ئالقىنىڭدا بولاي ۋالىبۇل
ئوتلىرىڭدا قاقلىنىپ پىشتىم
لەۋلىرىڭگە ئاقسۇن مايلىرىم .
تىنىقىڭنى يىغاي تېرەمگە،
بولكا بولسۇن قۇياش ،ئايلىرىم
سائەتلەرنى قىلىپ خام ئەشيا
ھەرىكەت قىلار كۆڭۈل كارخانام .
قەدىمىڭنى ئاجىز خاتىرىلەپ،
مۇز ئۈستىدە ئېرىيدۇ چانام .
بۇرۇنلىرىم كېتەر قارىداپ،
.بىر غايىۋېي دۇنيا تىرىلسە.
تەشۋىشلىرىم بولىدۇ رەسسام
تەنھالىقىم ھالال كېرىلسە.
ۋاپات بولار چىشىم تۈنجى رەت ،
دەرۋىش بەدەن ئېچىلدى يېرىم .
بارمىقىڭدا بولاي ۋالىبۇل،
ساددا ھەۋەس بولماقتا قېلىن .
يوتقىنىنى قاتلاپ يوللارنىڭ ،
يىغىپ ماڭدىڭ ئەركەك كۆزىنى .
ئۇچار تەخسە بولدى تۆت كوچا،
تۆت تەرەپكە بۇرار يۈزىنى.
كىندىكىنى شوراپ كېچىنىڭ ،
كۆزلىرىڭگە سۆيگۈ پۈركىدىم .
زىنىقىڭدىن چۈشكەن يۇلتۇزنى،
ياللۇغلانغان دىلغا سۈركىدىم !
ئۇرىۋەتكىن مامۇق قولىڭدا ،
مەن مۇشۇنداق قېلىن ۋالىبۇل .
دەرۋازاڭنى ناتونۇش چەكسە ،
ئەدەپ بىلەن سورىغىن پارۇل.
ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن
|