تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 552 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 48|ئىنكاس: 1

رىزىق (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 146
تۆھپە : 4
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 22:00:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

رىزىق



(ھېكايە)



تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار


    بۈگۈن كېچە نېمىشقىدۇر ئىمامنىڭ ئۇيقۇسى قاچقان ئىدى.ئۇ كېچىنىڭ بۇنداق ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى بۈگۈنكىدەك چوڭقۇر ھېس قىلىپ باقمىغان ئىدى.بولمىسا ئۇ كېچە-كېچىلەپ جاينامازدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ خەتمە ئوقۇغانلىرىدىمۇ بۇنچىلىك بىئارام بولۇپ كەتمەيتتى.ئۇنىڭ ئۇيقۇسى قاچقانلىقى پۇت-قوللىر ىنىڭ بىلىنەر-بىلىنمەس ئاغرىۋاتقانلىقىدىن، چېكىسىنىڭ بوش لۇقۇلداۋاتقا نلىقىدىن ئەمەس، ئۇنىڭ كۆڭلىدە، مېڭىسىنىڭ بىر يەرلىرىدە توختىماي كېزىۋاتقان نېمىدۇر بىر نېمە بار.ئۇ قېلىن يوتقان ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆرۈلدى، كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ ئاقۇش كۆرۈنۈپ تۇرغان دەرىزىگە قارىدى.دەرىزىنىڭ كىرلىشىپ كەتكەن ئەينەكلىرىدىن ئاسماننىڭ بىر يەرلىرىدە يۇلتۇزلار جىمىرلاۋاتقاندەك كۆرۈندى.ئېھتىمال تېخى يېرىم كېچىمۇ بولمىغاندۇ، بولمىسا ئاۋۇ بىر كۈنى نېرىقى مەھەللىدىكى بىر تۇلخۇتۇن ئېلىپ كەلگەن ئورۇق خوراز ئاخشام دان سېلىپ بېرىش ئۇنتۇلۇپ قالغىنى ئۈچۈن بۇ چاققىچە نەچچە قېتىم چىللاپ بولغان بولاتتى.ئۆزى ئۇرۇق بولغىنى بىلەن زۇۋانى ئۇنىڭغا خۇددى ئۆزىدىن ئىماملىق تالىشىپ قوسىقىدا چوت سوقۇپ يۈرگەندەكلا كۆرۈنىدىغان بويى پاكار، سېمىز مەزىننىڭ زۇۋانىدىنمۇ ئۈنلۈك كاساپەتنىڭ.ئىمام بىئاراملىق ئىچىدە خىيال سۈرەتتى؛ «ھەر شۇ يۇۋاش خوتۇن بۇ ئالەمنى قويۇپ بېرىپ بالدۇرلا كېتىۋالدى-دە، بولمىسا، بۇچاققىچە خورازنى توپتەك سەمرىتىپ، ئاللىقاچان بىھى بىلەن قوشۇپ پولۇغا باسقان بولاتتى».بىھى باسقان پولو يادىغا كېلىش بىلەن ئىمانىڭ بۇرنى قىچىشىپ، قوسىقى ئاچقاندەك بولۇپ، يەنە بىر ئۆرۈلدى ۋە خيالىنى داۋاملاشتۇردى؛«مۇشۇ جامائەتمۇ مۇشۇ كۈنلەردە تازا بىر قىسما بولىۋالدى، بىرەرسىمۇ ھەپتە-ھەپتىلەپ نەزىرگە قازان ئاسمايدۇ، تويغا چاقىرمايدۇ.ئىلگىرى كۈندە دېگۈدەك نەزىر-چىراقلار ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى، مىيىتى نامازلىرىدا «ئاق ئاش»لار ئېتىلىپ تۇراتتى.بۇنداق چاغلاردا ئۇ داستىخاننىڭ تۆرى ھىساپلىنىدىغان «ئوڭ پۇت»قا چىقىپ قېلىن كۆرپىدە راھەت ئولتۇرۇپ، سېمىز گۆش بېسىلغان ياغلىق پولونى بەھوزۇر ئوڭچە يىسە، ھېلىقى پاكار سېمىز مەزىن ئۇنىڭ تاۋىقىغا قاراپ كۆزلىرى ئوغرى مۈشۈكنىڭكىدەك پاقىراپ كېتەتتى.مىيىتى نامىزىدىن يانغاندا مىيىت ئىگىسى يىپ-يېڭى پۇلدىن بىر-ئىككىنى قاتلاپ ئىمامنىڭ قولىغا سىقىمدىتىپ قويسا، يەنە شۇ پاكار سېمىز مەزىندىن باشقا ھېچكىم سەزمەيتتى...ئۇھ، توۋا شۇ بىچارە كەمپىرنىڭ قەدرى ھەجەپ ئۆتۈلدى.ئۆمىرىدە بىرەر بالا تۇغۇش نېسىپ بولمىغىنى ئۈچۈن پات-پات ئىمامدىن زاقا يەپ، دەشنام ئىشىتىپ، كۆزلىرىدىن ياش قۇرىمىسىمۇ، يەنىلا خۇداغا شۈكرى قىلىپ، ئىمانىڭ بەش ۋاخ تەرىتىگە بەش قېتىم سۇ ئىسسىتىپ، ماۋۇ رودىپاي چاپلىشىۋالغاندەك زىڭىلداپ ئاغرىپ، قىشمۇ-ياز توڭۇپلا تۇرىدىغان قاداق پۇتلىر ىنى سولىشىپ قالغان بولسىمۇ ئىسسىقى كەتمىگەن كۆكسىلىرى ئارىسىغا ئېلىپ كېچە-كېچىلەپ ئىسسىتاتتى.بالا تۇغالىمىغانلىقى ياكى ئېرى بىلەن ئەپ ئۆتەلمىگەنلىكى...دېگەندەك قانداقتۇر بىر ھاجەتلەر بىلەن دەم سالدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن خېىلا چىرايلىق ياش چوكانلارنى ئىچكىرى ئۆيگە ئەكىرىپ دەم سېلىپ، سۈپكۈچلەپ ئۇيەر-بۇيەرلىرىنى مۇجۇپ دېمىدە قىلىپ بېرىۋاتقاندىمۇ، ئىشىكنى ھىم يېپىپ قويۇپ، ھويلىدا ئولتۇرۇپ غىڭ قىلماي ياماق يامايتتى.ئىماممۇ مۇشۇ شور پىشانە قەدىناسى بۇ ئالەمدىن كەتكىچە يۇرت جامائىتىنىڭ ئالدىدا، مېھراپتا تۇرۇپ ئۆزىگە ئۇلۇغ خۇدا، كەرەملىك ئاللاھتىن تالاي قېتىم پەرزەنت ئاتا قىلىشنى تىلىدى.لېكىن تەقدىر قېرىشقاندەك مۇشۇ ئىمامغا كەلگەندە بېخىللىق قىلدى. ئىمام بەزىدە ھەسرەت بىلەن ئويلاپ كېتەتتى؛ «ئاۋۇ پاكار سېمىز مەزىنگە توققۇزدىن ئاشۇرۇپ ئون پەرزەنت بەرگەن كارامىتىڭ بىلەن ئۇنىڭ تۇققۇزىنى تەل قىلىپ، مەندەك يۇرت جامائىتى، مۆمىن بەندىلىرىڭ ئالدىدا كۈندە بەش ۋاخ ئۆزەڭگە تىز چۆكۈپ قۇللۇق قىلىۋاتقان ئاجىز بەندەڭگە بىرنى بېرىشتىن ئايانمىساڭ بولمامدۇ، ئەي ئۇلۇغ خۇدا!؟...».موماي ئۆلۈپ كەتتى، بەللىرى مۈكچىيىپ، ساقاللىرى ئۇچتەڭ ئاقارغان قەدىناسىنىڭ بۇ يۇرۇق ئالەمدە تىكەندەك يالغۇز قالغانلىقىغا چىدىمىغاندەك كۆزلىرى ئوچۇق كەتتى، ئمام نەچچە قېتىم رازىلىق بېرىپ، پاتىھە ئوقۇپ قاپاقلىرىنى ئۇۋىلىسىمۇ كۆزلىرى يۇمۇلماي كەتتى، بىچارە. موماي كەتتى، ئەمدى ئۇنىڭ پۇتلىرى ھەمىيشە سوغۇق، بەللىرى تېلىپ ئاغرىدۇ، پەرزەنت كۆرۈش ئۈمىدىدىنمۇ ۋازكەچتى، لېكىن ئىمامنىڭ خۇدا نىسىپ قىلسا ياشراق تۇلخۇتۇنلاردىن بىرەرىگە ئۆيلىنىۋېلىش خىيالىمۇ يوق ئەمەس ئىدى. بەر بىر تىرىك جاننىڭ يالغۇز ئۆتىشى مۇسۇلماندارچىلىقتىمۇ دۇرۇست بولمايدۇ-دە...

ئىمامنىڭ خىياللىرى تۈگەيدىغاندەك ئەمەس. ئەنە ھويلىنىڭ بۇلۇڭىدىكى قېرى ئۈژمىنىڭ چوققىسىغا قونۇپ تۈنەيدىغان ھېلىقى قېرى خورازمۇ ئاخىرى چىللىدى، چىللىغاندىمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن سوزۇپ-سوزۇپ ئىككى قېتىم چىللىدى.ئەمدى ئۇ ئىسسىق يوتقاندىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ، سوغۇق سۇدا بولسىمۇ كامىل تاھارەت ئېلىپ، بالدۇرراق مەسچىتكە چىقمىسا، ھېلىقى پاكار سېمىز مەزىن بىردەمدىلا تاقىغا چىقىپ ئەزان ئېيتىپ بالدۇرراق مەسچىتكە كىرىۋالدۇ. ئاندىن ھەمدۇ-سانا ئوقۇلۇپ، پاتىھەدىن كېيىن نامازدىن پارىغ بولغاندا، ئۇ پاكار گېلىنى قىرىپ، جامائەتنى توختىتىپ؛«مۆھتىرەم جامائەت! ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ھۆرمەتلىك ئىمامىمىز قېرىپ قېلىپ، پۇت-قولىدا ماغدۇر ئاز قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇشناچىم كۆز يۇمۇپ تىكەندەك يالغۇز قالدى، مەسچىتكە ۋاقتىدا چىقىپ مېھراپقا ئۆتۈشتە قىينىلىپ قېلىۋاتىدۇ، ئۇنى ئايايلى، پالانىنىڭ بالىسى تەشكىلنىڭ تەستىقى بىلەن ھۆكۈمەت ئاچقان دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ قارى بولۇپ قولىغا شاھادەتنامە ئالغانلىقى مەلۇم، شۇ بالىنى مېھراپقا ئۆتكۈززۈشكە مەسچىت ھەيئەتلىرى نامىدىن تەشكىلگە ئىلتىماس قىلساق، بۇ ئىشتىن كەنتە مۇدىرىنىڭمۇ خەۋرى بار...» دەپ چىقىراق ئاۋازدا كاسىلداشقا باشلايدۇ.«خەپ بەدنىيەت مەزىن، ئاشۇ كەنتە مۇدىرى بىلەن ئوننى تۇغقان غىلجىڭ خۇتۇنۇڭنىڭ چاتىقى بار ھەقاچان، بولمىسا ھەدېسە مېنى مىماملىقنى ئۆتكۈزۈپ بەرسۇن دەپ سېنىڭ يارغۇڭنى يېرىپ يۈرەلمەيتتى ئۇ ئىمانسىز...»ئىمام شۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ يوتقاننى ئىرغىتىپ تاشلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

ئىمام بۈگۈن راستىنلا بەك ئەتتىگە تۇرۇپ كەتكەن ئىدى.ئۇ ئىۋرىققا سۇنى لىق توشقۇزۇپ ئالدىرىماي تاھارەت ئالدى.ئۇزۇن يەكتىگىنى كىيىپ، سەللىسىنى چىڭىتىپ ئوراپ بېشىغا چۆكۈرۈپ كىيىپ، مېھراپ ھاسىنىنى قولتۇقلاپ، ئىشىكنى پۇختا تاقاپ دالانغا چىققاندا ھېلىقى قېرى خوراز ئۇنىڭ بېشىدىلا ساڭگىلاپ تۇرغان ئۈژما شېخىدا قاناتلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇرۇپ قاتتىق قاس چىقىرىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يەنە بىر قېتىم سوزۇپ چىللىۋەتتى.

  -زۇۋانىڭنى ئۆچۈر پوق يىگەن!...ئىمام بېشىنى كۆتۈرۈپ خورازغا تازا بىر ئالىيىپ قويۇپ، «بىسمىللاھ»دەپ پىچىرلىغىنىچە مەسچىت تەرەپكە يول ئالدى.

ئىمامنىڭ ئۆيى بىلەن مەسچىتنىڭ ئارلىقى ئانچە ئۇزاق ئەمەس ئىدى.ئىمام ھاسىغا تايىنىپ ئاستا مېڭىپ كېتىۋېتىپ ئاسمانغا قارىدى. ئاسماندا يۇلتۇزلار تېخى شالاڭلىمىغان، ئالدى تەرەپتە چولپان كۆز قىسىپ تۇرۇپتۇ، دېمەك پاكار سېمىز مەزىن تېخى ئۇخلاۋاتىدۇ.«بۈگۈن بالدۇرراق بېرىپ مەسچىتكە شام يېقىپ ئىسمى ئەزەمنى يۈز قېتىم ئوقۇۋالاي، ئۇلۇغ ئاللاھ رىسىقىمنى كەڭ، ئۆمرۈمنى ئۇزۇن قىلىپ، ئاۋۇ مەزىننى غەپلەت باستۇرسا ئەجەپ ئەمەس...»دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەچ ئاسمانغا يەنە بىر قېتىم  قارىدى.دەل شڭ چاغدا ئاسماننىڭ يىراق قەھرىدىن نۇرلۇق بىر يۇلتۇز تۇيۇقسىز ئۇزۇن ئىز قالدۇرۇپ ئېقىپ چۈشتى، ئىمامنىڭ تېنى شۈركەنگەندەك بولۇپ، نېمىلەرنىدۇر پىچىرلاپ قەدىمىنى تېزلەتتى.

ئىمام مەسچىت دەرۋازىسى ئالدىدىكى پەشتاقتىن چىقىۋېتىپ بەك كۈچەپ كەتكەنلىكتىن، ھاسىراپ، دېمە يېتىشمەي يۆتىلىپ كەتتى. مەسچىتكە يېقىنراق بىر ئۆينىڭ بېغىدىكى ئىت قاتتىق قاۋاپ كەتتى. مانا ئەمدى تەرەپ-تەرەپتىن ئىتلار قاۋاشقا باشلايدۇ، خورازلار چىللايدۇ، پۈتۈن مەھەللە ئۇزاق ئۆتمەي ئويغۇنىدۇ.ئىمان يۆتىلىنى ئاران-ئاران بېسىپ، ھاسىرىغىنىچە مەسچىت دەرۋازىسىنىڭ زەنجىرىگە قول ئۇزاتتى.تاڭ ئالدىدىكى سىيادەك قاراڭغۇلۇقتا ئۇنىڭ كۆزلىرى ھېچنېمىنى كۆرمەيتتى، ئۇ قولىنى زەنجىرگە ئۇزاتتى، لېكىن ئۇنىڭ قولى سوغۇق زەنجىرگە ئەمەس، يۇمشاق بىر نەرسىگە تەگكەندەك قىلدى.ئىمام سەل چۆچىدى، يېقىنراق بېرىپ زەنجىرنى يەنە بىر قېتىم سىلاشتۇردى.مەسچىت دەرۋازىسىنىڭ زەنجىرىگە يوغان بىر نەرسە ئېسىقلىقتەك قىلاتتى.ئۇ ئەمدى چۆچۈشتىن ئۆتۈپ قورۇقتى، چوقىسىدىن كىرگەن ئىسسىق بىر ئېقىم تاپىنىدىن مۇزغا ئايلىنىپ چىقىپ كەتكەندەك بولدى. «سۇبھاناللاھ...سۇبھاناللاھ...تۈف...تۈف...»ئىمام ياقىسىنى قايرىپ مەيدىسىگە تۈكۈردى.ئۇنىڭ قورتقۇنچىسى سەل بېسىققاندەك بولدى، لېكىن پۇت-قوللىرى دىرىلدەپ تىترەيتتى.ئۇ ھەر كۈنى مۇشۇنداق تاڭ قاراڭغۇسىدا مەسچىتكە كېلىپ، ئىنچىكە شامنىڭ غۇۋا يۇرۇقىدا تەپسىر كىتابلىرىنى ئوقۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا، گۈنسىز كۆزلىرى قاراڭغۇلۇققا خېلىلا كۆنۈك ئىدى. ئۇ دەرۋازىغا يېقىنراق كېلىپ، كۆزلىرىنى يۇغان ئېچىپ زەن سېلىپ قارىدى، ئۇنىڭ يۈرىگىنىڭ سوقۇشى ئۆزىنىڭ قولىقىغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.ئۇ ئەمدى زەنجىرگە ئېسىغلىق تۇرغان قاپقارا نەرسىگە قولىنى تەككۈزمەي قولتۇقىدىكى ھاسىسىنى ئېلىپ ئۇ نەرسىنى تۈرتۈپ باقتى، سەل تۇرۇپ تېخىمۇ قاتتىقراق تۈرتتى، ئۇ قارا نەرسە بوش مىدىرلىغاندەك قىلدى، ئاندىن ئۇ نەرسىنىڭ ئىچىدىن ئات دەسسىۋەتكەن نىمجان كۈچۈكنىڭ ئاۋازىدەك بوش غىڭشىغان ئاۋاز چىققاندەك قىلدى.ئىمانىڭ يۈرىگى ئېغىزىغا قاپلىشىپ قېلىۋاتاتتى، چىڭ چۆكۈرۈپ كىيىۋالغان سەللىسى ئاستىدىكى تار پىشانىسىدىن سوغۇق تەر قۇيۇلۇپ، تاڭلايلىرى قۇرۇپ، تىللىرى چاپلىشىپ قالدى.ئۇ تىرەپ تۇرغان لەۋلىرىنى مىدىرلىتىپ بىر نېمىلەرنى ئوقۇپ، ئۆزىگە سۈپكۈچلىۋەتكەندىن كېيىن، سەل ئۆزىنى بېسىپ ھاسىنى دەرۋازىغا يۆلەپ قويۇپ «بىسمىللاھ...»دەپ ئىككى قولىنى سوزدى، يەنە تارتىۋېلىپ، يەنە سوزدى. ئۇ يۇغان قارا نەرسە بىر رەخت سومكا ئىدى.ئۇ تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ سومكىنى زەنجىردىن ئالدى، سومكا ئانچە ئېغىر بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ تىترەپ تۇرغان تىزلىرى پۈكۈلۈپ كېتىۋاتاتتى.ئىمام سومكىنى يەرگە ئاۋايلاپ قويۇپ، دەرۋازىنى ئېچىشقا تەمشەلدى.بۇ چاغدا سومكا ئىچىدىن تۇيۇقسىز بوۋاقنىڭ ئىڭرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، ھايال ئۆتمەي ئىڭرىغان ئاۋاز ئىنچىكە يىغا ئاۋاىغا ئايلاندى. ئۇ راستىنلا بىر بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى ئىدى.ئىمام ئالدىراپ دەرۋازىنى ئاچتى، قورقۇنۇچتىن ئۇنىڭ قۇلاقلىرى غوڭۇلداپ ھېچنېمىنى ئاڭلىمايتتى، بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازىنى دەرۋازىنىڭ غىچىرلاپ ئېچىلغان ئاۋازى بېسىپ كەتتى. ئىمام سومكىنى ئېلىپ مەسچىت ھويلىسىغا كىردى، ھاسىنىنى قولتۇقىغا قىسىپ، دالاندىن ئۆتۈپ مەسچىت ئىشىكىنى ئاچتى.مەسچىت ئىسى غۇۋا يۇرۇپ تۇرسىمۇ، يەنىلا ئادەمنىڭ دىلى ئەيمەنگۈدەك سۈرلۈك ئىدى.ئۇ مەسچىت بۇسۇغىسىدا بىر دەم تۇرۇپ قالدى، ئاندىن «بىسمىللاھ...»دەپ بۇسۇغىدىن ئاتلىدى.ئۇنىڭ كۆنۈك ئاياقلىرىنىڭ تەبىئىي سېزىمى ئۇنى مېھراپ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئىمام سومكىنى يەنە بىر قېتىم ئاۋايلاپ گىلەم ئۈستىگە قويۇپ، مېھراپ تەكچىسىنى سىلاپ-سىپاپ سەرەڭگىنى تېپىپ تىترەڭگۈ قوللىرى بىلەن خېلى تەستە سەرەڭگە تېلىنى چاقتى.ۋاللىدە يۇرىغان سەرەڭگە تېلى شام پىلىگىگە يېقىنلاشقاندا ئۇنىڭ قوللىرى تېخىمۇ تىترەپ كەتتى.ئۈششۈك تەگكەن قىزىلمۇچتەك ئىگىلىپ كەتكەن ئىنچىكە شام چىراسلاپ كۆيۈپ مەسچىت ئىچىنى غۇۋا يۇرۇتتى.ئىمام يەردىكى سومكىغا يەنە بىر قارىۋېتىپ شام تۇرغۇزۇلغان كېسەك پارچىسىنى ئاستا ئېلىپ ئېڭىشىپ تۇرۇپ سومكىنىڭ يېنىغا قويدى.سومكىنىڭ ئېغىزى ئوچۇق ئىدى.سۈرلۈك، ۋەھىيمىلىك بىر جىمجىتلىق، تەگسىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى قورقۇنۇچلۇق بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرەتتى.ئىمام تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ تىترەڭگۈ قوللىرى بىلەن سومكا ئېغىزىغا قاپلاپ قويۇلغان رەخت پارچىسىنى ئالدى. شۇ تاپتا ئىمامنىڭ ئاق خەسىدىن تىكىلگەن تامبىلىنىڭ ئېغى ھۆل بولۇپ، تاھارىتىمۇ گۇمانلىق بولۇپ قېلىۋاتاتتى.سومكىدا تېخى يېڭىلا تۇغۇلغان بىر بوۋاق كونا بىر يۇڭ رومالغا ئورالغىنىچە چىڭ-چىڭ تىنىپ، چىڭقىلىپ، كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ ياتاتتى، بوۋاقنىڭ قويۇق چاچلىرى ۋە يۈز-كۆزلىرى تېخىچە ھۆل ئىدى.

-خۇدايا توۋا!بۇ كىمنىڭ بالىسىدۇ، قايسى ئىت، ئىشەك بۇ بالىنى بۇ يەرگە قويۇپ قويغاندۇ؟!...ئاللاھ ئاخىرى تېلىگىمنى ئىجاۋەت قىلدىمۇ نېمە؟ لېكىن ئەمدى قېرىپ، تىكەندەك يالغۇز قالغان چېغىمدا بۇ بالىنى؟...ئىمام بىر تەرەپتىن كۆڭلىدە ياراتقۇچىغا تەسەننا ئېيتىپ، بوۋاققا ئىچ ئاغرىتسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەسچىتكە بالدۇر كېلىپ قالغىنىغا ئۆكۈنگەندەك بولۇپ، ھېلىقى بالدۇر چىللىغان قېرى خورازنى ئىچىدە مىڭنى نتىللايتتى.بىراق دەل شۇچاغدا ئۇ بوۋاق ئورالغان كونا رومالنىڭ بۇرجىكىگە قىستۇرۇلغان كىچىككىنە بىر قەغەز پارچىسىنى كۆرۈپ قالدى.كارامەتلەر كەينى-كەينىدىن يۈزبېرىۋاتقاندەك قىلاتتى.ئۇ قەغەزنى ئاستا تارتتى، بوۋاقنىڭ بېقىنىغا قىستۇرۇلغان خېلىلا چوڭ بىرپارچە قەغەز ئىمامنىڭ قولىغا چىقتى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇ قەغەزگە ئورالغان بىر كاللەك پۇل چۇۋۇلۇپ بوۋاقنىڭ يۈزىگە سورۇلۇپ چېچىلىپ كەتتى.ئىمامنىڭ كۆزلىرى يەنە بىر قېتىم ھەيرانلىقتىن چوڭ ئېچىلدى.

-ئاھ، كارامىتى چەكسىز، ئۇلۇغ ئىگەم!بۇ نېمە كارامەت؟ بۇ گۈن سەھەر تۇرۇپ كەتكىنىمنىڭ ساۋابى ئۈچۈن قېشىمغا خېزىرنى ئەۋەتىپ ماڭا رىسىق رىسىق ئاتا قىلغىنىڭمۇ بۇ؟!شۈكرى...مىڭ شۈكرى بەرگەن نېمىتىڭگە!...ئىمام قەزەزنى تاشلاپ، كۆزلىرىنى يۇمۇپ، قوللىرىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى.تېزلا يۈزىنى سىيپاپ، ككزلىرىنى ئېچىپ قولىنى پۇللارغا سوزدى، بايىقى قەغەز بوۋاقنىڭ يۈزىدىكى پۇللار ئۈستىدە تۇراتتى. ئىمام سەل تېڭىرقىغاندەك بولۇپ قەغەزنى ئېلىپ ئاچتى ئاندىن شام يۇرۇقىغا يېقىن ئەكىلىپ قەغەز يۈزىگە قارىدى، قەغەز يۈزىدە چالاساۋات بىرسى يازغان ئاران-ئاران ئوقۇغىلى بولغىدەك ئىككى-ئۈچ قۇرلا خەت تۇراتتى، ئىمام كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ خەتنى ئوقۇدى:«...بىمەھەل تۇغۇلۇپ، بۇ بىۋاپا يۇرۇق دۇنياغا ۋاقىتسىز كۆز ئاچقان بۇ بالىنى ئىككىلى دۇنيالىق ساۋاپ ئۈچۈن بېقىۋالغان كىشىگە خۇدا چەكسىز ساۋاپ بەرگەي، ئۆز يۈرەك پارىسىنى باغرىغا بېسىپ، ئوغۇز سۈتىنى ئېمىتىشكە قادىر بولالمىغان مەن قارا يۈز ئانا ئۇ كىشىدىن چەكسىز مىننەددارمەن.بىراق خۇدا ئالدىدا قەسەمكى، يۇرۇق دۇنيادىكى كىشىلەر، يۇرت-جامائەت ئالدىدا بۇ بالىنى باغرىمغا بېسىشقا ئا....»خەتنىڭ ئاخىرى تولۇق چۈشۈرۈلمىگەن ئىدى.ئىمام يەنە بىر دەم تېڭىرقاپ تۇردى.ئاندىن بىر دىنلا ھۇشىغا كەلگەندەك بالىنىڭ يۈزىدىكى پۇللارنى تېز-تېز تىرىشكە باشلىدى، ئۇنىڭ تىترەپ تۇرغان مۇزدەك قوللىرى بوۋاقنىڭ ئەتلىمە گۆش مەڭزىگە تېگىپ كەتتى، ئۇنىڭ بەارماقلىرىنىڭ ئۇچى بوۋاقنىڭ يۈزلىرىگە ھەر قېتىم تەگكەندە بوۋاق خۇددى ئانسىنىڭ سۈت ھىدىنى ئالغاندەك غىمىسلىنىپ ئېغىزىنى تامشىپ ئېچىشقا تەمشىلەتتى.

ئىمان قولىدىكى پۇلنى ئىككىنچى قېتىم ساناپ بولغاندا، سومكىدىكى بوۋاق غىمىسلىنىپ، ئاخىرى ئاجىز، ئىنچىكە ئاۋاز بىلەن قىقىراپ يىغلاشقا باشلىدى.پۇل ساق ئىككى مىڭ كوي ئىدى.بوۋاق بارغانچە ئەدەپ چىڭقىلىپ، ئىنجىقلاپ تېخىمۇ قاتتىق قىقىراپ يىغلايتتى، رومال ئىچىدە تىپچەكلەپ، زورۇقاتتى. كۆزلىر ىنى چىڭ يۇمۇپ خۇددى «ئانا!» دەۋاتقاندەك تولغۇنۇپ يىغلايتتى.

نېمىگىدۇر سەل جىددىيلىشىپ قالغان ئىمام ئەمدى تېخىمۇ ئالدىراپ،ھېلىقى خەت يېزىلغان قەغەزنى ئېلىپ پۇل بىلەن قوشۇپ يەكتىگىنىڭ ئىچ يانچۇقىغا سالدى، ئاندىن سومكا ئىچىدە ئۆزى ئورالغان ئەسكى رومالنى ئاجىز پۇتلىرى بىلەن تېپىپ، تىپچەكلەپ يىغلاۋاتقان بوۋاققا قوللىرىنى سوزۇپ توختاپ قالدى.ئۇنىڭ تاھارىتى ئاللىقاچان سۇنغان، شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆڭلىنى نېمىدۇر قاتتىق ۋەسۋەسىگە سېلىۋاتاتتى.ئاھ، ئىمام ئاشۇ دەقىقىدە خۇدانى پۈتۈنلەي ئۇنتىدى، بىر ئۆمۈر ئىخلاس بىلەن قىلغان ئىبادىتىنى ئۇنتىدى.قوينىدا، يۈرىگىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ تېنىنىڭ بىر پارچىسىنى كۆيدۈرىۋاتقاندەك بىلىنىۋاتقان ئازغىنا پۇلنىڭ ۋەسۋەسىسى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ھاياتلىق تىلەپ قىقىراپ يىغلاۋاتقان بوۋاقنىڭ ئىسسىق مېھرىدىن ئۈستۈن كەلدى.بوۋاقنى يىغلىتىۋاتقان ھاياتقا بولغان تەبىئىي ئىنتىلىشنىڭ قۇدرىتىنى ئاشۇ ئازغىنا پۇلنىڭ ۋەسۋەسىسى بېسىپ كەتتى. بوۋاق قىقىراپ يىغلايتتى. ئىمانىڭ قولىقىغا ھويلىسىدىكى قېرى ئۈژمىنىڭ شېخىدا ئولتۇرغان قېرى خورازنىڭ چىللىشى يەنە بىر قېتىم ئاڭلانغاندەك بولدى.ئىمام كۆزلىرىنى يۇمۇپ، قويۇق ساقال-بۇرۇت ئارىسىدىكى قېلىن لەۋلىرىنى چىڭ چىشلەپ بوۋاق ئورالغان كونا رومالنىڭ بىر بۇرجىكىنى سۇغۇرۋېلىپ بوۋاقنىڭ يۈزىگە باستى.بوۋاقنىڭ ئۈنى ئۆچتى، ئۇ ئاجىز تىپچەكلەيتتى.ئىمامنىڭ چىڭ يۇمۇلغان كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چىقىپ ئاپئاق ساقاللىرى ئارىسىغا سېڭىپ كەتتى. ئىمام رومالنى بوۋاقنىڭ ئېغىز-بۇرنىنى ئىزىۋەتكۈدەك چىڭ باستى.بوۋاق ئاخىرقى قېتىم قاتتىق بىر تىپچەكلىگەندەك قىلىپ، ئاستا-ئاستا جىم بولۇپ قالدى.دەل شۇچاغدا ھاڭ ئوچۇق تۇرغان مەسچىت ئىشىكىدىن كىرگەن سوغۇق شامال شامنى ئۆچۈرۋەتتى. مەسچىت ئىچى ۋە پۈتكۈل ئالەم تېخىچە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئىدى.

ئىمام مەسچىتنىڭ ئارقىسىدىكى قەبرىستانلىقتىن كىيىملىرى توپا يۇقى، بېشىدىكى سەللىسى قىيشىيىپ قالغان، پىشانە، يۈز-كۆزلىرى قاراتەرگە چۆمگەن ھالدا ھاسىراپ-ھۆمىدەپ مەسچىت دەرۋازىسى ئالدىغا ئىككىنچى قېتىم كەلگىنىدە، يۇلتۇزلار شالاڭلاپ، ئاسماننىڭ شەرق تەرىپى ئاقىرىشقا باشلىغان ئىدى.ئۇ غۇۋا قاراڭغۇدا مەسچىت تەرەپكە بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان مەز ىننى كۆرۈپ ئۆزىنى مەسچىت ئىچىگە ئاتتى.ئۇ مەسچىت ئىچىدىكى زۇلمەت قاراڭغۇلىقىدا بەك كۈچەپ يۈگۈرگەنلىكتىن بايا ئۆچۈپ قالغان شامنىڭ يېنىدا ئۇنتۇپ قالغان ھاسىسىغا پۇتلىشىپ مەسچىتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۆت قىرلىق يوغان تۈۋرۈكنىڭ قىرىغا جاڭڭىدە ئۈستى، ئەمامنىڭ كۆز ئالدىدا كۈچلۈك بىر چاقماق چاققاندەك بولدى-دە، تۈرۈكتىن سېرىلىپ گىلەم جايناماز ئۈستىگە گۈپ قىلىپ يىقىلدى. ئەمما مەزىن دەرھال مەسچىتكە كىرمەي، دەرۋازىنىڭ بېقىنىدىكى تاقىنىڭ پەشتاق لىرىدىن ئالدىرىماي چىقىپ كېتىۋاتاتتى، ئۇ تېخى ئىگىز تاقىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قىبلىگە قاراپ تۆت قېتىم ئەزان ئېيتاتتى.

شۇ كۈنىكى جۈمە نامىزىدىن كېيىن، مەسچت تۈۋرىكىگە ئۈسۈپ مېڭىسىگە قان چۈشكەنلىكتىن قازاتاپقان ئىمانىڭ مىيىت نامىزى چۈشۈرلۈپ، مەسچىت ئارقىسىدىكى قەبرىستانلىققا يەرلىكىدە قويۇلدى.ئىمامنىڭ يېڭىلا ياسىلىپ بىر تۈپ يۇلغۇن شېخى سانچىلغان قەبرىسىدىن يۈز مېتىرچە يىراقلىقتىكى بىر تۈپ قېرى توغراقنىڭ تۈۋىدە بىر لالما ئىت تېخى بوش تۇرغان يەرنى كولاپ توپا ئاستىدىن ئازراق چىقىپ قالغان كونا بىر رومالنىڭ ئۇچىنى چىشلەپ تارتىۋاتاتتى.ئىمامنىڭ قەبرىسىگە ئاخىرقى قېتىم دۇئا قىلىۋاتقان جامائەتنىڭ بىرەسى ئۇ ئىتقا قاراپمۇ قويمىدى.

  ئىمامنىڭ نىمكەش يەكتىگى ۋە ئۇنىڭ ئىچ يانچۇقىدىكى قەغەز بىلەن قوشۇپ سېلىنغان ئىككى مىڭ كوي پۇل، تېخى بايىلا ئىمامنى يۇيۇپ-تارىغان قاراڭغۇ قازناقنىڭ بىر بۇلىڭىدا سامان ئارلاش توپىغا مىلىنىپ ياتاتتى.ئىمامنىڭ ھويلىسدا بوش ئاۋازدا روكىلداپ خىرامان دانلاپ يۈرگەن ھېلىقى قېرى خوراز ئۆينىڭ ھاڭغىرىقاي ئوچۇق قالغان ئىشىكىگە ئەيمىنىش بىلەن قاراپ قويۇپ، يەنە بىر قېتىم سوزۇپ چىللىدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zeperi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-8 23:54  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  458
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 34
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 10:17:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگيار ئەپەندىنىڭ «رىزىق'' تېمىدكى بۇ  ھېكايىسى ئۇيغۇر  جەمىيىتىدىكى ئىنتايىن ئاز بىرقىسىم  دىنى تونغا ئورىنىۋىلىپ، ،  دىنى ئەقىدىلەردىن پايدىلىنىپ ،ياۋاش ،مۈھمىن پۇقرالارنىڭ  ھەققىگە كۆز  قىزارتىدىغان  ئاچكۆز ئىمام،قارى،مەزىن...لەرنىڭ ئىچكى ماھىيىتى ماھىرلىق بىلەن ئېچىپ بېرىلگەن.
  «موللامنىڭ دېگىنىنى قىل،قىلغىنىنى قىلما »
يەنە بىر گەپ بەگيار ئەپەندى،ئەسەر يوللىغاندا ئىگىلىزچە پەشنى قانداق ئىشلىتىمىز ؟قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق جاۋابىڭىزغا  تەشنا مەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش