كۆرۈش: 973|ئىنكاس: 0

باتۇرجان ئاتاخان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
psb[7].jpg
باتۇرجان ئاتاخان (تاجىك) 1970- يىلى 3- ئايدا ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ تار تاجىك مىللى يېزىسىدا دۇختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1992- يىلى قەشقەر تىببى مەكتەپنى تاماملاپ، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق يەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات ئورنىغا تەقسىم قىلىنغان. 1994- يىلى تاشقورغان ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىغا كەسىپ ئالمىشىپ يۆتكىلىپ كەلگەن. 1999- يىلىدىن 2009- يىلغىچە داتۇڭ يېزىسىدا شۇجى ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر تاغارما يېزىلىق خەلق قورۇلتېيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمى رەئىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
شائىر باتۇرجان ئاتاخان 1988- يىلى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان تۇنجى شېئرى «باخشىنىڭ ئىقرارى» ناملىق شېئرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. ھازىرغا قەدەر «تارىم»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «تۇرپان»، «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى» قاتارلىق گېزىت - ژورناللاردا 800 پارچىدىن ئارتۇق شېئرى، 20 پارچە نەسىرى، 26 پارچە سىياسىي نەزىريىۋى ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. بىرقىسىم شېئرى «مۇزتاغ سۆيگۈسى»، «قەشقەردە توي»، «خىلۋەتلەردە پىچىرلاش قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
شائىر ئۆزى تۈزگەن تاجىك ياش شائىرلىرىنىڭ كوللىكتىپ توپلىمى «بۈركۈتلەر پەرۋازى» 2003- يىلى «قەشقەر ئويغۇر نەشىرياتى» تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
2005-يىلى 2- ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا، 2009- يىلى جۇڭگو ئاز سانىلىق مىللەتلەر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. 2008-يىلى 12- ئايدا «تاجىكىمنىڭ يۈرىكىدە مەن» ناملىق شېئىرلار توپلىمى  «قەشقەر ئويغۇر نەشىرياتى» تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
2009- يىلى «تارىخ بىزنى رەسىمگە تارتتى» ناملىق شېئرى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلى تەرىپىدىن «مۈنەۋۋەر» ئەسەر بولۇپ مۇكاپاتلانغان. 12 پارچە شېئرى خەنزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، جۇڭگو ئازسانلىق مىللەت شائىرلىرى شېئىرلىدىن تاللانمىلار ناملىق توپلامغا كىرگـۈزۈلگەن.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش