تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 603 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 50|ئىنكاس: 2

بالىلىقنىڭ ئاۋازى(دىلداش) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 156
تۆھپە : 5
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 23:53:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كامىلجان ناسىر(دىلداش)

چىدىمىساڭ ئۇيۇنغا...

«ئاق تاش»بولۇپ چىقتىممەن،
«كۆكتاش بولۇپ چىقساڭچۇ.
قېچىپ كەتسەم يېنىڭدىن،   
قوغلاپ كېلىپ تۇتساڭچۇ...

«ئاق تېرەك»تەك شاخلىدىم،
كۈچۈڭ يەتسە ئەگسەڭچۇ.   
ھەي كۆكتېرەك،ئۆتۈنەي،  
ماڭا يىلتىز بەرسەڭچۇ...؟

قاتار-قاتار چامغۇر بىز،
ئۆزۈڭ تاللاپ يۇلساڭچۇ!
«ئالالمىغان سار»مۇسەن؟
قانات بىلەن ئۇرساڭچۇ...!

چىدىمىساڭ ئويۇنغا،  
ئارىمىزدىن كەتسەڭچۇ!  
   شۇنچە بەلەن ئورنۇڭنى،   
باشقىلارغا بەرسەڭچۇ...!
  

كۈزدىكى قىشلاق

پادىلىرىم نەدەسەن،   
چېلىپ بېرەي كىمگە نەي؟   
بىز چۆمۈلگەن بۇلاقلار،
قويغىن بىزنى ئىزدىمەي.

يۇپۇرماقسىز دەرەخلەر،  
تۇرۇڭلارچۇ تىترىمەي.
باھار ھەدەم كەلگەندە،
يېشىل چاپان ئەپ بېرەي.

چاق ياسىدىم غازاڭدىن،
بوينىقىمنى قاتتىم ھەم.
     قويسۇن كۈزنى ئۇزىتىپ،  
قىروۋ باسقان مەھەللەم.

توختاپ تۇرغىن تۇرنىلار،  
  يېزىپ بېرەي سالام خەت.  
جەنۇپتىكى دوستلارغا،   
سالامىمنى ئېلىپ كەت.  

قىشنىڭ جىمجىت كېچىسى   

مۇزلاپ قاپتۇ يۇلتۇزلار،
مۇزلاپ قاپتۇ تۇلۇنئاي.   
مەنلا ياتتىم ئانامنىڭ ،
قۇچىقىدا ئۇخلىماي.  

دەرىزەمگە رەسسام قىش،
ھەر خىل رەسىم سىزىپتۇ.
رەسىمدىكى دەرەخكە،  
قۇشلار چاڭگا تىزىپتۇ.

مۇزلىدىڭمۇ ئاسلىنىم؟   
مۇزلىدىڭمۇ بوينىقىم؟   
دالىلاردا چېپىشىپ،   
كەلدى ئەجەپ ئوينىغىم.
  

  قىش كېچىسى بەك ئۇزۇن،   
بوۋام ئېيىتقان چۆچەكتەك.  
گۈلگە تولغان باھارنى،   
سېغىندىممەن ئەجەپ بەك.   

شېرىن چۈشتىن ئويغىنىپ،  
چىققىنىمدا تالاغا.  
ئاپپاق قارلار كۈمۈشتەك،
سېن بېرىپتۇ دالاغا.

سېغىنىمەن باھارنى
ئۇزۇن-ئۇزۇن بەك ئۇزۇن،
قىشنىڭ سوغۇق كۈنلىرى.
قېپقالدىكىن نەلەردە ،
چېكەتكىنىڭ كۈيلىرى.

قېپقالدىكىن نەلەردە،
شىرىلدىشى سۇلارنىڭ.
قونۇۋېلىپ شاخلارغا،
چۇرۇقلىشى قۇشلارنىڭ.

قېپقالدىكىن نەلەردە،
ياپراقلارنىڭ ناخشىسى.
سېغىنىدۇ قۇشلارنى،
قىرو باسقان ئۇۋىسى.

سېغىنىدۇ پادىلار ،
يايلاپ يۈرگەن دالانى.
چىقالمايدۇ قۇتاندىن،
سېغىنسىمۇ تالانى.

قالار ئانام ئۇچاققا،
بۇ كەچ چاتقال- چاۋارنى.
مەن كۇلۇڭدائولتۇرۇپ،
بەك سېغىندىم باھارنى.  

قەپەستىكى قۇشقاچ

يىراقتىكى ئورمانغا،
كېلەر ئۇچۇپ كەتكۈسى.
قونۇپ شاختىن -شاخلارغا،
كۆڭلىنى شاد ئەتكۈسى.

بېرىپ كونا خامانغا،
كېلەر دانلاپ يۈرگۈسى.
ئۇۋىسىنىڭ ئىچىدە،
شېرىن چۈشلەر كۆرگۈسى.

قىرغىقىدا كۆلچەكنىڭ،
كېلەر سۇغا چۆمگۈسى.
چۇرۇق-چۇرۇق سايرىشىپ،
ۋىلىق-ۋىلىق كۈلگۈسى...

مۇزلىدىڭمۇ تەبىئەت؟  
مۇزلىمدىم ،توڭمۇدۇم.  
قىش بەرگەن ئاق يۇتقاندا،   
راھەتلىنىپ ئۇخلىدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-12 23:28  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  235
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 355
تۆھپە : 1
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 11:32:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئاق تاش بۇلۇپ چىقىپسەن ،
  كۆك تاش بۇلۇپ مەن چىقاي .
  تەپكۈچ تىپىپ ئوينايلى ،
  سەن ئۇتتاما مەن ئۇتاي .

  مۈكۈش ، مۈكۈش مۈكەيلى
  ئوينايدىغان بالا بارمۇ  ؟
  ئاق تاش ، كۆك تاش
  سىنىڭ بىلەن كىم ئاداش
  قاچقان بولساڭ تۇتايمۇ ؟

تېپىشماق دە ، تاپايلى
بىرنى بىر دەپ ئوينايلى ،
  بىرنى ئىككى دىسە كىم
ئارىمىزغا ئالمايلى ،
ساۋاق بەرسۇن ئانىسى
ئاندىن بىرگە ئوينايلى .

ئاق تاش ، كۆك تاش
ئوينايدىغان بالا بارمۇ ؟
.............................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 236
تۆھپە : 17
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 18:57:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلى شۇنداق چۈچۈك چىققان ياخشى شېر بولۇپ بالىلىق چاغلارنى ئەسلىتىدىكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش