كۆرۈش: 517|ئىنكاس: 3

پروگرامما ۋە تەقدىردىكى ئۆزگىرىشلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پروگرامما ۋە تەقدىردىكى ئۆزگىرىشلەر

        ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى
                1
ـــ سىز ھازىرقى ھالىتىڭىزدىن رازىمۇ؟
ـــ ئەلۋەتتە رازى.
ـــ ئۇنداقتا مۇشۇ ھالىتىڭىزنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىڭ.
ـــ بۇرادەر،سىز ھازىرقى تۇرمۇشىڭىزدىن رازىمۇ؟
ـــ رازى ئەمەس.
ـــ نىمىشقا؟
ـــ مەن بىر مەغلۇپ بولغۇچى،تەكرار-تەكرار مەغلۇپ بولغۇچى!
ـــ ئۇنداقتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا تەشنا ئىكەنسىزـ دە!
ـــ ئەلۋەتتە،لېكىن ھىچبىر ئامالىنى تاپالمىدىم.
   بۇ قىسقا دېئالوگدىن بىز مۇنداق بىر نوقتىنى ھىس قىلىمىز: ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر (جۈملىدىن ئۆزىمىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ئارىسىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارمۇ،مەغلۇپ بولغۇچىلارمۇ بار. مەغلۇپ بولغۇچىلار ئاساسەن ئۆزىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىدىن رازى ئەمەس، بەزىلىرى ھەتتا «تەقدىرىم» كاج بولسا كېرەك, دىگەن تونۇشقا كېلىپ،ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ،ئەكسىچە جەمئىيەتتىكى سەرخىللار، سان-ساناقسىز مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار كۆپ ھاللاردا مەغلۇبىيەتچىلەرگە بىر خىل مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قارايدۇ.خالىس گەپنى قىلساق، مەغلۇبىيەتچىلەرنى ھەرگىزمۇ ئۆز مەيلىگە قويىۋېتىپ«بولۇشۇڭ مۇشۇ»دەپ تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ.
خوش،سىز ئوقۇش،خىزمەت ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش داۋامىدا قانچە قېتىم مەغلۇپ بولۇپ، قانچە قېتىم غەلبە قىلىپ باققان؟ ئەلۋەتتە بۇ سۇئالغا ھەركىمنىڭ بېرىدىغان جاۋابى ھەرخىل بولىدۇ. بىز بۇ خىل جاۋاپلارغا دىققەت قىلىپ باقساق، ئەلمىساقتىن بۇيان بىرمۇ مەڭگۈلۈك مەغلۇپ بولغۇچىنى ياكى مەڭگۈلۈك غەلبە قىلغۇچىنى ئۇچرىتالمايمىز. دېمەك،مەغلۇپ بولغۇچى بىر چاغلاردىكى غەلىبە قىلغۇچىدۇر، غەلبە قىلغۇچىمۇ ئوخشاشلا بىر چاغلاردىكى مەغلۇپ بولغۇچىدۇر.
ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن غەلبە بىلەن مەغلۇبىيەت ئۆزئارا ئالمىشىپ تۇرىدۇ؟ مېنىڭ بېرىدىغان جاۋابىم: بۇ تامامەن ئۆزىڭىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قانداق ئىپادىلىشىڭىزگە باغلىق. تېخىمۇ كونكىرېت قىلىپ ئېيىتسام،كاللىڭىزغا ئائىلىدە ، مەكتەپتە،خىزمەت ئورنىدا ۋە ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا تىنىمسىز قاچىلىنىپ تۇرغان پروگراممىلارنىڭ،سىزنىڭ گەپ-سۆزىڭىز ئىد ىيەڭىز، ھەرىكىتىڭىز شەكلىدە ئىپادىلىنىپ تۇرىۋاتقانلىقىغا باغلىق!
ئىپادىلەش پەلسەپەسىنىڭ قارىشىچە سىز، بىز ۋە باشقىلار دۇنياغا كۆز ئاچقان كۈندىن تارتىپ ئائىلىنىڭ ئىچى-سىرتىدا تىنىمسىز پروگراممىلىنىمىز،يەنى بىزگە ئۆگۈتىش، ئوقۇتۇش،سۆزلەپ بېرىش، ئۈلگە كۆرسىتىش، ۋەزىپە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئاتا-ئانىلار،قان-قېرىنداشلار،ئۇستازلار، رەھبەرلەر،خىزمەتداشلار،ئالىم،ئەدىپلەر، چولپانلار...ئىش قىلىپ بىز بىۋاستە ئۇچراشقان ،ئۇچراشمىغان سان-ساناقسىز كىشىلەر تىنىمسىز ئۇچۇر قاچىلاپ،بىزنى ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ ياكى يىتەكلەيدۇ. چوڭ جەھەتتىن،بىزنى كونترول قىلىدىغان پروگراممىلار: ئۆرۈپ-ئادەت پروگراممىسى؛ئەخلاق پروگراممىسى ؛پەن- مائارىپ پروگراممىسى؛مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات پروگراممىسى؛قانۇن-تۈزۈم پروگراممىسى بولۇپ، بىز ئۆز-ئۆزىمىزگە باھا بەرگەندىمۇ،باشقىلار بىزگە باھا بەرگەندىمۇ بىر ياكى بىر نەچچە پروگرامما بىلەن ئەمەلىيىتىمىزنى سېلىشتۇرۇپ بىر نەرسە دەيدۇ. قىزىقارلىق يېرى،بىز باشقىلارنىڭ تەسىرى،يەنى تاشقى تەسىرگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشى بولساق،كىشىكەرنىڭ،تەشكىلنىڭ،ھەتتا بىز بىلەن ھىچبىر ئالاقىسى يوق ئادەملەرنىڭ بىز توغرۇلۇق ئېيتقان گەپ-سۆزلىرىگە قاراپ، يا ئۆزىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز،يا ئىنكار قىلىمىز، ئوخشاشلا ئۆزىمىزگە ئىشىنىدىغان،تاشقى تەسىرگە پەرۋا قىلمايدىغان مەغرۇر ئادەم بولساقمۇ يەنىلا قەلبىمىزگە مەھكەم ئورناشقان پروگراممىلارغا ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى سېلىشتۇرۇپ،شۇ ئاساستا ئۆزىمىزنىڭ يا مەغلۇپ بولغۇچى يا غەلبە قىلغۇچى ئىكەنلىگىمىزنى بېكىتىمىز.
                  2
بىزدىكى ۋىجدان ئازابى كۆپ ھاللاردا ئۆرۇپ –ئادەت پروگراممىسى،ئەخلاق پروگراممىسى، قانۇن-تۈزۈم پروگراممىسى،پەن-مائارىپ پروگراممىسىغا خىلاپ ئىش قىلغانلىقىمىز سەۋەپلىك پەيدا بولىدۇ.
بىزدىكى خۇشاللىق ھەم رازىمەنلىك تۇيغۇسىمۇ يۇقۇرقى پروگراممىلار بويىچە ياكى شۇ پروگراممىلارنىڭ بىرەرسىدە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ،خەيرىلىك ئىشلارنى قىلغانلىقىمىزدىن پەيدا بولىدۇ.
قىسقىسى، ئوخشاش بولمىغان پروگراممىلار ئايرىم ھالەتتە ياكى گۇرۇپپىلىشىپ بىزنىڭ بارلىق ئەمەلى ھەرىكەتلىرىمىزگە تىنىمسىز تەسىر كۆرسۈتىدۇ ياكى قۇماندانلىق قىلىدۇ.
ئادەتتە پروگراممىلار ئوتتۇرسىدىكى ئۆز ئارا تەسىر،بىر-بىرنى چەكلەش،،بىر-بىرنى مەلۇم جەھەتلەردىن ئىلگىرى سۈرۈش ھالىتى تۈپەيلى، بىزنىڭ تەقدىرىمىزدە تىنىمسىز ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ تۇرىدۇ.
بىز ياشاش داۋامىدا ئۇ ئىشنى قىلمىساق، بۇ ئىشنى قىلىمىز؛ئۇ گەپنى دىمىسەك،بۇ گەپنى دەيمىز،تىلىمىز بىلەن ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مەۋجۇتلىقىمىزنى ئىپادىلەيمىز،ئىدىيە ۋە تەپەككۇرىمىز ھەر دائىم يېڭى-يېڭى پروگراممىلارنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىپ، تۇرمۇشىمىزنى سەرخىللاشتۇرىدۇ،ھايات ۋە دۇنياغا،تۇرمۇشقا بولغان بىزارلىق،مەنىسىزلىك تۇيغۇمىزنىڭ پروگراممىلىنىپ،بىنورمال ھالەتكە كىرىپ قېلىشىدىن ھەر دائىم ساقلايدۇ.
ئىپادىلەش پەلسەپىسى ئىنسان ۋە ئالەمنىڭ ماھىيىتى ئىپادىلەش دەپ قارايدۇ،ئىپادىلەش ئىقتىدارىدىن قالغان ئىنسانمۇ،ئالەممۇ بەربات بولىدۇ،شۇڭلاشقا پروگراممىلارنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ھادىسىسى كۆپ ھاللاردا ئىنسانلارنى باش-ئاخىرى چىقماس ئۇرۇش ۋە ئېغىر تالاپەتكە دۇچار قىلىدۇ،كىمكى ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ پروگراممىسى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ،ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، يول قويۇش ئاساسىدا ياشىسا، تۈرلۈك ئۇقۇشماسلىقلاردىن ساقلىنالايدۇ.
بىز ئىپادىلەش پەلسەپىسى بىلەن ئىدىيەمىزنى پروگراممىلىساق،ئائىلىنىڭ ئىچى –سىرتىدىكى بارلىق مەشخۇلاتىمىزدا ئېنىق پروگرامما بويىچە مەشخۇلات ئېلىپ بارالايمىز، پروگراممىدىن يىراقلاشقان بارلىق گەپ-سۆز، ھەرىكەت ئۆز نۆۋىتىدە بېشىمىزغا بالا بولىدۇ. بىزنىڭ بارلىق مەغلۇبىيىتىمىز ئېنىق پروگرامما تۇرغۇزۇپ، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا پروگرامما بويىچە ھەرىكەت ئېلىپ بارالمىغانلىقىمىزدىن كېلىپ چىققان.
                3
ئىپادىلەش پەلسەپىسى ـــ تىنچلىق پەلسەپىسىدۇر. ئۇ ھەر بىر شەخىس،ھەر بىر ئائىلە،ھەر بىر مىللەت ۋە دۆلەت شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئەبەدى تىنىچلىقنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ بېرىدۇ،بىزنىڭ ھەرقانداق چاغ، ھەر قانداق مۇھىتتا سۆز ۋە ھەرىكىتىمىز ئۆزىمىز تۈزگەن ھەم ئىتىراپ قىلغان پروگرامما، ئەقىدىگە مۇخالىپ كەلمىسىلا تىنچلىق ۋە تەرەققىياتىمىز مەڭگۈلۈك كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.
بۇرادەر،سىزنىڭ ئېنىق پروگراممىڭىز بارمۇ؟ ئائىلىڭىزنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسىگە ماس كېلىدىغان ئېنىق،توغرا ھەرىكەت پروگراممىڭىز بارمۇ؟ مۇبادا يوق بولسا،باشقىلاردىن سۈرۈشتە قىلىپ بېقىڭ،ياخشى بىر پروگراممىغا ئېرىشىپ قالسىڭىز تەقدىرىڭىزدە بۇرۇلۇش بولۇشتىن ئۈمۈت تۇغۇلىدۇ،ئەگەر تاپالمىسىڭىز،ئەقىدە- ئەخلاق،قانۇن-تۈزۈم،مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق، كىلەچەكشۇناسلىققا ئائىت كىتاپلاردىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ،تىز سۈرئەتتە ئۆزىڭىزنىڭ ھەرىكەت پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقىڭ!
ئىنساننىڭ ھەرقانداق پائالىيىتى ئەقىل ۋە ھىسىياتنىڭ بىرلەشمە كونتروللىقىدا بولىدۇ، ھىسىيات تىپى ئاساسلىق ئورۇنغا ئۆتكەندە،ئادەم پروگراممىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ، تۇرمۇشتىكى بارلىق ناچار ئادەتلەر ۋە بۇزۇقچىلىقلار ھىسىيات پروگراممىسىنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
                 4
ھەرقانداق كىشى ئاسانلىقچە بۇرۇندىن داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ،يېڭى پروگرامما بولسا، ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتىدۇ،ئادەت ئۆزگەرسە، تەقدىر ۋە تۇرمۇش يېڭىلىنىدۇ. ساۋاد چىقىرىش مەزگىلىدە ھەرىپلەرنى تەكرار يازغان، تىل ئۆگۈنىش جەريانىدا سۆز-جۈملىلەرنى تەكرار ئوقۇپ يادلىغان چاغلىرىمىز بولغان،بۈگۈنمۇ بىز بىر يېڭى پروگراممىنى تەكرار ئوقۇش ئارقىلىق سۇدەك يادلىۋالالايمىز-دە،بىز ئېرىشكەن پروگرامما ھاياتلىق سەپىرىمىزدىكى كومپاسقا ئوخشاش بىزگە ئېنىق نىشان بەلگۈلەپ بېرىدۇ.
دۇنادىكى پروگراممىلار ھەددى-ھېسابسىزدۇر ،چوڭلىرى خەلقئارالىق،دۆلەت دەرىجىلىك پروگراممىلار،قانۇن-تۈزۈملەر بولسا،ئەڭ كىچىكلىرى،ھەربىرىمىزنىڭ تۇرمۇش پروگراممىلىرى بولۇپ،ئۇلارنىمۇ مىڭلاپ كىچىك پروگراممىلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ،بىزدە ئۆمۈرلۈك پروگرامما بولغاندىن سىرت،بالىلىق،ياشلىق، ئوتتۇرا ياشلىق،قېرىلىق دەۋىر پروگراممىلىرى، بەش يىللىق،بىر يىللىق،بىر پەسىللىك،بىر ئايلىق،بىر ھەپتىلىك،بىر كۈنلۈك ھەتتا سائەتلىك مەشخۇلات پروگراممىلىرى بولسا، تۇرمۇشتا ھەربىرسۆز،ھەربىر ھەرىكىتىمىزنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەپتىش قىلىپ،خاتالىق كۆرۈلگەن ھامان تەدبىر قوللىنالايمىز ھەم غەلىبەسېرى ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز.
بۇرادەر،كەلگۈسىدە پۇشايمان قىلماسلىقىڭىز ياكى پۇشايماننى ئازراق قىلىشىڭىز ئۈچۈن دەرھال پروگراممىڭىزنى تۈزۈڭ!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاسىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-28 18:58  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-4-29 13:40:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئادەمنىڭ مېڭىسىنىڭ پىروگىراممىلىنىشى ھەققىدە تەرجىمە قىلىنغان مۇۋاپپەقىيەتشۇناسلىققا دائىر بەزى ئەسەرلەردە ئۇچراتقان ئىدىم.بۇ ماقالىڭىز ئادەمنىڭ ھاياتلىق تەقدىرىگە ئۆزگىچە قاراش نۇقتىسىدىن يېڭى تونۇش ئوتتۇرغا قويۇلىپتۇ. بىزدە «ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنى »دېگەن سۆزنىڭ ئېيتىلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ،لېكىن ئادەمنىڭ قانداق قىلىپ ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنى بولالايدىغانلىقى ھەققىدە ئاممىباپ،ئىلمىي،ئەمىلىيەت بىلەن باغلىنىشلىقى كۈچلۈك بولغان ئۆز ئاپتۇرلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى ئاز ياكى يوق دېيەرلىك. ئادەمنىڭ ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنىغا ئايلنىشى ئۈچۈن دەل سىز ئېيتقاندەك ئادەمنىڭ ئۆزىنى پىروگىراممىلىشى -يۇشۇرۇن ئېڭىغا ئۆزى ھەققىدە مۇۋاپپەقىيەت قازانغۇچى،پۇلدار،خۇشال-خورام ياشىغۇچى ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇچۇرلارنى كىرگۈزىشى سەۋەبىدىن ئادەمنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىڭ بەلگىلىنىپ قالىدىغانلىغىنى نۇرغۇن ئادەملەر چۈشەنگۈدەك بولدى.مەن سىزنىڭ مۇشۇ نۇقتىدىن -يەنە ئادەمنىڭ مېڭىسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قانداق پىروگىراممىلىنىدىغانلىقى،ئۆزىنى ئۆزى بىلىپ-بىلمەي قانداق پىروگىراممىلايدىغانلىقى، شۇنداقلا  ئۆزىنى قانداق پىروگىراممىلىسا بىر مۇۋاپپەقىيەت قازانغۇچى ۋە خۇشال -خورام ياشىغۇچىغا ئايلىنالايدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلى چوڭقۇر ئىزدىنىپ ،خۇددى خوتەندىن ئۈرۈمچىنى نىشان قىلىپ  يولغا چىققان شوپۇر  قايسى يوللار بىلەن مېڭىپ ئۈرۈمچىگە تېز،بىخەتەر يېتىپ بارالايدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ ،شۇ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىنىغا ئوخشايدىغان  ئادەمنىڭ ئۆزى يەتمەكچى بولغان نىشانغا ئۆزىنى قانداق پىروگىراممىلاپ چىقسا شۇ نىشانغا تېز ،ئۈنۈملىك يېتىپ بارالايدىغانلىقى ھەققىدە بىرەر پارچە  كىتاب سۇنىشىڭىزغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

ۋاقتى: 2013-5-20 15:19:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېزىز مۇئەللىم، ئۆزىڭىزنىڭ سەرخىل تېمىلىرىنىمىۇ يوللاڭ، ئوقۇپ بەھىر ئالايلى!

ۋاقتى: 2015-9-7 19:44:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىڭىزنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ كۆرەيلى؟!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش