يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 554|ئىنكاس: 4

كەيپىيات دەۋرىيلىكى ۋە بىئولوگىيىك رېتىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كەيپىيات دەۋرىيلىكى ۋە بىئولوگىيىك رېتىم


ئىنسانلار بەلگىلىك يەر شارى فىزىكىلىق داۋالىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى ئۈچۈن، ھاياتلىق ھادىسىلىرى كۆرۈنەرلىك ۋاقىت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدۇ. ئادەمنىڭ ھەرىكىتى، فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىسى ھەتتا مورفولوگىيىلىك قۇرۇلمىسىنىڭ ھەممىسى ئۆزگەرمەس بولماي، بەلگىلىك رېتىملىققا، يەنە ئادەم تېنىدە ئەسلىدە بولىدىغان « بىئولوگىيىلىك رىتىم » غا ئىگە بولىدۇ. ئادەمنىڭ كەيپىياتى، زېھىن-قۇۋۋىتى، بەدەن قۇۋۋىتى ۋە مەنىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە دەۋرلىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى بولۇپ، بۇ خىل رېتىملىق قانۇنىيەتلىك پائالىيەتلەر ھاياتلىقنىڭ بىر ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئاي توشقان چاغدا (مەملىكىتىمىزنىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئاي 15، 16 كۈنلۈك بولغاندا) مەملىكەت بويىچە ئوت قويۇپ بېرىدىغان ئەنزىلەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئاي توشمىغان ۋاقىتقا قارىغاندا %100، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئەنزىلىرىنىڭ نىسبىتى %50 ئارتۇق بولغان. ئەنگلىيىدىكى ئېدىنبۇرگ  شەھىرىدە زەھەر ئىچىپ ئۆز-ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلارنى قۇتقۇزۇش مەركىزىدىكى دوختۇرلار يېقىنقى بەش ئىچىدە ئاي توشقان ئاخشىمى ئۆزنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغان 366 نەپەر «ساراڭ» نى قۇتقۇزۇپ قالغان. ھىندىستان ۋە ياپونىيىلەردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.
    بىئولوگىيىلىك رېتىمنىڭ سەۋەبلىرى تېخى تېپىلمىغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى بەزى چۈشەندۈرۈشنىڭ يەنىلا بەلگىلىك ئىلمىي قائىدىسى بار. «تاشقى مەنبە نەزەرىيىسى» مۇنداق دەپ قارايدۇ؛ بىئولوگىيىلىك رىتىم بولسا ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەن سىگنال تەسىرىگە قايتۇرۇلغان ئىنكاسىدۇر. نۇر دەۋرىيلىكى، تېمپېراتۇرا، ئاتموسفېرانىڭ دولقۇنلىنىشى، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىشى، ئاينىڭ تارتىش كۈچى، ئالەم بوشلۇقىدىكى رادىئاكتىپ نۇر، يەر ماگنىتى، ئېلېكترستاتىك مەيدان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىئولوگىيىلىك رېتىمغا قارىتا ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تەڭشەش تەسىرنى كۆرسىتىدۇ.بىئولوگىيىلىك سانائەت خۇددى گېلىئوگراف ۋە ئېلېكترىك سائەتكە ئوخشاش تاشقى مۇھىتنىڭ ئۇچۇرىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلغاندا ئاندىن ئايلىنالايدۇ. تېببىي ئالىملار يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ بايقىدىكى، ئادەم تۇغۇلغاندىن كېيىن ئادەم فىزىئولەگىيىسىدە جىسمانىي قۇۋۋەت، كەيپىيات ۋە زېھنىي قۇۋۋىتىگە دائىر 23كۈن، 28كۈن، 33كۈنلۈكتىن ئىبارەت ئۇچ     ئوخشىمايدىغان رىتىم دەۋرىيلىكى بولىدىكەن. ھەربىر رىتىم دەۋرىيلىكىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئادەمنىڭ جىسمانىي قۇۋۋىتى تولۇق، بەدىنى يەڭگىل، قۇلى ئەپچىل قىلىشى ياخشى، چۈشىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ھەمدە ئۇلار زور زەربىگە ئۇچرىغاندا ئۆزىنى كونترول قىلالايدىغان بولۇپ، بۇ رېتىمنىڭ يۇقىرى دولقۇنلۇق مەزگىلى بولىدىكەن. كېيىنكى يېرىمى تۇرغۇنلۇق مەزگىلى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە بارلىق ئىپادىلەر ئالدىنقى يېرىم مەزگىلدىكىنىڭ ئەكسىچە، يەنى روھى چۈشكەن، ھەرىكەتلىرى كالاڭپاي، كەيپىياتى تۆۋەن، تەپەككۇر ئاستا، تېرىككەك، ئىش ئۇنۇمى تۆۋەن بولىدىكەن ھەمدە كېسەللىك ۋە ئاۋارىچىلىكلەر ئاساس پەيدا بولىدىكەن. ھەربىر دەۋرىيلىكنىڭ يېرىم كۈنى كىرتىك كۈن بولۇپ، چاغدا ئادەمگە يېتىدىغان خەۋەپ ئەڭ چوڭ بولىدۇ. شىۋېتسىيىلىك ئالىم سىۋىيسىگې 1000 قېتىملىق ئاپتوموبىل ۋەقەسىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق رىتىم دەۋرىيلىكىنىڭ كىرتىك كۈنلەردە پەيدا بولغان ۋەقەلەرنىڭ باشقا كۈنلەرگە قارىغاندا 11 ھەسسە كۆپ بولغانلىقى بايقىغان. شۇڭا نۇرغۇن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە شوپۇر، ئىسپورتچىغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ  كىرتىك كۈنى كومپيۇتېر ئارقىلىق باشقۇرغۇچىلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ئىسكىلاتىغا توغرا كىرگۈزۈلۈپ، ئۇلارنى كونترول قىلىش ئارقىلىق كىرتىك كۈنى ۋە رېتىمنىڭ تۇرغۇنلۇق مەزگىلىدە ئادەم ۋە جەمئىيەتكە يەتكۈزۈلىدىغان تۈرلۇك ناچار تەسىرلىك ئالدى ئېلىنغان.
    ۋاقىت بىئولوگىيىسى ۋە ئادەم تېنى رىتىم قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات كىشىلەرنىڭ پسىخىكىلىق ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن بىۋاسىتە ھەم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. بەزى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش قىزغىنلىقى بەزىدە يۇقىرى بەزىدە تۆۋەن، غەيرىتى بەزىدە چوڭ بەزىدە كىچىك بولىدۇ. ئۇلار بەزىدە جۇشقۇن بولۇپ، تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشىگە ناھايىتى قىزىقىدۇ،بەزىدە چۈشكىنلشىپ، تېرىككەك بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا يوق ئىشلارغا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. ئىش ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىن ئەجەبلىنىپ، نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ. ئەتراپتىكىلەر بۇ خىل ئەھۋالنى ئاددىيلا خاراكتىر مەسلىسىگە كىرگۈزىدۇ ياكى   پوزىتسىيىسى توغرا بولمىدى دەپ قاراپ ئۇلاردىن نارازى بولىدۇ. پىسخىكا فىزىئولوگىيىنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، فىزىئولوگىيە بولسا تەبىئەت دۇنياسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. كىشىلەردە نۇرغۇن كەيپىياتى ئۆزگىرىشلىرى بولدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىللىرى ۋاقىتنىڭ بىئولوگىيىلىك قانۇنىيىتىنىڭ تەسىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئەگەر ئۆزىدىكى بىئولوگىيىلىك رېتىمنى ئىگىلىيەلىسە، ئۇلارنىڭ ئۇلار ئالدىن ھوشيار بولۇپ ئالدىنى ئېلىش تەبىرلىرىنى قوللىنىپ، كەيپىيات ۋە ھەرىكىتىنى تىزگىنلەپ، يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنالايدۇ.
    مەلۇم بىر ئالىم ئادەمنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي فۇنكسىيىسىنىڭ بىر كۈندىكى ئۆزگىرىش رېتىمىنى خۇلاسلەپ چىققان بولۇپ، ئۇ كۆپچىلىكىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى مۇۋاپىق تەڭشىشى ۋە كونترول قىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق. شۇڭا كۆپچىلىك ئۇنىڭدىن پايدىلانسا بولىدۇ.
   تاڭ سەھەر سائەت بىر بولغاندا كۆپ سانلىق كىشىلەر ئۈچ سائەت ئۇخلاپ، ئۇيقۇنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىنى ئاساسەن تاماملاپ، ئاساس ئويغىنىش باسقۇچىغا كىرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار ئاغرىققا ناھايىتى سەزگۈر بولىدۇ.
    سائەت 2 دە، جىگەردىن باشقا ئادەم تېنىدىكى كۆپ قىسىم ئەزالارنىڭ خىزمەت رېتىمى ناھايىتى ئاستىلايدۇ. جىگەر مۇشۇ تىنچلىق پەيتىدىن پايدىلىنىپ ئادەم تېنىگە كېرەكلىك بولغان ماددىلارنى تېز ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن بارلىق زەھەرلىك ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئادەم تېنىدا چوڭ تازلاش ئېلىپ بېرىلدۇ.
     سائەت 3 دە، پۈتۈن بەدەن دەم ئالىدىغان بولۇپ، مۇسكۇللار بوشىشىدۇ. ئەگەر بۇ چاغدا ئىشلىمىسە بولمايدىغان خىزمەتلەر بولسا ئۇنى پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ ئىشلەپ بولۇش كېرەك. بۇ چاغدا قان بېسىم تۆۋەن، يۈرەكنىڭ سوقۇشى ئاستا، نەپەس قېتىم سانى ئاز بولىدۇ.
    سائەت 4 دە، قان بېسىمى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ، مېڭىگە يەتكۈزۈلىدىغان قان مىقدارى ئەڭ ئاز بولىدۇ، بىر مۇنچە ئادەملەر مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆلۇپ كېتىدۇ. بارلىق ئەزالارنىڭ خىزمەت رېتىمى ئاستىلايدۇ. ئەمما ئاڭلاش سېزىمى سەزگۈر بولۇپ، ئازراق ئاۋاز چىقسىلا ئادەم ئويغۇنۇپ كېتىدۇ.
    سائەت 5 دە، بۆرەكنىڭ ئاجرىتىشى توختايدۇ، ئادەم چالا ئۇخلاش، چۈش كۆرۈش ۋە كۆرمەي چوڭقۇر ئۇخلاشتىن ئىبارەت ئۇيقۇ باسقۇچلىرىنى تاماملايدۇ. ئادەم بۇ چاغدا ئورنىدىن تۇرسا تېزلا روھلۇق بولىدۇ.
    سائەت 6 دە، قان بېسىم ئۆرۈلۇپ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىدۇ. ئادەم يەنە ئۇخلايمەن دېسىمۇ ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ.
   سائەت 7 دە ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېتلىق فۇنكسىيىسى ئەڭ كۈچلۈك بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ چاغدا ئەگەر ۋىروسى ياكى باكتېرىيىلەر يولۇقسا، ئۇلارغا ئەڭ ئاساس تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.
    سائەت 8 دە جىگەردىكى زەھەرلىك ماددىلار تامامەن تازىلىنىپ بولىدۇ. بۇ چاغدا قەتئىي ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك، بولىمسا جىگەرگە ئېغىر يۈك پەيدا قىلىپ قويىمىز.
    سائەت 9 دا نېرۋىنىڭ ئاكتىپلىقى كۈچىيىپ ئاغرىق سېزىمى پەسىيدۇ. يۈرەك تولۇق خىزمەت قىلىدۇ.
   سائەت 10 دا كۈچ-قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەڭ ياخشى ھەرىكەت ھالىتىدە بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىزمەت قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ.
     سائەت 11 دە يۈرەك داۋاملىق ياخشى خىزمەت قىلىدۇ، ئادەم ئاساس چارچىمايدۇ.
     سائەت 12 دە پۈتۈن بەدەن ھەرىكەتلىنىدىغانلىقىنى ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى ئالدىراپ چۈشلۇق تاماق يىمەي، تاماق ۋاقتنى بىر سائەت كېچىكتۈرۈش كېرەك.
    سائەت 13 دە جىگەر دەم ئالىدىغان بولۇپ، بىر قىسىم گىستوگېن قانغا ئۆتىدۇ. ئالدىنقى يېرىم كۈنلۈك ئەڭ ياخشى خىزمەت قىلىش ۋاقتى ئاساسەن تۈگەپ، ئادەم چارچاشنى ھېس قىلىدۇ. دەم ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
    سائەت 14 دە بىر كۈن 24 سائەت ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا بولۇپ، بۇ چاغدا ئادەمنىڭ ئىنكاس ئاستا بولىدۇ.
    سائەت 15 دە ئەھۋال ياخشىلىنىشقا باشلايدۇ. ئادەم تېنىدىكى ئەزالار، بولۇپمۇ ئادەمنىڭ پۇراش ۋە تېتىش سېزىمى ئەڭ سەزگۈر بولىدۇ. ئادەمنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى تەدرىجى ئەسلىگە كېلىدۇ.
    سائەت 16 دە قاندىكى شېكەر ماددىسى كۆپىيىدىغانلىقى ئۈچۈن، بەزى دوختۇرلار ئۇنى تاماقتىن كېيىنكى شېكەر سىيىش ئالامىتى دەپ ئاتايدۇ. ئەمما ئۇ كېسەل پەيدا قىلمايدۇ، چۈنكى قاندىكى شېكەر مىقدارى تېزلا تۆۋەنلەيدۇ.
    سائەت 17 دە خىزمەت ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئىسپورتچىلار مەشىقىنى كۈچەيتىشكە بولىدۇ.
    سائەت 18 دە ئاغرىش سېزىمى قايتىدىن تۆۋەنلەيدۇ، ئادەملەر ھەرىكەت مىقدارى ئاشۇرۇشنى ئويلايدۇ، نېرۋىنىڭ ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەيدۇ.
    سائەت 19 دا قان بېسىم ئۆرلەپ، ئادەمنىڭ روھى ئەڭ تۇراقسىز بولۇپ، ئادەم كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن جېدەللىشىپ قالىدۇ.
    سائەت 20 دە بەدەن ئېغىرلىقى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىنكاس ناھايىتى تېز بولىدۇ. بۇ چاغدا شوپۇرلار ماشىنا ھەيدىسە ئاساس ھادىسە تۇغدۇرمايدۇ.
     سائەت 21 دە نېرۋا پائالىيەتلىرى نورمال بولۇپ، كىتاب ۋە سەھنە سۆزلىرىنى يادلاشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ. كەچتە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى كۈچىيىدىغانلىقى ئۈچۈن ئادەملەر كۈندۈزى ئەستە تۇتۇۋالمىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئەستە تۇتۇۋالالايدۇ.
     سائەت 22 دە قانغا ئاق دانچىلىرى تولىدىغان بولۇپ ئۇلارنىڭ مىقتىدارى 8000~5000 دىن 12000 غا كۆپىيىدۇ. بەدەن تېمپېراتۇرسى تۆۋەنلەيدۇ.
    سائەت 23 دە ئادەم تېنى دەم ئېلىشقا تەييارلىق قىلىدۇ، ھۈجەيرىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى داۋاملىق ئىشلىنىدۇ.
     سائەت 24 دە بىر سوتكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر سائىتى بولۇپ، ئادەملەر ئەگەر سائەت 22 دە ياتقان بولسا، بۇ چاغدا ئۇيقۇغا كىرىدۇ.
مەنبە : گۈزەلنۇر ھېيت تەرجىمە قىلىپ تۇزگەن  <ساغلام  روھى  ھالەت يارتايلى  >2012-يىلى نەشرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈزەلنۇر ھېيت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-21 01:58  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-4-21 20:27:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2013-4-21 23:36:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ھەم ئەھمىيەتلىك تېمىكەن، تەرجىمە ۋە ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2013-4-22 01:14:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە ۋە ئىجادىيەتلىرىڭىز ئۈچۈن  زور ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-4-26 15:28:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلارنىڭمۇ تورداشلىرىمىزنىڭ دىققەت نەزەرىنىڭ سىرتىدا قالغانلىقىغا ھەيرانمەن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش