بىر ماكان
رۇزى كېرەم يارى
قەلبىمنى ئۆرتىدى ئۇزاق بەك ئۇزاق ،
كۆزلىرىم نىشانسىز ، تىكىلدى بىلدىم .
قۇتۇلۇپ كېتىشكە كۈتۈپ بىر پۇرسەت ،
سانجىلغان يۈرەكنى ئاستا سىلىدىم .
كەڭلىك - بىلمىدىم قانچىلىك كەڭرى ،
زىمىننىڭ چېكى بار ، گۈزەل مۇلايىم .
بىر كۈنى «گۈپ» قىلىپ ئوت ئالار بۇ تەن ،
ئىسلىشىپ ، پۇچىلىنىپ تۇرغاچقا دائىم .
ھاياتنى سۈيۈشكە ئىزدەيمەن پۇرسەت ،
بار قىلدى ، سۈيۈشكە بەردى ھەم ئىمكان .
سۈيۈملۈك ۋە پاكىز روھىمنى ئېلىپ ...
سەپەردە كارۋانمەن ئىزدەپ بىر ماكان .
كورلا
2013.04.22
|