كۆرۈش: 1999|ئىنكاس: 8

بەگزات: نەۋايى تەتقىقاتىدا ساقلانغان مەسىلىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا نەۋايى تەۋسىفى
-نەۋايى تەتقىقاتىدا ساقلانغان مەسىلىلەر ھەققىدە

ئابدۇسالام مۇھەممەد بەگزات

ئەلىشىر نەۋايى بۈيۈك مۇتەپەككۇر ۋە مۇتەسەۋۋىپ شائىر، شۇنداقلا تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ جاھان ئىتىراپ قىلغان يىرىك پىشىۋالىرىدىندۇر.  ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدا يۈكسەك ئورۇن تۇتقان ئەلىشىر نەۋايىغا باغلىق بولغان تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە شائىرنىڭ ئىجادىيەتلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرنىڭ كۆپلەپ روياپقا چىقىشى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەرەققىياتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يۈكسىلىش بولۇشى كېرەك ئىدى. ۋەھالەنكى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىنى يازغۇچى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ نەۋايى تەتقىقاتىغا تولىمۇ يۈزەكى پوزىتسىيە تۇتقانلىقى، ئالىي مەكتەبلەردە تۇنجى قېتىم دەرسلىك قىلىنغان ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بويىچە ئۇيغۇر يېزىقىدا تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» نىڭ «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» ئاساسىدا يېزىلغانلىقى، بۇ كىتابنىڭ مەزمۇن ھەم قۇرۇلمىسىغىچە 1956 – يىلىدىن 1976 - يىلغىچە تاشكەنتە ئۈچ قىتىم نەشىر قىلىنغان «ئۆزبېك ئەدەبىيات تارىخى» بىلەن ئاساسەن ئوخشاشلىقى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز نەۋايىنى ئاجايىپ چوڭ بىلگەن. نەۋايى ھايات بولغان دەۋردىن باشلاپ ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، بولۇپمۇ سەئىدىيە خانلىقى (1514 -1678) دەۋرىدە نەۋايى ئەسەرلىرىنى ئوقۇش، كۆچۈرۈش ۋە رەتلەش كەڭ ئەۋج ئالغان. خۇسۇسەن ئابدۇرەشىدخان زامانىسىدا تەسىس قىلىنغان «ئوردا دىۋان» نەۋايى ئەسەرلىرىنى كىتابەت قىلىپ تارقىتىشتىكى مۇھىم مەركەز ھېسابلانغان. تاكى ئابدۇرىھىم نىزارىي دەۋرىگىچە نەۋايىخانلىق ئەنئەنىسى داۋام قىلىپ ھەم تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىمۇ نەۋايىنىڭ تەسىرى دىيارىمىزدا تولىمۇ كۈچلۈك ئىدى. ھەر خىل ئىجتىمائىي، تارىخىي ۋە سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىز نەۋايى ھەققىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېغىز ئاچالمىدۇق. نۆۋەتتە نەۋايى ھازىر مۇستەقىل ئۆز بېكستاننىڭ سىمۋولى ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئەربابى سۈپتىدە نامايان بولماقتا. خەيرىيەت، نەۋايى ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت سىمۋولى بولۇپ قالغان بولسا، ھەقدار ئەۋلادلىرى بولغان بىزلەرنىڭمۇ روھىي يۆلەنچۈكىمىز بولالىشى كېرەك ئىدى. ئۆزبېكلەر نەۋايىنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن بولسا، بىزمۇ مىللىي غۇرۇرىمىزنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىغا ئېلىشقا ئەڭ لايىق ئىدۇق. ئۆزبېكلەر يەر جاي ناملىرىنى نەۋايى نامى بىلەن ئاتاپ قانۇنىيلاشتۇرۋالغان بولسا، بىزمۇ نەۋايى نامىنى بىر پۈتۈن مىللەت روھىغا سىڭدۈرەلەيتۇق. ئۆزبېكلەر نەۋايىشۇناسلىق تەتقىقاتىنى دۇنياۋىي يۈكسەك نۇقتىغا ئىگە قىلغان بولسا، بىزمۇ نەۋايىنىڭ ئاڭ سىسىتېمىسىنى دۇنياۋىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرەلەيتتۇق. ۋە ھالەنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا نەۋايى ھەققىدىكى تەتقىقاتنىڭ ئاساسەن كۆچۈرۈلمە ياكى ئەگەشمە تەتقىقات بولغانلىقى بىزنىڭ بۇ ئارزۇلىرىمىزنىڭ قۇرۇق خام –خىيال پېتى قېلىشىغا سەۋەب بولماقتا.
ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا دائىر دەسلەپكى ماتېرىياللارنى بىرمۇ بىر ئوقۇپ سېلىشتۇرۇپ كۆرگىنىمدە تۆمۈرىيلەر دەۋرى ئەدەبىياتىغا مەنسۇب بولغان نەۋايى قىسمىنىڭ ئاساسەن «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» دىن قىسقارتىلىپ كۆچۈرۈلگەنلىكىدىن ئىچىم ئاچچىق بولغان بولسا، شۇنىڭدىن كېيىن تۈزۈلگەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىغا ئائىت دەرسلىك كىتابلاردىكى نەۋايى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنىڭ دەل مۇشۇ كۆچۈرۈلمە ماتېرىياللارنى ئاساس قىلىپ يېڭىلانغانلىقىدىن تولىمۇ بىئارام بولدۇم. بىز نەۋايى ئەسەرلىرىگە قارايدىغان بولساق نەۋايى ئەسەرلىرى باشقا بىر دۇنيا بولسا، نەۋايى تەتقىقاتى ھەققىدە يېزىلغان كىتاب ۋە ماقالىلەرنىڭ كۆپ قىسمى باشقا بىر دۇنياكەن. ئەڭ ئىچىنارلىق ئىش شۇكى، ئالىي مەكتەبلەردە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە نەۋايىشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كىلاسسىك تىل بولغان چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى ئوقۇيالمايدىكەن ۋە بۇ ئەجەللىك ئاجىزلىقىنى ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ ئىتىراپ قىلىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ قوليازما ياكى تاش باسما نۇسخىلىرىنى ئوقۇش ئۇلارغا نىسىپ بولمىغانىكەن. ئۇلار پەقەت نەۋايىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسى بىلەن نەشر قىلىنغان بىر نەچچە ئەسەرلىرىنى ئوقۇش بىلەنلا چەكلەنگەن. «خەمسە» نىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەلەپپۇزىدىكى ئۇيغۇرچە نەشرلىرىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمىگەن، «خەزايىنۇلمەئانى» دىن ئىبارەت نەۋايىنىڭ بىر پۈتۈن ئىددىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان لىرىك شېئىرلاردىن تەركىب تاپقان 40 نەچچە مىڭ مىسرالىق شېئىرلار دىۋانىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى ئۇلار كۆرمىگەچكە نەۋايىنىڭ ئىددىيەسىگە ئالاقىدار تەتقىقاتلاردا چەتئەل تەتقىقاتچىلىرىغا ئەگىشىپ كەتكەن. شۇڭا ئۇلار ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىنى يازغاندا نەۋايى قىسمىنى ئاساسەن «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» دىن ئۆزلەشتۈرۈپ يازغان.
مەن بۇلارنى دېيىش ئارقىلىق ئۇستازلىرىم ئۈستىدىن شىكايەت قىلمايمەن، چۈنكى ئۇلار نېمىلا بولمىسۇن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئەمەلىي ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار 30 يىلدىن بۇيان مەملىكىتىمىزدە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى ھەم ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى بويىچە يىگىرمە نەچچە  يۈرۈش كىتابنى يېزىپ ياكى تۈزۈپ نەشر قىلدۇردى، تالايلىغان ماقالىلارنى ئېلان قىلدى، مەخسۇس تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلىدى. نېمىلا بولمىسۇن ئۇلارنىڭ بۇ ئەمگىكى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ ئۇلىنى تىكلىدى. ئەمدى بىز مۇشۇ ئۇل ئاساستا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يېڭىچە تەتقىقات يۆنىلىشىنى بەلگىلىشىمىز، ئۇلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى تۈزىتىپ ئىلمىي بولغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى روياپقا چىقىرىشىمىز كېرەك.
مەزكۇر ماقالىنى يېزىشتىكى مەقسەت باشقىلارنى تەنقىد قىلىش ئەمەس، پەقەت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى، جۈملىدىن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بويىچە تۈزۈلگەن كىتابلاردىكى نەۋايى تەتقىقاتىغا ئائىت مەزمۇنلاردا ساقلانغان بەزى مەسلىلەرنى كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىگە سۇنۇشتىنلا ئىبارەت خالاس.
1.        ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى بويىچە تۈزۈلگەن تۇنجى كىتاب غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى خەنزۇ تىلى فاكۇلتىتىنىڭ دوتسىنتى لى گوشياڭ (李国香) يازغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى (维吾尔文学史) ناملىق (خەنزۇچە) كىتاب بولۇپ  بۇ كىتاب 1982 – يىلى ئالتىنجى ئايدا غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى خەنزۇ تىلى فاكۇلتىتى بىلەن غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن بېسىپ تارقىتىلغان. مەزكۇر كىتابنىڭ 15 – بابى  نەۋايى ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان بولۇپ، نەۋايىنىڭ ھاياتى ۋە بىر قىسىم ئەسەرلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن «فەرھاد شېرىن» داستانىدىن پارچە بېرىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان. لېكىن نەۋايىنىڭ ھاياتى ھەققىدە توختالغان مەزمۇننىڭ بېشىدىلا نەۋايىنى 1441 - يىلى 2 – ئاينىڭ 18 – كۈن تۇغۇلۇپ 1501 – يىلى 1- ئاينىڭ 13 – كۈنى ۋاپات بولغان، دەپ نەۋايىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى 9 كۈن ئارقىغا، ۋاپات بولغان ۋاقتىنى 10 كۈن ئارقىغا سۈرىۋەتكەن. ھەممىمىزگە مەلۇمكى نەۋايى 1441 – يىلى 2- ئاينىڭ 9 – كۈنى تۇغۇلۇپ 1501 – يىلى 1- ئاينىڭ 3- كۈنى ۋاپات بولغان. يەنە نەۋايى ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرغاندا «خەمسە» قاتارىدىكى داستانلىردىن بىرى بولغان «سەبئەئى سەييار» نى «七星图» ياكى «七美图» دەپ تەرجىمە قىلىش بىلەن بىرگە يەنە مەزكۇر ئەسەرنىڭ مەزمۇنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندا مۇنداق يازىدۇ: «داستاندا بەھرام شاھنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئادەتتە ئادالەت بىلەن ئىش قىلغۇچى بەھرامشاھنىڭ ئوردىدىكى نازنىن دىلئارامغا زىيادە مەستانە بولۇپ كېتىپ،  خەلقنى، ئەل –يۇرتنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەيىپ ساپاغا بېرىلىش نەتىجىسىدە ھالاك بولغانلىقىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق پادىشاھلارنى خەلق ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ...»①.
ئەسلىدە «سەبئائى سەييار» دا پادشاھ بەھرام يەتتە ئىقلىمغا تەققاس قىلىپ يەتتە قەسىر بىنا قىلدۇرىدۇ ۋە بۇ قەسىرگە يەتتە ئىقلىمدىن كەلتۈرۈلگەن گۈزەل قىزلارنى جايلاشتۇرىدۇ. بەھرام شاھ ھەر كۈنى بىر قەسىرگە بېرىپ سۆھبەت قۇرىدۇ ۋە قەسىر ئالدىدىن ئۆتكەن مۇساپىرنى چاقىرتىپ ئەكىرىپ ھېكايە سۆزلەتكۈزىدۇ. داستاننىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى يەتتە كۈن ئىچىدە يەتتە مۇساپىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئاشۇ يەتتە مۇساپىرنىڭ تىلى ئارقىلىق ئاپتۇر ئۆزىنىڭ ئىشق – مۇھەببەت ۋە ئىجتىمائىي مەسلىلەرگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان.  لى گوشياڭ يازغان بەھرامنىڭ شاھنىڭ دىلئارام بىلەن بولغان ئەيش ئىشرەتلىك تۇرمۇشى ۋە شۇ تۈپەيلى دۇچار بولغان ھالاكەتلىك تەقدىرى «سەبئەئى سەييار» دىكى ناھايىتىمۇ كىچىك بىر دىتال بولۇپ، بۇ يەردە «سەبئەئى سەييار» نىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى سۈپتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ قالغان.
دېمەك مەملىكىتىمىزدە بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان تۇنجى كېتابتا نەۋايىنىڭ «سەبئائى سەييار» داستانى ئاساسسىزلا خاتا تەھلىل قىلىنغان. شۇنىڭ كىتاب ئىسمىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن تەرجىمە قېلىنمىغان. چۈنكى «سەبئائى سەييار» دىكى «سەبئە» سۆزى «يەتتە» دېگەن مەنىنى، «سەييار» سۆزى «يولۇچى، يول يۈرگۈچى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇ سۆزنى «پىلانىت» «سەييارە» مەنىسى بويىچەئىزاھلاپ قويغان. بىزنىڭ قارىشىمىزچە «سەبئائى سەييار» نىڭ ۋەقەلىكى ۋە مەزمۇنىنى چېقىش قىلىش،شۇنداقلا ئەسەر مەركىزى ئىدىيەسىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرىش ئۈچۈن  «سەبئەئى سەييار»  نى «七大游士» دەپ تەرجىمە قىلىش مۇۋاپىقمىكىن دەيمەن.
2.        ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى بويىچە ئۇيغۇر تىلىدا تۈزۈلگەن تۇنجى دەرسلىك كىتاب ئابدۇرېھىم سابىت تۈزگەن، 1982 – يىلى ئۆتەبىردە قەشقەر شەھەرلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇشۇرش بۆلۈمى باستۇرغان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» ناملىق كىتاب بولۇپ بۇ كىتابنىڭ بىرىنچى كىتاب ئىككىنچى قىسمىنىڭ يېرىمى نەۋايى ھەققىدىكى تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان. نەۋايىنىڭ ھاياتى، ئىجادىي پائالىيەتلىرى، ئەسەرلىرىدىكى ئىددىيەۋىي مەزمۇن، ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي قىممىتى ۋە نەۋايى ئىجادىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى قاتارلىق مەزمۇنلار بىر قەدەر تەپسىلى بايان قىلىنغان. ئەپسۇسكى بۇ مەزمۇنلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆزبېكستاندا ئالىي مەكتەبلەر ئۈچۈن دەرسلىك قىلىنغان، ن.م.مەللەيېۋ ئاپتورلىقىدىكى «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» دىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولماقتا. «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» نىڭ 1976 – يىلى تاشكەنتتە نەشر قىلىنغان ئۈچىنچى نەشرى بىلەن ئابدۇرېھىم سابىت تۈزگەن «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» نى سېلىشتۇرۇپ كۆرگىنىمىزدە، «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» دىكى مەزمۇنلارنى ئاساسەن ئۆزلەشتۈرۈپ كۆچۈرۈپ ئالغان ۋە نۇرغۇن جايلىرىنى قىسقارتىۋەتكەنلىكى ئايان بولدى. مەسىلەن، «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» دا «نەۋايىنىڭ پائالىيىتى ۋە مىراسىنىڭ تەتقىق قىلىنىش تارىخى» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدىكى مەزمۇنلاردىن كېيىن «ھاياتى ۋە پائالىيىتى» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدىكى مەزمۇن باشلىنىدۇ. لېكىن ئابدۇرېھىم سابىت ئالدىنقى مەزمۇننى قالدۇرىۋەتكەندىن كېيىن «سەككىزىنچى باب: نەۋايى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى» دەپ چوڭ ماۋزۇ قويۇپ، بۇ بابنىڭ بىرىنچى پاراگىرافىغا «نەۋايىنىڭ ھاياتى» دەپ ماۋزۇ قويىدۇ. «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخىدا» «ھاياتى ۋە پائالىيىتى» دېگەن ماۋزۇ  «بالىلىق چاغلىرى، ئوقۇش يىلللىرى»، «سىياسىي پائالىيىتى، مەدەنىيەت ۋە ئاۋاتچىلىق ساھەسىدىكى خىزمەتلىرى»، «ئۆزبېك ئەدەبىي تىلى تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرەش، لىرىك دىۋانلار ۋە ‹خەمسە› نىڭ يارىتىلىشى»، «نەۋايى ئاستىرابادتا»، «ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى» قاتارلىق كىچىك ماۋزۇلارغا بۆلىنىپ بايان قىلىنىدۇ. ئابدۇرېھىم سابىت تۈزگەن «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» نىڭ بىرىنچى پاراگىرافى بولغان «نەۋايىنىڭ ھاياتى» دېگەن مەزمۇن «بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرى»، «نەۋايى سەمەرقەندتە»، مەشھۇر جامائەت ئەربابى نەۋايى»، «نەۋايىنىڭ قىزغىن ئىجادىيەت يىللىرى»، «نەۋايى ئاستىرابادتا»، «ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى» قاتارلىق ماۋزۇلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ «ئۆزبېك ئەدەبىيات تارىخى بىلەن ققرۇلما ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشاش.
«ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» دا نەۋايىنىڭ لىرىك شېئىرلىرى جەملەنگەن «خەزەيىنۇلمەئانى» دىۋانلار توپلىمى ھەققىدە خېلىلا تەپسىلى مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» دا بۇ مەزمۇنلارنىڭ كۆپ قىسمى قالدۇرۋېتىپ ئۆزلەشتۈرۈپ كۆچۈرۈلگەن. شۇنداق بولغاچقا «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» دا بۇ مەزمۇنلار بىر – بىرى بىلەن پەقەتلا باغلاشمايدۇ. مىسال كەلتۈرۈلگەن شېئىرلارنى تەھلىل قىلىشمۇ چولتا. مەسىلەن، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» دا:
زاھىد ساڭا ھورۇ ماڭا جانانە كېرەك،
جەننەت ساڭا بولسۇن ماڭا مەيخانا كېرەك.
مانا بۇ مىسرالاردا شائىر ھايات يولدىشىنى ئەپسانىۋىي ھۆر – پەرىلەردىن، ھايات گۈلشىنىنى ئەپسانىۋىي جەننەتلەردىن ئەۋزەل بىلسە...»② دەپ تەھلىل قىلىپ نەۋايى ئىددىيەسىنى تەتقىق قىلىشتىكى تۇنجى خاتا قەدەم بېسىلغان. «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» دىمۇ دەل مۇشۇ ئىككى مىسرا شېئىر مىسال كەلتۈرلۈپ: «...مەي ھەققىدە سۆز ئېچىش ئۇلارنىڭ ئىنساننى ھاياتنىڭ نازۇ نىممەتلىرىدىن مەھرۇم قلىپ جەننەت ۋەدىلىرى بىلەن ئالداشلىرىغا قارشى كۈرەشتە ئۆتكۈر بىر ۋاستە ئىدى...» ③ دەپ، بۇ شېئىر قانداق خاتا تەھلىل قىلىنغان بولسا، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارخى» دا ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە خاتالىققا يول قويۇلغان.
ئەمەلىيەتتە، بۇ بېيتتا تىلغا ئېلىنغان مەي بىز بىلىدىغان ھاراق بولماستىن بەلكى قەلبنى غەيرى خىياللاردىن پاكلاشقا ۋاستە بولۇدىغان ئىلاھىي ئىشىققا، جانان سۆزى خۇداغا، زاھىد دۇنيا ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىبادەتكە بېرىلگەن، لېكىن روھىي كامىللىق ھاسىل قىلالمىغان كىشىگە، مەيخانا قەلبى پاك ئارىفلارنىڭ يېغىلىدىغان ئورنىغا سىمۋۇل قىلىنغان. شۇڭا بۇ ئىككى مىسرا شېئىرنىڭ مەنىسى: پەقەت ئىبادەتكىلا بېرىلگەن زاھىتلارغا جەننەت ۋە جەننەتلەردىكى ھۆر – پەرىلەر كېرەك بولسا ماڭا قەلبى پاك ئارىف كىشىلەرنىڭ مەجلىسگاھى ۋە خۇدانىڭ جامالى كېرەك، دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ.
«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» دا نەۋايىنىڭ «خەزايىنۇلمەئانىي» دىۋانىنىڭ بىرىنچىسى بولغان «غەرايىبۇسسىغەر» گە كىرگۈزۈلگەن مەسنەۋىيسى ئايرىم ئەسەر سۈپتىدە «ھەسبى ھال» دەپ ماۋزۇ قويۇلۇپ تەھلىل قىلىنغان. بىزگە مەلۇم بولۇشىچە نەۋايى بۇ مەسنەۋىينى ئايرىم ئەسەر سۈپتىدە يازغان بولماستىن، بەلكى نەۋايى خۇراسان ھۆكۈمدارى ئۇبۇ سەئىد مىرزا تەرىپىدىن ھىراتتىن سەمەرقەنتكە كەتكۈزىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۆزى دۇچ كەلگەن ئادالەتسىزلىكلەر ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن بۇرادىرى سەيىد ھەسەن ئەردەشىرگە يازغان مەكتۇبىدۇر. كېيىن بۇ مەكتۇبقا «مەسنەۋىي» دەپ ئىسىم قويۇلۇپ «خەزايىنۇلمەئانى» دىۋانىغا كىرگۈزۈلگەن. ھالبۇكى «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدا» بۇ «مەسنەۋىي» نىڭ سەيىد ھەسەن ئەردەشىرگە يېزىلغان مەكتۇب ئىكەنلىكىگە ئائىت بىرەر جۈملىمۇ گەپ ئۇچرىمايدۇ. بەلكى بۇ «مەسنەۋىي» نىڭ «ھەسبى ھال» («ھال ئەھۋال بايانى») نامىدىكى لىرىك ئەسەر ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. «ھەسبى ھال» سۆزى «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» دا مۇنداق تەرزدە ئۇچرايدۇ: «سەيىد ھەسەن ئەردەشىرگە يېزىلغان شېئىرىي مەكتۇبنى كومپۇزىتسىيەگە قاراپ شەرتلىك رەۋىشتە مۇقەددىمە، سەيىد ھەسەننىڭ تەئرىفى ۋە تەۋسىفى، مەملىكەت ئەۋالى تەسۋىرى ۋە مۇئەللىپنىڭ ھەسبى ھالى ۋە خاتىمە قىسىملىرىغا ئاجرىتىش مۇمكىن.»④
«ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» دىكى دەل مۇشۇ بايانلاردا تىلغا ئېلىنغان «ھەسبى ھال» سۆزى «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» دا نەۋايىنىڭ «مەسنەۋىي» سىنڭ ئايرىم ئىسمى سۈپتىدە قوللىنىلىپ، نەۋايىنىڭ يەنە بىر ئەسىرى «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» نى تۈزگۈچى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان.
«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» دا نەۋايىنىڭ «مەجالىسۇننەفائىس» ئەسىرى ھەقىدە قىسقىچە توختالغان بولۇپ، نەۋايىنىڭ بۇ ئەسىرىدە ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ۋە ئۆزى بىلەن زامانداش ياشىغان 355 دىن ئارتۇق شائىرنىڭ ئىجادىي پائالىيىتىنىڭ تونۇشتۇرۇلغانلىى ۋە 30 دىن ئارتۇقراق شائىرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى قەيت قىلغانلىقى بايان قىلىنغان. بىز «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» نى تۈزگۈچىنىڭ بۇ  مەلۇماتلارنى قايسى مەنبەدىن ئالغانلىقىنى ياكى «مەجالىسۇننەفائىس» نىڭ ئەسلى نۇسخىىسىنى كۆرۈپ مۇشۇنداق ناتوغرا خۇلاسە چقارغانلىقىغا بىر نېمە دېيەلمەيمىز. «مەجالىسۇننەفائىس» نىڭ بىر نەچچە نۇسخىلىرىدا بۇ ئەسەردە زىكرى قىلىنغان شائىرلارنىڭ سانى ئوخشاش ئەمەس، لېكىن «مەجالىسۇننەفائىس» تا تونۇشتۇرۇلغان شائىرلار ئىچىدە 14 نەپەر شائىرنىڭ تۈركىي تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارغانلىقى «مەجالىسۇننەفائىس» نى كۆرگەنلەرگە مەلۇمدۇر.
«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» دىكى نەۋايىنىڭ «خەمسە» سى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنىڭ كۆپ قىسمى «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» دىن ئۆزلەشتۈرۈپ ھەم قىسقارتىلىپ كۆچۈرۈلگەنلىكى، شۇ تۈپەيلى «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» دا «خەمسە» ھەققىدە يۈرگۈزۈلگەن بىر قىسىم خاتا تەھلىللەرنىڭ «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» غا شۇ پېتى ئېلىپ كېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» دا نەۋايىنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن «نەسايىمۇل مۇھەببەت»، «لىسانۇتتەير»، «تارىخى مۇلكى ئەجەم»، «مىزانۇلئەۋزان»، «ۋەقفىيە»، «ھالەتى سەيىد ھەسەن ئەردەشىر»، «ھالەتى پەھلەۋان مۇھەممەد»، «سىراجىلمۇسلىمىن»، پارسچە شېئىرلاردىن تەركىب تاپقان «دىۋانى فانىي» ۋە باشقا ئەسەرلىرى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمەيدۇ.
بىز گەپ ئۇزۇراپ كەتمەسلىكى ۋە ئوقۇرمەنلەرنى زىرىكتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» دىكى كۆپ قىسىم مەزمۇنلارنىڭ «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» دىن ئۆزلەشتۈرۈپ ھەم قىسقارتىلىپ كۆچۈرۈپ تۈزۈلگەنلىكى، «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» دا ناتوغرا تەھلىل يۈرگۈزۈلگەن جايلارنىڭ «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» غىمۇ ناتوغرا پېتى قوبۇل قىلىنغانلىقى ھەققىدە تەپسىلى توختالمىدۇق. پەقەت مەقسىتىمىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا تۇنجى قېتىم تۈزۈلگەن ۋە ئالىي مەكتەبلەردە تۇنجى قېتىم دەرسلىك قىلىنغان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» نىڭ مۇستەقىل تەتقىقات ماتېرىيالى بولماستىن، بەلكى ئۆزلەشتۈرمە تەتقىقات ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈپ قويۇش خالاس.
3.        ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ تۈزۈلگەن ۋە ئالىي مەكتەبلەردە دەرسلىق قىلىنغان يەنە بىر كىتاب «ئالىي مەكتەب تىل ئەدەبىيات ئاساسلىرى» دۇر. (بۇ كىتابنىڭ «كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» قىسمىنى غەيرەتجان ئوسمان بىلەن ھىمىت مەخسۇت يازغان) بۇ كىتاب 1986 – يىلى 5 – ئايدا شنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، چوڭ 16 فورماتلىق، 571 بەتلىك بۇ كىتابا نەۋايىغا ئائىت مەزمۇن پەقەت بىر يېرىم بەتلىكلا. نەۋايى ھەققىدىكى مەزمۇننىڭ شۇنچە ئاز بولۇشىغا قارىماي، بۇ مەزمۇنلاردا يەنە بىر نەچچە جايدا خاتالىقلار ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، نەۋايىنىڭ ئەسەرلىرنى تونۇشتۇرغاندا «مۇھاكىمەتۇللۇغەتەيىن» نى «تىللار توغرىسىدا مۇھاكىمە»، دەپ خاتا تەرجىمە قىلغان (ئەسلىدە «ئىككى تىل ھەققىدە مۇھاكىمە» بولۇشى كېرەك) يەنە نەۋايىنىڭ «ئارۇز تۈركىي» دەپ بىر پارچە ئەسەر ياغانلىقىنى تىلغا ئالغان. لېكىن نەۋايى ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشلىقى بارلارغا مەلۇمكى، نەۋايى ھېچقاچان «ئارۇز تۈركىي» ناملىق ئەسەر يازغان ئەمەس. ئەگەر ئارۇزغا مۇناسسىۋەتلىك ئەسەر يازغان دېيىلسە «مىزانۇلئەۋزان» (ۋەزنلەر ئۆلچىمى) نامىدا بىر پارچە ئەسەر يازغان.
4.        ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى بويىچە بىر قەدەر سىستېمىلىق تۈزۈلگەن ۋە تۈزۈش جەرىيانىدا كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ قوليازما ۋە تاشباسما نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىلغان كىتاب ۋاھىتجان غوپۇر، ئەسقەر ھۈسەيىنلەر يازغان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسىلىرى» دۇر. بۇ كىتاب 1987 – يىلى 4 – ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابتىكى نەۋايى تەتقىقاتىغا دائىر مەزمۇن ئاساسلىقى ئابدۇرېھىم سابىت تۈزگەن «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» دىكى مەزمۇنلار بىلەن ئوخشاش. گەرچە بۇ كىتابنى تۈزۈش جەريانىدا كىتابنىڭ ئاخىرىدا ئەسكەرتىلگىنىدەك نەۋايى ئەسەرلىرى ئارىسىدىكى «خەمسە» ۋە «چاھار دىۋان» نىڭ تاشباسما نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىلغان بولسىمۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈندۇر، نەۋايى «خەمسە» سى ھەققىدىكى تەتقىقات مەزمۇنلىرى ن. م. مەللەيېۋ تۈزگەن «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ۋە قىسقارتىلىپ ئۆزلەشتۈرۈلگەن. شۇڭا بۇ كىتابتىكى نەۋايى ھەققىدىكى تەتقىقاتمۇ مۇستەقىل تەتقىقات بولماستىن، بەلكى ئۆزلەشتۇرما تەتقىقات بولۇپ قالغان.
«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى» دا نەۋايىنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرغاندا نەۋايىنى «ئارۇز تۈركىي» (ئارۇز ۋەزنى توغرىسىدىكى نەزەرىيىۋىي ئەسەر)، «مىزانۇلئەۋزان» (ۋەزنلەر ئۆلچىمى) قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنىمۇ ئىجات قىلدى، دېيىلگەن بولۇپ، نەۋايىنىڭ «ئارۇز تۈركىي» نامىلىق كىتاب يازغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق مەلۇمات يوق. بىز يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن «ئالىي مەكتەب تىل ئەدەبىيات ئاساسلىرى» دا تۇنجى بولۇپ تىلغا ئېلىنغان بۇ خاتالىق مۇشۇ كىتابتىمۇ ئۆز پېتى تەكرارلانغان.
نەۋايى «خەمسە» سى ھەققىدىكى بايانلاردا «فەرھاد شىرىن» توغرىسىدا تەپسىلى توختالغان بولۇپ، مەزكۇر داستاننىڭ ئىدىيەۋىي مەزمۇنى ھەققىدە مۇنداق يېزىلغان: «داستاننىڭ ئاساسىي تېمىسى ساپ ۋە سەمىمىي ئىنسانىي سۆيگىدۇر. بۇ سۆيگۈ داستاندىكى ئوبرازلارنىڭ تەدرىجى ئۆسۈپ بېرىشى، مۇكەممەللىشىىشى جەريانىدا، مۇھەببەت ئەركىنلىكى، كىشىلىك ئەركىنلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، دوستلۇق، ۋاپا، ساداقەت، باتۇرلۇق، ئادالەت، مەملىكە تئاسايىشلىقى، ئاياللار ھوقۇقى، ئەمگەكنى سۆيۈش، مەرىپەتپەرۋەرلىك ۋە ئەلنىڭ ئاۋاتلىقى قاتارلىق ئىدىيەلەر بىلەن باغلانغان ھالدا راۋاجلىنىپ بارىدۇ»⑤.
لېكىن بىز «فەرھاد شىرىن» داستانىنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا، بۇ داستاننىڭ ئاساسىي تېمىسىنىڭ ئىنساني سۆيگۈ ۋە باشقا مەسلىلەر ئەمەس، بەلكى، ئىلاھىي ئىشققا بېغىشلانغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. گەرچە «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى» نى تۈزگۈچىلەر «خەمسە» نىڭ تاش باسما نۇسخىلىرىدىن پايدىلانغانلىقىنى كىتابنىڭ ئاخىرىدا قەيت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ بايانلاردا يەنىلا «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» دىكى ناتوغرا تەھلىللەرنى تەكرارلاپلا قويغان. بۇ داستاندا ئىنسانىي سۆيگۈ كۈيلەنگەن دېيىلگەندىمۇ، بۇ ئەھۋال پەقەت چىن ئاشىقنىڭ ئىلاھىي ئىشققا يېتىشىشتىكى بىر ۋاستىسى سۈپتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولىدۇ. بىز «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسىلىرى» نى تۈزگەن مۇئەللىپلەرنىڭ «خەمسە» نىڭ تاش باسما نۇسخىسىنى كۆرگەن تۇرۇقلۇقمۇ، ئۇلارنىڭ «پەرھاد شىرىن» داستانىنىڭ ئىدىدىيەۋىي مەزمۇنى ھەققىدە مۇشۇنداق نا توغرا مۇلاھىزە قىلغانلىقى ۋە «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» دىن «پەرھاد شىرىن» داستانى ھەققىدىكى تەھلىللەرنى ئاساسەن دېگۈدەك ئۆزلەشتۈرۈپ كۆچۈرۈپ ئالغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىمىز  ۋە «پەرھاد شىرىن» داستانىنىڭ ئەسلى ئىدىيۋى مەزمۇنى ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل يۈرگۈزۈمىز.
بىز «پەرھاد شىرىن» داستانىنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا، داستاننىڭ بېشىدىلا مۇنۇ مىسرالار كۆزىمىزگە چىلىقىدۇ:
بۇ رەنگىن سەھفە بىلكىم دەرد باغى  ئايان ھەر لالەسىدە ئىشق داغى  
دېمەك «پەرھاد شىرىن» داستانىنىڭ ئىشق تەسۋىرىگە بېغىشلانغانلىقى بۇ مىسرالاردىن ئايان بولۇپ تۇرۇپتۇ. بىز «پەرھاد شىرىن» داستانىدىكى مۇنۇ مىسرالارغا قاراپ باقايلى:
ئاڭا فەرزانە فەرھاد ئەسم قويدى،
ھۇرۇفى مەئخەزىن بەش قىسىم قويدى
فىراقۇ رەشكۇ ھەجرۇ ئاھ ئىلە دەرد
بىرەر ھەرف ئىبتىدادىن ئەيلەبان فەرد
...
چۇن ئۇچ ياشىغە چەقتى سەۋرى ئەفلاك
تەكەللۇم قىلدى ئانداقكىم دۇرى پاك
سۆزى بارى بولۇپ ئەفسانەئى ئىشق
مەقامۇ مەسكەنى كاشەنەئى ئىشق
...
ئەجەبكىم ئۈچ ياشىدا ئۆزگە ئەتفال
نىچۇككىم ئون ياشىدا ئۆزگە ئەتفال
...
بۇنىڭدىن بىزگە ئايان بولىدىغىنى شۇكى «فىراق، رەشىك، ھەجر، ئاھ، دەرد»تىن ئىبارەت بەش سۆزنىڭ باش ھەرىپىدىن تۈزۈلگەن «فرحاد»(«فەرھاد») دېگەن ئىسىم قويۇلغان فەرھاد تىلى چىققان دەقىقىدىن، يەنى ئۈچ ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا ئىشق ۋە ئاشقلىق ھەققىدە سۆزلەيدۇ. ئون ياشلارغا بارغاندا ئاجايىب ئىقتىدارى بىلەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، نەۋايىنىڭ قەلەمگە ئالغىنى ئادەتتىكى ئىنسانىي ئىشق – مۇھەببەت بولماستىن، بەلكى ئىلاھىي ئىشق، يەنى قەلبى پاك كىشىلەرنىڭ چىن ئىشقى ئىدى.  شۇڭا نەۋايى فەرھادنىڭ پاك ئىشق ساھىبى ئىكەنلىكىنى داستاننىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە تۆۋەندىكى مىسرالاردىكىدەك قايتا-قايتا تەكىتلەيدۇ.
دېمانكىم  كۆڭلى پاكۇ ھەم ئۆزى پاك،  تىلى پاكۇ سۆزى پاكۇ ئۆزى پاك.
پۈتكۈل داستاندا فەرھاد بىلەن شىرىن پەقەت ئىككى ئۈچ قېتىملا ئۇچرىشىدۇ، لېكىن بۇ ئۇچرىشىشمۇ ئۇزاقتىن ئۇزاق سىردىشىش، ئەھۋاللىشىش بولماستىن، بەلكى بىر نەچچە ئېغىز گەپلىشىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە داستاندا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سۆز فەنا ۋە پاكلىق بولۇپ، بۇ داستاننىڭ تەسەۋۋۇپىي پىكىر ئىقىمىدىكى پاك ئىشىققا بېغىشلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
دېمىسىمۇ ئەلىشىر نەۋايىنىڭ نەقشىبەندىيە تەرىقىتىگە كىرگىنى ۋە ئۇستازى ئابدۇراھمان جامىينىڭ ھوزۇرىدا تەسەۋۋۇپقا دائىر ئىلىملەردىن تەھسىل ككرگىنى تارىخ كىتابلىرىدىن مەلۇم. شۇنىڭدەك رۇسىيە، تۈركيە ۋە ئۆزبېكستاندىكى بىر قىسىم نەۋايىشۇناسلار نەۋايىنىڭ ئىددىيەسىدە تەسەۋۋۇپنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، تەسەۋۋۇپقا تايناماي تۇرۇپ نەۋايى ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۈچلۈك دەدلىللەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.
تەسەۋۋۇپتىكى ئىلاھىي ئىشق قارىشى بويىچە بولغاندا ئاشىق كۆڭۈل ئەينىكىدە يار جامالىنى كۆرۈش ئۈچۈن پىرىدىن تەلىم ئېلىشى كېرەك. فەرھادنىڭ خەزىنىدىكى سېھىرلەنگەن ئەينەكنى ساندۇق ئىچىدىن ئالالماي  يۇنانىستان سەپىرىگە، يەنى سوقرات ھوزۇرىغا ئاتلىنىشى مانا شۇ زۆرۈرىيەتتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، فەرھاد ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە سەپەرگە چىققانلار ئالدى بىلەن سۇھەيلا ئىسىملىك ھەكىم بىلەن ئۇچرىشىدۇ. سۇھەيلا فەرھادنىڭ تەرىقەت يولىدىكى بىرىنچى پىرى بولۇپ، فەرھادنىڭ ئۇنى ئىزدەپ كېلىدىغانلىقى سۈھەيلاغا ئالدىن بىشارەت بېرىلگەن.
نەۋايى ئۆز غايىسىدىكى كامىل ئىنساننىڭ تىمسالى بولغان فەرھاد ۋۇجۇدىدا ئەۋلىيالىق خۇسۇسىيەتلىرىنىڭمۇ ھازىر ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلىش ئۈچۈن بۇ تەسەۋۋۇپىي تەپسىلاتنى قىستۇرغان بولۇپ، داستاننىڭ كېيىنكى مەزمۇنلىرىدىمۇ بۇنىڭغا ماس تەسۋىرلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، فەرھاد سەلاسىل قورغىنىغا بەند قىلىنغاندا، ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغانلار ئۇنىڭ يۈزىدە ئەۋلىيالىق نۇرىنى كۆرىدۇ.

دېدىلەر بارچە كى ئەي ئالەمدە نادىر
ۋەلايەت نۇرى رۇخسارىڭدە زاھىر  

فەرھادنىڭ سوقراتنىڭ ھوزۇرىغا كەلگىچە بولغان جەرياندا دۇچ كەلگەن ئەجدەرھا، ئەھرەمەن، شىر، تۆمۈر ئادەم ۋە باشقا سىناقلار ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قەلبىنى تازىلاش، يەنى ئىلاھىي ئىشق سىرلىرىنى چۈشىنەلىگۈدەك دىل ساھىبىغا ئايلىنىش جەريانى ئىدى.
داستاندا سوقرات ئۆزىنىڭ فەرھادنى مىڭ يىلدىن بېرى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا يار ۋەسلىگە، يەنى ھەق ۋىسالىغا يېتىشنىڭ يوللىرىدىن تەلىم بېرىدۇ. سوقرات فەرھادقا ئۆزلۈكتىن كەچمەي تۇرۇپ ھەقنى تاپقىلى بولمايدىغانلىقى، ئۆزلۈكتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى مەجازى (ئىنسانىي) ئىشق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، فەرھادنىڭ شېرىنغا بولغان مەجازىي (ئىنسانىي) ئىشقى ئارقىلىق ھەقىقىي ئىشققا يېتىدىغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا دۇچ كېلىدىغان مۈشكشللىرىنى بايان قىلىدۇ.
مەجازى ئشىق بولدى سۈبھى ئەنۋەر  ھەقىقىي ئىشق ئاڭا خۇرشىدى خاۋەر  قىلىب ئىشقى مەجازى زارۇ غەمناك  ئېتەر ئاشق تەنىن ئانداقكى خاشاك  مەجازى ئىشقدىن ئۆرتەنسە جانىڭ  بارىپ سەيلى فەناغە خانۇمانىڭ
دېمەك «فەرھاد شىرىن» داستانى قانداقتۇر «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك ئىنسانىي ئىشق كۈيلەنگەن مۇھەببەت داستانى بولماستىن، بەلكى ئىنسانىي ئىشقنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ئىلاھىي ئىشققا يېتىشىشنى مەقسەت قىلغان تەسەۋۋۇپىي داستاندۇر.
«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبياتى تىزىسلىرى» دا نەۋايىنىڭ «خەزەيىنۇلمەئانى» دىۋانلار توپلىمى ھەققىدىمۇ «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» دىكىگە ئوخشاش تولىمۇ يۈزە تەھلىل يۈرگۈزۈلگەن. يەنى «نەۋايى لىرىكىسىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئادالەت كۆز قارشى»، «نەۋايى لىرىكىسىدىكى ھايات گۈزەللىكلىرىنى سۆيۈش ئىدىيىسى»، «نەۋايى لىرىكىسىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن تۈرلۈك ئىجتىمائىي – ئەخلاقىي قاراشلار»، «نەۋايى لىرىكىسىنىڭ بەدئىي قىممىتى» قاتارلىق تېمىلار ئاستىدا تەھلىل يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ تەھلىللەرگە مىسال تەرىقىسىدە ئالغان شېئىرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نەۋايىنىڭ رۇبائىي ۋە قىتئەلىرىدىن ئىبارەت. ھالبۇكى نەۋايىنىڭ ئىدىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، نەۋايىنىڭ تەسەۋۋۇپىي قاراشلىرى، ئىشق، فەنا تەلقىنلىرى بىلەن تولغان 40 مىڭ مىسرادىن ئارتۇق غەزەللىرىدىن پەقەت بىر نەچچە مىسرالا تەھلىل قىلىنىپ قالغان غەزەللەر ھەققىدە ھېچقانداق مۇلاھىزە يورىتىلمىغان.
نەۋايىنىڭ «مەجالىسۇن نەفائىس» ھەققىدىكى بايانلاردا 355 نەپەر ئىجادكارنى ۋە 35 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۈركىي (جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىدا) ئەسەر يازغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. بۇ يەردە ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر يازغان شائىرلارنىڭ سانى ئابدۇرېھىم سابىت تۈزگەن «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى» دىكىدىن بەش ئادەم كۆپىيىپ قالىدۇ.
5.        غەيرەتجان ئوسمان تەرىپىدىن ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىن تىزىس» ناملىق كىتاب بولۇپ، بۇ كىتاب مۇشۇ كىتابنى تۈزگۈچىنىڭ بەش يىلدىن بىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدىكى ئاساسىي پەن ئوقۇغۇچىلىرى ۋە بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن لىكسىيەلىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ كىتاب ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن بولغاچقا مەزمۇنى ئىخچام، ئاممىباب ۋە  چۈشىنىشلىك. شۇنداقتىمۇ بۇ كىتابنىڭ نەۋايى ھەققىدىكى قىسىمىدا بەزىبىر سەۋەنلىكلەر مەۋجۇت. مەسىلەن، نەۋايىنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرغاندا «خەمسەتۇلمۇتەھھەيرىن» (بەش ھەيرەت) نى «ھەيران بولغانلار ھەققىدە خەمسە»، «مۇھاكىمەتۇللۇغەتەيىن» (ئىككى تىل ھەققىدە مۇھاكىمە) نى «تىللار ھەققىدە تەتقىقات» دەپ خاتا تەرجىمە قىلغان. يەنە «مەجالىسۇننەفائىس» تا تونۇشتۇرۇلغان ئىجادكارلار ۋە تۈركىي (ئۇيغۇر) تىلىدا ئەسەر يازغانلارنىڭ سانىدا ئابدۇرېھىم سابىت تۈزگەن «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» دىكى خاتالىقلار تەكرارلانغان. باشقا مەزمۇنلارمۇ ئاساسەن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىغا ئائىت كىتابلاردىن قىسقارتىلىپ ئېلىنغان.
6.        مەرھۇم شەرىپىدىن ئۆمەرنىڭ «ئۇيغۇرلاردا كىلاسسىك ئەدەبىيات» دېگەن كىتابىمۇ «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» ۋە باشقا ماتېرىياللار ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈپ يېزىلغان كىتاب بولۇپ، 1989 – يىلى 6 – ئايدا شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.  بۇ كىتابنىڭ 367 – بېتىدە نەۋايىنى تەسەسۋۋۇپتىن ئازاد بولغان مۇتەپەككۇر سۈپتىدە تەسۋىرلىگەن بولسا، 370 – بېتىدە نەۋايىنىڭ «لىسانۇتتەير» ئەسىرىدىكى بىر ھېكايەتنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق نەۋايىنىڭ سوپىزىمغا قارشى نۇقتىينەزىرىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان. يەنە 385 – بەتتە نەۋايىنىڭ فىئودالىزىمغا قارشى تۇرۇپ يېڭى بىر جەمئىيەت ئىزدىگۈچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. لېكىن بىز مەيلى رەت قىلايلى ياكى ئىتىراپ قىلايلى، نەۋايى مۇتەسەۋۋىپ شائىردۇر. نەۋايىنىڭ ئىخلاسمەن شاگىرتلىرىدىن بىر بولغان خاندەمىر ئۆزىنىڭ نەۋايىنىڭ پەزىلەتلىرىگە بېغىشلاپ يازغان «مەكارىمۇل ئەخلاق» ناملىق رىسالىسىدە ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئۇستازى ئابدۇراھمان جامىيدىن تەسەۋۋۇپ تەلىماتلىرى بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلغانلىقى ھەققىدە مۇنداق يازغان: «...خۇسۇسەن ئالىيجاناب ئەمىر مەخدۇمىي جامىيغا يېقىن مۇلازىمەتتە بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ ھوزۇرىدا دەرۋىش ۋە سوپىلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇش بلەن بولاتتى. ئۇ جاناب جامىيمۇ بۇ بابتا قىلغان تەسنىفىلىرىنى ئەمىر ھوزۇرىدا مۇتالىئە قىلار ۋە بۇ كىشى (نەۋايى) ئۇ كىتابلارنىڭ نازۇك نۇقتىلىرىنى پەيزلىك خاتىرلىرى لەۋھىگە نەقىشلەر ئىدى. تېخى ئول ئالىيجاناب بۇ ئەسەرلەرنى ھىدايەتلىك ئەمىرنىڭ ئىسمى شەرىپىگە بېغىشلاپ يازغانىدى...»⑥ دېگەن مەلۇماتلار بۇ قارشىمىزنىڭ دەلىلى بولالايدۇ. ئەمدى نەۋايىنىڭ فىئودالىزىمغا قارشى ئىددىيەسىگە كەلسەك، كىسىپ ئېيتىشقا بولۇدكى نەۋايىدا بۇنداق ئىدىىيە يوق. يەنى نەۋايى پادىشاھلارنىڭ ئادىل بولۇشىنىلا تەشببۇس قىلىدۇ. گەرچە زالىم پادىشاھقا قارشى تۇرسىمۇ، ئاشۇ زالىم پادىشاھنى ئاغدۇرۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئادىل پادىشاھ تىكلەيتىكى، ھەرگىزمۇ رەئىس جۇمھۇر ياكى زۇڭتۇڭ سايلىمايتتى.
مەزكۇر كىتابتا مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان نا توغرا تەھلىللەر خېلى كۆپ جايدا ئۇچرايدۇ. بىز پەقەت ئۇلاردىن بىر نەچچىلا مىسال كەلتۈرۈش بىلەنلا كۇپايىلەندۇق.

7.        غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لى گوشياڭ (李国香) نىڭ 1982 – يىلى ئالتىنجى ئايدا غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى خەنزۇ تىلى فاكۇلتىتى بىلەن غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن بېسىپ تارقىتىلغان «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» (维吾尔文学史) نىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى 1992 – يىلى لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ قىتىمقى نەشرىدە نەۋايىنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان كۈنلىرى توغرىلانغان بولسىمۇ «سەبئەئى سەييار» ئەسىرىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى «七星图» شەكىلىدە ئېلىنىۋەرگەن. قالغان مەزمۇنلار ئاساسەن 1982 – يىلدىكى باسمىسى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش بولغاچقا بۇ يەردە يەنە تەكرارلاپ ئولتۇرمىدۇق.
8.        ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مائارىپ بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەنلەردىن ئىمتىھان ئېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كومتېتى ئىشخانىسىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە غەيرەتجان ئوسمان تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ قىسقىچە تارىخى» 1992 – يىلى 9 – ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەنلەردىن ئىمتىھان ئېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كومتېتى ئىشخانىسىنى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان بولۇپ، بۇ كىتابتا نەۋايى ھەققىدىكى بايانلار ئالتە كىچىك ماۋزۇغا بۆلۈنۈپ بايان قىلىنغان. «ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ھاياتى پائالىيىتى» دېگەن بىرىنچى بۆلەكنىڭ بېشىدىلا نەۋايىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەۋە قىلىش ۋە نەۋايى ئۇيغۇر ئەمەستەك نەۋايىنىڭ مىللىتىنى زورىغا ئۇيغۇر قىلىشتەك بىمەنە بايانلار ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، «ئۇلۇغ شائىر ۋە مۇتەپەككۇر ئەلىشىر نەۋائى (1441-1501) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيات تارىخىدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئىنتايىن يۈكسەك ۋە پەخىرلىك ئورۇن تۇتقان شانلىق نامايەندە» دېگەن ئىبارىلەردىن كېيىن ئىزاھ رەقىمى قويۇلۇپ، بۇ ئىزاھنىڭ چۈشەندۈرشىدە: «‹جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تارىخى› 2 – توم، 317 – بەت، مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى نەشرىياتى، 1992 – يىل نەشرى. بۇ كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: ‹ئەلىشىر نەۋايى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى كىلاسسىك شائىر، مۇتەپەككۇر، تىلشۇناس، تەرجمشۇناس، سىياسىي پائالىيەتچى›» دېيىلگەن ۋە ئەلىشىېر نەۋايىنىڭ ئاتىسىنى «شىنجاڭلىق ئۇيغۇر غىياسىددىن باخشى» دەپ ئاتىغان⑦.
ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدا ئەزەلدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى سۈپتىدە تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن ھەزرەت نەۋايىنى يەنە نېمە ئۈچۈن خەنزۇچە تارىخ كىتابلىرىدىكى سۈپەت سۆزلىرىنى پاكىت قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارغا «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىكى كىلاسسىك شائىر» لىقىنى بىلدۈرۈش نېمىگە زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ ياكى ئۇيغۇرلار نەۋايىنىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا مەنسۇب شائىر ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ تۇرىۋالغاچقا ئۇلارغا پاكىت سۈپتىدە خەنزۇچە تارىخ كىتابلىرىدىن نەقىل ئېلىش كېرەك بولۇپ قالدىمۇ؟ ياكى باشقىلار نەۋايىنى تالاشقاچقا ئۇلارغا تارتقۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن تولا ئۆزگىرىشچان خەنزۇچە ماتېرىياللاردىكى دەلىللەرنى پاكىت قىلىپ كۆرسىتىشكە  ئىھتىياج تۇغۇلدىمۇ؟ بۇنداق قىلىشقا توغرا كەلسە تالايلىغان خەنزۇچە ماتېرىياللاردا نەۋايىنىڭ ئۆزبېك ئىكەنلىكىگە دائىر مەلۇماتلار تولۇپ – تىشىپ تۇرۇپتۇغۇ!؟ بىزنىڭچە كىشىنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغان ئارتۇقچە ئۇرۇنىشنىڭ قىلچىلىكمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. نەۋايىنى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى، دەپ ئېلىۋەرگەن بولسا ھېچكىم ھېچنىمە دېمەيتتى. يەنە نەۋايىنىڭ دادىسىنى قارىسىغىلا «شىنجاڭلىق ئۇيغۇر» دەپ ئالغىنى توغرا بولمىغان. نەۋايى ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا مەلۇمكى، نەۋايىنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى نەچچە ئەۋلادتىن بۇيان تۆمۈرىيلەر خانىدانىنىڭ يېقىنلىرى بولۇپ كەلگەن. نەۋايىنىڭ ئاتىسى تۈگۈل بوۋىسىمۇ شىنجاڭدا تۇغۇلغان ئەمەس. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇيغۇر نەۋايىنى يەنە ئۇيغۇر قىلىش ئۈچۈن دادىسىنى «شىنجاڭلىق ئۇيغۇر» قىلىش بىمەنىلىك بولماي نېمە؟
نەۋايىغا ئائىت مەزمۇننىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەلىشىر نەۋائىي» دېگەن ئىككىنچى بۆلىكىدە «نەۋائىي ‹پەرھاد شىرىن› داستانىدا پەرھادنى ھېكمەت خەزىنىسى بولغان يۇنانىستان (گىرىتسىيە) غا تەلپۈندۈرىدۇ ۋە ئۇنى ئىسكەندەر تىلسىمىنى (پەلسەپە خەزىنىسى) نى ئىچىشتا سوقرات ھېكىم بىلەن كۆرشتۈرىدۇ. بۇ گىرىك پەلسەپەسىنى سوقراتتىن باشلاپ ئۆگىنىش، پىلاتوننى بىېسىپ ئۆتۈش ۋە ئارستوتىلدا ۋايىغا يەتكۈزۈش توغرىسىدىكى فارابىي قاراشلىرى بىلەن بىردەك بولغان»⑧ دېگەن بايانلار ئۇچرايدۇ. بىز «پەرھاد شىرىن» داستانىنىڭ ئىدىيەۋىي مەزمۇنى ھەققىدە يۇقىرىدا قىسقىچە توختىىلىپ ئۆتكەچكە بۇ يەردە قايتا تەكرارلاپ ئولتۇرماي پەقەت بۇ بايانلارنىڭ نەۋايى ئىدىيەسىگە مەجبۇرەن تېڭىلغانلىقىنىلا ئەسكەرتىپ قويىمىز. چۈنكى «فەرھاد شىرىن» داستانىنى ئوقۇغانلارغا مەلۇمكى، داستاننىڭ ھېچقانداق يىرىدە گىرك پەلسەپەسىنى ئۆگىنىش ھەققىدە بايانلار يوق، پەقەت يەنە كېلىپ سوقرات فەرھادقا گىرىپ پەلسەپەسىدىن ئەمەس، بەلكى ئىلاھىي ئىشققا يېتىش يوللىرىدىن تەلىم بېرىدۇ.  بۇ كىتابتا يەنە نەۋايىنى «ئىنتىرناتسىئونالىزملىق روھقا ئىگە» قىلىپ تەسۋىرلىگەن بولۇپ، 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا گىرمانىيە قاتارلىق كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە پەيدا بولغان خەلقئارا ئىشچىلار ھەركىتىنىڭ ئومۇمىي نامى بولغان بۇ ئاتالغۇنىڭ نەۋايىنىڭ ئىدىيەسىگە مەنسۇب بولۇشى تولىمۇ كۈلكىلىك ئەمەسمۇ!؟
ئۈچىنچى بۆلەك بولغان «خەزائىنۇلمەئانى» گەرچە مەزكۇر كىتابنى تۈزگۈچى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىزاھتا بۇ بايانلارنىڭ شەرىپىدىن ئۆمەرنىڭ ماتېرىيالىدىن ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ بايانلار «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» دىكى بايانلار بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش. بۇ بۆلەكتە نەۋايىنىڭ «خەزايىنۇلمەئانىي» دىۋانلار توپلىمىنىڭ ئىدىيىۋىي مەزمۇنى ھەققىدىمۇ نۇرغۇنلىغاى ناتوغرا قاراشلار مەۋجۇت.
تۆتىنچى بۆلەك «خەمسە نەۋائى» بولۇپ، بۇ بۆلەكتە نەۋايىنىڭ «خەمسە» سى تەركىبىدىكى داستانلار قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرىكى كىتابلاردىكى قىلىپلىشىپ قالغان قاراشلارنى قىسقارتىپ تەكرارلاپ قويغان. بەشىنچى بۆلەك « ‹مەھبۇبۇل قۇلۇب›، ‹مۇھاكىمتۇللۇغەتين›، ‹مەجالىسۇننەفائىس›، ‹لىسنانىتتەير› » بولۇپ، «مۇھاكىمەتۇللۇغەتەين» بۆلىكىدە نەۋايىنىڭ «مىزانۇلئەۋزان» (ۋەزنلەر ئۆلچىمى)، «ئارۇز تۈركىي» (تۈركىي شېئىرىيتىدىكى ئارۇز ۋەزنى) دېگەن ئەسەرلىرى شېئىرىيەت ئىلمىگە قارىتىلغان، دېگەن ئىبارىلەر بار. ھالبۇكى، نەۋايىنىڭ ھېچقاچان مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان «ئارۇز تۈركىي» ناملىق ئەسىرى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى ھەققىدە تۈزۈلگەن كىتابلاردا مۇشۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. «مەجالىسۇننەفائىس» ھەققىدىكى بايانلاردا بۇ كىتابتا تونۇشتۇرۇلغان شائىرلارنىڭ سانىنى 459 دەپ ئېلىنىپپ ئۇيغۇر – تۈركىي تىلدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان شائىرلار 35 كىشى دېيىلگەن. لېكىن «مەجالىسۇننەفائىس» تا 14 شائىرنىڭ تۈركىي تىلدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. «لىسانىتتەير» داستانى ھەققىدە توختالغاندىمۇ ھۇد ھۇد ئوبرازى ئارقىلىق پەرىدىن ئەتتارنى تەنقىد قىلغانلىقنى يازغان. لېكىن بىز «لىسانۇتتەير» نى ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا بۇنداق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇق، يەنى قۇشلارنىڭ ھۇد ھۇدتىن سوئال سورىغىنى ھۇد ھۇدنى تەنقىد قىلغىنى ئەمەس، بەلكى مۇرىتنڭ پىرىدىن سوئال سورىغىنى ۋە بەزى قۇشلارنىڭ ھۇد ھۇدتىن رەنجىپ كېتىپ قالغىنى ئىرادىسىز مۇرتلارنىڭ پىرىدىن قول ئۈزۈپ تەرىقەتتىن چىقىپ كەتكىنىدۇر.
ئالتىنچى بۆلەك بولغان «ئەلىشىر نەۋائىي ۋە كىيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دېگەن مەزمۇن ھەققىدە ھازىرچە ناتوغرا بايانلارنى بايقىمىغىنىمىز ئۈچۈن، بۇ بۆلەك ھەققىدە گەپ قىلمايمىز.
9.        كوللىكتىپ تەرىپىدىن ئالىي مەكتەبلەر ئۈچۈن دەرسىلك سۈپتىدە تۈزۈلگەن، 1993 – يىلى 9 – ئايدا شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان  «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» بىر قەدەر مۇكەممەل تۈزۈلگەن دەرسلىك كىتاب بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ ئەلىشىر نەۋايى قىسمىنى مەرھۇم شەرىپىدىن ئۆمەر يازغان.  لېكىن بۇ مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شەرىپىدىن ئۆمەرنىڭ 1979 – يىلى 6 – ئايدا شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇرلاردا كىلاسسىك ئەدەبىيات» دېگەن كىتابتىكى نەۋايىغا ئائىت مەزمۇننىڭ ئەينەن كۆچۈرۈلمىسى بولۇپ ھېچقانداق يېڭىلق يوق. شۇڭا بۇ مەزمۇنلاردىمۇ «ئۇيغۇرلاردا كىلاسسىك ئەدەبىيات» تىكى ناتوغرا قاراشلار ئۆز پېتى تەكرارلانغان.
10.        غەيرەتجان ئوسمان تەرىپىدىن تۈزۈلگەن، ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەنلەردىن ئىمتىھان ئېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كومتېتى ئىشخانىسىنى تەرىپىدىن 1996 – يىلى قايتا باستۇرۇلغان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى قىسقىچە تارىخى» دىكى  ناۋايىغا ئائىت مەزمۇنلارغا ئاز تولا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغان مەزمۇنلار ئاساسەن 1992 – يىلى نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ قىسقىچە تارىخى» بىلەن ئوخشاش. يەنى بۇ كىتابتا نەۋايىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى كىلاسسىك شائىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن خەنزۇچە مەنبەلەردىن نەقىل كەلتۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن نەۋايىنىڭ ئاتىسىنىڭ شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىدەك بىمەنە خاتالىق يەنە تەكرالانغان. نەۋايىنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرغاندا «زۇبدەتۇلتەۋەرىخ» (تارىخلارنىڭ ياخشىسى) دەپ بىر ئەسىرىنىڭ نامىنى تىلغان. بۇ ئەسەر ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى بويىچە تۈزۈلگەن كىتابلاردىن مۇشۇ كىتابتا تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ. ۋە ھالەنكى نەۋايىنىڭ تارىخىي كىتابلىرىدىن «تارىخى ئەنبىيا ۋە ھۆكۈما»، «تارىخى مۇلكى ئەجەم» ناملىق ئىككى ئەسىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ «زۇبدەتۇلتەۋارىخ» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، كىتابنى تۈزگۈچى بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلمىغان. «مەجالىسۇننەفائىس» تا ئۇيغۇر – تۈركىي تىلى بىلەن ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان شائىرلارنى يەنە 35 كىشى دەپ ئالغان. ھالبۇكى بۇ كىتاب قايتا نەشر قىلىنشىتىن ئىككى يىل ئىلگىرىلا نەۋايىنىڭ مەجالىسۇننەفائىس» ئەسىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ بولۇنغانىدى. ئەگەر كىتاب تۈزگۈچى مۇشۇ كىتابنى تەپسىلى ۋاراقلاپ باققان بولسىلا تۈركىي تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان شائىرلارنىڭ ئۆزى دەۋاتقان ساندىن خېلىلا ئاز ئىكەنلىكىنى بىلەلەيتى. گەرچە نەۋايىنىڭ كىتابلىرى قاتارىدا «ئارۇز تۈركىي» ناملىق ئەسىرى سانالمىغان بولسىمۇ، يەنە نېمە ئۈچۈندۇر كېيىنكى مەزمۇنلاردا «مىزانۇلئەۋزان» بىلەن «ئارۇز تۈركىي» نىڭ نەۋايىنىڭ شېئىرىيەت ئىلمىگە بېغىشلانغان ئىككى ئەسىرى ئىكەنلىكى قەت قىلىنغان. بەلكىم، «مىزانۇلئەۋزان»  خەلق ئارىسىدا «ئارۇز تۈركىي» نامى بىلەنمۇ ئاتالغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن «ئارۇز تۈركىي» نەۋايىنىڭ «مىزانۇلئەۋزان» بىلەن بىر قاتاردا سانىدىلىدىغان ئايرىم ئەسىرى ئەمەس.
11.        ئابدۇكىرىم راخمان باشچىلىقىدا خەنزۇچە تۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى 1998 – يىلى 7 – ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ نەۋايىغا ئائىت قىسمىدا يەنە ئىلگىرىكى بىر قىسىم خاتالىقلار تەكرارلانغان. مەسىلەن، نەۋايىنىڭ مەجالىسۇننەفائىس» تا 35 كىشىنىڭ ئۇيغۇر - تۈركىي تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارغانلىقى، «لىسانۇتتەير» دە نەۋايىنىڭ ھۇد ھۇد ئوبرازى ئارقىلىق پەرىدىن ئەتتارنى تەنقىد قىلغانلىقى، «سەبەئى سەييار» داستانىنىڭ يەنە «七星图» شەكىلىدە تەرجىمە قىلىنغانلىقى قاتارلىق نا توغرا بايانلار بۇ كىتابتىمۇ ئۆز ئەينى تەكرارلانغان.
12.        غەيرەتجان ئوسمان يازغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 1999 – يىلى 6 – ئايدا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدبىياتى تەتقىقاتى» (خەنزۇچە) تىنىڭ نەۋايىغا ئائىت قىسمى گەرچە خەنزۇچە يېزىلغان باشقا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىغا قارىغاندا نىسبەتەن ئىلمىيرەك يېزىلغان بولىسمۇ يەنە ئاز تولا خاتالىقلاردىن خالىي ئەمەس. يەنى نەۋايىنىڭ دادىسىنىڭ «ئۇيغۇر باخشى» (维吾尔•巴克西) دەپ يەنە بىر ئىسمىنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. لېكىن ئۇيغۇر باخشى نەۋايىنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ئەمەس. «تارىخىي رەشىدى» دىمۇ نەۋايىنىڭ ئاتىسىنىڭ «كىچىككىنە باخشى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىلا قەيت قىلىنىدۇ. ئەمدى نەۋايىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى دەۋا قىلىپ ئاتىسىغا «ئۇيغۇر باخشى» دەپ ئىسىم قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. بۇ كىتابتا يەنە نەۋايىنىڭ «خەزايىنۇلمەئانىي» دىۋانلار توپلىمىنىڭ ئىدىيىۋىي مەزمۇنى ھەققىدە توختالغاندا، كىتاب ئاپتۇرى ئىلگىرىكى خاتالىقىنى قايتا تەكرارلاپ مۇنداق يازىدۇ: «ئەلىشىر نەۋايىنىڭ لىرىك شېئىرىيەت تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ خىزمىتى شۇكى، ئۇ لىرىكىنىڭ تار تىماتىك دائىرىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىجتىمائىي ھاياتقا ئالاقىدار بولغان پەلسەپەۋىي، ئىجتىمائىي، سىايسىي ۋە ئەخلاق كاتىگورىيەسىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان خىلمۇ خىل مەسلىلەر بىلەن ئۆز لىرىكىلىرىنى بېيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ لىرىك شېئىرلىرىنى كۆرسىتىدىغان ‹چاھار دىۋان› ئەسىرى ‹خەزايىنۇلمەئاني› دەپمۇ ئاتالدى. ‹خەزايىنۇلمەئانىي› نىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلىرى مۇھەببەتنى، دوستلۇق ۋە ۋاپاردارلىقنى كۈيلەش، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تەشۋىق قىلىش...»⑨.
ئەمەلىيەتتە نەۋايىنىڭ «خەزايىنۇلمەئانىي» دىۋانىدىكى لىرىك شېئىرىلىرىنىڭ مۇتلۇق كۆپ قىسمى تەسەۋۋۇپتىكى ئىلاھىي ئىشق، ھۆسنى مۇتلەق، فەنا تەلقىنلىرىگە بېغىشلانغانلىقى «خەزايىنۇلمەئانىي» بىلەن تونۇشلۇقى بار كىشىلەرگە مەلۇمدۇر. نەۋايىنىڭ «خەمسە» سى ھەققىدىمۇ ئىلگىرىكى ماتېرىياللاردا تەكرارلانغان بەزىبىر خاتالىقلار شۇ پىتى تەكرارلانغان. يەنە «مەجالىسۇننەفائىس» تا  35 نەپەر شائىرنىڭ تۈركي – ئۇيغۇر تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى يازىدۇ. لېكىن 1994 – يىلى نەشردىن چىققان «مەجالىسۇننەفائىس» تا 14 كىشىنىڭ تۈركىي تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
13.        مەملىكەتلىك ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن دەرسلىك سۈپتىدە غەيرەتجان ئوسمان تەرىپىدىن يېڭىدىن تۈزۈلگەن، 2001 – يىلى ئالتىنجى ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» ئىلگىرى ئىككى قېتىم نەشىر قىلىنغان (1992 – يىلى ۋە 1996 – يىلى) ئۆزلىكىدىن ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن دەرسلىك ئاساسىدا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابتىكى نەۋيىغ ائائىت مەزمۇنلار ئالدىنقى ئىككى قىتىم نەشرقىلىنغان كىتابتىكى مەزمۇنلار بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ۋە قىسمەن تۈزىتىشمۇ كىرگۈزۈلگەن. ئالدىنقى كىتابلاردا قەيت قىلىنغان خاتالىقلار شۇ پىتى ئېلىنغاندىن باشقا يەنە بىر قىسىم يېڭى خاتالىقلارمۇ قوشۇلغان.
مەزكۇر كىتابنىڭ بېشىدىلا يەنە نەۋايىنىڭ «ئۇيغۇر لارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ شائىرى ۋە مۇتەپەككۇرى» ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى سۈپتىدە لى گوشياڭنىڭ بىز يۇقرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن، لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1992 – يىلى نەىشىر قىلغان «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» ناملىق كىتابىنىڭ 133 – بېتىدىن ئالاھىدە نەقىل ئالغان. خۇددى نەۋايىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرى ئىكەنلىكىنى خەنزۇچە ماتېرىياللاردىن ئالاھىدە نەقىل بىلەن ئىسپاتلىمىسا نەۋايى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرى بولمايدىغاندەك بۇنداق زىيادە زورىقىشنىڭ نېمە ھاجتى؟! يەنە نەۋايىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزغاندا تۈركىيە تىل قۇۇرمى تەييارلىغان «مىزانۇلئەۋزان» نىڭ كىرىش سۆزىدىكى نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكىنى شۇ پىتى كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ تىزىملىكتە نەۋايىنىڭ «زۇبدەتۇلتەۋارىخ» (تارىخلارنىڭ ياخشىسى) ناملىق ئەسىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان. لېكىن بىز نەۋايىنىڭ «تارىخى مۇلكى ئەجەم» بىلەن «تارىخى ئەنبىياي ۋە ھۆكۈما» ناملىق ئىككى تارخىي ئەسىرىنىڭ «زۇبدەتۇلتەۋارىخ» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى يۇقىرىدا ئېيتقانىدۇق. دېمىسىمۇ بىز ئۇچراتقان نەۋايى ئەسەرلىرى قاتارىدا «زۇبدەتۇلتەۋارىخ» دەيدىغان بىرەر ئەسىرىنى كۆرگىنىمىز يوق.
بۇ كىتابتا يەنە نەۋايى بىلەن فارابىينىڭ پەلسەپەۋىي ئىدىيەلىرىنىڭ بىردەكلىكىدىن ئىبارەت خاتالىق يەنە تەكرارلانغان. گەرچە بۇ كىتابتا نەۋايىنىڭ «خەزايىنۇلمەئانىي» دىۋانلىرىدىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈزۈلگەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتققىتىغا ئائىت كىتابلاردا كەلتۈرۈلمىگەن بىر نەچە بېيتلار تەھلىل قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بېيتلاردىكى بەزى سۆزلەر خاتا يېزىلغانمەسىلەن:
ئارەزىن ياپقاچ كۆزۈمدىن تۆكۈلۈر ھەر لەھزە ياش،
بۇيلەكىم پەيدا بولۇر يۇلدۇز نىھان بولغاچ قۇياش.
دېگەن بېيتنىڭ بىرىنچى مىسراسىدىكى «تۆكۈلۈر» سۆزىنىڭ ئەسلىسى «ساچىلۇر» ئىدى.
قالغان مەزمۇنلارمۇ ئاساسەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈزۈلگەن كىتابلاردىكى مەزمۇنلار بىلەن بىردەك.
14.        ئالىي مەكتەب دەرس مۇنبىرىدە 10 يىلدىن بىر دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلىۋاتقان ئىككى قىسىملىق «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» 2002 – يىلى 8 – ئايدا شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ نەۋايىغا ئائىت قىسمىنى غەيرەتجان ئوسمان («خەزايىنۇلمەئانىي» توغرىسىدا» دېگەن ماۋزۇنى ماگىستىر مەھمۇدجان مۇھەممەد) يازغان.
لېكىن بۇ مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى بىز 13- تەرتىبتە تىلغا ئالغان مەملىكەتلىك ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن دەرسلىك سۈپتىدە غەيرەتجان ئوسمان تەرىپىدىن يېڭىدىن تۈزۈلگەن، 2001 – يىلى 6- ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» دىكى مەزمۇننىڭ دەل ئۆزى بولۇپ ھېچقانداق يېڭىلىق يوق. خاتا جايلار يەنە شۇ پىتى خاتا ھالەتە قىلىۋەرگەن. بىرلا يېڭىلىق شۇكى ماگىستىر مەھمۇدجان مۇھەممەد يازغان «‹خەزايىنۇلمەئانىي› توغرىسىدا» دېگەن ماۋزۇنى ئاستىدا «خەزايىنۇلمەئانىي» نىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى ھەققىدە يۈرگۈزۈلگەن تەھلىللەردە ئازراق يېڭىلىق بار. يەنى نەۋايى غەزەللىرىدە ئىپادىلەنگەن ئىلاھىي ئىشق ۋە فەنا تەلقىنلىرى تۇنجى بولۇپ مەزكۇر كىتابتا تىلغا ئېلىنىپ نەۋايىنىڭ ئىدىيەسىنىڭ توغرىلىنىشىغا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىدىن دىرەك بەرگەن. لېكىن «خەمسە» ھەققىدىكى مەزمۇنلار يەنىلا ئىلگىرىكى كونا مەزمۇنلاردىن ئىبارەت.
15.         ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارخى ۋە تەتقىقاتى بويىچە يېزىلغان كىتابلاردىن نەۋايى ھەققىدە ئىلگىرىكى كىتابلارغا قارىغاندا بىر قەدەر يېڭىچە مەزمۇن بار بولغىنى غەيرەتجان ئوسمان، ئوسمان ئىسمايىل ۋە تۇرسۇنمۇھەممەد ساۋۇت قاتارلىقلار بىرلىشىپ ئالىي پىداگوگىكا مەخسۇس كۇرسلىرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەب مائارىپ دەرسلىكى تۈزگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى» نامىلىق ئىككى قىسىملىق كىتابنىڭ 2- قىسمىدۇر. بۇ كىتابنىڭ نەۋايىغا ئائىت قىسمىنى غەيرەتجان ئوسمان يازغان بولۇپ، گەرچە بۇ كىتابتىكى نەۋايىغا ئائىت مەزمۇنلار بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بىر قاتار كىتابلاردىكى كونا مەزمۇنلار بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولسىمۇ، ھەر ھالدا ئۇ كىتابلاردىكى مەزمۇنلار بىلەن ئوخشىمايدىغان بەزى يېڭىلىقلارمۇ بار. مەسىلەن، نەۋايىنىڭ «خەمسە» سى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزگەندە مىسال ئۈچۈن ئىلگىرىكى كىتابلاردا تولا ئېلىنغان مىساللارنىڭ ئورنىغا يېڭى مىساللارنى ئالغان، نەۋايىنىڭ «خەزايىنۇلمەئانىي» دىۋانلار توپلىمى ۋە باشقا ئەسەرلىرىدىن قىسمەن پارچىلارنى بەرگەن.
لېكىن بۇ كىتابتا يەنىلا نەۋايىنىڭ ئىددىيەسى، «خەمسە» دىكى داستانلارنىڭ مەزمۇنى ۋە مىسال ئېلىنغان شېئىرلارنىڭ ئىملاسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خاتالىقلار يەنە ئۆز پېتى تەكرارلانغان.  
16.        ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتققىقاتى بويىچە بىر قەدەر سىتېمىلىق ۋە ئىلمىي تەتقىق قىلىپ يېزىلغان كىتاب شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇللىقىدا ئىمىنجان ئەھمىدى قۇتلۇق، غەيرەتجان ئوسمان، مۇھەمەد تۇردى مىرزىئەھمەت، ئەسئەت سۇلايمان، ھەبىبۇللا ئابدۇسالام قاتارلىقلار تەرىپىدىن يېزىلغان  تۆت توملۇق «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ نەۋايى قىسمىنى ئەسەت سۇلايمان يازغان.  بۇ كىتابتا نەۋايى ئىجادىغا ئائىت خېلى كۆپ سەھىپە ئاخرىتىلغان ۋە بىز يۇقىرىدا ساناپ ئۆتكەن كىتابلاردىكى نۇرغۇنلىغان خاتالىقلار تۈزىتىلگەن. بولۇپمۇ نەۋايىنىڭ ئىددىيەسى ھەققىدە ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان يېڭىچە ھەم بىر قەدەر توغرا قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەسىلەن، «نەۋايى پەلسەپەسىنىڭ يادروسى ئەڭ ئالدى بىلەن ئىسلام تەسەۋۋۇپ ئىدىيەلىرىنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان» ⑩، «جامىي نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ پىرلىرىدىن بولۇپ، ئىدىيە جەھەتتىن ياش ئەلىشىرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنىدى. نەۋايى ئۆز ھاياتىدا ئۇستازلىرى ئىچىدە جامىينى ئالاھىدە ئورۇنغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرىدە نەقشىبەندىيە تەرىقىتىگە كرىگەنلىكى مەلۇم»⑪، «بىزنىڭ قارىشىمىزچە نەۋائىينىڭ پارس تىلىدا يازغان شېئىرلىرىغا ‹فانىي› تەخەللۇسى بىلەن تەسەۋۋۇپ تەلىماتىدىكى «فەنا»ئوتتۇرىسىدا زىچ باغلىنىش بولۇشى چوقۇم. شائىر ئىجادىيىتىدىكى «فەنا» قاراشلىرى چۇڭقۇر ئەكس ئەتكەن نۇرغۇن مىسرالارمۇ بۇ نۇقتىنى دەلىللەيدۇ⑫، «نەۋايىنىڭ تەسەۋۋۇپچىلىق ئىدىيەسى پەقەت ‹لىسانۇتتەير› دىلا ئەمەس، بەلكى، ‹ھەيرەتۇلئەبرار›، ‹مەھبۇبۇلقۇلۇب›، ‹تارىخى ئەنبىيا ۋە ھۆكۈما› قاتارلىق ئەسەرلىرىدىمۇ رۇشەن ئىپادىلىنىدۇ»⑬...دېگەندەك ئىلمىي قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
لېكىن بۇ كىتابتىمۇ نەۋايىنىڭ «ئارۇز تۈركىي» نامىلىق بىر كىتابىنىڭ بارلىقى  ھېچقانداق ئاساسسىزلا «مىزانۇلئەۋزان» بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىنغان.
17. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2011 – يىلى 12 -ئايدا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» ئالىي مەكتەبلەر ئۈچۈن دەرسلىك سۈپتىدە نەشر قىلىنغان ئەڭ يېڭى كىتاب بولۇپ، گەرچە بۇ كىتابنىڭ بىر قىسىم تۈزگۈچىلىرى، مۇقاۋىسى، فورمات ۋە باسما تاۋاقلىرى يېڭىلانغىنى بىلەن نەۋايى ھەققىدىكى مەزمۇندا ئاساسەن يېڭىلىنش بولمىغان. ئاددىيسى بىز 16 – تەرتىپتە كۆرسىتىپ ئۆتكەن «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» دىكى نەۋايىغا ئائىت يېڭىچە مەزمۇنلاردىن ئازراقمۇ قوبۇل قىلىنمىغان. دېمەك 30 يىللىق ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خۇلاسىسى سۈپتىدە قۇراشتۇرۇلغان بۇ كىتابتىكى نەۋايىغا ئائىت مەزمۇنلارنىڭ يەنىلا ئۆزلەشتۈرمە تەتقىقات بولۇشى ۋە نەۋايى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ تۈزۈكرەك مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلمەيلا ئىلگىرىكى كونا ماتېرىياللاردىكى خاتا قاراشلارنىڭ يەنە قايتا تەكرارلىنىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بىز تۆۋەندە مۇشۇ كىتابتىكى بىر قىسىم خاتا مەسلىلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز:
يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» نىڭ نەۋايىغا ئائىت قىسمىنىڭ بېشىدىلا لى گوشياڭنىڭ لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1992 – يىلى نەشر قىلغان «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى»  تارىخىنىڭ 133 – بېتىدىن ئالغان مۇنۇ ئىزاھلىق نەقىل كۆزگە چىلىقىدۇ: « ‹دېمەك نەۋايى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ شائىرى ۋە مۇتەپەككۇرى› ئىدى»⑭.
1992 – يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان ئەدەبىيات تارىخ كىتابلىرىدا  بىر نەچچە قېتىم تەكرارلانغان بۇ بىمەنە نەقىلنىڭ نەۋايىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ شائىرى ئىكەنلىكىگە ئىسپات بولۇدىغانغا ھېچقانداق ئاساسىي يوق. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى ۋە ئەڭ ئۇلۇغ شائىرى بولغان نەۋايىنى خەنزۇچە ماتېرىياللاردىكى ئاشۇ نەقىللەر بىلەن تونۇش تولىمۇ بىمەنىلىك ئەمەسمۇ؟ تارىخىي رەشىدىدىكى «ئەمىر ئەلىشىرنىڭ ئەسلى ئۇيغۇر باخشىلىرىدىندۇر»⑮ دېگەن ئىبارە نەۋايىننىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنىڭ بىردىنبىر ھەم پولاتتەك ئىسپاتى بولسا، نەۋايىنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرى ئۇنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ شائىر ۋە مۇتەپەككۇر ئىكەنلىكىگە دەلىل ئەمەسمۇ؟ بىزنىڭچە نەۋايىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ شائىرى ۋە بۈيۈك مۇتەپەككۇرى ئىكەنلىكىنى خەنزۇچە ماتېرىياللاردىكى ئۆزگىرىشچان  دەلىللەر ئارقىلىق ئىسپاتلاشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق.
يەنە نەۋايىنىڭ لۇتفىيغا ئوقۇپ بەرگەن غەزىلىنىڭ دەسلەپكى بېيتى مىسال كەلتۈرۈلگەن بولۇپ بۇ مەتلە بۇنداق يېزىلغان:
ئارەزىن ياپقاچ كۆزۈمدىن تۆكۈلۈر ھەر لەھزە ياش،
بۇيلا كىم پەيدا بولۇر يۇلتۇز نىھان بولغاچ قۇياش.
بۇ بېيت ئىلگىرىكى كىتابلاردىمۇ مۇشۇنداق خاتا يېزىلغان ئىدى. بۇ كىتابقىمۇ ئەسلىسىگە سېلىشتۇتۇرۇلمايلا خاتا پىتى ئېلىنغان. نەۋايىنىڭ «غەرايىبۇسسىغەر» دىۋانىغا كىرگۈزۈلگەن بۇ غەەزلنىڭ توغرىسى مۇنداق:

ئارەزىن ياپقاچ كۆزۈمدىن ساچىلۇر ھەر لەھزە ياش
بۇيلەكىم پەيدا بولۇر يۇلدۇز نىھان بولغاچ قۇياش

بۇ كىتابتا يەنە نەۋايىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرتىپكە تۇرغۇزغاندا تۈركىيە تىل قۇرۇمى تەييارلىغان «مىزانۇلئەۋزان» نىڭ كىرىش سۆزىدىكى نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكىنى شۇ پىتى كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ تىزىملىكتە نەۋايىنىڭ «زۇبدەتۇل تەۋارىخ» ناملىق ئەسىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان. نەۋايىنىڭ «تارىخى مۇلكى ئەجەم» ۋە «تارىخى ئەنبىيا ۋە ھۆكۈما» ناملىق ئىككى تارخىي ئەسىرىنىڭ «زۇبدەتۇلتەۋارىخ» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى يۇقىرىدا بىر نەچچە قېتىم كۆرسىتىپ ئۆتتۇق.
«قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەلىشىر نەۋايى» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدىكى مەزمۇندا ئىلگىرىكى كىتابلاردا كۆپ تەكرارلانغان مۇنداق بايانلار بار: «نەۋائىي ‹پەرھاد شىرىن› داستانىدا پەرھادنى ھېكمەت خەزىنىسى بولغان يۇنانىستان (گىرىتسىيە) غا تەلپۈندۈرىدۇ ۋە ئۇنى ئىسكەندەر تىلسىمىنى (پەلسەپە خەزىنىسى) نى ئىچىشتا سوقرات ھېكىم بىلەن كۆرشتۈرىدۇ. بۇ گىرىك پەلسەپەسىنى سوقراتتىن باشلاپ ئۆگىنىش، پىلاتوننى بىېسىپ ئۆتۈش ۋە ئارستوتىلدا ۋايىغا يەتكۈزۈش توغرىسىدىكى فارابىي قاراشلىرى بىلەن بىردەك بولغان»⑯.
لېكىن «فەرھاد شىرىن» داستانىنى ئوقۇغانلارغا مەلۇمكى، داستاندىكى فەرھاد سوقرات بىلەن كۆرۈشكەندە ھېچقاچان گىرىك پەلسەپىسىنى ئۆگىنىش ھەققىدە تەلىم بەرمەيدۇ،ئەكسىچە:
مەجازى ئشىق بولدى سۈبھى ئەنۋەر  ھەقىقىي ئىشق ئاڭا خۇرشىدى خاۋەر  قىلىب ئىشقى مەجازى زارۇ غەمناك  ئېتەر ئاشق تەنىن ئانداقكى خاشاك  مەجازى ئىشقدىن ئۆرتەنسە جانىڭ  بارىپ سەيلى فەناغە خانۇمانىڭ
دېيىش ئارقىلىق فەرھادقا ئۆزلۈكتىن كەچمەي تۇرۇپ ھەقنى تاپقىلى بولمايدىغانلىقى، ئۆزلۈكتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى مەجازى (ئىنسانىي) ئىشق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، فەرھادنىڭ شېرىنغا بولغان مەجازىي (ئىنسانىي) ئىشقى ئارقىلىق ھەقىقىي ئىشققا يېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ بايانلار قانداقمۇ گىرىك پەلسەپەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسۇن!؟
«خەزايىنۇلمەئانىي» توغرىسىدا يېزىلغان بايانلاردا گەرچە نەۋايىنىڭ سوپىيانە غايىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئىنساننىڭ روھىي پاكلىقى ۋە مەنىۋىي تاكاممۇللۇقنى تەرغىب قىلغانلىقى تەن ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن مىسال كەلتۈرۈلگەن شېئىرلار توغرا يېزىلمىغان، يەنى:
ئەشرەقەتمىن ئەكس شەمىس كەئسى ئەنۋارۇلھۇدا،
يار ئەكس مەيدە كۆر دەپ جامدىن چىقتى سەدا.

غەير نەقشىدىن كۆڭۈل جامىدا بولسا زەڭگى غەم،
يوقۇر ئەي ساقى مەي ۋەھدەت مەسەللىك غەمزەدا.

بۇنداق ئوقۇغاندا يا ۋەزنگە چۈشمەيدۇ، يا ئادەمنىڭ ئېغىزى كەلمەيدۇ. ئەسلىدە بۇ بېيتلارنىڭ توغرىسى  مۇنداق:

ئەشرەقەت مىن ئەكسى شەمسىل كەئسى ئەنۋارۇلھۇدا
يار ئەكسىن مەيدە كۆر دەپ جامدىن چىقتى سەدا

غەير نەقشىدىن كۆڭۈل جامىدا بولسا زەڭگى غەم
يوقتۇر ئەي ساقىي مەيى ۋەھدەت مەسەللىك غەمزەدا

گەرچە بۇ بېيتلار ھەققىد تەھلىل يۈرگۈزگەندە، بېيتلاردا تىلغا ئېلىنغان رەمزىي ئوبرازلار ھەققىدە توغرا پىكىرلەر ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن «ئىشق  يەنى ئىنساندىكى روھىي پاكلىق ئىنسانىي كامىللىقنىڭ چوققىسى ‹ۋەھدەت› كە – ئالەم بىلەن ئىنساننىڭ بىرلىكىگە ئېلىپ بارىدۇ»⑰ دېگەندەك ئىنتايىن خاتا قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. «ۋەھدەت» سۆزى ئەرەبچە بىرلىك، يەككە يىگانىلىك دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان سۆز بولۇپ، بۇ بېيتتىكى «ۋەھدت مەيى» نىڭ مەنىسى «بىرلىك شاربى» دېگەنلىك بولىدۇ. «ۋەھدەت» يەنى، ئىنسانىي كامىللىقنىڭ چوققىسى ئالەم بىلەن ئىنساننىڭ بىرلىكىگە ئەمەس، بەلكى ئاشىق بولغۇچى ئىنسان بىلەن مەشۇق بولغۇچى تەڭرىنىڭ روھىي بىرلىكىدۇر.
يەنە «خەزايىنۇلمەئانىي» نىڭ بەدىئىي گۈزەللىكلىرى ھەقىدە تەھلىل يۈرگۈزۈلگەندە مىسال ئېلىنغان شېئىرلاردىكى بەزى سۆزلەر خاتا ئېلىنغان، مەسىلەن:
تونۇم دەيجۇر، ئۆزۈم زەنجۇر، ئىچىم غەمناكۇ، باغرىم چاك،
تىلىم لالۇ، تەنىم بىھال، ئىشىم ئەفغان بىرىشكىم قان.
بۇ بېيتنىڭ ئىككىنچى مىسراسىدىكى «بىرىشكىم» سۆزى خاتا يېزىلىپ قالغان، ئەسلىدە بۇ سۆز «كۆز يېشى» مەنىسىدىكى «سىرىشكىم» سۆزى ئىدى.
ماڭا نى يارە نى ھەمدەم،ماڭا نى دوستۇئى مەھرەم،
ماڭا نى چارە، نى مەھرەم، ماڭا نى سەبرۇ نى سامان.
دېگەن بېيتنىڭ ئىككىنچى مىسراسىدىكى «مەھرەم» سۆزىنىڭ ئەسلىسى «مەرھەم» بولۇپ، بۇ يەردە خاتا يېزىلىپ قالغان.
كۆز ياشىم بولدى رەۋان بىر نەرگىسى جادۇ كۆرۈپ،
تۈغىل يەڭلىغكىم يۈگۈرگەي ھەر تەرەپ ئاھۇ كۆرۈپ.
دېگەن بېيتنىڭمۇ ئىككىنچى مىسراسىدىكى «تۈغىل» سۆزىنىڭ توغرىسى «كىچىك بالا» مەنىسىدىكى «تۇفل» سۆزى ئىدى.
نەۋايىنىڭ «خەمسە» سى ھەققىدىكى بايانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىلگىرىكى كىتابلاردا تولا تەكرارلانغان كونا قاراشلار بولۇپ، نەۋايى «خەمسە» سى نەشىر قىلىنىپ 22 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ 30 يىل ئىلگىرى «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» دىن ئۆزلەشتۈرۈپ يازغان «خەمسە» ھەققىدىكى كونا تەھلىللەرنىڭ بۇ كىتابتا يەنە ئۆز پېتى ئۇچرىشى كىشىنى ھەققەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. مەسىلەن، «ھەيرەتۇل ئەبرار» ھەققىدە توختالغاندا «داستاننىڭ ئاساسىي قىسمىدا شائىر ئەخلاق، دىن، پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي ھايات توغرىسىدا ئايرىم – ئايرىم توختىلىدۇ»⑱، دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن داستاننىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكىنى زالىم پادىشاھلار ۋە رىياكار قازى، مۇپتىلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، بەھرامدىن ئىبارەت زالىم پادىشاھنى تەنقىد قىلىش ئارقىلىق خەلقپەرۋەرلىكنىڭ تەشەببۇس قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھالبۇكى، «ھەيراتۇل ئەبرار» داستانىنى ئوقۇغان ۋە ئاساسىي مەزمۇنىىنى چۈشەنگەن كىشىلەرگە مەلۇمكى، بۇ داستان پەلسەپەۋىي داستان بولۇپ نەۋايىنىڭ ئىجتىمائىي قاراشلىرى، غايىۋىي ئىنتىلىشلىرى، ئەخلاق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ھەققىدىكى قاراشلىرى روھىيەتنى پاكلاش ۋە ئىنسانلارنى سۆيۈش، مۇھەببەتنى قەدىرلەش ئادالەتلىك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق كەڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پادىشاھ بەھرام ھەققىدىكى  ھېكايەت مەزكۇر داستاننىڭ 19 –ماقالىتىدىن كېيىن قىستۇرۇلغان نەچچە بەتلىك قىسقىلا ھېكايەتتىن ئىبارەت خالاس.
«خەمسە» نىڭ باشقا داستانلىرىمۇ 30 يىلدىن بۇيان تەكرارلانغان كونا مەزمۇنلاردىن ئىبارەت. بولۇپمۇ «فەرھاد – شىرىن» داستانى ھەققىدىكى كونا ھەم يۈزەكى قاراشلار قىلچىلكمۇ يېڭىلانمىغان. «لەيلى – مەجنۇن» داستانىمۇ نوقۇل ئىشق – مۇھەببەت پاجىئەسى سۈپتىدە تەھلىل قىلىنغان. ئەمەلىيەتتە داستاننى ھەقىقى چۈشىنىپ ئوقۇغاندا، بۇ داستاننىڭمۇ «فەرھاد شىرىن» داستانىغا ئوخشاشلا ئىنسانىي مۇھەببەتنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق ئىلاھىي ئىشققا يېتىشىتىن ئىبارەت تەسەۋۋۇپىي ئىدىيەنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. «سەددى ئىسكەندەر» داستانىمۇ بۇ كىتابتا نوقۇل نەۋايىنىڭ ئادىل پادىشاھ غايىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىگە باغلاپلا تەھلىل قىلىنغان. ئەمەلىيەتتە، «سەددى ئىسكەندەر» داستاندا نەۋايى پەقەت ئېدىئال شاھ ئوبرازىنىلا ياراتماستىن بەلكى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۆز نۆۋىتىدە داستان ۋەقەلىرىنى رىئاللاشتۇرۇشقا خىزمەت قىلغان. ئۆزبېكىستانداچىقىدىغان «مەرىپەت گېزىتى» نىڭ 2008-يىل 256-سانىغا دەمىن جۈمەقۇل ئاپتورلۇقىدا «‹سەددى ئىسكەندەر› داستانىنىڭ باش قەھرىمانى كىم» نامىلىق بىر ماقالە بېسىلغان بولۇپ بۇ ماقالىدە تۆۋەندىكى بايانلار ئۇچرايدۇ: «ئەسەرنىڭ 19-باپىنىڭ باش قىسىمى  مۇنداق سۆزلەر بىلەن باشلىنىدۇ: ‹ئىسكەندەرنىڭ سەلتەنەت تاجىدىن سەرگشتىلىك چىقىپ (سەلتەنەت دائىرىسىدە زىددىيەتلەر پەيدا بولۇپ) خىلاپەت تەختىدىن ئاياق تارتقىنى ۋە رۇم ئەھلىنىڭ باشلىرىنى ئايىغى ئاستىغا قويۇپ، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ تەخت پايىسىنى ئىگىز قىلىپ، تاجى تەقدىرىنى مۇقىم قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئادالەت ئەينىكىنىڭ قۇياشى بىلەن زۇلۇم شامىنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈپ جاھاننى يۇرۇتقىنى ۋە زۇلۇم ئەھلىنىڭ زۇلمەتتەك ئالەم يۈزىگە چىراق تۇتقىنى›.
تارىخىي مەنبەلەرنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە، فىلىپ ئىككىنچى (فەيلەقۇس) داستاندا تەسۋىرلەنگىنىدەك، ئىران شاھىغا باج تۆلەپ تۇرغۇچى قارام ھۆكۈمدار بولماستىن بۈيۈك ئىمپىريىچىلىك ۋەسۋەسىسىگە چۈشكەن تاجاۋۇزچى ھۆكۈمدار ئىدى. ئۇ مىلادىدىن ئاۋالقى 359- يىلىدىن مىلادىدىن ئاۋالقى 338– يىلىغىچە بالقان يېرىم ئارىلى ئەتراپىدىكى فاكدا،فىسسەلىيە، خەلىكدىكا، فىراكىيە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا دۆلەتلەرنى تاجاۋۇزچىلىق يولى بىلەن ماكدونىيىگە قوشىۋالغان. 338-يىلى خېرنىيە ئەتراپىدا يۇناننىڭ بىرلەشمە قوشۇنىنى تارمار قىلىپ، پۈتۈن يۇناننى ماكدونىيىگە بويسۇندۇرغان. ئۇ ئىرانغا ھۇجۇم باشلاشقا تەييارلىنىۋاتقاندا قىزىنىڭ توي كۈنىدە ئۆلتۈرۈلگە.
بۇ مىسالدىن شۇنەرسە ئايان بولىدۇكى،«سەددى ئىسكەندەر» دىكى فەيلاقۇس بىلەن تارىخىي شەخىس فىلىپ ئىككىنچى ئوتتۇرىسىدا مۇتلەق ئوخشاشلىق يوق. ئەكسىچە، بۇ ئىككىسى تامامەن باشقا-باشقا ئادەملەر. شۇنىڭدەك ئەينى مەسىلىگە تارىخنى كۈچ بىلەن ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشنى تەقەززا قىلىۋاتقان ئالاھىدە بىر پەيتتە ئالىكساندىرنىڭ تەخىتكە چىقىشتىن باش تارتىپ، تەمەننا قىلىشى مەنتىيقىگە توغرا كەلمەيدۇ. بىراق، بىردەملىك خاتىرجەملىكنىڭ ئۇنى بېشىدىن جۇدا قىلىدىغانلىقىنىڭ ھېچ گەپ ئەمەسلىكىگە سىياسەتتىن يىراق ھەرقانداق ئادەمنىڭمۇ ئەقلى يەتمەيدۇ. دېمەك، كەمتەرلىك، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش، ئادالەتپەرۋەرلىك توغرىسىدىكى بۇ باپ ئالىكساندىر ماكدونى ھەققىدە يېزىلمىغان. ئۇنداقتا مەزكۇر باپتا كىمنىڭ تەخىتنى قۇبۇل قىلىشتىن ۋاز كەچمەكچى بولغانلىقى ھەققىدە ھېكايە قىلىنغان؟ ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ۋەقە نەۋايىدىن ئۇنچە يىراق بولمىغان دەۋىردە يۈزبەرگەن. قېيناغىسى ئەمىر ھۈسەيىنىڭ ھىلە-مىكىرلىرىدىن تويغان ساھىبقىران ئەمىر تۆمۈر 1370-يىلى ئەنەشۇ يۈزىسىدىن ئۆزىنى ئەمەس، سۇيۇرغاتمىشنىڭ ئوغلىنى خان قىلىپ كۆتۈرۈپ، لەشكەرلەرنى تەرتىپكە سېلىپ، ھۈسەيىنگە قارشى يۈرۈش باشلىدى. بۇنداق يول تۇتۇشنىڭ سەۋەبى، ئەمىرتۆمۈرنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى قاچۇۋلى باھادىر ۋە سۇيۇرغاتمىش خاننىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى قابۇلخانلارمۇ ئۆزئارا ئەھدىنامە تۈزۈشكەن ئىدى. ئەھدىنامىگە كۆرە خانلىق قابۇلخان ئەۋلادىغا، سىپاھلىق قاچۇۋلى باھادىر ئەۋلادىغا تەيىن قىلىندى. ساھىبقىران سەلتەنەت ئىشىغا ئۆزىنى تولۇق مۇناسىپ سەزدى-دە، ئەجداتلىرى روھىغا ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن سۇيۇرغاتمىش خاننى خان قىلىپ كۆتەردى. ئەمما ھۈسەيىن ئۈستىدىن زەپەر قازانغاندىن كېيىن، بارلىق بەگلەر ئىتتىپاقلىشىپ ئەمىر تۆمۈرنى شاھلىققا مۇناسىپ كۆردى ۋە ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىشتى. يىغىندا ساھىبقىراننىڭ پىرى سەئىد بەرەكىمۇ قاتناشتى، ئەمىر تۆمۈر پىرى مۇرشىدى ۋە ئۆزىگە ئىشەنگەن بەگلەرنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن سەلتەنەت ۋەزىپىسىنى زىلمىسىگە ئالىدۇ.
داستاننىڭ 35-بابىدا جاھاندارچىلىق مۇددىئاسى بىلەن چىققان ئىسكەندەر قىشنى قاراباغدا چىقىرىدۇ. بۇيەردە ئۇ ئىلىم-ھېكمەت ئەھلىلىرى، ھەربىي سەركەردىلەر بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزىدۇ. يېقىنلىرىغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارغا تەڭرىدىن مەدەت تىلەيدۇ. باشقا ئىشلاردىن قولى بوشاپ قالغان چاغلاردا ئات مىنىپ ئەرس دەرياسى بويىغا شىكارغا چىقىپ، دەريا بويىدىكى ئورمانلارنىڭ سايىسىدە ھاردۇق چىقىرىدۇ.
        كى چۈن قىلدى قىشلاق ئەزىمىگە شاھ،
        قاراباغى ئاراننى ئازىمگاھ...
    فاراغەت چاغى سەيىر ئالىپ پىشەسى،
مەتافى ئەرەس رادىنىڭ بېشەسى.
تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، باھاردا دەشتىقىپچاققا يۈرۈش قىلىشنى پىلانلاپ قاراباغدا قىشلاۋاتقان ساھىبقىران سەمەرقەندتىن يولغاچىققان ئەمىرزادە مۇھەممەدسۇلتاننىڭ لەشكەرلىرىنى باشلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايدۇ. بارچە شاھزادە، ئەمىرزادە ۋە بەگلەر ئەرەس قورغىنىدىن ئۆتۈپ، مېھماننى كۈتىۋالىدۇ. كېيىن ھەممىسى ساھىبقىراننىڭ ئالدىغا كېلىدۇ. ساھىبقىران ئۇلارغا كۆپلىگەن مېھرىبا نلىقلارنى كۆرسىتىپ، قىش پەسلىنى شىرىن سۆھبەتلەر ۋە ئەيىش-ئىشرەت بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.
‹سەددى ئىسكەندەر› داستانىنىڭ باش قەھرىمانى كۆھەك (زەرەپشان) دەرياسى بويىدا گۈزەل بىر شەھەر بىنا قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنى سەمەرقەند دەپ ئاتىغانلىقى ھەققىدە گەپ بارىدۇ.
ئىسكەندەر ئاتادى سەمەرقەند ئانى،
سەمەرقەندى فىردەۋىس مانەند ئانى.
تارىختا سەمەرقەند داستاندا يېزىلغىنىدەك ئىسكەندەر تەرىپىدىن بىناقىلىنمىغان. ئەكسىچە، سەمەر قەند مىلادىدىن بۇرۇنقى 329- يىلى ئالىكساندىر ماكدونى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. ئەمىرتۆمۈر سەمەرقەندنى ئۆز سەلتەنەتىنىڭ پايتەختى قىلىپ بىكىتىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇستا بىناكارلارنى تېپىپ كېلىپ بۇ يەردە ئالاھىدە زور قۇرۇلۇشلارنى بىناقىلدۇرغان. ئۇنىڭ دەۋرىدە شەھەرنىڭ قىياپىتى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن. ئاكادېمىك ۋ.بارتولد تەكىتلىگەندەك، ئەمىرتۆمۈر سەمەرقەندنىڭ جاھاندىكى ئەڭ گۈزەل شەھەر بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان»⑲.
دېمەك، «سەددى ئەسكەندەر» داستانى ھەققىدە 30 يىلدىن بىرى قايتا قايتا تەكرارلانغان كونا قاراشلار يېڭىلىنىش، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىنى» يازغۇچىلارمۇ نەۋايى ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەندە، نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ ياخىشىراق ئوقۇپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشى، ئىشنىڭ ئاسىنىنى تېپىۋېلىپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ كونا قاراشلىرىنى شۇ پىتىلا تەكرارلاپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
يەنە نەۋايىنىڭ «مەجالىسۇننەفائىس» ئەسىرى ھەققىدە توختالغاندا تۈركىي تىلدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان شائىرلارنىڭ 35 كىشى ئىكەنلىكىدەك خاتالىق يەنە تەكرارلانغان، لېكىن بىز يۇقىرىدا بىر نەچچە قېتىم كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك «مەجالىسۇننەفائىس» تا تىلغا ئېلىنغان تۈركىي تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان شائىرلار 14 كىشىدىن ئىبارەت. «لىسانۇتتەير» ھەققىدىكى بايانلاردىمۇ قۇشلارنىڭ ھۇد ھۇدقا بولغان نارازىلىقلىرىنى نەۋايىنىڭ فەرىدىدىن ئەتتارنى تەنقىد قىلغانلىقىغا تەققاسلىق خاتا تەھلىل يۈرگۈزگەن. ئەمەملىيەتتە «لىسانۇتتەير» نى ئوقۇغان كىشىلەركى مەلۇمكى، تەرىقەت پىشىۋاسىغا سىمۋۇل قىلىنغان ھۇد ھۇدتىن قۇشلارنىڭ بەزىبىر سۇئاللارنى سورىغانلىقى مۇرىتنىڭ پىرىدىن بىلمىگەنلىرىنى سوراپ بىلىۋالغاندەكلا بىر ئىش. بەزى قۇشلارنىڭ ھۇد ھۇدقا قارشى چىققانلىقى ئىرادىسى بوش مۇرىتلارنىڭ ئۆز ئەقىدىسىدىن كەچكەنلىكىگە سىمۋۇل قىلىنغان. شۇنداقتىمۇ ئەڭ ئاخىرىدا 30 قۇش سۇمرۇغ قىېشىغا بارىدۇ، لېكىن سۇمرۇغنى كۆرمەيدۇ. بەلكى، تەڭرىگە سىمۋۇل قىلىنغان سۇمرۇغقا يېتىشىش يولىدا جاپا تارتقان بۇ قۇشلار ئۆزلىرىنىڭ تەڭرى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى، يەنى ئۆز ۋۇجۇدىدا سۇمرۇغنىڭ سىماسىنىڭ ئەكس ئېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ سۇمرۇغقا ئايلانغىنىنى كۆرۈشىدۇ. بۇ بايانلار تەسەۋۋۇپتا ئاشىقنىڭ ئۆز مەشۇقى بولغان تەڭرى بىلەن بىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئۆز ئەينى ئىدى. دېمەك، بۇ بايانلارنى يازغۇچى «لىسانۇتتەير» نى تۈزۈكرەك ئوقۇپمۇ باقماي ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ خاتا قاراشلىرىنى تەكرارلاپ قويغان.
بىز يۇقىرىدا 17 پارچە كىتابتىكى نەۋايى ھەققىدىكى بايانلاردا ساقلانغان قىسمەن خاتالىقلارنى قىسقىچە كۆرسىتىپ ئۆتتۇق. مۇشۇ كىتابلارنىڭ ئىچىدە پەقەت 2006 – يىلى 4 – ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» دىكى نەۋايىغا ئائىت مەزمۇنلارلار ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ ئىلمىي بولغان. لېكىن نېمە ئۈچۈندۇر 2011 – يىلى 11- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن ئالىي مەكتەبلەر ئۈچۈن دەرسلىك سۈپتىدە نەشر قىلىنغان، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بويىچە 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يېڭى كىتاب «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» غا 2006 – 4- ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» دىكى نەۋايىغا ئائىت ئىلمىي ھەم توغرا بولغان قاراشلار كىرگۈزۈلمەي، 30 يىلدىن بۇيان تولا تەكرارلانغان، «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» دىن ئۆزلەشتۈرگەن كونا مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن. بىز بۇ ئەھۋالدىن شۇنداق بىر ئاچچىق ھەقىقەتنى ھېس قىلدۇقكى، نەۋايى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى تەتقىقاتچىلار نەۋايىنى ئەسەرلىرىنى ئوقۇمايدىكەن، ئوقۇغان تەقدىردىمۇ چۈشەنمەيدىكەن. چەئەل تىللىرىدا ئېلان قىلىنغان، خۇسۇسەن ئوقۇپ چۈشىنىش بىر قەدەر ئاسان بولغان ئۆزبېكچە ھەم تۈركچە ماتېرىياللاردىكى نەۋايى تەتقىقاتىغا دائىر يېڭىلىقلارنى كۆرمەيدىكەن.  ھەتتا نەچە ئون يىللاردىن بىرى تولا چاينالغان ئۆزلەشتۈرمە بايانلارنى قايتا – قايتا تەكرالاپ يۈرۈشكە رازى ئىكەنكى، كەسپداشلىرىنىڭ نەۋايى تەتقىقاتى ھەققىدىكى ئىلمىي ۋە توغرا بولغان قاراشلىرىنى قوبۇل قىلمايدىكەن. بىز ماقالىمىزنىڭ بېشىدا ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىمىزدەك بىرەر كىشىنى تەنقىدلەش ياكى بىرەر كىشى ئۈستىدىن شىكايەت قىلماقچى ئەمەسمىز. گەرچە بەزىبىر سۆز ئىبارىلىرىمىز باشقىلارنى ئەيپلەش ئاھاڭىدا دېيىلىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن نىيىتىمىز ھەرگىزمۇ ئۇلارنى خاتالىكى سەۋەبىدىن جاۋابكارلىققا تارتىش ئەمەس، بەلكى نەۋايىشۇناسلىق تەتقىقاتىدا ساقلانغان بەزى مەسلىلەرنى كۆپچىلىككە ئايان قىلىشتۇر. ئارزۇيىمىز شۇكى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىغا ئائىت كىتابلاردىكى نەۋايىغا باغلىق تەتقىقات ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەنلەر بۇنىڭدىن كېيىن نەۋايى ئەسەرلىرىنى ياخشىراق ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلغاندىن كېيىن ئاندىن قوللىرىغا قەلەم ئالسا ۋە ئامال بار ئۆز خاتالىقلىرى تەن ئېلىپ تۈزىتىپ كەتسە. نەۋايى تەتقىقاتىنىڭ ئىلمىي ئېلىپ بىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلسا دېگەندىن ئىبارەت خالاس. ئەگەر بىز خاتا دەپ تاشلىغان بولساق خاتالىقىمىزنى بوينىمىزغا ئېلىشقا ئەلۋەتتە تەييارمىز.

ـــــــــــــــــــــــ
①李国香:“维吾尔文学史”,西北民族学院汉语系,研究所,1982年6月,第125页
②ئابدۇرېھىم سابىت تۈزگەن «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى»، بىرىنچى كىتاب، ئىككىنچى قىسىم، قەشقەر شەھەرلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلەم ئاشۇرۇش بۆلۈمى باستۇرغان، 184 – بەت.
③،④ ن.م. مەللەيېۋ؛ «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى»، بىرىنچى كىتاب، تاشكەنت، 1976 – يىل نەشرى، 394 –، 408 - بەتلەر.
⑤ۋاھىتجان غوپۇر، ئەسقەر ھۈسەين: «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987 – يىل 4 – ئاي نەشرى، 547 – بەت.
⑥خاندەمىر: «مەكارىمۇل ئەخلاق»، (مۇھەممەد تۇرسۇن سىددىق نەشرگە تەييارلىغان) «بۇلاق»، 2011 – يىللىق 3 – سان، 16 – بەت.

⑦،⑧ غەيرەتجان ئوسمان (تۈزگەن): «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلوق ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەنلەردىن ئىمتىھان ئېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كومتېتى ئىشخانىسىنى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان نۇسخا، 1992 – يىل، 275 –، 279 - بەتلەر.
⑨海热提江•吾斯曼:“维吾尔古代文学研究“,新疆大学出版社,1999年,第224页。
⑩،⑫، ⑬ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» (كوللىكتىپ تۈزگەن)، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006 – يىل 4 – ئاي نەشرى، 243 -،244 -،255 -، 298 -،  بەتلەر.
⑭،⑯،⑰،⑱ «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» (كوللىكتىپ تۈزگەن)، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2012 – يىلى12 ئاي نەشرى، 361 -،369 -، 373 -،374 -،
⑮ مىرزا مۇھەم،ەد ھەيدەر كۆرەگان: «تارىخىي رەشىدىي»، مۇھەممەد تۇردى مىرزا ئەخمەت نەشرگە تەييارلىغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، (2011 – يىل 9 ئاي 5 نەشرى، 431 – بەت.
⑲دەمىن جۈمەقۇل: «‹سەددى ئىسكەندەر› داستانىنىڭ باش قەھرىمانى كىم»، ئۆزبېكىستانداچىقىدىغان «مەرىپەت گېزىتى» نىڭ ئۆزبېكچە  ziyouz  تورىغا يوللانغان نۇسخىسىغا قارالسۇن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-22 10:41  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-4-23 00:19:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇسالام مۇھەممەد بەگزاد ئەپەندى خېلى ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، ناۋايىشۇناسلىق تەتقىقاتى جەھەتتە ئۆزگىچە قارىشىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ،بولۇپمۇ ئولۇق مۇتەپەككۇرناۋايى پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدىكى قارىشى ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر .بەگزاد ئەپەندىنىڭ بۇساھەدىكى ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئۇتۇغلۇق بولىشىنى تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2013-4-23 15:13:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    راستىن ئېيتسام مەن نەۋايىشۇناس ئەمەس،ئەمما ماقالىڭىزنى ئوقۇپ سوغۇق تەرلەپ كەتكەندەك بولدۇم.توۋا !دەپ ياقامنى چىشلىدىم.نەۋايىنىڭ ئۇيغۇرلار  ئۈچۈن شائىرلىقتىن ھالقىپ كەتكەن سىماسى ئالدىدا ،ساختا ئىلىمكارلىقى ئېچىلىپ كەتكەن ئاشۇ« نەۋايىشۇناس» لىرىمىز  ئۆزلىرىنى قويارغا جاي تاپالارمۇ دەپ كۆڭلۈم خىلى «يېرىم» بولدى ...  شۇنچە تالىشىۋاتقان نەۋايى تەتقىقاتىدا  ئۇنداق تەييارتاپلىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان شۇ تەتقىقاتچىلىرىمىز ئۈچۈن ئېچىندىم...بەگزات ،ماقالىڭىزنى دەلىل -ئاساسلىرى يېتەرلىك ۋە چۈشىنەرلىك قىلىپ ياخشى يېزىپسىز.بەلكىم بۇ ماقالىڭىزغا بىرەر مەتبۇئات ئورن بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىغان بولۇشى مۇمكىن ،بولمىغىدا بۇ ماقالىڭىز ئەڭ نوپۇزلۇق ژورناللاردا ئىلان قىلىشقا يارايدىكەن.مەن بۇ ماقالىڭىز  بىرەر ژورنالدا ئىلان قىلىنىشقا مۇۋەپپەق بولالمىسا ،سىز كۆرسەتكەن خاتالىقلار ئىتراپ قىلىنماي مەسئۇلىيەتسىلىك بىلەن ئىزچىل داۋاملاشقانلىق دەپ قارايمەن...ئىزدىنىشلىرىڭىزنىڭ چوڭقۇرلۇشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

ۋاقتى: 2013-4-23 16:48:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگزات، بۇماقالىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقتىم، ئىلمي ئەمگەك توغرىسىدىكى پىكىرلەر ،قايتا-قايتا تەكىتلىنىۋاتقان بولسىمۇ،نۆۋىتىدە يۈزىنى ئېتىۋىلىپلا  بىرىنىڭ  كاللىسىنى يەنە بىرى كىيىۋالىدىغان ئىشلار ماڭدامدا بىرئۇچراپ تۇرماقتا.   دادىللىقىڭىزغا ئاپىرىن.
كىچىككىنە تەكلىپىم، سىز كىلاسسىك ئەدەبىيات توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتىسىز، مۇشۇلارغاقەلەم تەۋرىتىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نەزەرىيەسى ياكى نەزەرىيە سېستىمىسى توغۇرلۇق مۇلاھېزە قىلىپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ۋاقتى: 2013-4-23 17:30:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن كۆپ ئىزدىنىپسىز . مۇشۇنداق مەسلىلەر بولسا چوقۇم دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇش كېرەك . قاچانغىچە خاتا سەنەمگە دەسسەۋىرىمىز ...نەۋائىي ھەزرەت قانچىلىك تەتقىق قىلىشقا ، تەرىپلەشكە ئەرزىگۈدەك شەخىس . لېكىن مىللىتىمىزدە نەۋائىي ھەزرەت ئۈستىدە قەلەم تەۋرىتىدىغانلار تولىمۇ ئاز .
ئىزدىنىشلىرىڭىزنڭ ھامان بىر كۈنى مېۋە بىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن !

ۋاقتى: 2013-4-23 23:13:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇسالام ھەممىنى بىراقلا يوققا چىقىرېتىش  تەتقىقاتچىنىڭ پەزىلىتى ئەمەس....
يۇقىرىدا پىكىر قىلغان بىر قىسىم دوستلارغا  كىچىككىنە پىكرىم: ھېسياتقا تايانماڭلار....!  ھېسياتقا تايىنىپ بىز نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى قولدىن بېرىپ قويغان..،..بىر تۈركۈم ئىسىل ئادەملىرىمىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە....

ۋاقتى: 2013-6-11 16:25:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن كۆپ ئىزدىنىپسىز     خۇرسەنمەن

ۋاقتى: 2013-6-11 23:57:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز نەۋايىنى ئاجايىپ چوڭ بىلگەن. نەۋايى ھايات بولغان دەۋردىن باشلاپ ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، بولۇپمۇ سەئىدىيە خانلىقى (1514 -1678) دەۋرىدە نەۋايى ئەسەرلىرىنى ئوقۇش، كۆچۈرۈش ۋە رەتلەش كەڭ ئەۋج ئالغان. خۇسۇسەن ئابدۇرەشىدخان زامانىسىدا تەسىس قىلىنغان «ئوردا دىۋان» نەۋايى ئەسەرلىرىنى كىتابەت قىلىپ تارقىتىشتىكى مۇھىم مەركەز ھېسابلانغان.
بۇ بايانلارغا .... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-11 23:58  


ۋاقتى: 2013-9-12 00:17:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم ئابدۇسالامنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىز تارىخىدىكى بۇيۇك نامايەندە ناۋايى تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ماتىرىياللارنى ئەسدايىدىل كۆرۇپ ئۇنىڭدىكى كەتكۇزۇپ قويغان تەرەپلەرگە ئىلمى نوقتىدىن چىقىپ ئەسدايىدىل پىكىر يۇرگۇزگەنلىكى ئۇنىڭ مۇشۇ ساھەگە ئەسدايىدىل قىزىققانلىقىنى ،شۇ سەۋەپلىك نۇرغۇن ماتىرىياللارنى توپلىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.بىزدە «سېپى يوق كەتمەننى چاپقىلى بولمايدۇ، لايغا كىرىپ كەتسە تاپقىلى بولمايدۇ»دېگەن بىر ھېكمەت بار . يازمىلاردا خاتا كەتكەن  تەرەپلەرنى بايقاشتا ئەشۇ «ساپ»قا تايانمىسا ھېچ ئىش قىلغىنى بولمايدۇ. ئابدۇسالامنىڭ «ساپ»نى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ كېيىنكى تەھلىللەردە تۇزۇتۇۋىلىشقا يول كۆرسۇتۇپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىشقا تېگىشلىك.لېكىن، بىر نەرسىنى ئەستىن چىقىرىشقا بولمايدۇكى، ناۋايى ئەسەرلىرىنىڭ قايسى بىرسىدە ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن ئىلاھىي ئىشىق كۆز قاراشلىرىنى دەرىس مۇنبەرلىرىدە سۆزلىگىنى بولمايدۇ.نېمە ئۇچۇنلىكىنى ھەممىز بىلىمىز .شۇڭا ئارتۇقچە سۇئال يەنىلا ئارتۇقچە.لېكىن ماقالىلاردا تەھرىرنىڭ رۇخسىتى يول قويغان ئاساستاتەتقىق قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارايمەن. ئابدۇسالامنىڭ ماقالىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان«گەرچە بۇ بېيتلار ھەققىد تەھلىل يۈرگۈزگەندە، بېيتلاردا تىلغا ئېلىنغان رەمزىي ئوبرازلار ھەققىدە توغرا پىكىرلەر ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن «ئىشق  يەنى ئىنساندىكى روھىي پاكلىق ئىنسانىي كامىللىقنىڭ چوققىسى ‹ۋەھدەت› كە – ئالەم بىلەن ئىنساننىڭ بىرلىكىگە ئېلىپ بارىدۇ» دېگەندەك ئىنتايىن خاتا قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. «ۋەھدەت» سۆزى ئەرەبچە بىرلىك، يەككە يىگانىلىك دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان سۆز بولۇپ، بۇ بېيتتىكى «ۋەھدت مەيى» نىڭ مەنىسى «بىرلىك شاربى» دېگەنلىك بولىدۇ. «ۋەھدەت» يەنى، ئىنسانىي كامىللىقنىڭ چوققىسى ئالەم بىلەن ئىنساننىڭ بىرلىكىگە ئەمەس، بەلكى ئاشىق بولغۇچى ئىنسان بىلەن مەشۇق بولغۇچى تەڭرىنىڭ روھىي بىرلىكىدۇر.»دېگەن بايانلاردىكى خاتا دەپ قارىغان جۇملىدىكى «ئىشق  يەنى ئىنساندىكى روھىي پاكلىق ئىنسانىي كامىللىقنىڭ چوققىسى ‹ۋەھدەت› كە – ئالەم بىلەن ئىنساننىڭ بىرلىكىگە ئېلىپ بارىدۇ»دېگەن جۇملىدىكى «ئالەم»دېگەن سۆزنى ئۆزى توغرا دەپ  چۇشەنگەن پىكىردىكى «روھىي بىرلىكىدۇر »دېگەن خۇلاسە بىلەن بىرلەشتۇرۇپ باقسا شۇ مەنە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. دەرسلىك ماتىرىياللار بىلەن تەتقىقات ماتىرىياللىرىنى ئارىلاشتۇرۇۋىتىشكە بولمايدۇ.ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا قويغان تەلەپ ۋە مەقسەتلىرى بولىدۇ.  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش