ئۈمىد ناخشىسى
ياسىنجان ئىمىن( ئۈمىد)
ئۈمىد -ئۇ ساھىلدا ئۇنتۇلغان كومپاس
بىر بالا تاساددىپ ئۇچرىتىپ قالغان.
خىرۇستال يۈزىدە دېڭىز جىلۋىسى،
يېپ- يېڭى بىر قىرغاق چاقنار بىپايان...
ئۈمىد- ئۇ ياپ- يېشىل بىر تۈپ كۆك قۇمۇش
بارخانلار باغرىدا ئۆسكەن باراخسان.
ياپرىغى كۆزىدىن ئۆتەر مەنزىلگە،
سەرسان روھ چۆلىدە چاڭقىغان كارۋان...
ئۈمىد -ئۇ غۇبارسىز ، كەپسىز شوخ گۈدەك،
تال چىۋىق ئات مىنىپ قىيغېتىپ ماڭغان.
چاڭ- توپا تۇزىغان ئىزىدىن پەۋەس،
ئارمانلار قۇش بولۇپ ئۇچار كۆك تامان....
ئۈمىد -ئۇ ئالتۇن كۈز، زۇمرەت باھاردا
ھالاللاپ سېلىنغان تۇپراقتـىكى دان.
قەھرىتان سوغوقتىن پىژغىرىمغىچە،
يىلتىزغا تامچىلاپ سىڭىدۇ دېھقان...
ماڭلايدىن سىرغىغان كۈمۈشتەك تەردە،
يېلىنجاپ تۇرىدۇ ئالتۇن چەش-خامان...
ئۈمىد- ئۇ ئىنساننىڭ روھىغا باھار،
ھەمەلدە قىرلاردىن خۇشبۇي ئېچىلغان.
ئۈمىد-ئۇ مېھىرلىك كۆكلەم يامغۇرى،
تالجىققان دىللارغا سىمىلداپ ياغقان...
ئۈمىد- ئۇ جەڭچىدىن ئاققان قىزىل قان،
ۋەتەن!- دەپ جەڭگاھقا يۇلقۇنىدۇ جان.
ئۇپۇققا چەكچەيگەن -قاتقان كۆزىدىن،
يۇلتۇز بوپ چاراقلاپ ئۆرلەيدۇ ئارمان...
كىشنەيدۇ دۇلدۇلى تاغلاردىن ئەكسىپ،
شەمشىرى تىغىدا چاقنار سۈزۈك تاڭ...
ئۈنەر ئۇ قەبرىدىن قۇياش بىلەن تەڭ،
ھەر باھار يەلپۈنۈپ گۈلگۈن-شادىمان......
ئۈمىد-ئۇ بىر دەستە جىمىرلىغان نۇر
پازىلنىڭ قەلبىدە بىر جۈملە ئىمان.
ئۈمىد-ئۇ مۇدھىشتىن ئېچىلغان رۈجەك،
ئۈمىدسىز كاللا ئۇ قاراڭغۇ زىندان...
ئۈمىدسىز -يېشىڭ قان، ئارمانلىرىڭ كۈل،
ئۈمىدسىز -قىشىڭ جۇت، يازلىرىڭ خازان.
مېھنەت قىل ھىممىتىڭ باغقا ئايلانسۇن،
ئۈمىدسىز غاپىلغا قاراڭغۇ جاھان....
(2008-يىلى دەلۋە11-كۈنى.) ئۇچتۇرپان.
مەنبە: ئاقسۇگېزىتى.2013-يىل4-ئاينىڭ22-كۈنىدىكى سان-<<جەنۇب شامىلى>>ئەدەىبىي بېتىدىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-26 17:58