ئۆلۈپ كەتتى بۇرۇنقى كامىل
كامىلجان ھەسەن
ئۈستۈن ئەمەس ھېچكىمدىن ھېچكىم
ئۈستۈن ئەمەس ھېچكىمدىن ھېچكىم
ۋاقىت ھەمدە تاغلار ئالدىدا.
مۇھەببەتنىڭ گۈزەل ۋىسالى
ھىجران قويغان داغلار ئالدىدا.
ئۈستۈن ئەمەس ھېچكىمدىن ھېچكىم
بولغىنىدا ئۆيۈمدە مېھمان.
يامغۇر قىلىپ بۇلۇتلىرىدىن
چاچقىنىدا سۆيگۈمنى ئاسمان.
ئۈستۈن ئەمەس ھېچكىمدىن ھېچكىم
ئۇچقۇنۇمدا كۆكلەردە لەرزان.
كۆلەپ چىقىپ ئانا زىمىندىن
بولغىنىمدا باراخسان ئورمان.
ئۈستۈن ئەمەس ھېچكىمدىن ھېچكىم
بۇلاقلاردىن تاشسام بۇلدۇقلاپ.
دەرىتمەنلەرنىڭ ھالىنى ئاڭلاپ
پىنھانلاردا تولغانسام يىغلاپ.
ئۈستۈن ئەمەس ھېچكىمدىن ھېچكىم
بورانلىرىم قۈترىسا ھوۋلاپ.
تۈمانلىرىم يۇتۇپ يوللانى
كاتاڭلىرىم قىينىسا ماژغاپ.
ئۈستۈن ئەمەس ھېچكىمدىن ھېچكىم
ساتمىسىلا ۋەتەن مىللەتنى.
چۆللۈرۈمدە كارۋانلار تارتىپ
ئىزلەپ ماڭسا قۇت-مۇھەببەتنى.
دۇنيارىمدا ئەدلۇ-ئادالەت.
ئۆكسۇمەيدۇ ئۆڭمەيدۇ پەقەت.
مۇساجاننىڭ ئىككىنج ئوغلى
مۇساجاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى
سۇغا چۈشۈپ كەتتى دۇنيادىن.
ئۆرە تۆپە بولدى مەھەللە
قالدى قۇشلار ھەتتا ناۋادىن.
مۇساجاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى
بىر بىخ ئىدى ئەندى كۆز ئاچقان.
قىزىقاتتى ھەممە نەرسىگە
كۆزلىرىدە سەبىلىك ھامان.
مۇساجاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى
تېخى سويما ئۈزۈپ باقمىغان.
ئۈژمىلەرگە يامىشىپ چىقىپ
شاخلار ئارا پەرۋاز قىلمىغان.
مۇساجاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى
كۈلسە بىرگە كۈلەتتى جاھان.
يىغلاپ قالسا يوللار سىلكىنىپ
كىپەزلىكلەر تارتاتتى پىغان.
مۇساجاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى
قوغلاشمىغان جاڭگالدا توشقان.
بىلمەيتى ھەم پادا بېقىشنى
يول-يوللاردا توزىتىپ توزان.
مۇساجاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى
ئاتىلارنى ئۆلۈپ ئۆلتۈردى.
بالىلارنى ھەسرەتكە تاشلاپ
ئانىلارنى جىمىپ ئۆلتۈردى.
بۈنداق ئۆلۇم كەلسە ھەر باشقا.
تولدۇرىدۇ كۆزلەرنى ياشقا.
ھۈسۇينەمنى كۈنلەپ ئىباخان
ھۈسۇينەمنى كۈنلەپ ئىباخان
ئۆتكۈزىدۇ تۈنلەرنى بىدار.
كۈندۈزلەردە ئورمان قوناقلىق
ئېرىقلارنى ئايلىنىپ تەكرار.
ھۈسۇينەمنى كۈنلەپ ئىباخان
يۈلتۇزلارغا يىغلايدۇ زار-زار.
چالۋاقايدۇ ئايغا ئالىيىپ
باسالماستىن ئۆزىنى زىنھار.
ھۈسۇينەمنى كۈنلەپ ئىباخان
ياشلىقنى ئەسلەيدۇ قۇتراپ.
دەرت ئېيىتمايدۇ ئەمما ھېچكىمگە
باللىرىنىڭ يۈزىنى ئاياپ.
ھۈسۇينەمنى كۈنلەپ ئىباخان
قۈرۇپ قالدى قاخشالدەك ياداپ.
چاچلىرىمۇ كەتتى ئاقىرىپ
تۈشمۇ-تۈشتىن ئازاپلار قىيناپ.
ھۈسۇينەمنى كۈنلەپ ئىباخان
ھەر كۈنلىگى ئوت ئاتەش كاۋاپ.
بىكار تۈرماس بولدى ئاغزىمۇ
ئۈزۈن تىرناق جىنلارنى قارغاپ.
ھۈسۇينەمنى كۈنلەپ ئىباخان
ئۆلىۋالماق بولىدۇ گاھى.
قىلىقلىرى يەرنى كۈلدۈرسە
دات سالدۇرار ئاسماننى گاھى.
بولالمىغاچ ئىباخان ئارقان.
ئەيىپلەيدۇ ئۆزىنى ھەرئان.
ئۆلۈپ كەتتى بۇرۇنقى كامىل
ئۆلۈپ كەتتى بۇرۇنقى كامىل ،
توپانلىرى يۈتتى ھاياتنىڭ .
پاچاقلاندى بارچە قورغانى .
زەربىسىدە كۈچلۈك پەريادنىڭ،
ئۆلۈپ كەتتى بۇرۇنقى كامىل .
سۇلدى ،بولدى گۈللىرى خازان،
بولغىنىدا زۇكام ، ئۈنۈملۈك.
بىر قاپ دورا بەرمەي بۇجاھان .
ئۆلۈپ كەتتى بۇرۇنقى كامىل ،
ھالقىغانغا تۈگىمەي داۋان.
قېقىپ تەكرار چېچەكلىرىنى .
باھار ئارا قۇترىغان بوران،
ئۆلۈپ كەتتى بۇرۇنقى كامىل.
تاشلاپ كېتىپ ھەممە بىر-بىرلەپ،
كۈلكە بولۇپ سەمىمىيلىكى.
سۆيگۈللىرى قۇرۇپ يىگىلەپ،
ئۆلۈپ كەتتى بۇرۇنقى كامىل.
تۇغۇلدى ھەم باشقىدىن پارتلاپ،
ئۆزى ئۈچۈن ياشايدۇ ئەمدى .
ھېچكىملەرگە بەرمەيدۇ ھېساب،
ئالالمىسا زەرگە توغۇرلاپ ،
چوقۇم تۈندە ئالىدۇ بۇلاپ.
ۋاقىتنىڭ تۇرقى
چاچلىرى بار ۋاقىتنىڭ سۇمبۇل،
يەلپۈنىدۇ شامالدا لەرزان.
سۆيدۈرىدۇ بارچە ھاياتنى ،
قىلغۇچىلىك جېنىنى قۇربان.
كۆزلىرى بار ۋاقىتنىڭ گۈزەل،
قارا، زەڭگەر كۆك قوڭۇر رەڭلىك.
يېمىرىلمەس بىر ھەقىقەتكى ،
غالىبتۇر ئۇ ھەرقانداق جەڭدە.
قوللىرى بار ۋاقىتنىڭ يۇمشاق ،
پەپىلەيدۇ سىلاپ سىپىلاپ.
مۇش بولىدۇ شۇ قەدەر قاتتىق،
تەگسە ئېزىپ يانجىپ تالقانلاپ.
پۇتلىرى بار ۋاقىتىنىڭ كۈچلۈك،
تاغ داۋاندىن ھالقىيدۇ رەت-رەت.
ھاڭلاردىنىمۇ چىقىدۇ دادىل،
گىرۋەكلەرگە دەسسەپ بىتاقەت.
ئۆيى باردۇر ۋاقىتنىڭ ھەيۋەت،
توققۇزى تەل تىنىچ ئازادە.
ئەبەدىيلىك مالايلىرىدۇر،
باي ۋە گاداي شاھ ۋە شاھزادە.
ئاغزى باردۇر ۋاقىتىنىڭ يوغان،
ئاشقازىنى ساغلام كارامەت .
بىھاجەتتۇر قېچىش يېلىنىش،
كىم بولمايدۇ يەيدۇ ئاقىۋەت.
چېقىلالماس تۆھپىگە ئەمما،
غالجىرلاشقان چاغدىمۇ ھەتتا.
دەرەخلەردەك سۈرىمەن خىيال
دەرەخلەردەك سۈرىمەن خىيال،
بۇلۇتلاردەك كۆكۈمدە لەيلەپ.
تېرىۋالىمەن چېچىلىپ كەتكەن،
مەنالارنى كۈچەپ تىرەجەپ.
دەرەخلەردەك سۈرىمەن خىيال،
ھەر بىر كۈننى ئۆتكۈزۈپ يىپقا.
غېرەبلىقىنىڭ ھەربىر تىنىقى ،
سىڭگۈچىلىك ھۇجۇدۇمغا تا.
دەرەخلەردەك سۈرىمەن خىيال،
يۇتۇم سۇغا بولغىنىمدا زار.
كۈندۈزلىرىم قارا تۈنلەرنىڭ،
ئالقىنىدا لەيلەر چايقىلار.
دەرەخلەردەك سۈرىمەن خىيال،
نىگاھ تاشلاپ چەكسىزلىكلەرگە.
يەلپۈگۈچتەك بولساممۇ ئاۋاق،
ئايلىنىمەن توغراقتەك ئەرگە.
دەرەخلەردەك سۈرىمەن خىيال،
يۈرۈگۈمدە تۇتۇپ ھاۋانى.
قولۇم بىلەن ماڭمەن يولدا ،
داغدا قويۇپ بارچە ناۋانى.
دەرەخلەردەك سۈرىمەن خىيال،
ئۆتمۈشۈمگە تارتىشىپ لاپ-لاپ.
ئايلىنىدۇ بەدبۇي پاتقاققا،
ئازدۇرغۇچە شاپاقچى كىتاب.
بېشم ھەردەم بېشىمدا قوياش،
سۆزۈم قەغەزدە زەر ۋەياكى تاش .
باتۇر روزى
ھىساپسىز چىۋىن
بىزار ئەتتى سېنى گىژىلداپ
توسالمىدى ئازاپلىرىڭنى
ئىنسانى ۋە ساماۋى كىتاب
ھىرىپ كەتتىڭ
بىرتاللاپەيدەك
چېلىپ چېلىپ ھاياتنى نەيدەك
ئۇشتۇمتۇتلا تاتلىق بىر تۇيغۇ
چىرمىۋالدى مەس قىلدى مەيدەك
ئايرۇپىلان ماشىنىلارغا
تىلىفۇنلارغا چىقىپ ئىددىيەڭ
ماكانلاردىن ماكان تاپقىلى
قىلىۋاتقان چاغلاردا ئاھ! جەڭ
جۇاڭزى بىلەن نىتسنى ئىزدەپ
روھىڭمۇ ھەم تارتقاندۇ كارۋان
ئەزرائىلغا ئۇچرىشىپ قېلىپ
بولۇپ كەتتىڭ دوست ۋە قەدىردان
تەكلىماكان ھەيران بولدى ھەم
تەكلىماكان ۋەيران بولدى ھەم
يىغلىدى تارىم چېچىنى يۇلۇپ
تەڭرىتاغلىرى يۇتتى قان ئەلەم
ئۆلۈك بىلەن تىرىك بەزىدە
مۇڭدىشىدۇ خىياللىرىدا
باشقا- باشقا بولمىسىلا يول
نۇر يانىدۇ ئىقباللىرىدا
باتۇر روزى
ئۆلۈپ بولۇپ ياشايمەن دېدى
باتۇر روزى
شائىرلارنىڭ ۋەتىنى ئىدى
خەيىرلىك كەچ خەيىرلىك ئوغلۇم
خەيىرلىك كەچ خەيىر خوش ئوغلۇم
ياخشى چۈش كۆر ياخشى ئۇخلا ھەم
بالىقىنىڭ ياخشى دەملىرى
قۇتلىرىڭغا چىرمالسۇن مەھكەم
خەيىرلىك كەچ خەيىر خوش ئوغلۇم
كىر يوتقانغا ئاستا ئۇخلاپ قال
چۈشلىرىڭدىن بوۋاڭ ئوغۇزخان
سېڭىپ كىرسۇن روھىڭغا تال –تال
خەيىرلىك كەچ خەيىر خوش ئوغلۇم
بۇدەملىرىڭ بەك گۈزەل قۇۋان
نىمە دېگەن تاتلىق ھىدلىرىڭ
بەرمىگىدەك بىر دەمگە جاھان
خەيىرلىك كەچ خەيىر خوش ئوغلۇم
كۆرۈشەيلى ئەتە سالامەت
سەن يىلتىزىم سەن كېلەچىكىم
سەن باغرىمدىن تامغان مۇھەببەت
شائىر
شائىر
سۆزلەرنى كۈلدۈرگۈچى
سۆزلەرنى ئۆلتۈرگۈچى
شائىر
يۈدۈپ ماڭغۇچى دۇنيانى
ئاختۇرغۇچى دەريانى
شائىر
ناخشىلار ئېيتقان ناخشا
دەرت ئەلەمگە چۈمۈپ كەڭتاشا
شائىر
غەزىنىسى سانسىز قەلەندەر
مۇھتاجلىقى ھەممىدىن بەتەر
شائىر
مەڭگۈ پاتماس قوياش
تۈگمەس ياش
ئېزىلمەس تاش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۆكتۈرك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-27 00:21