سۈۋەرەك
رۇقىيە ئابدۇللا
نىكاھدىن يېنىپلا قولدىشى بىلەن ھۆسىن تۈزەش ئورنىغا كەلگەن لەيلى ھۆسىن تۈزەش كارۋىتى ئۈستىدە ئۇستام قىزلارنىڭ پاختىدەك يۇمشاق ھەم چىۋەر قوللىرىغا رايىشلىق بىلەن بويسۇنۇپ جىمجىت ياتاتتى. نەچچە كۈندىن بۇيانقى توي تەييارلىقى ئۇنى چارچىتىپ ھالىنى قويمىغان بولسا كېرەك، يەڭگىل ئۇۋىلاشلاردىن راھەتلىنىپ تېنى ئاستا–ئاستا شىرىن بىر ئۈگدەك ئىچىگە غەرق بولدى. ئۇ چۈش كۆردى، چۈشىدە، سەيدەخمەت ئىككىسى چەكسىز يايلاقتا ئات چاپتۇرۇپ ئويناۋاتقۇدەكمىش، ئەتراپىدا توپ–توپ بولۇپ ئوتلىشىپ يۈرگەن قويلار... ئاسمان شۇنچىلىك كۆك ھەم شىشىدەك سۈزۈكمىش... ئېيتقۇسىز بىر خىل ئازادىلىك ھەم خۇشاللىق ھېس قىلغان لەيلى ئېتىنى چاپتۇرۇپ قېچىپتىمىش، سەيدەخمەت قوغلاپتىمىش... تېز بولۇڭ، ماڭا يېتىشىۋېلىڭ دەپ، توۋلاپتىمىش لەيلى ئارقىغا قاراپ.
ـــ ئارقىڭىزغا يېنىڭ، ئەمدى قايتايلى،ـــ دەپ توۋلاۋاتقۇدەكمىش سەيدەخمەت. دەل شۇ چاغدا لەيلىنىڭ ئېتى مۈدۈرۈپ كېتىپتۇ–دە، ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپتىمىش.
ـــ لەيلى، لەيلى... مەن كەلدىم،ـــ دەپتۇمىش سەيدەخمەت يىراقتىن.
تۇيۇقسىز ئات مۈدۈرگەن يەر يېرىلىپتۇ–دە، قانداقتۇر بىر نەرسە لەيلىنى تارتىۋاتقاندەك يوغان يېرىققا ئاستا سىيرىلىپ، لەيلىگىنىچە چۈشۈپ كېتىۋاتقۇدەكمىش... لەيلى بار ئاۋازى بىلەن يۇقۇرىغا قاراپ ۋارقىراپتىمىش:
ــ سەيدەخمەت، سەيدەخ... مەت... سىز كەلمەڭ، يېقىن كەلمەڭ، بۇ يەر خە...تەرلىك...كەن، سىز كەل... مەڭ...ڭ، سىز...
ـــ كۆزىڭىزنى ئېچىڭ، لەيلى،لەيلى...،ـــ گىرىم قىلىۋاتقان قىزلار بىر نېمىلەرنى دەپ جۆيلۈۋاتقان لەيلىنى يەڭگىل تۈرتتى.
ـــ قولۇڭلار خۇش يېقىپ ئۇخلاپ قاپتىكەنمەن، بىردەمدىلا قارا بېسىپ قاپتۇ دېسە، بالدۇرراق ئويغىتىۋەتسەڭلارچۇ قىزلار،ـــ دېدى لەيلى ئۆزىى كۈلكىگە زورلاپ.
ئۇنىڭ كۆڭلى بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى، ئۇ ياندىكى كارۋاتتا گىرىم قىلدۇرىۋاتقان قولدىشىغا مەيۈسلۈك بىلەن قاراپ:
ـــ بۈگۈن بىر كۈن تېنىچ-ئامان ئۆتۈپ كەتسە بولاتتى نازىيە،ـــ دېدى–دە، ئېغىر خۇرسىنىپ قويدى، ۋە قىزلارغا قاراپ:ـــ گىرىمنى بەك قېنىق قىلىۋەتمەڭلار، نورمال بولسۇن،ـــ دېدى.
ـــ سىز بەك چىرايلىق بولغاچقا، بىز ئانچە–مۇنچە قىلىپ قويساقمۇ شۇنداق ئېچىلىپ كېتىسىز، ئەمدى كۆزىڭىزگە گىرىم قىلىمىز، بېشىڭىزنى مىدىراتماي، كۆزىڭىزنى چوڭ ئېچىپ بىرىڭ،ـــ دېدى قىزلار لەيلىگە مەستلىكى كەلگەندەك زوقلىنىپ قاراپ.
ئۇ كۆزلىرىنى چوڭ ئېچىپ جىمجىت ياتتى. ھېلى چالا ئۇيقۇلۇقتا كۆرگەن چۈشىنىڭ تەسىرىدىنمۇ ئەيتاۋۇر، كۆڭۈلسىز خىياللار ئۇنىڭ دىل قەسىرىنى مالىمان قىلىشقا باشلىدى...
ـــ ئاداش، سەن مۇرات بىلەن ئارىلاشقانمىدىڭ؟
ـــ ياق، نەدىكى گەپلەرنى قىلىدىكەنسەن، كۆڭلۈمدە كىم بارلىقىنى بىلىسەنغۇ!؟
ــ ئۇنىغۇ بىلىمەن. بىراق، مۇرات شۇ سەيدەخمەتكە سېنىڭ بىلەن ئارىلاشقانلىقىنى ئېيتىپتۇ، يەنە كېلىپ ئۇ بىز ناھايىتى قۇيۇق ئارىلاشقان دەپتۇ... مەنغۇ ئىشەنمىدىم، لېكىن، سەيدەخمەت ساراڭ بولايلا دەپتۇ.
ـــ «قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق» دېگەن شۇ. ماڭا تۆھمەت قىپتۇ ئۇ ئىپلاس بىر نېمە! ئوغۇل بالىمۇ شۇنداق نامەرت بولىدىكەن.
ــ توۋا! مۇراتنىڭ «لەيلى ماقۇل دېمىسە ياشىيالمايمەن...»دېگەن ئۇلۇغ مۇھەببىتى شۇمىكىنە...
...
ـــ ئاخشام نەگە باردىڭىز؟
ـــ ھېچنەگە.
ـ يەنە ھېچنەگە دەيسىزغۇ قىزارماي! ئاخشام جەسۇرلار بىلەن بىر يەرگە بېرىپسىزغۇ؟
ــ توۋ دەڭ، مەن دوختۇرخانىدا دادامنىڭ يېنىدا تۇرسام، سىز بىلمىسىڭىزغۇ كاشكى، سىز ماڭا ئىشەنمەي باشقىلارنىڭ ئۆسەك گېپىگە ئىشەندىڭىزما؟
ـــ سىزگە ئىشەنمىگىنىم ئەمەس، لېكىن، باشقىلار...
ـــ خاتىرجەم بولالمىسىڭىز، ئىشەنچىسىز مۇھەببەتنى قەلبىمىزدىلا ساقلايلى! سىز بىلەن يۈرمەستە، ماڭا تۆھمەت قىلغان شۇ نامەرتلەرنىڭ مېنىڭ ئارقامدىن پالاقلاپ يۈرگىنىنى كۆرمىگەنما؟...
قانداقتۇر بىر نەرسىنىڭ كىندىكىنىڭ ئاستىدا مىدىرلاپ، بىئارام قىلىشى لەيلىنى خىيالدىن سەگىتتى، ئۇ ئىتتىك ئورنىدىن تۇرماقچى بولغان ئىدى، گىرىمچىك قىزلارنىڭ «جىم تۇرۇڭ، كۆزىڭىزگە كىرىپ كېتىدۇ»دەپ ئەسكەرتىشى بىلەن ئامالسىز يەنە جىمجىت يېتىشقا مەجبۇر بولدى، ھېلىقى مىدىرلاپ بىئارام قىلىشمۇ توختاپ قالغاندەك ئىدى، قولداش قىز نازىيەنىڭ گىرىمى پۈتكەن ئىدى، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ لەيلىنىڭ ھارغىن ئەمما چاقناپ تۇرغان بۇلاقتەك كۆزلىرىگە زوقلىنىپ قاراپ:
ـــ ئەگەر مەن ئوغۇل بالا بولغان بولسام، سېنى ھېچكىمگە بەرمەيتتىم، سەندەك مۇلايىم ھەم چىرايلىق قىزنى ئېلىۋالغان سەيدەخمەتكە تەڭرى نېمانچە كەڭ قوللۇق قىلغان-ھە!ـــ دېدى شوخلۇق بىلەن.
ـــ سەن ئوغۇل بولساڭمۇ بەرىبىر، مەن شۇ چاغدىمۇ سەيدەخمەتنىلا ياخشى كۆرەتتىم.
ـــ ئۇنىڭغا يول قويمايتتىم–دە،
ـــ شۇنىڭ بىلەن چىدىماي مۇھەببەتنىڭ كۈچىدە ئۆسەك سۆز تارقىتاتتىم دېگىن.
ـــ ياق، ھەرگىز ئۇنداق قىلمايتتىم، پەقەتلا مۈمكىن بولمىغاندا سۆيگۈمنى قەلبىمدە مەھكەم ساقلاپ بەختىڭنى تىلەيتتىم. ساڭا ئىككىنچى بىر سەمىمىي دوست، تىيەك بولۇش ئۈچۈن تىرىشاتتىم.
ـــ نېمە دېگەن تەسىرلىك! بولدى سەنمۇ قۇرۇق خىياللاردا بولماي، يىگىتىڭ بىلەن تېزراق توي قىلىدىغاننىڭ غېمىنى قىل.
لەيلى شۇنداق دېگىنىچە دوستىنىڭ قولىنى ئامراقلىق بىلەن سىيلاپ قويدى، شۇ چاغدا ئۇ ئالدى تەرىپىنىڭ ئىنتايىن يېقىمسىز ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە ئىچ باغرىنى بىرى تارتىۋاتقاندەك تولىمۇ بىئارام بولدى، نېمە بولغاندىمەن؟ ئىچىمدە بىر نېمە باردەكلا ئەجەپ بىئارام بولۇپ كېتىۋاتىمىنا. ئۇ ئەندىشە بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
ـــ نېمە بولدى، لەيلى؟ ئاز قالدى، بىر ئاز چىداڭ ھە،ـــ دېدى قىزلار ئۇنىڭغا قاراپ.
ـــ ھېچنېمە بولمىدى، بېلىم تېلىپ كەتتى،ـــ دېدى لەيلى چاندۇرماي كارىۋاتتا قايتىدىن يېتىۋېتىپ،ـــ تېزراق بولساڭلار قىزلار، تېخى چاچ ياسايدىغان ئىشلار بار، مېھمانلاردىن كېيىن بارمايلى يەنە رېستۇرانغا، سەيدەخمەتلەرنىڭمۇ كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى.
ـــ مانا، ھازىرلا پۈتىدۇ.
بىئاراملىق يەنە باشلاندى، ئىچىگە بىرەر مىڭ قۇرت كىرىۋالغاندەك ئارامسىزلىنىۋاتقان لەيلى چىشىنى چىشلەپ يېتىشقا مەجبۇر بولدى.
ـــ بولدى، ئەمدى تۇرسىڭىز بولىدۇ،ـــ دېدى قىزلار بىر ئەينەكنى ئۇنىڭغا تەڭلەپ.
ـــ قاراپ بېقىڭە، شۇنداق چىرايلىق بولۇپ كەتتىڭىز، خۇدايىم سىزگە بەرگەن گۈزەللىكنىڭ ئازراق بىر قىسمىنى بولسىمۇ بىزگە تەقسىم قىلسىچۇ!
ـــ سىلەرمۇ شۇنداق چىرايلىق تۇرمامسىلە،ــ دېدى لەيلى قىزلارنىڭ گېپىدىن ئوڭايسىزلىنىپ، ــ بىر–بىرىڭلاردىن ئوماق تۇرساڭلار، مەن سىلەرگە ھەۋەس قىلىۋاتىمەن تېخى.
ـــ ئەمدى چېچىڭىزنى ياسايدۇ، شۇڭا ئاۋال كىيىم ئالماشتۇرىۋېلىڭ، رەقىپجان ئۇستام چاچنى بىردەمدىلا ياسىۋېتىدۇ، قىزلار لەيلىنىڭ سەيدەخمەتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئاتايىن بۇيرۇتۇپ تىكتۈرگەن ئەتلەس توي كۆينىكىنى كېيىشىگە ياردەملەشكەچ، ئاغزى–ئاغزىغا تەگمەي، ھېلى ئۇنى دىسە، ھېلى بۇنى دېيىشەتتى.
ـــ ۋاي–ۋۇي، نېمە دېگەن چىرايلىق! پەرىزات بىكار قالسۇن! توي كۆينىكى دېگەن مۇنداق بولمامدۇ ئەسلى.
ـــ ئەجەپ ئېسىل ئەتلەسكىنا بۇ! مەنمۇ توي قىلسام ئەتلەس توي كۆينىكى كىيەيچۇ؟
ـــ پاھ، پاھ! بۇ قىزغا بەك ئېچىپتۇ.
ـــ كۆز تەگمىسۇن بۇ قىزغا...
...
لەيلى چېچىنى ياسىتىۋاتقان نازىيەنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى، ئۇنىڭ ئاغرىقى يەنە قوزغالدى، توم يىڭنىگە يوغان يىپنى ئۆتكۈزۈپ، بىر يەرلىرىنى سىلكىپ–سىلكىپ تارتىۋاتقاندەك بىر سېزىم ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە تەسىر قىلىپ، ئۇنى گاڭگىرىتىپلا قويغانىدى. «ئەجەپ ئىش، بۇرۇن بۇنداق ئاغرىپ باقمايتتىم، نېمە بولغاندىمەن–ھە!؟ غەلىتىلا ئىشقۇ بۇ! يا بىر ئادەمگە دېگىلى بولمىسا بۇنى... » ئاغرىق ئازابىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان لەيلى ساتىراش ئۇستامنىڭ «بېشىڭىزنى تىك تۇتۇڭ» دېيىشى بىلەن، قايچا بىلەن تاغاقنى تۇتۇپ، ئۆزىگە مۇلايىملىق بىلەن قاراپ تۇرغان ئۇستامغا قارىدى ۋە بېشىنى لىڭشىتتى.
ـــ ئۇستام، چاچقا قايچا تەگمىسۇن،ـــ سىرتتىن كىرگەن سەيدەخمەت لەيلىنىڭ چېچىنى كېسىشكە تەرەددۈتلىنىۋاتقان رەقىپجان ئۇستامنى توختىتىپ قويدى،ـــ سىزمۇ گەپ قىلماي ئولتۇرسىزغۇ لەيلى؟ــ دوپپا كېيىدىغان بولغاندىكىن چاچنى كېسىپ ياساشنىڭ نېمە ھاجىتى، بىر ئوبدان چاچنى...
ـــ ئۇنداقتا چاچنى دوپپىغا ياراشتۇرۇپ ياسايلى، تېخىمۇ ئاسان پۈتىدۇ،ـــ دېدى رەقىپجان ئۇستام ئوڭايسىزلانغاندەك لەيلىگە قاراپ.
ـــ ئەسلىدىمۇ شۇنداق قىلماقچىدۇق، دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،ـــ دېدى لەيلى سەيدەخمەتكە قاراپ سۇس كۈلۈمسىرەپ.
ـــ لەيلى، چىرايىڭىز باشقىچىلا تۇرىدۇ، مىجەزىڭىز يوقمۇ-نېمە؟ـ دېدى سەيدەخمەت كۆيۈنگەن ھالدا لەيلىنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ.
ـــ ھېچ ئىش يوق، چارچاپ قالغان ئوخشايمەن.
ـــ ھەرقانچە چارچىسىڭىزمۇ بۈگۈن بىر كۈن چىدايسىزدە ئەمدى.
نازىيەنىڭ چېچى ياسىلىپ بولغان ئىدى، خۇشپىچىم تىكىلگەن ئەتلەس كۆينەك بىلەن ئۈنچە دوپپا ئۇنىڭ غۇنچە بويىغا شۇنداق ياراشقان ئىدى، ئۇ لەيلىنىڭ چىرايلىق تۈگۈپ ياسالغان چاچلىرى ئۈستىدىن گېلەم دوپپىسىنى كېيىشىگە ياردەملەشكەچ سەيدەخمەتكە قاراپ:
ــ كۆزىڭىز نېمانچە ئۆتكۈر سىزنىڭ، لەيلىدەك ئوڭلۇق ھەم چىرايلىق قىزنى ئېلىۋالغاننىڭ ئۈستىگە، بۇ ئەتلەسلەرنىمۇ شۇنداق جايىدا تاللاپ ئەكەپسىز.
ـــ شۇڭا لەيلى سەخدەخمەت دېسە ئاغزىغا بىر كېلىمەن ئەمەسمۇ،ــ دېدى ھەييارلىق بىلەن سەيدەخمەت.
ـــ تەييار توي كۆينىكىنى كېيسەك، بەلكىم بۇنچىلىك ياراشماس بولغىيتتى.
ـــ شۇ ئەمەسمۇ. ئۆي يېڭى، خوتۇن يېڭى تۇرسا، بۇنداق ئۇلۇغ بىر كۈندە پاك بەدەنگە خەق كېيگەن كىيىمنى كېيسە قانداق بولىدۇ، يەنە كېلىپ ئەتلەس دېگەن باشقىچىدە...
ـــ بولدى، ئاۋۇ پۈتۈن ئەينەككە بىر قاراپ بېقىڭە،ـــ دېدى رەقىپجان لەيلىنىڭ قولىدىكى كىچىك ئەينەكنى ئېلىۋېتىپ.
لەيلى نازىيە بىلەن چوڭ ئەينەكنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئەينەكتە بىر–بىرىدىن گۈزەل ئىككى پەرىزات يېقىملىق تەبەسسۇم بىلەن قاراپ تۇراتتى، ئۇلار ئامراقلىق بىلەن بىر–بىرنىڭ مەڭزىگە مەڭزىنى ياقتى، لەيلىنىڭ ئاغرىقىمۇ پەسىيىپ قالغان ئىدى.
ـــ چوڭلار ئالدىرىتىپ كېتىۋاتىدۇ،ــ دېدى سەيدەخمەت،ــ شۇنداقتىمۇ سۈرەتخانىغا بېرىپ بىر نەچچە پارچە سۈرەتكە چۈشىۋالمىساق بولماس.
ـــ شۇنداق قىلايلى،ـــ دېدى يىگىت قولدىشى بولغان قۇددۇس،ـــ«ئاق بوز ئات سۈرەتخانىسى»غا بارايلى، بەك ئېسىل تارتىدۇ، يەنە كېلىپ تونۇشلار بار. ئۇلار ماشىنىغا چىقىشتى، لەيلىنىڭ يېنىغا چىقىپ ئولتۇرغان سەيدەخمەت لەيلىنىڭ گۈلدەك ئېچىلىپ كەتكەن چېھرىگە مەستخۇشلۇق بىلەن قاراپ ئىچ–ئىچىدىن سۆيۈندى ۋە ھاياجانلاندى. لەيلى يەنە بىئارام بولۇشقا باشلىدى، ھېلىقى ئاغرىق ئۇنى يەنە قىيناشقا باشلىدى، ئۇزۇن تىرناقلىق بىر مەخلۇق، ئۆتكۈر تىرناقلىرىنى پاتۇرۇپ، مۇجۇپ–مۇجۇپ قويۇۋەتكەندەك قورسىقىنىڭ تۆۋىنىدە بىر يېرى تارتىشىپ ئاغرىماقتا ئىدى. ئۇ چاندۇرماسلىققا ھەر قانچە تىرىشسىمۇ رەھىمسىز ئاغرىق ئۇنىڭ ھالىنى قويمايۋاتاتتى، لەيلىنىڭ بىر قىسمىلا بولۇپ كېتىۋاتقان چىرايىغا قارىغان سەيدەخمەت ھەيرانلىق بىلەن سورىدى:
ـــ نېمە بولدىڭىز؟ مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە؟
ـــ ھېچنېمە، سەل بېشىم قايغاندەك قىلىۋاتىدۇ، چارچاپ قالغان ئوخشايمەن.
ـــ ھەرقانچە بولسىمۇ بۈگۈن ئاغرىپ قالسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ، لەيلى، شۇنچە ئادەمنىڭ كۆزى بىزدە.
ـــ بىلىمەن، بىردەمدىلا ئوڭشىلىپ قالىمەن.
لەيلى زورىغا كۈلۈمسىرەپ قويدى. ئۇ ئەزەلدىن مۇنداق ئاغرىپ باقمىغان تۇرسا، يەنە كېلىپ بۇ ئاغرىق شۇنداق غەلىتە ھەم ئۇشتۇمتۇت، دوستىغا دېسە قانداق بولاركىن!؟ «ئىچىمدە بىر نەرسە ماڭغاندەك قىلىۋاتىدۇ دېسە كىممۇ ئىشىنەر، يەنە كېلىپ ئۇ ماڭا كۆڭۈل بۆلىمەن دەپ چاندۇرۇپ قويسا، سەيدەخمەت باشقىچە ئويلاپ قالماسمۇ؟ بولدىلا، ئۆزۈملا بىلەي، بۈگۈن بىر كۈن ئۆتۈپ كېتەر» ئۇ تەشۋىشلىك خىياللار ئىچىدە ماشىنىنىڭ سۈرەتخانا ئالدىدا توختىغانلىقىنىمۇ تۇيمىغانىدى، ئاغرىق سەل–پەل قويۇپ بەرگەندەك بولدى. لېكىن قۇرتتەك بىر نېمە قورسىقىنىڭ تۆۋىنىدىكى بىر يەردە ئەمەس يۈرىكىدە، مىڭىسىدە مىدىرلاۋاتقاندەك بىئاراملىقتىن زادىلا قۇتۇلالمىدى.
ــ مىجەزىڭىز بولمىسىمۇ سەل ئېچىلىپراق تۇرۇڭە،ــ دېدى سەيدەخمەت نارازى بولغان قىياپەتتە،ـ بۇنداق تۇرسىڭىز رەسىمگە قانداق چۈشىمىز، ئىككىمىز زارىقىپ كۈتكەن كۈنغۇ بۇ، كۆڭلىڭىزدە بىرەر ئىش بارمۇيە خاتىرجەم بولالمايۋاتقان؟! پۇشايمان قىلسىڭىز ھازىرلا دەڭ،ـ سەيدەخمەت ئەزەلدىن ئۇنىڭغا بۇنداق قاتتىق، قوپال تەلەپپۇزدا گەپ قىلىپ باقمىغان ئىدى، ئۇنىڭ مىقتەك گەپلىرى ئاران تۇرغان لەيلىنىڭ يۈرىكىنى پارە–پارە قىلىۋەتتى.
ـــ كەچۈرۈڭ، سەل بىئارام بولغانىدىم شۇ، ھازىر ياخشى بولۇپ قالدىم، سىلەرنىڭ كەيپىياتىڭلارغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكىم كېرەك ئىدى،ــ دېدى لەيلى چاناقلىرىدا لىغىرلاپ قالغان ياشلىرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىپ.
ـــ سىزمۇ قىزىقكەنسىز سەيدەخمەت،ـــ دېدى ئۇلارنىڭ گېپىگە ئارىلىشىشنى بىئەپ كۆرگەن نازىيە رەنجىگەندەك قىلىپ،ـــ تۇيۇقسىز مىجەزى يوق بولۇپ قالىدىغان ئىشلار نورمال ئىشقۇ، خۇددى لەيلىنى چۈشەنمەيدىغاندەك گەپ قىلىدىكەنسىز.
نازىيە لەيلىنى قولتۇقلاپ سۈرەتخانىغا كىرگەچ:
ـــ نەرىڭ ئاغىرىۋاتىدۇ؟ چىرايىڭمۇ تاتىرىپ كېتىپتۇ، بەك بولمىسا دوختۇرخانىغا بېرىپلا كېلەيلى يىراق بولمىغاندىكىن،ـــ دېدى.
ـــ بىردەمدىلا ياخشى بولۇپ قالىمەن، سەل تۇرۇپ دەپ بىرەي،ــ دېدى لەيلى پىچىرلاپ دىگۈدەك سەيدەخمەت تەرەپكە قاراپ قويوپ.
قولداش يىگت قۇددۇسنىڭ سۈرەتچى بالىغا قىلغان يۇمۇرلۇق چاقچىقى بىلەن كۆتىرىلگەن كۈلكە ھېلى بولغان مىنۇت ئىچىدىكى كۆڭۈلسىزلىكنى ئاللىقاياقلارغا ئېلىپ كەتتى، لەيلىنىڭ ئاغرىقىمۇ قويۇپ بەرگەن ئىدى.
ئۇلار رېستۇرانغا كەلگەندە مېھمانلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك كېلىپ بولغان ئىدى، سەيدەخمەت بىلەن لەيلى ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ئەيىپلەش نەزىرى بىلەن قارىغىنىدىن خىجىل بولدىمۇ ياكى شەلپەردەك قىپقىزىل پايانداز ئۈستىگە ئاستا دەسسەپ تۆردىكى ئۈستەلگە كېتىۋاتقان بۇ بىر جۈپ ياشقا بەخت تىلەۋاتقان مېھمانلارنىڭ ئۆزلىرى ھەققىدىكى تەرىپلىرىدىن ئىزا تارتتىمۇ، ھەر ئىككىلىسى قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتكەن ئىدى، ھەممىنىڭ كۆزى ئۇلار ئولتۇرغان ئۈستەلدە ئىدى.
ـــ توۋا! ئەتلەس توي كۆينىكى ھەجەپ چىرايلىق تۇرىدىكىنا.
ـــ دوپپىسىچۇ تېخى، بىر–بىرىدىن كېلىشكەن، بىر–بىرىدىن چىرايلىق قوشماق مېغىزلاركىنا بۇلار...
ـــ قاراڭلار، كۆينەكلەرنىڭ پاسونىمۇ شۇنداق ھايالىق تىكىلىپتۇ، ئەقلى بار بالىلار ئىكەن، خۇدا ئۆمرىنى، بەختىنى بەرسۇن!!!...
رىياسەتچىنىڭ ئاددى، لېكىن دانە–دانە، يېقىشلىق سۆزلىرىدىن كېيىن، توي رەسمى باشلاندى. ياشلار بىر تەرەپكە، چوڭلار بىر تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ سورۇن مول داستىخىنى، ئۆزگىچە كەيپىياتى بىلەن مىھمانلارغا ئالاھىدە بىر خىل خۇشاللىق، ھوزۇر ئاتا قىلغانىدى. ساھىپخانلار دەممۇ–دەم ئارىلاپ يۈرۈپ، مىھمانلاردىن ھال–ئەھۋال سوراپ، ئۇلارنىڭ يەپ-ئىچىپ، قىزغىن ئولتۇرۇشىنى ئۆتۈنەتتى. «قائىدىسىنى قىلىۋېتىپلا كەتسەم بولاتتى»دەپ دەپتەر كۆتىرىپ يۈرگەنلەرنى ئالدىرىتىپ چاقىرىدىغان ئەھۋالمۇ باردەك قىلمايتتى.
سەيدەخمەت پات–پات كۈزىنىڭ قۇيرۇقىدا تولىمۇ چىرايلىق، لېكىن، سەل غەمكىنلىشىپ قالغان لەيلىنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ قوياتتى... بايا سەل ئاشۇرۇۋېتىپتىمەن، ـــ دەپ ئويلىدى ئۇ ئىچىدە،ـــ ئۇنىڭ پەزىلىتى، غۇرۇرىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى بىلمىسەمچۇ كاشكى...
لەيلىمۇ سورۇنغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئۆز خىيالى بىلەن ئىدى، «توۋا،– دەيتتى ئۇ ئىچىدە،ـــ بىر قىسمىلا گەپ قىلىدا ھېلى، ماڭا شەك كەلتۈرگەن ئادەم توي قىمىسىلا بولمىدىمۇ،ـــ ئەگەر راستىنلا مىجەزىم يوق دېسەم، بولۇپمۇ ئىچىمگە بىر نەرسە كىرىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى دېسەم، ئۇ ھەرگىز ئىشەنمىگىدەك، مېنى باھانە كورسىتىۋاتىدۇ دېگۈدەك، ئاغرىسىمۇ چىداپ تۇراي، ئەتە ئاپامغا دەپ دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باقارمەن، نازىيەگىمۇ دەپ يۈرمەي، ئۇنىڭمۇ كۆڭلىنى تەشۋىشلەندۈرۈپ نېمە قىلارمەن... سەيدەخمەت خۇشال بولىدىغانلا بولسا، ھەر قانچە ئاغرسىمۇ چىداپ ئولتۇراي...»
لەيلى پات – پات مۇجۇپ قويۇۋاتقان كىندىكىنىڭ ئۇدۇلىنى بېسىپ قويۇپ، ئۆزىگە مۇھەببەت بىلەن تىكىلىپ ئولتۇرغان سەيدەخمەتكە قارىدى، تالاي قېتىم ئۇچراشقان، ئوتلۇق بېقىشقان بۇ كۆزلەردە بۈگۈن ئالەمنى كۈل قىلغۇدەك بىر يالقۇن يېلىنجايتتى.
ـــ كەچۈرۈڭ لەيلى،ـــ دېدى سەيدەخمەت پەس ئاۋازدا،ـــ بايا سىزنى رەنجىتىپ قويدۇم، مەن توغرا قىلمىدىم. بىلىسىز، مەن سىزنى بىر ئۆمۈر كۈلۈپ، خۇشال ئۆتسىكەن دەيمەن. شۇڭا...
ــ بىزنىڭ ئارىمىزدا چۈشەندۈرۈش كەتمەيدۇ، مەنمۇ سىزنى بىئارام قىلىپ قويغىنىمغا خىجىل، سىز مېنىڭ سىزگە بولغان ئەقىدەمگە، مۇھەببىتىمگە ئىشىنەمسىز ؟
ـــ بۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ، بىز چوقۇم بۇ ئالەمدىكى ئەڭ بەختلىك جۈپلەردىن بولىمىز، بىز...
ـــ...
ـــ يەنە بىئارام بولۇۋاتامسىز؟
ـــ ياق، ھازىر تۈزىلىپ قالدىم.
رىياسەتچىنىڭ «قىز–يىگىتنى قولداشلىرى بىلەن بىر مەيدان ئۇسسۇل ئويناپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز»دېيىشى بىلەن رېستۇران ئالقىش-چاۋاكلارغا كۆمۈلۈپ كەتتى، بۇ تونۇش، يېقىملىق مۇزىكا لەيلىگە شۇنداق ئۇزۇن ھەم سەت بىلىندىكى سانسىزلىغان شىشە سۇنۇقلىرىنىڭ ئۈستىدە پۇتىدىن قان تامدۇرۇپ كېتىۋاتقان مەردانە قىزدەك قايتىدىن قوزغىلىپ، بىئارام قىلىۋاتقان ئاغرىقىنى سەزمەسكە سېلىپ، يىقىلىپ قېلىپ، كۈلكىگە قالماسلىق ئۈچۈن سەيدەخمەتنىڭ كۆزلىرىدىكى چوڭقۇر، تولىمۇ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئۆزىنى بەزلەپ مۇزىكا رېتىمىنى بىردە ھېس قىلىپ، بىردە ھېس قىلماي ئويناۋاتاتتى، مۇزىكا ئاخىرى تۈگىدى.
لەيلىنى قولتۇقلىۋالغان نازىيە ئۇنىڭ مەيۈس، ھارغىن كۆزلىرىگە قاراپ سەل ئەنسىرەپ قالدى.
ـ مىجەزىڭ بەك بولمىسا توينى ئاخىرلاشتۇرايلى، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى،ــ دېدى ئورنىغا كېلىپ ئولتۇرۇشۇپ بولغاندىن كېيىن.
ـــ ھېچ ئىش يوق، ئەنسىرىمە، قورسىقىمنىڭ ئىچى بىردەم–بىردەم ئاغرىپ تۇرىۋاتىدۇ، ئاي كۆرىدىغان ۋاقتىم ئەمەس بولمىسا،ـــ دېدى لەيلى دوستىغا قاراپ زورىغا كۈلۈمسىرەپ.
ـــ سەيدەخمەتكە دەيلى، بەك قىينىلىپ كەتتىڭ.
ـــ ياق، ياق! ھەرگىز دېيىشكە بولمايدۇ، ئۇنى ماڭا ھەرقانچە ئىشىنىدۇ دېگەن ھالەتتىمۇ، ئۇنىڭ ماڭا گۇمان بىلەن قاراپ قېلىشىنى خالىمايمەن، سۈرەتخانىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ دېگەن گېپى ئېسىڭدىدۇ؟
ـــ ھەي!!! ئەمىسە قىزىق چايدىن ئىچىپ باققىن، ئارام بېرەرمىكىن.
نازىيە كۈتكۈچى قىزنى چاقىرىپ لەيلىگە قىزىق چاي ئەكەلدۈردى. لەيلى چايغا قولىنى ئۇزۇتىۋېتىپ، ئۇشتۇمتۇت پىيالىسىنىڭ يېندىن تەخسىلەرنىڭ ئارىسىغا غىلدىرلاپ كېتىۋاتقان قاپقارا بىر نەرسىنى كۆرۈپ قالدى، ئۇ دەرھال قولىنى تارتىۋالدى، ئۇنى نازىيەمۇ كۆرگەن ئىدى. ئۇلار باشقىلارنىڭ دىققىتىنى بۇراپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇن چىقىرىشمىدى، ئەمما، تەخسىلەرنى ئاستا يۈرۈشتۈرۈپ سۈرگەن ئىدى، يوغان قاپقارا بىر جۈپ سۈۋەرەكنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى، لەيلىنىڭ تېنى شۈركىنىپ كەتتى. مۇدھىش بىر توپ مەخلۇقلار ئۇنىڭ ئىچ–باغرىنى ھەرە كۆنەگىسىگە ئوخشاش تىتما–تالاڭ قىلىۋەتكەندەك بىئارام بولدى. چېكىلىرى تارتىشىپ، كۆز ئالدى تۇمان باسقاندەك غۇۋا، كۆرۈنۈشكە باشلىدى. شۇ تاپتا ئۇ بىر چەكسىز سۈۋەرەكلەر دۇنياسىغا كىرىپ قالغان ئىدى. ئوتتۇرىدا ئويناۋاتقانلار، ئەتراپىدا ئولتۇرغانلار، ھەتتا ئۆزىمۇ ئەشۇ سۈۋەرەكلەر دۇنياسىغا قوشۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئەشۇ سۈۋەرەكلەر ئارىسىدىن ئۆزىنى ئىزدىدى.
ــ لەيلى، لەيلى! نېمىگە قاراپ قالدىڭ شۇنچە،ـــ دېدى نازىيە ئالدىدىكى سۈۋەرەككە قادىلىپ قاراپ قالغان لەيلىنى بوش تۈرتۈپ پەس ئاۋازدا،ـــ نەدىن پەيدا بولدى بۇ سۈۋەرەك دېگەن نېمىلەر!؟ مۇشۇ نېمىلەر پەيدا بولغاندىن بېرى خاتىرىجەملىك بولمىدىغۇ ئادەمگە، دورىمۇ كار قىلمايدىغان يۈزى قېلىن نېمىلەركەن بۇ!
ــ مەنمۇ بەك قورقىمەن بۇ سۈۋەرەك دېگەندىن. ئۆيدە بىرەر قېتىم كۆرۈپ قالساممۇ، نەچچە كۈنگىچە يۈرىكىمنى غاجاۋاتقاندەكلا بىلىنىدۇ بۇ مەرەزلەر!ـــ دېدى لەيلىمۇ ھالسىز رەۋىشتە.
ــ ئۇلارنى يوقىتىمەن دەپ مېنىڭمۇ ھالىم قالمىدى، بىرىنى ئۆلتۈرسە مىڭى تىرىلىدىكەن بۇ نېمىلەرنىڭ. ئەۋرەز دۇنياسىدىن كەلگەن بۇ خىسلەتلىك مېھمانلارنىڭ يانچۇقىدىن خەتەرلىك كېسەللەرنىڭ مىكروپلىرى تۆكۈلۈپلا تۇرىدىكەن دېگىنە تېخى!...
ـــ ئىككىڭلار بىر بولۇپ نېمە دېيىشىۋاتىسىلەر،ــ دېدى سەيدەخمەت سەل سۈرۈلۈپ ئولتۇرۇپ،ـ خېلى بولدى، قارىسام، تۈمەن چاقىرىم يول بېسىپ تېپىشقان قېرىنداشلاردەك ھال–مۇڭ بولۇشۇپ كەتتىڭلار.
ـــ بۇ يەردىكى چاقىرىلمىغان مىھمانلارنىڭ گېپىنى قىلىشىۋاتىمىز،ـــ دىدى نازىيە تەخسىلەرنى ئاستا سۈرۈپ، تۈگۈلۈپ يېتىۋالغان سۈۋەرەكنى كۆرسىتىپ.
ـــ قەيەرگىلا قارىسا شۇ نەرسىغۇ ھازىر. بولدى، ئادەمنى كۆڭۈلسىز قىلىدىغان گەپلەرنى قىلىشمايلى، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپتۇ، چوڭلار ئالدىرىتىۋاتىدۇ، «توينى ئاخىرلاشتۇرايلى، بەك كەچ قالىمىز» دەيدۇ،ـــ دېدى سەيدەخمەت لەيلىگە قاراپ،ـــ قانداق قىلىمىز؟
ـــ سىزنىڭ ئويىڭىزچە بولسۇن، بەك كەچ قالساقمۇ بولماس،ــ دېدى لەيلى سەيدەخمەتنىڭ مۇھەببەتلىك كۆزلىرىگە يېقىملىق بېقىپ.
توي ئاخىرلاشتى، لەيلى ئۆزى زارىقىپ كۈتكەن، ھاياتىدىكى ئەڭ بەختلىك، ئۇنتۇلماس بىر كۈننى نامەلۇم ئاغرىق سەۋەبىدىن بىزارلىق، ئازاپ، تىت-تىتلىق ئىچىدە بەكمۇ تەستە ئۆتكۈزدى. دۇئا بېرىش ۋاقتىدا ئۇ ئانىسى، دادىسىغا ئېسىلىپ شۇنچىلىك ئېزىلىپ يىغلىدىكى، بىلمەيدىغان ئادەملەر «بۇ قىزنى ئاتا–ئانىسى بۇ يىگىتكە زورلاپ تېڭىپ قويغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ قالاتتى.
ــ نېمانچە قىلىدۇ بۇ؟!ــ دېدى بىردە قىزىرىپ، بىردە تاتىرىپ تۇرغان سەيدەخمەت ئىچىدە غۇدۇراپ،ـــ مەن مەجبۇرى باغلاپ ئەكىتىدىغاندەك، مېنى ياخشى كۆرگىنى مۇشۇمىكىنە...
شۇ تاپتا لەيلىنىڭ بۈگۈنكى ئازابىنى ئاپىسىغا ئېيتقۇسى، پۈتۈن بىر كۈن ئىچ-باغرىنى، ياق يۈرىكىنى، مېڭىسىنى كىرتىلدىتىپ غاجاپ چىققان بىر نەرسىنىڭ سېلىۋاتقان دەردىنى دەپ، بىئاراملىقتىن، ئاغرىق ئازابىدىن تېزرەك قۇتۇلغۇسى بار ئىدى. ئاپىسىغا دېسىلا ئۇنى دوختۇرغا كۆرسىتەتتى، ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي قىزىنى بۇ ئازاپلاردىن خالاس قىلىشقا تىرىشاتتى، لېكىن سەيدەخمەت نېمە دەر؟ كۆڭلىدە قانداق ئويلاپ قالار؟ بۈگۈن ئۇلارنىڭ تويى، سۆيگەن ئادىمىگە بارلىقىنى، ھاياتىنى، ئارزۇ– ئارمانلىرىنى تاپشۇرىدىغان قۇتلۇق كۈن؛ شەرمى–ھايا ۋە ئەخلاق–پەزىلەتنىڭ، دىيانەتنىڭ نۇرلۇق ئەڭگۈشتەرىنى تاپشۇرىدىغان خاسىيەتلىك كۈن. ياق، چىداش كېرەك، ئۇنىڭ كۆڭلىدە زەررىچە تۈگۈن بولۇپ قالسىمۇ، بۇ مۇھەببىتىمىزگە سايە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. سەۋر قىلاي، سەۋر قىلاي، ئاھ خۇدا! ماڭا رەھىم قىلغايسەن، ئۆزۈڭ ئاتا قىلغان بەختتىن قانغۇچە كۈلۈۋېلىشقا نېسىپ قىلغايسەن... لەيلى ئويلىغانسېرى كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلاتتى. نېمىشقىدۇر تۇرۇپلا ئۇنىڭ ئېسىگە ئەتىگەن ساتىراشخانىدا مىنۇت ئىچىدە كۆرگەن ھېلىقى غەلىتە چۈشى كېلىۋالدى. ئۇ بارغانسېرى ماغدۇرسىزلانماقتا ئىدى، مانا، يەر يېرىلدى، ئۇ ئاستا-ئاستا ئانىسىنىڭ قولىدىن ئاجراپ مۇدھىش يېرىققاققا قاراپ سىيرىلدى، ئۇنىڭ قۇلىقى ئانىسىنىڭ ئەنسىز چىرقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولدى، كۆزى يېرىلغان يەر تېگىدە دەھشەتلىك گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتقان ئوتنى ئاران ئىلغا قىلالىدى، ئوت ئۇنىڭغا ئنتايىن ھوزۇر بىلىندى، ئۇشتۇمتۇت ئۇ تېنىدىن سانسىزلىغان ئۇششاق ھاشارەتتەك بىرنېمىلەرنىڭ ئۇچۇپ چىقىپ، ۋىژىلدىغان ئاۋازى بىلەن پەستىكى دەھشەتلىك ئوتقا قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ قالدى ۋە ئۆزىمۇ ئۇلۇغ ئوتقا قوشۇلۇپ كەتتى... قىزىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى قورقۇش ھەم قىيالماسلىقتىن دەپ چۈشەنگەن ئانا باغرىغا مەھكەم چاپلىشىپ تۇرغان لەيلىگە بىر مۇنچە تەسەللى بېرىپ، يەڭگىلىرى بىلەن بىللە يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئۇزىتىپ قويدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.ئى.پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-8 21:03