يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1347|ئىنكاس: 15

يۇمۇر ئاڭلامسىز؟ بەلكىم سىزدىمۇ بار...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار ، شېئىر تۇقۇپ ، ھىكايە يېزىپ ،بەزىلىرىڭلار ئۇنى تەھرىرلەپ چارچاپمۇ قالىدىغانسىلەر ،
ماۋۇ يۇمۇرلارنى ئوقۇپ كۆرسەم قىزىققارلىقكەن ، شۇڭا سىلە دوستلىرىمنىڭمۇ ھۇزۇرىغا ئالغاچ كەلدىم ،،، ئاز تولا بولسىمۇ ھاردۇقۇڭلار چىقار ...


ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮئايدانىش ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﺩﯗﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﭺ ساراڭ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘئايدانىشﺑﯘ ﺳﺎﺭﺍﯕﻼﺭﻧﻰﻛﯜﺭﯛﭖ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ:ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﯘﯕﻼﺭ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟
. _ﺳﺎﺭﺍﯕﻼﺭ ﺑﺎﺵ ﻟﯩﯖﺸﯩﺘﯩﺸﯩﭙﺘﯘ.
ئايدانىش :
ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﻮﻝ ﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺑﺎﻏﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﻣﯧﯟﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﻥﺩﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﯖﻼﺭ، ﻛﯩﻢ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺷﯘ 10ﺩﺍﻧﻪ ﻣﯧﯟﯨﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻪﻥ ﺷﯘﻧﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ،_ﺩﻩﭘﺘﯘ.
ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﺎﺭﺍﯕﻼﺭ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﭖ ﺑﺎﻏﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯘﮔﯜﺭﯛﺷﯜﭘﺘﯘ.  
ﺑﯩﺮﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ساراڭ ﺑﺎﻏﺪﯨﻦ 10 ﺩﺍﻧﻪ ﺋﺎﻟﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪﺑﺎﺷﻼﭘﺘﯘ،ﻳﻪﭖ _ﻳﻪﭖ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﯨﻨﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻮﻧﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﻤﺎﮔﯧﻠﯩﻐﺎ ﺗﯜﺭﯛﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ.
ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺳﺎﺭﺍﯕﻤﯘ ﺋﻮﻥ ﺩﺍﻧﻪﮔﯩﻼﺳﻨﻰ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ،ﻳﻪﭖ ﺋﻮﻧﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯧﻠﯩﻘﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜﭖﻗﺎﭘﺘﯘ.ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺭﺍﯕﻨﯩﯔ ﺭﻭھﻰ ﺋﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﺎﻟﻤﺎ ﮔﯧﻠﯩﻐﺎ ﺗﯜﺭﯛﭖ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ساراڭ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯧﻠﯩﻘﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥﺳﺎﺭﺍﯕﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ:; _ھەيﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭ،ﻣﻪﻥ ھﻪﻳﺮﺍﻧﻤﻪﻥ،ﻣﻪﻧﻐﯘ ﺋﻮﻥ ﺗﺎﻝ ﺋﺎﻟﻤﯩﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻱ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﻪﻥ ﺋﻮﻥ ﺗﺎﻝ ﮔﯩﻼﺳﻨﯩﻤﯘ ﻳﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻱ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﯖﻐﯘ؟ _ﯞﺍﻱﺋﺎﺩﺍﺵ ،ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎ،ﻣﻪﻥ ﮔﯩﻼﺳﯩﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﺋﻮﻧﯩﻨﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ساراڭ ﺋﻮﻥ ﺗﺎﻝ ﺗﺎﯞﯗﺯﻧﻰ ﻛﯚﺗﯩﺮﻩﭖ ﺋﯩﻨﺠﻘﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻤﺎﻣﺪﯗ،ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﯜﻟﯜﭖﺗﯧﻠﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ...
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

ﺑﯩﺮ ﺩﺍﺭﺍﺯﺍ(ئادىمىن ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻛﯩﻨﻪﻙ(تۇران ) ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ ، ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯩﯖﯩﭗ ﻣﯩﯖﯩﭗﺷﺎﺧﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺯﯨﭻ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﻣﺎﻟﯩﻘﻘﺎ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘ . ﺑﯘ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦﺋﯚﺗﯜﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﻣﯩﻠﻪﭖ ﻣﯩﯖﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺩﺍﺭﺍﺯﺍ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰﻗﯩﻴﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﻨﻪﻙ ﺋﯘﻧﻰ ﺯﺍﯕﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯩﮕﯩﺰﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﻪﺭﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﺗﯜﭘﺘﯜﺯ ﻳﻮﻟﺪﯨﻤﯘ ﺋﯩﯖﯩﺸﯩﭗ ﻣﺎﯕﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ، ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯩﻴﺴﯩﻤﯘﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﺎﺭﺍ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﺘﯩﻨﯩﯖﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻦﺑﯚﻟﯜﭖ ﺋﯜﭺ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﻛﯩﻴﯩﻤﻪﻥ ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﺸﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺗﯩﺠﻪﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﺩﯨﮕﻪﻥﮔﻪﭖ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭘﺎﻛﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻩﭘﺘﯘ. ﺩﺍﺭﺍﺯﺍ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﺳﻘﺎ ﺳﯩﻠﯩﭗﻣﯩﯖﯩﯟﯨﺮﯨﭙﺘﯘ ،ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻍ ﺋﯘﭼﺮﺍﭘﺘﯘ. ﺩﺍﺭﺍﺯﺍ ﭘﯩﺸﻘﺎﻥﺋﺎﻟﻤﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﻳﻪﭖ ﻣﯩﯖﯩﭙﺘﯘ ، ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﻨﻪﻙ ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﯩﺘﺎﻝﺋﯜﺯﯛﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻣﺴﻪﻥ ﺩﻩﭘﺘﯩﻜﻪﻥ، ﺋﯩﺸﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﻤﻪﻣﺴﻪﻥ ﺩﻩﭘﺘﯘﺩﺍﺭﺍﺯﺍ...


بىر كۈنى ، بىر مائارىپشۇناس ئابدۇرېھىمكام  باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىلىم، تەپەككۇر ئىقتىدارىنى سىناپ بىقىش مەقسىتىدە مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە كىلىپ، بىر ئوقۇغۇچىدىن سوراپتۇ:
!بالام، ئەگەر دەرەختە 10قۇشقاچ بولسا، مەن بىر تاپانچا بىلەن بىرنى ئىتىۋەتسەم، يەنەقانچىسى قالىدۇ؟

--ئاۋازسىز تاپانچىما؟
3-تاپانچىنىڭ شاۋقۇنلۇق دەرىجىسى قانچە؟100دېستىبىلدىن ئاشامدۇ؟
-ئاشىدۇ، سەن زادى قانچىسى قالىدۇ، شۇنۇڭغىلا جاۋاپ بېرە!
- جەمىئي 10 قۇشقاچ ئىكەنلىكى جەزىم قىلالامسىز؟ ئەتراپتا باشقا قۇشقاچلار يوق؟
-جەزىم قىلىمەن
-بارلىق قۇشقاچلار ئەركىن ھەركەت قىلالامدۇ؟
--ھەئە، ......ئۆتۇنۇپ قالاي،زادى قانچىسى قالىدۇ؟
-قۇشقاچلار ئارىسىدا مىيىپلىرى بارمۇ؟ مەسلەن پاڭ، ئۇچالمايدىغانلار...
-يوق!(ئابدۇرېھىم زۇنۇنكامنىڭڭ سەۋرى چىكىگە يىتىپتۇ)
-دىگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى راست بولغان ئەھۋالدا،ئەگەر سىز ئىتىۋەتكەن قۇشقاچ دەرەختە ئىسىلىپ قالسا بىر قۇشقاچ قالىدۇ. ئەگەر يەرگە چۈشۈپ كەتسە دەرەختە بىرمۇ قۇشقاچ قالمايدۇ، دەپ جاۋاپ بىرىشىگىلا،مائارىپشۇناس ئابدېرېھىمكام  شۇيەردىلا ھوشىدىن كىتىپتۇ

ھى ھى  شوخلىق قىلىپ ئىسمىڭلارنى كەلتۇرۇپ يوللىۋەتتىم .بۇ چاقچاق جۇمۇ خاپا بۇلۇپ كەتمەڭلار .خالىساڭلار يەنە بار جىققىدە


باھا سۆز

قالتىس يۇمۇرلاركەن  ۋاقتى: 2012-4-19 09:06 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-9 14:53:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس يۇمۇرلاركەن- ھە!...

ۋاقتى: 2012-4-9 15:14:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     katran كىتاپخانىغا كىرىپ ، سائادەت ساتتارغا  :
   مەن بىر كىتاپ ئالاي دېگەنىدىم . كىتاپنىڭ مەزمۇنى قاتىللىق يوق ، لېكىن قان پۇراپ تۇرىدىغان ؛ مۇھەببەت يوق ، لېكىن مۇھەببەت بىلەن نەپرەت گىرەلىشىپ كەتكەن ؛ رازۋېتكىلىق يوق ، لېكىن ھەر ۋاقىت ئادەمنى ساراسىمگە سېلىپ تۇرىدىغان بولسا بۇلاتتى . مۇشۇنداق كىتاپ بارمۇ  ؟ _ دەپ سوراپتۇ .  
  _ مانا سىز ئالماقچى بولغان كىتاپ ، _ سائادەت  شۇنداق دەپلا « جوڭگونىڭ پاي چېكى بازىرىنىڭ ئەھۋالى » دىگەن كىتاپنى بىرىپتۇ .   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پىنھانە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-9 16:38  


ۋاقتى: 2012-4-9 15:25:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىركۈنى خەنجەر ئايالىغا خاپا بولۇپ قايناپ كېتىپتۇ :
__مۇشۇ كۈندە سەن مېنى كۈندىن كۈنگە ياخشى كۆرمەس بولۇپ قېلىۋاتىسەن .
ئايالى : نېمە دەيدىغانسىز ، ياخشى كۆرگەچكە ھەممە ئىشىڭىزنى قىلىۋاتقاندىمەن ، ئۆزىڭىز بىلىسىزغۇ گالىستۇكىڭىزنىمۇ كۈندە مەن تاقاپ قويىۋاتىمەنغۇ .
خەنجەر : بىراق گالىستۇكنى تاقىشىڭ كۈندىن - كۈنگە چىڭىپ كېتىۋاتىدۇ .



.

تاشيولچى  كەچلىك تاماققا ئېغىز تىگىپلا ئايالىغا كايىپ كىتىپتۇ :
__نېمانچە تەمسىز تاماق بۇ ؟ قانچان بىر مېنىڭ ئاغىزىمغا تېتىغۇدەك تاماق ئېتەرسەم ؟
__يائاللا ، سىز ئەسلى بىر ئاشپەز خوتۇن ئالسىڭىز بوپتىكەن .
شۇ كۈنى كەچتە ئۇلار چىراغنى ئۆچۈرۈپ ئەمدىلا كۆز يۇمۇشىغا كارىدوردىن تاراق - تۇرۇق قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ ، بۇ ئاۋازدىن قورقۇپ كەتكەن ئايال تاشيولچى گە  دەپتۇ :
__سىرىتتا تاراقشىتىۋاتقان چوقۇم ئوغرى ،چىقىپ قاراپ باقسىڭىز بوپتىكەن ؟
__بولدى ئۇخلا ،سەن ساقچىغا تەگسەڭ بوپتىكەن .

  

مۇنبەرداشلارنى قۇشۇپ يوللىسا قىزىق بولدىكىنا ...كۈلكە ئاتا قىلغان ئەزىزلەرگە تەشەككۈر   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايشەمگۈل بارات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-9 16:08  


ۋاقتى: 2012-4-9 16:47:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق

ياش شائىر سەرداھى :
-مىنىڭ خېتىمنى ... ھەدەڭگە تاپشۇرۇپ بەردىڭمۇ؟
بالا :
_ ھەدەم ئۆيدە يوقتى، دادامغا بەردىم.
سەرداھى  :
- ھەي ئىسىت ! داداڭ نىمە دىدى ؟
بالا :
_ دادام بەك خاپا بولۇپ كەتتى . .. خەتنى سىزگە قايتۇرۇپ بىرىشىمنى ئېييتى .
سەرداھى :
_ ئۇنداقتا ، خەتچۇ ؟
بالا :
_ ئاخشام ئۆيدە يوقكەنسىز ، شۇڭا دادىڭىزغا تاپشۇرۇپ بەردىم .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-9 16:50:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىپ كىتىپتىغۇ بۇ يەر.

ۋاقتى: 2012-4-9 16:58:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي...دىققەت!ئوت كەتمىسۇن يانا!

ۋاقتى: 2012-4-9 18:48:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ياشاپ كېتىڭلار يۇمۇرچىلار. ھاھ-ھاھ...

ۋاقتى: 2012-4-9 18:56:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ئابدۇرېھىم زۇنۇننىڭ ساختا پۇل ياساپ باققان چاغلىرىكەنتۇق . ئۇستازىمىز ئېھتىياتسىزلىقتىن 15 كويلۇق بىرنى ياساپ قويۇپتۇ، لېكىن ئۇنى تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيماي، چەت -ياقا جايدىكى بىر كىچىك دۇكانغا كىرىپ خەجلىۋەتمەكچى بولۇپ، بىر كويلۇق نەرسە ئېلىپ، ھېلىقى 15 كوينى بېرىپتىكەن، دۇكان ئىگىسى ئۇنىڭغا يەتتە كويلۇق پۇلدىن ئىككىنى قايتۇرۇپ بېرىپتۇ.   
  
   يۇمۇرنى يېزىۋېتىپ يۈزلىرىم قىزىرىپ كەتتى . خىجىلچىلىقتىن  . . .
  ئۇستاز خاپا بولمىغايلا  ؟

ۋاقتى: 2012-4-9 19:02:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2012-4-9 18:48
ياشاپ كېتىڭلار يۇمۇرچىلار. ھاھ-ھاھ...


ۋاقتى: 2012-4-9 19:05:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       بىزنى جايلىيالايدىغانلارمۇ بار ئىكەن-ھە؟

ۋاقتى: 2012-4-9 19:18:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپەككۈر، ئىزدىنىشلىرىڭلارغا ئاپىرىن! مەندىن يۈز يىلدىمۇ بىر يۇمۇر چىقمايدۇدە
پىنھانە سىزگىمۇ رەھمەت. بەكلا ياخشى چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2012-5-12 20:25:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« تەنەپۇس » دېگەندەك قىزغىن ئەسەر مۇلاھىزىسىدىن كېيىن كۈلكىگە ئورۇن بېرىلىپ،جىددىلەشكەن نېرۋىنىڭ بوشىتىلىشى ياخشى بوپتۇ.بۇ سەھىپىنىڭ رولى كۆڭۈلنى كۆتىرىشتە ئەلۋەتتە.يەنە كېلىپ قەلەمكەشلەرنىڭ ئاساسى پىرسۇناج قىلىنغىنى يۇمۇرلارنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇرۇپتۇ.....

ۋاقتى: 2014-11-14 20:27:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئوقۇرمەن يازغۇچى ئابدۇرىھىم زۇنۇندىن سوراپتۇ:
- بۇ قىتىمقى رومانىڭىزدىمۇ ئەر پىرسۇناژ ئايالىدىن قورقامدۇ؟
ئابدۇرىھىم زۇنۇن: ياق ئايال ئەردىن قورقىدۇ.
ئوقۇرمەن: سىزچە بۇ رىئاللىققا ئۇيغۇنمۇ؟
- ئابدۇرىھىم زۇنۇن ياق،: چۇنكى بۇ فانتازىيلىك رومان

ۋاقتى: 2014-11-14 21:41:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
katran يوللىغان ۋاقتى  2012-4-9 16:50
قىززىپ كىتىپتىغۇ بۇ يەر.

ئوتنى قېزىسۇن دەپ ئۆزىڭىز ياققاندىكىن قىزىيدۇ-دە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش