تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 552 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 96|ئىنكاس: 4

بۈگۈنكى روسىيە ئەدەبىياتى قانداق ھالدا؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 198
تۆھپە : 46
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 20:17:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنكى روسىيە ئەدەبىياتى قانداق ھالدا؟
خۇخەنخۇڭ

رىسالەت مەردان تەرجىمىسى

1991-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن بۇيان، روسىيە ئەدەبىياتى 20 يىللىق تارىخنى باشتىن ئۆتكۈزدى.  بۇ 20 يىلدا، سىياسى، ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، روسىيە ئەدەبىياتى ئەدەبىياتى ، يازغۇچىلارنىڭ ئورنى، ئوقۇرمەنلەر قاتلىمى ھەمدە سەنئەت خاھىشى، ئىجادىيەت ئۇسۇلى، ئىستىتىك ئالاھىدىلىك قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردە نىگىز خاراكتىرلىك ئۆزگىرىشلەر بولدى.
سوۋىت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى گىزىت-ژورناللارنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدى. ئەدەبىيات ئېڭى ۋە ئىددىيىسى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگەردى. بۇرۇن ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپ، يازغۇچىلار ئالىي ھوقۇق ۋە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولغان ئىدى. يازغۇچى بىلەن سىياسەت زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دائىم بىر پارچە ئەسەر مەملىكەت خاراكتىرلىك مۇنازىرە قوزغايدىغان ھال يۈز بىرىپ تۇراتتى. ھازىر بولسا، ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى مەركەزلىك ئورنىنى يوقاتتى، سىياسەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ يىراقلاشتى. ئەدەبىي ژورناللارنىڭ تىراژى ئازلاپ، يازغۇچىلارنىڭ ئىددىيىسى ۋە ماددىي تۇرمۇش شەكلىدە  بۆلۈنۈش كۆرۈلدى.
داڭلىق تەنقىدچى ئېرمۇلىن:‹‹ بىر قىسىم ئادەملەرگە نىسبەتەن ئەركىنلىك لوندۇندىكى خەد باغچىسىنى، ياكى بولمىغاندا ئامىستىردامدىكى قىزىل چىراغ رايونىنى بىرلەشتۈرۈپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئادەملەر سوۋىت ئىتتىپاقىنى، ھەتتا بىر قىسىم مۇقەددەس نەرسىلەرنى مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ›› دىگەن ئىدى.
شۇنداق، بۈگۈنكى روسىيەدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئەدەبىياتنىڭ جەمىيئەتتىكى ۋەزىپىسى بار دەپ قاراپ يازغۇچىلارنىڭ بىشارىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، ‹‹ئىنسانلار روھىنىڭ ئىنژىنىرى›› لىق رولى بار  دەپ قاراپ كەلمەكتە، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا ئەدەبىياتنىڭ ‹‹تەربىيەلەش ›› ۋە ‹‹ دىداكتىكلىق ›› رولى يوق دەپ قاراپ، ھەتتا ‹‹ ئىسىل ئىستىتىكىلىق ئويۇن›› قارىشىنى تەكىتلەپ، يازغۇچىلار پەقەت سەنئەتلىك تىخنولۇگلار دەپ قارىدى. ھەتتا بۇرۇن بىر قىسىم كىشىلەر تۇرمۇشتا قىينالغانلىقتىن ئەسەرلىرىنى چەتئەلدە نەشىر قىلغۇزۇپ، كۆپلەپ قەلەم ھەققىگە ئېرىشكەن بولسا،ھازىر بەزىلەر ھازىرقى تۇرمۇشتىن رازى بولماي ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغان ئىشلار كېلىپ چىقماقتا.
قانداق قاراش بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر،ھازىر كىشىلەر بازارغا يۈزلەندى، بازار ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئەڭ چوڭ ئامىلغا ئايلاندى. كۆپلىگەن شەخسى ژورناللار، شەخىسىي نەشىرىياتلار بارلىققا كېلىپ، دۆلەت ھالقىغان شېركەتلەر قۇرۇلۇپ، ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرى تەسىس قىلىندى. بۇ نەشىرىيات ئورگانلىرى ۋە مۇكاپات تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىستىتىك قىزىقىشى يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىگە تەسىر كۆرسەتتى. مەسىلەن : مەلۇم سودا شېركىتىنىڭ ياردىمى بىلەن قىممىتى ئىككى تۈمەن دوللارلىق ‹‹روس تىلىدىكى بۇك پىروزا مۇكاپاتى›› سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تۈزۈلمىسىگە قارشى تۇرغان، كىيىنكى مودىرنىزىملىق ئەسەرلەرگە نەزىرىنى ئاغدۇرغان. نىفىت مەبلىغىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان قىممىتى 10 تۈمەن دوللارلىق ‹‹چوڭ كىتاب مۇكاپاتى ›› بولسا كۆپ ھاللاردا بىئوگىرافىيە تىپىدىكى كىتاپلارغا بىرىلدى. يېقىنقى يىللاردا يولغا قويۇلغان ‹‹تۇنجى ئەسەر مۇكاپاتى ›› 25 ياشتىن تۈۋەن ياش يازغۇچىلارغا بىرىلگەن.
مۇنداق ‹‹ئەركىنلىك ›› كە يۈزلىنىشتە يازغۇچىلارنىڭ كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغان. باشىنىسكى ‹‹ مۇنداق دۆلەتتە مەۋجۇت تۇرۇشنى ئۆگىنىپ قويۇش كىرەك، بولمىسا ئەركىنلىك بىزنى ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرىدۇ، ئەسەر يېزىشتىن بۇرۇن ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەنلىرىنى ئويلاپ قويۇش كىرەك،. يېڭى ئەسىرنىڭ بىرىنچى ئون يىلىدا جەمىيئەت ۋە ئىقتىسادنىڭ شۈك ھالەتتىن نورماللىشىغا ئەگىشىپ ئوقۇرمەنلەر كىتاب ئوقۇشقا باشلىدى. ئەگەر يازغۇچىلار ‹‹خەلق ››نىڭ-يانچۇقىدىن پۇل چىقىرىپ ئۇلارنىڭ كىتابىنى ئوقۇيدىغانلىقىنى ئاڭقىرىپ يىتەلمىگەندە ئۇلار تەبئىي ھالدا ‹‹چۈشىنىلمەسلىك ›› ئازابىغا گىرىپتار بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى چۈشەنمەيۋاتقىنى باشقىلار ئەمەس، بەلكى دەل ئۆزىدۇر›› دەپ قارايدۇ. فويىنۇۋىچ بولسا، روسىيە ئەدەبىياتىدىكى كىلاسسىك ئەسەرلەر بېسىم كۈچلۈك دەۋىرلەردە مەيدانغا كېلىدۇ، ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرى بولسا ‹‹ ئادەمگە دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدىكى بېلىققا ئوخشايدۇ، ئۇلار دېڭىزنىڭ يۈزىگە لەيلەپ چىقالىسا ئاندىن ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ، لېكىن نەپەس ئالالماي تۇنجۇقۇپ قالىدۇ›› بۇنداق دەۋىردە ئىسىل ئەسەرلەرنى يازماق مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايدۇ.
ئەدەبىي ئىجادىيەت بىر نەچچە يىللىق گاڭگىراش، چۈشكۈنلۈك دەۋرىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ بارا-بارا گۈللىنىش باسقۇچىغا كىردى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ئەدەبىي ئىجادىيەتتە سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى داڭلىق يازغۇچىلار، بېسىمغا ئۇچىرىغان يازغۇچىلار ۋە سوۋىت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى ياش يازغۇچىلار بار ئىدى. 21-ئەسىر كىرگەندىن كېيىن بىر قىسىم يازغۇچىلار قەلەمنى تاشلىدى، 80-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان يازغۇچىلار ئەدەبىيات سېپىگە قېتىلدى.
ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت تېمىسى ھەرخىل، ئۇسلۇبى ھەر ياڭزا بولدى. باش تېما جەھەتتىن سىياسى ھېكايىلەر، مەسىلەن سورچىننىچىننىڭ  سوۋىت ئىتتىپاقى جەمىيئىتى توغرىسىدىكى ئىككى ھېكايىسى، نادالىىفنىڭ سىياسى خاراكتىرى كۈچلۈك ‹‹بېرمودادىكى ئۈچ بۈرجەك ›› ناملىق رومانى 1993-يىلىدىكى ‹‹ئاقساراي ۋەقەسى ››  تۇغرىسىدا يېزىلدى. ئۇندىن باشقا ئۇرۇش ھېكايىلىرى قاتارلىقلار بار.
ئىستىتىكا جەھەتتىن، يېمىرىلىشتىن كىيىنلا ‹‹سوتسىيالىستىك رىئالىزىم››لىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى تېز سۈرئەتتە  مودىدىن قېلىپ رىئالىزىم ‹‹ قەدىمىي ھەم ئاقكۆڭۈل ›› كونىچە ئىجادىيەت ئۇسۇلى دەپ مەسخىرە قىلىندى. كىيىنكى مودىرنىزىم ئېقىمى پۈتكۈل ئەدەبىيات ساھەسىنى ئىگىلىدى. سولژېنىتسىن قاتارلىق كىيىنكى مۇدىرنىزىم يازغۇچىلىرى ئوقۇرمەنلەر ۋە ئاخبارات ۋاستىرىلىرىنىڭ ئالقىشىقا ئېرىشتى.  بىر قىسىم كىيىنكى مۇدىرنىزىم ئەسەرلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 90-يىللارنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا، كىيىنكى مۇدىرنىزىمغا بولغان ئالقىش سەل پەسىيىپ، رىئالىزىملىق ئەسەرلەر باش كۆتىرىشكە باشلىدى. پىشقەدەم يازغۇچى فولارىنموف :‹‹ رىئالزىمدىن ئايرىلغان ھەر قانداق ئەدەبىيات پۇشايمان قىلغان ھالدا رىئالىزىمغا قايتىپ كېلىدۇ ، تۇپراققا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دەرەخلا مەڭگۈ ياشىيالايدۇ، مەڭگۈ ياشىرىپ تۇرالايدۇ ›› دەيدۇ. نۇرغۇن يازغۇچى ۋە تەنقىدچىلەر ‹‹يېڭى رىئالىزىم ›› بايرىقىنى كۆتىرىۋالدى. بىر قىسىم ياش يازغۇچىلار توقۇلمىنى رەت قىلىپ، ئاق تەسۋىر ئۇسۇلى بويىچە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلەپ، ‹‹1917-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ بىۋاستە،رىئاللىققا ئەڭ سادىق ئەدەبىيات ››چىلار دەپ ئاتالدى.
بۈگۈنكى روسىيە ئەدەبىياتى يەنىلا دىققەت مەركىزىنى كىشىلىك تۇرمۇش، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ قايغۇسى قاتارلىقلارغا قارىتىشتەك ئەنئەنىۋىي ئاساس ئاساسىدا، كۈنسىرى بيىپ، رىئالىزىم ۋە مودىرنىزىم، كىيىنكى مۇدىرنىزىم قاتارلىق ئىجادىيەت ئۇسۇللىرى يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن، ساپ ئەدەبىيات ۋە ئاممىباپ ئەدەبىيات ئۆز ئارا ئۆتۈشكە، تور ئەدەبىياتىدا سەنئەتلىق ئىجادىيەت ۋە تارقىتىش شەكلى ئارقىلىق ئەدەبىياتنىڭ تارقىتىش شەكلىگە كىردى (2010-يىلى روسىيە بۇك پىرۇزا ئەسەلىرى مۇكاپاتىغا تور ئەدەبىياتىمۇ بىر تۈر بولۇپ قېتىلدى. ) قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات ھالتى بويىچە مېڭىۋاتىدۇ. يازغۇچى ۋە ئەدەبىيات پائالىيەتچىسى سىلافنىكىۋانىڭ سۆزى بويىچە ئېيىتقاندا:‹‹ ئەدەبىيات سەنئەت شەكلى مەلۇم باسقۇچتا ئونۋېرساللىشىپ، ساپ ئەدەبىيات بىلەن ئاممىباپ ئەدەبىيات بىرلىشىپ كىتىدۇ ›› دىگەندەك بولدى. ئۇنىڭ ‹‹2017››ناملىق رومانىدا مۇھەببەت، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى قاتارلىق مەسىللەر توغرىسىدا توختىلىشتىن سىرىت يەنە قەدىمقى رىۋايەت ۋە كەلگۈسى تۇغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرلارمۇ بار، بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئىكىسپىدىتسىيە، سىر قاتارلىق زامانىۋىي ئامىللارمۇ بار. بۇ ئەسەر مۇشۇ جەھەتتىكى كىلاسسىك ئەسەر بولالايدۇ.
رىسالەت مەردان تەرجىمىسى


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  236
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 235
تۆھپە : 1
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 23:02:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېسسىياتقا باي رومانتىك رۇسلار يەنە ئەدەبىياتنىڭ چوققىسىغا چىقالايدۇ. رۇسلاردىن يەنە تولىستوي، فىلوبېر، پوشكىندەك داڭلىق ئەدىپلەر چوقۇم چىقىدۇ. تۇغما شائىر مىللەت-دە بۇ...

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 274
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 23:46:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2012-4-8 23:02
ھېسسىياتقا باي رومانتىك رۇسلار يەنە ئەدەبىياتنىڭ چوقق ...

ھېسسىياتقا باي رومانتىك رۇسلار يەنە ئەدەبىياتنىڭ چوققىسىغا چىقالايدۇ. رۇسلاردىن يەنە تولىستوي، فىلوبېر، پوشكىندەك داڭلىق ئەدىپلەر چوقۇم چىقىدۇ. تۇغما شائىر مىللەت-دە بۇ...


جۇلا ئەپەندىم ،فلوبېرنى رۇسلارغا بېرىۋىتىپسىزا قورقمايلا! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەسئۇد ئىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-8 23:47  


بېغەملىك-خەلقلەرئۈچۈن ئۈمىتسىزلىكتىنمۇ ئۆتە يامان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  236
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 235
تۆھپە : 1
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 00:30:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزەممۇ يېزىپ بولۇپ بىر يېرى خاتا بولۇپ قالغاندەك بولۇپ چىقىپ كەتكەن، سىز تېپىۋاپسىز ھاھا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  236
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 235
تۆھپە : 1
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 01:11:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىدىن ئالغان تەسىراتىم شۇكى، روسىيەنىڭ جەمىيەت تىپىنىڭ ئۆزگۈرىشى ئەدەبىياتقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. جۇڭگو خەنزۇ ئەدەبىياتىمۇ خەن خەن گو جىڭمىڭ قاتارلىق ئاۋانگارتچىلارنىڭ باشلامچىلىقىدا ئەدەبىياتنىڭ تىپىدە جىددى ئۆزگۈرۈش ياساۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئەدەبىياتتىكى بۇنداق تىپ ئۆزگەرتىش سىياسىي بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى رۆشەن دەرىجىدە تىپ ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ تىپ ئۆزگەرتىمەن دېسە قانداق-قانداق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش