قاتناشتۇرغان   پىكىرىڭىزدىن  سۈيۈندۈم .... پىكىرلىرىڭىزنى  ئايىماسلىقىڭىزنى  ئۈمۈد  قىلىمەن ....سالامەت بۇلۇڭ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-4 16:10:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.خ.ئەرتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2013-5-3 19:08
شۇ مېسىرادىكى  ناسىھ ئەپەندى كۆرسىتىپ ئۆتكەن سۆزنى «زى ...

مەن  ئويلايمەن   ئاقكۈڭۈل  ئادەملا  كۆڭۈلچەك  بۇلامدىكىن دەپ .   سىز بۇنىڭغا  قانداق  قارايسىز...

ۋاقتى: 2013-5-6 19:50:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجان ئىمىن يوللىغان ۋاقتى  2013-5-4 16:10
مەن  ئويلايمەن   ئاقكۈڭۈل  ئادەملا  كۆڭۈلچەك  بۇلامدىك ...


دېگىنىڭىز توغرا. ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى ئۇلارنىڭ كۆڭۈلچەكلىكىدە تېخىمۇ بەك نامايان بولۇدۇ. ئەمما، ئاسمىنى كەڭ يايپاڭ شەدە ياشاپ كۆنگەن بىزلەر ئاشۇنداق ئاق كۆڭۈل كىشىلەر.ئەلبەتتە شۇ ئاق كۆڭۈللۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ۋاقىتلارمۇ كۆپ بولغان.بۇنۇڭلىق بىلەن «كۆڭۈل»نى ئاق كۆڭۈللۈكنى تەرك ئېتىشكە بۇيرىساق مۇۋاپىق بولمايدىغاندەك ھىس قىلدىم .ئەمدى شېردىكى ئاشۇ مىسرالارغا كۆچسەك؛ «سەزگۈر بول ئەي كۆڭۈل ھەر ۋاق،بولۇركەن بولمىسا دىل غەش،» دەپ ئالماشتۇرۇپ قاراپ باقسىڭىز قانداق بولار....
       "مازار بار يەردىن پۇتۇڭنى يىغ، موللا بار يەردە تىلىڭنى" دەپتىكەن. مۇنبەردە ئۇستازلار كۆپ. قالغان تەكلىپلەرنى شۇلار بىرەر بەلكىم...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ناسىھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-6 19:53  


ۋاقتى: 2013-5-6 23:12:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆھبەت داۋاملاشسا بوپتىكەن يەنە .

ۋاقتى: 2013-5-11 17:01:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            ھازىر  ئاق  كۆڭۇل   ئادەملەر  بەك  زىيان  تارتىدىغان   بولۇپ   كەتتى ،  ئەتراپىمىزغا    قارايدىغان   بولساق  كوچىلاردا   يالغاندىن  مېيىپ   بولۇۋېلىپ  تىلەمچىلىك     قىلىپ   يۈرىدىغانلار مۇ   ناھايىتى  كۆپ  ئۇلارمۇ   شۇ  ئاق كۆڭۇللەردىن        پايلىنىپ    نۇرغۇن   پۇل   تاپىدۇ   ،  ئۇلارنى  نازىنىنلارغا   خەجلەيدۇ  .

ۋاقتى: 2013-5-11 19:14:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا «ناسىھ» ئەپەندى، يەنىمۇ ياخشى تەكلىپ بىرىپتۇ:
«سەزگۈر بول ئەي كۆڭۈل ھەر ۋاق، بولۇركەن بولمىسا دىل غەش،»

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-9 16:27:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناسىھ يوللىغان ۋاقتى  2013-5-6 19:50
دېگىنىڭىز توغرا. ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى ئ ...

مىنىڭ  بۇ يەردە  ئاقكۈڭۈل بولماسلىققا  دەۋەت قىلغىنىم يوق   ئەلۋەتتە،.
«زىيادە ئاقكۈڭۈل بولما » دىيىش ئارقىلىق  ،مەيلى  ئاقكۈڭۈللۈك بولسۇن ۋە مەيلى  باشقا جەھەتتىن بولسۇن  ، ھەر بىر ئىش قىلغاندا  «زىيادە»  لىكتىن  ساقلىنىشنى  ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچى،  كۆزى ئەڭ ئۆتكۈر ھەم سەزگۈر  بولغان بۈركۈتنىڭمۇ  ئولجىسىنى  قاچۇرۇپ قۇيىدىغان ئەھۋال  ئۇچراپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ  ....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش